3-نۆۋەتلىك تۈركىيە ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق تەتقىقاتى قۇرۇلتىيى
قەدىرلىك قېرىنداشلار،
تۈركىيەنىڭ ساكاريا ۋىلايىتىدە 3-نۆۋەتلىك تۈركىيە ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق تەتقىقاتى قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇپ، ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئىكەن. بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلار (دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 2 يىل بولغانلار)، تەتقىقاتىنىڭ قسىقىچە مەزمۇنىنى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ئىۋەرتىشى كېرەك ئىكەن. قۇرۇلتايغا قوبۇل قىلىنىدىغان تېمالار،ئىجتىمائى پەنلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، پەلسەپە، تارىخ، دىنى تەتقىقاتلار، ئەدەبىيات، سىياسەت، ئىقتىساد، بىناكارلىق، خەلىقارالىق مۇناسىۋەتلەر، شەھەر قۇرۇلىشى دىگەندەك مەزمۇنلاردا بولسا بولىدىكەن. قوبۇل قىلىنغان ماقالىلار كىتاب قىلىپ نەشىر قىلىنىدىكەن ۋە بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىش ۋە ياتاقلاردا قىلشى پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىكەن.
بۇ سەۋەپتىن، ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز تەتقىقاتلىرىنى باشقلارغا ئاڭلىتىش ۋە باشقىلارنىڭ تەتقىقات تېمىلىرىنى ئۈگۈنىش ئۈچۈن بەك ياخشى پۈرسەت ئىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.
قۇرۇلتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەپسىلى ئۇچۇرلارنى تۆۋەندكى توردىن كۆرەلەيسىلەر:
http://www.tlck.org.tr/hakkinda/
![sakarya[1]](https://ug.uyghuracademy.org/wp-content/uploads/2013/12/sakarya1.jpg)
bilgejan
ئاسپىرانىتلىق دىگەن سۆز ماگىسىتىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئىلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدىغان سۆز بولۇپ ئېنگلىز تىلىدىكى graduate student دىگەن سۆز بىلەن مەنىسى ئوخشاش. بۇنداق يۇقىرى دەرىجىدىكى ئالىي مائارىپ شەكلى ئۇيغۇرلاردا باشلانغىلى ئۇزۇن بولمىغاچقا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەر بۇنى ئاڭقىرىپ بولالماي، ئاسپىرانىت دىگەن سۆزنى خاتا ھالدا ماگىستىرلىق سۆزىگە تەڭ ھېسابلاپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىم ئىگىلىرىدىن تەشكىل تاپقان ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرىغا قىسمەن ۋەكىل بولىدىغان ئورگان بولغاچقا ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئىشلەتكەندە توغرا ئىشلىتىشىنى، ماۋۇ ئۇقتۇرۇشتىكىدەك « ئاسپىرانىتلىق ۋە دوكتۇرلۇق» دەيدىغان خاتا بىرىكمىلەرنى ئىشلەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە، خاتالىقلار بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما ئۇنى تونۇش ۋە قايتا يۈز بىرىشىگە يول قويماسلىق مۇھىم. بۇ كىچىككىنە تەكلىپىم ئويلىشىپ كۆرۈلسە. رەھمەت!
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسسالا، رەخمەت بىلگەجان قېرىندىشىم.
بۇنى بىز ئۇيغۇر ئوغۇچى ئىشلىرى كومىتىتىغا يەتكۈزۈپ قۇيايلى.
بىزنىڭ ئېلانلاردا ئايرىغلىق «ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق» دەپ، مەسىلەن :
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك دوكتور ۋە ماگىستېر ئوقۇغۇچىلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى
https://ug.uyghuracademy.org/?p=3591