1001 كەشپىيات ھەققىدە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،
1001 كەشپىيات 1-بۆلۈمىنى تەرجىمە قىلىش ۋە كىرىشتۈرۈش ئىشلىرى پۈتتى،
ئا قىسمى
ب قىسمى
مۇناسۋەتلىك سۈرەتلەر
«1001 كەشپىيات (ئىجاد)» دېگەن فىلىمدە مىلادىي 600-يىلىدىن 1600-يىلىغىچە بولغان، ياۋروپالىقلار «قاراڭغۇ تارىخ» دەپ ئات قويۇۋالغان شۇ مىڭ يىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللەپ ياشنىغان تارىخىدا ئېلىپ بارغان ئىجادىيەتلىرى ۋە ئەندۇلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە) دە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر ئارقىلىق ياۋرۇپا ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋە سانائەت ئىنقىلابىغا سېلىنغان ئاساسلار بىرمۇبىر پاكىتلىرى بىلەن سۆزلەنگەن. بۇ فىلىمنىڭ تىلى تۈركچە بولغانلىقتىن، بىز، ھەر ساھەدە تىنماي ئىزدىنىۋاتقان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن توختىماستىن، تىنىم – تاپماي سوقۇۋاتقان خالىس يۈرەكلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇش نىيىتىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە كۆكلەم تورىدىكى خالىس پىدائىيلارنىڭ يېرىم يىلغا يېقىن جاپالىق ئىزدىنىشى ۋە تەرجىمە قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرچە خەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەندى. ئاللاھنىڭ ھەر قۇلىغا تەڭ تەقسىم قىلغان بىباھا نېمىتى بولغان ۋاقتىدىن پەقەت 7 سائەت چىقىرىپ بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ھەممە بۆلۈمىنى كۆرگەن ئادەم، مۇسۇلمانلارنىڭ شانلىق تارىخىدىن پەخىرلىنىپ، ئىمانى كۈچىيىپ تېخىمۇ ئۈمىدۋار ياشايدۇ. خۇددى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» نى ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئىمانى نەچچە ھەسسە چىڭىپ كەتكەندەكلا بىر ئىش.
بۇ فىلىمدە دەل شۇ شاھ ئەسىرىمىز «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» دا تىلغا ئېلىنغان نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ دۇنيا ئىلىم -پەن تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى تارىخىي ۋە ئىلمىي پاكىتلار بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن.
ئەنگىلىيە بىلىم ۋە تېخنىكا ۋەقفى 10 نەچچە يىلدىن بېرى تەتقىق قىلىپ ھازىرلىغان «1001 كەشپىيات» دېگەن كىتابتا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىيەت ئىلىم – پەن تارىخىغا قوشقان شانلىق تۆھپىلىرى ۋە 1000 يىللىق ئىلىم – پەن نەتىجىلىرى بىلەن كىتاپ ھەققىدە سۆزلەنگەن تەسىراتلار تۈركىيەدىكى داڭلىق ئۈنىۋېرسىتىتلاردا دەرس بېرىۋاتقان ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پروفىسسور ۋە دوكتور ئالىملارنىڭ ئىلمىي پاكىتلىرى بىلەن 7 بۆلۈمدە ئايرىم – ئايرىم تېمىلار بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىلىدۇ.
بۇ فىلىمدە خاس دىن توغرىلىقلا ئەمەس، ئىلىم توغرىسىدا سۆزلەنسىمۇ، «سۈتتە ئاغزى كۆيگەن قېتىقنى پۈۋلەپ ئىچىپتۇ» دېگەندەك، يېقىن كەلگىلى ئۇنىمايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. شۇڭا بۇنداق پەننى ئومۇملاشتۇرىدىغان ۋە ئىلىم – پەن تارىخىغا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىملەرنى كېڭەيتىش، ئۆزىنى ئىلىم ئىشقىدا كۆيگەن بىرى دەپ ھېساپلايدىغان ھەرقانداق ئىلىم ئىگىسىنىڭ ئىشىدۇر.
بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن شۇنداق بەختلىك ياشايدىغانلىقىڭىزغا، غەربلىكلەرنىڭ مەيدىسىنى كېرىپ مەغرۇرلۇق بىلەن «ھازىرقى زامانىۋى تەرەققىياتنى پەقەت بىزلا ياراتتۇق، مۇسۇلمانلار ئەزەلدىن قالاق، ئىنسانىيەتكە ھېچقانداق ھەسسىسى بولۇپ باقمىغان» دەيدىغان سەپسەتىلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، كاللىڭىزنى سىلكىۋىتىپ، شۇ كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتقان تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى مۇسۇلمانلار ياراتقان ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتلارنىڭ مېۋىسى بىلەن بولغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتىپ، مۇسۇلمانلار ئۆزۈمىزنىڭ 1000 يىللىق شانلىق تارىخىدىن پەخىرلىنىپ، تېخىمۇ ئۈمىدۋار ياشايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىمىز كامىلدۇر.
ئەمدىكى مەسىلە، شۇنداق شانلىق تارىخىمىزنى ياراتقان ئەجدادلىرىمىز بولغانىكەن، بۇنى قايتا نۇرلاندۇرىدىغان سىز ۋە بىزدەك ئەۋلادلار يەنە نېمىشقا پەيدا بولمىسۇن؟!
ئەگەر بۇ مەزمۇنلاردىن داۋاملىق خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز، دىققىتىڭىز داۋامى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلىنىۋاتقان 7 بۆلۈملۈك «1001 كەشپىيات» يۈرۈشلۈك ھۆججەتلىك فىلىملىرىدە بولسۇن.
سىزدىن پەقەت ئالتۇندەك ۋاقتىڭىزدىن 7 سائەت چىقىرىپ بۇ فىلىمنىڭ بارلىق بۆلۈملىرىنى كۆرۈش بىلەن بىرلىكتە، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز. بۇ سىزنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگىنىڭىز ۋە قوشقان تۆھپىڭىز بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
ئاخىرىدا، فىلىمنىڭ رۇياپقا چىقىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھارماس ئەزالىرى ۋە كۆكلەم تورى تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەمدە فىلىمنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىگەن ھىلال تېلىۋىزىيىسىگە چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.
چەتئەلدىكىلەرنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن يۇتيۇپتىكى مۇنۇ ئادرېسقا يوللاندى.
ئا قىسمى
ب قىسمى
ۋەتەندىكىلەر ئۈچۈن : http://v.youku.com/v_show/
http://v.youku.com/v_show/id_
بەيدۇدىكى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
1001 ئىجاد 1-بۈلۈم ئا قىسمى
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=140774&uk=3172432234
1001 ئىجاد 1-بۈلۈم ب قىسمى
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=144675&uk=3172432234
1001 ئىجاد 3- بۈلۈم ئا قىسمى
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=145408&uk=3172432234
1001 ئىجاد 3- بۈلۈم ب قىسمى
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=146275&uk=3172432234
1001 ئىجاد 4-بۈلۈم ب قىسمى
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=167373&uk=3172432234
1001 ئىجاد 5-بۈلۈم ئا قىسمى
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=153953&uk=3172432234
1001 ئىجاد 6-بۈلۈم ب قىسمى
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=153955&uk=3172432234
1001 ئىجاد 7-بۈلۈم ئا قىسمى
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=164408&uk=3172432234
1001 ئىجاد 7-بۈلۈم ب قىسمى
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=165760&uk=3172432234
www.dropbox.com دىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن:
https://www.dropbox.com/sh/0qha1yb1hlp6d9w/24PkjaV1If
ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسيى تەشۋىقات بۆلۈمى



ئېلىجان
مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى يوللاپ بەرگەنلەرنىڭ، مىھنەتسىز ئەجىر ئىگىلىرىنىڭ، قىلغان ئىشلىرىنىڭ ساۋابىنى ئاللا ھەسسىلەپ بەرگەي، ئامىن!