مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر-2: پادىشاھ بىلەن دېدەك

مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر (2)
(تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت)
پادىشاھ بىلەن دېدەك
قەدەھىڭدىن بىر ئىچىم بەرسەنە يار،
دەردى ئاشىقتىن قانار شۇنچە يارام.
قېنى كۆڭلۈڭ سېنىڭ ئاشىقىڭ ھالال،
تىلىمەك ئاشىقتىن ھوزۇر، بىلكى ھارام.
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ بولغان ئىكەن. بۇ پادىشاھ ھەم ماددى ھەم مەنىۋى جەھەتتىن ناھايىتىمۇ ئۈستۈن ئىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ، ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن ئەڭ يېقىنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوۋغا چىقىپتۇ. يولدا كىتىۋىتىپ بىر دېدەكنى ئۇچرىتىپتۇدە، ئۇ دېدەككە كۆڭلى چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇ دېدەكنى كۆرگەندىن بىرى پادىشاشنىڭ روھى ۋە بەدىنى خۇددى قەپەزگە سولانغان قۇشتەك چارىسىز، ئامالسىز ھالغا چۈشۈپ، دېدەكنى ھېچ ئەقلىدىن چىقىرالماپتۇ. بۇنىڭ بىلەن پادىشاھ پۇل بىلەن دېدەكنى سېتىۋاپتۇ.
پادىشاھ، دېدەكنى سېتىۋىلىپ، مۇرادىغان يەتكەنلىگىدىن ناھايىتىمۇ بەختىيار بولۇپتۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي دېدەك ئېغىر كېسەل بولۇپ قاپتۇ.
پادىشاھ ئەڭ داڭلىق تېۋىپلارنى چاقىرىتىپ : «ھەر ئىككىمىزنىڭ ھاياتى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا. مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ھېچقانداق بىر ئەھمىيىتى يوق. مىنىڭ ھاياتىمنىڭ جېنى ئۇدۇر. مەن دەرتمەن، كېسەلمەن، مېنىڭ دورام، مىنىڭ دەرمانىم ئۇدۇر. كىمكى، مىنىڭ جانىمغا دەرمان بولسا، پۈتۈن نەرسەمنى، ئۈنچە-مەرۋايىت، غەزىنەمنى ئۇنىڭغا بىغىشلايمەن» دەپتۇ .
تېۋىپلارنىڭ ھەممىسى:» بۇ يولدا جىنىمىز سىزگە پىدا بولسۇن. ئەقلىمىزنى، تەجۇتبىلىرىمىزنى، پۈتۈن ھۈنىرىمىزنى ئىشقا سىلىپ، ھەممىمىز بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ، بىرلىكتە ئويلىشپ، ئەڭ نوچى دورىلار بىلەن داۋالايمىز. ھەممىمىز دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق تېۋىپلار، قولىمىزدا دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل دورىلار بار، ھەر قانداق ئاغرىقنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، كېسىلىنى تەل-تۈكۈس ساقايتالايمىز » دەپتۇ.
تېۋىپلار، مەغرۇرلىنىپ، كىبىرلىك بىلەن ھەر نەرسىنىڭ داۋاسى بىز دەپ ئويلاپتۇ-يۇ، ئەمما «خۇدايىم بۇيرۇسا » دەپمۇ قويماپتۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلۇغ تەڭرى ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ ئاجىزلىقىنى، تەڭرىنىڭ رۇخسىتىز ئىنسانلارنىڭ ھېچ نەرسە قىلالمايدىغانلىغىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن تېۋىپلار كېسەل دېدەككە پۈتۈن ئېسىل دورىلارنى، پۈتۈن داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ باققان بولسىمۇ ھېچ كارغا كەلمەي، كېسەلنىڭ ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن پادىشاھمۇ يىغلاپ، ئاھ ئۇرۇپ ھىچ ھالى قالماپتۇ.
