ئاكادېمىيەنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرى ھەققىدە
تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە ئەزا بولۇپ قوللاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار، ئاكادېمىيە ئەزا ۋە ۋەكىللىرىنىڭ بەدەل پۇلى بىلەن، 2018-يىلى 7-فېۋرالدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسىغا بىر نەپەر ئۇيغۇر كاتىب قوبۇل قىلىندى. نەتىجىدە، ئاكادېمىيەدە 3-4 يىلدىن بۇيان ئىشخانا بار، ئەمما ئىشلەيدىغان خىزمەتچى بولماسلىقىدەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلدى.
ئاكادېمىيە ئىشخانىسى ھەپتە ئىچى ئەتىگەن سائەت 9:30 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 غىچە دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە 5 كۈن ئوچۇق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ھەپتە ئاخىرىدا دەرس ياكى پائالىيەت بولغاندا ئاكادېمىيە ئىشخانىسى ئوچۇق بولىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋالدىن سىرىت ھەپتە ئاخىرى ئىش بىجىرىلمەيدۇ.
ئاكادېمىيە كاتىبى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە خالىسانە خىزمەت قىلىدۇ:
1) يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈركچە كۇرسى ئېچىش
2) يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا تۈركىيەنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرى ۋە تۈرك ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ۋە لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش
3) يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەر ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، مەكتەپلەرگە كىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش
4) يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت راندېۋۇسى (ئىقامەت ئۈچۈن ماتېرىيال تاپشۇرۇش ۋاقتى) ئېلىپ بېرىش
5) يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن باھادىكى ئىشەنچلىك سالامەتلىك سوغۇرتىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش
6) ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باللىرى ئۈچۈن ئانا تىل ۋە ئىنگىلىزچە كۇرسى ئېچىش
7) ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشى ئۈچۈن ئىنگلىزچە ۋە ALES كۇرسى ئېچىش
8) كەلگۈسىدە تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇن – تۈزۈملەر ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش
9) ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزى بويىچە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش
10) ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاكادېمىيە لىكسىيەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش
ئىستانبۇلدىكى كونا – يېڭى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكادېمىيە خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇش ۋە تۇرمۇشلىرىدىكى قېيىنچىلىقلارنى يېڭىۋېلىشى ئۈچۈن بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
قوشۇمچە: ئاكادېمىيەنىڭ بۇرۇندىن قىلىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق پائالىيەتلىرى
1) ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى
2) ئۇيغۇر ئانا تىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى
3) ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى
4) ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى
5) ئاكادېمىيە تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى
6) ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشىگە ياردەم قىلىش خىزمىتى
7) ئاكادېمىيە تورى ۋە تور كۈتۈپخانىسى خىزمىتى
8) ئاكادېمىيە لىكسىيەلىرى
9) ئاكادېمىيە ئىلمىي سۆھبەتلىرى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىستانبۇل چاپادىكى ئىشخانىسى
Uyghur Academy Office in Istanbul
Uyghur Academy ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
ئادرىس Address: İzzettin Çalışlar Caddesi. No: 55, Kat: 2, Ofis No: 5, Posta Kodu: 34180, Bahçelievler, İstanbul / Türkiye
ئاكادېمىيە ئىشخانىسى ئىنجىرلى مەتروبۇس بىكىتى بىلەن باكىركۆي مەترو بېكىتىگە يېقىندۇر
تېلىفۇن Phone:
0090-2125897667
يانغۇن Mobile Phone:
0090-5306677851
ئېلخەت E-mail:
uyghurakademy@gmail.com
تور بەت Web: www.akademiye.org
Web-2: uyghuracademy.org تور بەت
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى Uyghur Academy, USA
دوكتور ئەركىن ئابلېز Dr. Erkin Abliz
يانغۇن Mobile Phone: 001-5712747266
ئېلخەت E-mail: uyghuracademy.america@gmail.com
تور بەت Web Site: http://uyghuracademy.org/usa/
ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى Uyghur Academy, Europe
دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت Dr. Abduxukur Abdurixit
يانغۇن Mobile Phone: 0041-794497325
ئېلخەت E-mail: europe@uyghuracademy.org
تور بەت Web Site: http://uyghuracademy.org/europe/
سەھىپىسى Facebook ئاكادېمىيە
قانىلى Youtube ئاكادېمىيە
Uyghur Academy Youtube Channel
ئاكادېمىيە ئىشخانىسىنىڭ گۇگۇل خەرىتىسىدىكى ئورنى
(ئاكادېمىيە ئىشخانىسى ئىنجىرلى مەتروبۇس بىكىتى ياكى باكىركۆي مەترو بېكىتىگە يېقىندۇر.)