ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 3-قېتىملىق دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 23- دېكابىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى
بىر مىللەت ئۈچۈن ئىلىم – مەرىپەت دوستتۇر، نادانلىق ۋە جاھالەت دۈشمەندۇر.
مانا بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەن ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 2009 – 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى قۇرۇلغان خەلقئار ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر دوكتۇر ۋە ماگېستر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۆز – ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىغا شارائىت مەقسىتدە، 2012 – يىلى 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:30 دا تۈركىيدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن دېنىز فەنەرى جەمىئىيتىنىڭ زەيتىنبۇرنى رايۇنىغا جايلاشقان يىغىن زالىدا، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر دوكتۇر ۋە ماگېستر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.
مۇھاكىمە يىغىنى ئالدى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت شېئىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، قۇرئان تىلاۋىتى قىلىندى. ئاندىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى يۈرەك كېسەللىكلەر مۇتەخىسىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ ئاكادېمىيىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى، نىشانى، ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئاكادېمىيگە باھا بەرگەندە، قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە قاراپ باھا بېرىلسە، ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
خەلقىم ئۈچۈن ئىلىم – پەن، تەرەققىيات ئىزدىدىم،
نىيىتىم ساپ، دىلىم ئاق، ئۆتكۈزمىدىم جىنايەت.
كىشەن قىستى سېنى تەۋپىق قىلما زەررىچە پەرياد،
پىدا قىل جاننى سەن ئەمدى، بېشىڭغا كەلدى بۇ ئەرسات.
گەرچە بىز بىلەن بىرگە بولالمىسىمۇ، ھەردائىم تەبرىك خېتى بىلەن قەلبىنىڭ ھەردائىم بىز بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق بىزگە ئىلھام بېرىۋاتقان، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتى تەتقىقاتچىسى دوختور مەمەتئىمىن ۋە ياپۇنىيدىكى كومپىيوتىر تەتقىقاتچىسى غەيرەت كەنجى ئەپەندىنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى باشلاندى.
ئۆتمۈشىنى بىلمىگەن بىر مىللەت كەلگۈسىنى يارىتالمايدۇ. تارىخ بەزىلەر ئۈچۈن ئۆتمۈشتە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەردىن دېرەك بەرسە، بەزىلەر ئۈچۈن ئۇنتۇلماس ئاچچىق ساۋاق، كەلگۈسىگە نۇر تۇتىدىغان مەشئەلدۇر. مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى قىسمىدا، بىرىنجى بولۇپ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتى دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى ئۆمەرجان ئەپەندى، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى سىرلىق شەخىس بۇرھان شەھىدى ۋە ئۇنىڭ تەرجىمالى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، بورھان شەھىدىنىڭ قازاندىن كەلگەن تاتار ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ تەرجىمھالىنى ئۈچ قېتىم ئۆزگەرتىپ، ياڭ زېنشىڭ، جىن شۇرېن، شېڭ شىسەي، گومىنداڭ ۋە ھازىرقى يېڭى جوڭگو ھۆكۈمىتى دۋرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ( 11 ماددىلىق بېتىمدىن كېيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى ) بولغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ ئورۇنلارغا كېلەلىشىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى؛ 1967 – يىلى ھەقىقىي ئارخىۋىنىڭ ئاشكارە ئېلان قىلىۋېتىلگەنلىكتىن، ئۆمرۈنىڭ ئاخىرىدا ئۆيىنى ئىستىش ئۈچۈن بىر مەشكە مۇھتاج بولۇپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى؛ ھاياتىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن سوۋېت جاسۇسى ئىكەنلىكىنى، يېڭى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇنىڭ جاسۇس ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى تارىخىي ئارخىپ ماتېرىياللاردىن دەلىل ئىسپاتلار بىلەن كۆرسېتىپ ئۆتۈپ، يىغىن ئەھلىنى مۇھىم ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى ( تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز قوشۇمچە ھۆججەتكە قاراڭ).
ئىككىنچى بولۇپ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتى دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى ماھىرە خانىم « باغچە مەدەنىيىتى » ھەققىدە ئىلمىي دوكلاتىنى سۇنۇپ، باغچە مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى، مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى تەسىرى، دىننىڭ باغچە مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئىپادىلىرى ھەققىدە ئەمەلىي رەسىملەرنى كۆرسېتش يىغىن ئەھلىگە مەلۇمات بەردى( تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز قوشۇمچە ھۆججەتكە قاراڭ).
