You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 22: ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسىدە بىزنىڭ مارشلارىمىز

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 22: ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسىدە بىزنىڭ مارشلارىمىز

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

يىگىرمە ئىككىنجى باب: ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسىدە بىزنىڭ مارشلارىمىز

مۇقاملار مارشىمىز، مۇقامدۇر بايراق،

ئۇيغۇرنىڭ مۇقامى جاھاندا ياڭراق!

(«كاشغارىيە سەلكىنلەرى» 52-بەت. «ناممۇقام مارشى»، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل)

دەرس سۆزلەشنى ناخشا ئوقۇش بىلەن بىرلەشتۈرگىلى بولامدۇ-يوق

مۇئەييەن ئۇقۇم-مەئنەدىن ئالىپ ئەيتقاندا، دەرس سۆزلەشمۇ، ناخشا ئوقۇشمۇ ئوخشاشلا بەلگەلىك پىكىر-چۈشەنچەنى كۆپچىلىككە ئاۋازلىق ئاڭلاتىش كاتىگورىيەسىگە كىرىدۇ. ئوتتۇرادىكى پەرق دەيىلسە، دەرس سۆزلەش پىكىر –چۈشەنچەلەرنى نورمال سۆز-جۈملەلەر بىلەن ۋەئز تەرىقەسىدە تەپسىلىي ئاڭلاتسا، ناخشا ئوقۇش ئادەتتە، ئاڭلاتماقچى بولغان پىكىر-چۈشەنچەنى قاپىيەلەشتۈرۈلگەن سۆز-جۈملەلەر ئارقالىق، ئاھاڭلىق سادا بىلەن ئاڭلاتىدۇ، خالاس.

ئەمما، نەق پاكىتلارغا ئاساسلانىپ تۇرۇپ ئەيتقاندا، ئاڭلاتماقچى بولغان مەزكۇر پىكىر-چۈشەنچەنى ئاڭلاغۇچىلارغا بىلدۈرۈش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە، ناخشا ئوقۇش دەرس سۆزلەشنى باسىپ چۈشۈپ، ھامان چەمپىيون بولۇپ كەلىۋاتقانلىقى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى بىر جانلىق ئەمەلىيەتتۇر. ئالايلۇق، بىز تىل-ئەدەبىيات پروفەسسورلارى گالىمىزنى قىرىپ نەچچە سائەت، ھەتتا نەچچە كۈن سۆزلەپ بىلدۈرۈپ بولالماغان بىر چۈشەنچەنى تالانتلىق ناخشاچى ئابدۇللاھ ئابدۇرەھىم تۆرت مىسرالىق بىر ناخشا بىلەنلا بىلدۈرۈپ، خەقنى ئۇ چۈشەنچە ئاڭلاتىلغان ناخشاغا مەھلىيا قىلىۋالىدۇ؛ ھەمىشە شۇ ناخشانى ئوقۇيدىغان ياكى ئوقۇغۇسى يا ئاڭلاغۇسى كەلىدىغان قىلىپ قويىدۇ، بۇنىڭ سىر-ئەسرارى نەمە؟ مەن ئانا تىلدىكى ئاتالغۇلارنى سۆيۈش، سۆز-كەلىمەلەرنى جايىدا قوللانىش ۋە ئۇنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە نەچچە ئون پارچە ماقالە يازىپ، نەچچە يىل سۆزلەپ ئۇقتۇرۇپ ۋە قوبۇل قىلدۇرۇپ بولالماغان چۈشەنچەنى داڭقلىق ئىتوتچىمىز ئابدۇكەرىم ئابلىز ھەلىقى « ‹جىڭموما›نى ‹ھور نان› دەيمىز، ‹بولكا›نى ‹پور نان› دەيمىز!» دەگەن بىرلا ئىتوتى ئارقالىق، خەقنىڭ مىڭەسىنىڭ ئاشۇ ئۇنتۇلماس يەرىگە قۇيۇپ ئۇيۇتىۋەتكەنىگە قاراپ: «يا، پىرىم! پروفەسسور دەگەن مەن ئەرمەس، سەن ئىكەنسەن، قارىنداشىم!» دەپ قالدىم قايىللىق بىلەن. شۇنداق ئەرمەسمۇ ئەمەلىيەت؟ نەگەلا بارساڭ، ئۇ ماھارەتلىك سۆز ئۇستاسى ئابدۇكەرىم ئابلىزنىڭ ئىتوتلارى خەلق ئاغىزىدا يادلانىدۇ؛ ھەممە يەردە، ئاشۇ ناخشا شاھى ئابدۇللاھ ئابدۇرەھىمنىڭ ناخشالارى سۆيۈپ ئوقۇلىدۇ، تەكرارلانىدۇ، مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

مۇشۇ ئەھۋالدا، مەن توساتتىن ئويلانىپ قالدىم: بىز دەرس مۇنبەرىدە ئوقۇغۇچىلارغا دەرس سۆزلەۋاتقان تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلارى  دەرس سۆزلەشنى ناخشا ئوقۇش بىلەن بىلەن بىرلەشتۈرۈپ باقساق، قانداق بولىدىغاندۇ-ھە؟

