You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك دوكتور ۋە ماگىستېر ئوقۇغۇچىلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك دوكتور ۋە ماگىستېر ئوقۇغۇچىلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

1460274_10201739002409504_734125943_n[1]

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك دوكتور ۋە ماگىستېر ئوقۇغۇچىلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇقتۇرۇش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، قىممەتلىك دوستلار، قەدىرلىك ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىل قېرىنداشلار، ئەڭ ئالدى بىلەن  پۈتۈن ئاكادېمىيە ئەزالىرى نامىدىن  ھەرقايسىڭلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ئشەنگىنىڭلار ۋە  قوللاپ -قۇۋۋەتلىگىنىڭلار ئۈچۈن چىن قەلبىمىزدىن رەخمەت  ئېيتىمىز، چوڭقۇر ھۆرمەت، سەمىمى ئېھتىرامىمىزنى بىلدۈرىمىز.
‏   ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يىللاردىن بېرى ، ئۆز ئىمكانلىرىنىڭ يار بېرىشىچە، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھەرخىل ئىلمى پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇتۇپ كەلمەكتە. ئىلىمسۆيەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى- ئۇستازلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىش، دوكتۇر ۋە ماگېستىر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنى يىتىلدۈرۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش، شۇنداقلا، كېيىنكى ئەۋلات ياش ئەۋلاتلارنىڭ ئىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇش مەقسىدىدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەنئەنىگە ئايلانغان «ئۇيغۇر دوكتۇر ۋە ماگېستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدىكى يەنە بىر  مۇھىم پائالىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ 4-قېتىملىغى  2013-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسى يەكشەنبە، 29-دىكابىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ئوقۇغۇچى- ئۇستازلارنىڭ دىققىتىگە تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇشنى سۇنىمىز.
1. ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا چۈشتىن بۇرۇن 4 تېما ۋە چۈشتىن كېيىن 4 تېما قوبۇل قىلىنىدۇ.
2. تۈركىيەنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئوقۇۋاتقان دوكتور ۋە ماگىستېر ئوقۇغۇچىلار ئۆز كەسپىگە ئائىت مەلۇم تىمىنى سۇنسا بۇلىدۇ.
3. سۇنۇلماقچى بولغان تېما چۇقۇم ئۆلچەملىك ئۇيغۇر يېزىقىدا ھازىرلىنىشى ۋە دوكلات تىلىمۇ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا بىرىلىشى شەرت.
4. ھەر بىر دوكلات ئۈچۈن 20 مىنۇت دوكلات  ۋە 5 مىنۇت سۇئال-جاۋاپ شەكلىدە بولىدۇ. ئۇيغۇر دوكتور ۋە پىروففىسورلاردىن باھالاش ھەيئىتى تەشكىللەشكە تىرىشىمىز.
5. سۇنماقچى بولغان ماقالىڭىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە تەرجىمىھالىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئەڭ كېچىككەندىمۇ   11-ئانىڭ 30-كۈنىگىچە بىزگە يوللاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.
ئانا تىلىمىزنى ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن قوغداش ۋە كەلگۈسى ئالىملىرىمىز ئۈچۈن ياخشى مۇنبەر ھازىرلاپ بىرىش نىيىتىدە ئېلىپ بارغان بۇ تۈر پائالىيەتلىمىزگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.

بۇ قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى  ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەسمى ئىش باشلىغانىقنىڭ 4 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەرخىل مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات- سەنئەت نۇمىرلىرى بىلەن بىرلىكتە  ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يىغىن ئاخىرىدا ، ئەڭ ياخشى سۇنۇلغان دوكلاتلار ئۈچۈن «تەۋپىق مۇكاپاتى» ۋە  دوكلات بەرگەنلەر ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك دوكتور ۋە ماگىستېر ئوقۇغۇچىلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى شەرەپ گۇۋاھنامىسى» تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

1471977_10201738989929192_929823449_n[1]

ھۆرمەت بىلەن

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

يىغىن ئورنى: دېڭىز فەنەرى دەرنىكى

  Deniz Feneri Derneği Genel Merkez)
Adres: 10. Yıl Cd. Cinoğlu Çıkmazı No:4
Zeytinburnu / İstanbul
Tel:  0212 414 60 60ئالاقىلاشقۇچى : ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق  02125897667 05378112235
http://denizfeneri.org.tr/icerik.aspx?kod=deniz-feneri-iletisim-kanallari

Deniz Feneri›de.

genelmerkez[1]

Deniz_Feneri_Dernegi

Add: Şehrimeni  Mah. Börekçi Veli Sok. No:38/4, Çapa, Fatih, İstanbul /Türkiye  www.uyghuracademy.com www.akademiye.org

E-mail: uyghuracademy@gmail.com , Tel/Fax: 0090-212 589 7667, Cellphone: 0090-507 134 6121 / 537 811 2235 /506 384 5639

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top