ئۇيغۇرلار تېررورغا قارشى تۈركلەرنىڭ يېنىدا
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركىيەدە تېررورلۇق ۋەقەلىرى ناھايىتى ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. تۆكۈلگىنى بىز ئۇيغۇرلارغا قان ۋە دىن قېرىنداش بولغان تۈركلەرنىڭ ۋە بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى بولدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ئەزەلى دۈشمىنى بولغان قارا نىيەت كۈچلەر ۋە ئۇلارغا سېتىلغان يالاقچى خائىنلار توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ تۈركىيەدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ، ھەرخىل تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئوبرازىنى قارىلاشنى مەقسەت قىلىپ، يالغانلارنى توقۇپ قارىلاش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارماقتا.
ۋاھالەنكى، تۈركىيەنى ئىككىنچى ئانا ۋەتىنى دەپ بىلگەن ئۇيغۇرلار ئەسلا تۈرك قېرىنداشلىرىنى قەستلەيدىغان پەسكەش تېررورلۇق قىلمىشىنى قىلمايدۇ. ئۇيغۇرلار تۈركىيەنى ئۆز ۋەتىنىدەك ئەزىز كۆرىدۇ ۋە تۈرك قېرىنداشلىرىنى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقىنىدەك سۆيىدۇ.
تېررورنىڭ ئىرقى، دىنى ۋە دۆلىتى بولمايدۇ، بىگۇناھ ئىنسانلارغا قىلىنغان قەستلەشتەك تېررورلۇق ھۇجۇمى دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ قىلمىشلاردىن بىرىدۇر. بۇ تۈر تېررورلۇق قىلمىشىنى كىم قىلغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن نەپرەت بىلەن لەنەتكە ئۇچرايدۇ.
قەستەن ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ ئاقىۋىتى بۇ دۇنيادا لەنەت، ئاخىرەتتە دوزاخ ئوتىدا كۆيىشتۇر. ئىسلام دىنىمىزدا ئاللاھتىن يۈز ئۆرۈش گۇناھىدىن قالسا ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ گۇناھى ئەڭ ئېغىردۇر.
قۇرئان كەرىمدە: «كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ» دەيدۇ. (مائىدە سۈرىسى 32 – ئايەت).
بىز ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىكى بۇ تۈر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ئۇيغۇرلار ئۆزى دۆلەت تېررورىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان بىگۇناھ بىر خەلق. ئۇزاق – يېقىندىكى ئۇيغۇر دۈشمىنى قارا نىيەت قاتىللار ۋە ئۇلارنىڭ غالچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئانا ۋەتىنىمىز ئۇيغۇر دىيارىدا، تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا تېررورچى دەپ كۆرسىتىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ئىچىدە ئەنسىزلىك پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان قارا چاپلاشلىرىغا ھەرگىز قاراپ تۇرالمايمىز.
قولىدا قەلەم تۇتالايدىغان بارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلار بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھەق قارىلانغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارا نىيەت ھاكىمىيەتنىڭ سىستېمىلىق يۈرگۈزگەن دۆلەت تېررورىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا جامائىتىگە سەمىمىيەتلىك بىلەن جاكارلايمىز ۋە ئۇيغۇرلارغا قارا چاپلىغان تۈرك سىياقىغا كىرىۋالغان ۋىجدانسىز مۇناپىق ئاتالمىش مۇخبىرلارنى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
ئەزەلدىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك قەۋىملىرىنىڭ دۈشمىنى بولغان قارا نىيەت ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ تېررور قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خۇشال ۋە ماتەملىك كۈنلەردە ھەر ۋاقىت پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق تۈرك قەۋىملىرىنىڭ يېنىدا بولۇش بىلەن بىرگە، بىز ئۇيغۇرلار تۈرك قەۋىمىنىڭ بىر مەنسۇپى بولغانلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىمىز.
دۇنيادىكى پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرىنىڭ، جۈملىدىن تۈركىيەدىكى قان ۋە دىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەھرىمان ئىرادىسى بۇ تۈر تېررور ھۇجۇملىرى بىلەن ئەسلا سۇنمايدۇ. بۇ پەسكەش ئۇسۇللار بىلەن تېررور قىلمىشلىرى قىلىۋاتقان تۈرك دۈشمەنلىرى ۋە ساتقىن خائىنلار ئەسلا مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.
تۈركىيە تۇپرىقىنى قوغداش ۋە تېررورغا قارشى ئۇرۇشتا شېھىت بولغان قەھرىمان تۈرك ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنى رەھمەت بىلەن ياد ئېتىش بىلەن بىرگە، يارىلانغانلارغا شىپا ۋە شېھىت ئائىلىلىرىگە ئاللاھتىن سەۋر تىلەيمىز. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزلۇم مۇسۇلمانلارنىڭ باش پاناھگاھى تۈركىيەگە ئامان – ئېسەنلىك ۋە كۈچ – قۇۋۋەت يار بولسۇن.
– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى