You Are Here: Home » ئومۇمى » مىراج ۋەقەسى

مىراج ۋەقەسى

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار

ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى

مىراج ۋەقەسى
ئەمدى بۇ ئورۇندا ھەقىقەتگە مۇۋاپىق رەۋىشتە، قىسقىچە قېلىپ مىراج ۋەقەسىنى بايان قېلىپ ئۆتىمىز. بۇ ھەقتە ئۇزۇن ـ قىسقا سۆزلەر يېزىلغان كىتابلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىتىنى بىلگەن يازغۇچىلار ئازدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئالەمىدە « قۇرئان» دىن كېيىن ئىشەنچلىك كىتابىمىز «سەھىھۇلبۇخارى» سۆزلىرىگە قانائەت قېلىپ، ئۇنىڭ مىراج ھەققىدە كەلتۈرگەن ھەدىسلىرىنى بۇ ئورۇندا تەرجىمە قىلدىم. ئاللاھ ئۆزى مەددەت بېرىشنى سورايمەن.
ئەمدى بىلىشىمىز كېرەككى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن چىقىپ، مەسجىدى ئەقساغا كەلگەنلىكى قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن سابىتتۇر. بۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرمەك مۆمىنلەرگە پەرىزدۇر. «مەسجىدى ھەرەم» دەپ مەككە شەھىرىدىكى بەيتۇللاھ مەسجىدىنى ئېيتىمىز. پۈتۈن يەر ـ يۈزىدە تامام مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى شۇ بەيتۇللاھتۇر. ھەر نامازدا يۈزىمىزنى شۇ قىبلىگە قارىتىمىز. يەنە ئۆز ئورنى كەلگەندە، كەئبەتوللاھ ۋە قىبلە ھەققىدە مەلۇمات بىرىمىز، ئىنشائاللاھ.
«مەسجىدى ئەقسا» بولسا پەلەستىن دۆلىتىدىكى قۇددۇس شېرىپ شەھىرىنىڭ مەسجىدىدۇر. بۇ مەسجىت، ئۆتكەن بارچە پەيغەمبەرلەرنىڭ قىبلىسى ئىدى. پەيغەمبەرلىرىمىز ھەم مەككىدە تورغان ۋاقىتلىرىدا، ئوقۇغان نامازلىرىنى مەسجىدى ئەقساغا قاراپ ئوقۇيتتى. قاچان مەدىنىگە ھىجرەت قېلىپ بېرىپ، 18 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن «قىبلە» يۆتكەلدى. (ئۆزگوردى). ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ، بارچە ئەھلى ئىسلامنىڭ قىبلسى مەككە شەھىرىدە، بەيتۇللاھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مەسجىدى ھەرەم» بولدى. ھەقىقىي قىبلىمىز، شۇ مەسجىت ئىچىدىكى ئىبراھىم خەلىلوللاھ ياسىغان ئوڭ بۇرجىكىگە «ھەجەرۇل ئەسۋەد» تېشى قويولغان قۇتلۇق بىر ئۇرۇندۇر. يۈزىمىزنى شۇ تەرەپكە قارىتىپ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز.
يەنە مەقسەتكە كەلسەك، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەسجىدى ھەرەمدىن چىقىپ، مەسجىدى ئەقساغا كەلگەنلىكى ئۇشبۇ ئايەت بىلەن سابىت بولدى:
«ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسېتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كىچىدە مەسجىدى ھەرامدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.» سۈرە ئىسرا 1 – ئايەت.
مانا شۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، پەيغەمبىرىمىز كىچىنىڭ بىر يېرىمىدا مەككە شەھىرىدىكى مەسجىدى ھەرەمدىن چىقىپ، قۇددۇس شېرىپتىكى مەسجىدى ئەقساغا كەلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئەمدى بۇ ئايەت شۇ مەسىلىلەردە قەتئىي دەلىل بولغانلىقىدىن، ئىسراغا ئىنكار، يەنى مەسجىدى ئەقساغا كېلىش ئىنكارى ئىمانغا مۇخالىپتۇر. ئەمما مىراج دەپ «مەسجىدىل ئەقسادىن ئاسمان ئالەمىگە چىققىنىنى ئېيتىلىدۇ». بۇ بولسا ھەدىس بىلەن سابىت بولغان مەسىلىدۇر. بۇ ھەقدىكى ھەدىسلەر ـ موتەۋاتىر، يەنى شەكسىز ھەدىسلەردۇر.
