You Are Here: Home » ئومۇمى » بىر سائەت مېنى قانچىلىك چوڭ قىلدى؟

بىر سائەت مېنى قانچىلىك چوڭ قىلدى؟

دۇنيادا بىر نەرسىنى بىلىش ۋە بىلگەنلىكىنى ھېس قىلىشتىنمۇ گۈزەل ۋە شېرىن تۇيغۇ بولمىسا كېرىك! (بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ سۈرە زۇمەر، 9-ئايەت).

بىر كىشىنىڭ شەخسى دۇنياسى بىلەن ئۆزى تەۋە بولغان مىلياردلارچە ئىنسانلار ياشاۋاتقان ئىجدىمائىيەت ئالىمىنى تۇتاشتۇرىدىغان (بىلىش) ئۇقۇمىنىڭ نۇرغۇن زىل ۋە سەزگۈر نوقتىلىرىنىڭ توغرا چۈشەنچىگە ئېرىشەلمەسلىكى شۇ ئېقىمنىڭ مۆتىدىل دۇنياسىنى قۇتۇپلارغا بۆلۈپ غايەت زور ئىدېئولوگىيە پەرىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تېلىۋېزورنىڭ ئاۋاز ۋە ئېكران سېنزورلىرىغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭمۇ ھەر بىر قىممەتلىك روھ ئېگىسىنى سىرتقى دۇنياغا ئۇلايدىغان نۇرغۇن چاستوتا قاناللىرى بولىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى توغرا ئۇلىمىغاندا ئوخشاش نىشانغا مۈجىمەل ۋاستىلەر بىلەن يەتمەكچى بولغان مەسلىكىگە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئازادە ئېكراندىن كىچىككىنە ئېلانچىلىكمۇ ئورۇن ۋە پۇرسەت ياراتقىلى بولمايدۇ، ئۇنى ئېتىقادچىلىقدا ئوخشاش ئېقىمىدىكى ئۆز ئارا ھېسداشلىقدىن ئېبارەت ئېجابى ئارتۇقچىلىقنى سۈيئىستىمال قىلىش ئارقىلىق جاھىللارچە مەيدانغا چىقىرىش بولسا خۇددى ھەركەتلىك فېلىمگە لېرىك ئوركىستىرنىڭ ئاۋاز چاستوتىسىنى ئۇلاپ قويغاندەك ئۆزىگە نىسبەتەن مەجبۇرىيىتى ئادا بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسىگە پۈتۈنلەي چۈشىنىكسىز بولغان بېمەنە مەنتېقىنى زورلاپ تاڭغاندەكلا ئىش بولىدۇ. ئەمما خاتا ئىدىيە، بىر تەرەپلىمە كۆز قاراش تۇغما بولمايدۇ. (ھەرقانداق ئىنسان مۇسۇلمان يارىلىدۇ، ئاتا-ئانىسى ئۇنى خىرىستىئان ياكى يەھۇدى، ياكى دىنسىز قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. ھەدىس) شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن بىلىشقا مۇھتاج بولىدىغان نېگىزلىك مەسىلىمىز، بىزنىڭ بىلىش دائىرىمىزگە كىملەر،نېمىلەر ئارقىلىق، قانداق توسقۇنلۇق قىلىپ، قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى؟ بىزنىڭ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىشىمىز كېرەكلىكىنى سەمىمى تونۇپ يېتىشتۇر. 

ئىنسان قانچە ئاق كۆڭۈل ۋە دۆت بولغانسىرى ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىئەلەرگە تۇتقان ئىچكى ھېسسىياتىمۇ شۇنچە يۈزەكى سەزگۈر بولىدىكەن، بەزى ئىنسانلارنىڭ دۆتلۈكى ئۇنىڭ كىشىلەرگە تۇتقان تۈزلا مۇئامىلىسىدىن باشقىلاردا پەيدا بولغان باھاسىدا پەقەتلا ئۆزىنى تاپالمايدۇ، يەنى ئۇ ئۆزىنىڭ دۆتلىكىنى بايقىيالمايدۇ. بەلكى ئۇ دۆتلۈك خۇددى ئىنساندا ئەسلىدىنلا بولىدىغان يوشۇرۇن كۈچدەك ئۆزىمۇ ئالدىراپ بايقىيالمايدىغان بىر مۇرىككەپ ھېسسىياتلىرىنىڭ غىدىقلىنىشىدىن ھاسىل بولىدىغان يېڭى كەيپىياتلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولىدىكەن. ئەنە شۇ ئىنساننىڭ ئورگانىزىملىرىغا سىڭىپ ئۇنىڭ ھايات ئۈچۈن ئالغان ھەربىر قەدىمىگە كېسىم پىچكۈچى يوشۇرۇن ئەسلى ماھىيىتىنى بايقاش ۋە ئۇنى ئەڭ توغرا يۇسۇندا تەرەققى قىلدۇرۇش ھەتتا ئىنساننىڭ توغرا بولغان دىنى ئېتىقاد قاراشلىرىغا ساپ ئەقىدىلىرىگە ۋە قەلبىگە پۈككەن نىشانلىرىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ سەلبى ياكى ئىجابى بولىشىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ۋە زور رول ئوينايدىكەن، بۇ خۇددى ئىنساننىڭ چىراي-شەكلى، مىجەز-خۇلقى، بەدەن قۇرۇلمىسى، جىنسىيىتى قاتارلىق بىر قاتار فىزولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئادەم بەدىنىدە ساناقسىز دەرىجىدە كۆپ بولغان ھۆجەيرىلەرنىڭ يادروسىغا جايلاشقان خىرومۇسۇمنىڭ ئىچىدىكى گېن قۇرۇلمىسى بىلەن مەھكەم باغلىنىشلىق ئىكەنلىكگە ئوخشايدۇ. ئەمما بىزدىكى بىردىن بىر كوزۇر بىز ئۇ (گېن) لارنى بايقاش ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بىز ئۈچۈن سىزىپ بەرگەن (كەلگۈسى تۇرقىمىزنى) ئۆزگەرتەلەيمىز. ئىنسان تۇغما دۆت بولامدۇ ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى دۆتلىشەمدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى (مەن ئاپتوبۇسقا چىقالمامدىم ياكى قانداق چىقىشنى بىلمەمدىم) دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ تەھلىل قىلىمەن. 

