You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » مۇسۇلمانلار بەرپا قىلغان پەنلەر

مۇسۇلمانلار بەرپا قىلغان پەنلەر

غازى تەۋبە
تەرجىماندىن:
1000  -يىللاردا ئوتتۇرا شەرق دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئوچىقى ئىدى،ئەرەپ تىلىنى بىلمەي تۇرۇپ بىركىمنىڭ مەن ھەقىقى بىلىم ئىگىسى دەپ دەۋا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى،ئون تۆت ئەسىر ئىلگىرى قۇرۇلغان ئىسلام ئىمپېرىيىسى بىر بۈيۈك ئىسلام مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان بولۇپ،بۇ مەدەنىيەت دۇنيادىكى ئەڭ ئىجاتچان،بەرپاچان روھنىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى ئۆزىگە تىرەك قىلغانىدى…. شۇ ۋاقىتتا سىياسى،ھەربىي،ئىقتىسادىي جەھەتتەدۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولغان بۇ ئىسلام ئىمپېرىيىسى بەرپا قىلغان بۇ يۈكسەك ئەخلاققا ئىگە مەدەنىيەت ۋە نۇرغۇن تالانت ئىگىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى.ئەگەر شۇ 1000-يىللاردا نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان بولسا ،بۇ مۇكاپات دېگۈدەك مۇسۇلمانلاردىن ئاشمىغان بولاتتى.> يەھۇدى ئالىمى مارتىن كرامېرئامېرىكا سابىق مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گراھام فۇللېر<سىياسى ئىسلامنىڭ كەلگۈسى>دېگەن كىتاۋىدىن.1-بەت. ئامېرىكا پالگرېيۋ ماكمللان نەشرىياتى 2003-يىل ئىنگىلىزچە1-نەشرى.  پەنلەر تارىخىنى تەتقىق قىلغان ھەر قانداق تەتقىقاتچى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر نەچچە خىل پەنلەرنى بەرپا قىلغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ.بۇ مۇسۇلمانلاردىكى تەپەككۇر يۈكسەكلىكى ۋەئەقلىي پائالىيەتچانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.تۆۋەندە مەن بۇ پەنلەرنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇلارنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا ئوينىغان رولىنى قىسقىچە بايان قىلىمەن.
1. فىقھى ئىلمى.(بۇ ھازىرقى زاماندىكى قانۇنشۇناسلىق ئىلمىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.)
شافىئى(150-205) فىقھى ئىلمىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇ ئىسلام ئۈممىتىگىلا خاس بولغان بىر ئىلىمدۇر،بۇئىلىم باشقا ئەللەردە يوق.شافىئى مەدىنىدە مالىك ئىبنى ئەنەسنىڭ شاگىرتى بولۇپ، ھىججازلىقلارنىڭ فىقھى ئىلمىنى ئىگەللىگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىراققا بېرىپ، ئىراقنىڭ فەقىھى ئەبۇ ھەنىفىنىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىنىڭ قولىدا ئىراقلىقلارنىڭ فىقھى ئىلمىنى ئۈگەنگەن.ئۇ ۋاقىتتا فىقھى دېڭىزىدا راي ئېقىمى ۋە ھەدىس ئېقىمىدىن ئىبارەت ئىككى ئېقىم ھۆكۈم سۈرەتتى.بۇ ۋاقىتتا شافىئى ئىسلام فىقھى ئىلمىنىڭ ئاساس، ھۇلى بولغان <رىسالەت> دېگەن ئەسىرىنى يېزىپ چىققان ۋە بۇ ئەسىرىدە خاس ھۆكۈم، ئام ھۆكۈم، مۇتلەق ھۆكۈم، شەرتلىك ھۆكۈم،ساھابىلەرنىڭ تۇتقان يولى ۋە …..لار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن، ۋە خىلمۇ –خىل ھەدىسلەرنى قانداق ماسلاشتۇرۇشنى چۈشەندۈرگەن، قىياسنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلىگەن.ئۇسۇلى فىقھى كىتابلىرى بارلىق شەرئى دەلىللەرنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبېكتى قىلغان،مەسىلەن:قۇرئان،سۇننەت،ئىجمائ،قىياس،ئىستىھسان،ئۇرف،ئىستىسھاب،ۋە ئىلگىرىكى شەرىئەتلەر.شۇنداقلا يەنە،شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋاجىب،مەندۇب،ھارام،مەكرۇھ،مۇباھ قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلگەن.ھۆكۈمنىڭ تۈرلىرىدىن سەۋەب،شەرت،مانىئ،رۇخسەت،ئەۋزەل،توغرىلىق،باتىل قاتارلىقلار ھەققىدە بايانلار بېرىلگەن.شۇنداقلا يەنە،ئايەت،ھەدىسلەرنىڭ ئوبيېكتىنى گرامماتىكىلىق قائىدىلەر بىلەن چۈشەندۈرگەن،شۇنىڭ بىلەن ئايەت-ھەدىسلەر مەنىسى ئوچۇق ۋە ئوچۇق ئەمەس دېگەن تۈرلەرگە ئايرىلغان.يەنە شەرىئەتنىڭ مەقسىدىنى دىننى،ھاياتنى،ئەقىلنى،ئىززەت-ھۆرمەتنى،مالنى ساقلاشتىن ئىبارەت بەش تۈرگە ئايرىغان.ئۇسۇلى فىقھى ئىلمىنىڭ مەقسىدى بۇ ئىلىمنىڭ قائىدە ۋە نەزەرىيەلىرىنى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى چىقىرىش ئۈچۈن،مۇشۇ ئەھكاملارغا دالالەت قىلىدىغان،تەپسىلىي دەلىللەرگە تەدبىقلاشتۇر.
تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى فرانسىيىدىكى ئالى مەكتەپلەر قانۇنشۇناسلىق پىرىنسىپلىرى دەرسلىكى تەسىس قىلىش ئۈچۈن،ئىسلامنىڭ بۇ ئۇسۇلى فىقھى ئىلمىدىن پايدىلىنىشنى قارار قىلغان،شۇنداقلا يەنە ئۇنى قانۇن ھۆكۈملەرنى چىقارغاندا مۇراجىئەت قىلىدىغان مەنبە قىلغان.بۇ خۇددى ئۇسۇلى فىقھى ئىلمىنىڭ فىقھى پەتىۋالارنى چىقىرىشتا مۇراجىئەت مەنبەسى بولغىنىغا ئوخشايدۇ.
2.خىمىيە.
خىمىيە پېنىمۇ مۇسۇلمانلار بەرپا قىلغان پەندۇر.ئۇنىڭ نامىمۇ ئەرەپ تىلىدىن كەلگەن،بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشىدا مۇنداق ئىككى خىل ئېھتىماللىق بار:
بىرىنچىسى،كم ياكى الكمية< يەنى مىقدار دېگەن مەنىدە>دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان،چۈنكى ئالىملار ئەينى ۋاقىتتا بۇ ماددىدىن بىر مىقدارنى يەنە بىر ماددىدىكى ئىككى مىقدارغا قوشسا مۇنداق نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ دېيىشەتتى.
ئىككىنچىسى: الستر< يەنى يۆگەش دېگەن مەنىدە>دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان.ئىبنى مەنزۇرنىڭ <ئەرەب تىلى>ناملىق لۇغىتىدە مۇنداق بايانلار بار،خىمىيە دېگەن ئاتالغۇ ئەرەپچە سۆز بولۇپ،(كمى،)دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ،گۇۋاھلىقىنى يوشۇردى،مەلۇم نەرسىنى يۆگىدى دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلگەن.ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد خارەزمى (387-يىلى ۋاپات قىلغان)< ئىلىملەر ئاچقۇچى> دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:(كىمياگەرلىك دېگەن بۇ ھۈنەرنىڭ نامى ئەسلى ئەرەپچە بولۇپ،يۆگەش،يوشۇرۇش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان،كمى ،يكمى دېگەن سۆزدىن كەلگەن،)شۇ سەۋەبتىن رازى ئۆزىنىڭ كىمياگەرلىك ھەققىدىكى كىتابىغا <ئەسرار>،<ئەسرارلار سىرى>دەپ نام قويغان.
شۇنىڭ بىلەن ياۋروپالىقلار خىمىيە ئىلمىگە ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن نامنى Al-Chemie دەپ قويغان.مۇسۇلمانلاردىن ئىلگىرى كىمياگەرلىك ئىلمىنىڭ ئورنىدا ھەرخىل قاراشلار،سېھىرگەرلىك،داخانلىق ھۆكۈم سۈرگەن ئىدى.ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇ پەننى مۇسۇلمانلارنىڭ تەجرىبىچىلىك پىرىنسىپلىرىغا،ۋە يەكۈن چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئاساسلىنىپ يېڭىدىن بەرپا قىلغانلىقى توغرىسىدا قارىشى بىردەك.جابىر ئىبنى ھەييان ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىلمى تەجرىبىگە ئەھمىيەت بېرىشنى،تەجرىبىنىڭ ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات جەريانىنى ئىنچىكە كۈزىتىشكە تەۋسىيە قىلغان،شۇنداقلا يەنە نۇرغۇن كۆز قاراشلارمۇ ماددىلارنىڭ بىرىكىشى ھەققىدىكى نىسبىيلىكنەزەرىيىسىنى،فرانسىيىلىك خىمىك بروستتىن(jospeh louis proust) بەش ئەسىر بۇرۇن مۇسۇلمانلار كەشپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.بۇ نەزىرىيىنىڭ قارىشى مۇنداق:ھەرقانداق بىرىكمە تەركىبىدىكى ئېلمېنتلار ئۆز-ئارا مەلۇم نىسبەتتە تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ.بۇ خىمىيىۋى بىرىكمە ھەققىدىكى نىسبەت قانۇنى ھېساپلىنىدۇ.