ناممۇقام مارشىنىڭ دۇنياغا كەلىشى

مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى 2002-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئوقۇۋاتقان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلارىغا چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنى نۇقتالىق دەرس ماتىرىيالى قىلىشنى يولغا قويدى. چۈنكى، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى-دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنەسىدىكى بىباھا گۆھەر، ئەمگەكچان، ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرى، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلەرىنى تەكىستلىك مۇزىكا تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان بەدىئىي قامۇستۇر. ئۇنىڭدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە گۈزەل مەنىۋىيەتى، ئىستەك-خاھىشلارى، تارىخىي تەرەققىيات ۋە تۇرمۇش رىئاللىقى مۇھىتىدىن كەلىپ  چىققان مۇھەببەت-نەپرەتلەرى ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ مۇزىكا، بەدىئىي ئەدەبىيات ۋە ئۇسسۇل قاتارلىق خىلمۇ خىل شەكىللەرى بىلەن ئىپادەلەنگەن. مۇزىكالىق ئىپادە جەھەتتە، لىرىكا بىلەن ئىپىكا، نەغمە بىلەن نەزمە گارمونىيەلىك ھالدا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان. مۇنداق مۇزىكا ئەسەرى دۇنيا مىللەتلەرىنىڭ سەنئەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ‹شەرق مۇزىكا مەدەنىيەتىدىكى مۆئجىزە› دەپ تەئرىپلەنمەكتە» «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى كۈيلەر ۋە تەكىستلەردىن ئىبارەت ئىككى ساھەگە بۆلۈنىدۇ»، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئۇيغۇر شىئىرىيەتىنىڭ مۇزىكالىق ئىپادەسىدۇر. مۇقاملار ئاجايىپ چوڭقۇر مەئنەلىك، باي مەزمۇنلۇق، رەڭمۇرەڭ تۈسلۈك، بەدىئىي پاساھەتلىك، يەڭگىل تونلۇق ھەم ئەيتىشقا ئەپلىك كلاسسىك شىئىرلار ( ئاساسەن غەزەللەر)، بەيت-قوشاقلار بىلەن جانلانىدۇ.

ھەر بىر مۇقامنىڭ ئىككىنجى قىسمى خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان ئىپىكالىق داستانلار بىلەن تەخىمۇ يارقىن تۈسكە كىرىپ، تىڭشاغۇچىلارغا پەلسەپىۋى ۋە دىداكتىكالىق تەكستلەر ئارقالىق يەنەمۇ تەئسىرچان ئەستىتىكالىق ھوزۇر باغىشلايدۇ. مەشرەپ قىسمىدىكى كۈيلەر كۆپىنچە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەڭ ئومۇملاشقان بەيت-قوشاقلار ۋە بۇلارغا ماس كەلىدىغان كلاسسىك شىئىرلار بىلەن ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ-دە، بۇ ھالدا، تىڭشاغۇچىلار ئۆزلەرىنى ئۇنتۇغان ھالدا ناخشا-ئۇسۇللار قاينامىغا شۇڭغۇپ كەتىدۇ»، «بىزگىچە يەتىپ كەلگەن تەكىستلەر، يەئنى مۇقام پەشىۋاسى-ئون ئىككى مۇقامنى ئۆز بوۋاسىدىن ئۆگرەنگەن ئەنئەنە بويىچە زامانىمىزغا يەتكۈزگەن مەشھۇر خەلق سەنئەتكارى تۇردى ئاخۇن كاشغەرىي باغلاغان تەكىستلەر زامان ۋە سورۇنلارنىڭ تاللاشىدىن ئۆتكەن ئاساسىي مەنبەدۇر. بۇ تەكىستلەرنىڭ مەزمۇنى مۇزىكا مەزمۇنىغا، تەكىستلەرنىڭ قۇرۇلماسى مۇزىكا قۇرۇلماسىغا، شىئىرىي ۋەزىنلەرى كۈيلەر ۋەزىنىگە ئۇيغۇن كەلىدۇ»، «ئون ئىككى مۇقام ئون ئالتىنجى ئەسىردە رەتلەنگەن چاغدا، مۇقام كۈيلەرى شۇ زامانغىچە بولغان ئارالىقتا ئۆتكەن كلاسسىكلارنىڭ شىئىرلارىغا ياكى خەلق داستانلارىغا باغلانغان بولۇشى تەبىئىي» (تۆمۈر داۋامەت: ئون ئۈچ توملۇق «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»، «كىرىش سۆز» قىسمى، 1997-يىل، جۇڭگو قامۇس نەشىرىياتى نەشىرى، بەيجىڭ).

دانە-دانە مەرۋايىتتەك گۈزەل ۋە ھەقىقەتلىك جۈملەلەر بىلەن بەرىلگەن يۇقىرىقى بايان-تەئبىرلەردىن مەئلۇم بولدىكى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى مىلادىيە ئون ئالتىنجى ئەسىردە رەتلەنگەن ئۇيغۇر مۇقامى ئاھاڭلارى بىلەن تەڭ رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنى قەلەمگە ئالغان يازىق-چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدۇر. شۇنىسى ئەنىقكى، ھەم كلاسسىك يازما ئەدەبىياتقا خاس بولغان نادىر شىئىر-غەزەللەردىن، ھەمدە كلاسسىك ئۇيغۇر ئاغىز ئەدەبىياتىغا تەئەللۇق بولغان ئەسىل خەلق داستانلارى ۋە خەلق قوشاقلارىدىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئەمەلىيەتتە، چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرىدۇر. بۇ يادرو چۈشەنچە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى دۇنيا بويىچە قوغدالىدىغان مۇھىم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلارى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بۈگۈنكى كۈندە، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنى ۋە مەزكۇر يازىق بىلەن خاتىرەلەنگەن تىل ـــ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى، شۇنداقلا مەزكۇر تىل-يازىق بىلەن بارلىققا كەلگەن چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۆگرەنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىزگە نەق قىممەت بىلەن ئوچۇق تونۇتقان بولدى.