پادىشاھ تېۋىپلارنىڭمۇ چارىسىز قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇدۇل مەسجىدكە بىرىپ، سەجدە قىلىپ تۇرۇپ ئۇلۇغ خۇداغا كۆز يېشى قىلىپ، ئىچ- ئىچىدىن چىققان يۈرەك سۆزلىرى بىلەن خۇداغا مەدىيە-سانالار ئوقۇپ، مۇنداق نىدا قىپتۇ:» ئەي ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئۇلۇغ تەڭرى! مېنىڭ نېمە دىمەكچى بولغىنىمنى، قەلىبلەردىكى پۈتۈن يوشۇرۇن ئىستەكلەرنى بىلگۈچىسەن. ئەي ئۇلۇغ تەڭرىم! پۈتۈن ئارزۇلىرىمىزدا، دائىم ساڭا يالۋۇرۇپ، سەندىن ياردەم تىلەشنىڭ ئورنىغا، يەنە يولىمىزدىن ئازدۇق. بىر دېدەككە كۆڭۈل بىرىپ، ئۇنىڭغا تۇتۇلدۇق. كېيىن سەن تۇرساڭ ، ھېكىملەرگە باش ئۇردۇق. گەرچە سەن :`ئەي بەندەم ، مەن سىنىڭ ساقلىغان سىرلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىمەن، ئەمما يەنە سەن ئۇ سىرلارنى مەيدانغا تۆك، ئىستەكلىرىڭنى ئوچوق دە` دىگەن ئىدىڭ»
پادىشاھنىڭ پۈتۈن كۆڭلى بىلەن قىلغان دۇئالىرى نەتىجىسىدە، خۇدانىڭ مېھرى- شەپقىتى ۋە ياخشىلىقى يېغىپتۇ. خۇداغا كۆز ياشلىرى بىلەن ئۇزۇندىن- ئۇزۇن يالۋۇرغان پادىشاھ ھالسىزلىقتىن ھېرىپ- چارچاپ ئاخىرى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ ۋە چۈش كۆرۈپتۇ. ئۇ چۈشىدە بىر پىر كۆرۈپتۇ.
ئۇ پىر :» ئەي پادىشاھ! ساڭا مۆجدىلەر بولسۇن؛ تېلەكلىرىڭ قوبۇل بولدى. ئەتە ساڭا بىر مۇساپىر كېلىدۇ، بىلكى ئۇ بىزدىندۇر، ئۇ بىز تەرپىمىزدىن ساڭا ئەۋەتىلگەن كىشىدۇر. ئۇ كېلىدىغان مۇساپىر ناھايىتى ئۇستا تېۋىپتۇر. ھەقىقەتەن پۈتۈن تېۋىپلاردا بولىدىغان بارلىق مەس ھۇللىيەت ئۇنىڭدا بار. ئۇ توغرا، ئىشەنچىلىك، كاپالەتكە ئىگە بىر كىشىدۇر. ئۇنىڭ بەرگەن دورىلىرىدىن سىرنىڭ تەسىرىنى كۆرىسەن. ئەقلىدىن تەڭرىنىڭ قۇدرىتىگە گۇۋاچى بول» دەيدۇ.
پادىشاھ چۈشىدە دىيىلگەن ۋاقىت كەلگىچە، قۇياش چىقىپ، يۇلتۇزلار ئۆچكىچە…… كېلىدىغان مۇساپىرنى دېرىزەنىڭ تۈۋىدە تىك تۇرۇپ ساقلاپتۇ. ئۇ ساقلىغان، پەزىلەتلىك، ھۈنەرلىك، بىلىملىك زات قۇياشتەك پارلاپ كۆرۈنۈشكە باشلاپتۇ. بۇ ھال پادىشاھقا چۈشتەكلا تۇيۇلۇپتۇ. پادىشاھ ئەس- ھوشىنى يىغىپ، دەرھال سىرتقا يۈگۈرۈپتۇ ۋە ئۇ مۆھتىرەم زاتنى قارشى ئاپتۇ.
پادىشاھ بىلەن كەلگەن مۇساپىر بىر- بىرلىرىگە خۇددى بۇرۇن تونۇشىدىغان كىشىلەردەكلا كۆرۈنۈپتۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ رۇھى، ئايرىم- ئايرىم بەدەندىكى بىر رۇھتەك بىلىنىپتۇ. ئۇلار بىر- بىرلىرىگە باغلىق كېشىلەردەك ھېس قىلىشپتۇ.
پادىشاھ: «مىنىڭ ئەسلى سۆيگۈم ئۇ دېدەك ئەمەس، بەلكى سەن. پەقەت دۇنيادا ئىش ئىشتىن چىقار، تەڭرىنىڭ ھېكمىتى بىلەن سەۋەپلەردىن سەۋەپلەر مەيدانغا كىلەر» دەپتۇ.
«ئەي ئۇياقلاردىن كەلگەن ئەزىزى بارلىق، سەن ماڭا ھەزرىتى مۇستافا (س.ئا.ۋ) دەك، مەن ئۆزەم سىنىڭ خىزمىتىڭنى قىلغان ھەزرىتى ئۆمەردەك » دىگەن پىكىرلەر خېياللىرىغا كىلىشىپتۇ.
پادىشاھ، قوللىرىنى ئىچىپ، ئۇ ئىلاھى تېۋىپنى قۇچاقلاپتۇ. ئاشىقلاردەك ئۇنى كۆڭلىگە ئاپتۇ. جېنىنىڭ ئىچىگە ساپتۇ. ئۇنىڭ قوللىرىنى سۆيۈشكە ئۇرۇنۇپتۇ. ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەن، نەدە ياشايدىغانلىقىنى سوراشقا باشلاپتۇ. سوئال سوراپ ئوردىنىڭ باش ئۇچىغا كەپ قاپتۇ ۋە «ئاخىرى سەۋىر قىلىش ئارقىلىق بىر مەنىۋى غەزىنە تاپتىم» دەپتۇ.
«ئەي تەڭرىنىڭ ھەدىيەسى! جاپادىن، قىيىنچىلىقتىن، غەم- قايغۇدىن قۇتقازغۇچىسى، `سەۋىر خوشاللىقنىڭ ئاچقۇچى` دىگەن ھەدىسنىڭ جانلىق ئىپادىسى»
ئەي مۇبارەك يۈزى، كۆرۈنۈشى ھەر مەسىلىنىڭ ئىپادىسى بولغان كامىل ئىنسان، ئۇزۇن ئۇزۇن سۆزلەپ يۈرمەيلا، سىنى كۆرۈش بىلەنلا پۈتۈن مەسىلىلەر ھەل بولغاندەكلا بولۇپ كەتتى. سەن كۆڭلىمىزدىكى سىرلارنىڭ تەرجىمانىسەن. ئاياقلىرى گۇناھقا پاتقان ئىنسانلارنىڭ ياردەمچىسى، قۇتقازغۇچىسى سەن.
ئەي تاللانغان، ياخشى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان، تەڭرىدىن رازى بولغان ۋە تەڭرىنىڭ رازىلىقىنى ئالغان، بۈيۈك ئىنسان، خوش كەلدىڭ! سەن بولمىساڭ بىشىمىزغا قازالار، بالالار ياغىدۇ، بەك كەڭ نەرسە ئاسانلا كىرىشىپ، ئىنساننى سىقىپ، بىئارام قىلىدۇ.»
كۆرۈشۈش، قارشى ئىلىش، ھال-ئەھۋال سوراش ۋە زىياپەتلەر تۈگىگەندىن كېيىن، پادىشاھ ئۇ ئەزىز كىشىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ھوجرىسىغا ئەكىرىپتۇ. دېدەكنىڭ ئەھۋالىنى ۋە كېسەلنىڭ ئالامەتلىرىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن ئۇنى كېسەل دېدەكنىڭ ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپتۇ.
تېۋىپ كېسەلنىڭ يۈزىنى، تىلىنى كۆرۈپتۇ، تۇمۇرىنى تۇتۇپتۇ. سۈيدۈكلىرىنى ئېلىپ تەشۈرۈپتۇ. كېسەل ئالامەتلىرىنى، سەۋەپلىرىنى ئاڭلاپتۇ. ئاندىن مۇنداق دەپتۇ: «بۇرۇنقى تېۋىپلەرنىڭ داۋالىشى ھېچ پايدىلىق ۋە ئۈنۈملۈك بىر داۋالاش بولماپتۇ.كېسەلنى ساقايتىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇپ، بىمارنى ئاجىزلاشتۇرۋىتىپتۇ».
تېۋىپ كېسەلنىڭ قانداق بىر كېسەل ئىكەنلىگىنى بىلىپتۇ. بۇ كېسەلنىڭ سىرى ئۇنىڭغا ئاشكارە بولۇپتۇ. بىراق ئۆزىنى بىلىۋالغان بۇ كېسەلنى يوشۇرۇپ، پادىشاھقا دېمەپتۇ.
كۆڭلنىڭ يىرىملىقى، داۋاملىق بىئاراملىقىدىن دېدەكنىڭ كېسىلىنىڭ كۆڭۈل ئىشقى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىغىنى بىلىپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ساغلام ئىدى، پەقەت كۆڭلى يارىلانغان ۋە زەرداپ ئىدى.
تىۋىپ :»مەيلى ئۇرۇق- تۇققان بولسۇن، مەيلى ياتلار بولسۇن ھەممىڭلار سارايدىن چىقىپ كىتىڭلار. ئىچىدە ھېچكىم قالمىسۇن. مەن يالغۇز ئۆزەملا بۇ دېدەكتىن سورايدىغان بەزى سوئاللىرىم بار. زاللاردا ۋە بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا ئادەملەر قىلىپ، بىزنى تىڭشايمىز دىمىسۇن.»
ساراي بوشىتىلىپتۇ. ئىچىدە تېۋىپ بىلەن دېدەكتىن باشقا ھېچكىم قالماپتۇ.
تېۋىپ ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن، تۆۋەن ئاۋازدا: «قەيەرلىك سەن؟ ھەر مەملىكەت خەلقىنىڭ دورىسى باشقا- باشقىدۇر.ئۇ شەھەردە تۇققانلىرىڭدىن كىملەر بار؟ كىم سىنىڭ يېقىنلىرىڭ؟ مۇناسىۋىتىڭ يېقىن، سېغىنىدىغان دوستلىرىڭ بارمۇ؟»دەپ سوئال سورىغاچ دېدەكنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپتۇ. دېدەكنىڭ بىشىغا كەلگەن، بولۇپ ئۆتكەن پۈتۈن ئىشلاردىن يىپتىن- يىڭنىغىچە قويماي سوراپ چىقىپتۇ.
بىرسىنىڭ پۇتىغا تىكەن كىرسە، پۇتىنى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ، يىڭنە بىلەن تىكەننىڭ بىشىنى ئىزدەيدۇ، تاپالمىسا ، تىكەن كىرگەن يەرگە تۈكۈرۈپ نەمدەيدۇ. دىمەك پۇتقا كىرگەن تىكەننى شۇنداق تەستە تاپىدىغان ئىش بولسا، كۆڭۈلگە كىرگەن تىكەننى قانداقمۇ تاپقىلى بولسۇن؟ جاۋابىنى سەن دە؟
ئەگەر كۆڭۈلگە كىرگەن تىكەننى ھەر كىم كۆرەلىگەن بولسا ئىدى، ئىنسانلار غەم-قايغۇلار ئىچىدە قالامتى؟ كۆڭۈللەرگە پاتقان مەنىۋى تىكەنلەرنى چىقىرالايدىغا ئۇ تېۋىپ، بەكمۇ ماھىر ئۇستا ئىدى.
بىر تەرەپتىن دېدەكنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ تەكشۈرۈپ، .بىر تەرەپتىن پاراڭلىشىپ، دوستلىرىنى، تۇنۇشلىرىنى، نىمە ئىش قىلىدىغانلىغىنى سورايتى. دېدەك ئۆيىنى، يۇرتىنى، مۇئەللىملىرىنى، ئۇرۇ-تۇغقانلىرىنى ئاڭلاتتى.بۇ چاغدا تېۋىپ ناھايىتى دىققەتلىك بىلەن ئۇنىڭ تومۇرىنىڭ سوقۇشىنى كۇزەتتى. كېسەلنىڭ قايسى ئىسىمنى دىگەن چاغدا تومۇرىنىڭ سوقۇشىنىڭ ئىتتىكلىگەنلىگىگە قاراپ، دېدەكنىڭ كۆڭلى ئۇ كىشىدە ئىكەنلىگىنى بىلىۋالماقچى ئىدى.
دېدەك يۇرتىنى، دوستلىرىنى دىگەن چاغدا يەنە باشقا بىر شەھەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالدى.
ھەر سوئالدا تېۋىپ جىم تۇرۇپ، كېسەلنىڭ تومۇرىغا ئەقىل قۇلاقىنى ئۇزاتتى.
تېۋىپ :» ئۆز يۇرتىڭدىن قانداق ئايرىلدىڭ، ئۇنىڭ ئالدىدا قايسى شەھەردە ئىدىڭ؟» دەپ سورىدى.
دېدەك بىر شەھەرنىڭ ئىسمىنى دەپلا ئۆتۈپ كەتتى. بۇ چاغدا يۈزىنىڭ رەڭگى ۋە تۇمۇرىنىڭ سوقۇشىدا ئۆزگۈرۈش بولمىدى. ئۇيەردىكىلەرنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى ۋە ئۇيەردە كۆرگەن- بىلگەنلىرىنى بىر- بىرلەپ سۆزلىدى. بۇ چاغدا دېدەكنىڭ تومىرى نورمال سوقتى پەقەت تېۋىپ ناھايىتى گۈزەل شەھەرلەردىن بىرى بولغان سەمەرقەنتنى سورىغاندا دېدەكنىڭ تومۇر سوقۇشى تېزلەشتى ۋە يۈزى قىزاردى. چۈنكى ئۇ سەمەرقەنتتە بىر زەگەرگە ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدى. تېۋپ بۇ سىرنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ كېسەل بولۇپ قىلىش سەۋەبىنى تولۇق چۈشەندى. ئاندى ئۇ زەگەرنىڭ ئۇ شەھەردە قايسى مەھەللىدە ئولتۇردىغىنىنى سورىدى.