3. دورىگەرلىك.
دورىگەرلىك ئىلمىنى بەرپا قىلغان ۋە ھەقىقى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەنلەر مۇسۇلمانلاردۇر،شۇنداقلا ئۇلار داۋالاشنى ئاددى دورا ئېلىپ سېتىشتىن مۇستەقىل ئىشقا ۋە ئايرىم كەسپكە ئايلاندۇرغان.مۇسۇلمانلار يەنە باشقا مىللەردىن بۇرۇن دورىخانىلارنى ئاچقان،دورىلارنى تەييارلىغان،دورىخانا ۋە دورىگەرلەرنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى تەسىس قىلغان،دورىخانىلارنى مۇقىم ۋە يۆتكىلىشچان دەپ ئىككى خىلغا ئايرىغان،يۆتكىلىشچان دورىخانىلار ئادەتتە بازارلاردىكى ھارۋىلىق شىپاخانىلارغا ئوخشاش بولۇپ،چەت،ياقا يېزا-قىشلاقلارغا ،تۈرمىلەرگە،ۋەئەسكەرلەر بىلەن جەڭ مەيدانلىرىغا ئېلىپ بېرىلغان. مۇسۇلمانلار يەنە ئاممىۋى ۋە خۇسۇسى دورىخانىلارنى قۇرغان،ھەممە شىپاخانىلارنىڭ ئايرىم دورىخانىلىرى بولغان،ئاممىۋى دورىخانىلار مىلادى 8-ئەسىردەئابباسىيە خەلىپىسى ئەلمەنسۇر دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن.
4. جەمىيەتشۇناسلىق:
بۇ ئىلىمنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىنى ئىبنى خەلدۇن(732-808) مۇنداق بايان قىلغان:يەنى ئىنسانلارنى ئىسلاھ قىلىش، ئىنسانلارنىڭ جەمىيەتلىشىشى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە،ئەھۋاللاردىن ئىبارەت.ئىبنى خەلدۇندىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئىجتىمائى تەتقىقاتلار ھەققىدىكى قاراشلىرى ئاساسەن مۇنداق ئىككى ساھەگىلا مەركەزلىشىپ قالغان ئىدى،بەزىلىرى پادىشاھ-خانلارنىڭ سىياسەتلىرى ھەققىدە توختالغان بولسا يەنە بەزىلىرى غايىۋى جەمىيەت ھەققىدە توختالغان.ئەمما ئىبنى خەلدۇن جەمىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى،تەرەققىياتى ۋە ئاخىرىدا يىمىرىلىشىدىن ئىبارەت جەريانلىرىنى تەتقىق قىلغان ۋە بۇنىڭغا يېتەرلىك دەلىللەرنى كەلتۈرگەن.جەمىيەتنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىن ئىبارەت ھەممە ساھە ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.ئىبنى خەلدۇن بارلىق ئىلىمنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيىتى بارلىقىنى،ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە مەزكۇر قانۇنىيەتلەرنى تۆۋەندىكىدەك بېكىتكەن:سەۋەبىيەت قانۇنىيىتى،ئوخشاشلىق قانۇنىيىتى،ۋە زىددىيەت قانۇنىيىتىدىن ئىبارەت.
ئىبنى خەلدۇن ئىنسانلارنىڭ جەمىيەت بولۇپ ئۇيۇشۇشىشىنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى سەۋەپكە باغلىغان:
بىرىنچىسى:ئىنساننىڭ ئۆزى يالغۇز ئۆز ئوزۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن،باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر بولۇشى.ئىككىنچىسى:ئۆزىنى قوغداشقا بولغان ئېھتىياج،چۈنكى ئىنسان   باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ھايۋانلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن،پۇت-قولنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان قورال-سايمانلارنى ياساشقا توغرا كەلگەن.ئۇنىڭدىن كېيىن ئىبنى خەلدۇن جەمىيەتكە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تەتقىق قىلغان،ئۇ تەبىئىي ئامىللاردىن ئىقلىم،كىلىمات،تۇپراق قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن،شۇنداقلا ئۆرپ-ئادەت،ئەنئەنە،تەرەپبازلىق ،دىن،ۋە ئىقتىسادى ئامىللاردىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ئامىللارنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلغان.
