گۈل قەسىدىسى
ئاپتۇرى: سەرۋى
*
كۈز قەسىدىسى
*
گۈل توزۇپ ياپراق تۆكۈلدى، بەردى كۈزدىن نىشانە
كېپىنەكلەر كەتتى قايان، بولماس گۈلگە مەستانە.
*
ئاڭلانمايدۇ گۈلشەن ئارا شوخ بۇلبۇلنىڭ ناۋاسى،
گۈل شاخىنىڭ چۈشلىردە ئۇشبۇ بۇلبۇل ساداسى.
*
گۈل بەرگىلىرى توزۇپ تۈگەل ئۇچتى بۇلبۇل يىراقلارغا،
شۇ مىسكىن گۈل شۇندىن بېرى سېغىنىشقا مۇپتىلا.
*
گۈل بىلىدۇ، يشىل لىباس، شاھانە گۈل پورىكى،
كەچكۈز ئىچرە بولدى خازان بۇ قىسمەتنىڭ يازمىشى.
*
تەرك ئەتتى بۇلبۇل يارى ئەزىز ماكان گۈلشەنىنى،
چۈنكى بۇلبۇل كۈتمەس بۇندا كەچكۈز ئىچرە ئەجىلىنى.
*
«سەبىر- تاقەت بىرلە كۈتكىن ئىزغىرىن جۇت -سوغۇقلاردا،
خاسىيەتلىك بىر كۈن كەلسە مەن بولارمەن سەنچۈن پەيدا.
*
گۈل ۋە بۇلبۇل مۇھەببىتى تامام ئىقلىم ئىچرە داستان،
شۇ مۇھەببەت كۈچى بىرلە بولغىن ئامان گۈزەل جانان.»
*
– دەپ ئەشۇنداق شوخ بۇلبۇلى ئەڭ ئاخىرقى ناۋاسدا،
ئويغان ئۈمت سىماسنى گۈلنىڭ يۈرەك قېتىدا.
*
گۈل ياپراقسىز، گۈل پورەكسىز، خازان گۈلشەن ئىچرە تەنھا،
نىگار قايدا خەۋەر يوقتۇر يۈرەك ئىزگۈ قىلار نىدا:
*
«شامال ئىگەر بولدى قەددىم، قىسمەت شۇ دەم كەچكۈز بولدى،
ئىمكان يوقتۇر قاچماقلىققا بەردەم بولماق تاللاش بولدى.»
*
«ھايات بولسام بۇلبۇل كېلەر، قوشارمىز باش بىر كۈن ھامان.»
– دەپ جەسۇر گۈل كەچ – كۈز ئىچرە باقار بولدى ئۈمىت تامان.
*
قىش قەسىدىسى
*
گۈل شاخىنىڭ يەلكىسىدە ئاق- مامۇقلار جىلۋىسى،
غولدىن ئۆتكەن قاتتىق سوغۇق ئىزغىرىن قىش بەلگىسى.
*
گۈلشەن ئارا ھۇۋلار شامال ئۈششۈتۈپ گۈل شاخلىرىنى،
ئۈششۈگەن گۈل خىيالىدا ئاڭلار بۇلبۇل ناۋاسنى.
*
«ئۇنۇتمىغىن ئەي بۇلبۇلۇم كېتەر بولسام ئۇ دۇنياغا،»
نىدا قىلدى گۈل ئاجىزە دىلدىن سۆيگەن نىگارىغا:
*
«نىچۈن كەتتىڭ سەۋەبىنى بىلەرمەن يار پىغان چەكمە ،
ياراتقۇچۇم پۈتكەن قىسمەت بۇنى ھەرگىز سوراق ئەتمە.
*
ئىزغىرىن قىش! بەك ئۈششۈدۈم بولاي ئەمدە ساڭا تەسلىم،
ئازاپ ئىچرە مەن ئاجىزە يار ۋەسلىنى تەرك ئەتتىم!»
*
گۈل بەرداشى تۈگەرمۇ ئاھ، ماماتلىقنىڭ چاڭگىلىدا،
يايرىماسمۇ يەنە بىر رەت شوخ بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىدا!
*
گۈل خىيالەن سادا كەلدى چىن – ۋاپادار بۇلبۇلىدىن،-
«ئاق قار ئىچرە بەردەم بولغىن، ئەجەل تامان يول ئالمىغىن!»
*
غايىۋانە بۇ سادادىن گۈلگە ئاتا يۈكسەك غەيرەت،
ئەجەل بىرلە ئېلشماقچۈن تەمشەلدى گۈل كەسكىن بىر رەت.
*
ئۇششۈگەن گۈل پەرياد ئىچرە ياشاش ئۈچۈن بەلباغلىدى،
بۇنى سەزگەن جان يىلتىزى ئانا يەرگە چىڭ شۇڭغۇدى.
*
گۈل ھاياتى داۋام ئېتەر ئاق لىباسلىق يەر ئاستىدا،
بۇلبۇل كېلەر ھامان بىر كۈن سايراش ئۈچۈن گۈل شاخىدا.
*
باھار قەسىدىسى
*
گۈل شاخىنى سۆيۈپ قوياش چاچتى نۇرلۇق زەرىنى،
گۈل بىلىدۇ ئىللىق قوياش باش باھارنىڭ ئەلچىسى.
*
مەيىن شامال سىپاپ ئۆتەر قاقشال ئاجىز گۈل شاخىنى،
گۈل سېزىدۇ ۋۇجۇدىدا ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى.
