You Are Here: Home » ئومۇمى » تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر خانلىرى

تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر خانلىرى

يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى – سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ھەققىدە

ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان – سەرگەردانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 – يىلىدىن 1559 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . كېيىن دادىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن . سەئىدخان ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلىغان ھەمدە ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا دەرس ئۆتكۈزگەن . تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە ياخشى ئۇستازى بولغان . سەئىدىيەخان ئۇنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ قىرغىزلارنى باستۇرۇشقا ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن شەرق ۋە غەربكە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ، ئۆز ئىنىسى ئامان سۇلتاننىڭ ئاقسۇدىكى توپىلىڭىنى تىنچىتىش ئۇرۇشىغا ھەمدە ئاقسۇنى ئىدارە قىلىش ئىشىغا ئەۋەتكەن . 1533 – يىلى سەئىدخان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ يەكەن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ خاقان بولغاندىن كېيىن بىرمۇنچە قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى ، ئامانلىقىنى جان تىكىپ قوغدىغان .

ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىدەك بولغان :

بىرىنچى ، ھەربىي ئوردا ئىچى سىرتىدىكى گۇمانلىق دەپ قارالغان ، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى قەتلى قىلىپ ، يېڭى قائىدە – تۈزۈملەرنى بېكىتىپ چىققان . بۇرۇنقى موغۇلىستان خانلىقى ھەم يەكەن خانلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي تايانچىسى بولغان دوغلات قەبىلىسىنىڭ ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋالغان . گەرچە بۇ ۋەقە يەكەن خانلىقىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن بەزى زىيالىيلارنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ بەزى بۆلگۈنچىلىك ئىشلىرىغا ئۈزۈل – كېسىل خاتىمە بېرىلگەن .

ئىككىنچى ، تىنچلىق توختامىنى بۇزۇپ ، ئاقسۇ ۋە ئۇنىڭ غەربىگە ھۇجۇم قىلغان تاغىسى مەنسۇرخانغا قاتتىق زەربە بەرگەن . مەنسۇرخان مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چېكىنگەن . لېكىن ، 1538 – يىلى مەنسۇرخان يەكەن خانلىقىغا قارشى يەنە ئۇرۇش قوزغىغان . ئابدۇرەشىدخان ئۇنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ ، شەرقتە تاكى گەنسۇنىڭ جايۈگۇەن قوۋۇقىغىچە بولغان بارلىق زېمىنلارنى يەكەن خانلىقىغا قوشقان ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى سەئىدخاننى بۇ جايلارغا سۇلتان قىلىپ تەيىنلىگەن . بۇنىڭ بىلەن مەنسۇرخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۈزۈل – كېسىل خاتىمە بېرىلگەن .

ئۈچىنچى ، يەكەن خانلىقىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىنى ۋە ھامىيلىقىدىكى رايونلاردا توپىلاڭلارنى تىنجىتقان . مەسىلەن ، 1538 – يىلى يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى ھەق نەزەرخاننىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرغان . شۇ يىلى يەنە مەنسۇرخان ئىككىنچى قېتىم ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغاندا ، باش ئەمىر مىرزا ئەلى تاغاي باشلىق بەزى ئەمىرلەر توپىلاڭغا تەييارلانغان . ئابدۇرەشىدخان بۇ ھەرىكەتنىمۇ قانلىق بېسىقتۇرغان .

تۆتىنچى ، جەمئىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىمۇ بىرمۇنچە يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، ئاھالە كۆچۈرۈپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ، قول- ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ، ئىچكى ۋە تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ، مەكتەپ ۋە مەدرىسلەرنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ، ئىسلام دىنىي مەزھەپلىرىنىڭ ئەركىن مۇنازىرىسىگە يول قويۇشتەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن . نەتىجىدە خانلىقتا بىر مەھەل نىسبەتەن تىنچ ۋەزىيەت شەكىللىنىپ ، جەمئىيەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئالتۇن دەۋرى بارلىققا كەلگەن .

