You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى تەكلىپنامىسى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى تەكلىپنامىسى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى تەكلىپنامىسى

5AnaTilPstr

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان باھارنىڭ خەبەرچىسى بولغان نورۇزنى كۈتۈۋاتقان بۇ ئۆتكۈنچى كۈنلەردە ئاناتىلىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە چوڭقۇر تەپەككۈرلەر ئىچىدە باش قاتۇرۇۋاتقان، ئۆزىمىزنى تاكاممۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان ھەرساھەدە قېتىرقىنىپ ئىزدىنىۋاتقان، كۆڭلىڭىز قايسى بىر خەبەر بىلەن يېرىم بولىۋاتقان بولسا، ئەمما ئىلاھى كەلىمىلەر بىلەن ئۈمىتلىنىپ، قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.

خەبىرىڭلاردا بولغىنىدەك، توربېتىمىزدە ئېلان قىلىنغان « ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى ئۇقتۇرۇشى » نى كۆرگەندىن كېيىن، بەلكىم يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقان بولىشىڭىز ۋەيا سىزمۇ قەلبىڭىزدىكى ئىزگۈ – تىلەكلىرىڭىزنى دۇئالىرىڭىز بىلەن قاناتلاندۇرۇپ، بەزى ياخشىلىغۇچى ئەمەللىرىڭىز بىلەن ئۇنى كۆكلەرگە يۈكسەلتكەن بولىشىڭىز ۋەيا خۇپىيانە سەدىقاتلىرىڭىز بىلەن تىلىمىزنىڭ غېمىنى يەۋاتقان بولىشىڭىز ھەم مۇمكىن.

بىزمۇ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، كۈتىۋاتقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمىزنىڭ تەييارلىقلىرىنى ئوبدان قىلىپ، يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىنى سىز ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلان قىلماقچى بولدۇق.

يىغىنىمىز 21-فېۋۇرال خەلقئارا ئاناتىل كۈنىگە توغرا كەلگەن يەكشەنبە كۈنى يەنى 22-فېۋۇرال چۈشتىن كېيىن سائەت 13:30 دە باشلىنىپ 16:30 دا ئاخىرلىشىدۇ. يىغىندا ئاناتىل تەرەققىياتى ۋە ئۇ دۇچكەلگەن خىرىسلار ۋە دۇنيادا يوقالغان تىللار ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلىپ، ھەر بىرىمىزنىڭ ئاناتىل ھەققىدىكى بىلىمىمىزنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى كۆز قارچۇغىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا قانداق يەتكۈزۈش توغرۇلۇق ئىلمىي چارىلەر ئۈستىدە توختىلىدۇ. ھەمدە بەزى ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، 2015-يىل ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقۇش يىلىغا ماسلاشقان ھالدا،كىتاپ ھەققىدە ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

كەڭ ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكىنى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بۇ پائالىيەتكە چوقۇم بىرگە ئېلىپ كېلىشلىرىنى چىن كۆڭلىمىزدىن تەلەپ قىلىمىز.

يۈرىكىڭىزنىڭ پارىسى بولغان ئەۋلاتلىرىڭىز بىلەن ئارىڭىزدا پەيدا بولغان ھاڭنى ئېتىش ئۈچۈن ئانا تىلغا ئەھمىيەت بېرىڭ!

ئەجدادلارنىڭ تارىخى مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەجدادلارغا مەنىۋى يادىكارلىقلارنى قالدۇرۇش ئۈچۈن ئانا تىلغا مېھنەت قىلىڭ!

لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر:

« ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى » – در. مەغفىرەت كامال

« ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۈكۈتتىكى پاجىئەسى » – مۇستەقىل تەتقىقاتچى قۇددۇس ھاپىز

« جان تالىشىۋاتقان تىللاردىن ئانا تىلىمىزغا نەزەر » – مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد

بۇندىن باشقا « كىتاپ ئوقۇش ھەققىدە » خالىغان كىشى قاتنىشىپ، پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان ئەركىن ئىلمىي مۇنازىرە سورۇنى ھازىرلىنىدۇ ۋە لېكسىيەلەر ئارىسىدا ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئىنشا ئاللاھ 2015- يىلدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن ئەڭ مەنىلىك ھەپتە ئاخىرى ئارام كۈنلىرىڭىزدىن بىرى بولۇپ قالغۇسى دېگەن ئۈمىتتىمىز.

بۇ تەكلىپنامىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئەڭ ئاز 9 كىشىنى خەبەردار قىلىپ قويسىڭىز، بىزگە ۋە ئانا تىلىمىزغا ياردەم قىلغان بولىسىز.

ھۆرمەت بىلەن

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

2015-يىل 16- فېۋۇرال

يىغىن ئادرىسى: ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى (يەكشەنبە) سائەت 13:00 دىن 16:30 گىچە تۆۋەندىكى ئادرېستا ئېلىپ بېرىلىدۇ:
سەفىرەئى ئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى فاتىھ يىغىن زالىدا
ئالاقە تېلېفونى : 2235 811 0537 7667 589 0212
uyghuracademy@gmail.com www.akademiye.org
Sefire-i Alem Uluslararası Öğrenci Derneği
Akşemsettin Mahallesi Ocaklı Sokak No : 4 Fatih / İstanbul, Turkey

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى ئۇقتۇرۇشى

https://ug.uyghuracademy.org/?p=4911

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 4-قېتىملىق ئاناتىل ئىلمىي مۇھاكېمە يىغىنىغا ئاتاپ ئىشلىگەن ھۆسۈنخەتلىك ناخشىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
فېيىسبۇكتىكى ئۇقتۇرۇش: www.facebook.com/events/591508430983860
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئاناتىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى (تولۇق فىلىم)
ئاناتىل يولىدا – باتۇر قاراخانلې (فىلىم)
ئاناتىل ئانا ۋەتەن – دوكتور ئەركىن سىددىق (تەبرىك سۆزى)
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 4-نۆۋەتلىك ئاناتىل كۈنى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كۈنتەرتىپى
ئانا تىلىم – جان تىلىم: تۈركىيەدە ئانا تىل (ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى سۆھبەتلىرى)
خەلقئارا ئانا تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئانا تىلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
3-قېتىملىق ئۇ.ئا. ئانا تىل مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن پەخرى رەئىسىمىز دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تەبرىك سۆزى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 3-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top