ئەقىلنىڭ تاللىشى تۈركىيەمۇ؟

ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2014-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىكى تۈركىيەگە كۆچمەنلىك دولقۇنى ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىقتى. شۇندىن كېيىن كۆچمەنلىك قىزغىنلىقى يۇقىرىلىدىكى پەسەيمىدى. بۈگۈنگىچە تۈركىيەگە كېلىدىغان ۋە كېلىپ كەتمەيدىغانلارنىڭ ئايقى ئۈزۈلمەي داۋام قىلماقتا. تۈركىيەگە ئېلكترونلۇق ۋىزىنىڭ قولايلىقى، دىنىي ئەركىنلىك، مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېقىنلىق ۋە قان قېرىنداشلىق ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە ھەر دائىم ماگىنىتتەك تارتماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياشىغۇسىز مىللىي زۇلۇم، دىني باستۇرۇش، ئىقتىسادىي تالانتاراچ ۋە زوراۋانلىقلار ئۇيغۇرلارنى ساراسىمىگە سېلىپ پىتراپ قېچىشقا مەجبۇر قىلماقتا. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇيغۇرلاردىكى كۆچمەنلىك دولقۇنى مۇساپىرلارنىڭ دېڭىزىغا ئايلانغان تۈركىيەدە ئۈمىت قىرغاقلىرىغا يېتەلمەيۋاتىدۇ. خىزمەت رۇخسىتى ئالالماسلىق، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بولماسلىق، پۇقرالىق پۇرسەتلىرىنىڭ ئېنىقسىزلىقى قاتارلىقلار كۆچمەن ئۇيغۇرلاردا تەشۋىش پەيدا قىلىپ تۇرماقتا.
تۈركىيەدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ نوپۇسقا ئېلىنماسلىقى ئاتا-ئانىلارنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى. تۈركىيەنىڭ قانۇنىدا تۈرك تۇپراقلىرىدا تۇغۇلغان چەتئەللىك بوۋاقلارغا پاسپورت بېرىلمەيدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار يەنىلا خىتاي ئەلچىخانىسىدىن پاسپورت ئېلىشقا مەجبۇر. تۈركىيەگە ئائىلە بويىچە كەلگەن ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنىڭ يەنە بىر مەسىلىسى بالىلارنىڭ تۇغۇلۇش ئىسپاتى بولۇش كېرەكلىكى ۋە ئۇنى ئاپوستىل قىلدۇرۇش مەسىلىسى. تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىدە بالىلارنىڭ تۇغۇلۇش ئىسپاتىنى ئاپوستىل قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھاجەتمەن ئۇيغۇر چوقۇم بۇنى خىتايدىن ئېلىشى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تامغىسى بولۇشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى خىتايغا ئەۋەتىشى كېرەك. بۇلارغا بولىدۇ ياكى بولمايدۇ دېگەن جاۋاپ ئۈچۈنلا ئەڭ ئاز بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بەزى بالىلارنىڭ تۇغۇلۇش ئىسپاتى يوق، بەزىلىرى يوشۇرۇنچە تۇغۇلغان بولغاچقا بۇنداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش مۇمكىن ئەمەس. رەسمىيەتلەر تولۇق بولمىغانلىق سەۋەبىدىن بالىلارغا ئىقامەت بېجىرىلمەيدۇ. نەتىجىدە بۇنداق بالىلار ئوقۇشسىز قالغاننىڭ ئۈستىگە ئاغرىپ قالغاندا تۈركىيەدە يولغا قويۇلغان داۋالاش ئىتىبارىدىنمۇ بەھرىمەن بولالمايدۇ.
تۈركىيەدە ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قالغان كىشىلەردىن بىلىمىزكى، تۈركىيە پاسپورتىغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ بىخەتەرلىككە ئېرىشمەك ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. تۈركىيە پاسپورتىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تەسىرىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا، شىمالى ئافرىقا ۋە بىر قىسىم شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە خاتىرىجەم بېرىپ كېلەلمەيدۇ. خىتايغا بېرىشتا ئەندىشە تېخىمۇ ئېغىر. بىرى ئۇيغۇرلارغا خىتايدىن ئاسان ۋىزا بېرىلمەيدۇ. يەنە بىرى ۋىزىلىق بارالىغانلارنىڭمۇ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ھەرقاچان تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
تۈركىيەدە سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلەر پۈتۈن دۇنيادىكى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئومۇمى سانىدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇپ نۆۋەت كۈتۈپ ياتقان مىيۇنلارچە مۇساپىر بار. تۈركىيەدە پاناھلىق تىلىگەنلەرگە پەقەت بېكىتىلگەن شەھەردىن ئايرىلماسلىق، ھەپتىدە بىر مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تۇرۇش تەلىپى قويۇلىدىغان بولۇپ ياردەم ئېلىش، سۇغۇرتىلىق بولۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيەدىكى شەھەر شەھەرلەردە سۈرىيە، ئىران، ئىراق، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇساپىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈتۈپ ياتماقتا. بۇ ھال، پاناھلىق تىلىگەن، يېنىدىكى ئازغىنا پۇلنى قاچان تۈگەپ كېتەر دەپ ئەندىشىدە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بېسىم بولماقتا.