*
سىم-سىم يامغۇر سۇغۇرۇپ يەر قاندۇردى گۈل تەشناسنى،
يىلتىزىدا ئوخچار ھايات غولىدا بىخ – بوغۇنى.
*
گۈل شاخىدا بىخ ۋە نوتا ھاياتلىقنىڭ ئەلچىسى،
گۈزەل قىسمەت بىرلە كۈتكەي شوخ بۇلبۇلنىڭ كۈيلىرنى.
*
يېشىل ياپراق ئوينار ئۇسۇل ئۇياتچان گۈل قەددىدە،
گۈلشەن ئارا گۈل بەك مەغرۇر قىلىپ خوشال تەنتەنە.
*
نىچۈن بۇلبۇل ناۋا قىلماس ۋىسال ئىزدەپ گۈل شاخىدا،
تۇرسا ئۇندا گۈلى نازۇك ئستەپ بولماق مۇلاقاتتا.
*
باھار پەيزى، يار تەشۋىشى ئەسىر قلدى گۈل قەلبىنى،
شىرىن – سىرلق سېغىنىشتا تېلەر ۋىسال پەيتىنى.
*
«ياراتقۇچۇم بەخىش ئېتەر، ھامان بىر كۈن يارىم كېلەر!»
-دەپ گۈل بۇندا ئۈمىد ئىچرە بۇلبۇل ئۇچۈن زىكرى ئېتەر.
*
ياز قەسىدىسى
*
بۇلبۇل ئۈچۈن غۇنچە تۈگدى ساداقەتتە گۈل قەتئى،
بىھىش ھىدلىق گۈل غۇنچىسى ياز پەسلىنىڭ ئەلچىسى.
*
بەرق ئۇرۇپ گۈل ئېچىلدى بۇلبۇل ئۈچۈن پەخىر ئىچرە،
بۇلبۇل مەگەر باقار بولسا بولار مەستۇ – مەستانە.
*
ھەر بىر بەرگى جۇلاسىدا گۈزەللىكنىڭ شاھىن شاھى،
قۇچاغىدا گۈل شاخىنىڭ سېغىنىشنىڭ ئەۋجىسى.
*
تاڭ ساباسى ئېلىپ كەتتى يىراقلارغا گۈل ھىدىنى،
بېرىپ بەلگە شوخ بۇلبۇلغا گۈزەل يارنىڭ گۈلشەنىنى.
*
شۇ دەم گۈلنىڭ ۋۇجۇدىدا زاھىربولدى سىرلىق تۇيغۇ،
ۋىسال پەيتى بەلكى يېقىن شۇنىڭ بەلگە-ئەسرارى بۇ.
*
گۈلشەن ئارا قانات قېقىپ شوخ بۇلبۇلى بولدى پەيدا،
ئاداشماستىن سۆيگۈ بىرلە قارار ئالدى گۈل شاخىدا.
*
قۇچاغىدا گۈل شاخىنىڭ شوخ بۇلبۇلنىڭ پەرۋازى،
مۇھەببەتلىك ۋىسال پەيتى شۇ دەم گۈلنىڭ قىسمىتى.
*
ئاھ! گۈل كەلدى ۋىسال پەيتى ئۇچقىن سۆيگۈ پەرۋازىدا،
كۈيلەر بۇلبۇل بىر سەن ئۈچۈن ۋاپادارلىق ناۋاسىدا.
*
كۈز قايغۇسى قىش دەھشىتى يېڭىلگەندۇر بەرداشىڭدا،
بىلگىن شۇچۈن گۈزەل نىگار بۈگۈن ئىرۇر قۇچاغىڭدا.
*
بۇلبۇلۇڭنىڭ جانى تەسەددۇق سۆيگۈسىگە سەن نائىل،
شىجائىتىڭ – غەيرىتىڭگە گۈلشەن ئارا بارچە قايىل.
*
قسمەت پۈتتى ئايرىلىشنى تىز پۈكمىدىڭ سوغۇقلارغا،
باتۇرلۇغۇڭ ئۇلاشتۇردى چىن – ۋاپادار بۇلبۇلۇڭغا.
*
بۇلبۇل ئۈچۈن گۈل قۇچاغى ئىرۇر گوياكى زەرباب تەخت،
گۈلى زىبا مەھبۇب ئۈچۈن ناۋا ئەتمەك شىرىن بەخىت.
*
پورەك -پورەك بەرقى نازۇك گۈل شېخىدا ناز قىلۇر،
گۈل قەددى مىڭ تەۋەززۇدا بۇلبۇل كۈيىگە جۆر ئىرۇر.
*
گۈلشەن ئارا جىلۋە قىلار گۈل ۋە بۇلبۇل سۆيگۈسى،
«ياراتقۇچۇم شۈكرى!» – دەپ گۈ ل سۈرەر سۆيگۈ ئەۋجىسى.
*
خاتىمە
*
گۈل قىسسىسى ئورۇن ئالدى سەرۋى قەلبى تۆرىدە،
گۈلگە ئوخشاش بەردەم بولماق، زاھىر بولدى قەدىمىدە.
*
سەرۋى گۈزەل ۋەتىنىچۈن ئۈمت بىلەن كۆرىشەر،
مەيلى گاھى بۇ كۆرەشتە ئەفغان چېكىپ قان يۈتەر.
*
سەرۋى بىلۇر رەببى ئادىل، شۇنداق بىر كۈن ھامان كېلەر،
تۈركىستانى شەرقىي ئېلى «ئەرك» ئىچرە قەھ -قەھ ئېتەر.
*
2017-يىلى، 10-دىكابىر، ئامېرىكا