You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئارسلان بىلەن توشقان

ئارسلان بىلەن توشقان

مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر (4)

ھەبىبۇللار تەرجىمىسى

قەدىمقى زامانلاردا بىر چەكسىز كەتكەن ئورمانلىق بولۇپ، بۇ ئورمان ھەرخىل گۈل-گىيالار بىلەن بېزەلگەن ئىكەن.  ئورماندا ھەرخىل ھايۋانلار،   قۇشلار ياشايدىكەن. ھايۋانلار ئارىسىدا بىر ۋەھشى ئارسلان بار بولۇپ، ئۇ ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يەيدىكەن. ھايۋانلار ئارسلاننىڭ ئوۋلىشىدىن قورقۇپ، دەككە- دۈككە ئىچىدە ھاياتىنى داۋام قىلىدىكەن. بەزى تاقىتى-تاق بولغان  ھايۋانلار بۇ يەردە ياشاشتىن ۋاز كېچىپ باشقا تەرەپلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولىدىكەن. دەل مانا مۇشۇنداق قىيىن شارائتتا بەزى ھايۋانلار ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىپ، بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپىدىكەن، ۋە ئارسلان بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دەيدىكەن:

«بىز ھەممىمىز ھەر كۈنى سېنىڭ ئوۋلىشىڭدىن قورقۇپ ياشايمىز. شۇڭا ھەر كۈنى بىرسىمىز ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ئالدىڭغا كېلىپ، سېنىڭ يېمىڭ بولايلى. سەن رىسقىڭنى ئال، ئوۋغا چىقما. بىزمۇ ئوت-سۇنىڭ تەمىنى تېتىپ، خاتىرجەم ياشايلى» دەپتۇ.

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئارسلان ھايۋانلارغا مۇنداق جاۋاپ بىرىپتۇ:

«بوپتۇ سېلەرنىڭ دېگىنىڭلاردەك بولسۇن. گېپىڭلاردا تۇرساڭلار، ھىلە-مىكىرلىق قىلمىساڭلار، بۇ مەن ئۈچۈن ياخشى بىر ئىش ئىكەن. بۇ دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ كۆپ ھىلە-مىكىرلىقىنى كۆردۇم. ئۇ يىلان بىلەن چاياننىڭمۇ دەرتلىرىنى كۆپ تارتتىم. ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن تەييار تۇرىدىغان بۇ نەپسىمدە، ئۆچمەنلىك ۋە ھىلە ھەممىڭلارنىڭكىدىن مېنىڭ كۈچلۈك » دەپتۇ.

ھايۋانلار ئارسلاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، «نېمە بولسا بولسۇن!» دەپ، تەۋەككۈل قىلىشنى تاللاپتۇ ۋە ھەممىسى: » ئەي ھۆكۈمدار! ئېھتىياتچانلىق تەقدىرنىڭ ھۆكۈمىدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ، تەقدىردىن ساقلىنىش خاتادۇر. تەۋەككۈل قىلساڭ ئەگەر ئۇ گۈزەلدۇر.»

ئارسلان:» تەۋەككۈل ياخشىدۇر، گۈزەلدۇر ۋە لېكىن سەۋەپ قىلىش سۈننەتتۇر. ئەمگەك قىلىپ قازىنىش ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلسا بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق قىلسا شۈبھەسىز تەڭرىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ.»

ھايۋانلار:» كۆپچىلىكنىڭ ئەمگەك قىلىشى پەقەت ئۆز قارنىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن بىر لوقمىغا  ئېرىشىشتۇر. سەۋەپلەرگە رىئىايە قىلىڭ».

ئارسلان : » بولىدۇ.، كېلىشتۇق. بۇندىن كېيىن ئوۋغا چىقىپ، بىر تال ھايۋانغىمۇ زىيان سالمايمەن.»

