You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى خەۋىرى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى خەۋىرى

10246953693_aed220640a_c[1]

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەر يىلى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر دوكتور پەن – تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 5 – قېتىملىقى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، 2013 – يىلى 5 – 6- ئۆكتەبىر كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە غەلىبىلىك ئېچىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا، ياپونىيە، فرانسىيە، تۈركىيە ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن بولۇپ 24 نەپەر ئۇيغۇر دوكتور ۋە تەتقىقاتچى قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كۆلىمى چوڭ، مۇناسىۋەتلىك ساھەلىرى كەڭ بولغان يىغىن بولۇپ، يىغىندا ئۆزىنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنى سۇنغان پەخىرلىك دوكتورلىرىمىز، ئىلمىي ماقالىلىرىنى ساپ ئۇيغۇر – تىل يېزىقىدا تەييارلىغانىدى.

بۇ قېتىملىق يىغىندا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى پەن – تېخنىكا تەرەققىياتلىرى؛ تېببىي دورىگەرلىك، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى؛ ھەممىمىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان سالامەتلىك ۋە ئانا يۇرتىمىزدا كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ھەر خىل راك كېسەللىكلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان مەلۇماتلارنى ساپ ئۇيغۇر تىل – يېزىقى بىلەن ئاممىباپ ئۇسۇلدا يەتكۈزۈشكە تىرىشقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولدى.

5UA_Yighin_US&JP

بۇ يىغىندا، ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ئالەم پونكىتلىرىغا ئائىت تېمىسىدىن يەنى ئاسمان-پەلەكتىن سۆز قىلىپ، ئاندىن ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم يارالمىش بولغان ئاياللارنىڭ تەن- سالامەتلىكىگە خىرىس قىلىۋاتقان كېسەللىكلەر ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرۈلۈش ئەھۋاللىرى، دۇنيادىكى باشقا ئەللەر بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ، دوكتور گۈلەمبەر ئوبۇلقاسىم ھەدىمىزنىڭ مول كلىنكىلىق داۋالاش ۋە دوكتورلۇق ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن يۇغۇرلۇپ، كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، دىئاگنوز ۋە ئالدىنى ئېلىش ھەم داۋالاشقا ئائىت ئەڭ مۇھىم ئۇچۇرلار ھەمبەھىرلەندى. يىغىنغا ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار بولغاچقا، تولىمۇ جايىدا سورالغان سوئاللارغا چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ جاۋاپلار بېرىلدى.

5UA_Dr.Rishat_ABBAS
قەيسەر مىجىت ئاكىمىز ئېيتقاندەك ، « تىلسىملار دۇنياسىدا نۇر قۇچقان ئالىم — رىشات ئابباس« ئاكىمىز، ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى بارلىق ئوقۇشلىرىنى خەن تىلىدا ئوقۇپ پۈتتۈرگەنلىكىگە قارىماستىن، ئانا تىلغا بولغان ھۆرمىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان «ئىلمىنىڭ زاكىتىنى بېرىش» بۇرچىنى دەل جايىدا ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئاممىباپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزىنىڭ « دورا تەتقىقاتى ۋە تەرەققىياتى» غا ئائىت دوكلاتىنى قىزىقارلىق ھېكايىلەر بىلەن باشلاپ، شۇنداق ئەپچىل رەسىملەر ئارقىلىق تولىمۇ مۇرەككەپ بولغان بىر دورىنىڭ تەتقىق قىلىنىپ، بازارغا سېلىنىشىغىچە بولغان مىڭ بىر جاپالىق، نەچچە ئون يىللىق مۇرەككەپ جەرياننى؛ دورىغا بولغان ئېھتىياج، كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يەنە شۇ بىچارە چاشقانلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان توختاۋسىز سىناقلار، ئاندىن كېيىن قوبايلاردىن يىغىۋېلىنغان كلىنكىلىق داۋالاش سانلىق مەلۇماتلىرى، دورىنىڭ نەچچە يىللىق سىناق جەريانىدا ھېچ مەسىلە يوق، دېيىلگەندە FDA دىن ۋەياكى باشقا ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، رەسمىي دورا سۈپىتىدە بازارغا سېلىنغىچە تارتىلغان جاپا، سېلىنغان مەبلەغ، قىلىنغان ئەجىر ۋە تۆكۈلگەن تەرلەر بەدىلىگە بازارغا سېلىنىپ، پاتېنت ۋاقتى توشقۇچىلىك دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى شۇنداق ئىخچام ۋە نېگىزلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردى. چىرايىدىن يېغىپ تۇرىدىغان تەبەسسۇم بىلەن ۋۇجۇدىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان ئىلمىي تەجرىبە ۋە ھاياتنىڭ ئىسسىق- سوغۇقلىرىدا پىشىپ يېتىلگەن تەمكىنلىك، ئۇنىڭ ئاقىرىشقا باشلىغان چاچلىرىدىن جۇلالىنىپ تۇراتتى… رىشاتكامدىن ھاياتىدىن بېرى ئىزچىل تۈردە سورالغان، « مەشھۇر ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دورىلىرىنى قانداق قىلىپ غەربچە تېببىي دورا تەتقىقات ئۇسۇللىرى بىلەن دۇنياغا تونۇتۇپ، كلىنكىلىق داۋالاشتا ئەمىلىي ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىلى بولامدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارغا، بۇ مەسىلىدە قىزىقىشنىڭ شۇنداق كۆپ بولغىنى بىلەن، ئىزدىنىشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى، ئەمما ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئىشلەنگەن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ كلىنكىلىق داۋالاشتىكى نەتىجىلىرىنى ئىلمىي ستاتىستىكا ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىغاندا ۋە بۇ تۈر تەتقىقاتلىرىغا كۆپرەك پىداكارلىق كۆرسىتىلگەندە، چوقۇم كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ مەسىلىگە قىزىققۇچىلارغا ئىلھام بەردى. دېمىسىمۇ، رىشاتكامدىن بۇ ساھەدە ئىزدىنىشنى كۈتۈپ توختىماي دۇئاغا قول كۆتۈرىۋاتقان نەچچە مىليون يۈرەكلەر بولسا كېرەك خەلقىمىز ئارىسىدا…

5UA_TUBAV_FATIH_SAHIN
يىغىنغا تېخىمۇ ھۆسۈن قوشقان شەخس بەلكىم، (« تۈرك بىلىم ۋە تەتقىقات ۋەقفى TÜBAV « www.tubav.org.tr ) گە ۋاكالىتەن ئەنقەرەدىن كېلىپ قاتناشقان باش كاتىپ مەھمەت شاھىن ئەپەندىم بولسا كېرەك. ئالىملىرىمىزنىڭ تۈركىيە ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىگە بولغان قىزىقىشىنى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن TÜBİTAK يەنى تۈركىيە ئىلىم ۋە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ تۈركىي ئالىم- تەتقىقاتچىلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك ئىقتىسادى ياردىمى ھەققىدە، ئىنگلىز تىلىدا ناھايىتى راۋان ۋە قىزىقارلىق قىلىپ دوكلات بەردى…

5UA_Dr.Shohret_Mutellipov

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن، ئامېرىكىدىن قەدەم تەشرىپ قىلغان داڭلىق بىئولوگىيە ئالىمىمىز دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندى، ئۆزىگە ئايرىلغان بىر يېرىم سائەتلىك دوكلات ۋاقتىدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىنگلىز تىلىدا، « غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى ئىلمىي نەتىجىلىرى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى » ھەققىدە تەييارلانغان يۇقۇرى سەۋىيىلىك ماقالىسىنى كۆپچىلىككە تەقدىم قىلدى. ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پۇختا ئاساس سالمىسا، ئىلىم- پەننىڭ پارلاق چوققىسىغا چىقالمايدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولدى. غول ھۈجەيرە ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسىلا، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىشى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ تۆھپىسى بولىدىغانلىقى سوئال- جاۋاپلار ئارقىلىق روشەنلەشتى.

5UA_Dilnur_POLAT
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، چۈشتىن كېيىنكى پائالىيەتتە فىرانسىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇرشۇناس دىنلۇر پولات خانىم « ئۇيغۇرلار چەتئەلدە دىئاسپورا شەكىللەندۈرەلەمدۇ؟ » ناملىق تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، مۇھاجىرەتتە دۇنيانىڭ ھەر يېرىگە چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي ھالىتى ۋە چەتئەلدە دىئاسپورا شەكىللەندۈرگەن يەھۇدىي، ئەرمەنىيلەر، كۈرتلەر ۋە پەلەستىنلىكلەرنى سېلىشتۇرما ئوبىيكتى قىلغان ھالدا ئېلىپ بارغان ئانالىزلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدە دىئاسپورا شەكىللەندۈرۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. نەخ مەيداندىكى تۈرك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ سەۋرسىزلىك بىلەن سورالغان كىنايىلىق سوئاللىرىغا، دادىللىق بىلەن ئىلمىي يۇسۇندا جاۋاپ بەردى. بىرھازا مۇنازىرىدىن كېيىن، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىلمىگە ۋە جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيتىپ چاۋاك چېلىشىپ كەتتى.

