You Are Here: Home » Articles posted by ئاكادېمىيە (Page 131)
ئاكادېمىيە

Number of Entries : 2517

ئۇيغۇر تائاملىرى

چۈشەنچە ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ياشاش ئېھتىياجىنى تەمىن ئېتىپ، ھەر قايسى تارىخ ۋە ئېكولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگە ماشلىشىش يۈزىسىدىن خىلمۇ خىل ئېتىلىپ، پەسىل ئۆزگىرىش، كۈندىلىك ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى ۋە مىجەزنى تەڭشەشكە ئۇيغۇنلاشتۇرغان. بىز ھازىر ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۇرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، شەكلىنىڭ خىلمۇ خىللىقى ، ئېتىلىش ھۈنەر سەنئىتىنىڭ ئىنچىكلىگى، سۈپىتى ۋە قۇ ...

Read more ›

ئۇيغۇر چالغۇلىرى

كامانچە ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ ئىپتىدائىي ئۇيغۇر چالغۇسى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا ئىشلەتكەن ئوقياغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان چەكمە چالغۇدۇر. مىلادىيەنىڭ ئالدى - كەينىدە كامانچىنىڭ تارى (يىپى) بىر تالدىن كۆپ تاللىققا كۆپەيتىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش ئارقىلىق <غۇنقا> دەپمۇ ئاتالغان. كامانچە بارلىق چەكمە چالغۇلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ، بۇنىڭدىن بىر قانچە مىڭ يىل ئىلگىرى بارلىق ...

Read more ›

20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى — ئالبېرىت ئېينىشتېين

ئالبېرىت ئېينىشتېين (1879-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى-1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى) گېرمانىيەلىك نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى، پەيلاسۇپ ۋە يازغۇچى. ئۇ دۇنياغا تونۇلغان ۋە تەسىر كۆرسەتكەن ئالىمدۇر. ئۇ "ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئاتىسى" دەپ تەرپلىنىدۇ. 1921-يىلى ئۇ نەزەرىيە فىزىكىسىغا قوشقان تۆھپىسى، بولۇپمۇ فوتو-ئېلىكتېر ئېففىكىتىنى بايقىغانلىغى ئۈچۈن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئېينىشتىيىننىڭ تۇلۇق ئىسمى- ئالبىرىت ...

Read more ›

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى

ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتى ھەققىدە گەپ بولغاندا، مۇقام تەتقىقاتىنىڭ سەركىسى، مۇقام تەتقىقاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقۇچى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئالىمى مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنى ئەسكە ئالىمىز ۋە ئۇنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز. 1980 – يىللىرىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى قۇتقۇزۇش، رەتلەش، ئاۋازغا ئېلىش ئىشلىرىدا مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولساقمۇ، ئەمما مۇقاملارنىڭ تارىخىنى بىلىش، ئەتراپلىق، چوڭقۇر، ئى ...

Read more ›

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر- نەسىر

باش ئەگىم (نەسىر) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەجەبمۇ ياراشقان بۇ ئىسمىڭ ساڭا، زاتىغا قاراپ ئېتى بولۇر دېگەندەك، زۆھرەنىڭ ئىشىكىدىن كۈندە مىڭ ئەگىپ ئۆتكەن تاھىر كەبى ھەر دوقمۇشتا يۈز قېتىم ئەگىپ ئاقىسەن، خۇددى كىمنىڭدۇر ئارقىسىدىن يەتمەك بولۇپ قوغلاشقاندەك تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ شىددەت بىلەن چاپىسەن.... نېمە بۇنچىۋالا تەشۋىشتە قالدىڭ؟؟ بىر قاراپلا بىلدىم، چېھرىڭدە چوڭقۇر بىر قايغۇنىڭ، ئاچچىق بىر ئەلەمنىڭ ئىزى بار، خۇدد ...

Read more ›

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top