دېدەك:» كۆرۈك بىشىدىكى، گاتۋەر مەھەللىسىدە » دەپ جاۋاپ بەردى.
تېۋىپ دېدەككە قاراپ:» سىنىڭ كېسىلىڭنىڭ قانداق كېسەل ئىكەنلىگىنى ئەمدى بىلدىم.سىنىڭ بۇ كېسىلىڭنى ساقايتىش ئۈچۈن قولۇمدىن كىلىدىغان ئىشنىڭ ھەممىنى قىلىمەن ۋە تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن سىنى قۇتقۇزىمەن» دىدى.
«خوشال بول، كۆڭلۈڭنى ئاچ، كۆڭۈلسىزلىكلەردىن قۇتۇل، ماڭا ئىشەن، يامغۇرنىڭ زىمىن كۆكەرتكىنىدەك، مەنمۇ سىنى يېڭى بىر ھاياتقا ئىگە قىلىمەن. سەن غەم قىلما؛ مەن سىنىڭ غېمىڭنى، قايغۇلىرىڭنى چۈشىنىمەن. ئۇلاردىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ چارىسىنى قىلىمەن. مەن ساراڭ بىر دادا ئەمەس، بەلكى يۈز دادىدىنمۇ بەك مېھرىباندۇرمەن.
ئەممە زىنھار بۇ سىرلارنى باشقا بىرىگە دىمە. پادىشاھ نىمىلەرنى دېيىشكەنلىگىمىزنى سوراپ، سۈرۈشتۈرسىمۇ ھەرگىز ئۇنىگغىمۇ ئىيتما. شۇنى ياخشى بىلگىنكى، ئەگەر كۆڭلۈڭ سىرلارىڭنىڭ مازارى بولسا مىرادىڭغا تېز يىتىسەن»
ئۇ تېۋىپنىڭ ۋەدىلىرى، مىھرىبانلىۈى كېسەلنى قورقۇدىن قۇتۇلدۇردى، كېسەل خاتىرجەم بولۇپ قالدى. تېۋىپ دېدەكتىن يۇقارقى ئۇچۇرلارنى ئالغاندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا چىقتى، كېسەلنىڭ ئەھۋالىنى ئازراق خەۋەردار قىلدى.
دىدىكى:» بۇ كېسەلنىڭ داۋاسى ئۈچۈن ھازىرچە قىلىدىغان تەدبىر، ئۇ ئادەمنى بۇيەرگە ئېلىپ كىلىشىمىز لازىم. ئالتۇنلارنى، ھەرخىل قىممەت باھالىق كىيىم-كىچەكلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق زەرگەرنى ئىشەندۈر، ئۇنى ئۇ ئۇزاق شەھەردىن بۇيەرگە تەكلىپ قىل.»
بۇنىڭ بىلەن پادىشاھ، ئۇيەرلەرنى ئوبدان بىلىدىغان، قولىدىن ئىش كېلىدىغان، بىلىملىك ۋە توغرا سۆزلۈك ئىككى كېشىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇ ئىككى كىشى سەمەرقەنتكىچە باردى. زەرگەرنىمۇ تاپتى. ئۇنى پادىشاھنىڭ تەكلىپلىرىدىن خەۋەردار ئەيلىدى.
ئۇنىڭغا دىدىكى: » ئەي ئۇستا كاسىپ، ھۈنەردە كارامەت ئۇستا ئىكەنسەن. زەرگەرچىلىك ھۈنىرىڭ كامالەتكە يېتىپتۇ. سىنىڭ زىل ھۈنەرۋەنلىكىڭ، شۆھرىتىڭ پۈتۈن جاھانغا يېيىلىپ، ھەركىم سىنى تونۇپتۇ. بىزنىڭ پادىشاھىمىز سىنى ئۆزىگە خاس زەرگەر ئۇستا قىلىپ تاللىدى. چۈنكى سەن بەكمۇ مەشھۇر، بەك بۈيۈك سەنئەتكارسەن.
