ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 6-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، ئېزىز قېرىنداشلار ۋە بارلىق ئىلىم سۆيەر دوستلار:
2013-يىل 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلگەن 5-قېتىملىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىمىزمۇ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان ئىدى (تەپسىلاتىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ). ھەممىڭلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، مىللىتىمىزنىڭ پەن-مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ ۋە بۇ ئارقىلىق ئومۇمى كۈچىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە، 2009-يىلى 9-ئايدا ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بىر ئىلمى جەمئيەتتۇر. بۇجەمئىيەت تۆت يېرىم يىلدىن بېرى، ۋەتەن سۆيەر ئالىمىمىز سابىق پەخرى رەئىسىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ يېتەكلىشى ۋە پەخرى رەئىسىمىز پىراففىسور دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ يىتەكلىشى بىلەن، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ماددى ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ھەرخىل ئىلمى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىلىم-مەرىپەت ئىشقىدا كۆيۈپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدە جاپالىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىم-تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ ئۈلگىلىك شەخسلىرىمىز ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە. ھەمدە ۋەتەن-ئىچى سىرتىدىكى ياش ئەۋلادلارنىڭ تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۈگۈنۈپ خەلقىمىزگە ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېتەكچىلىك قىلماقتا… ئەلۋەتتە، بۇنەتىجىلەر مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئولتۇرغان ھەربىر ئەزىز قېرىندىشىمىزنىڭ پىداكارلىقى، ئۆز مىللىتىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە مەسئۇليەتچانلىغىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ ئۈن-تىنسىز ياردىمى ۋە پىداكارلىغىڭلار ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۇرىدۇ.
يىلدا بىر قېتىم ياۋرو-ئاسىيا قىتئەسىنىڭ كۆۋرۈكى، دۇنيانىڭ مەدەنىيەت پايتەختى بولغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنگەن ”ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى“ تېمىسىدىكى “ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى“ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ تەسىرلىك پائالىيەتلەردىن بىرى بولۇپ، سىزلەرنى بۇ يىل يەنى 2014-يىل 9-ئاينىڭ 20-23-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزىلمەكچى بولغان بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 6-قېتىملىقىغا چىن قەلبىمىزدىن تەكلىپ قىلىمىز. بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى بىزگە سۆيۈملۈك ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ،شۆھرەت مۇتەللىپ، رىشات ئابباس ۋە باشقا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇيغۇر ئالىم-تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىلمى دوكلاتىنى بىۋاستە ئاڭلاش، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ھەتتا، بىردىنبىر پۇرسەت بولۇپلا قالماستىن ئىستانبۇل ئۆزىنىڭ تەبى گۈزەللىگى ۋە ھەيۋەتلىك تارىخى ئەسەرلىرى، ئۆز خەلقىمىزگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇچۇق-يۇرۇق، قىزغىن ئىنسانلىرى، تىلى، تۇرمۇش پۇرىقى، ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىكى بىلەن سىزدە ئىسسىق ۋەتەن تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ، كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ…
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ پىلانلىق، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىققايسىز.
1. بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزىلىدۇ ۋە ئىككى كۈن ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى، ئىككى كۈن بىرلىكتە ساياھەت، زىيارەت بولۇپ، 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە جەمئى تۆت كۈن بولىدۇ.
2. ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بەرگۈچىلەرنىڭ ياتاق، تاماق راسخۇتلىرىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يەنە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئايرۇپىلان بېلىتىنىمۇ ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر ھەل بولمىسا، ئايرۇپىلان بېلىتىنى يىغىنغا قاتناشقۇچى ئۆزى كۆتۈرىدۇ. يىللاردىكى ئەھۋالغا ئاساسەن، قاتناشقۇچىلارنىڭ يول كىراسىنى ئۆزى كۆتۈرۈش چۈشەنچىسى بويىچە تەييارلىق كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
3. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا پىلان سۇنۇپ ياردەملىرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشىمىز ئۈچۈن، ۋاقتى ۋە باشقا ئىمكانلىرى يار بېرىپ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغۇچىلارنىڭ 5-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر دوكلات بەرمەكچى بولغان تېما ئىسمى، قىسقىچە مەزمۇنى ( 300 كەلىمىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن abstract) ۋە ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار (ئۆز تەرجىمىھال CV) بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەسمى ئېلخەت ئادرىسى uyghuracademy@gmail.com ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىجا قىلىمىز.