مۇشۇ تونۇش ئاساسىدا، مەن ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى موزىيلاردىن، كلاسسىك قوليازما ئەسەرلەرنى ساقلاش ۋە رەتلەش ئورۇنلارىدىن قەلەم بىلەن كۆچۈرۈپ ئالىپ توپلاغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئاشۇ چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدىكى ئەسلىي تەكىستلەرى ئاساسىدا، «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرلەرىدىن- ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى» (ئادەتتە، «ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى» دەيىلىدۇ) ناملىق بىر كىتاب ھازىرلادىم. ھەجمى ئالتە يۈز ئەللىك مىڭ خەتلىك بولغان بۇ كىتابنى بەيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشىرىياتى 2005-يىل 5-ئايدا، قاتتىق مۇقاۋالىق قىلىپ نەشىر قىلىپ بەردى. تەشكىلنىڭ تەستىقى بىلەن، مەن بۇ كىتابنى ماڭا سۆزلەشكە تاپشۇرۇلغان «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسى»نىڭ دەرسلىك كىتابى قىلدىم. كلاسسىك تىل-ئەدەبىياتنى ئاشۇ كلاسسىك تىل-يازىقى ئاساسىدا بايان قىلىش تۇنجى بولۇپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بۇ كىتاب ئىلىم ئەھلى كەسىپداشلارنىڭ، دەرس ئاڭلاغۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇنداقلا مەدەنىيەت سۆيەر كەڭ خەلق ئامماسىنىڭ ئوخشاشلا قىزغىن قارشى ئالىشىغا ۋە بولۇشلۇق يۇقىرى باھا بەرىشىگە مۇيەسسەر بولدى.

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنى دەرس قىلىپ سۆزلەگەن ئىكەنمىز، ئالدى بىلەن، مەزكۇر ئون ئىككى مۇقامىمىزنىڭ ئون ئىككى ئىسىم-نامى ۋە ئۇنىڭ ئاتالىش تەرتىپىنى ئوقۇغۇچىلارىمىزغا بىلدۈرۈشىمىز كەرەك بولىدۇ، ئەلبەتتە. بۇ مۇددىئانى چۈشەندۈرۈپ سۆزلەدىم، تەكرار –تەكرار دەپ-ئەيتىپ بەردىم. ئەمما، مەن سۆزلەپ ئۇقتۇرغان ئۇ مۇقام ناملارىنى دەرس ئاڭلاغۇچى ئوقۇغۇچىلارىمدىن قايتۇرۇپ سوراغانىمدا، مەن ئەيتىپ بەرگەن تەرتىپنى ھە دەگەندىلا  ئەينەن تەكرارلاپ بەرەلمەي، كەش يەڭگۈش قىلىپ قويىدىغان ئەھۋالنىڭ تاكى دەرس سۆزلەش تاماملانىدىغان مەۋسۇم ئاخىرىغىچە داۋاملاشىشى مەنىڭ نەرۋامغا تەگدى، دىققەتىمنى قوزغادى. بۇ ھالدا، «ئەمدى، خۇددى ئىنگلىزچە ئەلىپبە ناخشاسىغا ئوخشاش ئاھاڭلىق ناخشا قىلىپ بەرسەم، بولۇرمىكن-ھە؟»

كاللامدا «يالت» قىلىپ ئەكس ئەتكەن بۇ ئوي-خىيالىمنى ئەمەلىيلەشتۈردۈم: دەسلەپتە، ئون ئىككى مۇقام ئىسىم-ناملارىنى تىزىپ، ئۇنى قاپىيەلەشتۈرۈلگەن شىئىر قىلدىم. ئاندىن، ئۇنى ئۆزەم ئىشلەپ، مارش (进行曲) ئاھاڭىغا سالدىم:

ناممۇقام مارشى

راك، چەببەيات، سەگاھ، چەھەرگاھ،

پەنجگاھ، ئۆزھال، ئەجەم، ئوششاق؛

بايات، نەۋا، مۇشاۋەرەك، ئىراق،

ئۇيغۇرنىڭ مۇقامى جاھاندا ياڭراق.

نەقرات:

مۇقاملار مارشىمىز، مۇقامدۇر بايراق،

ئۇيغۇرنىڭ مۇقامى جاھاندا ياڭراق!

ياڭراق!………………….

خەيرىيەت، ئۇيغۇر ناممۇقام مارشى مانا مۇشۇنداق مەيدانغا كەلگەن بولدى.

بۇ «ناممۇقام مارشى» نى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتەتى 2002-يىللىق سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلارىغا تۇنجى بولۇپ ئۆگرەتتىم. نەق ئەھمىيەتى ۋە ئۈنۈمى شۇ بولدىكى، ئوقۇغۇچىلار قانچە قاتىملار قايتالاپ دەپ-ئەيتىپ بەرسەڭمۇ، مۇقام ناملارىنىڭ تەرتىپىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان نۇقساندىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدى. خۇددى ئەلىپبە ناخشاسى ھەرپ ناملارىنى ۋە تەرتىپىنى يادلاۋالىشقا ياردەم بەرگەندەك، مەزكۇر ناممۇقام مارشى ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ناملارىنى رەت تەرتىپىنى بۇزماغان ھالدا، يادقا ئەيتىپ بەرەلەيدىغان قىلدى. كەيىنچە، شىنجياڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئاتاقلىق ناخشاچى ئايشەگۈل مۇھەممەد خانىم مەزكۇر مارشنىڭ ئاھاڭىنى بەش سىزىقلىق نوتاغا ئالىپ بەردى ۋە ئۇ مارش نوتاسى «شىنجياڭ سەنئەتى» ژۇرنالىنىڭ 2007-يىللىق 2-سان، مۇقاۋا 4-بەتتە، ئىجادىي ئاھاڭ نوتا ئەسەرى بولۇپ ئەئلان قىلىنغان بولدى.

«ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى يارقىن مۇزىكا ئاھاڭى بىلەن گۈزەل تىل تەكىستىنىڭ بىر گەۋدەگە مۇجەسسەم بولۇشى، كلاسسىك يازما ئەدەبىيات بىلەن خەلق ئەل ئىچى ئەدەبىياتىنىڭ ئورگانىك بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بىر نادىر مەدەنىيەت بىناسى؛ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈگەمەس-پۈتمەس مەئنەۋىيەت خەزىنەسى، مىللەتنى رىقابەت دەڭىزىدا دولقۇن يارىپ ئالغا ئىلگەرىلەشكە ئۈندەيدىغان مىللىي مارشى ۋە ھايات ناخشاسىدۇر. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى ئاڭلاش، مۇقام تەكىستلەرىنى ئوقۇش، تەكىستلەرنىڭ مەزمۇنىغا چۆكۈش، مۇلاھىزە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش بولسا، ھەممەمىزنىڭ ئورتاق بۇرچى، ئەلۋەتتە.» (قاراڭ: «ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى» 848-بەت، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2005-يىل، بەيجىڭ).

شۇندىن كەيىن، مەزكۇر ناممۇقام مارشى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىنىڭ فاكۇلتەت ناخشاسى بولۇپ قالدى گويا. ئۇ ئوقۇغۇچى-شاگىرتلار تەرەپىدىن، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسى ئەسناسىدالا ئەرمەس، دەرستىن سىرتقى تۈرلۈك كۆڭۈل ئاچىش كوللىكتىپ پائالىيەتلەرىدە، ئىنستىتۇت ۋە مەكتەپ تەرەپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەدەنىيەت پائالىيەتلەرىدە، زوق-شوق بىلەن ئوقۇلىدىغان بولدى. ئاخىردا، 2007-يىل 5-ئايدا، مەكتەپ تەرەپىدىن  ئۆتكۈزۈلگەن «ماي چەچەكلەرى ناخشا مۇسابىقەسى» (五月的鲜花歌咏比赛) دە، 2004-2005-يىللىق ئۇيغۇر تىلى سىنىپىدىن سەكسەن نەپەر ئوقۇغۇچى ئۇنى ئومۇمىي خور قىلىپ ئوقۇپ، يىگىرمە ئالتە فاكۇلتەت قاتناشقان مۇسابىقەدە، مەكتەپ بويىچە 2-دەرىجەلىك مۇكاپاتقا ئەرىشپ، بىر شەرەپ تارىخى ياراتقان بولدى ئەزىمەتلەر.

ئۇيغۇر ناممۇقام مارشى ئەمەلىي ئىجرائىيەتتە، تەكىست تەبىئىي گۈزەل، ئاھاڭ روھلاندۇرغۇچى مارش ئاھاڭى بولغاچ، ياش ئەۋلادلار بەكرەك ئامراق چىقتى. ئۇزاق ئۆتمەي، بۇ مارش ئانا يۇرتىمىزنىڭ ھەممە جايلارىغا دەگۈدەك تارقالىپ، بولۇپمۇ باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر قۇلاقىمىزغا يەتتى.

ھەتتا، مەملىكەت سىرتىدا ياشاۋاتقان قارىنداشلارنىڭمۇ بۇ ئۇيغۇر ناممۇقام مارشىغا قىزىقىش تۇيغۇسى بىلەن باققانلىقى بىزنى خوشھال قىلماقتا. ياقىندا، تۈركىيەدىكى بىر قۇرئان كۇرسى ئوقۇغۇچىلارى «بىزمۇ ئۇيغۇر ناممۇقام مارشىنى ئوقۇساق» دەپ ئىلتىماس قىلغان ئىكەن، مارشنىڭ لىنتاغا ئالىنغان مۇزىكاسىنى ۋە ئۆز زامانىسىدا، ئۆزەم مەزكۇر مارشنى شاگىرتلارغا ئۆگرەتكەندە ئوقۇغان ئەۋرىشكە كاسەتنىمۇ قوشۇپ، ئەۋەتىپ بەردىم.

ئىشەنىمەنكى، ياش بوغۇنلار باشقا تەكىستلەرنى ئوقۇپ-ئوقۇپ ئۇخلاپ قالاي دەگەنلەرىدە، ئورۇنلارىدىن دەس تۇرۇپ، ئۇيغۇر ناممۇقام مارشىنى ھەيتلىق غۇرۇر ئاۋازلارى بىلەن جاراڭلىق بىر ئوقۇۋەتسە، غەپلەت شەيتانلارى ئۇزاق قاچىپ كەتكۈسىدۇر!

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرس مارشى

تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئىچىدە، تىل – يازىق تارىخى نىسبەتەن ئۇزۇن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئۆزى باسىپ ئۆتكەن ئاشۇ ئۇزاق تارىخىي جەريان بويىچە، ئادەتتە «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» ۋە «ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى» (ياكى «چاغداش ئۇيغۇر تىلى») دەگەن ئۈچ باسقۇچلۇق بۆلەككە بۆلۈنىدۇ. تىلشۇناسلىقنىڭ ئىنچىكە قائىدەلەرى بويىچە ئەيتقاندا، مەزكۇر ئۈچ باسقۇچلۇق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچ تۈرى ئۆز ئالدىغا روشەن ئالاھىدەلىكلەرگە ئىگە. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەگەنىمىز، ئادەتتە، ئۇيغۇر يۇرتى چاغاتاي خانلار ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان 14- ئەسىرنىڭ باشلارىدىن تارتىپ، 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرالارىغىچە بولغان ئارالىقتا ئىشلەتىلگەن ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسەتىدۇ. يازما ئەسەرلەردىن ئۆرنەك ئالىپ ئايتساق، ناسىرىددىن رابغۇزىي  مىلادىيە 1310- يىلى قەلەمگە ئالغان «قىسەسۇل ئەنبىيائى رابغوزىي» (رابغوزىي بايان قىلغان پەيغەمبەرلەر ھەققىدە قىسسەلەر) دىن تارتىپ، 1953- يىلى چاغداش ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەلىپبەسى تۈزۈلۈپ، ئەلان قىلىنغانغا قەدەر ئارالىقتا يازىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممەسى چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدا يازىلغان ئەسەرلەر سانالىدۇ.

تىپىك ئالاھىدەلىك جەھەتتىن ئالىپ ئەيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى فونىتىكا، لىكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردە، ئىزچىل ھالدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا راۋاجلانىش بىلەن بىر چاغدا، قۇرئانى كەرىمنىڭ تىلى بولغان ئەرەب تىلىدىن ۋە ئۇيغۇردىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان قارىنداش پارس مىللەتىنىڭ تىلىدىن نۇرغۇنلاغان سۆز – ئىبارەلەرنى، تۇراقلىق تەركىبلەرنى، فولكلورىستىك ئادەت سۆزلەرى بولغان پۈتۈن-پۈتۈن جۈملەلەرنى ۋە بىرمۇنچە ئىپادەلەش ئۇسۇل-ئۇسلۇبلارىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى بىلەن خاراكتىرلەنىدۇ.(ئالىندى: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماغىزلىق بايان»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2014-يىل، قەشقەر)

«ئەڭ ئەنىق گەپ بىلەن ئەيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەمەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنىڭ تىلى دەمەكتۇر. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى شۇ قەدەر سىھىرلىك ۋە شۇ قەدەر جازىبىدار قىلغان نەرسە ئۇنىڭدىكى گۈزەللىكتە تەڭداشى يوق ئۈچيۈز ئاتمىش ئاھاڭدىن باشقا، ئۇ گۈزەل ئاھاڭلارغا ‹ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز› كەبى ياراشقان، ئۆزىنىڭ پۈتمەس-تۈگەمەس ئۇقۇم كۈچى ئارقالىق، ئۇ گۈزەل ئاھاڭلارنى تەخىمۇ جانلاندۇرغان ۋە جىلۋەلەندۈرگەن بىباھا ئۇيغۇر  تىلىدۇر. » (قاراڭ: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان»   مۇقاۋا، 4-بەت، مىللەتلەر نەشىرىياتى 2004-يىل، بەيجىڭ)

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى خەلقئارادا. «چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتايدۇ. خەلقئارا سەھنەلەردە دەيىلىۋاتقان چاغاتاي تىلى خەلقئارالىق تىل بولۇپ، ئۇنى تارىختا  ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىل مىللەتلەردىن ئوزبەك مىللەتى، قازاق مىللەتى، قىرغىز مىللەتى ۋە ئاناتولىيە يارىم ئارالىدىكى تۈرك مىللەتى قاتارلىقلارمۇ ئىشلەتكەن. ئەمما، ھەرقانچە يوغان دەرەخنىڭمۇ بىر تۈپكى يىلتىزى، ھەر قانچە ئۇزۇن دەريانىڭمۇ بىر باش مەنبەسى بولىدۇ. مەزكۇر خەلقئارالىق چاغاتاي تىلىنىڭ يىلتىزى ۋە كەلىش مەنبەسى ھەققىدە، جاھان تۈركىلوگلارى ئاراسىدا يۈكسەك شۆھرەتكە ئىگە ئالىم شەمسىددىن سامىي ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئىناۋەتلىك ئەسەرى «قامۇسۇل ئەئلام» دا: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتتە ئەڭ ئالغا كەتكەن خەلق بولۇپ، بۇلارنىڭ تىلى تۈركىي خەلقلەر ئاراسىدا ئەدەبىي تىل ئىدى. چاغاتاي خان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر تىلى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ‹چاغاتاي تىلى› دەگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان» دەگەن («قامۇسۇل ئەئلام» نىڭ 3- توم، 1876- بەتىگە قاراڭ). مانا بۇ چاغاتاي تىلىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى، يەئنى قايسى مىللەتنىڭ تىلى ئىكەنلىكى توغراسىدا بەرىلگەن ئەڭ ئەنىق ۋە ئەڭ لىللاھ تەئبىردۇر. دەمەك، چاغاتاي تىلىنىڭ ئەسلىي، ئۇنىڭ قايسى مىللەتنىڭ تىلى ئىكەنلىكى ئەزەلدىن ئەنىق بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلىدۇر!

مەزكۇر چاغاتاي تىلىنى خەلقئارادىكى تۈرك، ئوزبەك قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەر ئۆز تەۋە-تەئەللۇقاتى ئاساسىدا ۋە ئۆز دۆلەتلەرى مۇھىتىدا، «چاغاتاي تۈركچەسى»، «قەدىمقى ئوزبەك تىلى» دەپمۇ ئاتاپ ئىشلىتىدۇكى، بىزنىڭ ئۇنى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتاشىمىزمۇ مانا شۇنداق زۆرۈرىيەتلىك ئايرىمىلىق ۋە خاس مۇھىت ئىئتىبارى بىلەن بولغان ئەمەلىي، ئىلمىي ۋە ئاقىل ئاتاش ھىسابلانىدۇ، ئەلبەتتە.

«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەگەن ئاتالغۇدىكى «چاغاتاي» كەلىمەسىنى «موڭغۇل پادىشاھنىڭ ئىسمى ئىكەن» دەپ يەكلەپ، چىقىرىپ تاشلاش ئاقىللىق بولمايدۇ. چۈنكى، چاغاتاي خانمۇ  خۇددى سۇلتان ئابدۇررەشىد خانغا ئوخشاشلا، ئۇيغۇر تىلىنى دۆلەت تىلى قىلغان، تارىختا ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان تۆھپەكار پادىشاھىمىزدۇر.