Uyghurlargha_Nezer
ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى ياساش ئۈچۈن، مېھنەت تەرىنى تۆكۈۋاتقان ئۇيغۇر ئوغۇز ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى دىلنۇر پولات خانىم، ئۆزلىرىنىڭ فرانسىز ۋە ئۇيغۇر تىلىدا نەشىرگە تەييارلىغان « ئۇيغۇرغا نەزەر » ناملىق پەسىللىك ژۇرنىلىنىڭ 2- سانىنىڭ پات يېقىندا كەڭ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت خۇشخەۋەرنى يىغىن ئەھلىگە ئېلان قىلدى.

5UA_Tugun_Dohtur

يۈرەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور تۇرغۇن ھەمىت ئەپەندىم ئادەم يۈرىگى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولغان يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك دىققەت قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر ساۋاتلار توغرىسىدا تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتىنى، ئەستايىدىللىق بىلەن كىرىشتۈرگەن رەسىملىك گىرافىكلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تولىمۇ چۈشۈنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردى. كۆپچىلىك يۈرىكىنىڭ ساغلام سوقىشى ئۈچۈن، ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئاسراش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ بىلىۋالغان بولدى.

تۇنجى كۈندىكى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن، دوكلات سۇنغان ئالىملىرىمىز ۋە ئاكادېمىيە ئەزالىرى ھەمدە ئائىلە- تاۋاباتلىرى بىلەن بىرلىكتە كۈلتۈر ئا.ش. نىڭ كەچلىك زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلدى. ئۆز- ئارا تونۇشۇش چېيىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ كېڭەش يىغىنى ئېلىپ بېرىلدى. يىغىن ئالدىنئالا تەييارلانغان كۈنتەرتىپ بويىچە، ئاكادېمىيىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى قانداق ھەل قىلىش؛ ئەزا كۆپەيتىش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىققا دائىر مەسلىلەردە ئەركىن پىكىر بايان قىلىشى بىلەن ئوڭۇشلۇق مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن، مېھمانلار قەدىمىي ئىستانبۇل سېپىلى ئىچىگە جايلاشقان ياۋۇز مېھمانخانىسىغىچە، ئاكادېمىيە ھەيئەتلىرىنىڭ قىزغىن پاراڭلىرى بىلەن قايتتى.

5UA_1_kun
ئىككىنچى كۈنى ياپونىيەدىن كەلگەن دوكتور مەخمۇت ياسىن ئەپەندىمنىڭ ئۆگۈنىۋالغان « مەرھابا » دېگەن تۈركچە سالام بىلەن باشلاندى.

5UA_Dr.Mahmut_Yasin

دوكتور مەخمۇت ياسىن ئەپەندى، « ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ ئۇچرايدىغان راك كېسەللىكى، ئۇنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى » دېگەن تېمىدا سۇنغان دوكلاتىدا، ئانا ۋەتىنىمىزدە يامراۋاتقان ھەرتۈرلۈك راك كېسەللىكلىرىگە ئائىت خەتەرلىك ئەھۋاللار، كېسەللىكنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەپلىرى، داۋالىنىشتىكى قىيىنچىلىقلار، كىشىلىرىمىزنىڭ راك كېسىلىگە بولغان تونۇشىنىڭ يىتەرسىزلىگى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ بەك ئاجىز ئىكەنلىكى ھەمدە بۇ تۈر قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش چارە- تەدبىرلەرنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

5UA_Abdulhmit_KARAHAN

ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىم، « تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە تاشقى سىياسىتى » ناملىق دوكلاتى ئارقىلىق، يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرىقتە كۆزگە كۆرۈنىشكە باشلىغان سىتىراتىگىيىلىك رولى ۋە يۈكسىلىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ناھايىتى چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە سابىق مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ئابدۇلھەمىت ئەپەندىم، تاشقى تۈركلەر باشقارمىسىدا ئىشلەش جەريانىدا تۈركىيە توغرىلىق ئۆزلەشتۈرگەن مول بىلىملىرى بىلەن بەزى سورالغان سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىپ ئۆتتى.