بۇ قېتىملىق يىغىندا ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 كىشى دوكلات بېرىدۇ. (سانىمىز چەكلىك، شۇڭلاشقا بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.)
ئىلتىماسىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئېلخەت ئاردىرىسىڭىزغا يوللىنىدۇ.
4. تۈركىيىگە ۋىزىنى شەرتلىرىڭىز چۈشسە مۇنۇ تۈركىيە ئىلىكتىرونلۇق ۋىزا ئىلتىماس سۇپىسى www.evisa.gov.tr دىن ئالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ۋىزا ئىشلىرىدا ئاكادېمىيىنىڭ رەسمى تەكلىپنامىسى لازىم بولغان قاتناشقۇچىلار بولسا يوقارقى ئادرېسلار ئارقىلىق دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز. ( ئاكادېمىيەنىڭ تولۇق ئالاقە ئۇچۇرلىرى بۇ ئۇلانمىدا )
قاتناشقۇچىلار بۇ تەكلىپنامە ئارقىلىق ئۆزى تۇرۇشلۇق تۈرك ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئالالايدۇ. ئەگەر، مەسىلە كۆرۈلسە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ.
5. مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى شەرت بولۇپ، دوكلاتىنىمۇ چۇقۇم ئۇيغۇر كونا يېزىقى بىلەن،Power Point قىلىپ تەييارلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ( ئالدىراشچىلىق ۋە باشقا سەۋەپتىن ئىمكانى يار بەرمىگەنلەر ئۆلچەملىك ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىقى بىلەن تەييارلىسىمۇ بولىدۇ).
ھەر بىر كىشىگە بېرىلگەن سۆزلەش ۋاقتى 20 مىنۇت، سوئاللارغا جاۋاپ بېرىش ۋاقتى 5 مىنۇت، جەمئى 25 مىنۇت بولۇپ، تەييارلىغان ptt 40 پارچىدىن (بەتتىن) كۆپ بولماسلىقى، يىغىننىڭ پىلانلانغان كۈنتەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، قاتناشقۇچىلارنىڭ ۋاقىتقا قەتئى رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۆز-ئارا تۇنۇشىۋېلىشى، ھەمدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە يىغىنغا كەلگەن ھەر ساھەدىكى مېھمانلار بىلەن كەڭ كۇشادە ئۇچرىشىپ، ھال-مۇڭ بۇلىۋېلىشلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە سورۇن ھازىرلىنىدۇ.
6. يىغىننىڭ تەپسىلى كۈنتەرتىپى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار مۇنۇ «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 6-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى كۈن تەرتىپى» ناملىق تېمىمىزدا ئېلان قىلىنىدۇ. www.akademiye.org/ug/?p=4352
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بەت ئادرېسى: https://ug.uyghuracademy.org/
تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىمىزنىڭ رەڭدار تېما، مول مەزمۇنلار بىلەن غەلبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىلمىي تەتقىقات ۋە خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرئالىم-تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمىزغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىشىنى ئالىي ئېھتىرام بىلەن سورايمىز.
ئەڭ ئاخىردا، بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئاسانلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەپ
ھۆرمەت بىلەن
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
پەخرى رەئىسى
پىراففىسور دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ
رەئىسى دوكتۇر ئابلەت تۇران
يىللاردىن بېرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنگەن ”ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى“ تېمىسىدىكى “ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى“دىن دوكلاتلار:
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى خەۋىرى
4- نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پەن تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
3- قېتىملىق ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۇنجى ئومۇمىي يىغىنى ۋە تۇنجى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى