You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ساداقەت

ساداقەت

ھەبىبۇللا ئابلىمىت (گىرمانىيە)

1924- يىلى ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروفېسسورى ھىدې سابۇرا ئۇېنو پويىز بېكىتىدە بىر ئىتنىڭ كۈچېكىنى تېپىۋېلىپ، بېقىۋالىدۇ. پروفېسسور ئىتقا «سەككىز تال» دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدىغان «ھاچىكو» دىگەن ئىسىمنى قويېدۇ.

ساپ قانلىق، ئاق رەڭلىك، جىنسى ئەركەك بولغان ھاچىكو ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە ئۇنىۋېرسىتقا بېرىش ئۈچۈن، ئۆيدىن پويېز بېكىتىگىچە پىيادا ماڭىدىغان پروفېسسورغا ھەمرا بولىدۇ. ھاچىكو تا پويىزنىڭ ئىشىكى يېپىلغانغا قەدەر ساقلاپ تۇرىدۇ،  پروفېسسورنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ، ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كېتىدۇ.

ئاز ۋاقىت ئۆتە- ئۆتمەيلا بىر كۈنى ئاخشام  پروفېسسور ئۇنىۋېرسىتتىن قايتىپ، پويىز بېكىتىنىڭ چىقىش ئىشىكى ئالدىدا ھاچىكونىڭ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغانلىغىنى كۆرۇپ، ھەيران قالدى ۋە قاتتىق تەسىرلەندى.  پروفېسسور بىلەن ھايۋان ئوتتۇرىسىدا بىر سەمىمى دوسلۇق، ئىشەنچ ئورنىتىلغان ئىدى. مانا بۇ ئۆز- ئارا سۆيگۈنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

ئەقىللىق ئىت پروفېسسورنىڭ ئۆيگە قايتىش ۋاقتىنى ناھايىتى توغرا ھېساپلىغان ۋە ئوخشاش بىر يولنى تاللايدىغانلىغىنى توغرا بايقىغان. شۇڭا  پروفېسسورنىڭ قايتىشىنىڭ دەل ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ پۇيىز بېكىتىگە چىقىپ، ساقلاپ تۇرغان.

شۇندىن ئىتىبارەن بىر يىل ھەر سەھەردە ھاچىكو،  پروفېسسورنى پويىز بېكىتىگىچە بىللە بېرىپ ئۇزۇتۇپ قويغان ۋە ئاخشاملىرى پروفېسسور ئىشتىن چۇشكەندە بېكەتنىڭ ئىشىگى ئالدىكى ئوخشاش بىر يەردە ساقلاپ تۇرۇپ، قارشى ئالغان. سائەت ۋاقىتلىرىنى ھېچ ئالماشتۇرۇپ قويمىغان. ئەمما بىر ئاخشام  پروفېسسور پويىز بېكىتى ئىشىگىدىن چىقمىغان. ھاچىكو توكيودىن كېلىدىغان پويىز ئىشىگىدىن كۆزىنى ھېچ ئۈزمەي تاڭ ئاتقىچە ساقلاپ تۇرغان. ئىككىنچى كېچىسىمۇ شۇنداق تاڭ ئاتقىچە ساقلىغان. ئۈچىنچى كېچىنىمۇ شۇنداق ساقلاش بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئەمما  پروفېسسورنىڭ سىماسى ھېچ كۆرۈلمىگەن. چۈنكى  پروفېسسور  ئۇنىۋېرسىتتا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئىدى.

ھاچىكو ھەر ئاخشام پروفېسسورنى پويىزدىن چىقىدۇ دېگەن ئۈمىد بىلەن بوران-چاپقۇندىمۇ، قار-يامغۇردىمۇ، زىمىستان قىشتىمۇ، تومۇز ئىسسىقتىمۇ، ھەپتىلەپ، ئايلاپ، يىللاپ توكيو پويىزىنىڭ شىبۇيا بېكىتىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ساقلىغان. بۇ ساداقەتمەنلىك بىلەن، ئۈمىد بىلەن، سۆيگۈ، مۇھەببەت بىلەن ساقلاش  تا ئون يىل داۋاملاشقان.  ھاچىكو 12 ياشقا تولغاندا شىبۇيا پويىز بېكىتىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا  پروفېسسورنى ساقلاۋاتقان يەردە، چوڭقۇر ئىزتىراپ، سېغىنىش ئىچىدە مەڭۈلۈك كۆز يۇمغان ئىدى.

بۈگۈن توكيونىڭ شىبۇيا پويىز بېكىتى ئىشىكىدىن چىققان يوللۇچىلارنى قارشى ئالدىغان ھاچىكونىڭ ھەيكىلى بار. ياپونلار ، ساداقەت ۋە ئىنسان بىلەن ھايۋان ئوتتۇرىسىدىكى دوسلۇقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە، ھاچىكو ئۆلگەندىن كېيىنلا ئون يىل بويىچە پروفېسسورنى ساقلىغان يەرگە ھەيكىلىنى قاتۇرغان.

