You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » كەسىپنىڭ كۆز يېشى

كەسىپنىڭ كۆز يېشى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

پات-پات غايىلىك، تىرىشچان، ئىستىقباللىق ئىنى-سىڭىلارنىڭ خەتلىرىنى تاپشۇرىۋالىمەن. ئۇلار كۆپىنچە نەدە ئوقۇش ۋە نېمە ئوقۇش ھەققىدە مەسلىھەت سورايدۇ. ئۇلارغا يارىغىدەك مەسىلىھەت بېرەلىسەم ئۇتۇق قازانغاندەك ھېس قىلىپ ھاياجانلىنىمەن. تۈنۈگۈن تۈركىيەدىكى بىر ئىنىمىز ياردەم سوراپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا: «ھازىر تورلاردا، خۇتبىلەردە ۋە سۆھبەتلەردە بىز دۇچ كېلىۋاتقان مۇسۇبەتلەر ھەققىدە ھەمىشە بىر بىرىنى ئەيىپلەشلەر، شۇئارلار، باھانىلەر كۆپ، لېكىن قۇتۇلۇش يوللىرى ھەققىدە بىرەر تىرىشچانلىق، ھەرىكەت ياكى ئەمەلىي پىلان يوق. مەن ئالدىنقى سەپتىمۇ، خەتەرلىك سەپەردىمۇ بولۇپ باقتىم. ئەمما ئەقىدىگە لايىق بىر ئەمەلگە، نەتىجىلىك ئېلىنغان بىر قەدەمگە شاھىت بولالمىدىم. مۇھاجىرلىرىمىز ئىتىقاتلىق بولغان بىلەن بىلىمسىز، ئىقتىدارسىز بولغاچ ئىقتىساتتا خەقنىڭ قولىغا قاراشلىقكەن. ئۇلار بەرىكەتسىز ئىستانبۇلدا پۇلسىز ئاچ توق يۈرىۋاتىدۇ. ھازىر مەن قانداق قىلىپ ئۈممەتنى قۇتقۇزارمەن، قانداق قىلىپ ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى ئالارمەن دەپ كاللام قاتتى، بىرەر پىلان تۈزۈپ بېرەرسىزمۇ؟»، دەپتۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇۋاتقان بىر سىىڭلىمىزمۇ «ئۆگەنگەن ئىلمىگە ئەمەل قىلىپ، باشقىلارنى يېتەكلەپلا قالماي، باشقىلارنىڭ قولىغا قارايدىغان «تاماخور موللا» بولماسلىق» ئۈچۈن نېمىلەرنى بىلىش ۋە ئۆگىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە مەندىن مەسلەھەت سوراپتۇ.

مەسىلىھەت بېرىشتىن بۇرۇن تۈركىيەدىكى ئىنىمىزنىڭ يېشىنى، ھۈنىرىنى، تەجرىبىسىنى سورۇدۇم. يا كەسپى، يا ھۈنىرى يوق، بىرەر ئورۇندا ئىشلىگەن تەجرىبىسىمۇ تېخىمۇ يوق ئىكەن. ئۇنىڭغا ياشلىقنىڭ بايلىق، ئەۋزەللىك، پۇرسەت ئىكەنلىكىنى دەپ ئۈمىتلەندۈردۈم. پىلانى ئەرەپ تىلى ئۆگىنىش ئىكەن. سەۋەبى ئوقۇشنىڭ ھەقسىز بولغانلىقى بوپتۇ.

ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان ئەللەردە دىندا ئوقۇش ھەقسىز. مەسىلەن، مەسىلىھەت سوراپ ماڭا خەت يازغان ئەرەبىستاندىكى سىڭلىمىزنىڭ ئوقۇشى ھەقسىز. مىسىردىكى ئوقۇشقىمۇ ھەق تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئاڭلىشىمچە مىسىردا دىن ۋە ئەرەبچە ئۆگەنسە ھەق ئېلىنماي، باشقا كەسىپ ئۆگەنسە ھەق ئېلىنىدىكەن. قاھىرەدە بۇ ھەقتە بىر ئىنىمىز «ئاكا، بىز ئەرەبچە ۋە دىن ئۆگەتسەك ھەق ئالمايمىز، نېمىشقا ئېنگىلىزچە، كومپىيۇتىر ئۆگەتكەنكەر ھەق ئالىدۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى. ئۇنىڭ سەمىمى كۆزلىرىگە قاراپ قويۇپ سۈكۈت قىلغان ئىدىم. نېمە دەيمەن؟ «سەن ئۆگەتكەن ئەرەپچە دىن ئۈچۈن كېرەك، دىن روھ ئۈچۈن يۆلەك. ئەمما ياشاشقا پۇل كېتىدۇ ئۇكا، ئىتىقاتتىن بۆلەك. پۇل تاپىقىلى بولمايدىغان ئىلىمنى خەق پۇل بېرىپ ئۆگەنمەيدۇ!» دەيمەنمۇ؟