ئەمدى بۇ ئۇلۇغ مۆجىزىنىڭ بايانى شۇنداقكى، بىر كۈنى پەيغەمبىرىمىز، «ئالتۇن تارنوۋ» نىڭ ئاستى، كەئبە ئارقىسى ـ ھەتىمدە يانباشلاپ ياتقان ئىدى. شۇ چاغدا جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىر نەچچە پەرىشتىلەر بىلەن ھازىر بولدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆكرەك قەپىسىدىن باشلاپ، مۇبارەك كۆكسىلىرىنى ياردى. ئالتۇن جامدا تولۇق (لىق) «ئىمان ـ ھېكمەت سۈيى» ئېلىپ كەلگەن ئىدى. يۈرۈكىنى چىقىرىپ ئېلىپ، ئاشۇ سۇ بىلەن چايقاپ يۇدى. ئاندىن ئىلىم ـ ھېكمەت، ئىمان تولدۇرۇپ، يۈرىكىنى ئۆز جايىغا قويدى. شۇ چاغدا قېچىردىن كىچىكرەك، ئېشەكتىن چوڭراق، «بۇراق» دېگەن ئات جەننەتتىن كەلتۈرۈلگەن ئىدى. ئۇنىڭ تېزلىكىدىن، كۆزى يەتكەن جايلارغا بىرلام چامدايتتى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرىمىزنى شۇ بۇراققا مىندۈردى. ئالدىدا ئۆزى يول باشلاپ مېڭىپ، ھايال ئۆتمەي مەسجىدى ئەقساغا كەلدى. ئۇ جايدا ئىبراھىم، موسا، ئىيسا ئەلەيھىسسالام باشلىق بارچە پەيغەمبەرلەر كۆتمەكتە ئىدى. بۇراقتىن چۈشۈپ، ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر باغلىغان ھالقىغا ئۇنى باغلىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئەقساغا كىرىپ قارىسا، بارچە پەيغەمبەرلەر ھازىر بولغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ تەلەپلىرى بويىچە پەيغەمبىرىمىز ئىمام بولۇپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. بۇنىڭ ئاخىرىدا جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىر كاسا شاراب، بىر كاسىدا سۈت ئېلىپ كەلدى. پەيغەمبىرىمىزگە ـ «ئىچىڭ» دەپ ئىشارەت قىلدى. پەيغەمبىرىمىز شارابقا قارىماستىن، بىر كاسا سۈتنى ئېلىپ ئىچتى. بۇنى كۆرۈپ جىبرىل ئەلەيھىسسالام:
ــ ئەي مۇھەممەد، ھەقىقەتنى تاپتىڭ، سېنىڭ ئۇممەتلىرىڭ يەھۇدى، ناسارالارغا ئوخشاش ھەق يولدىن ئادىشىپ، گۇمراھلىققا كەتمەس ئىكەن، ـ دەپ بېشارەت بەردى.
بۇنىڭدىن كېيىن رەسۇلۇللاھنى يەنە بىر بۇراققا مىندۇرۇپ، جىبرىل ئەلەيھىسسالام يەر يۈزىدىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بىرىنچى ئاسمانغا يەتتى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئىشىك ساقلىغۇچى پەرىشتىگە: ـ «ئاچقىن» ـ دېدى، ـ «كىم سەن، كىم بىلەن كەلدىڭ؟» ـ دەپ سورىدى. «جىبرىل مەن يولدىشىم مۇھەممەد»، دېدى. ـ «ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەۋرى كەلدىمۇ؟»ـ دەپ دەرھال ئىشىكنى ئاچتى. دەسلاپ قارىسا ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام چىقتى. «خوش كەپسىز، ئەي ئەزىز پەرزەنتىم» دەپ ھەققىگە دۇئا قىلدى. ئۇ جايدىن كۆتۈرۈلۈپ، ئىككىنچى ئاسمانغا يەتتى. ئۇ جايدىن ھەم يۇقىرىقىدەك سوئاللار بولدى. ھەزرىتى ئىيسا، ھەزرىتى يەھيا پەيغەمبەرلەرنىڭ ماكانلىرى شۇ ئاسماندا ئىدى. بۇ زاتلار ھەم قارشى ئېلىپ خەير ـ دۇئادا بولدى. بۇ يەردىن ئۆتۈپ، ئۈچىنچى ئاسمانغا چىقىش نۆۋىتى يەتتى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ماكانى شۇ ئاسماندا ئىدى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئىشىك قاقتى. يۇقىرىدىكى سوئال ـ جاۋابلار ئۆتكەندىن كېيىن ئىشىكنى ئاچتى. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام قارشى ئېلىپ، پەيغەمبىرىمىزنى تەبرىكلىدى. ئاندىن بۇ جايدىن ئۆتۈپ، تۆتىنچى ئاسمان سىرىق كۆرۈندى. ئۇنىڭ ھەققىدە، «ۋەرەفەئناھو ماكانىن ئەلىييا» ئايىتى كەلگەن ئىدى. ھەزرىتى ئىدرىس پەيغەمبەرنىڭ ماقاملىرى شۇ ئىدى. بۇ يەردە ھەم يۇقىرىدىكى سۆزلەنگەن سۆزلەردىن كېيىن، ئىشىك ئېچىلىپ، ئىدرىس ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشتى. بۇ يەردىن ئۆتۈپ، بەشىنچى ئاسمانغا چىقتى. موسا ئەلەيھىسسالام شۇ جايدا ئىدى. ھېلىقى سۆزلەردىن كېيىن ئىشىك ئېچىلدى. موسا ئەلەيھىسسالام تەزىم ھۆرمەت بىلەن پەيغەمبىرىمىزنى كۆپ ئالقىشلىدى. يەنە ئۇ جايدىن بۇراق ئۇچۇپ، يەتتىنچى ئاسمانغا يەتكۈزدى. ئۇ جايدا دادىلىرى ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆردى. «ئاتىڭىز ئىبراھىمدۇر» دېگەن ئىشارەت بولۇپ، پەيغەمبىرىمىز سالام بەردى. سالام جاۋابىنى قايتۇرغاندىن كېيىن، «ئەي ئەزىز پەرزەنتىم، ھە ياخشى كەلدىڭ، قانداق ئۇلۇغ ماقاملارغا يەتتىڭ» دەپ دۇئا قىلدى. پەيغەمبىرىمىز كۆردىكى، ئىبراھىم خەلىلوللاھ ئاسمان پەرىشتىلىرىنىڭ كەئبىسى «بەيتول مەئمۇر» گە يۈلىنىپ ئولتورغان ئىكەن.
«بەيتۇل مەئمۇر» بىناسى كەئبە ئۇدۇلىدىكى بىر ئۆي ئىكەن، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئاللاھ بىلىدۇ. يەر يۈزىدە كەئبىنى ھاجىلار تاۋاپ قىلغاندەك، ئاسماندا ئۇنى پەرىشتىلەر تاۋاپ قىلىدىكەن. ئۇ ئۆي يارىتىلغاندىن بىرى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر كۈنى يەتمىش مىڭ پەرىشتە تاۋاپ قېلىپ كەتگەي، ئۇلارنىڭ كۆپلىكىدىن، بىر قېتىم تاۋاپ قىلغانلىرى ئىككىنچى كېلىشكە