 

بۇ كېلىشىمدىن كېيىن، ھەر كۈنى ئۆچرەت بويىچە بىر ھايۋان جانىنى قولتىقىغا قىسىپ، ئارسلاننىڭ ئالدىغا ئۆزلىگىدىن كېلىدىكەن. ئارسلان ھېچ قانداق جاپا تارتمايلا بىكارلىق لوقمىغا ئىگە بولىدىكەن.  كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى ئۆچرەت توشقانغا كەپتۇ. توشقان دەرت- پەريات قىپتۇ. ئارسلاننىڭ ئالدىغا بېرىشقا قارشىلىق قىلىپتۇ. ھايۋانلار ئۇنىڭغا:» نۇرغۇنلىغان ھايۋانلار بىزنىڭ خاتىرجەم ياشىشىمىز ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى قارشىلىقسىز پىدا قىلدى. ئەمدى سەن بارمايمەن دەپ، بىزنىڭ نامىمىزنى بۇلغىما! دەرھال ئارسلاننىڭ ئالدىغا بار. ھېچقانداق بىر ھىلە ئىشلەتمە» دەپتۇ.

توشقان ئۇلارغا مۇنداق دەپتۇ:» ئەي دوسلار! ماڭا ئازراق مۆھلەت بېرىڭلار. مېنىڭ مەقسىدىم سېلەرنى قۇتقۇزۇش. مەن ئامال قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمەن ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا بۇ ھىلىنى مىراس قىلىپ قالدۇرىمەن. ئەي دوستلارىم! تەڭرى ماڭا ئىلھام بەردى. تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئاجىز بىرسى كۈچلۈك بىر پىكىرگە ئىگە بولۇشى چوقۇم»

ھايۋانلار:» ھەي چەبدەس توشقان! كۆڭلىڭدە نىمە بولسا شۇنى ئىنىق سۆزلە. ئارسلاننى ئالدايدىغان سېنىڭ ئۇ ئەپچىل چارەڭ زادى نىمە؟» دەپ سوراپتۇ.

توشقان:» سىرنى سۆزلەش توغرا ئەمەس. سىر ساقلىغاننىڭ بوينى پۈكۈك بولماس».

توشقان شۇنداق قىلىپ، قەستەن ئارسلاننى ئاچلىق دەردېدە ساقلېتىپتۇ ۋە ئۆز ھىلىسىنى يوشۇرۇپ، ھايۋانلارغا ئۆز پىكرىنى بايان قىلماپتۇ. ئارسلاننىڭ يېنىغا بېرىشنى داۋاملىق بىر مۇددەت كېچىكتۈرۇپتۇ.

ئارسلان توشقاننىڭ تېخىچە كەلمىگەنلىگىدىن تېرىكىپ، ئۇنى مىڭ تىللاپتۇ، ۋە » مەن بىلەتتىم، ئۇ پەسلەرنىڭ سۆزلىرىدە تۇرمايدىغانلىغىنى. ئەمدى، مەن ئۇلارغا كۆگۈلۈكىنى كۆرسىتىمەن» دەپتۇ.

ئۇ يەنە ئاچلىقتىن جېلە بولۇپ:» گەپ بىلەن يۈزلىگەن ھىلىلەرنى ۋە سىھىرلەرنى ئىشلەتتى. بۇ پەسكەش پەلەك قاچانغىچە مېنى ئالدايدۇ-ھە!»

ئۇ غەزەپ بىلەن :» توشقاننىڭ سەۋەبىدىن زىيان تارتىم. جەبر بىلەن ھىلە مېنى باغلىدى. ياغاچ قىلىچ بەدېنىمنى تىلدى. بۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالمايمەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشلىرى شەيتاندەك.»

توشقان ئاخىرى ئىشلىتىدىغان ھىلىسىنى ياخشى ئويلاپ، مۇقۇملاشتۇغاندىن كېيىن، ئارسلاننىڭ قۇلىغىغا ئۇ ھىلىسىنى سۆزلەش ئۈچۈن يولغا چېقىپتۇ. ئارسلان توشقاننىڭ يېراقتىن كېلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپتۇ – دە، غەزىپىدىن ئوتتەك بولۇپ يېنىپتۇ.

توشقان قورقىنىدىن ئوڭ-سولغا سەكرەپ، ئۆڭى ئۆچكەن ھالدا ئارسلاننىڭ يېنىغا كەپتۇ.

