You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » سىياھ ۋە قۇمۇشنىڭ مۇھەببىتى

سىياھ ۋە قۇمۇشنىڭ مۇھەببىتى

ھەرپلەرگە پەرۋانە يۈرەكلەرنىڭ ھەسرىتىنى يەنە ھەرىپلەر چېكىدۇ.
بىر دانە قەلەم، بىر قۇتا سىياھ سۆيگۈ-مۇھەببەتنى قەغەز يۈزىگە سىزىپ چىقىدۇ.
سۆيگۈ مۇھەببەتنىڭ زاكىتى دەرت تارتىشتۇر ئېھتىمال.
يوللار مەجھۇل، يۇرتلار مەۋھۇم، بىلىنمەيدىغىنى ئېغىزغا كەلمەيدىغان، تىلدىن چۈشمەيدىغان سۆزلەر.
كەلكۈندىن چاچرىغان تامچىلار يۈرەكنىڭ ئورنىدا.
شامال تۈگمەنلىرىدەك پەرۋانە ئەل ئامان، ئەل ئامان!
مۇز كۆيدۈرەمدۇ؟ ئوت سوۋۇتالامدۇ ؟، ئاشىق كۆزدىكى ئۇچقۇننى.
كۆز كۆيدۈرمەمدۇ شۇنچە؟
گۈلدەك كەلگەن سۆزلەر ئىچرە.
يېزىلغانلار كۆيەرمۇ؟ كۆيمەستىن يېزىلارمۇ؟ يېزىلماستىن كۆيدۈرەرمۇ؟
كۆيدۈرەرمۇ؟ ھەسرەتلىك بىر شېئىرنى ئوقۇغاندا.
ئوكيانلار سەۋدانى چۈشەنمەس،
بىر قەسىرنىڭ سېپىللىرىدا قالغان ھەسرەت ۋە ئەسلىمىلەر.
بىر ياغاچ ئۆينىڭ يۈز يىل بۇرۇن كۆيگەن ئوچىقىدىن ئۆرلىگەن تۈتۈن…
ھەر كۈز پەسلىدە ۋە ھازىرمۇ چىقىپ تەرسالىق بىلەن ئەسلىمىلەرنى سۇغۇرغان بولۇت ، ئوت- ياشلاردا، گۈل- گىياھلاردا، رەڭلەردە ھەردەم يېڭىدىن كۆكلەۋاتقان ئەي مۇھەببەت!
كەلگىن .قەغەز يۈزىگە چۈشكىن، چۈشكىن، شۇندىمۇ كۆيدۈرمە!
مۇھەببەت، قەغەزنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ يەنە كەل، كۆيدۈرمە،
مۇزلىغان شەھەرنىڭ ياغاچ ئۆيلىرىدىن ھەسرەتلىك تۆكۈلىۋاتقان ھەرپلەرنى خاتىرە قىلىۋالايلى.
ۋە كۈز پەسلىگە سالام بېرەيلى بۇ يازمىدا،
بۇ، بىر يۈرەككە چۈشۈپ ھەرىپلەردە مۇھەببەت بىخ سۈرۈپ قالسا ھۆسنىخەتمۇ زۇۋانغا كەلسۇن.
ھەرپلەر قۇمۇشقا ۋە سىياھقا پۈركەنسۇن،
خەتتات ئەفۋان سىياقىدا كۆرۈنسۇن.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top