قىيامەتكىچە نۆۋەت تاپالمايدىكەن. مانا بۇ جايدىن ھەم ئۆتۈپ، مۇبارەك قەدەملىرى «سىدرەتۇل مونتەھا»غا يەتتى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نەرسە ئاللاھنىڭ ئەزەمەتلىك قۇدرىتىگە نىشانە بولغاندەك، يىمىشلىك، (مېۋىلىك) ئۇلۇغ بىر دەرەخ ئىكەن. پەيغەمبىرىمىز شۇ دەرەخ ئاستىغا كەلگەندە، ئاللاھ تائالا ئۆز ھەبىبىنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن ئۇ دەرەخكە: «بىزەلگىن» ــ دەپ بۇيرۇق بەردى. شۇ ھالدا شۇنداق ھۈسىن ـ جامالغا كىرىپ، زىبۇ ـ زىننەتلىك بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ۋەسفىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم قىلالمىغاي. جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ماقاملىرى شۇ جايدا ئىدى. ئاندىن بۇ جايدىن يۇقىرى رەف ـ رەف بىلەن، ئۇرۇج قېلىپ، ئول خالىقى ئەئزەم، جاببارى ئەكرەم ئۇلۇغ دەرگاھىغا يەتتى. «قابە قەۋسەينى ئەۋ ئەدنا» (ئەڭ ئالىي ماقام) ماقامىغا ئېرىشتى. ئەمدى بۇ ئورۇندا نېمە سىرلار ئۆتتى، قانداق ھاللار كۆرۈلدى؟ مانا ئۇلاردىن ئېغىز ئاچماققا ھېچكىمنىڭ ھەددى سىغمايدۇ. بۇ ئىشلارغا ئىمان كەلتۈرۈپ، تەسلىم بولماقتىن باشقا ھەققىمىز يوقتۇر. ئاللاھ تائالا شۇ مىراج كىچىسىدە، پەيغەمبىرىمىزگە ۋە ئۇنىڭ ئۇممەتلىرىگە ئەللىك ۋاقىت ناماز پەرز قىلدى. قايتىشىدا موسا ئەلەيھىسسالامغا يولۇقۇپ، ـ «ئەي مۇھەممەد، بۇنى ئۇممەتلىرىڭ كۆتۈرەلمەيدۇ، قايتا رەببىڭدىن سورىغىن، بۇنى يەڭگىللەتسۇن» ــ دەپ ئۇ جايدىن ياندۇردى. پەيغەمبىرىمىز ئاللاھ دەرگاھىغا كېلىپ يەڭگىللىك تەلەپ قىلغان ئىدى. بەش نامازغا قارار تاپتى. ئاللاھ تائالا ئېيتتى:
− ئەي مۇھەممەد، بىر كىچە ـ كۈندۈزدە ئۇممەتلىرىڭگە بەش ۋاقىت ناماز پەرز قىلىندى. ھەر نامازغا ئون ناماز ساۋابىنى بەردىم. ئۇ بەش ۋاقىت نامازنى ـ ئەللىك ۋاقىت ناماز ئورنىدا قىلدىم. ئەي مۇھەممەد! ئۇممەتلىرىڭدىن ھەر كىشى بىر ياخشى ئىش قىلماقچى بولۇپ، ئەگەر ئۇنى قىلالمىسا ھەم شۇ ياخشىلىق ساۋابىنى بەردىم. ئەگەر قىلماقچى بولغان ياخشىلىقنى قېلىپ، پۇتتۇرسە (تاماملىسا) ھەر بىرىگە ئون باراۋەر ساۋاپ يازدۇردۇم. يامانلىق ئىشنى قېلىشقا نىيەت قىلسا، ئەمما ئۇنى قېلىپ، ئىشقا ئاشۇرالمىسا، يامان نىيەتلىرى ئۈچۈن ھېچ گۇناھ يازدۇرمىدىم. ئەگەر ئۇ قىلغان يامان نىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، بىرگە ـ بىر گۇناھ يازدۇردۇم ـ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبىرىمىز بۇ ئىشقا رازىلىق بىلدۈرۈپ قايتتى. يولدا يەنە موسا ئەلەيھىسسالام ئۇچراپ، «ئەي مۇھەممەد، بۇ بەش ۋاقىت ناماز ھەم ئۇممەتلىرىڭگە ئېغىر كېلىدۇ. بۇنىڭدىن ھەم يەڭگىلكرەك قېلىش چارىسىنى قىلغىن» ــ دېدى. پەيغەمبىرىمىز يەنە بېرىشقا ھايا قىلغانلىقتىن بۇ ئىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. قىيامەتكىچە شۇ بەش ۋاقىت ناماز ئۇممەتلىرىگە پەرز بولۇپ قالدى.
ئەمدى بۇ ئۇلۇغ سەپەرگە ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت ـ كاراماتىگە ھۆججەت بۇلغۇدەك نى ئىشلارنى كۆردىمىكىن، بارچىلەردىن ئەڭ ئۇلۇغراقى − شۇ كىچىدە جاببارى ئەزەمنىڭ جامالى پاكىغا مۇشەررەپ بولغانلىقىدۇر. بۇ بولسا باشقا ھېچبىر پەيغەمبەرگە بېرىلمىگەن ئۇلۇغ كارامەت ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھقا بېرىلگەن ھېسابسىز مۆجىزىلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغراقى مىراج مۆجىزىسىدۇر. چۈنكى ئەڭ يۇقىرى ئالەمدىكى جەننەتنى، ئەڭ تۆۋەن ئالەمدىكى دۇزاخنى بۇ سەپەر ـ ساياھىتىدە ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، تاماشا قىلدى. قاراڭلار، ئەي مۆمىنلەر، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى ئىكەنكى، شۇنچىلىك ئۇزۇن مۇددەتلىك سەيرى ـ ساياھەتلىرى بولسا، بۇ چەكسىز ئالەمنى ئايلىنىشلىرىدا كۆرگەن ھېسابسىز ھادىسەلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ كىچىنىڭ بىر قىسمىدىلا بولۇپ ئۆتتى. ئەمدى بىز مۆمىنلەر بۇ ئۇلۇغ مۆجىزىگە ئىمان كەلتۈرۈشىمىز ۋە ئىشىنىشىمىز شەرت. بىيىت:
تەسلىم ئېتىمىز قۇدرىتىگە ئۇل قادىر دانا،
ئىنكار ئېتىدۇ شۇملۇقىدىن بىرنەچچە گۇمراھ.
شافارا كۆرمەس ـ كۈن يۈزىنى بىزلەرگە غەم يوق،
ھەر كۈندە چىقار كۈن، يورۇغدۇر ئالەمنى پەيدا.
شۇنداق بولۇپ، شۇ كىچىدە مىراجدىن قايتىپ، پەيغەمبىرىمىز ئۆز جايىغا كەلدى. ئەتىگەندە كەئبە ئالدىدىكى قۇرەيش مەجلىسىگە كېلىپ ئولتۇردى. شۇ ئاراىدا ئەبۇجەھىل ھەم پەيدا بولۇپ، پەيغەمبىرىمىز ئالدىغا كەلدى. كۆڭلىگە تەۋپىق چۈشكەن بولسا ئەجەب ئەمەس، دەپ مىراج ۋەقەسىنى ئۇنىڭغا بايان قېلىپ بەردى. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان زامان ئەبۇجەھىل ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ، «ئەي قۇرەيش بالىلىرى تېز بۇ يەرگە كېلىڭلار» ـ دەپ بارلىق ئاۋازى بىلەن قىچقاردى. بۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان كاپىرلار ھەر تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كېلىشتى. «ھۇي، بۇ نېمە خەۋەر» ــ دەپ ھەيراندىن سوراشقىلى تۇردى. «ئۆزىدىن سوراڭلار» دەپ ئەبۇ جەھل پەيغەمبىرىمىزگە ئىشارەت قىلدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ:
ـ «شۇ ئۆتكەن كىچىسى مەن شۇنداق ئۇلۇغ بىر ۋەقە كۆردۈم» دەپ كۆرگەنلىرىنى بايان قىلدى. بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەرنىڭ باشلىرىغا قىيامەت ياغدى. بەزىلىرى بولسا، «مانا ئەمدى يالغانچىلىقى ئاشكارا بولدى» ـ دەپ خۇشاللىقىدىن چاۋاك چېلىشتى. ئىمانلىرى كۆڭۈللىرىگە ئورناشمىغان بىر نەچچە مۇسۇلمانلار «مورتەد» بولۇشتى. قۇرەيش كاپىرلىرى بۇ ۋەقەنى ئۆزلىرى ئۈچۈن چوڭ ھۆججەت بىلىشىپ، «بېرىپ كېلىشى ئىككى يىللىق يولنى مۇھەممەد، كىچىنىڭ بىر قىسمىدا بېرىپ كەلدىم، دەيدۇ. بۇ سۆزگە كىم ئىشەنسە بۇلار. بۇ ئوچۇق يالغانچىلىق ئەمەسمۇ؟» ـ دەپ مۆمىنلەرگە تەنە قىلدى. يەنە بىر نەچچىلىرى يۈگۈرگەن پېتى ھەزرىتى ئەبۇبەكرى يېنىغا كېلىپ:
− ئەي ئەبۇبەكرى، دۇستۇڭ مۇھەممەدنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىڭمو؟ يەنە بىر يېڭى يالغان گەپنى توقۇپ چىقاردى. ئىككى يىللىق يول ـ قۇددۇس شەھىرىگە كىچىنىڭ بىر قىسمىدا بېرىپ كەلدىم، دەيدۇ. ئەمدى سەن بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟ ـ دېدى. ئاندىن ئەبۇبەكرى:
− ئەگەر شۇ سۆزنى ئۇنىڭ ئېيتقىنى راست بولسا، ئۇ توغرا ئېيتقان، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن. چۈنكى يەتتە قات ئاسمان ئۈستىدە، كىچە ـ كۈندۈز سائەتلىرى ئىچىدە ئۇنىڭغا كەلگەن ۋەھيى خەۋەرلىرىگە ئىشىنىپ، ئۇنى تەستىقلايمەن. ئەمدى بۇنى نېمە ئۈچۈن تەستىقلىمايدىكەنمەن ـ دېدى.
مانا شۇ كۈندىن باشلاپ پەيغەمبىرىمىز ئەبۇبەكرىگە سىددىق لەقىمىنى قويدى. شۇنىڭ بىلەن مۆمىن – كاپىرلار ئىچىدە مىراج ۋەقەسى توغرىسىدا شاۋ ـ شۇۋ سۆزلەر كۆپەيگىلى تۇردى. قۇرەيش كاپىرلىرى ئىچىدە قۇددۇس شەھىرىنى كۆرگەنلەر كۆپ ئىدى. پەيغەمبىرىمىز بولسا بۇ شەھەرگە كەلمىگەن ۋە ئۇنى كۆرمىگەن ئىدى. ئىمتىھان ئۈچۈن شەھەر بەلگىلىرىنى، مەسجىدى ئەقسانىڭ سۈپەتلىرىنى پەيغەمبىرىمىزدىن سورىغىلى تۇرۇشتى. مەلۇمكى، بۇ شەھەرگە كىرگەن كىشىنى، بىرىنچى قېتىم كۆرۈشىدە ئۇ شەھەرنىڭ ھەممە جايلىرىنى قانداق بىلەلىسۇن. پەيغەمبىرىمىز شۇ پىكىرنى قېلىپ تۇرغان چاغدا جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىر كۆزگە كۆرۈنگەندەك بولدى، قۇددۇس شەھىرىنى كۆتۈرۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا قويدى. قۇرەيش مۇشرىكلىرى قۇددۇسنىڭ قايسى جايلىرىدىن سورىسا، جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئىشارەتلىرى بىلەن، ئۇلارغا ئېنىق ئېيتىپ بەردى. بۇ ھەقتە قىلغان ئىمتىھانلىرى توغرا چىققانلىقتىن، ھەممىسى ھەيران بولۇشۇپ قېلىشتى بۇ ئىشكە بەك تەئەججۈپلىنىپ: «ئەي مۇھەممەد كۆرگەن كىشىدەك بەرگەن جاۋابلىرىڭنىڭ ھەممىسى توغرا چىقىۋاتىدۇ. ئەمدىن بىزنىڭ شامدىن كېلىۋاتقان كارۋانلىرىمىزنى قايسى يولدا ئوچراتتىڭ». دېدى، ئاندىن پەيغەمبىرىمىز كارۋانغا ئۇچرىغان جاينى ۋە ھەم ئۇلارنىڭ ھال ـ ئەھۋاللىرىنى خەۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن: «پالانى كۈنى، كۈن چىققان چاغدا كارۋان يېتىپ كېلىدۇ. ئەڭ ئالدىدا كەلگەن تۆگىنىڭ رەڭگى قارا بۇزدۇر. كېتىشىدە بۇ كارۋاننى پالانى سايدا ئۇچراتقان ئىدىم. بۇراقنىڭ سۆلىتىنى كۆرۈپ تۈگىلەر چۆچۈشۈپ قورقۇشتى. ھۆركۆپ قاچقان تۈگىلەردىن بىرسىنى يوقىتىپ، تاپالماي قالدى، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ زاجغان دېگەن جايغا كەلگىنىمدە كارۋانلارنىڭ بىر بۆلىكىنى كۆردۈم. چۈشكەن جايدا ھەممىسىنىڭ ئۇيقۇدا ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ئۈستى ئۇرالغان بىر ئىدىشتا سۇ كۆرۈپ، ئۇنى ئېلىپ ئىچتىم. ئىچىدە سۇ قالمىدى. ئىلگىرىكىدەك قېلىپ ئوراپ قويدۇم. كارۋان خەلقتىن شۇ ئالامەتلەرنى سوراڭلار. ئەگەر ھەم شۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭلەر مانا شۇ ھازىردا كارۋان قاپىلىسى (بۆلىكى) تەنھا تاغدىن تۆۋەنگە چۈشۈشكە باشلىدى. ئەڭ ئالدىدا قارا بوز رەڭلىك تۆگە باردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىككى دانە سامان قاچىلانغان قاپلىرى بار. ئۇنىڭ بىرى ئاق، بىرى قارا» دېدى. پەيغەمبىرىمىزدىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان نەق مەيداندىكى كىشىلەر ئالدىرىشىپ كارۋاننى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شەھەر سىرتىغا قاراپ يول ئالدى. شۇ چاغدا بىر كىشى، «مانا كۈن چىقتى» يەنە بىرسى، «مانا كارۋان كەلدى» دېدى. قارىسا قاپىلە قارىسى يىراقتىن كۆرۈنۈشكە باشلىدى. مەككە مۇشرىكلىرى كارۋانغا يېتىش ھامان، ئۇلارنىڭ بىرىنچى قىلغان ئىشى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بەرگەن مەلۇماتىنى تەكشۈرۈش ئىدى. قارىسا ئېيتقىنىدەك، ھەممە سۆزلىرى تۈپ توغرا چىقتى، كارۋان ھەققىدە قىلغان خەۋەرلىرىدىن ھېچقانداق خىلاپ كۆرۈنمىدى. پەيغەمبىرىمىز دېگىنىدەك، ئەڭ ئالدىدا قارا بوز تۆگە ئۈستىدە سامان تىققان ئاق ـ قارا قاپلىرى بىلەن كەلمەكتە ئىدى. ئەنە شۇ قەدەر قۇدرەت كۆرسىتىش بىلەن ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇرسىمۇ، يەنە ھەقىقەتكە ئىگىلمىدى، تەن بەرمىدى. «ھوي مۇھەممەد شۇنچىلىك سۆز سىغماسكەن شۇنچىلىك كۆز باغلىغۇچى سېھرىگەرلىكنى كىمدىن ئۆگەنگەندۇ؟» دەپ ئىلگىرىكىدىنمۇ ئارتۇقراق دۈشمەنلىك قېلىشقا باشلىدى.
يەنە شۇ مىراج كىچىسى، ئەتىگەندە جىبرىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ، بەش نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى، رەكئەتلىرىنى، ناماز ئوقۇش تەرتىپلىرىنى پەيغەمبىرىمىزگە ئۆگەتتى، ناماز پەرز بولۇشىدىن ئىلگىرى، ئەتىگەندە ـ ئاخشامدا ئىككى رەكئەتتىن، تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى، بۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى ئىدى. بۇنى بىراۋدىن كۆرمەستىن، ھېچكىمدىن ئۆگەنمەستىن، ئاللاھنىڭ ئىلھامى بىلەن ئوقۇپ يۈرگەن ئىدى. ئەمدى بۇ ئۇلۇغ مۆجىزە − مىراج ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قۇرەيش قەبىلىسىدىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇمىدلىرى ئۆزۈلدى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top