You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » نورۇزنامە

نورۇزنامە

سەرداھى
1
مەرھابا! كەلدى نورۇز مىسكىن جەنۇبنىڭ جانىغا،
ھېكمىتى بۇغداي، قوناق، ئارپا، نوقۇت ھەر دانىغا.
قىر ئېشىپ كەلدى ئەنە بابۇر، موغۇل ۋە رىم كەبى،
سەلتەنەت سۈرگەن ئۇلۇغ ياركەنت شەھەر دەرھاگىغا.


كەلدى، ئول تەكلىماكان چۈشلىرى ھەم ھەيرانىدۇر،
جۇش ئۇرۇپ ئاقماقتا تارىم قاش ئېتىپ ئەغيارىغا.
ھون، تۈرك، ئۇيغۇر يەنە قىرغىز، قازاق، ئۆزبەككىچە،
يىل بېشى نورۇز ئىلە چۆمگەن باھار ئەييامىغا.
ياندى كۈن شاھ قەسرىگە تۈنلەر بىلەن بويلاشقىلى،
تارىلۇر تاشتىن زۇۋان ئېھ! بۇلبۇلى خەندانىغا.


كېمىسى نوھنىڭ بۇ دەم سەيلىگاھ شۇ ياھۇتقا ھەم،
نە قىلۇر دۇنياغا سۆز! ھەتتاكى ئىنسان ئەۋلادىغا.
كەل، نورۇز! باغىمغا كەل! يا قونغىلى تاغىمغا كەل!
دان قىلىپ چاچتىم جېنىمنى قۇشلىرىڭ پەرۋازىغا…
2
مەرھابا! كەلدى نورۇز گۈلگۈن جەنۇبنىڭ چاغىغا،
كەلدى قىر، ئېتىز-دالا ھەم چېلىشىش مەيدانىغا.
شۇ قارا تۈنلەرنى كۆر! پەسلى باھارنىڭ ئۆركىشى،
ھورلىنار كۆللەردە مۇز چاكۇ-چاك تەن پەريادىغا.


جىلۋىسى تىلسىزغا سۆز، خۇش ھىدى ئەماغا كۆز،
رەڭ بېرەر چۆللەرگە ئۇز يەتكۈزۈپ چىن ھەقدادىغا.
تەبىئەت ئارتىپ لىباس ئەتلەسكە تەڭداش غۇنچىدىن،
يار قىلۇر ئالەمچە زوق ئاپئاق كۆڭۈل ئىزھارىغا.


يايلىقى قىيقاس-سۈرەن، كى ئۇلغىيار «نەۋرۇز ئوتى»،
سۇلىرى ئويناپ ئاقۇر تالى مەجنۇن جەۋلانىغا.
يىرتىلىپ تۇپراق بۇ دەم كەتمەندە چاقنار زەر قۇياش،
مەشرىپى قاينار ئاۋامنىڭ زەخمەك ئۇرۇپ دىل تارىغا.


شىر سۈپەت ئەركەكلىرى شۇڭقار ئىرۇر ئات ئۈستىدە،
كۆكتىكى ئاينى ئۈزۈپ تۇتقازغىلى ئۆز يارىغا.
كەل! نورۇز، يانىمغا كەل! يا ئاققىلى قانىمغا كەل!
پۈركۈنۈپ كۈلسۇن باھار ئۇشبۇ پەقىر ئىزھارىغا!

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top