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى «ياقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتاش بىلىمسىزلىك بولىدۇ. چۈنكى، تارىخ بىلىمى نۇقتاسىدىن ئەيتقاندا، مىلادىيە ئون تۆرتىنجى ئەسىرنى دۇنيادىكى ھىچقانداق بىر ئىلىم ئەھلى «ياقىنقى زامان» دەمەيدۇ.

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى «ياقىنقى قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتاش تارىخ چەكى جەھەتتە مەۋھۇم، ئۇقۇم جەھەتتە تۇتۇق ۋە تۇتۇرۇقسىز بولۇپ قالىدۇكى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ زامان چەكىنى ئەنىق قىلىشتا، «چاغاتاي» نامىدىنمۇ مۇۋاپىق، مۇناسىپ ۋە ئەۋزەل كەلىمە يوقتۇر.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلارى قوللانىۋاتقان مۇسۇلمانچە كىشى ئىسىملەرىدىن تارتىپ، فولكلورىستىك ئادەت، ئەل جامائەتلىك ئولتۇرۇش-قوپۇش، سالام-سىھھەت سۆزلەرىگىچە بولغان پۈتكۈل ئىسلامىي كەلىمەلەرنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقىلا تولۇق ئىزاھلاپ، دۇرۇس چۈشەندۈرۈپ بەرەلەيدۇ. مۇشۇ ئەھمىيەتتىن ئالىپ ئەيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى بىلىمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل-يازىقى ۋە ئەدەبىياتى، شۇنداقلا پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىسلام ئەدەبىياتى بىلىملەرىنىڭ ئۇل- ئاساسىدۇر.

شۇنداق، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئەمەلىيەتتە، ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› (تۈركىي تىللار دىۋانى) ۋە ‹قۇتادغۇ بىلىك› (بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم) قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر باش بەلگە بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى، ھەلىھەم زوق – شوق بىلەن تەرەننۇم قىلىنىۋاتقان ۋە پۈتمەس – تۈگەمەس مۇھەببەت بىلەن ئوقۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنىڭ تىلى بولغانلىقى، شۇنداقلا ھازىرغىچە ئۆتكەن ئۇيغۇر مەدەنىيەتى تارىخىدا، نىسبەتەن زور سالماقنى تەشكىل قىلىدىغان ئەدەبىي، تارىخىي ۋە ئىسلامىي ئەسەرلەر يازىلغان شاراپەتلىك تىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئىخلاس بىلەن ئۆگرەنىش ۋە بەرىلىپ تەتقىق قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئەمەلىي قىممەت، رىئال ئەھمىيەت ۋە ئىقباللىق زۆرۈرىيەتكە ئىگىدۇر. (قاراڭ: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكاسى»، مۇقاۋا، 4-بەت. مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2007-يىل، بەيجىڭ)

يۇقىرىقى بايانلار 1978-يىلدىن ھېسابلاغاندا، مەن ساق ئوتتۇز ئالتە يىل سۆزلەگەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىدە، يادرولۇق چۈشەنچە قىلىنىپ، تەكرار-تەكرار سۆزلەنگەن مەزمۇن جەۋھەرىدۇر.  2014-يىلى، مەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىلىق سالاھىيەت بىلەن تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلارىغا دەرس سۆزلەگەن ئەڭ ئاخىرقى يىل بولدى. ئەمدى، كەلەر يىلى (2015-يىل) ئارامغا چىقىدىغان بولغانىم ئۈچۈنمكىن، شاگىرتلارىم بىلەن كۆپرەك مۇڭداشىۋالغىم، جىقراق پىكىر ئالماشتۇرىۋالغىم ۋە كەيىنچە ئەسلەمىگە ياراغۇدەك ئىلمىي ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى قىلىۋالغۇم كەلىپلا تۇرغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ يۈردۈم.

شۇ ۋەجدىن، مەزكۇر ئاخىرقى يىلدىكى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دەرسلەرىنى قىيماسلىق ۋە ئىپتىخارلانىش گىرەلەشىپ كەتكەن بىر ھىسسىياتتا، بار ئىقتىدارىمنى ئاياماي سەرپ قىلىپ، ئەستايىدىل سۆزلەدىم؛ بىر ئۆمۈر سۆزلەگەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىدە، ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرۈلىدىغان ماغىزلىق مەزمۇننى شىئىرىي تىل بىلەن ئىپادەلەپ، مەخسۇس بىر دەرس مارشى يازدىم. ئاندىن، ئۇنى ئۆزۈم ئاھاڭغا سالىپ، شاگىرتلارغا ئۆگرەتتىم:

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى

(دەرس مارشى)

*  *  *

خاسىيەتلىك شۇنچە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى،

يورۇيدۇر ئۆگرەنگەنسەرى ئۇيغۇرنىڭ دىلى.

كى ئاڭا ئۇل باسقان مەھمۇد كاشغەرىي مەزمۇت،

بىنا قىلىپ پۈتتۈرگەن ئەلىشىر نەۋائىي.

*  *  *

«چاغاتاي تىلى» دەيدۇر ئۇنى خەلقئارادا،

چاغاتاي خانلار قىلغانلىقتىن  دەۋلەت تىلى.

ئۇندىن بۈيۈك مەدەنىيەت ھالقاسى بولغان،

تارىم بويى، ئورتاسىيا – پۈتكۈل تۈرك ئەلى.

*  *  *

«قىسەسۇل ئەنبىيا»(1) دۇر ئۇنىڭ باش پاسىلى،

«يىللارغا جەۋاب»(2) مۇ ئۇنىڭ ئەسىل ھاسىلى.

قوللانغان ئەجدادلار ساق ئالتە ئەسىرگىچە،

يازىلغان ئۇنىڭ بىلەن ئەسەرلەر نادىرى.

*  *  *

ئاماننىساخان رەتلەگەن ئۇيغۇر مۇقامى ،

ئاھاڭ يارقىن، تەكىست گۈزەل يوقتۇر مىسالى.

ئوقۇدۇق، ئوقۇيمىز ئەبەدۇلئەبەد، چۈنكى-

ئانا تىلىمىزدۇر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى!

نەقرات:

ئانا تىلىمىزدۇر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى،

يورۇيدۇر ئۆگرەنگەنسەرى ئۇيغۇرنىڭ دىلى!

*  *  *

(ئىزاھات: (1) «قىسەسۇل ئەنبىيا»: مىلادىيە 1310-يىلى يازىلغان ناسىرۇددىن رابغوزىينىڭ داڭقلىق ئەسەرى.

(2) «يىللارغا جەۋاب»: 1944-يىلى يازىلغان لوتفۇللاھ مۇتەللىبنىڭ نادىر ئەسەرى.)

ھەئە، تەخى تۈنۈگۈنكى ئىشتەكلا ئەنىق ئەسىمدە، ھەر قاتىملىق دەرس باشلانىش ئالدىدا، مەنمۇ پەيزىم بىلەن قوشۇلۇپ، سىنىپ بويىچە بۇ مارشنى جاراڭلىق ئوقۇيتتۇق-دە، كەيپىيات شۇ ئان كۆتۈرۈلۈپ كەتەتتى. تەئسىراتىمچە، مەزكۇر مارش شاراپەتىدىن ئىككى سائەتلىك دەرسىمىز تولامۇ قىزغىن ۋە جانلىق كەيپىيات ئىچىدە ئۆتەتتى، دەرس چەندىكىدەك ئۆزلەشەتتى.

شۇنداق، مەن 2015-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، شەرەپ بىلەن ئارامغا چىقتىم. مەن سۆيگەن ئۇ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى شۇ ئاندا، ماڭا قول بەرگەن شاگىرتلارىم سۆزلەۋاتىدۇ. قايسىبىر كۈنى، ئىستىراھەت قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتىۋاتسام، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىنىڭ بىر دەرسخاناسىدىن مەزكۇر مارشنىڭ جاراڭلىق ساداسىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ، خوشھاللققا چۆمۈلدۈم. شۇ ئان، ئالدى-ئارقامغا قاراۋەتىپ، مەنمۇ ئۇ مارش ساداسىغا جۆرە بولۇپ، بوشراق ئاۋازدا ئوقۇغاچ، مەنزىلىم تامان مەمنۇن يۈرۈپ كەتتىم…

ئۇيغۇر پۇتبولچىلار مارشى

بۇمۇ 2014-يىلدىكى ياشام مەھسۇلاتلارىمدىن سانالىدۇ.

نەچچە ئون يىللار مابەينىدە، بەيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ستودىنتلار ھەر يىلى 10-ئايدا، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ پۇتبول مەيدانىدا جەم بولۇپ، «ئىكىساق لوڭقاسى پۇتبول مۇسابىقەسى» ئۆتكۈزىدۇ. بۇلتۇرقى (2014-يىل) مۇسابىقەنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار: «مۇئەللىم، ئاڭلاساق سىز كەلەر يىلنىڭ باشىدا ئارامغا چىقىدىكەنسىز. شۇڭا، ئەڭ ئاخىرقى خىزمەت يىلىدىكى مۆھتەرەم ئۇستازىمىز سالاھىيەتىڭىز بىلەن ئالاھىدە مىھمان بولۇپ، مۇسابىقە باشلاش مۇراسىمىمىزغا قاتناشىپ بەرسەڭىز ئىكەن» دەپ ئىلتىماس قىلىشتى. مەمنۇنلۇق بىلەن قوبۇل قىلدىم. مۇراسىمغا قۇرۇق قول قاتناشقۇم كەلمەي، يىللاردىن بۇيان مەزكۇر «ئىكىساق لوڭقاسى» پۇتبول مۇسابىقەسىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياپ-ياشىل توپ مەيدانلارىدا، شوخ تايچاقلاردەك چاپىشىپ يۈرگەن مۇسابىقەچىلار تىلىدىن مۇنۇ مارشنى يازىپ، ئۆزۈم ئاھاڭغا سالىپ، مۇسابىقە باشلاش مۇراسىمىغا تەقدىم قىلىدىم:

ئۇيغۇر پۇتبولچىلار مارشى

خىسلەتلىكتۇر ئاجايىپ پۇتبول دەگەن،

ۋۇجۇد كۈچ ئالىپ ئۇندىن چىنىقار بەدەن.

قىز-ئوغۇل ئەۋلادلار بولغاندا ساغلام،

ئانا يۇرت جانلانىپ، گۈللەنەر ۋەتەن.

نەقرات:

 خىسلەتلىك ئەل ئاجايىب پۇتبول دەگەن،

پۇتبول بىلەن سۇباتلىق ئوغۇل دەگەن!

ھۇررا!

تەنتەربىيە، توپ ئويناش ئەزەلدىنلا،

ئۇيغۇرغا ئەجدادلاردىن ئۇدۇم ئىكەن.

ئىكىساقلىق دىھقانلار پۇتبول تەپىپ،

ئەجنەبىي كوماندىنى يەڭگەن ئىكەن.