بەشىنچى ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىپ ، جايلاردا نەزەرگە ئېلىنماي قالغان ئۇيغۇر سازەندىلىرى ، غەزەلچىلىرى ھەم شائىرلىرىنى تاپتۇرۇپ ئەكەلگەن . بۇنىڭ بىلەن ئوردىدا نۇرغۇن تالانتلىق شەخسلەر توپلىنىپ ، خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن مۇقام مۇزىكىلىرىمۇ مۇشۇ كىشىلەر بىلەن بىللە ئوردىغا كىرگەن . دەرۋەقە ، ئۇيغۇر 12 مۇقامنىڭ رەتلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر شەرت – شارائىتلار ھازىرلانغان …………. .

ئومۇمەن ، سۇلتان ئابدۇرىشىدخانننىڭ يۇقىرىقىدەك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇستەھكەملىگەن . ئۇ دۆلەتنى ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش جەھەتتىمۇ ئاتىسىدىن ھېچ قىلىشمىغان . ئۇ يەنە دائىم پۇقراچە ياسىنىپ ئاددىي خەلق ئارىسىغا چۆكۈپ ، ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى يوشۇرۇن ئىگىلىگەن . 1559 – 1560 – يىللىرى ، ( ئىسلام كالېندارى 967 – يىلى ) ئۇ خوتەننى تەكشۈرۈش سەپىرىدە بەختكە قارشى سۇيىقەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغان .

سۇلتان سەئىدخان ھەققىدە

يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ 3 – ئوغلى بولۇپ 1490 – يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ئۆزبېك خانى شايبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن . بىر يىلدىن كېيىن شايبانىخان ئۇنى قويۇپ بېرىپ ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان . كېيىن ئۇ شايبانىخاننىڭ خارەزىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان . لېكىن ، تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئاخىرى يەنە قىرغىزلار رايونىغا كېتىپ ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ، قىرغىزلارنىڭ چوڭ سەردارىغا ئايلانغان . 1508 – يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان . دەل شۇ پەيتتە ، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، سەئىدخانغا قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان . نەتىجىدە ئاكا – ئۇكا ئوتتۇرسىدا ئالمائاتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ ، سەئىدخان مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابۇلدىكى تاغىسى زاھىردىن بابۇر شاھنىڭ يېنىغا مىڭ تەسلىكتە قېچىپ كەتكەن . بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت – ئىكراملار بىلەن كۈتۈۋالغان . بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل ئۆزبېكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان . كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئۆزبېكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر ، يەكەن ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئەبۇبەكرىنى يوقۇتۇپ ، قەشقەر ، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ ، ئەجدادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان . دەرۋەقە ، 1514 – يىلى 6 – ئايدا سەئىدخان 4 مىڭ 700 كىشىلىك قوشۇن بىلەن تورغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن . بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئابابەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قەشقەر ۋە يېڭىساردا كۈچلۈك ئىستىھكاملارنى ياساتقان . لېكىن ، سەئىدخان مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ يېڭىسار ، قەشقەر ۋە يەكەنلەرنى ئىشغال قىلغان . مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ جايلارنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان . نەتىجىدە مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ كوئىنلۇن تېغى ئارقىلىق لاداق رايونىغا قاراپ قاچقان . ئەمما ، ئۇزاق ئۆتمەيلا سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئەبۇبەكرىنى ئىز قوغلاپ ئۆتۈپ ، لاداقتا قەتلى قىلغان . بۇنىڭ بىلەن 1514 – يىلى 9 – ئاينىڭ 21 – كۈنى سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختكە چىققان .

سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن :

بىرىنچىدىن ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى – بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەر خىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ ، جەمئىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن .

ئىككىنچىدىن ، مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يەكەن خانلىقىنى قۇرۇشقا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن . يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈپ ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋان – ياساق ئالمىغان .

