You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھەدىيە: «مەسنەۋى» دىن دۇردانىلەر- 5

ھەدىيە: «مەسنەۋى» دىن دۇردانىلەر- 5


(تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت)

ئەگەر ئۇ ياد ئەيلىسە مەمنۇن بولىمەن،
بولسا ئۇ لەيلى، مەن مەجنۇندۇر مەن.

بىر سودىگەرنىڭ ناھايىتى ماھارەتلىك بىر شاتۇتىسى بار ئىكەن. بۇ شاتۇتى قەپەستە مەھبۇس ئىكەن.
بىر كۈنى سودىگەر ھىندىستان تەرەپكە سەپەرگە چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپتۇ ۋە يولغا چىقىش ئالدىدا مەردلىك بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرگە «مەن سىلەرگە ھىندىستاندىن نېمە ئالغاچ كېلەي؟ ئۆز ئارزۇلىرىڭلارنى ئېيتىڭلار» دەپتۇ. ھەر كىم ئۆز ئىستەكلىرىنى دەپتۇ. سودىگەرمۇ ھەممىسىگە سوغا ئەكېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپتۇ.

سودىگەر قەپەستىكى شاتۇتىدىن: «ئەي چىرايلىق، ئەقىللىق قۇشۇم؛ سەن نېمە ئارزۇ قىلىسەن؟ نېمە ئىستىسەڭ، مەن ھىندىستاندىن شۇنى سەن ئۈچۈن ئالغاچ كېلىمەن» دەپ سوراپتۇ.

شاتۇتى مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: » ھىندىستان دېگەن ئۇ يىراق ئەلدىمۇ شاتۇتىلار باردۇر بەلكى. ئەگەر بولسا مېنىڭ بۇ ھالىمدىن ئۇلارنى خەۋەردار ئەيلە » دەپتۇ. ۋە يەنە مۇنداق تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلىپتۇ:

«مېنىڭ قەپىسىمدە سولاقلىق چارىسىز بىر شاتۇتى بار. تەڭرىنىڭ تەقدىرى بىلەن ئۇ قۇش بىزنىڭ مەھبۇسمىز. ئۇ ھەر ۋاقىت سىلەرنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، سىلەرنى سېغىنىدۇ. ئۇ قۇش سىلەرگە ئوتلۇق سالام يوللىدى ۋە سىلەردىن ياردەم سورىدى. بىر ئامالنى، بىر قۇتۇلۇش يولىنى قىلىشنى ئىستىدى دېگىن ۋە يەنە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دېگىن:

«مەن سېغىنىش، ھەسرەت ئوتى ئىچىدە كۆيۈۋاتقاندا، سىلەرگە ئەركىن پەرۋاز قىلىش يارىشامدۇ؟ مەن قەپەسكە سولاقلىق تۇرغاندا، سىلەرگە ياپ-يېشىللىققا، گۈل-گىياھلارغا پۈركەنگەن باغلاردا ئەركىن ئۇچۇپ يۈرۈش يارىشامدۇ؟ بۇ مەن ئۈچۈن ئادالەتسىزلىك ئەمەسمۇ؟ دوستلارنىڭ ۋاپاسى مانا مۇشۇنداق بولامدۇ؟ سىلەر گۈل باغچىسىدا ئويناپ-كۈلۇپ يۈرگەندە، مەندەك ھەر كۆزىدىن قان ياش تۆكۈلۈۋاتقان بىچارە قۇشنى ئەسلەپ قويۇڭلار! ئەي ھەشەمەتلىك سۆيۈملۈك دوستلار! سەھەر – ئاخشاملىرى ئىچىدىغىنىم كۆڭلۈمنىڭ قانىتىدۇر. مېنىڭ پەريادلىرىمغا ئىچىڭلار ئاغرىسا، مېنىڭ ئۈچۈن بىر قەدەھ شاراب ئېچىپ قويۇڭلار. بۇ مېنىڭ زەرداب كۆڭلۈم ئۈچۈن بىر ھىممىتىڭلار بولسا ئەگەر ، ئاشۇ تۇپراققا مەرھەمەت قەدەھلىرىدىن بىر يۇدۇم يەرگە تۆكۈڭلار «

سودىگەر، قەپەس ئىچىدىكى مەھكۇم شاتۇتىنىڭ لەختە-لەختە بولغان يۈرىكىدىن چىققان ھەسرەتلىك سۆزلەرنى ئېلىپ، ھىندىستانغا ساق-سالامەت يېتىپ كېلىپتۇ ۋە ئۆز ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، بىر كۈنى باغلارنى ئارىلاپتۇ. بۇ يەردە بىرقانچە شاتۇتىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئەكەلگەن سالاملىرىنى، ئامانەت ئالغان سۆزلەرنى ئۇلارغا دەپتۇ. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاۋاتقان شاتۇتىلارنىڭ ئىچىدىن بىرى تىترەپ – تىترەپ ئوڭدىسىغا چۈشۈپلا، شۇ يەردىلا جان ئۈزۈپتۇ. كۆز ئالدىدىلا يۈز بەرگەن بۇ تراگېدىيىنى كۆرگەن سودىگەر، شاتۇتىسىنىڭ خەۋىرىنى ئەكەلگىنىگە مىڭ پۇشايمان قىلىپتۇ ۋە » بۇ شاتۇتىنىڭ ئۆلۈمىگە مەن سەۋەبچى بولدۇم» دەپ قاتتىق ئىزتىراپ چېكىپتۇ.

» بۇ قۇشنىڭ بەلكى مېنىڭ قۇشۇم بىلەن تۇغقاندارچىلىق بار بولۇشى كېرەك. بەلكى بۇلار ئىككى بەدەن بىر جاندۇر. نېمە ئۈچۈن مۇنداق قىلغاندىمەن. نېمە ئۈچۈن ئۇ خەۋەرلەرنى ئەكەلگەندىمەن. بىچارە قۇشنى ئەكەلگەن خەۋەرلىرىم ئارقىلىق ئۆلتۈردۈم.» دەپتۇ ئۆز-ئۆزىگە قاقشاپتۇ.

شۇنداق قىلىپ سودىگەر ھىندىستاندىكى بارلىق ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپتۇ ۋە ئالغان سوغا سالاملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپتۇ. سودىگەر ئائىلىسىگە كېلىپلا ھەر بىرىنىڭ ئارزۇلىرى بويىچە ھەدىيىلەرنى تارقىتىپتۇ.

تاقىتى ھېچ قالمىغان شاتۇتى سودىگەرگە قاراپ:» مېنىڭ ھەدىيەم نەدە؟ نېمە كۆرگەن بولساڭ شۇنى سۆزلە» دەپتۇ.

سودىگەر: » بولدى قىل، تا ھازىرغىچە سۆزلىگىنىمگە، سۆزلەيدىغىنىمغا پۇشايمان مەن. ئاشۇ گەپلەرنى قىلغان تىلىم تۇتۇلسۇن، پۇشايماندىن بارماقلىرىمنى چىشلىدىم. بىلىمسىزلىكىمدىن، ئەخلاقسىزلىقىدىن ئاشۇنداق بولمىغۇر بىر خەۋەرنى، نېمە ئۈچۈن يەتكۈزدۈم، نېمە ئۈچۈن دېدىم دەپ ھازىرغىچە ئۆز-ئۆزۈمگە ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپتىمەن» دەپتۇ.

شاتۇتى:»خوجايىنىم، نېمە ئۈچۈن پۇشايمان قىلىسەن، بۇ ئاچچىققا، بۇ گۇمانغا سەۋەب بولغان زادى نېمە؟»

سودىگەر:»سېنىڭ شىكايەتلىرىڭنى ئېيتتىم. ساڭا ئوخشايدىغان بىر توپ شاتۇتىلارغا بىر-بىرلەپ ئاڭلاتتىم. ئىچىدىن بىرى، سېنىڭ دەردلىرىڭنى ئاڭلاپ بىر قورقۇپ كەتتى – دە، ئۆتى يېرىلىپ، تىترەپ – تىترەپ ئۆلدى. نېمە ئۈچۈن مۇنداق قىلدىم، نېمە ئۈچۈن سۆزلىدىم دەپ كۆپ پۇشايمان قىلدىم. ئەمما، دەيدىغاننى دېگەن تۇرسام، پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كېلەمتى!»

شاتۇتى، ئۇ شاتۇتىنىڭ ئىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تىترەپ – تىترەپلا ئوڭدىسىغا يېقىلىپ، ھوشىدىن كېتىپتۇ.
سودىگەر شاتۇتىنىڭ يېقىلغانلىقىنى كۆرۈپ، بېشىدىكى تۇمىقىنى ئېلىپ، پىرقىرىتىپ يەرگە ئېتىپتۇ. باشلىرى قېيىپ كېتىپتۇ. شاتۇتىسىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ، ياقىسىنى يىرتىپ، پۇشايمان قىلىپتۇ.

» ئاھ گۈزەل شاتۇتۇم، ئەجەپمۇ چىرايلىق ئاۋازىڭ بار ئىدى. ساڭا نېمە بولدى؟ نېمە دەپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىڭ؟ ئەي مېنىڭ يېقىملىق سايرايدىغان قۇشۇم، مېنىڭ سىردىشىم، مۇڭدىشىم!» دەپ نالە قىلىپتۇ.

مانا مۇشۇنداق داد-پەرياد قىلغان سودىگەر قەپەسنىڭ ئېغزىنى ئېچىپ، شاتۇتىنى ئېلىپ، قەپەستىن چىقىرىپتۇ. قەپەستىن قۇتۇلغان شاتۇتى دەرھال قانات قېقىپ ئۇچۇپ بېرىپ، بىر دەرەخ شېخىنىڭ ئۇچىغا قونۇپتۇ. قۇياش تاڭ سەھەردە چىقىپلا قانداق يۈكسەكلەرگە كۆتۈرۈلگەن بولسا، شاتۇتىمۇ شۇنداق يۈكسەكلەرگە قاڭقىپتۇ.

سودىگەر شاتۇتىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ بولۇپ قاپتۇ ۋە بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ:
«ئەي مۇبارەك قۇش، ھالىڭنى ئاڭلات، بىزمۇ نېمە بولغانلىقىنى بىلەيلى» دەپتۇ.

شاتۇتى مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:»ئۇ قۇشنىڭ قىلغان ئىشلىرى ماڭا ئەقىل بەردى. ئۇ قۇش ماڭا قەپەستىن، ئاسارەتتىن قانداق قۇتۇلۇشۇمنىڭ لازىملىقىنى ماڭا كۆرسەتتى. سېنىڭ ئەسىرىڭ بولۇپ بىر ئۆمۈر ياشىغاندىن ئۆلۈپلا قۇتۇل دېدى» دەپتۇ.

ۋە يەنە :»ئەل ۋېدا خوجايىنىم! ئەمدى مەن كېتىدىغان بولدۇم، سەنمۇ بىر كۈنلەردە ۋەتىنىڭگە كېتەرسەن. ئەل ۋېدا! سەن ماڭا مەرھەمەت قىلدىڭ. مېنى قاراڭغۇ زىنداندىن ئازاد قىلدىڭ» دەپ نازاكەتلىك بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلغاندىن كېيىن » خەيرى خوش، ئامان بولغىن!» دەپ، قانات قېقىپ، كۆككە پەرۋاز قىلىپتۇ.

سودىگەر:»تەڭرى سېنى ئامان قىلسۇن! كەت. سەن ماڭا، بىر يول كۆرسەتكۈچى بولدۇڭ» دەپتۇ.

سودىگەر ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دەپتۇ:
«بۇ ئىشلار ھەممىمىزگە ئىبرەت بولسۇن. كويزا-كېشەندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەقىلنى ئىشلىتىش لازىم. مېنىڭ روھۇم، ئۇ شاتۇتىنىڭكىدىن تۆۋەن ئەمەس. شۇڭا بۇ جان بولسا روھنى ئۆزىگە قۇۋۋەت مەنبەسى قىلىش كېرەك.»

ھېكمەتلىك:

راست سۆز تاش ۋە تۆمۈردەكدۇر.
ئەگەر ئۇلار ھەرىكەتكە كەلسە، ئەتراپقا ئوت چاچار.
تاش ۋە تۆمۈرنى ئورۇنسىز يەرگە ئۇرما.
ئويلىماستىن سۆز سۆزلىمە.
ئېغىزىڭدىن چىققان سۆز، يايدىن چىققان ئوققا ئوخشاش.
ئېتىلغان ئوق ئارقىغا قايتماس. ئۇدۇلدا كىم بولسا شۇنىڭغا تېگىدۇ.
قاراڭغۇ بۇ جاھان پاختىزارلىققا ئوخشايدۇ.
پاختىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوت تۇرالامتى؟
ئەگەر نەمرۇد بولساڭ ئوتتىن ئۈلگىدەك قورق.
ئوتقا كىرمەكچى بولساڭ ئەگەر، ئالدى بىلەن ئىبراھىمدەك بول.

كامىل كىشى تۇپراقنى تۇتسا ئالتۇن بولىدۇ. خام كىشى ئالتۇننى تۇتسا كۈل بولىدۇ.

قۇياش ھەر سەھەر شەرقتىن چىققاندا، سېنىڭ گۈزەللىكىڭ ئۇنىڭدىن نۇر ئالىدۇ.

ئۆتۈنۈپ قالاي گۈل توغرۇلۇق سۆزلىمە، گۈلدىن ئايرىلغان بۇلبۇلدىن سۆز ئاچ.

باھار مەۋسۈمىدە زىرائەتتىن خەۋەرسىز كىشىنىڭ ئالدىدا، پەسىلنىڭ ئەتىۋارى بولمايدۇ.

دائىم ھەقنى باش-پانا قىلىش كېرەك. چۈنكى روھلار ئۇنىڭ ئىلتىپاتىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ھەقنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولساڭ، سۇ بىلەن ئوت ئەسكىرىڭ بولىدۇ.
دېڭىز، نۇھ بىلەن مۇساغا بۇ سەۋەبتىن دوست بولدى ۋە دۈشمەنلىرىنى يوق قىلدى.
ئوت ، نامەردنىڭ پەسكەشلىكىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن، ئىبراھىمغا بىر قەلئە بولدى.
سۈيقەستچىلەردىن قوغداش ئۈچۈن، تاغ بولسا ھەزرىتى يەھيانى يېنىغا چاقىردى.
«ئەي يەھيا! يېنىمغا كەل، سېنى قىلىچلاردىن قوغدايمەن» دېدى.
ئەي جاپاسى خوش، ئىنتىقامى جاندەك گۈزەل بولغان!
سېنىڭ ئەتراپىڭدا شۇنداق تەملىك نەرسىلەر باركى، جاھان خەلقى بىر ئىلتىپاتىڭ ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلىدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top