تويدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قىزلار ھازىرلايدىغان شەرتلەر
مەرزىيە تۇرسۇن
ئەي مۇرۇۋۋەتلىك قىزىم! قىزلار تۇرمۇش قۇرۇشتىن بۇرۇن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مەندىن سوراۋاتامسەن؟ مەن ئالدى بىلەن سېنىڭ بۇ ئەقلىڭگە بارىكاللا ئېيتىمەن، ئاناڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك ئىشىڭنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن كېڭەش قىلغانلىقىڭ، ئۇنىڭ نەسىھىتىنى ئۆزۈڭگە ئۆرنەك قىلماقچى بولغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى ئەڭ ئەقىللىق قىزىم دەپ ھېسابلايمەن.
ئەمىسە نەسىھىتىمگە قۇلاق سال، قىزىم! بۇ سېنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشىڭدۇر، شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى ئائىلە تۇرمۇشۇڭغا چوڭقۇر تەسىر يەتكۈزىدىغان، قىزلىق ۋە كېيىنكى ئاياللىق لاتاپىتىڭنى ئاشۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم خىسلەتلىرىڭنىڭ بىرىدۇر.
تۇرمۇشلۇق بولۇش ماھىيىتىدىن ئالغاندا، مۇھەببەت ئاساسىدا قۇرۇلغان بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئىككى جىنسنىڭ ئاددىي ھالدىكى قوشۇلۇشى ئەمەس تۇرمۇشلۇق بولۇش ئەۋلاد قالدۇرۇشنى تەقەززا قىلسىمۇ، بۇ تەقەززالىق ئەر ۋە ئايال بولغۇچىدا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئاتا ۋە ئانا بولۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا قىزىم، سەن تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئىلگىرى تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن چوقۇم ئاياللىق ئەخلاقىغا ئەمەل قىلغان، مۇلايىم، گۈزەل خۇلقلۇق ۋە خۇشخۇي ئايال بولىمەن دېگەن ئىدىيىنى تۇرغۇزۇشۇڭ ۋە پەرزەنت كۆرسەم چوقۇم كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلەپ، كەلگۈسىدە ياراملىق بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىمنى سەرپ قىلىمەن دېگەن ئىرادىنى تۇرغۇزۇشۇڭ، قىسقىسى، تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئىلگىرىلا ياراملىق بىر ئانا بولۇشقا تەييارلىنىشىڭ كېرەك. ئەي قىزىم! مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق سېنى كونا ئىدىيە بويىچە ئېرى نېمە دېسە گېپىدىن چىقمايدىغان، ئۇرسىمۇ، تىللىسىمۇ غىڭ قىلمايدىغان، قولىدىكى ناننى تارتىۋالسا كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرىدىغان ئايال بولغىن، بۇ ئۆمرۈڭدە ئېرىڭنىڭلا خىزمىتىنى قىلىپ، بالا تۇغۇپ، ئۇنى تەربىيىلەپ ئۆتكىن دېمەكچى ئەمەسمەن. ئۇنداق قىلىقلار ھەرگىز مۇلايىملىق ھېسابلانمايدۇ. مەن سېنى باشتىن-ئاخىر بىلىملىك، گۈزەل ئەخلاقلىق، سىلىق-سىپايە، ئۆز خۇلقلۇق، نازاكەتلىك ۋە قىزلارغا خاس سالاپەتكە ئىگە بولۇشقا، ئەقىدە-ئېتىقادلىق بولۇشقا دەۋەت قىلىپ كەلدىم، مانا مۇشۇنداق ئېسىل خىسلەتلەرنى ئۆزۈڭدە يېتىلدۈرەلىسەڭ، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن يىگىتنى تاللىساڭ ۋە ئۇ يىگىتمۇ سېنى چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرگەن بولسا، ئۇ چاغدا ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىڭنىڭ قانداق سەمىمىي مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيسەن. شۇڭا سەمىمىيلىكنى ئۆزىگە يار قىلغان، ياراملىق ئانا بولۇشقا تەييارلىنىش سېنىڭ تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئىلگىرى ھازىرلايدىغان بىرىنچى شەرتىڭدۇر.
