You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇستاز ھېبىبۇللا كۈسەنىنىڭ «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-قېتىملىق دوكتۇر ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى» دا قىلغان ئەيدىز كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىگە ئىزاھات

ئۇستاز ھېبىبۇللا كۈسەنىنىڭ «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-قېتىملىق دوكتۇر ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى» دا قىلغان ئەيدىز كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىگە ئىزاھات

UA_LOGO

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، دوستلار ۋە بارلىق قېرىنداشلار،
خەۋىرىڭلاردا بولغىنىدەك، يېقىندا ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بەزى تور بەت، ئۈندىدار، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا » ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالايدىغان دورا دۇنياغا كەلدى» دېگەن تېمىدا ئۇچۇر تارقالدى ۋە بۇ ئۇچۇر ئۆزىنىڭ مۇھىملىقى، قىزىقتۇرۇش كۈچىنىڭ يوقۇرىلىقى بىلەن تېز سۈرئەتتە يېيىلىپ، بەزى تور بەتلەردە قىزغىن مۇنازىرە مەيدانغا كەلدى. گەرچە بۇ خىل مۇنازىرىلەر مىللىتىمىزنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئىلمىي تېمىلارغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقانلىغىدەك بىر ياخشى يۈزلىنىشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىلمى كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىسىمۇ، بەزى تېڭىرقاپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە بەزى كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ ئۇچۇر توغرۇلۇق تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ ئىزاھاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. ئالدى بىلەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەزىيەتنى تولۇق مۆلچەرلىمەستىن مۇشۇنداق بىر ئۇچۇرنىڭ تارقىلىپ، قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا پىكىر قالايمىقانلىقى كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغانلىقىدەك سەۋەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە مۇشۇ قېتىملىق مۇنازىرە سەۋەبى بىلەن كۆڭلى ئازار يېگەن، مەيۈسلەنگەن، ۋاقتى ۋە زېھنى زىيانغا ئۇچرىغان بارلىق قېرىنداشلاردىن سەمىمىيلىك ۋە تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايدۇ.
2. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ۋە باشقا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، بۇ ۋىدىئودا تىلغا ئېلىنغان يەمەنلىك دورىگەرلىك ئىلمى ۋە دىنى ئالىم ئابدۇلمەجىت زىندانىنىڭ ياساپ چىققان دورىسىنىڭ ھەقىقەتەن بەلگىلىك بىمارلارغا، بەلگىلىك دەرىجىدە ئۈنۈمى بولسىمۇ، دەلىل-ئىسپات، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى تۈپەيلى،
«ئەيدىزنى تەل-تۆكۈس ساقايتىدۇ» دەپ ئېيتىلغان بۇ ھۆكۈم خەلقئارادا ئېنىق ئىسپاتلانمىغانلىقى ئۈچۈن قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئىلمى پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
3. ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالايدىغان بىر دورىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى پۈتۈن ئىنسانلار ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەھدىتى ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈنمۇ ئەڭ گۈزەل ئارمانلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ ھەقتىكى  يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىدۇ.
4. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىي ۋە ئىلمى خادىملارنىڭ ئىلمى مۇنازىرە  سورۇنى بولۇپ، بۇندىن كېيىنمۇ تېخىمۇ كۆپلەپ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ ئارىسىدىكى ئىلمى كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشىگە، مەسىلىلەرگە ئىلمى نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئادەتلىرىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكىلىك رول ئويناشقا تىرىشىدۇ. ئەمما، ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا پىكىر بايان قىلغۇچى شەخسلەرنىڭ بارلىق كۆز-قاراش ۋە پىكىرلىرى پەقەت شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پرىنسىپ ۋە مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن  كېلىپ چىققان ھەرقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. شۇنداقلا، ئۇستاز ھەبىبۇللا كۈسەنىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدىكى غەرب دورا شىركەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرى پەقەت ئۇستاز ھەبىبۇللا كۈسەنىنىڭ شەخسى كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. قېرىنداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنىڭ ئېنىق بولۇشىنى تىلەيمىز.

5. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ قېتىملىق سەۋەنلىكتىن چوڭقۇر تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلەپ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ھۇشيار، ئىلمى بىر پوزىتسىيە بىلەن خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى، ھەر ۋاقىت سەمىمى تەنقىت-تەكلىپلىرىنى بىزدىن ئايىماسلىقىنى ئۈمىت قىلىدۇ.
بارلىق قېرىنداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ۋە ئىشلىرىغا ئۇتۇقلار تىلەپ

ھۆرمەت بىلەن

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

Kuseni

Comments (5)