ئارسلان:» ئەي تېگى پەس. مەن بولسام ئۆكزز ۋە پىللارنى يەر چىشلەتكەن بىرسى مەن. سەن توشقان كىم بولاتتىڭ، ماڭا ھىلە ئىشلىتىدىغان. بۇيرۇقۇمغا بوي سۇنماي، مېنى كۆزگە ئىلمايدىغان» دەپتۇ.

توشقان:»مېنى كەچۈرۈڭ، بىر قوشۇق قىنىمنى تىلەيمەن. مەن گۇناھسىز. مېنىڭ سەۋەپلىرىم بار.

 

ئەگەر رۇخسەت ئېھسان ئەيلىسىڭىز، سىزگە بىر-بىرلەپ ئىزار قىلاي» دەپتۇ.

ئارسلان:»ئەي بۆلگۈنچى. سەن ئېيتماقچى بولغان ئۇ قانداق بىر بانا-سەۋەپ؟ پادىشاھلارغا بولغان ھۆرمىتىڭ شۇنچىلىمۇ؟ ئەي توشقان سېنىڭ سەۋەپلىرىڭدە بىر مەنا يوق. پادىشاھلارنى توشقاندەك چاغلاپ قالما»..

توشقان:» ئۆتۇنۇپ قالاي، ئەي ئالىلىرى! بۇ دەرتلەر سەۋەبىدىن كۆپ جاپا تارتىم. ئەرزىمگە قۇلاق سېلىڭ»، دەپتۇ.

ئارسلان:»ئىلتىپاتىم ھەر كىمنىڭ ھۆرمىتىگە قاراپ بولىدۇ. چۈنكى ھەر كىمنىڭ كىيمى بويىغا قاراپ پېچىلىدۇ» دەپتۇ.

توشقان:»ئاڭلا، ئەگەر ئىلتىپاتىڭغا لايىق بولمىسام، ئۆلتۈۇر مېنى. ئەسلىدە بىز بەلگىلەنەن ۋاقىتتا يولغا چىققان ئېدۇق. يەنى توشقان قەۋىمىدىن بىر دوستۇمنىڭ ھەمرالىقى بىلەن سىز تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتۇق. يولدا ساڭا ئوخشاش بىر ئارسلان پەيدا بولدى – دە، بىزنى ئوۋلاش ئۈچۈن كۆپ زۇلۇم سالدى. بىز ئۇنىڭغا كۆپ يالۋۇرۇپ، بىز باشقا بىر ئارسلان شاھنىڭ پۇقراسى. ئۇنىڭ بوسۇغۇسىدا باش ئېگىپ تۇرىدىغانلاردىن بولىمىز، دېدۇق. ئۇ دېدىكى:» شاھىڭ كىم؟ نۇمۇس قىلماي مېنىڭ ئالدىمدا باشقىسىدىن سۆز قىلىۋاتامسەن. سەنلەرنىڭ شاھىنىمۇ، ئىككىڭنىمۇ پارچىلاپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن». مەن ئۇ ئارسلانغا : بىزنى قويۋەت بىز بېرىپ پادىشاھىمىزغا سەندىن خەۋەر بېرەيلى- » دېدىم. ئۇ: بۇ دوستۇڭنى ماڭا گۆرەگە قوي، بولمىسا ھەر ئىككىڭنى پارچىلايمەن، – دېدى. كۆپ يالۋارغان بولساممۇ، ئەپسۇس ھېچ بىر پايدىسى بولمىدى. دوستۇمنى گۆرەگە قويۇپ، مانا مەن يالغۇز ئالدىڭىزدا تۇرۇپتىمەن» ۋە يەنە مۇنداق دەپتۇ: «دوستۇم مېنىڭدىن گۈزەل ئېدى. بۇ  سەۋەپتىن ئۇنى گۆرەگە ئالدى. يوللارنىمۇ ئۇ ئىگەللىۋالدى. مەن ئەمەلىيەتنى سۆزلەۋاتىمەن. بۇندىن كېيىن ساڭا بىر نەرسە يوق. ئەھۋالىمىز بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. ھەقىقەت مانا بۇ. ئەگەر بىر نەرسە ئىستىسەڭ، يولۇمىزنى ئاچ، ئۇ قورقۇنۇچلۇق دۈشمەننى كۆزدىن يوقات».