5UA_Dr.Mehmut_litip
ئىزدىنىش ۋە باشقا تور بەتلىرىدە بىلىك نامىدا ئېلان قىلغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى ماقالىلىرى بىلەن تونۇلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋىرسىتېتى دوكتور ئوقۇغۇچىسى مەخمۇت لىتىپ، چۈشەندۈرۈش قېيىن بولغان «كۇۋانت ئوپتىك مېخانىزىم» توغرىسىدىكى تەتقىقات ماقالىسىنى ئۇستىلىق بىلەن سۇندى. سورالغان سوئاللارغا چۈشىنىشلىك قىلىپ جاۋاپ بەردى. دوكلات سىرتىدا 2~3 ئايدىن بېرى ھەپىلىشىۋاتقان پەننى ئومۇلاشتۇرۇش خارەكتىرىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا ئالاقىدار مەزمۇنلار كەڭ تېپىلىدىغان بىر تور بېتى ياساش ئارقىلىق ۋەتەن ئىچى- سىرتىغا خىزمەت قىلىش لاھىيىسىنى تونۇشتۇرۇپ، ھەر ئوقۇمۇشلۇق زىيالىلاردىن بۇ خەيىرلىك ئىشقا ياردەم ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

5UA_Kuddus_Hapiz
15 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر تىلىنى دۇنيا تىلى قىلىش ئارزۇسىدا، ھارماي- تالماي ئىزدىنىۋاتقان ئاكىمىز قۇددۇس ھاپىز ئەپەندىنىڭ « تىل ۋە تەرەققىيات » ناملىق دوكلاتى، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەقدىرىگە بولغان كۆزقاراشلىرىنى قايتىدىن يېڭىلاپ ئۆتكەندەك بولدى. يىغىن ئەھلى، قۇددۇس ھاپىز ئەپەندىمنىڭ 1400 بەتلىك كىتابىنىڭ تېزراق پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەردە بولدى.

5UA_Abdushukukam
شىۋىتىسيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر تارىخشۇناس ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئاكىمىز، « گۈننار يارىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ناتۇنۇش يەنە بىر يۈزى» توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتى ئارقىلىق، ئانا ۋەتىنىمىز ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۈستىدە ئوينالغان ئويۇنلارنى ئەمىلىي پاكىتلار بىلەن ئاشكارىلاپ ئۆتتى. خىرىستىيانلىقنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىگە، ئارخېلوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قولى بىلەن سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ئېنىق دەلىللىرى بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى. بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللارغا ئېرىنمەي جاۋاپ بەردى.

5UA_Mukapat_Shohet_Mutellip

چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن ئاشقان، ئەڭ ئاخىرىقى تېمىمۇ سۇنۇلۇپ بولغان بولۇپ، ئىككى كۈنلۈك يىغىن ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇراتتى. ئەتىگەن سائەت 9 دىن باشلاپ دوكلات ئاڭلىغىنىغا قارىماي، مېھمانلارنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن قىزغىن بولۇپ، زال جۇشقۇنلۇققا تولغان ئىدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى مىكروفوننى قولىغا ئالدى. ئۇنىڭ ھاياجانلىق چىرايىدىن مۈھىم سۆزلىرىنىڭ بارلىغى چىقىپ تۇراتتى. ھەقىقەتەن، ئابلەت تۇران ئەپەندى، كۈتۈلمىگەن يەردىن، ئۆزىنىڭ يېرىم كېچىدە شېئىر يېزىش تۇيغۇسى بىلەن ئويغۇنۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە بۇنداق بولىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىن سىدىق، شۆھرەت مۇتەللىپ، رىشات ئابباسقا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئالىملىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىگى ۋە بۇنىڭ ئاتا قىلغان خۇشاللىغى، ھاياجىنى سەۋەپ بولغان بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر يىغىنغا كەلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئازلىقىنىڭ ئۆزىنى مەيۈسلەندۈرگەنلىگى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. شېئىرنى ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇ شېئىرنى ئوقۇشقا باشلىغاندا، زالنى جىمجىتلىق قاپلىغان بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ دىققىتى ئۇنىڭغا مەركەزلەشكەنىدى.

*

پۇت- قوللىرىم بوشاپ كەتتى لاسسىدە،

باققىنىمدا ئادەم شالاڭ شۇ زالغا.

تىلىم چايناپ، قالدىم سۆزۈم تاپالماي،

ئەي ئۇيغۇرۇم كەلمىدىڭ سەن نىمىشقا؟

نەگە كەتتىڭ قېرىندىشىم ئېيتساڭچۇ،

بىز قارىغان تۆت كۆز بىلەن يولۇڭغا.

ھەتتا كەلدى، ئامېرىكايۇ ياپوندىن،

چۈشەنمىدىم، سەن كەلمىدىڭ نىمىشقا؟

ئالىملىرىڭ كەلگەنتىغۇ يىراقتىن،

سالام بېرەي دېمىدىڭغۇ بىر كېلىپ.

قالدىڭمۇ يا سۈت ئۇيقۇڭدا تېخىچە،

يىغلىغۇم بار بۇ ھالىڭغا ئۈن سېلىپ…

نېمە ئويلاپ نەدە قالدىڭ بىلمىدىم،

ھازىرغىچە جاپا تارتتىم دېمىدىم.

تاقىشاتتى بېشىم كۆككە كەلسەڭلا،

يەردە قۇيدۇڭ قېرىندىشىم، ئۈمىدىم.

ئۇيغۇرلىرىڭ جەم بولغانتى بىر يەرگە،

قورقتۇڭمۇ يا «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ سۆزدىن؟!

بىلەلمىدىم ئۇيغۇرمۇ سەن ئەمەسمۇ؟!

نېمەڭ بارتى يەنە باشقا ئۇيغۇردىن!

يەپ-ئىچىپلا ئۆتەي دېسە ئاسانغۇ،

ھايۋانلارمۇ يىيىش بىلەن ھايۋانغۇ!

سېنىڭ دەردىڭ يىيىش بىلەن قالغانمۇ!؟

قېنى ئېيتە بۇ سۆزلىرىم يالغانمۇ!؟

مەيلى نەدە، مەيلە كىم بول ئەي دوستۇم،

ئاقىۋەتتە بىز ھەممىمىز ئۇيغۇرمىز.

كەلمىسەڭمۇ بوپتۇ كەلمە يېنىمغا،

ئويلىنىپ باق، كەلمىدىڭ سەن نىمىشقا؟!

*

 2013- يىل 10- ئاينىڭ  6- كۈنى  ئەتىگەن 6:10

شېئىر ئاياقلىشىشى بىلەن زالدا گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. شېئىر بىلەن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن زالنىڭ كەيپىياتى ئابلەت تۇران ئەپەندىنىڭ شېئىردىن كېيىنلا، ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى، ئالقىشلار ئۇزۇنغىچە ئۈزۈلمىدى،

بارلىق مېھمانلارنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق، ھاياجان ئۇرغۇپ تۇراتتى…

5UA_Mukapat

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۇنتۇلغۇزسىز مىنۇتلىرى ۋە ئەڭ قىممەتلىك كارتىنىلىرىدىن بىرى بولغان، يىغىندا دوكلات بەرگەن 24 نەپەر ئالىمىمىزغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ يېڭى پەخرى رەئىسى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئىمزالىغان تەقدىرنامىلىرىنى، ئۆز قولى بىلەن نەقمەيداندا تارقىتىشى بولدى. بۇ مىنۇتلاردا كۆزلەر نەملەندى، يۈرەكلەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پارلىغان يۇلتۇزلىرىنىڭ جۇلاسى بىلەن پارلاق كېلەچىكىمىز ھەققىدە چەكسىز ئۈمىتلەرگە تولۇپ تاشتى. دوكتور رىشات ئابباس ئاكىمىز بۇ يىغىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە داۋامى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى.
يىغىن، دۇبەيدىن ئاتايىتەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمىتىنىڭ ئالدىراش، ۋاقتىنىڭ قىس بولىشىغا قارىماي، ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ يىغىنغا كەلگەن مۇستافا ئاقسۇ ئەپەندىمنىڭ تەسىرلىك سۆزلىرى ۋە ياخشى تىلەكلىرى بىلەن ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى.
يىغىن زالى خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىرىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ چوقان- سۆرەنلىرى بىلەن جانلىنىپ كەتتى.

1001ICAT_KAPAK_A
يىغىندىن تارقالغان كىشىلەرگە ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، مۇستافا ئىسلام ئوغلى يازغان ۋە ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان «ھەج رىسالىسى» ناملىق كىتاپ ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن پىلانلانغان، كۆكلەم تور گۇرۇپپىسى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كەشپىياتى بولغان «1001 ئىجاد » ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ

پىلاستىنكىسى سوغا قىلىندى. DVD

Comments (1)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top