قايتىش ھىكايىتى

ئاپتۇرى: سەرۋى
*
مەھكۇملۇقنى بىلمەپتىمەن، بۇنداق بولار دىمەپتىمەن،
دۈشمىنىمنى تونۇپ باشتا، چارە – تەدبىر ئالماپتىمەن.
*
ئازراق قولۇم كۆرسە پۇلۇم، رېستۇراندا ئويناپتىمەن،
مىللەت ھالى نەدىن – نەگە، زەررە خىيال قىلماپتىمەن.
*
قېتىۋېلىپ بۇرۇلكامدا ئاۋامغا كۆز سالماپتىمەن،
ئۇلار تاتقان دەرد-ئەلەملەر ماڭا كېلەر دىمەپتىمەن.
*
نامايىشقا چىقسا ياشلار «ئۇلار ئەخمەق-دۆت!» – دەپتىمەن،
ئۆيۈمدە جىم، ئىشتا لام-مىم، موللام مۈشۈك يۈرۈپتىمەن.
*
غورۇر پايخان بولسا گاھى، تىزلا ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن،
ئىتتەك قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ، خائىنلارچە ياشاپتىمەن.
*
قىز-ئوغلۇمغا مىللەت-نومۇس تەربىيەسى قىلماپتىمەن،
ئۇلارنى بەك چاڭلاشتۇرۇپ، ياتلاشتۇرۇپ چوڭ قىپتىمەن.
*
يېرىم خىتاي بولسا ئەۋلاد، ئۆزۈم بولسام ئىشتا ئاكتىپ،
تۈرمە مەندىن مەڭگۈ يىراق، چۆچۈرەم خام ساناپتىمەن.
*
ئورنۇم كېرەك بەلكى خىتاي ئاققۇن نوپۇس كەلگۈندىگە،
بىلىپ-بىلمەي قالپاق كىيىپ، «قوش يۈز كادىر» بوپ قاپتىمەن.
*
لەكمىڭ ئۇيغۇر بىلەن بۇندا «تەربىيەلەش مەركىزى» دە
قىستىلىشپ يېتىپ قاتتىق مومىلارنى يەپ قاپتىمەن.
*
ئەقلىم لال بوپ مەن ھاڭقىيىپ خىيال سۈرۈپ قېتىپ قالسام،
«قارايسۇنغۇ؟» – دەپ تەپكەندە «ئاللا خۇدا!» – دەپ قاپتىمەن.
*
زەئىپ بەدەن، يۈزى سېرىق ئوغلانلارنىڭ ھالىن كۆرۈپ،
«يا رەب!» – دەپمەن، ياقا يىرتىپ نالە – پەرياد ئەيلەپتىمەن.
*
شۇ بىگۇناھ ئۇيغۇرۇمنىڭ كۆزىن ئوچۇق كەتكەن كۆرۈپ،
ئۆز جېنىمدىن ۋاھىم چېكىپ، غال-غال تىترەپ كېتىپتىمەن.
*
تامغا قىستاپ زوڭزايغانچە ئولتۇرغاندا ھەر بىر كۈنى،
ئاچچىق كۈلۈپ، «چۈشۈممۇ؟» – دەپ يۈزلىرىمنى چىمداىپتىمەن.
*
يادلىيالماي خىتايچىدا شۇ نەسباسقۇر ماتىرىيالنى،
باشقا مۇش يەپ، يورۇق كۈندە «يۇلتۇز كۆرۈپ» يېتىپتىمەن.
*
شۇ چاغ ئاندىن «خىتاي ئۇ كىم، ئۇيغۇر كىمۇ؟» بايقاپتىمەن،
بىر ئۆمۈر بۇ ھاياتىمنى بىكارغىلا ياشاپتىمەن.
*
قوساق راۋاپ چېلىپ تۈندە داق كارۋاتتا ياتقاندا،
چۇسا، بۈرگە، پىتلار بىلەن كەسكىن جەڭنى باشلاپتىمەن.
*
يەھۇدىنى سولاپ تىرىك كۆيدۈرگەندەك ناتسېسلار،
«ھەممىمىزنى قىرارمۇ؟» – دەپ ئۇيقۇ بىدار بولۇپتىمەن.
*
يوق سەۋەپتىن نەۋرەم ياشلىق خىتايدىن مەن كالتەك يەپ،
جاۋغايدىن قان سىرغىغاندا، خورلۇق ئىچرە ئىڭراپتىمەن.
*
يېنىمدىكى ئەركەك يىگىت ئۆزىن ئېتىپ ھۇجۇم توسۇپ،
قوغدىغاندا قېرى جېنىم، غورۇردا مەن كۈلۈپتىمەن.
*
شۇ مەرت يىگىت تەۋسىيەسى بىرلە تەيۇممۇم قىلىپ،
«زوڭ ئولتۇر،قات!» – دىگەن ۋاقتا، دىلدا ناماز قىلپتىمەن.
*
«گۇناھكارمەن، غەمگۈزارىم، ئەي جانابى ئۇلۇغ ئاللا،
مەن ئۆلسەممۇ ئامان قالسۇن شۇ مەرت يىگىت!» – دەپ ساپتىمەن.
*
شۇ يىگىتتىن ئوغۇزخاندىن، بۇغراخاندىن، قاراخاندىن،
خەۋەر تىپىپ تارىخىمدىن، بىلىملىكمۇ بوپ قاپتىمەن.