ئانا تىلىمىز رەسمى ئىشلىتىلىشتىن قېلىپ، ئىشلىتىش دائىرىسى كۈندىن كۈنگە تارىيىۋاتقان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتقا ماسلىشالمايۋاتقانلىقى سەپسەتىسى بازارغا سېلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنىمىزدە، بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ چەكلىك ئىمكانىيەتلەرنى ئىچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان، پەخرىمىز ئۇيغۇر تىلىمىزدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بىردىنبىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى. شۇنداق ئۇيغۇر تىلى بىزنىڭ تىلىمىز، بىزنىڭ پەخرىمىز. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇنى قەدىرلەش، ئۇلۇغلاش بىزدىن باشلىنىدۇ. ئانا تىلىمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن قەدىرلەيلى. يىغىنغا كەلگەنلەرنىڭ سانى ئىستانبۇلدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىغا سېلىشتۇرغاندا ئاز بولسىمۇ، 450 كلومېتىر يولنى بېسىپ، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئەنقەرەدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئوت يۈرەك ئوغۇل – قىزلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان، ئىزدىنىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ بارلىقىدىن، يەنى ھاياجاندىن، ئۈمىتتىن دېرەك بەرمەكتە. مەرھۇم شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئېيتقاندەك:
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىڭ چىققاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
بىر كۈنى مانا بۇ ئۇلۇغ تىلەك رېئاللىققا ئايلانغۇسى. مىللەت ئىشقىدا يانغان قەلىبلەر جەم بولۇپ، ھەقىقىي چوڭ كارۋان بولۇپ، مىللەتكە ئىستىقبال ياراتقۇسى.
ئۈچىنچى قېتىمدا، دوختۇر ئەخمەتجان پولات ئەپەندى، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان جىگەر كېسەللىكى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، جىگەر كېسىلىنىڭ تۈرلىرى، ئالامەتلىرى، يۇقۇش شەكلى، كېسەللىك تەرەققىياتى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى ( جىگەر-كىسەللىگى-ھەققىدە-قىسقىچە-چۈشۈنچە).
يۇرتىمىزدا بۇ كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدە ھازىرغىچە كەڭ دائىرىلىك بىر تەتقىقات ئېلىپ بېرىمىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش نەتىجىسىدە، 2000 – يىلى ئامېرىكىدا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ كېسەللىكنىڭ تارقىلىش نىسبىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا ئاز ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
تۆتىنجى بولۇپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتى شەھەر قۇرۇلۇش فاكۇلتېتى ماگىستېر ئوقۇغۇچىسى توقۇمچىلىق سانائىتىدە چىقىۋاتقان كېرەكسىز سۇنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش ئەھۋالى، ئېلىپ كېلىۋاتقان زېيىنى، بۇ سۇلارنى چەكلەش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى( توقۇمۇچىلىق سانائىتىدىكى پاسكىنا سۇلارنى بىرتەرەپ قىلىش).
چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن بىر سائەتلىك ئارام ئېلىش ۋاقتى بېرىلدى. يىغىن ئەھلى ئۈچۈن ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تائاملىرىدىن پولو تەييارلانغانىدى. مۇھاكىمە يىغنىنىڭ چۈشتىن كېيىنكى قىسمىدا، بىرىنجى بۇلۇپ يۈرەك كېسەللىكلەر مۇتەخەسىسى دوكتۇر ئابلەت تۇران ئەپەندى، ئىسرائىلدە ئىجات قىلىنغان « يۈرەك رېتىمسىزلىقى ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنە » كارتو تەسۋىرلىمە ـېخنىكىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى ( تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز قوشۇمچە ھۆججەتكە قاراڭ).
ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان مىللەت، ھامان باش كۆتۈرىدۇ. مائارىپتا مەغلۇپ بولغان مىللەت مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇ بىر ھەقىقەت. ئىككىنجى بۇلۇپ مارمارا ئۈنىۋېرسىتىدىكى مەرغۇپ ئابدۇرازاق «تۈركىيەدىكى چەتئەل مەكتەپلىرى ۋە ئاز سانلىقلار مەكتەپلىرى» دېگەن تېمىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ، ئازسانلىقلارنىڭ
« دىنىنى، ئۆرۈپ-ئادىتىنى ۋە ئۆز ئەنئەلىرىنى ئۈستۈن تۇتۇش كۆزقارىشىنى پەرزەنتلىرىگە ئۆگۈتۈش » ئۈچۈن بۇ مەكتەپلەرنى ئېچىپ، يات مىللەت ئارىسىدا مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى، مىللىي كىملىكنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى ( تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز قوشۇمچە ھۆججەتكە قاراڭ).
مەيلى ۋەتەن ئىچى بولسۇن ياكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ جىددىي خرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بىر رىئاللىق. قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ بۇ جاۋاپ كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ۋە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە.
چۈشتىن كېيىن ئۈچىنچى بۇلۇپ ئىشتىن سىرىت فاتىھ ئۈنىۋېرسىتىسى كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ماگېسترلىق ئوقۇۋاتقان ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندىم « تىجارەت قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار » دېگەن تېمىدا ئىلمىي دوكلات سۇنۇپ، تاشقى سودىغا ئالاقىدار نۇرغۇن بىلىملەرنى سۆزلەپلا قالماي يەنە يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇغۇچى زىيالىلارغا ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىباھا ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ بىلىم ئىگەللەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە سودا-تىجارەتتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تولىمۇ مۇھىم نەرسىلەرنى ناھايىتى جانلىق قىلىپ سۆزلىدى ۋە سورالغان سۇئاللارغا ناھايىتى جايىدا جاۋاپ بەردى ( تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز قوشۇمچە ھۆججەتكە قاراڭ).
