ھەبەشىستانغا ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرەت
«تارىخى مۇھەممەدى» كىتابىدىن پارچىلار
ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى
ھەبەشىستانغا ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرەت
بۇ قېتىمدا ھىجرەتتە بالىلاردىن باشقا ئەر ـ خوتۇن بولۇپ، مۇھاجىرلارنىڭ سانى 83 كە يەتكەن ئىدى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئاكىلىرى جەئفەر تەييار، ئوسمان ئىبنى ئەففان، زوبەير ئىبنى ئەۋۋام بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. بۇ كىشىلەرگە ھەبەشىستان پادىشاھى مىھماندۇسىتلوق قېلىپ، مۇھاجىرلار ھەققىدە كۆپ ياخشى مۇئامىلىدە بولدى. قۇرەيش خەلقى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنداق راھەت خاتىرجەم تۇرۇشلىرىغا ھەسەدلىرى قوزغىلىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە چارە كۆرۈشكە كىرىشتى. ھەبەشىستان پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ ئەركىن دۆلەتلىرىگە ئاتاپ، بىر مۇنچە تارتۇقلار تەييارلاشتى. قۇرەيش ئىچىدە ئىشچان، كۈچلۈك ئادەملەردىن ھېسابلانغان ئىككى كىشى، بىرسى ئابدۇللاھ ئىبنى رەبىئە، ئىككىنچىسى ئەمر ئىبنى ئاس ئىدى. بۇ ئىككىيلەننى ۋەكىل سايلاپ، تەييارلىغان ھەدىيەلىرىنى ئۇلارغا تاپشۇردى. بۇ مەقسەتلىرىگە ياردەم بېرىش نىيىتى بىلەن پادىشاھ تەرىپىگە دۆلەت ئەربابلىرى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ھەدىيەلىرى بار ئىدى. ئۇ ۋەكىللەر ھەبەشىستانغا كەلگەندىن كېيىن، دەسلەپتە دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلارغا ھەدىيەلەر تەقدىم قېلىپ، بۇ ئىشقا ياردەم بېرىشلىرىنى سورىدى. پادىشاھ يېقىنلىرى بۇ ئىشتىن خۇشال بولغاندا كۆڭۈللىرى تىنچىدى. ئەتىسى تارتوققا ئېلىپ كەلگەن سوۋغا ـ سالاملىرى بىلەن پادىشاھ ھۇزۇرىغا كىردى. ئاندىن:
— ئەي پادىشاھ، بۇ كۈنلەردە ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان بىر نەچچە ياش، ئەقىلسىز يىگىتلەر پەيدا بولغان ئىدى. قارىساق ئۇلار ئۆزلىرىچە سىز ـ بىز تونۇمايدىغان بىر دىن چىقىرىپ، يۈرۈپتۇ، بۇ توغرۇلۇق ئۆز ئىچىمىزدە دۈشمەنلىك كۆپەيدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خەلق تەرىپىدىن قاتتىق قارشىلىققا ئۇچراپ، ئۇ جايدا تورالمىغاندىن كېيىن، قېچىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بۇزوق قاچاقلارنىڭ سىزلەرنىڭ كۆز ئاستىڭىزغا كېلىپ، تىنچ ـ ئامان ياشاۋاتقانلىقى بىزگە ئاڭلاندى. ئەمدى، ئۇ يۇرتنىڭ ياخشىلىرى، بۇلارنىڭ قەۋمى ـ قېرىنداشلىرى بىزنى ئەۋەتتى. ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنلىرىدىن قايتقان، ئۆز ئەل ـ يۇرتىغا سىغمىغان ئۇ بۇزوقلارنى ئۆز يېرىڭىزدىن ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىڭىزنى سىزدىن سورايدۇ ـ دەپ ئېيتتى. پادىشاھ ئەتراپىدا ئولتۇرغان دۆلەت ئەربابلىرى:
— ئەي پادىشاھ، ئۇلارنىڭ ھەققىدە بۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى توغرىدۇر. بۇلارنىڭ ياخشى ـ يامان، پەيلى ـ خويلىرى بىزگە نامەلۇم، ئەمما ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر. ئۆز ئېلىگە سىغمىغان ئادەملەردىن باشقا جايدا ھەم ۋاپا قىلماس دەپ ئويلايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى قايتۇرۇپ بىرىشىڭىزنى بىزلەر ھەم ماقۇل كۆرىمىز ـ دېدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ پادىشاھنىڭ غەزىپى قوزغالدى. ئاندىن:
— قەسەم قىلىمەنكى، بۇلارنى قايتۇرۇپ بەرمەيمەن. چۈنكى ئۇلار باشقىلاردىن مېنى ئارتوق كۆرۈپ، ياخشى ئۇمىد بىلەن كەپتۇ. بىر مەملىكەتتىن ئىككىنچى مەملىكەتكە قېچىپ پانا سوراپ كەلگەن بىچارىلەرنى قايتۇرۇپ كەتكۈزۈۋىتىش پادىشاھ شەنىگە لايىق ئىش ئەمەستور.
