You Are Here: Home » ئومۇمى » روزىنىڭ پەرز بۇلىشى

روزىنىڭ پەرز بۇلىشى

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار
ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ تورغا يوللىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى
روزىنىڭ پەرز بۇلىشى
شۇ يىلنىڭ شەئبان ئېيىدا ئاللاھ تائالادىن ۋەھيى كېلىپ، مۇسۇلمانلارغا ھەر يىلى بىر ئاي رامىزان روزىسى تۇتۇش پەرز بولدى. بۇندىن ئىلگىرى پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابىلەر ئون بەشىنچى كۈنلىرى ئىختىيارى ھالدا روزا تۇتۇشاتتى. كىتابلاردا بۇ كۈننى «ئەييامى بەيزا» يەنى: ــ «ئايدىڭ كۈنلەر» دەپ ئاتىشاتتى. ھەر يىلدا بىر ئاي رامىزاندا روزا تۇتۇش بەش بىنايى ئىسلامنىڭ بىرسىدۇر.
ئىنسان ئەسلى يارىتىلىشدا ئىككى تەرەپلىك سۈپەت بىلەن يارىتىلىدۇ. يەنى، جىسمانىي ― ھايۋانىي ۋە روھىيـى مەلەكۈنىي سۈپەتلەرگە ئىگىدۇر. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەربىيەسى ئۆزىگە خاس، غىزاسى (ئوزوقلۇق) بىلەن بولىدۇ. يەنى يېمەك – ئىچمەك ئىنساننىڭ جىسمانىي تەرەققىياتى بولغاندەك، ناماز، روزا، تائەت – ئىبادەت ئۇنىڭ روھىي تەرەققىياتىدۇ. ئىنسان بالىسى جىسمانىي سۈپەتلىرى تەرىپىدىن قارالسا، ھايۋان بالىسىدىن ھېچ قانداق پەرقى بولمايدۇ. ئەگەر ئىنسان ھايۋانىي سۈپىتى بىلەن قويۇلسا، ئۇ ھالدا ئۇندىن باشقا ھېچ نەرسىنى تاپالمايدۇ. باشقا بىرسى ئۈچۈن قايغۇرۇش ئۇنىڭ بېشىغىمۇ كەلمەيدۇ. ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، ــ ئەڭ ئېغىر ئىشتۇر. بۇنىڭ قىيىنلىقىنى ھەركىم ئەقلى بىلەن بىلسىمۇ، بولىدۇ. لېكىن ئاچلىقنى تېتىدىغان كىشى ئۇنى تېتىمىغانلىرىدىن ياخشىراق بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ھەر يىلى بىر ئاي باي – كەمبەغەل، شاھ – گاداي بىر ئاي روزا تۇتۇشنى ھەممە ئىنسانغا پەرز قىلدى. ھەممىگە ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىتقۇزدى. ئاچلىق قانداق بولىدۇ، ئاچ قالغاندا ئاچلىق بىلەن ئېزىلگەن ئاجىزلارنى ئەسكە ئالدۇرىدۇ. ئەمدى روزىنىڭ روھانى تەرىپىگە كەلسەك، ئەگەر شارائىتى يار بەرگەن تەقدىردە ئۇنىڭ قەلبىگە، روھىغا، باشقا ئىبادەتگە قارىغاندا تېزرەك تەسىر قېلىشىدا ھېچ بىر شەك يوقتۇر. ئىبادەت، رىيازەت، تەسىر قىلدى دېمەك قەلب، روھ قۇۋۋەت تېپىپ، يامان خۇلقلاردىن پاك بولدى دېمەكتۇر.
ئىنساندا دائىما قارمۇ قارشى ئىككى تارتقۇچى بار. بىرىنچىسى ـــ رەھمانىي ئەقىل. ئىككىنچىسى ـــ شەيتانىي نەفسىدۇر. بۇنى پەيغەمبىرىمىز:«لىمەن رەھمانىي، لىمەن شەيتانىي» دېگەن ئىدى. بۇ ئىككى كۈچ ئىنسان بالىسىنى دائىم سۈرەتتە تالىشىدۇ. ھەقىقەتتە بولسا بۇلارنىڭ بىرى جەننەت، ئىككىنچىسى ـــ دۇزاختۇر. بۇ ئىككىدىن قايسىسىنى تاللاشتا ئىنساننىڭ ھەققى باردۇر. لېكىن شۇنى بىلىش لازىمكى. ناماز، روزا، تائەت – ئىبادەت بىلەن رەھمانىي ئەقىل قۇۋۋەت تاپىدۇ. ئەگەر بۇلاردىن ئايرىلىدىغان بولسا فىسق ـ پاسات، نەفسى ـ ھاۋا يولىغا كىرسە شەيتانىي نەفسىي راۋاجغا كىرگەن بولىدۇ. مانا بۇ ئىككى قۇۋۋەتنىڭ قايسى تەرىپى راۋاجلانغان كۈچلۈك بولسا ئىنسان شۇ تەرەپكە مايىل بولغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن روزا ئېيىنىڭ تۆگەنجىسىدە فىتىر ـ سەدىقە بېرىشنى شەرىئەت ۋاجىپ قىلدى. روزا شاراپىتىدىن كۆڭلى يۇمشىغان مۆمىنلەر بۇنى ئېغىر ئالماي ئىخلاس بىلەن ئادا قېلىشنى بىلدى.
رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە كېلىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن رامىزان ئېيىنىڭ روزىسى مۇسۇلمانلارغا شۇ ئايەت بىلەن پەرز بولدى:
«ئەي مۇھەممەد، بىر ئاي رامىزان روزىسى سىلەرگە پەرز بولدى، سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگىمۇ روزا پەرز بولغان ئىدى.»

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top