You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ماشىنچى بىلەن ئۇيغۇر – مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر (112)

ماشىنچى بىلەن ئۇيغۇر – مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر (112)

تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بىر زامانلاردا بىر شەھەردە بىر ماشىنچى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ماشىنچى كىيىم تىككۇزگۇچىلەرنىڭ ئەكەلگەن رەخلىرىنى قاختا-سوقتا قىلىشتا نامى چىققان ئىكەن. ئەمما، ناھايىتى ئۇستا ماشىنچى بولغانلىغى ئۈچۈن كىشىلەر قاخشاپ تۇرۇپ يەنە كىيىم-كىچىگىنى شۇ ماشىنچىغا تىكتۇرىدىكەن.
بىر كۈنى بۇ ماشىنچىنىڭ نامىنى ئاڭلىغان ئورتا ئاسىيالىق بىر ئۇيغۇر كىلىپ ئاشۇ يەرلىكلەر بىلەن بەسلىشىپتۇ.
ئورتا ئاسىيالىق ئۇيغۇر: «كىم مەن بىلەن بەسلىشىدۇ. مەن ئاشۇ كاززاپ ماشىنچىغا بىر پارچە رەخنىمۇ ئوشۇق بەرمەيمەن. ئۇ قانچىلىك ھىلە ئىشلەتسە ئىشلەتسۇن مەندىن ئالقانچىلىمۇ رەخنى سوقالمايدۇ!» دەپتۇ.
كىشىلەر ئۇنىڭغا: «ئۇنچىلىك مەغرۇرلىنىپ كەتمە. نۇرغۇن مەن-مەن دېگەنلەرنى قويۋەتتى ئۇ كاسساپ ماشىنچى. سەن نېمىتىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا. بەسلىشىمەن دەپ ئاخىرى پۇشايمانغا قالما» دەپ نەسىھەت قىپتۇ.
بۇ ياخشى نىيەت بىلەن قىلىنغان نەسىھەتلەرگە پىسەنت قىلمىغان ئۇيغۇر، ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرۋاپتۇ ۋە كۆپچىلىك ئالدىدا: «ئەگەر ماشىنچى مەندىن ئالقانچىلىك رەخنى ئوشۇق ئىلىۋالسا مەن ماشۇ مىنىپ كەلگەن ئىتىمنى بەسلەشكەن كىشىگە بىرۋىتىمەن. ئەگەر مەن ئۇتۇۋالسام سىلەرمۇ ماڭا بىر ئات بېرىسىلەر» دەپتۇ. شۇنداق تالاش-تارتىشتىن كىيىن ئاخىرى بەشلىشىپتۇ.
ئۇيغۇر تاڭ سەھەردىلا قولتىقىغا بىر كىيىملىك رەخنى قىستۇرۇپ ماشىنچىنىڭ دۇكىنىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ماشىنچى سەھەردىلا كەلگەن بۇ خىرىدارنى ئىززەت ئىكرام بىلەن كۇتىۋاپتۇ. ھال-ئەھۋال سوراپتۇ. ئۇزۇندىن ئۇزۇن شۇنداق سەمىمىي ھال سوراشلاردىن كىيىن، ئۇيغۇرنىڭ قەلبى ۋاللىدەك يورۇپ كىتىپتۇ ۋە قولتۇقىدىكى نەپىس توقۇلغان رەخنى چىقىرىپ ماشىنچىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. ئاندىن: «بۇ رەختىن ماڭا ئۇرۇشتا كىيدىغان كىيىم تىكىپ بەر. پەقەت بەلدىن تۆۋەن تەرىپى كەڭ، يۇقارسى كەڭ بولسۇن. يۇقارنىڭ تارلىقى بەدەنگە راھەتلىق بەرسۇن، تۆۋەننىڭ كەڭلىگى ئاياققا باغ (بوغقۇچ) بولمىسۇن» دەپتۇ.