تۈركىيەدىكى ئىنىمىزنى دىندا ئوقۇش بىلەن بىر كەسىپنىمۇ قوشۇپ ئوقۇشقا قايىل قىلالماي،-سىزنىڭ زاكات يەيدىغان مۇسۇلمان بولغىڭىز بارمۇ ياكى زاكات بېرىدىغانمۇ؟ -دەپ سورىدىم. ئەلۋەتتە، زاكات بېرىدىغان مۇسۇلمان بولغۇسى بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بىر مەزگىل ئەتىگەن ئاخشاملىرى نەدە بولمىسۇن ئىشلەپ پۇل تېپىپ بىرەر كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلدىم. ئەرەبچىنى بولسا ئاۋۋال توكچىلىق، تۇربىچىلىق، سۇچىلىق،  سىرچىلىق، رېمنۇتچىلىق دېگەندەك ھۈنەردىن بىرنى ئۆگىنىپ ئىشنىڭ پېشىنى تۇتىۋېلىپ تۇرمۇشنى خاتىرىجەم قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆگىنىش تەكلىپىنى بەردىم.

ئەلۋەتتە، قاھىرەدە ئىلاھىيەتتە  ئوقۇۋاتقان بىر ئىنىمىزگە، ئۈرۈمچىدە شىئېرىيەتنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر سىڭلىمىزغا مەنىۋىي بىلىمدىن سىرىت بىر ئەمەلىي ھۈنەر ئۆگىنىش مەسلىھەتى تازا يېقىملىق ئاڭلانمايدۇ. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، مەدىرىسلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىۋاتقان پەيتتىكى تۇيغۇ بىلەن تەر تۆكۈپ، مايغا بۇلىنىپ ھۈنەر ئۆگەنگەندىكى ھىسىيات ئوخشىمايدۇ. خالىسا ئولتۇرۇپ، خالىسا قىڭغىيىپ كىتاپ ئوقۇۋاتقان، ساۋاق يادىلاۋاتقاندىكى كەيپىيات بىلەن ئۇستامنىڭ تەلەتىگە قاراپ، ئىشنى بۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ مەشخۇلات قىلىۋاتقان چاغدىكى روھىي ھالەت ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدۇ. بۇ تۇيغۇلار ئوقۇۋاتقان بالا، ئوقۇتۇۋاتقان ئاتا، ئوقۇتۇشقا مەسئۇل ئۇستاز ئۈچۈنمۇ ئورتاق. ئەمما بۇ تۇيغۇلارنىڭ سېلىشتۇرغىنىمىزدا سوغۇققانلىق بىلەن يۈرەكنى تىڭشاپ، ئۆزىمىزنى دەڭسەپ بېقىشىمىز، قوغلىشىۋاتقىنىمىزنىڭ ئەمەلىي نەتىجىمۇ ياكى خىيالى تۇيغۇمۇ بۇنى ئايدىڭلاشتۇرىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىرەر كەسپ ئۆگىنىشنى تۆۋەن كۆرۈپ بىرەر مۇنبەرگە چىقىشنى چوڭ بىلىۋاتقان بولساق قوغلىشىۋاتقىنىمىزنىڭ ئەمەلىي نەتىجە ئەمەس، خىيالى تۇيغۇ ۋە ئىناۋەت ئىكەنلىكى سىر ئەمەس. ئەگەر بىز ئۆمۈرلۈك پائالىيەت بولغان ئىلىم ئۆگىنىشنى كۈندىلىك تۇرمۇش ئىھتىياجى بولغان كەسىپ ئىگىلەشتىن ئۈستۈن قويۇۋالغان، ياكى ئىككىسىنى زىتلەشتۈرىۋالغان بولساق خاتالىشىۋاتقان بولىمىز. چۈنكى بۇنداق پىكىرگە تەسىر قىلىۋاتقان ئامىل بىزنىڭ ئىلىم ۋە كەسىپكە بولغان نامۇۋاپىق پوزىتسىيەمىزدۇر.

