You Are Here: Home » Articles posted by ئاكادېمىيە (Page 494)
ئاكادېمىيە

Number of Entries : 2517

مەن كۆرگەن غېنى باتۇر ۋە ئەخمەتجان قاسىمى

1944- يىلى 11- ئاينىڭ 4- كۈنى ئەتىگەندە «تاڭ-تۇڭ» قىلغان ئوق ئاۋازى غۇلجا خەلقىنى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى. بۇ غېنى باتۇرنىڭ بىر نەچچە ئادىمى بىلەن توپىدەڭ تۈرمىسىدىكى پاتىخنىڭ خوتۇن بالىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا گومىنداڭچىلار بىلەن ئاشكارە توقۇنۇشقان كۈنى ئىدى. ئەتىگەنلىك چېيىمنى ئىچىپلا توپىدەڭگە باردىم. بۇ مەھەللىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەر ئاز ئىدى. مەن بۇ يەردە ياتقان بىر قىرغىز ئايال بىلەن بىر ئاتنىڭ جەس ...

Read more ›

ناتسىتلار قوشۇنىدىكى ئۇيغۇرلار

1939- يىلىدىن 1945- يىلىغىچە داۋاملاشقان 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور، قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، چېتىلغان دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ، چىقىم ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالتە يىل داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشتا ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ ئۇرۇشتا ئۆزلىرىنىڭ مىليونلىغان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرىنى ئاققۇزدى ۋە قۇربان بېرىشى بىلەن بەزىسى مۇشۇ قان ۋە جانلار بەدىلىگە ئۆزلىرىنىڭ ...

Read more ›

قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى يەككە تىللىق مائارىپمۇ؟

ئەركىن سىدىق 2007- يىلى 18- سېنتەبىر ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچتە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىن ئايلاندۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىملا خاتالىقى كۆرۈلمەكتە، يېقىندا تۈزىتىمىز، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز! ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى. 1971-يىلى مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، بىزگە خانزۇ تىلى دەرسى ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ دەرسنىڭ ھەپتىلىك مىقتارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، بىز بىر ھەپتىدە پەقەت 20-25 ئەتىراپىدىكى خانزۇچە ھەرى ...

Read more ›

مارس ئىنسانلارنىڭ يېڭى تۇرالغۇسى بولۇپ قالامدۇ؟

ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى ئۇتۇقلۇق بولغان ئادەمسىز مارس تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئامېرىكىنىڭ ”ماتروس 4- نومۇر“ بولۇپ، ئۇ 1965- يىلى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى مارس بىلەن يىراقلىقى 10 مىڭ كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان جايدا بۇ قىزىل رەڭلىك پلانېتادىن ئۇچۇپ ئۆتتى ۋە مارىستا تارتىلغان سۈرەتلەرنى 21 پارچە سىمسىز تېلېگراف يوللانمىسىغا ئايلاندۇرۇپ، يەر شارىغا يوللاپ بەردى. ئۇ سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشچە مارىستا نۇرغۇن ئايلانما شەكىلدىكى ...

Read more ›

نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پاكىستانلىق دوكتۇر ئابدۇس سالامنىڭ نۇتىقى

Dr. Abdus Salam (دوكتور ئابدۇس سالامنىڭ 1981- يىلى كۇۋەيت ئونۋېرستېتىدا سۆزلىگەن نۇتىقى) مەن بۇ قېتىمقى سۆھبەت يېغىنىدا، تەكلىپكە بىنائەن نۇتۇق سۆزلەش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولغانلىقىمغا ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. ماڭا بېرىلگەن بۇ شان-شەرەپكە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. گەرچە مەن سۆزلەيدىغان مەزمۇنلار مىنىڭ ۋەتىنىمنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەققىدە بولسىمۇ، لېكىن مەن بۇ يەردە ...

Read more ›

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top