ھەقىقەتەن ھاچىكونىڭ بۇ ساداقىتىنى  بىز ئىنسانلار ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

ساداقەت ئادەمنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا دۇرۇس بولۇش سەنئىتىدۇر.  ئادەمنىڭ ئادەمدەك خارەكتېرىدۇر.

ئىنسانلار بىر-بىرىگە ساداقەت بىلەن باغلانغان ھالدا ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى نامايەن قىلىدۇ. ئىنسانلار گۈزەل ئەخلاق بىلەن تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ قەدىرلىك بولىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ، جۈملىدىن بىر قەۋىمنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بولغان ساداقەت ئۇلار ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە يورۇقلۇق قىيامىدىكى قۇياشتەك بىباھا. شۇڭا ساداقەت ئاز بىر قىسىملارنىڭلا ساداقىتى بولۇپ قالماستىن بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە، جۈملىدىن بىر قەۋىمگە  خاس بولغان مەنىۋى قۇۋۋەت مەنبەسى بولۇشى كېرەك.

ھەرقانداق بىر قەۋىم ۋەتىنىگە، مىللىتىگە ، ئائىلىسىگە، دوس- يارەنلىرىگە چىن دىلىدىن   ساداقەتمەن،  ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا ئوخشاش ئىنسانلار بولغىنىدەك، ئۇلارغا ھەم خىيانەت قىلىدىغان ، خائىنلىق قىلىدىغان،ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان  روزى موللىدەك خىيانەتچى ئىنسانلارمۇ  بار بولىدۇ.

ساداقەت بىر قەۋىمنىڭ قەلبى بولۇپ، خۇندى كۈندۇزدىكى يۈزمىڭلىغان ئىللىق نۇرلىرىنى ئۈستىمىزگە مەرتلىك بىلەن چىچىپ تۇرغان مەردانە قۈياشقا، كېچېلىرى جىن-شەياتۇنلارنىڭ تىمىسقىلاپ يۇرگەن زۇلمەت باسقان زېمىنغا يوپ- يورۇق يۈزى ئارقىلىق، سېخىلىق نۇرىنى چىچىپ، يورۇتىدىغان ئاشۇ تولۇن ئايغا ئوخشايدۇ.

ساداقەتمەن كىشى پىداكار بولىدۇ. ئۆزىنىڭ قەۋىمگە، ئۆز ئائىلىسىگە، ئۆز دوستلىرىغا مۇھەببەت  باغلىغان، تىرىشچان، مەرت ۋە پەزىلەتلىك بولىدۇ.

ئىلىم-پەننى ئۈگۈنۈش ئۈچۈنمۇ پىداكارلىق كېرەك. بولۇپمۇ ياش ئەۋلاتلار ئۈچۈن ئىلىم ئۈگۈنىش ئۆز قەۋىمىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم. ئىتىپاقلىق ئۈچۈنمۇ پىداكارلىق كىرەك. نادامەتكە تولغان تارىخلاردا مىڭلىغان ئون مىڭلىغان جەڭگىۋارلار، پىداكار قەھرىمان ئوغول- قىزلارنىڭ ئىسسىق قان بەدىلىگە كەلگەن غەلبىنى، ئىتىپاقسىزلىقىدىن قولدىن بىرىپ قويغان تېراگىدىيەلەر كۈرمىڭ.

بىز پىداكارلىقنى مۇئەييەن كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ، ھەق يول ئۈچۈن، ئادالەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىغىنى ئاتاش دەپ چۈشىنىمىز. ئەمدى مۇشۇ خىل بىغىشلاشنى ئەمەلىيەتكە، ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىغا ئايلاندۇرۇشتا بىرىنجى بولۇپ دۇچ كىلىدىغان نەرسە شەخسى مەنپەئەت، ئۆز نەپسى ۋە مەنمەنچىلىك ، يەنى  «مەن» نىڭ ئۆزىدۇر. پەقەت ئۆزىنى يېڭەلىگەن، ئۆز نەپسىدىن كەچكەن، ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەتىنى ئۆز رازىمەنلىگى بىلەن ئومومنىڭ مەنپەئەتى، ئومومنىڭ ئىتىپاق- ئىناقلىقى ئۈچۈن قۇربان قىلغانلىق پىداكارلىق بولىدۇ.

شۇڭا پەيغەمبەرلەر، جاھان مۇتەپەككۇرلىرى، ئالىملار ئۆزىنى- ئۆزى يېڭىش ، ئۆز نەپسى ئۈستىدىن غەلبە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئاجايىپ ئۆتكۈر تەلىملەرنى بىرىپ قالدۇرغان. مەسىلەن: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (س.ئا.ۋ. ) ئۆزى ئىشتىرا قىلغان ۋە قوماندان بولغان ئۇھۇد جىڭىنىڭ غەلبىسىدىن كىيىن، ئۆز ساھابىلىرى ۋە پۈتكۈل مۈئمىنلەرگە تولىمۇ چۇڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: «بىز ھازىر پەقەت كىچىك ئۇرۇشنىلا يەڭدۇق ، چوڭ ئۇرۇش تىخى ئالدىمىزدا، ئۇ بولسىمۇ ئۆز نەپسىنى ئۆزى يېڭىش كۈرىشى »  دېگەن .