ئارىمىزدىكى كەسىپ ۋە ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان بۇنداق نامۇۋاپىق تونۇش ۋە پوزىتسىيەنى بىز چەتئەللەردە تەجرىبە قىلىپ يەكۈنلىمىگەن، كىتاپتىن ئۆگىنىۋالمىغان ياكى ئەجدادىمىزدىن قوبۇل قىلمىغان، بۇ بىزگە ياشىغان جەمئىيەتتىن، شۇ جەمئىيەتنى كونترول قىلىپ تۇرغان تۈزۈمدىن يۇققان. رىياللىقتا كادىرنى ئەزىز، دىھقاننى خار قىلغان، ئىشچىنى تۆۋەن، باشلىقنى ئۈستۈن كۆرىۋاتقان، كاسىپنى يوقسۇل، مەمۇرنى باي قىلىپ تۇتۇپ تۇرىۋاتقان تۈزۈم بىزنى شۇ تونۇشقا كەلتۈرگەن. نەتىجىدە تۈزۈم بىزنى ئىلىم ئىگىلەشنى كەسىپ ئىگىلەشتىن، ئۆلىمالىقنى كاسىپلىقتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ياكى بىر بىرىگە زىت دەپ چۈشىنىدىغان قىلىپ قويغان.

ئەزھەردىكى ئۇيغۇر تالىپلارغا ئىلاھى ئىلىم ئىگىلەشنى نىشان قىلىش بىلەنلا قالماي، كۈندىلىك پىلان تۈزۈپ ياشاش ۋە جان بېقىشقا ئەسقاتىدىغان بىر كەسىپ ئۆگىنىش ھەققىدە لېكسىيە قىلدىم. بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبەم بويىچە مۇساپىرەتتىكى ھاياتتا مەندەك ئەدەبىيات، تارىخ ۋە تىلشۇناسلىق بىلىدىغان بىر ئادەمگە قارىغاندا تامچىلىق، بېزەكچىلىك، كومپىيوتىرچىلىق قىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ بەكرەك ياخشى كۈن كەچۈرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئەگەر ئوقۇش ھاياتىمدىن پۇشمان قىلىشقا توغرا كەلسە بىر كەسىپنى قوشۇپ ئۆگىنىپ قويمىغىنىمغا پۇشمان قىلىدىغانلىقىمنى دېدىم. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بۇ گېپىمگە رەددىيە بېرىپ، دىن ئوقۇشىنىڭ جان بېقىش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى، مىسىرغا جان بېقىشقا ئەسقاتىدىغان كەسىپ ئۆگىنىشكە كەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەشتى. ۋەتەندە جۇغراپىيە ئوقۇغان بىر ماگىستىرنىڭ ئەزھەرگە كەلگەندىن كېيىن بۇرۇنراق دىن ئوقۇماي كەسىپ ئوقۇغىنىدىن پۇشمان قىلغانلىقىنى، ئىلاھىي ئىلىم ئالدىدا باشقا ئىلىمنىڭ ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغانلىقىنى پاكىت قىلىپ ماڭا رەددىيە بەردى. تۈزۈمدىن يۇقۇملىنىشنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى بايقاپ ئەپسۇسلاندىم، بەلكىم، مەن دېمەكچى بولغانلىرىمنى ياخشى چۈشەندۈرەلمىگەندىمەن. شۇنداق قىلىپ لېكسىيەمنى ئىسلام تارىخىدا نېمە ئۈچۈن ساراي شائىرىلىرى ۋە ساراي ئۆلىمالىرى دېگەن ئۇقۇمنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىش بىلەن ئاياقلاشتۇراي دېدىم ۋە «بازادا ئاققىدەك ھۈنىرى يوق شائىر ھۆكۈمدارنى ماختاپ شىئېر ساتىدۇ، ئۆزىنى باققىدەك كەسپى يوق ئۆلىما ھاكىمىيەتنى ئاقلاپ پەتىۋا ساتىدۇ. ھۈنەر ساتسا ھۈنەرۋەن دەيمىز، ياساپ ساتسا كاسىپ ئاتايمىز، ئەمما پەتىۋا ۋە شىئېر ساتسا ساتقۇن بولۇپ تونۇلىدىغان گەپ» دېگەنلەرنى تەكىتلەپ، بىر ئاز ئىچىنغانچە خوشلاشتىم.

يۇقارقىدەك مەسۇم ئوقۇغۇچىلارنى تۈزۈمدىن يۇقۇملىنىپتۇ، دەپ ئويلىدىم. ئەمەلىيەتتە تۈزۈمدىن يۇقۇملىنىش ھەممىمىزدە بار. چۈنكى بىز دىھقان، ئىشچى، كادىر، باي، باشلىق دېگەندەك ئېنىق سىنىپلارغا ئايرىلغان جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلىدۇرمىز. بۇ سىنىپلارغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسى ئورنى ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى ھەرقانداق كىشى يۇقارقى سىنىپلارنىڭ بىرىگە تەۋە بولىدۇ ۋە جەمئىيەتتە شۇنىڭغا لايىق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. بىز ئۆزىمىزگە ۋە ئۆزگىلەرگە بەزىدە ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يۇقارقى سىنىپ ئايرىمىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىمىز. شۇڭا جەمئىيەتتە كەسىپ ئىگىلەش  دېگەنلىك تۆۋەن تەبىقىدىكى ئىشچىنىڭ ئىشىدەك تۇيۇلۇپ ئانچە قارشى ئېلىنمايدۇ. ھەممىمىز تەبىقىچىلىك ھۆكۈمران بولغان جەمئىيەتنىڭ  قېلىپىدا قۇيۇلغىنىمىز، يۇقۇملانغىنىمىز ئۈچۈن بىر قىسىم ياشلار چەتئەللەردىمۇ ئاۋۋال بىرەر كەسىپنىڭ پېشىنى تۇتماي ئەرەپچە ۋە قۇرئان ئۆگىتىدىغان ھەقسىز مەكتەپلەردە ئوقۇشنى تاللاۋاتىدۇ، بەزى ئاتا-ئانىلار ۋە ئۆلىمالار ئەتراپىدىكىلەرنى، ھەتتا بالىلارنىمۇ شۇنىڭغا دەۋەت قىلىۋاتىمىز. بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ «ئىنسانغا 72 خىل ھۈنەر ئاز»، «ھۈنەرلىك ئىنسان خار بولماس» دېگەنگە ئوخشاش ۋەسىيەتلىرىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سودىگەر، داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆمۈرچى، زەكەرىيا ئەلەيھىسالامنىڭ ياغاچچى، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دوختۇر بولغانلىقىدەك سۈننەتلەرنى تاشلاپ قويغانغا باراۋەر.

مەسلىھەت سورىغان ۋە سورىمىغان ئىنى سىڭىللارغا شۇنى دېگۈم بار؛ بۈگۈن بىز يەرشارى تورلىشىپ بىر كەنتكە ئايلانغان دەۋىردە ياشاۋاتىمىز. رىسقىمىزنىڭ نەگە چېچىلغانلىقىنى ھىچ قايسىمىز بىلمەيمىز. باشقىلارغا مۇھتاج بولماي، بىرەر سىياسى گورۇھ، ئىدولوگىيە ۋە ئورگانغا بېقىنىپ قالماي، زاكات تىلىمەي زاكات بېرىپ ياشىماقچى بولساق ئۆزىمىزدە دۇنيانىڭ نەرىگە بارساق ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر كەسىپ، ھەممە يەردە قوللىنىلىدىغان بىر تىل ۋە سەمىمىيەتنى ئۆلچەم قىلغان بىر ئەخلاق يېتىلدۈرگىنىمىز ئەۋززەل. ئىلاھىيەتكە بولغان سۆيگۈ، شىئېرىيەتكە بولغان ھەۋەس، تارىخقا بولغان مۇھەببەت، غايىپقا بولغان تەپەككۇر، جەمئىيەتكە بولغان قىزىقسىنىشلار پەقەت بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك غايىمىز بولۇپ مەنىۋىي ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرىدۇ. ئەمما ئىقتىسادنى ماتور قىلىپ ئايلىنىۋاتقان  دۇنيادا بىزنىڭ كۈندىلىك ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرىدىغان بىرەر كەسىپ تۇرمۇش ۋاستىمىز بولمىسا، ئۇلۇغۋار غايىلەر پۈچەك تۇرمۇش ۋاستىسىگە ئايلىنىپ، غايىنىڭ ئەسلى قىممىتى ۋە بىزنىڭ ئىنسانى قىممىتىمىز يەرگە ئۇرىلىشى مۇمكىن.

بىز بۇيەردە سىزگە باشقىنى ئەمەس بەلكى ھۆنەر كەسپ ئىگىلەشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەرغىپ قىلماقچىمىز، ھۆنەر بولىدىكەن ھەرقانداق جايدا خار بولمايسىز.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top