ھازىرچە بۇ ئالتۇن، زىبۇ- زىننەتلەرنى قوبۇل قىل. پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، ئۇنىڭ ئەڭ يىقىن ئادەملىرىدىن، ساراينىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق ئادەملىرىدىن بولىسەن.»
زەرگەر قىممەت باھالىق سۇۋغىلارنى، ئالتۇن-كۆمۈشلەرنى كۆرۈپ، كۆزلىرى قامىشىپ، كىبىرلىك قىلىپ، ئوز يۇرتىدىن، ئايالى ۋە باللىرىدىن ئايرىلىپتۇ. پادىشاھنىڭ جانىغا قەس قىلغانلىقىدىن خەۋەرسىز، خوشال- خورام بەخىتلىك بىر ھالدە يولغا چىقىپتۇ.
بىچارە ئۆز جىنىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن، كىيىملەرنى ئۈستىگە كېيىپتۇ. ئەرەپ ئېتنى مىنىپ، خوشال ھالدا چاپتۇرۇپ، يول ئاپتۇ. ئۇ بىچارە زەرگەر سارايغا كەلگەندە، تېۋىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئەكەپتۇ.
پادىشاھ ئۇنى كۆرۇپ، ئۇنىڭغا بەكمۇ ياخشى مۇئامىلە قىپتۇ ۋە ياخشى كۈتىۋاپتۇ. ھەتتا ئالتۇن خەزىنىلىرىنى ئۇنىڭ باشقۇرىشىغا تاپشۇرۇپتۇ.
كېيىن تېۋىپ پادىشاھقا :» ئەي بۈيۈك سۇلتان، ئۇ دېدەكنى بۇ زەرگەرگە بەر. بەرسەڭ ئاندىن ئۇنىڭغا ئىرىشىسەن. دېدەكنىڭ كېسىلى ساقايسۇن ۋە بىرلىشىشتىن كەلگەن خوشاللىق ئارقىلىق كېسەلنىڭ قىزىتمىسىنى ياندۇرىمىز» بۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇ بەكمۇ گۈزەل، ئاي يۈزلۈك دېدىكىنى زەرگەرگە ئۆتۇنۇپ بېرىپتۇ. بىر- بىرىنى سېغىنغان بۇ ئىككى دوستلار بىرلىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئالتە ئاي بىرگە بۇلۇپتۇ. دېدەكمۇ مۇرادىغا يېتىپ، كېسىلى پۈتۈنلەي ساقىيىپتۇ.
ئاندىن كېيىن تېۋىپ زەرگەر ئۈچۈن بىر شەربەت تەييارلاپتۇ. زەرگەر ئۇ شەربەتنى ئىچكەنسىرى، قىزنىڭ كۆزى ئۇ زەرگەردىن ئاستا- ئاستا يىراقلىشىشقا باشلاپتۇ.چۈنكى زەرگەر شەربەتنى ئىچكەنسىرى يۈزى تاتىرىپ، بۇرۇنقى قەددى- قىياپىتىنى يوقۇتۇپ، پۈتۈن بەدىنىنى كېسەل چىرماشقا باشلاپتۇ. زەرگەرنىڭ بەدرەڭ، كۆرۈمسىز يۈزىنى كۆرگەنسىرى، دېدەكنىڭ كۆڭلى سوۋۇشقا باشلاپتۇ. كىيىن پۈتۈنلەي مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپتۇ.
كەشكى زەرگەر ئەزەلدىن شۇنداق بىر كۆرۈمسىز بولغان بولسا ئىدى ، بۇ كۈنلەر ئۇنىڭ بىشىغا كەلمەس بولغىيتى. زەرگەرنىڭ كۆزلىرىدىن قان ياشلىرى دەريا بولۇپ ئىقىشقا باشلاپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قەددى- قامىتى ئۆزىنىڭ جىنىغا زامىن بولۇپتۇ.
» توز قۇشىنىڭ قاناتى جىنىغا زامىن بولغانتى. بىرمۇنچە پادىشاھلارنىڭمۇ كۇچلۈكلىگى، چوڭچىلىقى ھالاك بولۇشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى. روھىم ۋە كۆڭلۈمدىن تۆۋەن تۇرىدىغان، مىنىڭ ھەقىقى بايلىقىم بولمىغان بۇ گۈزەللىگىم ئۈچۈن مىنى ئۆلتۈرسە….. بىلمەمدىغاندۇ قىساسىمنىڭ تۇتىدىغانلىغىنى، «ئەل قىساسى مىنەل ھەق » دىگەن ھېكمەتنى. مەزلۇملارنى قىساسىنىڭ يەردە قالمايدىغانلىغىنى. بۈگۈن مىنىڭ بىشىمغا كەلگەن بۇ بالالار، ئەتە ئۇنىڭ بىشىغا كېلىدۇ. مىنىڭدەك بىر گۇناسىزنىڭ قىنى قانداقمۇ ناھەق ئاقىدۇ؟
پادىشاھ تەڭرىنىڭ بۇيرۇقى بولماستىن بۇ ئىشنى قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ بىر يىرتقۇچ ئىتقا ئوخشاپ قالغان بولاتتى.
پادىشاھتا شەھۋەت، ئاچكۆزلۈك ۋە يامان ئارزۇلار يوق ئىدى.
كۆرۈنۈشتە توغرا كۆرۈلمىسىمۇ، نىيەت توغرا ئىدى.
«بۇ دۇنيا بىر تاغقا ئوخشايدۇ. قىلغان ئەتكەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىر ئاۋازغا. ئاۋازىمىزيىقىملىق بولسۇن ۋە ياكى يېقىمسىز، تاغقا ئۇرۇلۇپ ئۆزىمىزگە يانىدۇ.»
زەرگەر بۇ سۆزلەرنى دەپتۇ ۋە دەرھال جان بىرىپ تۇپراق ئاستىغا كۆمۈلۈپتۇ. ئۇ دېدەكمۇ كېسەلدىن سەللىمازا ساقىيىپتۇ.
ھىكمەت:
ئايرىلىش باغرىمنى پارە-پارە قىلسۇنكى، ئاشىق دەردىنىڭ قانداق بىر دەرت ئىكەنلىگىنى باشقىلارمۇ بىلسۇن!
ھەركىم ئاشىقى بىلەن ئۇزاق بىر ئايرىلغان بولسا ئىدى، ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن بولاتتى.
گەرچە سىرلىرىمنى، پەريادلىرىمنى ئانچە يوشۇرۇپ كەتمىگەن بولساممۇ، ئەمما ھەر كۆزدە بۇلارنى سەزگۈدەك نۇر يوق.
نەينىڭ ساداسى ئاتەشتۇر، ئۇنى يەل چاغلىما؛ بۇنداق ئاتەشى بولمىغانلارغا مىڭ ئەپسۇس!
نەينىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى مەجنۇننىڭ ئاشىق ھېكايىسىنى ئاڭلىتىدۇ.
ئەگەر مىنىڭ چىن دوستۇم بولسا ئىدى، نەيدەك سىرلىرىمنى ئىزھار قىلاتتىم.
دېڭىز بېلىقى سۇغا تويماس!
نېسىۋەڭ بولمىغان كۈن ئۇزۇن تۇيۇلىدۇ.
گۈل توزۇسا، گۈلۈستاننىڭ پەيزى ۋە بۇلبۇلنىڭ ناۋاسى بولمايدۇ.
ھەركىم ئاشىق بىلەن يېنىپ تۇتاشمىسا، ئۇ ئۇچالمايدىغان قاناتسىز قۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ.
كۆڭلۈڭنى كىردىن، زەئىپلىكتىن خالى قىلمىساڭ، ھەقنىڭ نۇرى ئۇيەردە پارلىمايدۇ.
بىزنى ئاڭلايدىغان دوستلارمۇ بولسۇن، چۈنكى بۇ داستان بىزنىڭ ھالىمىزنىڭ ھېكايىسىدۇر.
ئەدەپسىزنىڭ ئەسكىنلىكى يالغۇز ئۆزىگىلا بولۇپ قالماي بەلكى يەنە پۈتۈن ئەتراپىدىكىلەرنى ئوتقا ئىتتىرىدۇ.
ھەق يولىدا كىم ئەخلاقسىزلىق قىلسا، ھەسرەت قاينىمىدا تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ.
بىلگىنكى كائىنات ئەدەبلىك بولغانلىغى ئۈچۈن نۇرلۇقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەلەكلەر گۇناھسىز، پاكتۇر.
قۇياشنىڭ تۇتۇلىشى، ھەق ئىشىكى ئالدىدا ھازازۇللارنىڭ ھەقسىزلىگى، ئەخلاقسىزلىقى سەۋەبىدىندۇر.
ئاشىقنى قانداق شەكىلدە شەرھىيلىسەممۇ، ئۇنى چۇشەندۈرۈشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ.
تىل تەفسىرگە ئاشىنادۇر؛ ئەمما تىلسىز ئاشىق تېخىمۇ گۈزەللدۇر.