ئۈچىنچىدىن ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر سوپى خوجا تاجىدىننىڭ تەشەببۇسى ئارقىلىق ، 1516 – يىلى 2 – ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچا ئارىلىقىدىكى ئارابات دېگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ ، سۈلھى تۈزگەن . نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خاقانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان .

تۆتىنچىدىن ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە خانلىق تىروتىريىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ، بىر قاتار كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان .

سەئىدخان يۇقىرىقىدەك ئىچكى – تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش – مەمۇرچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرىلىشىچە ، سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ ، مۆمىنچىلىك قىلىۋەتكەن . يۇقىرىسى بەگ – بېگات ئېسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى – پەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەپ – سۈلكەتلىك بولغان . ئۇ تەرەققىيپەرۋەر ۋە ئىستېداتلىق ھۆكۈمران بولۇپ ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقىرى كامالەتكە يەتكەن . ئۇ يەنە ئومۇمىيلىقنى ئەلا بىلىپ ، خانلىقنى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن . ھالىدىن كەتكەن خەلقنىڭ ئارام ئېلىپ دەرمان توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن . ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنى تىنچىتىپ ، خارابلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن . لېكىن  سەئىدخان ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولغاچقا ، غەيرى دىندىكىلەرگە قارىتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان . كەشمىر ، لاداق ، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . 1533- يىلى 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى 47 يېشىدا لاداققا قارشى ئېلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قېلىپ ۋاپات بولغان . جەسىتى يەكەن خانلىق ئوردىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن .

 

چاغاتاي خانلىقى ھەققىدە

چاغاتاي خانلىقى —- ئالمالىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىي ، يەتتە سۇ رايونى ، ماررائۈننەھر ، خۇراسان ، ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى ، ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمى ۋە جەنۇبىي تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق . مەزكۇر خانلىق موڭغۇللارنىڭ چوڭ خاقانى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن زېمىنىدا قۇرۇلغاچقا ، كېيىنكى چاغلاردا سۇيۇرغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن چاغاتاي خانلىقى دەپ ئاتالغان . بۇ خانلىق دەۋرىدە ، موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن موڭغۇل قەبىلىلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە باشلىغان . بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن .   خاقان كۈنجۈك دەۋرىدە ، غەربىي يۇرتتىكى نۇرغۇن موڭغۇل قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان موڭغۇل تىلىنى تاشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان ھەمدە ئەنئەنىۋى دىنلاردىن ۋاز كېچىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . بۇ ھال ئوخشاشلا موڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكەن . خاقان تارماشلىرى زامانىسىغا كەلگەندە غەربىي يۇرتتىكى موڭغۇل قەبىلىلىرى ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرى ئاستىدا ئاساسەن ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن . چاغاتاي خانلىقى دەۋرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ . چۈنكى بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ( جۈملىدىن ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ) سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولغان . موڭغۇللار ، تۈركلەشكەن ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سىياسىي سەھنىگە چىقىپ ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا خانلىق تەختى ئۈچۈن شىددەتلىك ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان . بۇ ھال مەلۇم نۇقتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ساھەلىرىگە نۇرغۇن پاسسىپ ئامىللارنى ئېلىپ كەلگەن . لېكىن ، ئومۇمىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، بۇ ساھەلەردە يەنىلا مۇئەييەن تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن .

چاغاتاي ھەققىدە

چاغاتاي —– چاغاتاي خانلىقى نىڭ ئاساسچىسى . 1227 – يىلىدىن 1241 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسى چىڭگىزخان ۋاپات بولغان ( 1227 – يىلى 8 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ) دىن كېيىن ، ئۆزىگە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردا موڭغۇللارنىڭ جاساق قانۇنىغا ئاساسەن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى رەسمىي باشلىغان .

