You Are Here: Home » Articles posted by مەۋلانە ئۇيغۇر (Page 24)
مەۋلانە ئۇيغۇر

Number of Entries : 197

ھىمىتنىڭ سېيىدىكى جەڭ

ھىمىتنىڭ سېيىدىكى جەڭ ھەبىبۇللا ئابلىمىت 1933 - يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى يەركەن شەھىرى خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا ئۆتتى. شەھەر ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ئازاتلىقىنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىشتى. ئۇزۇندىن بېرى ئۇرۇشنىڭ سورۇقچىلىقىنى چەككەن ئاممىنىڭ يۈزىدە ئىللىق بىر تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. يەركەن سېپىلىنىڭ ئۈستىدە «ياردەم ئاللاھ تەرىپىدىن ۋە غەلىبە پات يېقىندا بولىدۇ» دېگەن ئايەت يېزىلگان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك باي ...

Read more ›

ئىلاخۇن تېۋىپ

ئىلاخۇن تېۋىپ ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئىلاخۇن تېۋىپ بولسا، ئەردەمنىڭ ئۆز يول باشچىسى ھەزرىتىمنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قىلچىمۇ ئويلاپ قويماي، دۈشمەن ئوقىغا كۆكرىكىنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ باھادىرلىقىنى ھەر ئويلىغىنىدا، ئۇنىڭغا ئىچ - ئىچىدىن كۆيۈپ، مېھرىبالىق بىلەن قارايتتى ھەتتا ئۇنى ئۆزىگە مەڭۈلۈك ئوغۇل قىلىۋېلىشنىمۇ ئويلىمىدى دېگىلى بولمايتتى. ئەردەممۇ ئىلاخۇن تېۋىپقا ئۆزىنىڭ ھاياتى ت ...

Read more ›

جازا مەيدانى

جازا مەيدانى ھەبىبۇللا ئابلىمىت مانا ھازىر شەھەرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا قاتار ئون جادۇ قويۇلغان بولۇپ، ھەر بىر جادۇنىڭ يېنىدا قوللىرى ئارقىغا باغلانغا بىردىن كىشى تۇراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قاراقاشلىق بولمىغان كىشىلەرمۇ بار ئىدى. بۇلار ھەممىسى ئۇۋاللىققا ئۈچرىغان ئادەملەر بولۇپ، ئىچىدە پەقەت شۇ قارامەت ۋە تارىبەگنىڭ ئۆچ ئېلىشىغا ئۈچرىغان ئالدالەتنىڭ يولىنى تۇتقان ئۆلىما كىشىلەردىن ئۈچ كىشىمۇ بار ئىدى. تايىربەگنىڭ ...

Read more ›

ئاكا – ئۇكا باھادىرلارنىڭ سابىت داموللامنى كۈتىۋېلىشى

ئاكا - ئۇكا باھادىرلارنىڭ سابىت داموللامنى كۈتىۋېلىشى ھەبىبۇللا ئابلىمىت بۈگۈن ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كەڭ دالا ھېلىلا ئوت كېتىدىغاندەك قىزىپ كەتكەن ئىدى. بارلىق ئۇچار قۇشلار ئىسسىقنىڭ دەستىدىن ئۆزلىرىگە سايە بولىدىغان بىر يەرلەردە مۈگىدەپ يېتىشقان ئىدى. كۆكتىكى قۇياش ئۆزىنىڭ بارلىق ھارارىتىنى بار كۈچى بىلەن مۇشۇ زېمىننىڭ ئۈستىگە چېچىپ، خۇددى بۇ ئادەمسىز دالاغا بىر تال سەرەڭگە يىقىلسا لاپپى ...

Read more ›

ئاشىقنىڭ شېھىدلىرى

ئاشىقنىڭ شېھىدلىرى ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئىككى ئەسكىرى بىلەن سېپىلدىن تۆۋەنگە قاراپ يۈگۈردى ۋە ئارقىدىن ئەمىر ساھىبمۇ ئەسكەلىرى بىلەن بىرگە سېپىلنىڭ ئۈستىدە تۇرماي، يەردە ئۆلۈك ياتقان دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ قوراللىرى بىلەن قوراللنىپ كوچا جىڭىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، سېپىلدىن چۈشۈشكە تەرەدۇت قىلدى. ئەبەيدۇللاھ بولسا ئۆزىنىڭ ئاتلىرىنى باغلاپ قويغان ئېغىلىدىن ئېلىپ، ئۆزلىرى پىششىق بىلىدىغان يول بىلەن يېڭىسار ئىچىدىن بۆسۈ ...

Read more ›

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top