نەقرات:

 خىسلەتلىك ئەل ئاجايىب پۇتبول دەگەن،

پۇتبول بىلەن سۇباتلىق ئوغۇل دەگەن!

ھۇررا، ھۇررا!

رىقابەتلىك دۇنيانىڭ ئىنسانىغا،

ھەممەدىن زۆرۈرى ساغلاملىق ئىكەن.

پۇتبول تەپىپ، تەن دۇرۇس ئەۋلاد بولۇپ،

يۈز كەلىمىز زەر نامغا ئۇيغۇر دەگەن!

نەقرات:

خىسلەتلىك ئەل ئاجايىپ پۇتبول دەگەن،

پۇتبول بىلەن سۇباتلىق ئوغلان دەگەن!

ھۇررا! ھۇررا! ھۇررا……………. !

2014-يىل 9-ئۆكتەبىر، بەيجىڭ.

بۇ مارشنى مۇسابىقە باشلاش مۇراسىمىدا، نەۋرەم دەمەتلىك ئوقۇغۇچى-شاگىرتلار بىلەن بىللە ھەمئۈن- ھەمسادا بولۇپ، جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇدۇم. شۇ چاغ ھاياجان ئىلكىدە، ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ ئون سەككىز-يىگىرمە ياشلىق نەۋقىران ۋاقىتلارىمغا قايتقاندەك بولدۇم گويا……

مەزكۇر «ئۇيغۇر پۇتبولچىلار مارشى» مەيدانغا كەلىپلا، بەيجىڭدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر  ئوقۇغۇچىلار ئاراسىدا، بولۇشلۇق ۋە ئاكىتىپ تەئسىر پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرستىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىدە، مەن سۆزلەگەن «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلەرى تەتقىقاتى»، «تۈرك تىلى» ۋە «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى تەتقىقاتى» بولۇپ بەش خىل دەرسىمنى ئاڭلاغان  شاگىرتلارىم مەزكۇر مارشنى ئۆز ئاغىزىم بىلەن ئۆگرەتىپ قويۇشۇمنى قىزغىن تەلەپ قىلىشتى. تەلەپكە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ كەچلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگرەنىش ۋاقىتلارىدىن پايدالانىپ، 2011-يىللىق ئۇيغۇر سىنىپى ئوقۇغۇچىلارىدىن باشلاپ، ھەممەيلەنگە ئايرىم-ئايرىم ئۆگرەتتىم. ئۇلار بۇ مارشنى تولامۇ ياقتۇردى ۋە ئاھاڭلارىنى ھىچ ئوسەي قىلماي شۇنداق چىرايلىق ئۆگرەندى. شۇ چاغدا، ئالدىمدىكى بۇ ئوماق، سۇباتلىق ۋە تىرىشچان شاگىرتلارىمغا ئىچ-ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىققان سەمىمىي تۇيغۇم ۋە تىلەكىم بىلەن مۇنداق دەدىم:

-ئى، ئەۋلادلار! غايەلىك ئىنساننىڭ پۈتكۈل ھاياتى ئەمەلىيەتتە، بىر ئىلمىي بەسلەشمە مۇسابىقەغا ئوخشايدۇكى، ھەر يەردە، ھەر ئىشتا بولساڭلار، بوش كەلمەڭلەر، ھەر بىر يىل باشىدىن «ھۇررا!» بىلەن كىرىپ، يىل بويى تىرىشىپ ئۆگرەنىپ، ئەستايىدىل ئىشلەپ-ئەمگەك قىلىپ، يىل ئاخىرىغا نەتىجەلىك، ھوسۇللۇق ۋە غەلىبەلىك ئۇلاشىڭلار!

 ھۇررا! ئۇيغۇر مارشلارى ئۇيغۇرغا دورا!

※             ※               ※                 ※

مەن قۇرۇق گەپ قىلمادىم، دەگىنىمنى ئۆزەم باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈردۈم-دە، پايداسىنى كۆردۈم. شۇ چاغلاردىن تارتىپ ھازىرغىچە، «ناممۇقام مارشى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مارشى»  ۋە «ئۇيغۇر پۇتبولچىلار مارشى»لارىنى ھەر كۈنى ئەرتەگەندە، تەنتەربىيەلىك چىنىقىش پائالىيەتىمنىڭ مۇھىم تەركىبى قىلىپ، ئاۋازلىق ئوقۇشنى ئادەت قىلدىم. «ناممۇقام مارشى»نى ھەر قاتىم ئوقۇغانىمدا، ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسينىڭ مۇبارەك ئوبرازى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ، مەنى روھلاندۇرىدۇ؛ «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مارشى»نى دەكىلىماتسىيە قىلغانىمدا، ئاز كەم يارىم ئەسىر ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئەلىشىر نەۋائىي تىللەرى بەرپا قىلغان ئۇيغۇر كلاسسىك تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگرەنىش، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانىم پىكرىمدە يادلانىپ، مەنى تەكرار ھاياجانلاندۇرىدۇ؛ «ئۇيغۇر پۇتبولچىلار مارشى»نى تەرەننۇم قىلغانىمدا بولسا، ياش نەۋقىران چاغلارىمغا قايتقاندەك بولۇپ، تومۇرۇمدا غەيرەت-شىجائەت دولقۇنلايدۇ-دە، ئون مىنۇت ئاستا يۈگۈرۈش قىلسام، يۈرەكىم شادىيانە يايراپ كەتىدۇ. Believe it or Not!

2015-يىل 21، -يانۋار، بەيجىڭ.

2021-يىل 13-ماي، سان ديەگو

قوشۇمچە: ناممۇقام مارشى نوتا ئورگىنالى ۋە ئەلان قىلىنغان نۇسخاسى

ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top