قەلەم ھەر نەرسىنى يازىدۇ، ئەمما ئاشىققا كەلگەندە بېشى قايىدۇ.
ئاشىقنى چۈشەندۈرۈشتە ئەقىلمۇ ئازىدۇ؛ شۇڭا ئۇنى ئاشىقنىڭ ئۆزى ياخشى يازىدۇ.
قۇياشنىڭ نۇرى ئالەمنى يورۇتىدۇ. ئەگەر ئۇ بىر ئاز يېقىن بولسا ئىدى، ئىنسانلارنى كۆيدۈرۈپ كاۋاپ قىلىۋېتەتتى.
سۆيگىنىڭنىڭ سىرىنى كۆڭلۈڭگە كۆمسەڭ، مۇرادىڭغا تېز يېتىسەن.
پەيغەمبەر دېدىكى: «سىرىنى ساقلىغان مۇرادىغا تېز يېتىدۇ»
ئالتۇن- كۆمۈشلەر قاتارلىق كان بايلىقلىرى يەر ئاستىغا چوڭقۇر كۆمۈلمىگەن بولسا ئىدى، دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە ئەتىۋارلانمىغان بولاتتى.
ھەقىقى ۋەدىلەر كۆڭۈلگە خوشاللىق ئەكىلىدۇ. يالغان ۋەدىلەر بولسا ئىنسان كۆڭلىنى ئازابلايدۇ.
ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ۋەدىسى بايلىقتۇر. خەسىسنىڭ ۋەدىسى يالغان بولۇپ، كېشىنى ئازابلايدۇ.
ئاشىق تاشقى گۈزەللىككە باغلىق بولسا، ئۇ ئاشىق ھېسابلانمايدۇ، بۇ ئىنسان ئۈچۈن نۇمۇستۇر.
تۈلكىنىڭ چىرايلىق تېرىسى، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولىدۇ.
گەرچە تامدىكى سايەڭ سېنىڭدىن ئۇزۇن بولسىمۇ، ئاخىرى يەنىلا ئەسلىگە قايتىدۇ.
پىلنىڭ چىشىنى دەپ، پىلنى ئۆلتۈرمە.
پانىيغا بولغان ئاشىق مەڭگۈلۈك ئەمەس. چۈنكى ئىنسان بۇ نىزامنىڭ مەڭگۈلۈكىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
ھەر ۋاقىت قەلىبنىڭ پەيزى بىلەن قارىغان كۆز، رۇھنىڭ ھوزۇرى بولغان ئىلاھى ئاشىققا باقىدۇر.
دائىم پاك ۋە ئەبەدى بولغانغا ئاشىق بول، سىرىڭنى ئۇ نۇرغا ئېرىشتۈر.
بۇ ئاشىقلىق مىنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ دىمە. كېرەم ئىگىسى بەخىش ئەتكۈچىدۇر.
ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم ھەق تەرىپىدىن، كائىناتتىكى ھەر نەرسە ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىغىدا.
ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا سەنمۇ ئىسمايىلدەك بويسۇن! بۇ ئارقىلىق ئۆزەڭ ئىھسانغا لايىق بولىسەن.
سەن بىر ئىشلارنى داۋاملىق يامان تەرەپتىن ئويلىساڭ، ئويلۇرۇڭ غەم- قايغۇلىرىڭنىڭ ئېشىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
رىيازەتلەر، يالۋۇرۇشلار ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىش ئۈچۈندۇر.
ياخشى بىلەن ياماننى سىناشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ھېكمەتلىك ئارزۇسىدۇر.
گەرچە خىزىر ئەلەيھسالام كېمىنى بۇزۇۋەتكەن بولسىمۇ، بۇنىڭدا بىر ھېكمەت بار ئىدى.
قىزىلى گۈل ئىدى، قان دېمە. ئەقىل بىھۇش ئىدى، ئىسپاتى قىنى دىمە.
بىر ئەسكىنىڭ بىر ئەسكىنى مەدھىيلىشىدىن ئاسمان تىترەپ كېتىدۇ. تەڭرىدن قورققان ھەر كېشى بۇنداق ئىش قىلمايدۇ.
تەڭرى يېرىم جان ئېلىپ، يۈزلەرچە جان بېرىدۇ. سان- ساناقسىز ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ.
سەن ئۆز نەپسىڭگە چوغ تارتساڭ، ھەقىقەتتىن بەكمۇ يىراق ئىكەنسەن. ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنى ئويلا!