يەنە بىر شەرت شۇكى، تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئىلگىرىلا ئۆزۈڭدە ساخاۋەت ۋە سېخىيلىق دەرىخىنى پەرۋىش قىلىپ يېتىشتۈرۈشۈڭ، ھىممەت داستىخىنىڭنى دوست-يارەنلەرگە كەڭ ئاچالايدىغان بولۇشۇڭ، ئۆزۈڭنىڭ سېخىيلىقى، مېھماندوستلىقى ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل ۋە مايىل قىلالايدىغان بولۇشۇڭ كېرەك. ئەمما سېخىي بولۇش بىلەن بىرگە ئىقتىسادچىل ۋە تېجەشلىك بولۇشقا دىققەت قىلىشىڭ، سېخىيلىقنىمۇ يېتەرلىك قىلىشىڭ، بۇزۇپ-چېچىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇشۇڭ، بۇنىڭ ئېغىر گۇناھ، كىشىنى روناق تاپقۇزمايدىغان بولۇمسىز قىلىق ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇشۇڭ كېرەك. بەزىلەرگە قاراپ باققىنچۇ قىزىم، ئىككى نان تاپسا بىرىنى داپ قىلىپ چالىدۇ، ئۆزىنى بىلەلمەي چوڭچىلىق قىلىدۇ، بۇزۇپ-چاچىدۇ، تائام ئېشىپ قالسا، يەنە بىر ۋاخ يەۋېتىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى تۆكۈپ زايە قىلىدۇ، ئاشخانىدا تاماق يېسە، قانچىلىك تاماق بۇيرۇتسا يەپ بولالايدىغانلىقىنى بىلمەي كۆپ بۇيرۇتىدۇ ياكى باشقىلارنىڭ ئالدىدا سەت بولىدۇ دەپ كۆپ بۇيرۇتىدۇ، يەپ بولالمىسا ئۆيىگە ئېلىپ كەتمەيدۇ ياكى ئېلىپ كېتىشتىن ئۆزىچە نومۇس قىلىدۇ. ئېلىپ كېتىشتىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، تاماقنى بۇزۇپ-چېچىشتىن، ئىسراپ قىلىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. بۇنداقلاردىن ئىبرەت ئېلىش كېرەك، بۇنداقلارنىڭ كېيىنلىكى ھەرگىز ياخشى بولمايدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىشى ئوڭغا تارتماي ۋەيران بولىدىغان بولسا، ئاشۇ زايە قىلغان تائاملارنى تىلەپمۇ تاپالمايدۇ. بۇ دېگەن قىسقىلا ئالەم قىزىم، قىلغىنىمىز تېزلا ئۆزىمىزگە يېنىپ قالىدۇ، شۇڭا بىر كىمگە يامانلىق قىلىدىغان، ئەخلاقسز ئىشلارنى ھەرگىز قىلماسلىق كېرەك.
ئەي قىزىم! تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئىلگىرى سەن ھازىرلايدىغان يەنە بىر مۇھىم شەرت بار، ئۇ بولسىمۇ ئائىلە ئىشلىرىنى، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى، ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇشنى، تاماقنى ئوخشىتىپ ئېتىشنى بىلىشىڭدۇر. قىزىم، تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن ئائىلەڭ بولىدۇ، ئۆيۈڭ بولىدۇ، شۇنداق ئىكەن ئۆزۈڭگە تۇشلۇق ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلىشىڭ، ئائىلە، ئۆي، ھويلا-ئارام تازىلىقىنى قىلىشنى بىلىشىڭ تولىمۇ مۇھىم. چېۋەر ئايالنىڭ بىر مۇھىم تەرىپى شۇكى، ئۆينى يوپيورۇق، چىنىدەك پاكىز تۇتۇشتۇر. ئۆيۈڭ پاكىز، نەرسە-كېرەكلىرىڭ جاي-جايىغا قويۇلغان بولسا، گەرچە كۆك نامرات بولساڭمۇ كۆڭلۈڭ توق باي ھېسابلىنىسەن، ئۆيۈڭگە كىرگۈچىلەرمۇ ئۆزىنى ئازادە ھېس قىلىدۇ، سېنىڭ چېۋەر ئىكەنلىكىڭگە قول قويىدۇ، ھەممە يەردە سېنىڭ تەرىپىڭنى قىلىدۇ. ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇشنى ياخشى بىلسەڭ، ئۆي بېزەكلىرىڭ، جابدۇقلىرىڭ ئاز بولسىمۇ ئۆينى ناھايىتى ياراشتۇرۇپ ياخشى تۇتالايسەن، بۇنداق سەرەمجانلىق روھىڭنى ئۇرغۇتىدۇ، ئائىلەڭدە بىر خىل جۇشقۇن كەيپىيات ئۆچمەيدۇ.