پىداكارلىق بىلەن ئۆز نەپسىمىزنى يېڭىپ ئىتىپاقلىشالمىغان قەۋىمنىڭ ئارمانلىرى ئارمانلىقتا، دەرتلىرى دەرمانلىقتا قالىدۇ. مانا مۇنداق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بۇلۇشنىڭ ئۆزى شۇ قەۋىمگە قىلىنغان ساداقەتسىزلىكتۇر. بىر- بىرىنى سۆيمەسلىك، بىر- بىرىگە  مۇھەببەت بىلەن باغلانماسلىق، بىر- بىرىنى كەچۈرمەسلىك پۈتۈن بىر قەۋىمگە قىلىنغان خىيانەتتۇر.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇتەپەككۈر ئالىمى ئەلىشىر ناۋايى مۇنداق دېگەن :» مۇھەببەت جۇلالاپ تۇرغان بىر گۆھەركى، ئۇ ئىنسانلىق تاجىسىغا زىننەت ۋە قىممەت بېرىدۇ» .

مۇھەبەت ئىنسانلىق دۇنياسىنى چاقنىتىپ تۇرغان گۆھەردۇر. مۇھەببەت بىلەن تولغان قەۋىم مەڭگۈ گۈللىنىدۇ. مۇھەببەت بولسا بۇ ئالەمنىڭ گۈللىنىشىدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس قۇۋەت بەنبەسىدۇر. بۇ ئالەم مۇھەببەت، سۆيگۈ بىلەنلا مەڭگۈ راۋاجلىنىدۇ. بىر قەۋىمنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن لازىم بولغان بىر قۇرىماس قۇۋۋەت مەنبەسى بولسا بىر- بىرسىگە بولغان مۇھەببەت، سۆيگىدۇر.

بىر-بىرىنى سۆيمىگەن قەۋىمدە شۇنداق بىر ئىللەت بولىدۇكى، ئۇ بولسىمۇ ئورتاق ئىشقا كۆيۈنمەسلىكتۇر. ئورتاق ئىشقا كۆيۈنمەسلىك بىلەن بىر-بىرىنى سۆيمەسلىك ئىللىتىنىڭ مۇناسىۋىتى سەۋەپ- نەتىجە مۇناسىۋىتى بولۇپ، بىر-بىرىنى سۆيمەسلىك، بىر-بىرىنى قوللىماسلىقتىن ئورتاق ئىشقا كۆيۈنمەسلىك، ئورتاق پائالىيەتلەرنى قوللىماسلىق كېلىپ چىققان. بۇ تەرەققى قىلىپ ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن.

قۇمدەك چېچىلاڭغۇ  جەمىيەتتىن پەقەت قۇمدەك چىچىلاڭغۇ ئادەم يىتىشىپ چىقىدۇ. بۇنداق بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ شۇ قەۋىمگە قىلىنغان ساداقەتسىزلىكتۇر، خىيانەتتۇر.

خىيانەت بولسا قەۋىمگە قىلىنغان ئەڭ رەزىلىك بولۇپ، ئۇ نەپسانىيەتچىلىك، ساداقەتسىزلىك پارنىكىدا يېتىشىپ، ئۆسۈپ چىققان بولىدۇ.

ساتقىن قارا كۆڭۈللەر بارلىق مەنپەئەتتىن مەنلا بەھرىمەن بولسام ھەتتا بۇ ئالەمدىكى بارلىق ھارام نەرسىلەرمۇ ماڭا نىسىپ بولسا دەيدىغان نەپسانىيەتچى، ئۆزىنىڭ تويماس نەپسى ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدىغان رەزىل كىشىلەردۇر.

بۇ ئالەم تارازىسىنىڭ بىر ئۇچىدا قەۋىمنىڭ  ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىدىغان ساداقەتمەنلەر بولسا، يەنە بىر ئۇچىدا شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن رەزىللىك قىلىدىغان خىيانەتچىلەر بار.

ئەسكىلىكنىڭ يولى تۈز ھەم قىسقا بولىدۇ، ئەمما كۆڭلىگە ئۇلۇغۋار غايىلەرنى پۈككەن ياخشى ئىنسانلارنىڭ يولى ئەگىر-توقاي ھەم ئۇزۇن بولىدۇ. قىيىن يوللار ھامان ياخشى مەنزىرىلىك يەرلەرگە ئاپىرىدۇ.

ۋىجدانىمىز، ساداقىتىمىز بىلەن بۇ دۇنيادا شەرەپلىك ياشىشىمىز لازىم. ساداقتەت تەڭرىنىڭ نېھمىتى، ئىنساننىڭ غورۇرىدۇر.

10.12.2016، گېرمانىيە

 

 

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top