مانا ھەش-پەش دېگۈچە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە كەلگىنىمگە ئىككى ئايدىن ئاشتى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قايناق قىزغىنلىقى دىنغا بولغان ئوتلۇق مۇھاببىتى، ھاياتقا بولغان تېرەن تەپەككۇرى، ۋەتەنگە بولغان تىنىمسىز جان كۆيدۈرۈشلىرى يۈرەكلىرىدە ئېتىقاد دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ كۈچ بولۇپ توپلىنىپ قانلىرى بىلەن ئارلىشىپ مۇسكۇللىرىدا قايناۋاتقان شۇ قۇۋۋەتنى توختىماستىن سىياسى سۈيقەستلەر، ئىجدىمائى مەسىلىلەر، پىسخېكىلىق ئۇرۇشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان قالايمىقان ۋە مۇرەككەپ شەھەردىكى ھەربىر ئىنسانغا ئۆز لايىقىدا تەڭشەپ بېرىۋاتقان مۇھىت ئەلۋەتتە مەندەك بىر سىياسەتتىن پۈتۈنلەي يىراقلاشتۇرۇلغان، كىملىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۆز قارىشى تۇنجۇقتۇرۇلغان، دىن بىلەن سىياسەتنى، مىللەت بىلەن ھۆكۈمەتنى، ئىقتىساد بىلەن ئېتىقادنى پۈتۈنلەي ئايرىپ ياشىغۇزغان مىسلىسىز ئېكىسپىلاتسىيىنىڭ ئىچىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىققان قوي كۆز ئۈچۈن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە كۆپ ساۋاقلارنى كۈندە دېگۈدەك ئۆتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ھەر بىر مىنۇتتا يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتقان بىلىش دائىرەم مېنى بەزىدە ناھايىتى تىلسىم ۋە سىرلىق بىر تارىخىنىڭ دوقمۇشلىرىغا مىقلاپ قويسا بەزىدە ئىستانبۇل ئاسمىنىدا لەيلەپ ئۇچىۋاتقان قورقۇمسىز چايكىلاردەك تۇتۇق بەرمەيدىغان، مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەيۋەت بىر كەلگۈسىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسقۇزۇپ قويىدۇ. مەيلى قانداقلا ھېسىياتتا بولماي مەن يەنىلا ئاچچىق بولسىمۇ بىلىشنى خالايمەن، چۈشىنىشنى ئىستەيمەن، چۈنكى ئىنسان ئۆز قەدىر-قىممىتىنى قانچە ھېس قىلغانسىرى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ھالىتىگە شۇنچە توغرا باھا بېرىپ ئۆزىنى قايتۇرۇپ كېلەلەيدىكەن.

ئۇ كۈنى ئىستانبۇل <فاتىخ سۇلتان مەھمەد> ئونۋېرىستىتىنىڭ تۈرۈك تىلى كۇرسىغا بارغان تۇنجى كۈنۈم ئىدى، بامدات نامىزىدىن يىنىپلا كىچىكىمدىكى ئەتە ھېيت دېگەن كۈنى مەندە پەيدا بولىدىغان بىرخىل تولۇپ تاشقان ھاياجانلىق ۋە قىزغىنلىق ئىچىدىكى ئوتلۇق كەيپىياتىم بىلەن كاللامدا نۇرغۇن پىلانلارنى سوقۇپ بەھەيۋەت بىر ئارزۇ-ئارمان دېڭىزىغا غەرىق بولغىنىمچە يوغان-يوغان چامداپ كىچىك كوچىلارنى ئارلاپ مېتروبۇس بېكىتىنىڭ ئالدىدىكى يۆگىمە پەلەمپەينىڭ ئالدىغىلا كېلىپ قاپتىمەن، راستىمنى ئېيتسام تا ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىكى بۇنداق بىر مەنزېرىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. بىر-بىرىگە سۈركىشىپ ئارانلا كېتىۋاتقان مىغ-مىغ ئادەملەر خۇددى پۈتۈنلەي ھېسىياتسىزلىنىپ كەتكەندەك بىر-بىرى بىلەن پەقەتلا كارى يوق ئىدى. ھەر بىرسى ئۆز ئالدىغا بىر دۇنيادا كېتىپ بارغاندەك، ئۆز ئارا مەڭگۈ چۈشۈنىشمەيدىغان ئىنسانلاردەك پەقەت ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش بىلەنلا ئالدىراش ئىدى، بۇ مەندەك رامكىغا ئىلىنغان قويۇق دىننى كەيپىياتنىڭ تەسىرىدە ئاسانلا ھېسىياتلىنىدىغان ۋە ھېسىياتقا تايىنىپ ياشاشقا كۆنۈپ قالغان ئادەم ئۈچۈن تولىمۇ يۇچۇن ۋە غەلىتە تۇيۇلدى، مەن ئادەتتە بىرەر يەرگە بىرەر ئىش ئۈچۈن بارسام ئەتىراپىمدىكى كىشىلەرگە بولغان دېققەت نەزىرىمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمەن، يەنى ئەتىراپىمدىكىلەر كىملەر، ئۇلار نېمىلەرنى كىيىۋالدى، قانداق ھېسىياتتا بولىۋاتىدۇ، كىملەر نېمىلەرگە دېققەت قىلىۋاتىدۇ دېگەندەك. ئەمما بۇ تۈرۈكلەردە ھەتتا كېلىشكەن بىر يىگىت چىرايلىق بىر قىزنى كۆرگەندە چاقماق تېزلىكىدە قايتىدىغان ھېسسى ئىنكاسمۇ يوقدەكلا تۇيۇلدى، ئۇلار پۈتۈنلەي ئوخشاشمىغان خىياللارنىڭ كەيپىدە مېنىڭ بىلىشىمدىكى ئەقەللى كىشىلىك مۇناسىۋەت دائىرىسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ (غەلىتە) بولۇپ قالغاندەك، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا ھەددىدىن زىيادە تېز شەھەرلىشىشنىڭ تەسىرىدە بىر بىرىگە بولغان مۇھاببەتتىن مەھرۇم قالغاندەك تۇيۇلدى. مانا شۇ خىياللار بىلەن مېتروبۇس ساقلاۋاتقان ئادەم دېڭىزى ئىچىگە ئەتىراپىمدىكى كەيپىياتقا پۈتۈنلەي تەتۈر تاناسىپ ھالدا خاتىرجەملىك بىلەن ئاستا سىڭىپ كىرىپ بىر مۇنچە ئادەملەرنىڭ ئارقىسىدا راھەتىرەك بىر جاينى تېپىپ ئاپتۇبۇس ساقلاشقا باشلىدىم. 

تېلىفۇنۇمغا چۈشۈرىۋالغان ئىستانبۇل ئاپتۇبۇسلىرىنىڭ قاتناش خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن ئەپكە پات-پات قاراپ قوياتتىم، چۈنكى بۇ تۇنجى قېتىم ئۆزۈم يالغۇز مېڭىشىم ئىدى، مانا <34 BZ> كەلدى، توۋۋا دائىم باشقىلاردىن (مەدەنىيەتلىك) دەپ ئاڭلايدىغان بۇ ئادەملەر خۇددى ئوقۇرغا تۆكۈلگەن يەمگە يۈگۈرۈۋاتقان پادا-كالىلاردەك ھەممىسى تەڭلا ئاپتۇبۇس ئىشىكىنىڭ تۈۋىگە كەپلىشىۋالدى. ئۇنىڭ ئۈسىگە ئاپتۇبۇسنىڭ ئىچى تىرىسسدە توشقان بولۇپ بىرەر ئادەمنىڭ پېتىشىدىن ئۈمۈد كۈتۈش سەل قىيىنغا توختايتتى، ئەمما ئەشۇ قىستاڭچىلىققىمۇ بىر نەچچە ئادەم قىستىلىپ پېتىپ كەتتى. ئالدىمدىكى مەنزىرىگە قىززىقسىنىپ ئادەملەر توپىغا قىستىلىپ كىرىپ تۇردۇم، ئالدىمدا ئوتتۇز بەش ياشلار چامىسىدىكى قارا سوكنى پىلاشنى قاتتۇرۇپ كىيىۋالغان ئورۇق ئېگىزىرەك، چاچلىرى گەدىنىگە چۈشكەن ئوتتۇرا ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەم ئاپتۇبۇسنىڭ كېلىش يۆنىلىشىگە پات-پات قاراپ قوياتتى، ئۇنىڭ ئۈستۈن كالپۇكىنى ياپقان بۇرۇتلىرىنىڭ ئۇچى ساقاللىرىغا ئۇلۇشۇپ كەتكەن بولۇپ قارىماققا خېلىلا سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭ يىنىدا ئارقىسىدىن قارىسا ئادەمگە چىرايلىقدەكلا تۇيغۇ بېرىدىغان بىرنەچچە قىزلار قۇلاقلىرىغا نا ئۇشنىك تىقىۋېلىپ پات-پات پۇتلىرىنى بىر-بىرسىگە ئۇرغىنىچە دۈگدەرەپ تۇرۇشاتتى، ئاپتۇبۇس يەنە كەلدى، ھېلىقى ئۇزۇن چاچلىق (سالاپەتلىك) ئاداش يىنىدىكى قىزلارغا ئازىراقمۇ تۈزۈت قىلماي قوپال بىر ھەركەتلەر بىلەن ئالدىنقى قېتىمقىدەك قىستىلىپ كېتىپ قالدى.

ئاپتۇبۇس يەنە كەلدى مەن بۇ قېتىم ئالدىنقى رەتتە ئىدىم، ئىشىك ئېچىلىشى بىلەنلا ھېسىپنىڭ ئىچىگە چىڭدالغان ھەرخىل نەرسىلەردەك ئالا-يېشىل، ئېگىز-پاكار ئادەملەر مېنىڭ قىستىلىشىمنى خالىمىغاندەكمۇ، خالىغاندەكمۇ قىلماي پەرۋاسىزلارچە تۇرۇشاتتى، چىقاي دېسەم ئادەم بەكلا كۆپ قىستىلىپ بېئارام قىلغۇم كەلمىدى ھەم يىنىمدىكى قىزلاردىن سەل تارتىنىپ قالدىم، نېمىلا دېمىگەن بىلەن قىز بالىدە، ئاجىز ئەمەسمۇ! ئۇلارغا ھەممىلا جايدا يول قويىشىمىز كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق چىرايلىق قىزلارغا ئادەمنىڭ تېخىمۇ يول قويغۇسى كېلىدىكەن، چىقماي دېسەم ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەپلىشىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئەرلەر، چوقۇمكى ئۇ قىزلار بۇلارنىڭ ئارىسىدا سۈركۈشۈپ يۈرۈشنى خالىمايدۇ… مانا شۇ خىياللار كاللامدىن چاقماق تېزلىكىدە ئۆتۈۋاتقىنىدا مېنىڭ يەكۈنۈمگە تۈپتىن زىت بولغان ئىككىنچى ئىش يۈز بەردى، ھېلىقى بىر نەچچە قىز قىستالغىنىچە ئاپتۇبۇستىن چۈشىۋاتقان ئادەملەرنىڭ بولۇشىغا قارىماي ئۆزىنى ئاپتۇبۇسنىڭ ئىچىگە زورىغا ئىتتىرىپ ئىشىكنىڭ يېپىلىشى بىلەن (ئۇف) دېگەندەك قىلىپ كېتىپ قالدى. 

ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلەيتتىم، ئەجەبا بۇ قىزلار شۇنچە كۆپ ئەرلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ بۇنىڭغا سۈركىلىپ بېئارام بولمامدىغاندۇ، قارىسامغۇ ياغلىق چەگمەيدىغان قىزلاركەن بەلكىم دىننى ساۋادى چۇلتا بولغاچقا ئۇنچىلىك ئىشلارنى ئانچە مۇھىم بىلىپ كەتمىسە كېرىك-دەپ،ئويلىدىم. دېمىسىمۇ مەنچە ئادەملەر قانچە غەرىب لەشكەنسىرى ئەخلاقدىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ ۋە قىزلارغا خاس تارتىنچاق بارا-بارا تۇنجۇقۇشقا باشلايدۇ. مانا يەنە بىر ئاپتۇبۇس كەلدى، ئەھۋال ئالدىنقىغا ئوخشاش بىرقاپنىڭ ئىچىگە چىڭدالغان ئىككى قاپ سەرەڭگىدەك لىققىدە ئادەم، مەن چىقماسلىق قارارىنى بېرىپ بولغىچە يىنىمدىن ياغلىقنى شۇنچىلىك چىرايلىق ئورىغان ئاستىغا كەڭمۇ ئەمەس تارمۇ ئەمەس ئۇزۇن بىر كۈلىرەڭ پەلتو كەيگەن قىز بىر سەكرەپلا ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ دۈمبىسىنى ئىچىگە سىغدىغىنىچە بىر بوشلۇق ھازىرلاپ تۇرۇۋالدى، ئاپتوماتىك ئىشىك يېپىلدى، قىز ئىشىك بىلەن تەڭ يىنىك مېدىراپ بىر خاتىرجەملىككە ئېرىشكىنىچە كۆزۈمدىن يۈتتى ئەمما كاللامدا ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا قەتئىلا ياراشمىغان بىر غەلىتە قىلىقنىڭ سىماسى ھازىرقىدەكلا قېتىپ قالدى. (بۇ خەقنىڭ تەقۋاسى بىلەن لەقۋاسى ئوخشاشلىمۇ نېمە) دېدىم، ئىچىمدە. شۇنداق قىلىپ كەينى-كەينىدىن كېلىۋاتقان ھەر بىرسىدە تۆرتدىن ئىشىكى بار ئۇزۇن ئاپتۇبۇسلارنىڭ بىرسىگىمۇ چىقالمىدىم، ئاز-كەم قىرىق-ئەللىكچە ئاپتۇبۇس كېتىپ قالدى، مەن يەنىلا دېرىزە تۈۋىدىن ئۆينىڭ ئىچىدىكى چۈرۈك كۆيىۋاتقان زەيتۇن ياغىچىغا تەلمۈرۈپ قاراپ ئولتۇرغان بېچارە مۈشۈكتەك تۇرىلىۋەردىم. بېكەتنىڭ ئەڭ ئارقىسىغا، ئوتتۇرىغا، ئەڭ ئالدىغا ئىشقىلىپ ھەممىلا يەرگە بېرىپ باقتىم ئەمما يەنىلا چىقالمىدىم! 

ئاجايىپ بىر تۇيغۇلار ئۇزاق تارىخقا ئېگە يۈرەكلىرىمنىڭ مەدەنىيەت توقۇنىشى يۈز بېرىدىغان ئورۇنلىرىدىن بىر ئىتتىپاقلىق كېلىشىمىنى كۆتۈرگىنىچە سەللىلەرنى كېيىپ قولىدا تەسۋى تارتىپ خىياللىرىمغا سىڭىپ كىرىۋاتاتتى. ئۇ كېلىشىمنىڭ ئىچىدىن مېنىڭ يېڭى بىر چۈشەنچە مەغلۇبىيىتىم قويۇق ۋە قاڭسىق پۇراۋاتاتتى. مانا ئاخىرى يەنە بىر قۇرۇق ئاپتۇبۇس كەلدى، ئۆزۈمنى كىشىلەرنىڭ يۆنىلىشىگە قويۇۋېتىپ ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئاپتۇبۇسقا چىقتىم، ئالدىمدا تىنىقى يۈزۈمگە ئۇرۇلىۋاتقان ئېگىز بىر يىگىت، يىنىمدا قول سومسىكى بىقىنىمغا پېتىۋاتقان بىر ئوتتۇرا ياش ئايال ئەمما مەن ھۆددە قىلالايمەن! شۇنچىۋالا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن باشقىلارغا دېققەت قىلىۋاتقىنى يەنىلا مەن.

شۇنداق قىلىپ ئەشۇ ئاپتۇبۇس بېكىتىدە ئاپتۇبۇسقا چىقالماي ساقلىغان بىر سائەت ئەتىراپىدىكى ۋاقىت مېنىڭ پۈتۈن بىر ئۆمۈرۈمنى قايتا يەكۈنلەشكە مەجبۇرلىدى. مەندەك نەچچە يىل دىن ئوقۇپ ئۈممەتنىڭ، مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش بۇرچىنى زورلاپ زىممەمگە ئىلىۋالغان، ئولتۇرسا قوپسا ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي، بۇ دۇنيانى ئىسلامنىڭ نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرۇش ئىستىكىنىڭ شېرىن كەيىپلىرىدە مەست بولۇپ، باشقا كىشىلەر كۆزۈمگە غەلىتە كۆرىنىدىغان بولۇپ قالغان ئۇلۇغۋار ئارمانلارنىڭ ساھىبى، دەبدەبىلىك يارالمىش تارىخنىڭ قەلەم تەۋرەتكۈچىسى بولغان بىر ھەقىقەت ئۈستىدىكى ئادەم ئەجەبا تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە ئاران كىرىدىغان تۈركىيەنىڭ بىر ئاپتوبۇسىغا بىر سائەتكە يېقىن ھەپىلىشىپ چىقالماسلىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مەن نېمەمگە تايىنىپ مەڭگۈ قوڭامنىڭ قىرىغىمۇ ئىلىپ قويماي ئەمما سىيەلمىسەممۇ شۇلاردىن كۆرىدىغان تېخنىكىلىق دۈشمەنلىرىمنى مەغلۇب قىلىمەن؟ مەن زادى بۇ دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ نەرىدە تۇرۇۋاتىمەن؟ مۇشۇ سەۋىيەرىم بىلەن ئاللاھقا ئېبادەت قىلسام ئاللاھ قۇبۇل قىلامدۇ؟ نۇرغۇن قورقۇنۇچلۇق سوئاللار كاللامدىن تۈتۈن چىقىرىۋەتتى، كىچىكىمدە قىز ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بارغاندا تۆشۈك پايپاق كېيىۋېلىپ پۇتلىرىمنى يوشۇرالماي قاتتىق قىينالغان ھېلىقى ھېسىياتتىن نەچچە ھەسسە بەتەر خىجىلچىلىقتا ئۇلۇغۋار ئېمانلىرىمنى پەرۋەردىگارغا قايسى يۇسۇندا تەڭلەشدىن ئۇيۇلۇپ قاتمال بىر كەيپىياتتا ئەسىرلەرچە ئاپتاپقا قاقلىنىپ مايلىشىپ كەتكەن خادا تاشلاردەك بېزىرىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۆزۈمنى قايتىدىن يەكۈنلەشكە كىرىشتىم، مەن ۋەتەندىن پەقەت ئېتىقادى جەھەتتىنلا بولغان بېسىم تۈپەيلى كۈندىن كۈنگە سىقىلىپ ۋە تارىيىپ كېتىۋاتقان دىننى كەيپىياتنىڭ ئېغىر بېسىمى سەۋەبلىك ماڭا ئىنئام قىلىپ بېرىلگەن ئىسلام دىنىنى ئۆز ھاياتىمدا ساغلام يولغا قويۇپ ياشاش ئۈچۈن ئىنتىقام قىلىچلىرىنى يۈرۈكۈمگە سانجىغىنىمچە چەتئەلگە مۇھاجىر بولدۇم، ئەمىسە مەن سەۋەب قىلغان شۇ مەسىلە قانچىلىك نەتىجىلەندى؟ ۋە ماڭا ئوخشاش سەۋەبلەر ۋەجىدىن مەندىن نەچچە ھەسسە مۇشەققەت بىلەن چىگىرا سىرتىغا چىققان قېرىنداشلىرىمنىڭچۇ؟ مانا بۇ مەسىلىگە تاقاشقاندا بىر قاتار ئادەمنى بېئارام قىلىدىغان ئىشلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. 

تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا دادام بىلەن بىر تونۇشنىڭ ئۆيىگە مىھمانغا بارغان ئىدۇق، پەلەمپەيدىن پاراڭلىشىپ چىقىۋاتساق تولۇق ھېجاپلانغان بىر ئايال ئۈستىدىن چۈشۈۋاتقان ئىكەن، بىزنى كۆرۈپلا ئىتتىن قاچقاندەك كەينىگە بۇرۇلۇپ پالاقلاپ پۇتلۇشۇپ ئۆمۈلىگىنىچە چىقىپ كەتتى. دادام ئىككىمىز داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدۇق ۋە ناھايىتى بېئارام بولدۇق، ئۆيگە كىرىپ ساھىبخانغا بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەرسەك بىزگە تېخىمۇ قىززىق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئايال ئۇيغۇر بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۇدۇل قوشنىسى ئىكەن، ئۇلار بىر ئائىلە ۋەتەندىن چىققىنىغا بىر يىلچە بولغان ئىكەن، ئۇلار كۆچۈپ كېلىپ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن قوشنىدارچىلىق يۈزىسىدىن بىر قاچا تاماق چىقارسا ھېلىقى ئايالنىڭ ئېرى بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ يۈزىگىلا (سىلىنىڭ ئايالىڭلا سىرتتا ئىشلەيدىكەن، ئاياللارنىڭ ئىشلىشى ھارام، مەن پاسىقنىڭ تامىقىنى يىمەيمەن) دەپ ئىشىكنى <گۈپپىدە> يېپىۋېتىپتۇ، مانا ئەمدى بولسا تۈركىيەنىڭ تۇرمۇش قاتتىقچىلىقى تۈپەيلى ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ ھەتتا ناماز ئوقۇشقىمۇ ۋاقىت ئاجىراتقىلى بولمايدىغان ئاياللار فابىرىكىسىدا ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلىپتۇ. بۇ قانداق مەنتىقە؟ رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ئاياللارنىڭ يولنىڭ چېتىدە مېڭىپ كىيىملىرىنى يىرتىۋالغىنى قەيىت قىلىنىدۇ، ئەمما رەسۇلۇللاھ شۇنداق قىلىڭلار دېدىمۇ؟ ئەبۇ قۇدامەنىڭ ئانىسىنىڭ رەسۇلۇللاھ جېھادقا ماڭغاندا رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئوغلىنى جەڭگە ئىلىشىنى ئۆتۈنگەنلىكى ھەتتا چاچلىرىنى كېسىپ توقۇم ئورنىدا ئىشلىتىشكە بەرگىنلىرى ئايال ساھابىلەرنىڭ ئىپپەتلىك ھەم قەيسەر، دادىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەمدۇ؟ رە سۇلۇللاھ ئەرلەرنى كۆرسەڭلار قېچىپ كېتىڭلار دېدىمۇ؟ ئىپپەتنىڭ ھېيىقىشنىڭ ھەقىقى ئورنى ئىنساننىڭ قەلبىدە، يوللاردا ئۆزىگە لايىق لاتاپەت بىلەن مېڭىپ ھەممە ئىشقا ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلىش خۇددى دۈشمەندىن قاچقاندەك قېچىپ خەقنىڭ دېققىتىنى تېخىمۇ تارتقاندىن كۆپ ياخشى، دىنىمىز بىزنى ئەخلاقلىق، ئىلمى، مەدەنىيەتلىك بولۇشقا چاقىرىدۇ، ئاياللارنى ئەرلەردىن ئۈركۈپ يۈگۈرۈپ قېچىپ كېتىشكە ئەمەس. يەنە بىر كۈنى ئاق سارايدىن ئاپتۇبۇستا كېلىۋاتسام شۇنچىلىك قىستاڭچىلىقنىڭ ئىچىدە بىر تۈرۈك يىگىت ئالدىمدىكى يۈزىنى ياپقان ياشتا چوڭىراق ئاپىمىزغا ئورۇن بوشىتىپ بەردى، يىنىدىكى ئورۇندۇقتا ئاتمىشلەر چامىسىدىكى قېرى بىر ئادەم ئولتۇرۇپتۇ، ھېلىقى ئاپاش ئورۇندۇقنىڭ يېرىمىدىلا ئولتۇرۇپ پۇتىنى ئالدىغا قويماي ئادەملەر قىستىلىپ تۇرىۋاتقان ئوتتۇردىكى پولغىلا ساڭگىلىتىۋالدى، ئۇنى ئاز دېگەندەك پات-پات ئالدىغا سۈرۈلگەندەك ھەركەتلەرنى قىلىپ قوياتتى، ھېچ نېمىدىن خەۋەرسىز ھېلىقى بوۋاينىڭ دېققىتى بۇ ئايالغا مەركەزلەشتى، ھېلىقى بوۋاي شۇنچىلىك راھەتسىز بولۇپ كەتتىكى ھەتتا ئۆزىنىڭ پوپايكىسىنى پۇراپمۇ ئۈلگۈردى، ئاخىرى بولماي ئورنىدىن تۇرۇپ ئوتتۇرىدا قىستىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇرى بولدى. ئەمدى بۇ قانداق نۇمۇسلۇق بولۇش؟ ئادەتتىكى ئادەملەردەك كېلىپ تەبىئىي ئولتۇرىۋەرسە ھېچكىمنىڭ دېققىتىنى تارتمايدىغان بىر ئىشتا، ئۆزىنىڭ ئويىدىكى (تەقۋالىق)قا زىت ھالدا باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىپ قويغاندىن سىرت يەنە تېخى باشقىلارنى بېئارام قىلىپ قويدى. تۈرۈكلەرنىڭ (ئەخلاقسىز) قىزلىرىغا سېلىشتۇرۇپ قالدىم، ئۇلار شۇنچە كۆپ ئەرلەرنىڭ ئارىسىدا تارتىنماي تۇرسىمۇ ھېچكىمنىڭ دېققىتىنى تارتمايدۇ-يۇ، بىزنىڭ ئاياللىرىمىز نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن نېرىراق تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ تېخىمۇ دېققەتنى تارتىدۇ؟ رەسۇلۇللاھ ھەممە ئىشتا نورمال بولۇشنى بەكمۇ تەكىتلىگەن ۋە (ئېبادەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى نورمال ۋە داۋاملىق قىلىنغىنى. سەھىھ ھەدىس) دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن، نورماللىق دېگىنىمىز خۇددى نەپەس ئالغاندەك تەسمۇ كەلمەيدىغان كىشىلەرگە غەلىتىلىكمۇ ھېس قىلدۇرمايدىغان دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئاشقۇن ئېتىقادچىلىرىمىز تۈركىيەگە چۈشىشىمىز بىلەنلا بىزنىڭ قايسى جامائەتكە تەۋەلىكىمىزنى سورايدۇ، ئۆز ئالدىغا مەسجىد ياساپ تۈرۈك ئىماملارغا ئىقتىدا قىلىشنى مەكرۇھ دەپ پەتىۋا پىچىپ بېرىدۇ، يەنە تېخى ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭمىغانلاردىن باشقا ھەممىسىنى ئازغۇن، تاغۇت دەپ پىرقىلەرگە بۆلۈپ بېرىدۇ. ۋەتەندە تەتۈر تەشۋىقات تۈپەيلى ئىدىيە پىرقىلىرىغا بۆلۈنگەن ۋەتەنداش ئۇيغۇرلارنىڭ يىتىم قالدۇرۇشى بىلەن بىرلىككە، ئىتىپاقلىققا بولغان ئىشەنچىسى چاك-چېكىدىن قومۇرۇلۇپ كەتكەن مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزغا سوۋغا قىلغان تۇنجى ئېغىز سۆز <سەن كىمگە تەۋە> بولسا ئۇنىڭ بىردىن بىر غايىۋى جەننىتى بولغان تۈركىيەدە باسماقچى بولغان قەدەملىرىگە ھۆل خىش قويغاندەكلا بولمامدۇ؟  بۇنداق دىننىڭ ماھىيىتىدىن ئۇزاپ كەتكەن ئەقىدىلەر بىز ئۇيغۇرلاردا قەدەمدە بىر ئۇچىرايدۇ. مانا شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى بىر قەدەر مۇتەشەددىد ئېتىقادچىلار بىلەن ئېتىقادقا كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىدىغانلار ئوتتۇرىسىدا ھاڭ پەيدا بولۇپ كۈندىن كۈنگە چوڭىيىپ كېتىۋاتىدۇ. رەسۇلۇللاھ بىرلىكنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قاتتىق چەكلىگەن، ھەتتا ئۆزىمۇ ئارىسىدىكى مۇناپىق ۋەھى ئارقىلىق بىلدۈرۈلسىمۇ، نۇرغۇن ساھابىلەردىن تارتىپ بىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، دىننىڭ زىتىغا قېپقىزىل زىيانكەشلىك قىلىۋاتقىنى ئاشكارە بولغان بولسىمۇ ئەنسارىلەردىن بولغان مۇناپىق ئۇبەي ئىبنى مەختۇم ئۆزىنى ئۆزى ئاشكارە قىلمىغۇچە ئۇنى ئاشكارە قىلمىغان!!! ئەمما ھازىر بەزى تور مۇجاھىت ۋە ئۆلىمالىرى خۇددى ئاللاھ ئۇلارغا ۋەھى قىلغاندەك كىشىلەرگە خالىغانچە ھېيىقماستىن نۇرغۇن ئۇنۋانلارنى پىچىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا (سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جېھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار. سۈرە بەقەر 190- ئايەت) دېگەن، ھەرگىزمۇ شۇ تاجاۋۇزچىلارنىڭ زۇلمىدىن قېچىپ چىققان ئادەملەرنى دۈشمەن تۇتۇڭلار دېمىگەن. ئاللاھ يەنە قۇرئاندا ( ئى مۆئمۈنلەر ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلماڭلار، چەكتىن ئاشماڭلار. سۈرە مائىدە 87- ئايەت) دېدى،  دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كىم ھارام قىلدى؟ مۇسۇلمانلارنىڭمۇ تېخنىكا ئېگىلەپ ئىنسانلارغا قولايلىق يارىتىپ ھەربى جەھەتتىن كۈچلىنىپ دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئاكتىپ ئورۇن تۇتۇش ھوقوقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار، بىزدە تېخنىكا بولمىغاچقا روسىيەگە پۇل تۆلەپ كىلاشىنكوف سېتىۋېلىپ ئامېرىكىغا ئاتىمىز، ئامېركىدىن راكىتامىيوت سېتىۋېلىپ روسىيەگە ئاتىمىز، ئۇلار بىز بەرگەن پۇللار بىلەن بىزنى ئۇرىدۇ، بىزدىن ئىقتىسادى ۋە ئادەم كۈچى خورايدۇ ئۇلاردىن ھېچنىمە خورىمايدۇ، ئەكىسچە تاشقى دۈشمەن پەيدا قىلىپ ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ دۈشمەننى تەشۋىق قىلىپ ئىچكى مۇقۇملۇقنى تېخىمۇ چىڭداپ خەلىقنىڭ رايىنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ، خەلىقارا بېسىملارنىڭ تەھتىدىدىن قۇتۇلۇپ تېخىمۇ رەزىل بولغان ماددى ۋە مەنىۋى ئۇرۇشلارغا ئۇل سالىدۇ. دېمەك بىز جېھادقىمۇ، نورمال ئېتىقادقىمۇ، ئىقتىسادقىمۇ، تېخنىكىغىمۇ مۇھتاج. جېھاد ئېبادىتى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچلۈك ۋە تەۋرەنمەس ئېمان كېرەك ئۇنداق شەرت ھازىرلانماي قىلىنغان جىھاد مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلىشىدۇ، ئەمىسە نورمال تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ياكى باشقا ساھەلەردە بىلىم ئىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى تىللاش كېرەكمۇ ئېمانىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ياخشى سۆزلەر بىلەن تەربىيەت ۋە رىغبەت بېرىش كېرەرمۇ؟ بۇ پىكىرلىرىمنىڭ ھەقىقى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن قان كېچىپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان كاللىسى ئوچۇق سەگەك مۇجاھىت قېرىنداشلىرىمنى قەتئى بىئارام قىلماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن. 

دىننى بىزگە تەۋرەنمەس ئېتىقادى ۋە شانلىق ئىش ئىزلىرى بىلەن يەتكۈزگەن ساھابىلەرنىڭ پەخرى بولغان ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق شۇنداق بىر قىسسىنى كۆرىمىز، ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ جېھاد مەيدانىدا بىر كاپىرنىڭ ئۈستىدىن تامامەن غالىپ كېلىپ ئۇنى يىقىتىپ ئىسلام ھەقىقىتى بىسلىرىدىن چاقناپ تۇرغان قىلىچىنى ئۇنىڭ بوينىغا تىرىگىنىدە ھېلىقى كاپىر ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكىرىدۇ ئەمما ھەزرىتى ئەلى ئۇنى ئۆلتۈرمەكتە يوق تەرىك ئېتىپ كېتىپ قالىدۇ، بۇ ئىشدىن قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە قالغان ھېلىقى كۇففار ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سورايدۇ، ھەزىرىتى ئەلى < مەن جىھادنى پەقەت ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن قىلىمەن، ئەمما سەن يۈزۈمگە تۈكۈرگەندە نەپسىم ئېمانىمدىن غالىب كېلىپ مېنى شەخسى ئاداۋەت چىرمىۋالدى شۇڭلاشقا سېنى تەرىك ئەتتىم) دەيدۇ. ساھابىلەرنىڭ ئېمانىغا قاراڭ! ھەرقانداق شارئىت ئاستىدا كاللىسىغا كەلگەن ھۆكۈمنى راۋۇرۇس چايناپ ئاندىن ئەمەلدە كۆرسىتىش مۇسۇلمانلىقنىڭ ئەقەللى بىر ساۋادى، كۆپىنچە قېرىنداشلار رەسۇلۇللاھ سەجدە قىلىۋاتقاندا گەدىنىگە تۆگىنىڭ ئىچ-باغرى ئارتىپ قويۇلغان چاغدىكى چىدىغۇسىز خورلۇق ۋە دەپسەندە بولۇنغان ئىززەت ھۆرمەتنى ھېس قىلسا كېرەك، ياش تۆكسە كېرەك، ئەمما بىر نوقتىغا بەكمۇ سەل قارالدى! شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھنىڭ يىنىدا كىملەر بار ئىدى؟ ئۆمەردىن باشقا تۆت خەلىپىنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھقا ئۆزىنى ئەمەس ھەتتا ئاتا-ئانىلىرىنىمۇ قوشۇپ پىدا قىلىدىغان جەڭلەردە رەسۇلۇللاھقا قالقان بولىدىغان مىسلىسىز ئېماننىڭ ساھىبلىرى تۇرۇپ شۇ كۈنى نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇردى؟ ئاخىرى رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى فاتىمە كىرىپ ئۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈستىدىن تارتىپ چۈشۈرمىدىمۇ؟ مانا بۇ ساھابىلەرنىڭ چېكىگە يەتكەن سىياسى سەزگۈرلىكى! ئىجدىمائىيەت چۈشەنچىسى، ۋەزىيەت كونتۇرۇل قىلىش ئۈستۈنلىكىدۇر. قۇرەيش كاتتىلىرىنىڭ نىيىتىنى بۇزۇپ قارشىلىق كۆرسەتسە ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كىرگەنلىكىنى پەملىگەن ساھابىلەر سەبىر قىلىشنى تاللىدى، ئۇ سەبىر مانا بۈگۈنكى ئىسلام دىنىنىڭ تولۇق يېتىپ كېلىشىگە سەۋەپ بولغان مۇھىم پىسخىك ئۇرۇشلارنىڭ بىرسى. 

ئىسلام دىنى ھەقىقەتەن مۇكەممەل ۋە كەمكۇتىسىز ھېچ بىر نوقسانسىز ئىلاھنىڭ بىز ئۈچۈن تاللاپ بەرگەن سائادەت يولىدۇر، رەھمەت دەستۇرىدۇر، نىئمەت ۋە مەرھەمىتىدۇر. بىز مۇشۇ دىن بىلەن ئەزىز بولغان مۇشۇ دىن ئۈچۈن خورلۇق تارتىۋاتىمىز، بىز ئۇيغۇر خەلقى قاچانكى دىننى تەرىك ئەتسەك ئەڭ ياخشى سىياسەتلەردىن بەھرىمان بولۇپ ۋەتەندىكى ئىقتىسادى ئوبۇرتنىڭ ئاساسلىقى بىزنىڭ قولىمىزغا ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىن بىر باياشات تۈرۈك مىللىتىگە ئايلىنىشىمىز تەس ئەمەس، چۈنكى جوڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ 40% ئىنىرگىيە ۋە تەبىئى بايلىقى بىزدىن چىقىدۇ 20% ئېمپۇرت ئىنىرگىيە ۋەتىنىمىز تۇپىرىقىدىن ئۆتىدۇ، ئالتە دۆۋلەت بىلەن چىگىرلىنىدىغان ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك شارائىتىمىز بار، ئەمما بىز ئاللاھ بىزگە ئىنئام قىلىپ بەرگەن دىننى ۋە قۇرئاندا ئالاھىدە تىلغا ئالغان مىللى كىملىكنى (سىلەرنىڭ ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. سۈرە ھۇجۇرات 13- ئايەت) قوغداش ئۈچۈنلا بۈگۈنكى روھى چۈشكۈنلۈك ۋە ماددى نامىراتچىلىققا قالدۇق. تارىختىن بۇيان كالا ھارۋۇسىدا توشقان تۇتۇپ دۈشمەننى ئىچىدىن پارچىلاپ چىقىمسىز غەلبە قىلىشقا كۆنگەن ۋە شۇ جەھەتتە مول تەجىربىسى بار خىتاي بىزنى 3-دۇنيانى قانداق قولىغا ئىلىشتىكى كىچىك مانىۋېر مەيدانىغا ئايلاندۇردى، ئۇلار بىزنىڭ بېسىمغا قارشى كۆرسەتكەن كۈچىمىزدىن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدى، قانلىق باستۇرۇشلاردىن دىندار ۋە تەقۋادارلارنىڭ ئۆزىگە تەھدىد بولىدىغانلىقىنى بايقاپ پەيدىن پەي، يىلدىن يىلغا دىننى ئېتىقادقا بولغان كونتۇرۇللۇقنى كۈچەيتىپ بىزنى دىنسىز لاشتۇرۇشقا دىننى جەھەتتىن قاغجىراق بىر قەلىبدە قالدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى ۋە نۇرغۇن ئەجەللىك نەتىجىلەرنى قازاندى، يىللارچە ئىلىپ بېرىلغان تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ھەقىقەتەن ياغلىق چەگكەن ۋە ساقال قويغان دىننى تەلىم-تەربىيە ئىلىپ بارغانلارغا نىسبەتەن قارشى تۇرۇش ئىدىيىسى ھېچ بولمىسا ئېھتىيات قىلىش شەكىللەندى، دىننى كەيپىياتنى تۈپتىن يوقىتىش ئۈچۈن جەمىئەتتە دىننى تۈس ئالغان ھەرقانداق نەرسىنى سەزگۈر تېمىغا ئايلاندۇردى، دائىش تازا كۈچلىنىپ پۈتكۈل دۇنيانىڭ دېققىتىنى تارتىۋاتقان سەزگۈر مەزگىلدە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بىر قارارنى چىقاردى، پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا ئاساسى جەھەتتىن پاسپورت بېرىلدى، دىن سىراپ ئېتىقاد دېۋانىلىرىغا ئايلانغان بېچچارە ئۇيغۇرلار توپ-توپى بىلەن چەت ئەلگە قېچىشقا باشلىدى ئەمما ئۇلارنىڭ قىسىلغىنى پەقەت دىن بولغانلىقى ئۈچۈن چەتئەللەردە پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن دىن كۈرىشىگە ئاتلاندى، تۈركۈم- تۈركۈملەپ ئوقۇغۇچىلار مىسىر، سەئۇدى قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىگە نوقۇل دىننى ئوقۇش ئۈچۈنلا سەپەر ئالدى، يىللارچە دىننىڭ پۇراقلىرىنىمۇ پۇرالمىغان نادانلاشتۇرۇلغان خەلىق ئۆزى بىلەن ئۆزىلا خۇددى مۇستاپا كامالدەك دىن بىلەن ھاياتنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېپىل سوقتى، ھېچقانداق ھۆكۈمەتنى ياقتۇرمايدىغان، ھەرقانداق قونۇن ۋە دېمۇكۇراتىيە ۋە ياكى ئاللىقانداق دىننى ئۇقۇمدىن سىرت ھەرقانداق نام ۋە تەشكىلاتلار ئارلاشقان ئىشلارنى ئۆزىگە زىيانلىق ساناپ ھەددىدىن زىيادە قورۇقچىلىق بىلەن تېخىمۇ نادان قېلىشقا قاراپ يول ياساشقا باشلىدى، بۇنداق تومتاق ئىدىيە بىلەن يۈرگۈزۈلگەن پائالىيەتلەر دۇنيا ۋەزىيىتىنى كىچىككىنە مۆلچەرلەپ قالغان كىشىلەرنىڭ مۇجاھىت ئۇقۇمىغا، جىھاددەك ئاساسلىق ۋە مۇھىم ئېبادەتلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ كۆڭلىگە شەيتاننىڭ قارا كۆلەڭگىسى يېيىلىپ، شەك چۈشۈرۈپ ھەرقانداق دىننى تەشكىلاتتىن گۇمان قىلىدىغان ھالەتكە ئىلىپ كەلدى، ئۆز ئارا بۆلگۈنچىلىكنىڭ يېڭى بىخلىرىنى كۆرگەن مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىگە تەھدىد سانالغان كۈچلەرنى تۈرمىگە سولاش ياكى چەتئەلگە چىقىرىۋېتىپ قوتۇلۇش تاكتىكىسىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن قايتىدىن ئىشىكنى تاقاپ پاسپورتلارنى يىغىپ دوقمۇش-دوقمۇشتا ھەر بىرسى بىر مىليون سوم بىلەن پۈتكەن پوتەيدىن ئىككى مىڭدىن ئوشۇق ياساپ ئۇيغۇر ياشلاردىن زور مىقتاردا ساقچى قۇبۇل قىلىپ يېڭى بىر رەزىل سىياسەتلىرى ئۈچۈن تارىختىن يېڭى بىر قارا سەھىپىسىنى ئاچتى. ئەڭ قورقۇنۇچلىقى ۋەتەندىن پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ كەتكەن ساناقسىز ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئۆز رازىلىقى بىلەن دىننى ۋە مىللى كىملىكىنى ئاسمىلاتسىيە قىلماقتا، بۇ يوشۇرۇن خەۋىپ پات ئارىدىلا ناھايىتى چوڭ باش ئاغىرىققا ئايلىنىدۇ، ۋەتىنىم دەپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئارانلا سۆزلەيدىغان كەلگۈسى ئەۋلادلىرى ھېلىتىن پەيدا بولماقتا، مەكتەپتە ئوقۇتماي يەنىلا يەرلىك مەدىرىسىلەردە كونا ئىدىيە بىلەن تەربىيىلىنىۋاتقان قاتمال پەرزەنتلەر بىخلانماقتا. بىزدە بىلىمگە ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىجدىمائي تەڭپۇڭلۇق ئىدىيە مەسىلىلىرى سەۋەبلىك ئېغىر كىرزىسقا دۇچ كەلمەكتە، بىز مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن رەھمەت قىلىپ چۈشۈرگەن بۇ دىنىنى ئۆچمەنلىك ۋە قاتماللىققا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىمىز، مۇستەبىت خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىزنى قانداق دۆتلەشتۈرۈپ قانداق پارچىلاۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي ۋاتىمىز. قىسقىسى بىز بىزنى بىردىن-بىر قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان يەككە-يىگانە قۇدىرەتلىك كۈچ ئاللاھنىڭ دائىرە سىزىقلىرىنىڭ قىرىدا تۇرۇپ نادانلارچە ھەق دەۋاسى قىلىۋاتىمىز، قولىمىزدىكى ئىستاكاننى توشتۇرۇپلا قانائەتلىنىپ قېلىۋاتىمىز ھالبۇكى باشقىلار دەريا ياساپ سۇ ئاقتۇرۇپ پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئەتىراپىمىزدىكى ھەر بىر كىچىك ئىشلارمۇ مەلۇم پاسسىپ سەۋەبلەر تۈپەيلى پەيدا بولغان ھەرگىزمۇ سەۋەبسىزلا يۈز بەرگەن ئەمەس، بىزگە قۇرئاننى چۈشۈنىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئىلىشى ئۈچۈن قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق. سۈرە دۇخان 58-ئايەت) ئەلۋەتتە قۇرئاننى يادىرو قىلغان دىننى ھاياتىمىزنىمۇ مىسلىسىز ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن (سۇ تاپالمىساڭلار پاك تۇپىراقنى يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر. يەنى ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈن ئېبادەتنى ئاسانلاش تۇرۇپ بەرگۈچىدۇر. سۈرە نىسا 43-ئايەت). ئەمما بىز ئۆزىمىز ئۆزىمىزنى قىسىپ رامكىغا سولاپ دىندىكى كەڭ چىللىكنى ئەقلىمىزدىكى <قىيىن بولسا ساۋاب كۆپ بولىدۇ> دەيدىغان خاتا ئىدىيە بىلەن تنىدۇرىۋاتىمىز. تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى. مەكتەپدىن قايتقاندا پېشىن نامىزى بولۇپ كېتىپتۇ، مەن بىلەن ساۋاقداش ئوقۇۋاتقان ئاكام بىلەن مەكتەپنىڭ مەسجىتىگە نامازغا ماڭدۇق، مېنىڭ تاھارىتىم يوق ئىدى ھېلىقى ئاكاشدىن:

-مەسجىدنىڭ ئىسسىق سۈيى بارمىدۇ؟ تاھارەت ئېلىۋالسام بولاتتى، دېسەم، ئۇ ئاكاش:

– ئىسسىق سۈيى يوق، سۇ سوغۇق، ئەمما سوغۇق سۇدا تاھارەت ئالسىڭىز ئاللاھ ساۋابنى جىق بېرىدۇ، دېدى. قارماققا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ جاۋاب ئەمەلىيەتتە بىز ئىزدىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ، يەنى ئۆزىمىزگە تەسلەشتۈرۈۋالغان دىننىڭ بىزدىكى توغرىدەك كۆرۈنىدىغان خاتا ئىپادىسى. نەردىمۇ سوغۇق سۇدا تاھارەت ئالسا ساۋابى كۆپ بولىدىغان ئىش بار؟ ئۇنداق ئەمەس بەلكى جامائەت بىلەن بىللە ناماز ئوقۇسا ساۋابى 27 ھەسسە كۆپ بولىدۇ (سەھىھ ھەدىس) شۇڭلاشقا سۇ سوغۇق بولسىمۇ تاھارەت ئىلىپ جامائەتكە ئۈلگۈرگەن ناھايىتى ئەۋزەل. ھەتتا رەسۇلۇللاھ بىلەن بولۇنغان بىر سەپەردە قايسى بىر ساھابىنىڭ قاتتىق سوغۇقتا سۇ تۇرسىمۇ ئۆزىنىڭ سوغۇقتىن قورقىدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ تەيەممۇم قىلغانلىقىنى كۆرگەن رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ساھابىنىڭ ئاللاھقا ئەركىلىگەنلىكىدىن مەمنۇن بولۇپ كۈلۈپ كەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. دىننى ئۆزىمىزگە تەسلەشتۈرۈۋېلىشىمىزنىڭ ئاقىۋىتى ھەتتا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدەك ئاخىرى ئاللاھنىڭ غەزىبىگە قېلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (سۈرە بەقەرە 69-70-71- ئايەتلەرگە قارالسۇن، ئاللاھ مۇسا ئە ل ۋ نىڭ قەۋمىگە پەقەت بىر كالا بوغۇزلاشنى بۇيرۇسا ئىتائەتسىز ياھۇدىلار ئۇ كالا قېرىمۇ ياشمۇ؟ رەڭگى قانداق؟ ئىشقا سېلىنغانمۇ سېلىنمىغانمۇ؟ دەپ سوراپ ئېبادىتىنى تەسلەشتۈرۈپ ھەتتا ئاخىرى ئورۇندىيالمىغىلى تاسلا قالغانلىقى بايان قىلىنىدۇ). بىز قۇرئاننىڭ يولىنى تۇتقۇچىلار ۋە قۇرئاندىن ئۆرنەك ئالغۇچىلار، قۇرئاندىكى قىسسىلەردە ئاللاھ ئىتائەتمەن بەندىلىرىنىڭ ئۇلارغا ئاسان قىلىپ بەرگەن يوللاردا ماڭغىنىغا ئوخشاش، (زۇلقەرنەين ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن يولدا ماڭدى. سۈرە كەھف 85-ئايەت) بىزمۇ ئاللاھ بىزگە ئاسان قىلىپ بەرگەن يوللاردا ماڭىمىز، چۈنكى ئاللاھ شۇنداق بولۇشىنى خالايدۇ (ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەستلىكنى خالىمايدۇ. سۈرە بەقەرە 185- ئايەت). ئېسىمىزدە بولسۇنكى بىز ۋەتەندىن ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەس شۇ دىندىن بىزگە ئىنئام قىلىنغان نۇرغۇن تۈزىتىشكە تېگىشلىك بىر پارچىسىنى قوغداش ئۈچۈن چىقتۇق، بىز ھەم دىننى قوغداپ بولالمايمىز، دىننى قوغداش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش، بۇ دىن مەيلى بىز قوغدايلى قوغدىمايلى مەڭگۈ يوقالمايدۇ. (قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز سۈرە ھېجرە 9- ئايەت) بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز بولسا ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان ئېتىقادنى قوغداش، ئېتىقادىمىزنى قوغدىغانلىق دەل بىزگە چوڭ كېلىپ قالغان قالپاق <دىننى قوغداش> نىڭ ئۆزىدۇر! بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز بولسا ئەنە شۇ توغرا قوغدالغان، ھېمايە قىلىنغان ئېتىقاد بىلەن يېڭى دۇنياغا يۈزلىنىش ۋە تارتقۇزۇپ قويغان بارلىق ئىمتىيازلىرىمىزنى قايتۇرۇپ ئىلىپ ئىززەت ھۆرمىتىمىزنى قايتا تىكلەپ بۇ دۇنيانى مۇھەببەت بىلەن قايتا قۇرۇپ چىقىشتۇر. 

(ئاللاھ مېنى لەنەتلىگۈچى قىلىپ ئەۋەتمىدى، ئەكىسچە ھەقىقەتكە چاقىرغۇچى ۋە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتى. ئې ئاللاھ قەۋمىمنى ھېدايەت قىل، چۈنكى ئۇلار بىلمەيدۇ. قازى ئىياز <شىفا> 1-جىلىد 95-بەت) 

ئاخىرىدا ئاللاھدىن سورايدىغىنىم، چۈشەندۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ئۆزىنى چۈشەندۈرگەن رەببىمنىڭ بىز چۈشىنىشكە ئەڭ مۇھتاج بولىۋاتقان ئىتىپاقلىقنىڭ كۈچىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرىشىنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە مۇكەممەل ئىشىنىدىغان قەلىبلەرنى بېرىشىنى ئاللاھنىڭ نەزلىدىكى ئالەملەرنىڭ قىممىتىدەك تۆۋەنچىلىك بىلەن تىلەيمەن.

ئاپتۇرى: سالاھ

2017-يىلى 20-يانۋار

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top