You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » كىچىككىنە رىزا (ھېكايە) – نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ئۇيغۇر بالىسى

كىچىككىنە رىزا (ھېكايە) – نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ئۇيغۇر بالىسى

كىچىككىنە رىزا

(تارانچى تۇرمۇشىدىن بىر لەۋھە)

نەشىرگە تەييارلىغۇچى: تاران

ئىيۇل ئېيىنىڭ سوڭ (ئاخىرقى) كۈنلىرى ئىدى. تەبىئەت ئالىمىدىكى ھەر تۈرلۈك گىياھلار كامالىتىگە ئېرىشىپ، ئەمدى تېزدىن زاۋال يېقىغا ئېغىپ كېتىدىغانلىقى تۈرلۈك ئالامەتلەردىن بەلگىلىك ئىدى. بوستانلار سارغايغان، بىۋاقت، قايغۇلۇق بىر تۈردە. ئۇنىڭدا ئاخشامدىن ساباھ (سەھەر) گە قەدەر «قىزىلگۈل» گە بېقىپ مۇڭلىنىپ، ئۇنىڭ سۇلمىغىنىغا مىننەتدار بولۇپ، مەھزۇنانە (غېرىبانە) سۈرەتتە سايراشلىرى بىلەن، بىۋاقت كۆڭۈللەرنى بېيىتىپ، دەردلىك كۆڭۈللەرنى شادلاندۇرۇپ ئالغۇچى بۇلبۇللار ئاللىقاچان «ئەلۋىدا!» ئېيتقان ئىدى. تاڭمۇ يەر يۈزىگە نۇرىنى تۈرلۈك مۇزىكا تاۋۇشلىرى ئىچىدە تۈگۈل (ئەمەس)، ساكىنانە (جىمجىت) سۈرەتتە چاچار ئىدى. بۇ ۋاقت ئىنسانلار غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتار ئىدى. تېزدىن يەر شارىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، جەننەت ھالىغا كەلتۈرگۈچى يېشىللىق ئالىمى يامان ھالدا يوقلۇق ئالىمىگە سەپەر ئەتكەچكە، ئۇلارنىڭ سارغايغان جەسىدى تەقدىر قولى بىلەن ئاق كېپىنىگە ئورۇلۇپ ئادەملەردىن يىراقلاپ كەتكەچكە، بۇ ھالەتتىن ئويلىنىپ، مىسكىن ھالدا قايغۇرغۇچى يوق ئىدى.

***

لېكىن! لېكىن! لېكىن!

بۇنىڭدىن يالغۇز بىر ئانىلا مۇستەسنا ئىدى.

ئەنە! تەك (باراڭ) ئاستىدا بىر ئانا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا زەئىپ (ئورۇق) بەدەنلىك، ماتۇر (گۈزەل) چېھرلىك، مەسۈمگىنە بىر نارىسىدە كۆرىنىدۇ. گويا ئۇنىڭ روھى، تەك گىياھلىرىدىن قېلىشماس، تېزدىن ئەرش-ئالاغا ئۇچۇشقا، تىلى، تېنىمۇ ئاق كېپەنگە پۈركۈنۈپ، ئۆز ئەسلىگە ئايلىنىشقا ئاشقۇنار (ئىنتىلەر) ئىدى. بۇ ھال بىچارە ئانىنى سوڭ دەرىجە پەرىشان قىلاتتى.

ئۇ باققۇچىلارغا مۇراجەت قىلغان ئىدى. تورۇنى (بالىسى) كىچىككىنە رىزانىڭ تېزدىن كەسب ئافىيەت (شىپا) قىلىدىغان بولغاچقا، لېكىن بۇنىڭ چارىسى «قەسىيدە خۇۋان» ياكى «باخشى» لارغا مۇراجەت ئەتكەندىلا مۇمكىن بولغاچقا، بالىنى جادۇ-سېھىر بىلەن شۇ ئاغرىق ھالەتكە كەلتۈرگەندىلا ئۇنىڭغا خەۋەر بەرگەن ئىدى…

شۇندۇق «باخشى» داپ-دۇمباقلارنى كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدى. مانا ھازىر كىچىككىنە رىزانىڭ ئەتراپىغا تولغان خەلق، ئارقىسىدا «باخشى» ئاداشلىرى بىلەن بىرگە. «ئايى!(ئاپا)»، كىچىككىنە رىزا بۇ ھالدىن سەسكىنىپ ئاپىسىغا قاراپ ئىڭرار ئىدى.

مانا، كەينىدىن بارچە خەلق بىر ئېغىزدىن «ئاللا، ئاللا!» دەپ قىچقىرىشقا باشلىدى. نېمىسىنى كۆرىسەن! «باخشى» ئۇزۇن ئاق كۆڭلىكىنى كۈرۈكتەك يۇمىلاق قىلىپ، «قۇيۇن» كەبى چۆگىلەپ، ھايقىرىپ (ۋارقىراپ) يۈردى. بەزەن قولىدىكى خەنجىرى بىلەن چۆرىسىدىكى خەلققە ھەملە قىلغاندا، يەنە «ئاللا،ئاللا!» دېگەن تاۋۇش كۆتۈرۈلەتتى.

كىچىككىنە رىزا قورققىنىدىن ئاپىسىغا يېپىشىپ، مۆلدۈرلىگەن كۆزلىرى بىلەن گويا ئۇنىڭدىن شىكايەت قىلغاندەك كۆرۈنەتتى. لېكىن بۇ ئويۇنلار پەرىلەرگە بىر كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، جىنلار بىلەن كۆرەش باشلاشقا بىر ئالامەت ئىدى.

مانا كىنات «باخشى» ئۆز ئۆزىنى قاماللاشقا تۇتۇندى. كۆزلىرىدىن ئوتلار يېنىپ، ئاغزىدىن بۇغرا (تۆگىنىڭ بالىسى) كەبى كۆپۈكلەر قاينايتتى. ئوڭ قولىدا خەنجەر، سول قولىدا «قۇش قانىتى» تۇتقان ھالدا كىچىككىنە رىزا ئۈستىدىكى پەرىلەرگە ئىنتىلدى. بۇ ۋاقت، يەنە «ئاللا،ئاللا!» دېگەن تاۋۇشلار ياڭراشقا باشلىغان ئىدى. كىچىككىنە رىزا قوققىنىدىن ئاپىسىغا يېپىشاتتى ۋە ئۇنى چىڭ قاماللاپ،قولىغا ئىنچىكە ئىزلارنى چىقىرىپ قوياتتى. بۇ ھالنى ئۇنىڭدىكى جىنلارنىڭ قوزغالغىنىدىن دەپ بىلگەنلىكتىن، باخشى بىچارە نارىسىدىنى يېنىش-يېنىش سىلاپ باراتتى. ئاخىرى كىچىككىنە رىزا بىھۇش بولۇپ، ئاپىسىنىڭ قۇچىقىغا يېقىلدى…

ئۆكتەبرنىڭ سوڭ (ئاخىرقى) كۈنلىرى ئىدى. كىچىككىنە رىزا سۇلغۇن بىر ھالدا ئىنجىقلاپ، بىر نەرسە دېيىشكە تىرىشاتتى. نېمىشقا؟ ئۇ « موللا ئاكا! موللا ئاكا!»* دېگەن سۆزلەرنى يېنىش-يېنىش تەكرارلايتتى. بىچارە ئاپىسى دەرھال «شۈكلۈك» دۇئاسىنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆرەتتى. لېكىن، چېھرىدە بىر تۈرلۈك قايغۇ ئالامىتى كۆرۈنەتتى. بۇ چاغدا كىچىككىنە رىزا مۇلايىم سۈرەتتە كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئاپىسىغا «ئامان بول!» دېگەن ئىشارەتنى بىلدۈرۈپ كۆزلىرىنى مەڭگۈ يۇمغان ئىدى… تەبىئەتمۇ گويا كىچىككىنە رىزاغا ماتەم يۈزىسىدىن يەر يۈزىنى ۋاقتسىز ھالدا ئاق كېپەنگە پۈركىگەن ئىدى.

* موللا ئاكىسى مەئىيشەت ئىشلىرى بىلەن رىزانى ئاغرىق ھالەتتە تاشلاپ قازاق تەرەپكە سودىغا كەتكەن ئاتىسىدۇر.

ئۇيغۇر بالىسى

( «شۇرا» مەجمۇئەسى 1915-يىللىق 16-سانىدىن ئېلىندى)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top