You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئاناتىل ئانا ۋەتەن – دوكتور ئەركىن سىددىق (تەبرىك سۆزى)

ئاناتىل ئانا ۋەتەن – دوكتور ئەركىن سىددىق (تەبرىك سۆزى)

Tilning_Hayati_Abdushukur

ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى، مېھمانلار، دوستلار، ئۇكىلار ۋە سىڭىللار:
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ نەچچە ئاي جىددىي تەييارلىق قىلىشى بىلەن، سىلەر بۈگۈن بىر يەرگە جەم بولۇپ، 21-فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنى بىلەن كەلگۈسى ئۈستىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىلەر.  مەن گەرچە ھازىر يەر شارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بولساممۇ، مۇشۇ خېتىم ئارقىلىق ھەممىڭلارنى مۇشۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەيمەن—مۇبارەك بولسۇن!

قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىنقى 12-فەۋرال كۈنى خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق كېرىيە ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 7.3 بال يەر تەۋرەشتىن خەۋىرى بار.  بىز ھازىرقىدەك جەم بولۇپ تۇرغىنىمىزدا، ئالدى بىلەن ئاشۇ ئاپەتكە ئۇچراپ، ئىنتايىن جاپالىق شارائىت ئىچىدە ياشاپ تۇرىۋاتقان خەلقىمىزگە چوڭقۇر ھېسداشلىقىمىزنى بىلدۇرىمىز.  ئۇلارغا مەدەت ۋە جاسارەت ئاتا قىلىشنى ئاللاھدىن ئۆتۈنىمىز.

بۇ قېتىمقى ئاپەتتىن كېيىن بىز يەنە بىر نەرسىگىمۇ دىققەت قىلماي تۇرالمىدۇق.  ئۇ بولسىمۇ ۋەتەننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بىر يەرگە كېلىشىدۇر.  بۇ قېتىم ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقىمىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇر خەلقى ھەرىكەتكە كەلدى.  ئەمەلىيەتتە، ئەگەر بىز ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەھۋالنى ئوبدان كۆزىتىدىغان بولساق، يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە خەلقىمىز ئارىسىدا بىر قاتار ياخشىلىنىشلار ۋۇجۇتقا كېلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.  ئۇلار مىللىي ئاڭنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆسۈشى، مىللىي روھنىڭ جانلىنىشى، ئانا تىل، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرىلىشى، ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشى، ئىماننىڭ كۈچىيىسى، ۋە ئېتىقاتنىڭ كېڭىيىشى قاتارلىقلار. بىز ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا شۇنى ئېيتالايمىزكى، يۇقىرىقىدەك ياخشىلىنىشلارنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان خىزمەتلەرنىڭمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر تۆھپىسى بار.  مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان بارلىق قېرىنداشلار، ھەمدە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشقا پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان چەت ئەلدىكى نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭمۇ تۆھپىسى بار.  بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەممىمىز قانچىلىق پەخىرلەنسەكمۇ ئەرزىيدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئانا تىلىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق تەھدىتتىن تېخى قۇتۇلغىنى يوق.  شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى قويىۋەتسەك، بېلىمىزنى بوشۇتىۋەتسەك بولمايدۇ.  ئۇنىڭ ئەكسىچە مۇشۇ قېتىملىق خەلقئارا ئانا تىل بايرىمىنى خاتىرىلەشكە ئوخشاش پائالىيەتلەرنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەپ ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە ئولتۇرغان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەن بۇ تەبرىك خېتىمنى تۆۋەندىكى بىر قانچە ھېكىمەتلىك سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
–تىل ھەر بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئېگىز مۇنارى. ئەگەر ئاسسىمىلياتسىيە بىر مىللەتنىڭ كىملىكىنى بىتجىت قىلىۋېتىدىكەن، ئۇ مىللەتنىڭ خەلقىمۇ يوقىلىدۇ.

–تىل بىلەن مەدەنىيەت يالغۇز سۆز بىلەن سۆز بوغۇملىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار ئادەم بىلەن ياراتقۇچىنى ئۆز-ئارا ئالاقىلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان نەرسە.  ئەگەر مەن ئۆز تىلىمدا ئايەت ئوقۇيالىسام، ئۇ خۇددى بىر جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن چىققاندىن كېيىن ئالغان تۇنجى نەپىسىمگە ئوخشاش ئىش بولىدۇ.  تىل بىلەن مەدەنىيەت بىز بىلەن ياراتقۇچىنى ئۆز-ئارا باغلاپ تۇرىدىغان ھەمرەيدىن ئىبارەتتۇر.

–تىل بىلەن مەدەنىيەتنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئايرىلىۋېتىلىدىكەن، تىل پەقەت بىر قورال، ياكى بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.  بىزنىڭ تىلىمىز بىلەن مەدەنىيىتىمىز بىزنىڭ كىملىكىمىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى، بىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى، ۋە بىزنىڭ نەگە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

–بىز مۇشۇ زېمىندىن، ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ ماكانىدىن كەلگەن. بىز مۇشۇ زېمىنغا مەنسۇپ، ۋە ئۇنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى مۇشۇ زېمىندىن تاپىمىز.  بىزنىڭ تىلىمىز بىزنى مۇشۇ بىر ھەقىقەتكە قايتا-قايتىلاپ ئېلىپ كېلىدۇ.  بۇنى تولۇق چۈشىنىش بىزنىڭ ئۆز تىلىمىز بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاش، كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىشىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتىمۇ زۆرۈر.

–ئانا تىلىمىز ياراتقۇچىمىزدىن كەلگەن بىر سوۋغات.  بۇنداق مۇقەددەس سوۋغاتنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ تۇرۇش، ئۇنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىگە يول قويماسلىق كېرەك.

–بىزنىڭ قەدىمقى تىلىمىز بىزنىڭ مەدەنىي ۋە روھىي مىراسلىرىمىزنىڭ ئاساسى. ئەگەر ئۇ بولمايدىكەن، بىز ياراتقۇچىمىز بىزدىن كۈتكەندەك بىر شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان بولاتتۇق.

–بىزنىڭ ئانا تىلىمىز بولمايدىكەن، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
ھۆرمەت بىلەن،

ئەركىن سىدىق

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top