ئەي قىزىم! تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم خەلقىمىزگە خاس، كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان ئون نەچچە خىل تاماقنى ئوخشىتىپ ئېتىشنى ئۆگىنىۋالغايسەن. سەن ئائىلە قۇرغاندىن كېيىن مورىدىن ئىس چىقىرىدىغان گەپ، ئائىلىنىڭ ئەسلىدىكى قانۇنىيىتى بويىچە تاماق ئېتىشىڭ، ئۇنى ئېرىڭ بىلەن بىرگە يەپ ھۇزۇرلىنىشىڭ، ئېرىڭگە يېڭى ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى قولۇڭنىڭ تەمى ئارقىلىق ھېس قىلدۇرۇشۇڭ كېرەك. قىزىم، ھەرگىز تاماق ئېتەلمەيدىغان، قايناق سۇنى ئوڭلاپ چايدانغا قۇيالمايدىغان ھالدا تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ساقلانغىن. ئەتراپىڭغا قاراپ باقمامسەن، نۇرغۇن ياشلار قۇرغان ئائىلىلەر قانداق تېز قۇرۇلغان بولسا شۇنداق تېز ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە، بىلەمسەن؟ بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئەر-خوتۇننىڭ چىقىشالماسلىقى دەپ ئېيتساقمۇ، يەنە بىر مۇھىم سەۋەب بار، ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇشلۇق بولغان ئاشۇ قىزلار تاماق ئېتىشنى بىلمەيدۇ. ئېرىگە بىرەر ۋاخ ئىسسىق، ئېغىزىغا تېتىغۇدەك تاماق ئېتىپ بېرەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك زىددىيەت باشلانغان، بۇنىڭ ئاخىرى ئاجرىشىش بىلەن چىققان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ. بازاردىغۇ نېمە تاماق دېسە شۇ بار، ئەمما ئەر كىشى دېگەننىڭ ئۆزىنىڭ خوتۇنى ئەتكەن تاماقنى سېغىنىدىغانلىقىنى، ھەرقانچە ئاددىي تاماق بولسىمۇ ھېچنېمىگە تەڭ قىلمايدىغانلىقىنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىن. تاماق ئېتىشنى بىلىش ئالاھىدە بىر ئارتۇقچىلىق، ئائىلىنى ئىللىقلىققا، مۇھەببەتكە تولدۇرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.
مەن تونۇيدىغان ياش بىر ئەر-خوتۇن بار ئىدى. ئۇلارنى سىرتتىن كۆرگەن ھەرقانداق كىشى «بۇلار ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك بىر-بىرىگە تولىمۇ ماس كەلگەن ئەر-خوتۇنلاردىن ئىكەن» دەپ قالاتتى. ئەرخوتۇن ئىككىلىسىنىڭلا كىشىلەر ھەۋەس قىلغۇدەك خىزمىتى بار ئىدى. ئېرى قاتناش ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش كادىر ئىدى، خوتۇنى دۆلەت مەمۇرى ئىدى، ئېرى كۆپ ھاللاردا كاماندىروپكىغا چىقىپ كېتەتتى. ئېرىڭ قېنى دېسە پالان يەرگە كەتتى، دېيىش بۇ خوتۇننىڭ ئادىتى بولۇپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ ئالتە-يەتتە ياشلىق بالىسىمۇ بار ئىدى. كۈنلەردىن بىر كۈنى بۇ ياش ئەرخوتۇن تۇيۇقسىزلا ئاجرىشىپ كەتتى. بىزمۇ بۇ ئىشتىن ھەيران قېلىشتۇق. سەۋەبىنى سوراشقانىدۇق، ئۇ ئېرىنىڭ تالاغا قاراپ قالغانلىقىنى، شۇنچە كۆپ نەسىھەت قىلسىمۇ ئۇنىمىغانلىقىنى، ئاخىرى بۇ نومۇسنى كۆتۈرۈپ بولالماي ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ھەسرەت بىلەن سۆزلەپ بەردى. بىز بىر ئوبدان ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىگە ئېچىنىشتۇق ھەم ھېلىقى ئىنساپسىز ئەرگە لەنەت ئوقۇشتۇق. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن كۆپنى كۆرگەن خىزمەتدىشىمىز بۇ ئۆينىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ سىرىنى يېشىپ بەردى. ئەسلىدە، بۇ ئۆينىڭ بۇزۇلۇشىغا ھېلىقى چىرايلىق خوتۇن سەۋەبچى بولغانىكەن. چۈنكى بۇ ئايال ئۆزى چىرايلىق، كوچىغا كۈندەك، ئايدەك پارقىراپ چىققىنى بىلەن ئۆينى شۇنچە مەينەت تۇتىدىغان، تاماق ئېتەلمەيدىغان، ئەتكەن تامىقى پەقەتلا ئوخشىمايدىغان خوتۇن ئىكەن. شۇنچە كەڭ، ھەشەمەتلىك بېزەلگەن، ئازادە ئۆيىدىن ھەرۋاقىت سۈيدۈك پۇراپ تۇرىدىكەن. ئېرى ھېرىپ-ئېچىپ كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلسە بىرەر ۋاخ ئوخشىغان ئىسسىق تاماقنى ئالدىغا قويالماي، سىرتتىن تاماق يەيلى دەيدىكەن، بازارنىڭ تامىقىنى يەپ زېرىكىپ كەتكەن، خوتۇنىنىڭ بىر قاچا ئوخشىغان تامىقىنى سېغىنغان ئەرنىڭ تەلىپى شۇ جايدىلا قالىدىكەن. ئۇ بەزى ئاغىنىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرىغا ئۆي تامىقى ئەتكۈزۈپ يەپ كېلىدىكەن. بۇ ئىش داۋاملىشىۋەرگەچكە، ئەر ئۆز كۆڭلىدە باشقا چېۋەر ئاياللار بىلەن ئۆز خوتۇنىنى سېلىشتۇرىدىغان، ئاغىنىلىرىنىڭ خوتۇنلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ خوتۇنى ھەممىسىدىن چىرايلىق بولسىمۇ ئۇنىڭدىن بىزار بولىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئارىدىن بىرنەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئەر ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ، خوتۇنى ئۇنى تاماق بىلەن يوقلىيالماپتۇ، شۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان بىر دوختۇر ئايال بۇ كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭغا ئۆيىدە ئەتكەن تاماقلىرىدىن ئالغاچ كىرىپ بېقىپتۇ. لەززەتلىك ئۆي تامىقى بۇ ئەرگە شۇنچىلىك تېتىپ كېتىپتۇكى، ئۇ ھەقىقىي بىر ئايالنىڭ پۇرىقىنى مۇشۇ دوختۇردىن كۆرگەندەك بوپتۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىنى ئۆتكۈزۈشنى نىيەت قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيى بۇزۇلغانىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئارىمىزدا تاماق ئېتەلمەيدىغان قىزلار بارغانچە كۆپەيمەكتە، كوچا-كوچىلاردا داڭلىق ئاشخانىلار كۈنساناپ قۇرۇلماقتا، ئەمما ئۈچ ۋاخلىق تاماقنى شۇ ئاشخانىلارنىڭ بىرىگە زاكاز قىلىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى شۇ تاماق ئېتىشنى ئۇقمايدىغان قىزلار چۈشىنەمدىغاندۇ؟
ئەي قىزىم! تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشىڭ، يېڭى تۇرمۇشقا قانداق ماسلىشىشىڭ، ئۇچرىغان يېڭى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەقلىڭنى ئىشلىتىپ ئىش تۇتۇشۇڭ، مۇلايىملىقىڭ، گۈزەل ئەخلاقىڭ، چاققان-چېۋەرلىكىڭ، پەزىلىتىڭ بىلەن ئالدى بىلەن جوراڭ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، دوست-يارەنلىرى، قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن تېز ئارىدىلا ئىجىل مۇناسىۋەت ئورنىتىۋېلىشىڭ تولىمۇ زۆرۈر. مەن سېنىڭ تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن باسقان ھەر بىر قەدىمىڭدىن گۈل ئۈندۈرۈشۈڭنى ئۈمىد قىلىمەن، ئالتۇن قىزىم.
مەنمۇ ئەقىللىق بىر خوتۇن سۈپىتىدە، بىزدىن ئىلگىرى ئۆتكەن «ئەقىللىق بىر خوتۇننىڭ نەسىھىتى» نى تەكرارلىماقچىمەن، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن.
بىر ئەقىللىق خوتۇن قىزىنى ئەرگە بەرگەندىن كېيىن مۇنداق نەسىھەت قىلغانىكەن:
ئەي قىزىم! بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ قولىمىزدىن كەتتىڭ، باشقا بىر ئادەمگە يارۇ يولداش بولدۇڭ، سەن ئۈچۈن بەخت-ئامەت تىلىگۈچى ئاناڭ تەرىپىدىن سۆزلەنگەن ئۇشبۇ نەسىھەتلەرنى مەھكەم ئېسىڭدە تۇتقايسەن ۋە مۇمكىن بولغاندا پايدىلىنارسەن.
قىزىم، ئېرىڭ دۇنيا سەپىرىدە ئۆزىگە يولداش، قايغۇدا بىللە قايغۇرغۇچى، شادلىقتا بىللە شادلانغۇچى يولداش بولۇش ئۈمىدى بىلەن سېنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ئەسلا يەردە قويمىغايسەن. ئۇ ھەرۋاقىت «شۈكرىكىم، كۈتكەن يېرىمدىن چىقتى» دېسۇن ۋە سەندىن رازى بولۇپ ياشىسۇن.
قىزىم، تېز كۈنلەردە ئائىلە قۇرۇشقا كىرىشىسەن، ئائىلە قۇرۇشتا ئېتىبارغا ئېلىشقا كېرەك بولغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار. ئېرىڭنىڭ يېقىنلىرىنى، بولۇپمۇ قېيناناڭ، قېيناتاڭنى ھۆرمەت قىل. ئۇلارنى ئۆز ئاناڭ، ئاتاڭدەك كۆر. ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تۇغقانلىرىڭ ھېسابلا، قېينانا، قېيناتاڭنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىل. مۇشۇ يېڭى تۇغقانلىرىڭنىڭ مىجەز-خۇلقىنى بىلىۋال ۋە شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىل. ئۇلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن ساقلان. چۈنكى بۇنىڭ ئېغىرلىقى ئېرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. سەندىن ئۆتسە يېقىنلىرىڭنىڭ كۆڭلىدە قالار، ئۇلاردىن ئۆتسە سەندىن قىزغىنىدۇ. بۇنىڭ قايغۇسى بىلەن ئېرىڭ تاماقتىن قالىدۇ ۋە ئاخىر كېسەل بولۇپ قالىدۇ. ئەرلەر ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ شاد، تىنچ بولۇشىغا موھتاجدۇر. ئائىلىسىدە ئازراق قايغۇ بولسا ئۇلارنىڭ كەسپىگە تەسىر يېتىدۇ.
قىزىم! ئېرىڭدىن ھېچقانداق سىرىڭنى يوشۇرما، ئېرىڭدىن باشقا بىرىگە سىر ئېيتما. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭگە قارشى گەپ قىلما، چىرايىڭنى تۈرمە. ئەرلەر خوتۇنلىرى تەرەپتىن بولغان ئەڭ زور كەمچىلىكلەرنى كەچۈرەلەيدۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئازراقلا نەرسىنىمۇ ئىچىگە سىغدۇرالمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە خىلاپ ئىشتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئۇلار ئەيىبلىك ئەمەس. ئەگەر يارىماس ئادىتى بولسا ئۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن كۆڭلىنى ئاغرىتماستىن ئىش تۇت.
قىزىم، ئېرىڭ ياقتۇرمىغان ئىشلاردىن، كۆڭلىگە كېلىدىغان ئادەتلەردىن يىراق بول. ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلما. ئېرىڭنىڭ مېلىنى ئاسراپ تۇت، ئىسراپ قىلما.
قىزىم، ئۆيۈڭ تەرتىپلىك، ھەر نەرسە ئۆز جايىدا بولسۇن. بالىلىرىڭنى ئېرىڭگە ئامراق، ئېرىڭنى بالىلىرىڭغا كۆيۈمچان قىلىشقا تىرىش. ئاتىلارنىڭ بالىلار بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلىشى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك، بالىلىرىنى سۆيىدىغان ئەرلەر كۆپ ھاللاردا ئىنساپلىق بولىدۇ ۋە بالىلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇشال قىلىپ، باشقا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرگە كۆز سالمايدۇ.
قىزىم، بۇ ئېيتقان سۆزلىرىمنى بەجا كەلتۈرۈش ئەقىللىق، تەدبىرلىك خوتۇنلار ئۈچۈن ئېغىر ئىشلاردىن ئەمەس. ئەقىللىق خوتۇنلار كۈچلۈكلەر كۈچى بىلەن قىلالمىغان ئىشلارنى ئەقلىگە تايىنىپ قىلالايدۇ.
قىزىم، ئېرىڭدىن بىرەر نەرسىنى بىر قېتىم، كۆپ بولسا ئىككى قېتىم سورىساڭ كۇپايە. ئۇنى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىينىما، ئاۋارە قىلما.
ئەرلەرنىڭ ئەڭ سۆيۈنىدىغان چاغلىرى خوتۇنلىرىنىڭ خۇشال-خورام ھالدا ئۆي خىزمەتلىرىنى قىلىپ تۇرغان چاغلىرىدۇر. ئېرىنىڭ يېنىدا بولغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت ئىشلەپ تۇرغۇچى، ئېرىگە خۇشال كۆرۈنگۈچى خوتۇنلارنى ئەرلىرىگە يامان كۆرسىتىشكە ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. ئېرىڭ ئىشىغا ماڭغاندا ئۇزىتىپ قوي، قايتىپ كەلگەندە كۈتۈۋال. ئېرىڭدىن كەچ قالماي ئۇخلا، ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۇر.
قىزىم، بەزى ۋاقىتلاردا ئەرلەر خوتۇنلىرىغا نىسبەتەن تۆۋەن كۆرۈش خاھىشىدا بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا مۇشۇ ۋاقىتنى پۇرسەت بىلىپ ئۇنىڭ توغرا بولمىغان ئەيىبلىرى ھەققىدە ئازراق سۆزلە.
قىزىم، ئائىلە ھەرۋاقىت نېمەت ئەمەستۇر، بەزى چاغلىرىدا زەھىرى، تىكىنى، نەيزىلىرىمۇ بولىدۇ. ئېرىڭ بىلەن ئاراڭغا سوغۇقچىلىق چۈشسە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن سۆزلە، قىزىشما، چىرايىڭنى ۋە ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمە. ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۇنتۇما، ھۆرمەت قىل، ئۇ ھەرقانچە ئاچچىقلانسىمۇ قارشى سۆز قىلما. ئەڭ ياخشى خوتۇن ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، ئاچچىقىغا ھاي بەرگەن خوتۇندۇر.
قىزىم، ئاللا بالا بەرسە ئۇلارنىڭ تېنىنى ئاسرا، مەكتەپكە بەرگۈچە ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيە قىل، ياخشى قىلىقلارغا ئادەتلەندۈر.