ئىبنى خەلدۇن ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدا جەمىيەتنى بەدەۋى جەمىيەت ۋە مەدەنىيەتلىك جەمىيەت دەپ ئىككىگە بۆلگەن ۋە بەدەۋى جەمىيەتنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بايان قىلىپ،ئۇنىڭ مەدەنىيەتلىك جەمىيەتتىن ئىلگىرى مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ ئاساسى خۇسۇسىيىتىنىڭ تەرەپبازلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان،شۇنداقلا يەنە مەدەنىيەتلىك جەمىيەتنىڭ ئاساسى خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ھۈنەر-كەسپلەرنىڭ كۆپلىكى ،ئىلىملەرنىڭ تەرەققى قىلغانلىقى،جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ ھوزۇر –ھالاۋەتكە بېرىلىدىغانلىقى،ۋە تەرەپبازلىقنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.  ئىبنى خەلدۇن يەنە دۆلەت ۋە ھاكىمىيەت ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ،جۇمھۇرىيەت ۋە پادىشاھلىق تۈزۈمىنى پەرقلەندۈرگەن.بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئادەتتە ئۈچ ئەۋلادتىن ھالقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ،ھەر بىر ئەۋلادنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ۋە ئەۋلادنىڭ ئالمىشىشغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈم سۈرۈش جەريانلىرىنى ،شۇنداقلا ھاكىمىيەتنىڭ ئاخىرىدا يىمىرىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
5-ترېگونومېتىرىيە.
ترېگونومېتىرىيىنى ھەقىقى بەرپا قىلغۇچىلار مۇسۇلمانلاردۇر،ئۇلار ئۇنى ئاسترونومىيىدىن ئايرىپ چىقىپ،ھازىرقى زاماندىكى ھالىتىگە ئوخشاش ھالەتتە مۇنتىزىملاشتۇردى.مۇسۇلمانلار تۇنجى قېتىم كوتانگىنۇس،سېكتور،سىنۇس،كوسىنۇسلاردىن پايدىلىنىپ بۇلۇڭ ۋە ئۈچبۇلۇڭلارنى ئۆلچىگەن،كوتانگىنۇس،سېكتور،سىنۇس،كوسىنۇسلار نىڭ جەدۋىلىنى تۈزگەن،شۇنداقلا يەنە شارسىمان ئۈچبۇلۇڭلارنىڭ يۈزىنى ئۆلچەيدىغان ئۇسۇلنى تاپقان.نۇرغۇن كىتاپلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ ترېگونومېتىرىيىنى بەرپا قىلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىلگەن،جۈملىدىن روم لاندو«1899-1974 ,Rom Landauنىڭ <غەرب مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار>دېگەن كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:(ياۋروپادىكى ئۈچبۇلۇڭ ھېساپلاش ئۇسۇللىرى مۇسۇلمانلاردىكى ئۈچبۇلۇڭ ھېساپلاش ئىلمىدىن ئېلىنغان.>
6-ئالگېبرا.
مۇھەممەد ئىبنى خارەزمى(780-746)ئابباسىيلار خەلىپىسى مەئمۇننىڭ تەلىپىگە بىنائەن مەزكۇز پەننى ئىختىرا قىلدى.بۇ پەننىڭ نامى ياۋروپادا logaritmi يەنى لوگارىفما دەپ ئاتالدى،ئەمەلىيەتتە بۇ خارازمىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن ئىدى.
ئالگېبرا ئىلمىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن تىجارەت قىلغاندا پۇل،تارازا ئۆلچىمى،توختام تۈزۈملىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىققان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشتا،ئاسترونومىيىلىك ھېساپلار،يەرشارىنىڭ ئايلانمىسى ۋە دۆلەت،شەھەرلەرنىڭ يەرمەيدانى ،يول،دەريالارنىڭ ئۇزۇنلىقى،يەر-ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى،شۇنداقلا يەنە مىراس ۋە تەقسىماتى مۇرەككەپ بولغان قالدۇق مۈلۈكلەرنى ھېساپلاشتا ياردىمى زور بولغان.كېيىن بەزىزى،بەننانى،ئىبنى يۇنۇس،ئىبنى ھەيسەم،ئۆمەر ھەييام،ۋە باشقا نۇرغۇن ئالىملار ئالگېبرانىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا زور ھەسسە قوشقان ۋە بۇ ئىلىمنى يۈكسەك پەللىگە يەتكۈزگەن. ھازىرقى زاماندىكى گۈللىنىش تەرەققىياتتا ئالگېبرانىڭ قانچىلىك زور رول ئوينىغانلىقىنى ھەممە ئېتىراپ قىلىدۇ،ھەتتا ھازىرقى زامان تەرەققىياتىنى ئالگېبراسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ دېيىشكىمۇ بولىدۇ،چۈنكى،ئالگېبرا ماشىنىسازلىق،ئاۋىئاتسىيە،پويىز ياساش،راكېتا ياساش دېگەندەك ھازىرقى زامان سانائىتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن.

ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top