كىتاب ۋە مەۋجۇتلۇق
ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى
كىتاب ئىدىيەنىڭ ئوزۇقى. ئەجدادلىرىمىز كىتابقا تايىنىپ، كىتاب ئوقۇپ پاسسىپ، قالاق ئىدىيەنى ئۆزگەرتكەن. مۇتەپپەككۇر، ئالىم، ئەدىبلەر كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ساغلام ۋە ئىلغار ئىدىيەنى تەشەببۇس قىلغان. بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرىدە ئادالەت ۋە قانۇن، بەخت-سائادەت، ئەقىل-ئىدراك، قانائەتتىن ئىبارەت تۆت سىمۋوللۇق ئوبراز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىلغار ئىدىيەسى بولغان دۆلەت باشقۇرۇش يوللىرىنى ھەم بۇ ھەقتىكى پەلسەپە ۋە ئەخلاق قاراشلىرىنى بايان قىلغان. شۇڭا بۇ كىتاب ئۆز زامانىسىدا دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ ئوبدان قوللانمىسى سۈپىتىدە شۆھرەت قازانغان.
بىر ئادەمنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ ئەگرى-توقاي، جاپا-مۇشەققەتلىك بولۇشى، تۈرلۈك قىسمەت ۋە كۈلپەت ئىچىدە ياشىشى ياكى تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادەتلىك بولۇشى، ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە مەغلۇبىيەتلىك بولۇشى، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە باي ياكى نامرات بولۇشى قاتارلىقلارنى شۇ ئادەمنىڭ ئىدىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەمنىڭ ئىدىيەسى قانچە ئاكتىپ، ئىلغار ۋە ساغلام بولسا، ئىستىقبالىمۇ شۇنچە پارلاق بولىدۇ. قالاق، قاتمال، پاسسىپ ئىدىيە ئادەمنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدۇ. ئادەم ئىلغار ئىدىيە بىلەن قوراللانغاندا تەپەككۇرنى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ، ئىرادىنى مۇستەھكەملەيدۇ، ئىشەنچ ۋە ئېتىقادنى چىڭىتىدۇ، ئەقىل-پاراسەتنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلالايدۇ، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە جەڭ ئېلان قىلالايدۇ.
كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئىلغار، ئاكتىپ ئىدىيەنى يېتىلدۈرگىلى، يېڭىچە ئىدىيەگە ئېرىشكىلى ۋە ئىدىيەنى ئوزۇقلاندۇرغىلى بولىدۇ. كىتاب ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلىرى ۋە ئىلغار ئىدىيەلىرى، بىلىم-ھېكمەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن مەنىۋى بايلىق. ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندا ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرغىلى، ساغلام روھىي ھالەتكە ئىگە بولغىلى، يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئېچىشقا تۈرتكە بولغىلى، پەزىلەتنى نۇرلاندۇرغىلى، ئەقىلنى ئويغاتقىلى، تىنىمسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، پەللىمۇپەللە ئۆرلىگىلى بولىدۇ.
كىتاب ئىلغار ئىدىيەنى يېتىلدۈرۈپ، بىزگە ئىلىم-ئېرپان ئۆگىتىدۇ، پاراسەت ئاتا قىلىدۇ، خۇراپاتلىق، نادانلىق، قالاقلىق، نامراتلىقنى ئۆزگەرتىشكە يۆلەك بولىدۇ. يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش ۋە يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلەشكە ئۈندەيدۇ، دۇنيانى چۈشىنىش، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى ۋە مەدەنىيەت، ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. كىتاب يەنە ئادەمنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ.
كىتاب پۈتمەس-تۈگىمەس بىلىم بۇلىقى، ئەقىل-پاراسەت، ھېكمەت خەزىنىسى. ئۇ بىزگە تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى، كائىناتنىڭ مۆجىزىلىرىنى تونۇتىدۇ، يېشىلمىگەن تۈگۈن، ئېچىلمىغان سىرلارنى ئېچىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بىزنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرىدۇ، قۇدرەت تاپقۇزىدۇ، كۈچلەندۈرىدۇ. كىشىلەر مەيلى زوقلىنىش، غىدىقلىنىش ئېھتىياجىدىن كىتاب ئوقۇسۇن، مەيلى گۈزەللىك ئېھتىياجىدىن كىتاب ئوقۇسۇن، مەيلى كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇسۇن، مەيلى بىلىم ئېھتىياجىدىن كىتاب ئوقۇسۇن ھەممىسى كۆڭۈللۈك پائالىيەت.
تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىلىم-ئېرپان ئۆگىنىشكە، ئىلىم-پەنگە تايىنىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئىلغار ئىدىيەگە ئىگە بولۇپ قۇدرەت تاپقان. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە قۇمدەك چېچىلىپ، 2000 يىل سەرگەردانلىقتا ياشىغان يەھۇدىيلار يىلتىزىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۆز دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇدرەت تاپقان مىللەتكە ئايلىنالىشى ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەنلىكىدىن، ئىلىم-پەن ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى زور تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، نامى دۇنياغا تارقالغان ۋە مەدەنىيەت، ئىقتىساد، تىل-يېزىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىنكى دەۋرلەردە سوپى-ئىشانلار باش كۆتۈرۈپ، قالاق، پاسسىپ ئىدىيەلەرنى تەرغىب قىلىپ، سان-ساناقسىز كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ، خەلقىمىزنى نادانلىق ۋە خۇراپاتلىق پاتقىقىغا تاشلاپ، جاھالەت ۋە زۇلمەت يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا زور چېكىنىش، خارابلىشىش كۆرۈلدى. مانا بۇلار بىلىمسىزلىكنىڭ، كىتاب ئوقۇماسلىقنىڭ ئادەمنى ئېچىنىشلىق تەقدىرگە گىرىپتار قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
بۈگۈنكى دۇنيا ئىلىم-پەن يۈكسەك تەرەققىياتقا ئېرىشكەن، كىشىلەر كۈچلۈك رىقابەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلانمىسا بولمايدىغان دۇنيا. شۇڭا ھازىر بىز كىتابسىز دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.
بۈگۈنكى كۈندە بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى ناھايىتى تېز بولماقتا. بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى ئىلگىرى ئون يىلنى بىرلىك قىلسا، ھازىر ئۈچ يىلنى بىرلىك قىلماقتا. دۇنيا بويىچە ھەركۈنى نەچچە يۈزلىگەن كىتاب، نەچچە مىڭلىغان ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان يېڭى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. مانا بۇ يېڭى بىلىم، يېڭى قاراشلارغا ئىگە بولۇش، ئۇنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى قىلىش ئۈچۈن پاسسىپ، قالاق ئىدىيەلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى، قۇدرەت تېپىشى، پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولۇشى لازىم. كىتاب ئوقۇغان ئادەم بىلەن كىتاب ئوقۇمىغان ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ئىدىيە، ساپا ۋە بىلىم جەھەتتە زور پەرق بولىدۇ. كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن كىشىلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئىقتىدارى يۇقىرى، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتىكى تەدبىرى كۈچلۈك بولىدۇ.
كىتاب ئىنسانغا مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلىدۇ، ئىستىقبال يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان ئالتۇن ئاچقۇچقا ئىگە بولىدۇ. تەپەككۇرنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، بىلىم خەزىنىسىگە باشلاپ كىرىدۇ، ئىدىيەگە ئوزۇق بولىدۇ، توغرا نىشان كۆرسىتىپ بېرىدۇ.