You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » زاغرا ناننىڭ شىپالىق رولى

زاغرا ناننىڭ شىپالىق رولى

ئەلداۋا

ئۇيغۇرلار ئۇزاق ئەسىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش پائالىيەتلىرىدە ئوخشىمىغان شارائىت كىلىمات ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى بويىچە ئۆزگە خاس ئوزۇقلۇق ئەندىزسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەمدە بۇ ئوزۇقلۇقلارنى تۈرلە رگە، تەبىئەتكە ۋە مەلۇم شەكىلگە ئايرىپ، ئۆزلېرى ياقتۇرغان، خىل كەلگىنى بويىچە ئىستىمال قىلغان. شۇنداقلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، كېسەللىكەرنى داۋالاش قاتارلىقلارغا خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلگەن. زاغرا نان يېزىلاردا دىېھقانلار دائىم ئىستىمال قىلدىغان، تەييارلاش ئاسان، ئۆزى سىڭىشلىك، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىك تەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغان مىللىي ئەنئەنىۋىي تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى ئەتگەندە ۋە چۈشتە چاي بىلەن ئىستىمال قىلىپ كەلگەن. لىكىن، يېقىنكى يىللاردىن بۇيان، خەلىقنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلشىگە ئەگىشىپ زاغرىدەك ئېسىل مىللىي ئەنئەنىۋىي تائاملارنى ئىستىمال قىلىش ئازىيىپ، ئالىي دەرىجىلىك ئۇندا تەييارلانغان تائاملارنى ئىستىمال قىلىش كۆپىيىپ قالدى.

بۇ خىل تائاملار يۇقىرى قان بىسىم، قان قويۇلۇپ كېتىش، زىيادە سېمىزلىك، يۈرەك كېسەللىكى، قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىش، جىگەرنى ماي قاپلاش ۋە دىئابىت قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلغاچقا، يىمەك ئىچمەك قاتارىدىن ئايرىلىپ قالغان، قوناق ئۇنىدا تەييارلىغان زاغرا ناننى كىشلەر ھازىر قايتىدىن ئالاھىدە دورىلىق سۈپتىدە ئىستمال قىلىشقا باشلىدى. ئىلگىرى ئۆتمۈشتە ئەجداتلىرىمىز كۈندە زاغرا ناننى ئەتىگەن ۋە چۈشتە چاي ياكى قېتىق بىلەن ئىستىمال قىلىپ كەلگەچكە ئۇلاردا يۇقىرقىدەك كسەللىكلەر كۆرۈلمىگەن. بۇنى مىللىي ئەنئەنىۋىي يىمەك ئىچمىكىمىزنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ۋە تەركىبىدىكى ھەرخىل ماددىلارنىڭ بەدەنگە بولغان شىپالىق رولىدىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ. بۇ جەھەتتە ئەنئەنىۋىي غىزا – زاغرا نان ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.

زاغرا نان تەبىئىيتى جەھەتتىن قۇرۇق ئىسسىق دەپ قارىلىدۇ، زاغرا ناننىڭ ئاشقازان، ئۈچەينى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ئۈچەي ھەركىتىنى تىزلىتىش، بەدەندىكى ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، قاندىكى مايلارنى پارچىلاش، سۈيدۈك ھەيدەپ بۆرەكنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەرەققىياتىنى تىزگىلەش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، بەدەننى ئوزۇقلاندۇرۇپ ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەش، بەدەندىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ھەرقايسى توقۇلما ئەزالارغا قۇۋۋەت ھاسىل قىلىش، قاندىكى ماينى ئىرىتىپ جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. شۇڭا زاغرا ناننى كۈندە مۇۋاپىق ئستىمال قىلىپ بەرسە سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.

ئىلاۋە: بۇ يازما ئارخىئولوگ قۇربان ۋەلىنىڭ فېيىسبۇك سەھىپىسىدىن ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top