  • ئاشتال

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم!ئۇيغۇر ئاكادىيمىسنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنى ئانچە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاندەك ئەمەس.بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلشىنى ئۆمۈد قىلمەن.يەنە بىر گەپ ،ئەگەر دىننىي توغۇرسىدا گەپ ئاچماقچى بولسا ،مېنىڭچە دىننمۇ چۈشنىدىغان،پەننىمۇ چۈشنىدىغان كىشلەر سۆزلىسە،بولمىسا ياشلارغا دىن بىلەن پەن خۇددى دۈشمەندەكلا تۇيغۇر بېرىپ ،ياشلارنىڭ ساغلاپ تەپەككۇر يېتىلدۈرشىگە يامان تەسىرنى ئېلىپ كېلدىكەن.ئاسان ھاياجانلىندىغانلارنى ئامال بار سەھنىگە چىقارمىسا،بولمىسا قالايمىقان سۆزلەپ تاشلايدىكەن،باشقىلارغا بولغان تەسىرنى ئويلىمايلا،سەھنىگە چىقىشقا ھېرسىمەن بولغاندەك قىلىقلارنى قىلىپ يۈرۈيدىكەن.
    مېنىڭ ھېس قىلشىمچە بىزلەردە تەپپەككۇر دىسە ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەپ باقىدىغان،ئىديە ئەركىنلكنى ھەددىن زيادە تەكىتلەپ،چۈشەنمىسمۇ بىر نېملەرنى دەپ باقىدىغان ئىشلار خېلى ئاۋۇپ قالدى.ئەلۋەتتە ،سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارغا كۆپىنچە ياشلار خېلى كۆڭۈل بۆلۋاتىدۇ.شۇڭا سىلەر ياخشى يولنى ئېچىپ بەرسەڭلار.
    سىلەرنىڭ تەرقىياتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

  • ئاگاھلاندۇرۇش

    ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ئۇيغۇر ئاكادېمىسىي بۇ ئىزاھاتنى نېمىگە ئاساسەن بەرگەنلىكىنى ئىنىق دېگەن بولسا ياخشى بۇلاتتى، چۈنكى دۇرىنى 35 يىل مابەينىدە تەتقىق قىلىپ كەشپ قىلىپ چىققان پىشىقەدەم ئۇستاز ئابدۇلمەجىد زىندانىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىدىن خەۋەرسىز ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ بۇنداق باياناتنى ئېلان قىلىشى ئىلمىي ئەمەس. بۇنداق ئىنچىكى ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئەلبەتتە شۇ تەتقىق قىلغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ شۇلارنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قاراپ بايانات بىرىش كېرەك.
    مەن ئۆزەم شۇلار بىلەن كۆرۈشتۈم ھەمدە سۆھبەتلەشتىم ئۇلار ھازىرغا قەدەر 80 گە يېقىن ئېيدىز كىسىلىنىڭ تەل تۈكۈس ساقايغانلىقىنى دېدى ۋە ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ ئۆچۈن مەلۇماتنى ئامېرىكىلىقتىن ئەمەس ئۆز مەنبەسىدىن ئېلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. مىنىڭ چۈشەنمىگەن يىرىم شۇكى ئامېرىكىلىقنى پەرىشتەدەك ھەر ئىشنى قىلالايدىغان مۇسۇلمانلارنى ھېچ ئىش قىلالمايدىغان شەكىلدە قاراش بىر ئەخماقلىق دەپ قارايمەن.

  • Tirekbostan

    ئۇيغۇر ئاكادىميىسىدە ئۆتۇكۇزلدىغان پائالىيەتتە/يىغىنلار بەكلام دىنى تۈس ئېلىپ قېلىۋاتىدۇ.
    بۇ ئىشتىن ساۋاق چىقرىشنى ئۈمىد قىلمەن.

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېرەكبوستان قېرىندىشىم،
      بەرگەن پىكىرلىرىڭىزگە رەخمەت. بولسا تېخىمۇ تەپسىلىي تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى ئاڭلىساق.
      ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمىز.

  • ئۇيغۇربەگ

    نېمىلا دېمىگەن بىلەب ئۇستازنىڭ مەقسىتى ياخشى ئىدى، ئەمما نەق مەيداندا غەربنىڭ بۇنداق بىر دورىنىڭ مۇسۇلمانلار قولىدىن چىقىشىنى ئامېرىكا خالىمايدۇ، شۇڭا ئۇنى ئەلقائىدە بىلەن باغلاپ يولىنى توستى دېيىشى لېكىن ئارقىدىن بىر كېنىشكىنى كۆرسىتىپ بۇ ب د ت بەرگەن تەقدىرنامە دەپ بىر-بىرىگە زىت گەپ قىلىشى – ھەقىقەتەن ئۆزىگە ماس كەلمىگەن ئەھۋال بولدى،ھەممىدىن مۇھىمى مۇشۇ بىر ھەپتىدىن بىرى ھەرقايسى ۋاستىلەردە قايناشلار، ھاقارەتلەرنى كۆرۈپ ئىچىم سىقىلغان، ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ ۋاقتىدا بايانات بەرگىنى ياخشى بولدى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top