موناسىپ ئىش شۇكى، ئۇ قاچقۇنلارنى چاقىرىپ، ئۆزلىرىدىن گەپ سورايلى، ئەگەر ھەقىقەتتە بۇ ئىككىيلەن دېگەندەك بولۇپ چىقسا، ئۇ ھالدا قايتۇرۇۋەتسەك مەيلى. ئەگەر بۇنداق بولمىغان تەقدىردە، قول ئاستىمدا تۇرغانلىرىچە ئۆز ھىمايەمگە ئالىمەن. ھەر ھالدا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىمەن.
بۇ سۆز ئاخىرىدا مۇھاجىرلارنى ھوزۇرىغا چاقىرىپ بىر كىشىنى ئەۋەتتى. كېلىش ئالدىدا ساھابىلەر ئۆزئارا يىغىلىشتى. پادىشاھ ئالدىدا دىنى مەسىلىلەر دىن سورالسا، قانداق جاۋاب بېرىمىز ۋە ھەم كىم جاۋاب بېرىدۇ؟ ـ دېگەن سۆز ئۈستىدە توختالدى. ئاخىرى مەسلىھەتلىرى شۇ بولدىكى، دىنىي سوئاللاردا پەيغەمبىرىمىزدىن قانداق ئاڭلىغان بولساق شۇنداق جاۋاب بېرەيلى ـ دېيىشىپ، پادىشاھنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە ھەزرىتى جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىبنى تەيىن قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بارچىلىرى پادىشاھ دىۋانىغا ھازىر بولدى. پادىشاھ ھەم دىنىي روھانىيلىرىنى ئوشبۇ مەجلىسكە چاقىردى. ئۇلار كېلىپ پادىشاھ ئەتراپىدا تەۋرات، ئىنجىل كىتابلىرىنى ئېچىپ ئولتۇردى. شۇ چاغدا پادىشاھ مۇھاجىرلاغا قاراپ:
— سىزلەر توتقان يېڭى دىنىڭلارنىڭ ئاساسى ھەقىقىتىنى بىزگە بايان قىلىڭلار. ئاتا ـ بوۋاڭلار دىنىدىن چىقىپ، ئۆز دىنىڭلاردىن قانداق ئاجرالدىڭلار؟ ھازىرقى كۈندە مەشھۇر بولغان بىزنىڭ دىنىمىزغا ياكى باشقا دىنلەرنىڭ بىرەرسىگە كىرمەستىن، ئۇ دىنغا كىردىڭلار؟ ـ دېدى.