تۈركىيەدە ئىككىلىنىش، سىناش ۋە كۈتۈش بىلەن ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىش باشقا ئەللەرگە ۋىزا ئېلىشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ سۈرىيە ئاشقۇنلىرىنىڭ بېكىتى بولغان تۈركىيىدە ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىشى تۈپەيلى، ئۆزىنىڭ بىخەتەر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ياۋروپا ئىتىپاقى ۋە ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيەگە ئوخشاش غەرپ ئەللىرى كونسۇللىرىغا ئىشەندۈرۈش بىر مەسىلە بولغانلىقتىن ۋىزا ئالالمايدۇ. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، قولىدىكى خىتاي پاسپورتنىڭ ۋاقتى توشۇپ قېلىش مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ھازىر ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ئۇزارتىپ بېرىشنى قىيىنلاشتۇردى. قىينىلاشتۇردىلا ئەمەس بېجىرىپ بەرمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى بىر موھىم سەۋەپ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە چىگرا بولۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيە ئۇرۇش مەيدانلىرىدا پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم خىتاي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى خالىمايۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. يېقىندىن بېرى ۋەتەنگە قايتقان، تۈركىيەدە تۇرغانلىق تارىخى بار ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك مۈشكۈلاتلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى بۇ ئىھتىماللىقنى تەستىقلايدۇ. خىتاي يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئىمارات قاتارلىق ئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ پاسپورتىنى يېڭىلاپ بەرمەيۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. ئەڭ خەتەرلىك يېرى، تۈركىيەدە تۇرۇپ، پۇلى تۈگەپ، پەقەت ئامال بولمىغاندا سىياسىي پاناھلىق تىلەشنىڭ ئۇتۇقسىز بولىدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە.
دۇنيادىكى 10-چوڭ ئاشلىق ئىمپورت دۆلىتى بولغان تۈركىيەدە يىمەك ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە ئۆي چىقىملىرىنىڭ ئۆرە بولۇشى، تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى، پاناھلانغۇچىلارنىڭ پاناھسىز قېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز ئالدىدا كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان مەسىلە. تۈركىيەگە كەلسىلا ھەممە مەسىلىسى ھەل بولۇپ كېتىدىغاندەك بىر ئۈمىتتە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تۈرك جەمىيىتىدە ئەۋلاد تەربىيسى ۋە شەخسى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتا ئېنىق بىر ئىستىقبالنى كۆرەلمەيۋاتقان، تۈركىيەدە يىللاردىن بېرى يىغىپ قويغانلىرىنى يەپ يېتىۋاتقان ھالىتى بىر ئىجابىي نەتىجىنىڭ بىشارىتى ئەمەس. ياۋرۇپادىن تۈركىيەگە كېلىپ ئۆي ئېلىۋاتقان كۆچمەن ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيەدىن كۆچمەي تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش، مائارىپ ۋە ئىقتىدار سۈپىتىنى سېلىشتۇرۇش كىشىگە نۇرغۇن سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
دېمەك، تۈركىيەدە ياشاش، پاناھلىنىش، خىزمەت رۇخسىتى ئېلىش، ئىقامەت بېجىرىش، پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇش، داۋالاش سۇغۇرىتىسىغا ئېرىشىشكە ئوخشاش چاتاقلارنى ۋە بىخەتەرلىكى ئەندىشىسىنى تۈگىتەلمىگەن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە داۋاملىق بۇ ئەلنى تاللىشى ئويلىنىشقا تىگىشلىك.
باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنىڭ تۈركىيەنى تاللىشىدا مۇھىم سەۋەپلىرىنىڭ بىرى تۈركىيە ۋىزىسىنىڭ ئاسان بولۇشى، كىشىلىرىمىزنىڭ پاناھلىق ئۈچۈن غەرپ ئەللىرىگە كېتەلمەسلىكىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرسىمۇ ۋىزا ئالالماسلىق مەسىلىسى. شۇڭا بۇ مەسىلىدە قېرىنداشلارغا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى سۇنۇشنى خالايمىز.
بىرىنجى، خىتاي پۇقرالىرىغا ئېلىكترونلۇق ۋىزا بېرىدىغان، پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىغان، مۇساپىرلارنىڭ بەزى ئىھتىياجلار قامدىلىدىغان بىخەتەر دۆلەتلەرگە بېرىشنى سىناپ بېقىش. مەسىلەن، ئاۋسترالىيە، (ئېلىكترونلۇق ۋىزا 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنى ئېچىلىدۇ)، ماكىدونىيە، بوسنىيە، سېربىيە (يېڭى يىلدا ئېچىلماقچى) ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش ئېلىكترونلۇق ۋىزا ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىغان، ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا تېرورچىلىققا باغلىنىپ گۇمانغا قالمايدىغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپى تۆۋەن بولغان ئەللەرنى سىناشقا بولىدۇ. ئىككىنجى، قولىدا پاسپورتى يوقلارنىڭ بىۋاستە باشقا غەرپتىكى ئەللەرگە كېتىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغاندا كېچىكتۈرمەي تۈركىيەدىكى ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئورگىنىغا سىياسى پاناھلىق سۇنۇشى. (كۆپ ھاللاردا سىياسى پاناھلىق بېرىلگەندىن كېيىن غەرپ دۆلەتلىرىگە تەقسىم قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ) .
ئۈچىنجى، خىتاي پاسپورتىغا ۋىزا تەلەپ قىلمايدىغان، خىتاي بىلەن دېپلۇماتىك مۇناسىۋىتى بولمىغان دۆلەتلەرنىمۇ سىناپ بېقىش، مەسىلەن پالاۋ دېگەندەك. تۆتىنجى، خىتاي ساياھەتچىلىرى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن بەزى دۆلەتلەر، مەسىلەن، باھاما، فىجى، گرېنادا، ماۋرتيۇس، سېيشىل، تونگاغا ئوخشاش ئەللەرنى سىناپ كۆرۈش. بۇ ئەللەردە ئېنگىلىز تىلى قوللىنىلىدۇ. ئۇندىن باشقا برۇنى، سىنگاپۇرغا ئوخشاش15 كۈن تۇرسا ۋىزا تەلەپ قىلمايدىغان دۆلەتلەرمۇ بار، ئەمما بۇ دۆلەتلەردىن سىنگاپوردىن باشقىسىدا ب د ت پاناھلىق ئورگىنى يوق. بۇندىن باشقا ئېلىكتىرونلۇق ۋىزا ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىغان ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان، بېنگال، بېنىن، بوسنىيە، بۇلغارىيە، كۇبا، گرۇزىيە، گۇايانا، لائوس، ماكىدونىيە، مولدوۋا، موڭغۇلىيە، چاۋشەن، پاكىستان، سېربىيە، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ۋېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بار. ئەمما مالايسىيە خىتايغا ئېلىكترونلۇق ۋىزا يۈرگۈزگەن بولسىمۇ تۈركىيەگە ئوخشاشلا سۈرىيەگە ماڭىدىغانلارنىڭ بىر يولى بولۇپ قالغانلىقتىن، مالايسىيەگە بېرىش كېيىنكى غەرپ ئەللىرىنىڭ ۋىزىسىغا ئېرىشىشكە توسالغۇ بولۇپ قېلىشىمۈ مۇمكىن. يەنە كېلىپ مالايسىيە ئېلىكترونلۇق ۋىزىسىنىڭ ئۇيغۇرغا بېرىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر مەۋجۇت.
ئۇيغۇر مۇساپىرلار بۈگۈن تۈركىيەگە توپلىشىپ قالدى. توپلانغىنى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمۇ، مۇسىبەتلىرىمۇ، چارەسىزلىكىمۇ تۈركىيەدە دۆۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا كۆچمەنلىك ئىستىكىدە بولۇۋاتقانلارنىڭ، پاناھلىق تىلىمەكچى، ياكى پاناھلىق تىلەپ باشقا ئەللەرگە كەتمەكچى بولغانلارنىڭ تۈركىيەنى تاللاشتا ئىھتىياتچان بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. پاناھلانغۇچى ئىلتىماسىنىڭ تەستىقى چىققۇچە بىر نەچچە ئاي، ھەتتا يىللاپ ئىلتىماس قىلغان يەردە تۇرۇپ قالىدىغان بولغاچقا بىخەتەرلىك، تۇرمۇش چىقىمى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئويلىشىپ قارار بېرىش، ئالدىراپ تۈركىيەگە ئوخشاش مۇساپىرغا لىق تولغان دۆلەتنى ئەمەس، خىتايغا دىپلوماتىيە ھاجىتى چۈشمەيدىغان، ئەرزان، يىمەك ئىچمەكتە قىينىلىپ كەتمەيدىغان، بىر قانچە جۈملە ئېنگىلىزچە بىلسىلا ياشىغىلى ۋە دەماللىققا غەرپ دۆلەتلىرىگە ۋىزا ئالغىلى بولىدىغان، ياكى ب د ت غا سۇنغان پاناھلىق ئىلتىماسنىڭ جاۋابى چىققۇچە قىينالماي بىخەتەر تۇرغىلى بولىدىغان ئاۋسترالىيە، بوسنىيە، ماكىدونىيە، ھىندىستان، سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى تاللىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىدىكى كۆزقاراشلار ئاپتورغىلا خاس بولۇپ، ئاكادېمىيەگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.