You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى (فىلىم)

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى (فىلىم)

1560688_10202033226604925_281090668_n[1]

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 4 ـ نۆۋەتلىك دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن لېكسىيەلەر  ھۇزۇرىڭىزدا.

ۋىسال سىتودىيىسىدە: http://www.wisalstudio.net/uy/watch.php?id=576

http://www.wisalstudio.net/uy/video/cin_seddi_cevresi/Uyghur_Akadimisi_4-qitimliq-doktorlar_yighini-Liksiyeleri.wmv

يۇتىيۇپتا: http://www.youtube.com/watch?v=AF1uIp27R2g
يۇۋكۇدا: http://v.youku.com/v_show/id_XNjU4MzQ5OTI0.html?x
360 بۇلىتىدىن چۈشۈرۈش: http://awer3pqjup.l33.yunpan.cn/lk/QzJLRAgrkyBDZ

1535689_10202033225924908_1428683804_n[1]

Comments (4)

  • پەرھات

    ئەسسالاممۇ ـ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە جاپا تارتىۋاتقان ئاكىلار ،مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، مەن يېقىندا ئۇيغۇرچە تەبىئېي پەن ماتېرياللېرى ئىزدەپ بىرسىنسمۇ تاپالمىدىم . بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم ،شۇسەۋەبتىنمىكى مەندە بىرەر كىتاپ تەرجىمە قىلىش ئىستىكى پەيدا بولۇپ قالدى ،لىكىن مەن بىزلەردە قايسى كىتاپلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن . ھەم سىلەردە بەزى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىىنىڭ بار يوقلۇقىنىمۇ بىلمىدىم ،شۇڭا سىزلەردە قايسى كىتاپلار بار ياكى قايسى كىتاپلار يوق بىر جەدۋەل تۈزۈپ مەركۇز تور بېتىگە چىقىرىپ قويساڭلار . مەن بەكمۇ خۇرسەن بولغان بولاتتىم . مەن ماتېماتېكا كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن ،تولۇق كۇرۇس 3-يىللىقتا . بولسا مۇشۇ كەسىپتىكى باشقا ئاكىىلار بولسا بىرگە تەجىمە قىلساق . بىزدىن كىيىنكىلەرگە بولسىمۇ ئانا تىلىدا تەبئېي پەن كىتاپلىرىنى كۆرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلالىساق تېخىمۇ ياخىشى بولاتتى.

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام پەرھات قېرىندىشىم،
      ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ خوشال بولدۇق. غەيرىتىڭىزگە بارىكاللاھ!
      كىتاپ تەرجىمە قىلىش ئىشى ياخشى، ئەممد ھازىرچە سىزنىڭ تولۇق كۇرسنى تولۇق ئوقۇپ پۈتتۈرىشىڭىز ئۈچۈن، باشقا ئىشلارغا ۋاقتىڭىزنى ۋە دىققىتىڭىزنى چاچماستىن، دەرسلىرىڭىزگە مەركەزلىشىشىڭىزنى ۋە چەتئەل تىلى ھازىرلىقىڭىزنى پۇختىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
      ئوبدان ئىزدەنسەك بەلكىم چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرچە تەبىئىي پەن ماتېرىياللىرى ھەققىدە يەنە ئىزلەنگەيسىز.تېپىلىدۇ.
      ھۆرمەت بىلەن
      ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

  • ئۆمەرجان

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىدىكى ئەزىز قېرىنداشلىرىم:
    ھەممىڭلارغا سالام! ھەرقايسىڭلارغا ئاللاھدىن ئامان ئېسەنلىك تىلەيمەن!
    گەپكە كەلسەك،يېقىندا 4-قېتىمىلىق دوكتۇر ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى،ھەربىر مىللەتپەرۋەر ۋە ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلار سۆيۈندى ھەم سىلەرنىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن ئوقۇدى،ئەمما بۇ قېتىملىق يىغىندا كۆپچىلىكنىڭ دېققىتىنى تارتقىنى كۈسەن ئۇستازنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ دورىسىنى يەمەنلىك بىر ئۇستاز تەتقىق قىلىپ چىققانلىقىنى ھەمدە تۈركىيەدە باشقىلارنى داۋالاپ ساقايتقىنىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكەزگەنلىكىنى،ئەمما بۇ دورىنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىشقا بىز قىسىم غەرىپ دورىگەرلىك شىركەتلىرىنىڭ پايدىنى كۆزلەپ قارشى چىقىپ سىياسىي ۋاستە ئارقىلىق توسۇپ قويغانلىقىنى،يەنە تېخى بىرلەشكەن ب د ت دىن 160دۆلەتكە تارقىتىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىدەك باش ئاخىرى سەل زىددىيەت بولۇپ قالىدىغان گەپلەر ئارقىلىق قەيىت قىلىپ ئۆتتى ھەم بۇخەۋەر ئۇيغۇرلارغا ئېنتىرنىت ئارقىلىق كەڭ تارقالدى،كۈسەن ئۇستاز ھەقىقەتەن دىنىي بىلىمى بىر قەدەر مۇكەممەل، يېقىندىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىننىي ھەقىقىي چۈشۈنۈپ ئەگىشىشىگە چوڭ تۆھپە قوشىۋاتقان ، بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىيدىغان تەقۋادار ئۇستازىمىز بولغاچقا بىز كۈسەن ئۇستازنىڭ يالغان گەپ قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، ئەمما يۇقۇرىدا ئېيتقاندەك ئالدى كەينى زىددىيەت بولۇپ قالغان، ھەقىقىي شاھىتلىرى،سانلىق مەلۇماتىلىرى يوق بولۇپ قالغان بۇنداق گەپنى(ئەلۋەتتە كۈسەن ئۇستازىمىز ياخشى نىيىتى بىلەن بۇنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئۇقتۇرماقچى بولغانلىقى،يامان نىيىتى يوقلىقىنى چۈشىنىمىز) ئۇيغۇرلانىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق بولغان ئورگىنى بولغان ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى يىغىنىدا بولۇنغانلىقى، بۇنىڭغا قارىتا بىرقىسىم زىيالىلىرىمىز ئىنكاس قايتۇردى،مەسىلەن ئامىرىكا تېكساستا بىئولوگىيە ساھەسىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇۋاتقان دوكتۇر تۇرسۇنجان نۇرمەمەت قېرىندىشىمىزمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ بۇخەۋەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىنكار قىلدى. بىزدەك بىلىم قۇرۇلمىمىز مۇكەممەل بولمىغان،بىلىم سەۋىيىمىز چەكلىك بولغانلار (شەخسەن مەن) سەل گاڭگىراپ قالدىم، ئۇيغۇر ئاكادىيىمىزدە مۇشۇ ساھەگەئالاقىدار نۇرغۇن تالانتلىق دوكتۇر ئالىملىرىمىز بار،مەسىلەن ئامىرىكىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئەڭ چوڭ دورىگەرلىك شىركىتىدىكى دوكتۇر رىشات ئابباس ئەپەندىم، شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندىم ، بايا تىلغا ئالغان تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئەپەندىم دېگەندەك ، شۇڭا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىدىكى دوكتۇر ئالىملىرىمىزنىڭ مۇشۇ خەۋەر توغرۇلۇق كۈسەن ئۇستاز بىلەن تەپسىلىي ئەھۋاللىشىپ ،كۈسەن ئۇستازنىڭ دەلىل ئىسپاتلىرىنى ئاڭلاپ، بولسا شۇ ئادەم بىلەن بىللە داۋالانغانلار بىلەن كۆرۈشۈپ(ئۇيغۇر ئاكادىيىمىزنىڭ باش ئاپىراتى تۈركىيەدە بولغاندىكىن قولايلىق بولا ئەقىچان) بىر ئېنىقلاش ئېلىپ باقساڭلار، ئەگەر كۈسەن ئۇسازنىڭ دېگىنى ھەقىقەتەن راست بولغان بولسا بۇنى ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ تورى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا نوپۇزلۇق تورلىرىدا(باغداش،مىسرانىم دېگەندەك) ئاكادىمىي نامىدا رەسمىي يازما ئېلان قىلساڭلار. ئەگەر كۈسەن ئۇستازنىڭ خاتا بولسا بۇنىمۇ ھەم ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ تورى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا نوپۇزلۇق تورلىرىدا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى نامىدا ۋە كۈسەن ئۇستاز ئۆزى ئۆز نامىدىن چىقىپ بىر يازما ئېلان قىلىپ، ئارىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىۋەتشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.
    يازغان گەپ سۆزلىرىم قاملاشماي قالغان بولسا كەچۈرەرسىلەر….
    رەھمەت!

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۆمەرجان ئۇكام،
      سۇئالىڭىزغا لايىقىدا جاۋابىنى بەردۈك، تور بېتىمىزدا ئېلان قىكىنغان مۇنۇ ئىزاھاتقا قاراڭ:
      ئۇستاز ھېبىبۇللا كۈسەنىنىڭ ”ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-قېتىملىق دوكتۇر ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى“ دا قىلغان ئەيدىز كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىگە ئىزاھات https://ug.uyghuracademy.org/?p=4155

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top