پادىشاھنىڭ جاۋابىغا ھازىرلانغان ھەزرىتى جەئفەر دېدىكى:
— ئەي پادىشاھ، بىز ئەرەبلەر ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى جاھىللىقتا ياشاپ يۈرگەن بىر تائىپە ئىدۇق. ئۆزىمىز ياسىغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلار ئىدۇق، ھالال ـ ھارامنى پەرق قىلماي، ئۆلۈك ـ تىرىكنى يەۋىرەتتۇق. ئۇرۇش ـ تالاشلار، قان تۆكۈش، قاراقچىلىق بىزلەرنىڭ كەسپىمىز ئىدى. ھەر تۈرلۈك بۇزۇقچىلىق، خىيانەت قېلىش بىزلەردە كۆپ ئىدى. كۈچلۈكلىرىمىز كۈچسىزلىرىمىزنى بېسىپ، يېيىش بىزلەرگە ئادەت ئىدى. مانا شۇنداق دەۋر بىلەن بىر مونچە دەۋر ئۆتكۈزدۇق. ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ رەھمى كېلىپ، ئۆز ئىچىمىزدىن بىزلەرگە پەيغەمبەر چىقاردى. ئۇنىڭ ھەسەب ـ نەسەبى، ئەقىل ـ پاراسىتى، سىدقى ـ ئامانىتى ياشلىقىدىن بىرى ھەممىمىزگە مەلۇم ئىدى. ئۇ كېلىپ بىزلەرنى ئاللاھنى بىر بىلمەككە، يالغوزلا ئۆزىگە ئىبادەت قىلماققا چاقىردى. بىزلەرنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز قىلغان، ئالتۇت ـ كۈمۈشتىن، تاش ـ توپراقتىن ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارغا سەجدە قېلىشتىن قايتۇردى. بۇ بىزنى ھەر ئىشتا راستچىللىققا، ئامانەت ساقلاشقا، سىلە ـ رەھىمنى ئۆزمەسكە، قوشنىلار ھەققىنى بېرىشكە بۇيرۇدى. زۇلۇم، خىيانەت قېلىشتىن، ئۇرۇش ـ تالاش، ناھەق قان تۆكۈلۈشىدىن، يالغان، تۆھمەت سۆزلەشتىن، بارچە بۇزۇقچىلىق، ھارام ئىشلاردىن، يېتىم ھەققىنى يېيىشتىن، ئومۇمىي ئىنسانلار ھوقۇقىغا خىيانەت قېلىشتىن بىزلەرنى قايتۇردى. ئاللاھنىڭ ئۆزىگە يالغۇز ئىبادەت قىلماققا، ئۇنىڭغا ھېچ شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ھەركۈنى بەش ۋاق ناماز ئوقۇشقا، باي كىشىلەر ماللىرىدىن كەمبەغەللەرگە زاكات بېرىشكە، ھەر يىلى بىر ئاي رۇزا تۇتۇشقا، بار كىشىلەر يوق كىشىلەرگە ياردەم قېلىشقا، بۇلاردىن باشقا ئىنسانغا پايدىلىق بارچە ياخشى ئىشلارنى قېلىشقا بىزلەرنى بۇيرۇدى. شۇڭلاشقا بىز ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەندۇق. ئۆزىگە ئىمان كەلتۈردۇق. ئاللاھ تەرىپىدىن كەلتۈرگەن نەرسىلەرنى ھەق دەپ بىلدۇق. شېرىكسىز ئاللاھقا ئىبادەت قىلدۇق. ھالالنى ھالال، ھارامنى ھارام، دەپ بىلدۇق. مانا شۇ سەۋەبتىن قەۋمىمىز بىزگە ھۇجۇم قىلدى. بىزنى ئۇردى، قېينىدى. دىنىمىزدىن قايتۇرغىلى بىزلەرگە كۆپ ئازاپلار سالدى. يەنە ئىلگىرىكى بۇتپەرەسلىك، ھارامخورلوق، خىيانەتچىلىك، ھەرتۈرلۈك بۇزوقچىلىقلىرىغا بىزلەرنى زۇرلۇق بىلەن قايتۇرماقچى بولدى. دىنىمىزدىن چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىزلەرگە قىلغان جەبرى ـ زۇلۇملىرى، بىزگە كۆرسەتكەن زۇلۇملىرىغا قارشى مۇداپىئە كۈچىگە ئىگە ئەمەسلىكىمىزدىن، ھەر ئىشتا ئۇلاردىن يېڭىلىشقا باشلىدۇق. ئۆز ئىلىمىزدە ھىماتىمىز قالمىدى، ناچار ھالغا چۈشتۇق. شۇڭا ئۆز يېرىمىزدىن قېچىپ چىقتوق. باشقا ھېچكىمنى خالىماي، ھەممىدىن سىزنى ئارتوق كۆرۈپ، پاناھىڭىزغا سېغىنىپ كەلدۇق. ئەمدى ئەي پادىشاھىم، شۇنداق ئەھۋالدا قېلىپ سىزنىڭ پاناھىڭىزغا سېغىنىپ كەلگۈچىلەر ھېچقاچان سىزدىن زۇلۇم كۆرمىگەي، دەپ ئۇمىد قىلىمىز. دېدى. ئاندىن نەجاشىي:
— ئۇ پەيغەمبەرگە ئاللاھ ئەۋەتكەن ئايەتلەردىن ئوقۇغىن ئاڭلايلى، دېدى.
ئاندىن ھەزرىتى جەئفەر سۈرە «مەريەم» نىڭ بېشىدىن بىر نەچچە ئايەتنى ئوقۇدى. تىلاۋەت تەسىرىدىن پادىشاھ يىغلاپ، ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كەتتى. ئەتراپىدا ئولتۇرۇشقان روھانىي ئالىملار ھەم يىغلىدى. كېيىن نەجاشى:
— ئاللاھنىڭ زاتىغا قەسەم ئىچىمەنكى، بۇنىڭ ئوقۇغان ئايەتلىرى، ئىيسانىڭ كەلتۈرگەن ئىنجىل كىتابى، ھەر ئىككىلىسى بىر چىراقتىن چىققان نۇردەك كۆرۈنىدۇ، دېدى.
ئاندىن ئۇ ئىككى ۋەكىلگە قاراپ:
— ئەمدى بۇ جايدىن چىقىڭلار، ئاللاھقا قەسەمكى، مەن بۇ ئەزىز مېھمانلارنى ھەر ۋاقىت ئۆز ھىمايەمدە ساقلايمەن. تۇرغۇنىچە ئادالەت پاناھىمدا تۇرۇۋەرسۇن. ئۇلارنى سىزلەر بىلەن قوشۇپ ئەۋەتىشىم ماڭا زۇلۇمدۇر، دەپ سۆزىنى ئۆزدى.
شۇنداق قېلىپ قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ بۇ ئىككى ۋەكىلى خىجالەتلىك بىلەن ئۇ جايدىن چىقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ غەزىپى كېلىپ، بۇ ئىشقا چىدىيالماي: «بۇلار ئۈستىدە بىر سۆز تاپتىم، شۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ تۈپ تومۇرلىرىنى قىرقىيمىز»ـ دېدى. ئەمدى ئىككىنچى يولدىشى ئابدۇللاھ: − «ئارتوقچە بۇلارغا زىيان يەتكۈزمىگىن، قەس قىلمايلى، ھازىرچە بۇلار بىزگە موخالىپ بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز قېرىنداشلىرىمىز» ـ دېگەن ئىدى. ئەمر ئىبنى ئاس: ـ «ياق، ئۇ ئەلۋەتتە سۆزىنى ئېيتسۇن. مۇسۇلمانلار ئىيسانى ئاللاھ ياراتقان بەندە» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ناسارالار ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى ياكى ئۆزى دەيدۇ. مانا بۇ سۆز بولسا ئۇلارنىڭ دىنىغا قاتتىق ھاقارەتتۇر» ـ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى ئىككىيلەن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ:
— ئەي پادىشاھ، سىز ھىمايىڭىزگە ئالغان مۇسۇلمانلارنى چاقىرىپ، سوراڭچۇ، ئۇلارنىڭ ئىيسا ھەققىدە كۆپ يامان، بۇزۇق ئېتىقادلىرى بار ـ دېدى.
پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارنى چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتتى. بۇ ئىشتىن ساھابىلەر قاتتىق غەمگە چۈشتى. بۇ ئېتىقاد ئۇلارنىڭ دىنىغا ھاقارەت قېلىش ئىدى.
مۇسۇلمانلار بۇ ھەقتە مەسلىھەت ئۈچۈن توپلىشىپ، قانداق جاۋاب بىرىشنىڭ مۇزاكىرىسىنى قېلىشتى. ئاخىرىدا ھەممىلىرى بىر ئىتتىپاق، «قۇرئان كەرىمدە قانداق «ئېيتقان بولسا، پەيغەمبىرىمىز بۇ توغرىدا نېمە دېگەن بولسا، شۇ جاۋابىنى بېرىمىز» دېيىشتى. شۇ توپلاشقانلىرىچە پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ كەلدى.
پادىشاھ بۇلارغا قاراپ، ئىيسا ھەققىدە قانداق ئېتىقاد قېلىشىنى سورىدى.
ھەزرىتى جەئفەر ئېيتتىكى:
— پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە بىزلەرگە نېمە ئېيتقان بولسا، بىزمۇ ھەم شۇنى ئېيتىمىز. ئىيسا ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئۇنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى، روھىدۇر. بۇ روھ ئاللاھ ئەمرى بىلەن مەريەمگە تاشلىنىپ، ئاندىن تۇغۇلغاندۇر، دېيىشى بىلەن نەجاشى: «سېنىڭ ئېيتقىنىڭ توغرا، ئىيسا شۇنداق، باشقا ئەمەس، ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتىلغان ئېنىق ھەق سۆز شۇدۇر» دېدى. پادىشاھ شۇنداق دېگەندە ئەتراپىدا تۇرغان ناسارا ئۆلىمالىرى بۇ سۆزنى ياقتۇرماستىن ئۆزئارا غودۇراشقا باشلىدى. بۇنى بايقىغان پادىشاھ: — «ھەرقانچە غودۇراشساڭلارمۇ ھەقىقەت سۆزى شۇنىڭدىن ئىبارەت» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەرگە قاراپ: ـ «بېرىڭلار، ئەمدى مېنىڭ يېرىمدە سىلەر خانسىلەر (يەنى مېھمان). سىلەردىن بىر كىشىنىڭ ئازار تېپىشى، مېنىڭ ئالدىمدىن تاغدەك ئالتۇن كېتىشىدىن ھەم ئېغىردۇر. سىلەرگە كىم ئازار بەرسە، ئۇ جازالىنىدۇ» ــ دەپ بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم قايتۇرۇپ ئېيتتى.
«بۇ ۋەكىللەرنىڭ كەلتۈرگەن ھەدىيەلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بەردى. قەسەم ئۇ ئاللاھقا ئىكەنكى، مېنى پادىشاھ قېلىشىدا مەندىن پارە ئالمىدى. مەن نېمە ئۈچۈن پارە ئالىمەن. مېنىڭ توغرامدا ھېچكىمنىڭ سۆزىگە كىرمىدى. ئۇنىڭ ھەققىدە مەن ئەمدى كىمنىڭ سۆزىگە كىرەي» ـ دەپ سۆزىنى تۈگەتتى. شۇنداق قېلىپ ئۇ ئىككى ۋەكىل بۇ قىلغان مىكىرلىرىگە پۇشايمان قېلىپ، شەرمەندىلەرچە ئۆز يۇرتىغا كېتىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر نەجاشىنىڭ دۆلىتىدە راھەت ياشاپ تۇردى. بۇ ئارىلىقتا يەنە بىر ھادىسە يۈز بەردى.