ماشىنچى: «ھۆرمەتلىك خىرىدارىم. ھەشقاللا! ئېيتقانلىرى بويىچە بولسۇن!» دەپ زاكاسنى قوبۇل قىلىپ قولىنى كۆكسىگە قويۇپتۇ. ئەكەلگەن رەخنى ئۆلچەپتۇ. ئاندىن ئادەمنىڭ بويىنى ۋە مۇرىسىنى ئۆلچەپتۇ. بىر چەتتىن قايچا بىلەن رەخنى پىچىشقا باشلاپ، بىر چەتتىن توختىماي قىززىق گەپلەرنى، قىززىق قىسقا ھېكايىلەرنى، پىخسىق كىشىلەر توغرىسىدىكى يۇمۇرلارنى دەپ ئۇيغۇرنىنى كۇلدۇرۇپ، تىلىقتۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇيغۇر تازا كۈلىۋاتقاندا ماشىنچى چاققانلىق بىلەن رەختىن بىر پارچىنى سوقۇۋاپتۇ. بۇ ئىشنى ھېچ تۇيمىغان ئۇيغۇر: «سادىغاڭغا كىتەي قېرىنداش يۇمۇر-لەتىپىلىرىڭ توختاپ قالمىسۇن. داۋاملىق سۆزلە. ئالامەت قىززىق گەپلىرىڭ باركەن سىنىڭ جۇمۇ. سۆزلىگەنلىرىڭ روھىمنىڭ ئوزۇقى بولدى» دەپتۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ماشىنچى يەنە قىززىق گەپلىرىنى توختىماي ئارقا-ئارقىدىن دىيىشكە باشلاپتۇ ۋە يەنە بىر رەختىن بىر پارچىنى ئېلىۋاپتۇ. ئاخىر ئۇيغۇر: «ماڭا يەنە ئەڭ قىززىقىدىن بىرنى سۆزلەپ بەرسەڭ» دەپتۇ.
ماشىنچى يەنە قىززىق بىر يۇمۇر سۆزلەپ، ئۇيغۇردىن ئالىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئاپتۇ. ئۈچۈنچى قىتىم يەنە بىر پارچىنى سوقۇپتۇ. ئۇيغۇر يەنە بىر قىتىم ماشىنچىدىن يۇمۇر سۆزلەپ بىرىشنى تەلەپ قىپتۇ. ماشىنچى: «بۇ ئۇيغۇر دېگەن ھەق نېمە دېگەن چاقچاققا ئامراق، يۇمۇرنى شۇنچىلىكمۇ ياخشى كۆرگەن بارمۇ. يۇمۇرنى دەپ، پاقىراپ تۇرۇپ قويۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمۇ يوق» دەپ ئويلاپ، ئۇيغۇرلارغا بەكمۇ ھەيران قاپتۇ ۋە ئالدىدا كۇلۇپ ھېچ ھالى قالمىغان ئۇيغۇرغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ: «ئەي يالۋۇرۇپ تۇرغان ئادەم! ئەمدى يىتەر! بولدى قىل! يەنە بىر قىززىق يۇمۇر سۆزلىسەم ھالىڭغا ۋاي! تىككۇزىدىغان كىيىمىڭ تار كەپ قالىدۇ. ھېچ كىم بۇنىڭدىن رازى بولمايدۇ. ھەر ئىشنىڭ يولى بىلەن بولغىنى ياخشى. دېگەنلىرىمنى چۇشەنگەن بولساڭ كاشكى، كۇلكىنىڭ ئورنىغا يىغلىغان بولاتتىڭ» دەپ خىتاپ قىپتۇ.

ھېكمەتلەر:

قاچانغىچە مەسەل، يۇمۇرغا ئالدىنىپ ئۆز مەۋجۇتلۇقۇڭدىن مەھرۇم قالىسەن؟ قاچانغىچە «ۋەيت-ۋەيت» دىيىشلەردىن قۇتۇلۇپ ئۆزەڭنى ئادەمدەك ھېس قىلىسەن؟
ساڭا، سېنىڭدىن باشقا بىر كۇلكىلىك نەرسە بارمۇ بۇ دۇنيادا؟ خاراپ بولغان مەنزىلىڭگە ۋە مازارىڭغا بىر قاراپ باق!

ئەي نادانلىق ۋە شۇبھە قەبرىسىگە ھېرىسمەن ئادەم، قاچانغىچە قۇرۇق يۇمۇر-لەتىپىلەرگە، مەسەللەرگە ئالدىنىپ ۋاقتىڭنى بىكارغا ئۆتكۇزىسەن ياكى ئۇلاردىن ئىبرەت ئالماي، كۇلۇپلا ئۆتكۇزىۋىتىسەن؟

ھەر ئادەمنىڭ تىككۇچىسى بولغان بۇ پەلەك، سىنىڭدەكلەرنىڭ تەقدىرىنى ئەنە ئاشۇنداق پىچىدۇ.

بۇ ئۆمۇر بىر پارچە رەختۇر. بۇ پانى دۇنيا ماشىنچىغا ئوخشايدۇ. بۇ دۇنيادىكى شەھۋەتلەر، ئويۇن-تاماشىلار، كۈلكە-چاقچاقلار، بارلىق ماددى گۈزەللىكلەر ئاشۇ قىززىق يۇمۇرلارغا، ھېكايە-مەسەللەرگە ئوخشايدۇ. ئويۇن-تاماشاغا ئالدىنىپ، ئۆمۇرۇڭنى پانى ئالەمنىڭ سىمۋولى بولغان ماشىنچىغا پارچىلىتىپ ئوغۇرلاتما!

ئەي يىگىت ئەقىللىق بول! ئۆمۇر ئەتلىسىڭدىن چىرايلىق، مەڭگۇلۇك ۋە تەكۋا بىر كىيىم تىككۇزۇشكە تىرىشقىن!

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top