نوزۇكمەن بۈگۈن
*
نوزۇك كەبى ياتتىم تۈرمىدە،
بوزلار يۈرەك پىغانلار ئىچرە،
تائام – سۇنىڭ غېىمىگە پاتتىم،
قول – پۇتلىرىم زەنجىر – كىشەندە.
*
نوزۇك چۈشتى بۈگۈن ئېسىمگە،
زىندان ئىچرە بولغاندا مەھبۇس.
ئىزتىراپتا قىلارمەن خىتاپ،
گۈلۈم سۇلدى، ھەيھات بەك ئەپسۇس.
*
ۋۇجۇدۇمدا مۇشۇ كامىردا،
بۈگۈن نوزۇك قايتا تېرىلار.
گەر بولمىسا نىچۈن يۈرەكتە،
غەليان قىلار ئىزگۈ قوشاقلار؟
*
ئۈرۈمچىنىڭ كېچە ئاسمىنى،
ئاي كۆرۈنمەس باسقاچ ئس -تۈتەك،
خىتاي تۈرمەڭ ئەينى بىر دوزاخ،
ئەجىلىمدىن بېرىدۇ دېرەك.
*
شۇنچە قانلىق جەڭلەر بىلەنمۇ،
ئازاد ئەمەس مەھكۇم ۋەتىنىم،
نوزۇك كېتىپ ئەسىر ئۆتكەندە،
نوزۇك كەبى زىنداندا ياتتىم.
*
نوزۇك كەبى زىنداندا ياتسام،
ئىزدەيدىغان باقى يارىم يوق،
ئاتا-ئانام ساقمۇ – ئەمەسمۇ،
بىلەي دىسەم ھىچ ئىمكانىم يوق.
*
مېنى سوراق ئەتكەن ساقچىلار،
ئادەم ئەمەس ئەينى يىرتقۇچ،
قول پۇتتىكى كويزا – كىشەنلەر،
غىجىپ بەدەن بولدى جان ئالغۇچ.
*
سوراق قىلدى، تاياققا ئالدى،
توروسقىمۇ ھەم تەتۈر ئاستى،
مەن بىگۇناھ ئاجىز بەندىنى،
«ئىقرار قىل» – دەپ كاچاتلاپ باقتى.
*
ئىقرار قىلاي زادى نېمىنى؟
بىلمىسەم مەن زەررە گۇناھىم.
ئالدىمدىكى شۇمپەن ساقچىچۈن،
قاراقىمىغا يىغاي نەپرىتىم.
*
گۈزەل ئارزۇ- ئستەك ھەممىسى،
توزۇپ كەتتى مۇشۇ كامىردا.
ئۈمۈت ئۆلدى يۈرەكتە قېتىپ،
كۆللەپ كەتكەن پولدا ياتقاندا.
*
ئېيىتتى ماڭا شۇ شۇمپەن ساقچى،
دوستۇم مېنى پاش قىلغان ئىمىش.
بىزنىڭ ئۆيدە ياتقان ۋاقتىدا،
«تەبلىغ ئاڭلاپ» زەھەرلىنىپتىمىش.
*
مۇساپىر دەپ بېشىڭنى سىلاپ،
تائام بېرىپ ياتقۇزغان ئۈچۈن،
دوستۇم دېسەم دۈشمەن بولۇپسەن،
تۈرمىدە خار مەھبۇسمەن بۈگۈن.
*
ئەي مەلئۇن دوست «تۇۋاق ئاچ» دىسە،
نىچۈن مېنى ئېسىڭگە ئالدىڭ،
ئۆز جېنىڭنى قورۇش غېمىدە،
نىچۈن بىراۋ ئەركىنى ساتتىڭ.
*
مەن بىر ئەمەس سەن «تۇۋاق ئېچىپ»،
ئىككى جاننى خىتايغا ساتتىڭ،
قىيامەتتە يۈزلىرىڭ قارا،
خائىن بولۇپ گۇناھقا پاتتىڭ.
*
ئەي شۇم خىتاي ياش ئوغۇل-قىزنى،
سەن بىگۈناھ ئەزدىڭ – يەنجىدىڭ.
مەزلۇم مىللەت ئاھى تۇتقاندا،
كۇمپەيكۇمدۇر تەختىڭ ھەم بەختىڭ.
*
مۇستەملىكە تۇپراقنىڭ قىزى،
ھاياتى ھەم ئەركى ئۈمىتسىز،
نوزۇك كەبى كېتەر دۇنيادىن،
توزار گۈلى غۇنچە – پورەكسىز.
*
2018 – يىلى، 1 – يانىۋار، ئامېرىكا