ئارسلان:» ماڭا ئۇ مەخلۇقنى كۆرسەت. ئەگەر راس گەپ قىلغان بولساڭ، قېنى ئالدىمدا يول باشلا. ئۇ ھەددىدىن ئاشقانغا ھەددىنى بىلدۇرۇپ قوياي. يالغان سۆزلىگەن بولساڭ سېنى جازالىماي قويمايمەن» دەپتۇ.

توشقان بولسا ئۆزى بىر قوللۇق قۇرغان توزاق تەرەپكە ئارسلاننى باشلاپ مېڭىپتۇ. بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن ئالدىن-ئالا توزاق ئۈچۈن تەيارلاپ قويغان قاپ-قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ بېشىغا كەپتۇ. توشقان ساماننىڭ ئاستىدىن سۇ ئۆتكۇزۇپتۇ. ھىلە بىلەن قۇرغان بۇ توزاقنى ئارسلاننىڭ بوينىغا سىرتماق قىلىپ سالماقچى بوپتۇ.

نىمە دىگەن ئاجايىپ ئىش ھە! ئارسلاننىڭ ئوۋچىسى توشقان ئىكەن.

قۇدۇقنىڭ يېنىغا كەلگەن ئارسلان، توشقاننىڭ ئارقىدا قالغانلىغىنى بايقاپتۇ – دە، «نېمىشقا ماڭمايسەن؟ ئالدىمدا ماڭ. بۇ سۆرەلمىلىكىڭ زادى نىمە ئۈچۈن؟ » دەپتۇ.

توشقان:» پۇت-قولۇمدا ماغدۇر قالمىدى. پۈتۈن بەدىنىمدە جان يوق. ۋۇجۇدۇمدا بىر تىترەك، كۆڭلۈمدە قورقۇ ۋە ئازاپ بار. يۇزۇمنىڭ رەڭگىنىڭ ئالتۇندەك سارغىيىپ كەتكەنلىگىگە قارا. تەقى- تۇرقۇم ئىچىمدىن خەۋەر بېرۋاتىدۇ» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

 

ئارسلان بولسا توشقاننىڭ جاۋاپلىرىنى ئاڭلاپ:» كېسىلىڭنىڭ ئەسلى سەۋەبىنى سۆزلە» ، دەپتۇ. توشقان:» ئۇ قورقۇنۇشلۇق ئارسلاننىڭ تۇرىدىغان جايى مانا مۇشۇ قۇدۇق» دەپ كۆرسىتىپتۇ.

ئارسلان:»ماڭ ! قۇدۇققا قاراپ باق، ئۇ ئىچىدېمۇ، ئەمەسمۇ؟»

توشقان:»مەن ئۇنىڭدىن بەك قورقۇپ كەتتىم. . سەن بولمىغىچە ئۇنى كۆرۈشكە جۈرەت قىلالمايمەن»..

شۇنىڭ بىلەن ئارسلان توشقاننى تۇتۇپ قۇدۇققا قاراپتۇ. قۇتۇقتىكى سۇدا ئىككىسىنىڭ سولىسى پاقىراپ كۆرۈنۈپتۇ. قۇدۇقنىڭ ئىچىدە ئارسلان بىلەن توشقان تۇرغان ئىكەن. ئارسلان دۈشمېنىنى كۆرگەندىن كېيىن، توشقاننى تاشلاپ قويۇپ، قۇدۇققا ئۆزىنى ئېتىپتۇ ۋە قۇدۇق ئىچىدە ھالاك بوپتۇ.

ئارسلان قۇدۇقتا ئۆز ئەكسىنى كۆرۈپتۇ، ھەقىقەتەن ئۆز نەپسى ئۆزىگە دۈشمەن بوپتۇ. ئۆز ئەكسىنى دۈشمەن دەپ بىلىپ، ئۆز-ئۆزىگە ئەجەل قىلىچىنى ئۇرۇپتۇ.  توشقان خەتەردىن قۇتۇلۇپ، خوشاللىقىدىن ھايۋانلار تەرەپكە چېپىپتۇ.