ئۇ ئۆزىگە تەۋە زېمىنلارنى مۇتلەق ئۈچ قىسىمغا ئايرىپ باشقۇرغان :

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىستان ۋە ماۋرائۈننەھر رايونىنى خارەزەملىك چوڭ سودىگەر مەھمۇد يالاۋاچ ئارقىلىق باشقۇرغان .

تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىنى مەركەز قىلغان ماڭلايسۆيەر رايونى ( ماڭلايسۆيەر — ئاپتاپ تەرەپ ياكى شەرق تەرەپ دېگەن مەنىدە . ) نى موڭغۇل دوغلات قەبىلىسى ئارقىلىق باشقۇرغان .

ئىدىقۇت رايونىنى بولسا ئىدىقۇت ھۆكۈمرانلىرى ئارقىلىق باشقۇرغان .

چاغاتاي ئۆز دەۋرىدە چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئىمپېرىيەنىڭ جاساق ۋە قانۇنلىرىغا مۇئەككەل قىلىنغاچقا ، موڭغۇل قانۇنلىرىنى ئۈزۈل – كېسىل ھەم قاتتىق ئىجرا قىلغان . ئالاقىدار ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ قانۇن ئىشلىرىدا ناھايىتى قاتتىق قول ، دۆلەتنىڭ سىياسىي ، مەمۇرىي ۋە ھەربىي تۈزۈملىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ، شۇنداقلا ئۆز قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارغا قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ، دۆلەتنىڭ ئابرۇيىنى قاتتىق ھىمايە قىلىدىغان بىر ھۆكۈمدار بولغان . ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە ، خانلىقنىڭ سودا – سېتىق ، پۇل – مۇئامىلە ۋە باشقا تەرەپلىرىدە زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن ، ماۋرائۈننەھر رايونىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سودا ئىشلىرى ناھايىتى جانلانغان ، قەدىمكى ئوتتۇرا يىپەك يولىدا سودا – سېتىق گۈللەنگەن ئاۋات بىر ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن .

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، ماۋرائۈننەھر رايونىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان مەھمۇد يالاۋاچنىڭ ئوغلى مەسئۇد يالاۋاچ بۇخارادا مەخسۇس پۇل مۇئامىلە مەھكىمىسى نى تەسىس قىلىپ ، ھەر خىل مېتاللاردىن پۇل قويۇپ تارقاتقان . بۇ پۇللارغا ئەرەبچە ۋە خەنزۇچە يېزىق چۈشۈرۈلگەن . دېمەك ، چاغاتاي ئۆز ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقتا بىر مەزگىل تىنچ – خاتىرجەم ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن . بىراق ، چاغاتاي ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ، ھاراق – شارابقا ناھايىتى بېرىلىپ كەتكەچكە ، 14 يىل تەختتە ئولتۇرۇپ 1241 – يىلى ۋاپات بولغان .

 

كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ خاقانلىرى

كۆكتۈرك خانلىقى —- تۈركلەرنىڭ ئاشىنا ئۇرۇقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ ، شەرققە لياۋخې دەرياسىدىن غەربتە كاسپىي دېڭىزغىچە ، شىمالىدا بايقال كۆلىدىن جەنۇبتا سەددىچىنگىچە بولغان كەڭ تىروتىرىيەدە ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن . بۇ خانلىق مىلادىيە 3 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىدا داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك تارقاقچىلىق – بۆلۈنمىچىلىك ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتكەن 10 مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك رايون گەۋدىسىنى ھاسىل قىلغان . بۇ دەۋردە شىمالىي ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى نۇرغۇن قەبىلە ۋە مىللەتلەر مەزكۇر خانلىق ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ ، ئىككىنچى قېتىملىق تۈركلىشىش دەۋرىگە ، شۇنداقلا يېڭىچە كۆكتۈرك مەدەنىيىتى دەۋرىگە قەدەم قويغان .

خانلىق پارچىلىنىشتىن بۇرۇنقى خاقانلار :

1 . ئاشىنا تۈمەن ئاشىنا تۈمەن كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ، 551 – يىلىدىن 552 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئايرىم مەنبەلەردە بومىن قاغان ، ئىلىگ قاغان ، ئىلىگ قاغان ، تۈمەن قاغان دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان.

2 . قارا قاغان قارا قاغان ئاشىنا تۈمەننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى تەختكە چىققان ، 552 – يىلىدىن 553 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . قارا قاغان بەزى مەنبەلەردە قالا ، ئەل ئىشىگ قاغان دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان.

3 . ياندۇ ئېركىن ياندۇ ئېركىن ئاشىنا تۈمەننىڭ يەنە بىر ئوغلى . ئۇ ئاكىسى قارا قاغاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خاقانلىق تەختىگە چىققان ، 553 – يىلىدىن 572 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ تارىختا مۇقان قاغان دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .

4 . تابار قاغان تابار قاغان ياندۇ ئېركىننىڭ ئىنىسى ، ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى تەختىگە چىققان ، 572 – يىلىدىن 581 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئايرىم مەنبەلەردە تاسپار قاغان ، تابا قاغان ، تابامى قاغان دېگەندەك ناملار تىلغا ئېلىنغان.

5 . ئىشبارا قاغان ئىشبارا قاغان ئاشىنا تۈمەننىڭ ئوغلى . ئۇ تارىختا ئېل كۇلۇگ باغا ئىشبارا قاغان ، ئېل كۇلۇگ شاد باغا ئىشبارا قاغان دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان .

 

چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى

چاغاتاي خانلىقى —- ئالمالىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى ، يەتتەسۇ رايونى ، ماۋرائۈننەھر ، خۇراسان (ھازىرقى تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبى قىسمى) ، ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى ، ئافغانىستاننىڭ غەربى قىسمى ۋە جەنۇبى تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق . مەزكۇر خانلىق موڭغۇللارنىڭ چوڭ خاقانى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن ( 1225 – يىلى ) زېمىندا قۇرۇلغاچقا ، كېيىنكى چاغلاردا سۇيۇرغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن چاغاتاي خانلىقى دەپ ئاتالغان . بۇ خانلىق دەۋرى ( 1227 – 1570 ) دە ، موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ غەربى يۇرتتىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن موڭغۇل قەبىلىلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە باشلىغان ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن .تۆۋەندە بۇ خانلىق خاقانلىرى ئۈستىدە ئاز بولسىمۇ توختىلىپ ئۆتەيلى

1 . چاغاتاي . چاغاتاي —- چاغاتاي خانلىقى نىڭ ئاساسچىسى ، 1227 – يىلىدىن 1241 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

2 .قارا ھېلاكۇ .قارا ھېلاكۇ چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى چاغاتاينىڭ ئىككىنچى ئوغلى مامۇكەينىڭ كەنجى بالىسى . چاغاتاي ئۆلگەندىن كېيىن موڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى ئوگداينىڭ قايتا تەكىتلىشى بىلەن 1241 – يىلىدىن 1246 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

3 . يېسۇمۆڭكۇ .يېسىمۆڭكۇ 1246 – يىلى كۆيۈكخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1246 – يىلىدىن 1252 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان.

4 . قارا ھېلاكۇ قارا ھېلاكۇ 1252 – يىلى مۆڭكۈخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاندانلىقىغا تەيىنلەنگەن .

5 . ئورفىنا ئورفىنا قارا ھېلاكۇنىڭ خانىشى . قارا ھېلاكۇ ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ مۆڭكۈلخاننىڭ تەيىنلىشى بىلەن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى بولغان .

6 . ئارغۇ ئارغۇ ئارىخ بۆكەننىڭ قوللىشى بىلەن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1260 – يىلىدىن 1266 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

  1. مۇبارەكشاھ مۇبارەكشاھ قارا ھېلاكۇنىڭ ئوغلى بولۇپ ، 1266 – يىلى قۇبلاينىڭ تەيىنلىشى بىلەن ئارغۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىغا كىرگەن خان .
  2. بۇراق بۇراق 1266 – يىلىدىن 1270 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

9 . نىكباي نىكباي چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى سارباننىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ بۇراق ئۆلگەندىن كېيىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىققان . 1270 – يىلىدىن 1272 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

10 . دۇۋا دۇۋا بۇراقنىڭ ئوغلى . ئۇ 1272 – يىلى قايتىدۇ تەرىپىدىن جانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .

11 . كۈنجۈك كۈنجۈك دۇۋانىڭ ئوغلى . ئۇ 1306 – يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

  1. تالقۇ تالقۇ 1308 – يىلى مۇتەئەسسىپ موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .
  2. كەبەك كەبەك چاغاتاي ئوردىسىدىكى خانزادە – ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .
  3. ئېسەن بۇقا ئېسەن بۇقا تارىختا ئېسەن بۇقا ئەۋۋەل دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .
  4. كەبەك كەبەك 1318 – يىلى ئاكىسى ئېسەن بۇقا ئەۋۋەلنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم تەختكە چىقىشى ئىدى .
  5. تارماشىرى تارماشىرى كەبەكنىڭ ئۈچىنچى ئىنىسى . ئۇ ئاكىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1326 – يىلىدىن 1334 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
  6. چىنگىش چىنگىش تارماشىرىنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى ئەبۇگەننىڭ چوڭ ئوغلى .
  7. يەسۇن تېمۇر يەسۇن تېمۇر خېلى بۇرۇنلا ئاكىسى چىنگىشنىڭ جان بولۇشىغا نارازى ئىدى . 1338 – يىلى ئۇ ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ خانلىق تەختىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئاكىسىنى قوللىغان ئۆز ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى كېسىۋەتكەن . شۇندىن باشلاپ چاغاتاي خانلىقى چەك – چېكىدىن بۆلۈنۈشكە باشلاپ ، جايلاردىكى ئاقسۆڭەكلەر ئارقا – ئارقىدىن مۇستەقىللىق بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكە كىرىشكەن . لېكىن يەسۇن تېمۇرنىڭ تەختتە قانچىلىك ئولتۇرغانلىقى ۋە قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق .
  8. ئېمىل خوجا ئېمىل خوجا (ئېل خوجا) تارماشىرىنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى . 1326 – يىلىدىن 1346 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

20 . تۇغلۇق تېمۇر تۇغلۇق تېمۇر ئېمىل جوجىنىڭ ئوغلى . 1348 – يىلىدىن 1363 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

21 . ئىلياس خوجا ئىلياس خوجا تۇغلۇق تېمۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . تۇغلۇق تېمۇر ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ماۋرائۇننەھر رايونىدىن ئالمالىق شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1363 – يىلىدىن 1365 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

22 . خىزىر جوجا خىزىر خوجا تۇغلۇق يېمۇرنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى .1387- يىلىدىن 1405 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

23 . شەمىئىي جاھان شەمىئىي جاھان خىزىر خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ 1405 – يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

24 . مۇھەممەد مۇھەممەد شەمىئىي جاھاننىڭ ئىنىسى . 1408 – يىلى ئاكىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

25 . شىر مۇھەممەد شىر مۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ ئوغلى . 1415 – يىلى مۇھەممەد ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

26 . نەقشى جاھان نەقشى جاھان شەمىئىي جاھاننىڭ ئوغلى . ئۇ خۇدايىدادنىڭ يۆلىشى بىلەن شىر مۇھەممەدنىڭ تەختىگە چىققان .

27 . ئۇۋەيس . ئۇۋەيس 1418 – يىلى ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ ئوغلى شاھرۇھ مىرزىنىڭ سەركەردىسى شاھ نۇرىدىننىڭ ياردىمى بىلەن نەقشى جاھاننى ئۆلتۈرۈپ چاغاتاي خانلىقى تەختىگە چىققان .

28 . ئېسەن بۇقا ئېسەن بۇقا ئۇۋەيىسنىڭ كىچىك ئوغلى . 1429 – يىلى دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمرى مەھمۇد شاھنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .

29 . دوست مۇھەممەد دوست مۇھەممەد ئېسەن بۇقىنىڭ ئوغلى . ئېسەن بۇقا ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدا ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1462 – يىلىدىن 1469 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

30 . كېپەك سۇلتان دوست مۇھەممەدنىڭ ئوغلى بولۇپ ، ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ، ئاتىسىنىڭ ئورنىشا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئاقسۇ ، تۇرپان ، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى باشقۇرغان . 1469 – يىلىدىن 1472 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

  1. ئەھمەد ئەھمەد يۇنۇسخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى . 1487 – يىلى يۇنۇسخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدىن قۇمۇلغىچە بولغان جايلارنى باشقۇرغان ھەمدە ئۆزىنى موغۇلىستان خانلىقىنىڭ قانۇنىي سۇلتانى دەپ ئاتىغان .

32 . مەنسۇر مەنسۇر ئەھمەدنىڭ ئوغلى . ئەھمەد ئاكىسىغا ياردەملىشىپ شەيبانىخانغا قارشى قوشۇن تارتقان 1502 – يىلى ئۇنى ئۆز ئورنىغا ۋاقىتلىق خان قىلىپ تەيىنلىگەن .

33 . شاھ سۇلتان شاھ سۇلتان مەنسۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . 1543 – يىلىدىن 1565 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

  1. سۇلتان مەسئۇد- سۇلتان مەسئۇد شاھ سۇلتان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئاكا – ئىنىلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1565 – يىلىدىن 1570 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

 

يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانلىرى

يەكەن خانلىقى 16 – ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇيغۇرلاشقان چاغاتاي ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان . بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەر گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋر ئىدى .

1 . سۇلتان سەئىدخان —- يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ ، 1490 – يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان .

2 . سۇلتان ئابدۇرەشىدخان —- ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان – سەرگەردانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 – يىلدىن 1559 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

3 . ئابدۇلكەرىمخان —-ئابدۇلكەرىمخان سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى . ئۇ يەكەن خانلىقى تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن خاقان . 1559- يىلىدىن 1591 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

4 . مۇھەممەدخان —- ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئىنىسى . 1591 – يىلىدىن 1609 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

5 . ئەھمەدخان —– ئەھمەدخان ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئوغلى . 1609 – يىلىدىن 1618 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

  1. ئابدۇللەتىپخان —- ئەھمەدخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى . 1618 – يىلىدىن 1630 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

7 . سۇلتان ئەھمەدخان —- سۇلتان ئەھمەدخان بولسا ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى . تۆمۈر سۇلتاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئابدۇللەتىپخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، يەكەندىكى ۋەزىرلەر ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خاقانلىق تەختىگە چىققان .

8 . ئابدۇللاخان —– ئابدۇللاخان سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ نەۋرىسى . ئابدۇرەھىمنىڭ ئوغلى .

9 . سۇلتان مەھمۇدخان —- سۇلتان مەھمۇدخان سۇلتان ئەھمەتجاننىڭ ئىنىسى .

10 . يولۋاسخان —— يولۋاسخان ئاق تاغلىق خوجىلار ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن مىلادىيە 1667 – يىلى يەكەن خانلىقى تەختكە چىققان .

  1. ئابدۇللەتىپخان —- ئابدۇللەتىپخان يولۋاسخاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1670 – يىلى خاقانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقىرىلغان .

12 . ئىسمائىلخان —- ئىسمائىلخان 1670 – يىلى قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يەكەن تەختىگە چىققان.

مەنبە: ئەجدات تارىخ مۇنبىرى

 

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top