تۆتىنجى بۇلۇپ مارمارا ئۈنىۋېرسىتىدىكى ئىقتىساد كەسپىي ماگېستر ئوقۇغۇچىسى ( بۇ مەزلۇم « پەرقلىق كۈلتۈرلەردە لېدىرلىك قىلىش » ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ تېمىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەزمۇنى
لېدىرنىڭ ئېنىقلمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىدىن ۋە دېرىكتوردىن شۇنداقلا مۇدىرىيەت باشلىقىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى، زامانىمىزدىكى لېدىرلىك تېئورىمىلىرى ۋە شۇ تېئورىمىلارغا چۈشىدۇ دەپ قارالغان ئۆرنەك شەخسلەر تەشكىل قىلىدىغان ئامىللار ۋە شۇ ئامىللارغا ئاساسەن كۈلتۈرنىڭ قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىشى . شۇ تۈرلەرگە بۆلۈنۈپ پەرقلىق بوپ كەتكەن كۈلتۈرگە تەۋە مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ھاياتتا تۇتقان يولى ، مېتودلىرى، سەرمايە، ئىش كۈچى، كاپىتاللارنىڭ يەرشارىلىشىشى بىلەن شېركەت -كارخانىلارنىڭ يەرشارى خارەكتېرلىك بولىشى ۋە شېركەتتە ئىشلەۋاتقان خادىملارنىڭ پەرقلىق ئىرق ، مىللەتتىن تەشكىل تېپىشى – يەنى پەرقلىق كۈلتۈرگە ئىگە توپنىڭ بىللە ئىشلىشى ۋە كۈلتۈر پەرقلىقلىرى تۈپەيلى ئوخشاش مەسىلىگە بولغان ئوخشاش بولمىغان پوزىتسىيە تۇتۇلىشى ۋە چۈشىنىشمەسلىكلەر شۇ خىلدىكى شېركەتلەرگە لېدىر بولغۇچىلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى ۋە قانداق ساپا ھازىرلىشى ھەققىدە ۋە شۇنداق شېركەتتە لېدىر بولغۇچىلار داۋاملىق ئۇچراپ قالىدىغان ئۆرنەك مەسىلىلەر . (مىسال قىلىنىپ ئامېرىكىلىق لېدىرلار مىسىردىكى ، رۇسىيەدىكى ، برازىلىيە ، فرانسىيەدىكى شېركەتلەردە قول ئاستىدىكىلەر بىلەن كۆپ يۈز بېرىدىغان ئۇقۇشماسلىقلار توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ( پەرقلىق كۈلتۈرلەردە رەھبەرلىك).
ئەڭ ئاخىرىدا بەشىنجى بولۇپ « مېڭە يۇيۇش ۋە ئۇنىڭ ئىقتىساددا قوللىنىشى » ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ، مېڭە يۇيۇشنىڭ ئېنىقلىمىسى، تۈرلىرى، قوللىنىلغان ساھەلىرى ۋە ئىقتىساددا قانداق ئۇستىلىق قوللىنىلغانلىقىغا ئائىت بىلىملە ر 2 دانە قىسقا فىلىم ۋە ناھايىتى راۋان ئۇيغۇرتىلى بىلەن تولىمۇ جانلىق سۆزلەپ بېرىلىپ يىغىندىكىلەرنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ( ئىقتىساتتا مېڭە يۇيۇش).
ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ سابىق رەئىس ياردەمچىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ۋە ھازىرقى رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندىم ئىلمىي دوكلات بەرگۈچى ۋە رىياسەتچىلەرگە يىغىن خاتىرىسى سۈپتىدە ئېرپان شىركىتى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان « قۇتادغۇ بىلىك »نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ھەدىيە قىلدى. تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋە ئىشلەۋاتقان ماگېستر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئۇيۇشتۇرغان « 3- قېتىملىق ئۇيغۇر دوكتۇر ۋە ماگېستر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى » غەلبىلىك ئاخىرىلاشتى.
ئۇيغۇر پەن – مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كېچىنى كۈندۈرگە ئۇلاپ، زېرىكمەي-تېرىكمەي بىر ئاللاھنى رازى قىلىش نىيىتىدە ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ تەر ئاققۇزۇۋاتقان ئالىملار، تەتقىقاتچىلار، ماگېستر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلارغا، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەۋلادلىرىنى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا تاپقان- تەرگىنىنى خەجلەپ ئوقۇتۇۋاتقان ئاتا-ئانىلار، ئۆزى ئوقۇيالمىغانلىقىنىڭ ھەسرىتىدە ئوقۇيالايدىغانلارنى ئوقۇتۇۋاتقان مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچىلەر ۋە بارلىقىنى ئائىلىسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئانىلىرىغا، خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان كۆڭۈل دوستلىرىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.
توزان
ئۇيغۇر ئاكادىمىيسىنىڭ گۈللىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز!