You Are Here: Home » ئومۇمى » بۈيۈك قوي ئىمپېرىيەسى

بۈيۈك قوي ئىمپېرىيەسى

ئەزىز نەسىن

زامانلارنىڭ بىرىدە، جاھاندا بۆرىلەرگە ئوۋ ئوۋلىغۇدەك يەر قالماپتۇ. چۈنكى، ھايۋانلارنىڭ چوڭلىرى سانىلىدىغان شىر، يولۋاس، قاپلان… قاتارلىق كۈچلۈك ۋە يىرتقۇچلار دۇنيانى بۆلۈشۈپ بولغانىكەن. بۆرىلەرگە ئوۋ رايونى ئايرىلماپتۇ. ئوخشاشلا يىرتقۇچ ھايۋان بولسىمۇ، شىر، يولۋاس، قاپلان… لاردەك كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن، بۆرىلەر ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئوۋ رايونلىرىغا كىرەلمەيدىكەن، كىرىپ قالسا چىقالمايدىكەن. نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار تارتىشىپتۇ، بەزىدە ئاچمۇ قاپتۇ. بىر ئامال تېپىش كېرەككەن. شۇ مەقسەتتە بۆرىلەر زور بىر قۇرۇلتاي چاقىرىشىپ، ھەممىسى سۆھبەت ئۈستىلىگە يىغىلىشىپتۇ. تالىشىشلار، تاكاللىشىشلار، مەسلىھەتلەر، قارشىلىقلار… بولۇپتۇ، ئاخىرىدا «دانىشمەنلىرى نېمە دېسە بويسۇنۇش» قارارىغا كېلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قارىشىپتۇ.

دانىشمەن بىر قېرى بۆرە شۇنداق دەپتۇ:
– قېرىنداشلىرىم! شىر، يولۋاس، قاپلان ۋە باشقىلار جاھانگىرلاردۇر. ئۇلار دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى جايلىرىنى ئۆزلىرى ئېلىۋېلىشقان. دۇنياغا ئىگە بولۇۋېلىشقان. بىز بۆرىلەرگە ياشىغۇدەك يەر قويۇشمىغان. بىزگىمۇ جان ساقلىغۇدەك يەر لازىم. ئەمما ھازىر ئىگىسىز يەر قالمىدى. لېكىن، بىز بۆرىلەرمۇ يىرتقۇچ، يەنە كېلىپ ئەقىللىك خەلق.

قېرى بۆرە بىرئاز توختىۋېلىپ، ئىككىنى يۆتىلىۋېتىپ، ئاۋازىنى ئوڭشىغاندىن كېيىن، شۇنداق دەپتۇ:
قېرىنداشلىرىم، سۆيۈملۈك تۈرداشلىرىم! ئاۋۋال ھەممەيلەن بىرلىكتە «بۆرە، ھەممىدىن ئۆرە!» دەپ توۋلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن.

قۇرۇلتايدىكى ھەممە بۆرىلەر بۇ مەسلىھەتنى ياقتۇرۇشۇپتۇ. پەقەت شۇ قۇرۇلتايدا، شۇ كۈنىلا ئەمەس، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە بۆرىلەر كەينى-كەينىدىن ئۈچ قېتىم شۇنداق توۋلايدىغان بولۇشۇپتۇ:
– بۆرە، بۆرە، ھەممىدىن ئۆرە!
– بۆرە، بۆرە، ھەممىدىن ئۆرە!
– بۆرە، بۆرە، ھەممىدىن ئۆرە!
– ……..

بۇ سۆز بۆرىلەرنىڭ شوئارىغا ئايلىنىپتۇ.

قېرى بۆرە سۆزىنى داۋام قىلىپتۇ:
– بىزنىڭمۇ مۇستەملىكىلىرىمىز بولۇشى كېرەك! بۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇنداق مەسلىھەت بېرىمەن: قويلارنى «بۈيۈك قوي ئىمپىرىيسى» قۇرۇشقا ئالدايلى. قويلار شۇ ئىمپىرىيسىنى قۇرۇش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلانغاندا بىراقلا قورشايمىز-دە، خالىغىنىمىزچە، تويغىچە يەيمىز.

بۇ مەسلىھەت بۆرىلەرگە يېقىپتۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دەرھاللا بىر ئەقىلدارلار يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇپتۇ. يىغىندا تەپسىلى ئۇسۇل-چارىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپتۇ.

بىر بۆرە شۇنداق دەپتۇ:
– ئەڭ ئاۋۋال ئورۇنلىشىمىز كېرەك بولغان بىر ئىش بار: قويلارنى بىر يەرگە توپلىيالىشىمىز كېرەك.
يەنە بىر بۆرە:
– توپتوغرا، – دەپتۇ. – پۈتۈن جانلىقلارغا ئوخشاشلا، قويلارمۇ پەقەت خەتەر ئاستىدىلا توپلىنىدۇ. شۇڭا بىز قويلارغا دۈشمەندىن بىرنى ياساپ چىقىشىمىز، قويلارنى تەھلىكە ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقلىرىغا ئىشەندۈرۈشىمىز لازىم. بۇ دۈشمەننى، مەسىلەن، «گالاپىنتوپ» دەپ قويساقمۇ بولىدۇ…

بۆرىلەر گالاپىنتوپنىڭ نېمىلىكىنى سورىشىپتۇ. ئۇ دانىشمەن بۆرە گالاپىنتوپنىڭ يوق نەرسىلىكىنى، مۇنداقلا ئېسىگە كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە يوق بولغان بىر خەتەر، بار خەتەردىن بەكرەك قورقۇنچلۇق. چۈنكى، بار نەرسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ، يوق نەرسىنى بولسا بىلگىلى بولمايدۇ…

يىغىندا«قويلارغا ئۇلارنىڭ گالاپىنتوپ خەتىرى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى، قويلارنىڭ گالاپىنتوپقا قارشى كۈرىشىدە بۆرىلەرنىڭ قويلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش» قارار قىلىنىپتۇ.

قارار بۆرىلەرگە ماقۇل كەپتۇ. ئارىدىن يەنە بىر بۆرە شۇنداق دەپتۇ:
– قويلارنى بۈيۈك بىر خەتەر بىلەن ئالداپ، بىر يەرگە توپلاش چارىسى ناھايىتى ياخشى، ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس. ئۇلارنى زور بىر ئىدىيەگە ئىشەندۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ ئىدىيە قەتئىي ئەمەلگە ئاشمايدىغان، ناھايىتى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

باشقا بۆرىلەر سورىشىپتۇ:
– قانداق بىر ئىدىيە ئارقىلىق قويلارنى ئاسان ئالدىغىلى بولىدۇ؟
– ئۇلارغا «بۈيۈك قوي ئىمپىرىيسى» قۇرۇشنى ئاخىرقى مەقسەت قىلغان «بۈيۈك قويىزىم» ئىدىيەسى سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك.

ئاخىرىدا ھەرىكەت پىلانى ماقۇللىنىپتۇ. پىلان بويىچە بۆرىلەر قويلارنىڭ ئارىسىدىن ئەڭ شۆھرەتپەرەسلىرىنى، ئەڭ شەخسىيەتچىلىرىنى، ئەخمەق، قورقۇنچاقلىرىنى تېپىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە تارتىپتۇ. بۇ جانىۋارلار بۆرىلەرنى باشلاپ قويلارنىڭ ئەڭ مۇنبەت ئوتلاقلىرىنى، ئەڭ سۈزۈك سۇلىرىنى… ئايلاندۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ «بۈيۈك قويىزىم» تارقىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ ھەقتە كىتابلار يېزىلپتۇ. ئۇ كىتابلاردا شۇنداق سۆزلەر ئۇچرايدىكەن: «بىز قويلار بارلىق مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن! شىر، يولۋاسلارنىڭ يۇڭى ھېچنېمىگە يارىمىسا، بىزنىڭ يۇڭىمىزدىن يىپ ئېشىلىدۇ… ھەتتا بىزنىڭ ماياقلىرىمىزمۇ ئوغۇت قىلىنىدۇ، لېكىن شىرنىڭ، يولۋاسنىڭ ماياقلىرى بۇ گۈزەل دۇنيانى مەينەت قىلىشتىن باشقا نېمىگە يارايدۇ؟ بىز قويلار ھەممىدىن ئۈستۈن ئىكەنمىز، ئەلۋەتتە بىر ‹بۈيۈك قوي ئىمپىرىيسى› قۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ‹بۈيۈك قويىزىم› تۇغى ئاستىدا دۈشمىنىمىزگە قارشى بىرلىشىشىمىز كېرەك. يوقالسۇن گالاپىنتوپ…! ئىمپىرىيمىز ياشىسۇن…! پۈتۈن ئورمانلار، كەڭ ئوتلاقلار، كۆز يەتكۈسىز تۇپراقلار بىزنىڭ بولىدۇ…! گالاپىنتوپ يوقالسۇن…!»

بۆرىلەر، ئەلۋەتتە، بۇ خىل پىكىرلەردە قويلارغا ياردەم قىلىشىپتۇ. بۇنى كۆرگەن بەزى قويلار: «بىز بۆرىلەرنى خاتا چۈشىنىپ كېلىشىپتىكەنمىز… بۆرىلەر نېمىدېگەن ياردەمچى، ياخشى ھايۋانلار… ئۇلار بىزنىڭ دوستلىرىمىز…» دېيىشىپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىشىپتۇ.

بۆرىلەرنىڭ ئەڭ تەجرىبىلىكلىرى، ئەڭ بىلىملىكلىرى، ئالىملىرى قويلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىلىپتۇ. ئۇلار قويلارغا مەسلىھەت بېرىپ، ئۇلارنى تەربىيەلەپ، يول كۆرسىتىشىپتۇ. يەنە قويلارنىڭ ئارىسىغا جاسۇسلىرىنىمۇ ئەۋەتىشىپتۇ. قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۇ جاسۇس بۆرىلەر خۇددى قويلارنىڭ ئۆزلىرىگىلا ئوخشاش ئىكەن. بۇ جاسۇسلار ھەر بىر سۆزىنى «ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك بىرلىك ۋە ئىناقلىققا موھتاج بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە…» دەپ باشلاپ، قويلارنى بىر يەرگە توپلىنىپ ياشاشقا چاقىرىپ تۇرىدىكەن.

«بۈيۈك قوي ئىمپىرىيسى» چۈشى بىر قوي پادىسىدىن يەنە بىر پادىغا توختىماي تارقىلىشقا باشلاپتۇ. قويلار گالاپىنتوپقا قارشى بىرلىشىدىغان، ۋە ھېلىقى چەكسىز يايلاقلار، پايانسىز گۈل-چىمەنلەر، كۆز يەتكۈسىز ئورمانلار… بىلەن تولغان بۈيۈك ئىمپىرىيسىنى قۇرىدىغان ۋاقىتنى سېغىنىشىپتۇ.

قويلارنىڭ ھەممىسى ئالداندى، دېسەك ئۇۋال قىلغان بولىمىز. قويلارنىڭ ئارىسىدا ئەقىللىقلىرىمۇ بار ئىكەن. ئۇلار گالاپىنتوپنىڭ پەقەتلا بۆرىلەر ئويدۇرغان نەرسىلىكىنى، بۆرىلەرنىڭ ئەسلىي مەقسەتلىرىنىڭ يالغان دۈشمەن ياساپ چىقىپ، قويلاردىن ئەسلىي دۈشمەننىڭ كىملىكىنى يوشۇرماقچىلىقىنى ئېيتىپ، قويلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇپتۇ. «بۈيۈك قوي ئىمپىرىيسى» دېگەننىڭ بىر خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، شۇ خىيال بىلەن يۈرىۋەرگەندە بىر كۈن ھېلىقى گۈزەل ئوتلاقلارغا ئەمەس، ئاچ بۆرىلەرنىڭ قورساقلىرىغا چۈشىدىغانلىقلىرىنى چۈشەندۈرۈشۈپتۇ. يىراقنى كۆرەر بۇ قويلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا ھېچكىم قۇلاق سالماپتۇ. چۈنكى ئىمپېرىيە چۈشى ئاللىقاچان ناھايىتى كەڭ تارقالغانىكەن. باشقىچە كۆز قاراشتىكىلەر خائىن ۋە قوي دۈشمىنى دەپ ئەيىبلىنىدىكەن. «بۈيۈك قوي ئىمپىرىيسى» دە گۈل-چىمەنلەر، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر قىشتىمۇ، قار-مۇز ئاستىدىمۇ قۇرۇماسمىش. قىسقىسى، ئۇ بىر جەننەتمىش، قوي جەننىتى…

ئىمپرىيە قۇرۇش خىزمىتى جىددىيلىشىپتۇ. گالاپىنتوپنى يوقىتىش ئۈچۈن قويلاردىن ئارمىيەلەر، قىسىملار قۇرۇلۇپتۇ. قويلار ئەمدى قويدەك ئەمەس، بۆرىلەردەك مارشقا دەسسەپ ماڭىدىغان بولۇشۇپتۇ. بۇرۇنقىدەك مەرىمەيدىغان، بۆرىلەردەك ھۇۋلىيالايدىغان بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىپتۇ.

ئاخىرى بىر كۈن، شۇ تارىخىي بىر كۈندە، پۈتۈن قويلارغا يۈرۈشنى باشلاش بۇيرۇقى كەپتۇ. بۇيرۇق بويىچە دۇنيادىكى پۈتۈن قويلار بىرلىشىپ، چوڭ دۈشمەن گالاپىنتوپنى يوق قىلىش ۋە «بۈيۈك قوي ئىمپىرىيسى» قۇرۇش ئۈچۈن يۈرۈشنى باشلاپتۇ.

يۈرۈش ناھايىتى قىيىن ئۆتۈپتۇ. پۈتۈن قويلار، بۆرىلەر كۆرسىتىپ بەرگەن ناھايىتى كەڭرى بىر جىلغىدا يىغىلىشىپتۇ. ھەممىسى بىر ئاۋازدا ۋارقىرىشىدىكەن:
– يوقالسۇن گالاپىنتوپ…!
– ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك بىرلىك ۋە ئىناقلىققا موھتاج بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە…
– -…..

ئېچىرقاپ كەتكەن بۆرىلەر جىلغىنى قورشاپتۇ-دە، ھۇجۇمنى باشلاپتۇ. ئۇلار قويلارنى شۇنداق ئاسان، خۇددى بۆرە قوينى يېگەندەك يېيىشكە باشلاپتۇ. چۈنكى بۇ قويلارنىڭ قۇرماقچى بولغىنى بىر قوي ئىمپىرىيسى بولغاچقا، بۇلارنىڭ نە پادىچىسى، نە قويچى ئىتلار يوقكەن. قويلار ھەقىقىي دۈشمەننىڭ كىملىكىنى، قانداق ئالدانغانلىقلىرىنى بىلىشىپتۇ، لېكىن نېمە چارە؟… بۆرىلەرنىڭ ئويۇنلىرىغا ئالدانمىغان ھېلىقى ئەقىللىك قويلار ئۇيەر-بۇيەرلەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ جانلىرىنى ساقلاپ قېلىشىپتۇ. بولمىسا، قوي دېگەننىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتەتتىكەن.

ئەپسۇس، قويلارنىڭ تارىخىدا بۇ ۋەقە ئېنىق خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ، بۆرىلەرنىڭ شۇ ئويۇنلىرى دۇنيادا يەنە ئوينىلىۋاتىدۇ. چۈنكى مۇشۇ دۇنيادا، قوي بولسۇن، ياكى باشقا مەخلۇقلار بولسۇن، ھەممىسى ئارىسىدا ئەخمەقلەر، شەخسىيەتچىلەر، ئاچكۆزلەر ھېلىھەم بار.

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top