*
«تەۋھىد-ئىمان دىگەن نېمە، نىچۈن ئىنسان يارالغاندۇر؟»
مەرد ئوغلاندىن تەلىم ئېلىپ ئىمانغا مەن كەپقاپتىمەن.
*
توۋا دەيمەن كۇچا سوپۇن كەبى بىر تال موما بىلەن،
دۇمبا-پەشۋا يەپ ھەر كۈنى ئالتە ئايغا «خوش» – دەپتىمەن.
*
مەرت يىگىتنىڭ بارماقچىلىك ئەينىگىگە باققىنىمدا،
«ئورا كۆزلۈك، تىكەن يۈزلۈك بۇ جىن كىمۇ؟» دەپ ساپتىمەن.
*
مەرت يىگىتنى سوتلاش ئۈچۈن يالاپ ئېلىپ ماڭغىنىدا،
«ئەلۋىدا!» – دەپ خىتاپ قىلسا ئوتتا قىلدەك كۆيۈپتىمەن.
*
«جىگەر-پارەم، ئەركەك ئوغلان سەن نەدە؟» – دەپ خىتاپ قىلىپ،
مەرت يىگىتچۈن، تارام-تارام يىغلاپ ئېقىپ كېتىپتىمەن،
*
يارالمىشنىڭ قىسمەتلىرى ئاجايىپتۇر بەكمۇ سىرلىق،
«تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئادىمىلىك تېپىپتىمەن.
*
يېڭى كىرگەن بىر مەھبۇستىن ئائىلەمدىن خەۋەر ئاڭلاپ،
بۇ دۇنيادىن ئۈمىد ئۈزۈپ تىرىڭڭىدە ئۇچۇپتىمەن.
*
«تۈركىيەگە سەن چىقتىڭ!» – دەپ ئون يىل كېسىپتۇ ئوغلۇمنى،
«بۇ خەۋەردە جانىم چىقار، ئەمدى ئۆلدۈم!» – دەپ قاپتىمەن.
*
كۆزۈم ئېچىپ قۇرۇت باسقان شۇ لەنىتى كارۋىتىمدا،
خىتايغا مەن قەلىب قېتىمدا لەنەت ئوتى ئېچىپتىمەن.
*
ھەقىقەتكە مەن قايىتقاچ بۇ «مەركەز» دە كۆزۈم ئېچىپ،
ساپ تەپەككۇر دېڭىزىدا غۇلاچ تاشلاپ ئۈزۈپتىمەن.
*
ھەر نەپەستە مەن ئاللاھتىن مۇڭ – زار بىرلە نالە قىلىپ،
پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىم ئۈچۈن ئاسانچىلىق تېلەپتىمەن.
*
«ئۈگىنىش» تە تۆت ئەتراپنى خىتاي قوراللىق چارلىسا،
«ئۇشبۇ قورال مېنىڭ بولسا!» – دەپمۇ ئويلاپ كېتىپتىمەن.
*
مەركەزدىكى سوئال-سوراق، مۇش-تېپىكتە بەدەن يارا،
ئەركەكلەرگە قاراپ مۇڭغا چىلىشپلا كېتىپتىمەن.
*
يىگىرمە ياشلىق ئۇشبۇ ئوغلۇم سۈرمەي ھايات باھارىنى،
«چىقارمۇ يا، مەڭگۈ يوقار؟» – دەپ ۋايىم يەپ ئۆكسۈپتىمەن.
*
«خوتۇن – قىزىم نە بولغاندۇر؟ دەرد ئەلەمدە پۈكۈلگەندۇر،
يۈرەك – باغرى سۆكۈلگەندۇر!» – دەپ نالىلەر ئەيلەپتىمەن.
*
«ئەركەكلىگىڭ قېنى سېنىڭ، خوتۇن-پەرزەنت قوغدىيالمىساڭ؟
سېنى بۇندا تۇپراق يۈتسۇن!» – دەپ ئۆزەمگە تىل ساپتىمەن.
*
موما-سۇنى قىسقان ۋاقتا «ماسلاشماس» شۇ ئوغۇلچاقتىن،
«ئەكەل سۇنى، بەر مومىنى!» – دەپ خىتايغا ئېسىلىپتىمەن.
*
بەدىلىگە بۇ غەۋغانىڭ، شۇم خىتاينىڭ تاپىنىدا،
سۆڭەكلىرىم چۇل-چۇل تالقان ، تېنىم خېمىر بوزلاپتىمەن.
*
ئۇشبۇ گۆدەكنى «بولدى!» – دەپ تارتقۇچلىسا بارچە مەھبۇس،
«ۋاي تاغا!» – دەپ ئۆزىن ئاتسا مەن بەختكە چۆمۈپتىمەن.
*
قەيسەر ئوغلانغا قاراپ تېڭىرقىسا مەشئۇم خىتاي،
«كۆردۈڭمۇ؟» – دەپ كۆز- كۆز قىلىپ نەپرەتنى خەنجەر ئەيلەپتىمەن.
*
«سەن فاشىستسەن ئەي شۇم خىتاي، قانلىق قەرز بوينۇڭدادۇر،
ئۇيغۇرۇمنى يېڭەلمەيسەن!» – دەپ كۆزۈمدە سۆزلەپتىمەن.
*
روھىم ساپلىق، غورۇر ئىچرە يارقىنلىقتا جۇلا چېچىپ،
تەۋھىد ئىچرە بۇ دۇنيادىن ئارمان بىلەن كېتىپتىمەن!
*
2018-يىلى، 16- يانىۋار، ئامېرىكا