ئارسلاننىڭ قۇدۇققا چۇشكىنىنى كۆرۇپ، توشقاننىڭ كەيپىياتى يۇقۇرى كۆتۈرىلېپتۇ. چۈنكى ئۇ  ئۆلۈمدىن قۇتۇلغان ئېدى. توشقان خوشاللىق ئىچىدە يېشىل ياپراقلارنىڭ شامالدا ئوينىشىدەك ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ.

«مۆجۈزە، مۆجۈزە. ئەي بەخت ئىچىدىكى قەۋم. ئۇ زالىم دۈشمەن يوق بولدى. قەۋمنىڭ غەزىبى ئۇ زالىمنىڭ مازارى بولدى» دەپ ۋاقىراپتۇ.

پۈتۈن ھايۋانلار توشقاننىڭ ئەتراپىغا توپلېنىپتۇ ۋە شامدەك ئېرىپ، توشقانغا ئېگىلىپ تازىم قىپتۇ ۋە بۇنداق نىدا ئەيلەپتۇ:

«شۈھبەسىز، سەن بىر پەرىشتىسەن،  سەن بىر پەرىدەك تەدبىرلىكسەن. بەلكى سەن ئارسلان قەۋمنىڭ ئارسلانىسەن. نېمە بولساڭ بول بۇ جانلىرىمىز ساڭا پىدا بولسۇن. ھەممىمىز سېنىڭ ئەمرىڭ ئاستىدىكى قۇلۇڭ بىز. تەڭرى سېنىڭ ئويلىغىنىڭنى قوبۇل قىلىپ، سېنى مەقسىدىڭگە يەتكۈزدى. سېنىڭ ئەقىل-پاراسىتىڭگە  ئاپىرىن!»

توشقان يۇقارقى مەدىھىلەشلەرگە جاۋابەن:» بۇ قۇدرەت ئىگىسى ھەقنىڭ ياردىمى بىلەن بولدى. بولمىسا مېنىڭدەك بىر ئاجىز توشقان نىمە قىلالايتى. ماڭا قۇۋۋەت ۋە قەلبىمگە ئىلھام نۈرى بەردى. بۇ ئىلھام بىلەن قول- پۇتۇمغا قۇۋەت كەلدى. بىزلەرگە ئىھسان ۋە كېرەم ھەقتىن كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقى بىلەن خاتا توغرىغا ئايلىنىدۇ. تەڭرى بۇ قۇۋۋەت ۋە قۇدرەتنى ۋاقتى كەلگەندە ئىبرەت ئەھلىگە دەرس بولسۇن دەپ كۆرسىتىدۇ. » دەپتۇ ۋە ئاخىرىدا يەنە مۇنداق نەسىھەتتە بوپتۇ:

«دۈشمەننى يوقاتتۇق دەپ بەك خوش بولۇپ كەتمەڭلار. بۇ ئىشلار پەقەت ھەقنىڭ ياردىمى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. ھەرگىز بىزنىڭ پىكرىمىزنىڭ كۈچى بىلەن ئەمەس»

شۇنىڭدىن كېيىن بۇ چەكسىز كەتكەن گۈزەل بۇك-باراقسان ئورماندىكى ھايۋانلار ئۆزلىرىنىڭ ھالال مېھنىتى بىلەن بەخت ئىچىدە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.

بۇ ھېكايىغا مۇناسىۋەتلىك ھېكمەتلىك سۆزلەر:

پەيغەمبەرنىڭ:» مۈئمىن ئىككى قىتىم ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلمايدۇ !» دىگەن سۆزى ماڭا يول كۆرسەتكۈچ بولدى.

تەۋەككۈلدىن باشقا بىر قازانچا يوقتۇر. چۈنكى تەسلىمىيەت كۆڭۈللەرنىڭ دوستىدۇر. بۇ دۇنيادا بىر بالادىن قۇتۇلۇپ، يەنە بىر بالاغا تۇتىلىدىغان، يىلاندىن قېچىپ، ئەجدىھانى پانا قىلىدىغان ئىشلار كۆپ.

بەزىدە ھىيلەڭ ئۆزەڭگە بالا بولىدۇ. جان دەپ بىلگەن نەرسە ساڭا قان ئىچكۈچى دۈشمەن بولۇپ چىقىدۇ.»

فرئەۋننىڭ ھىلەسىگە قاراپ باق. ئۇ ئىشىكىنى ئېتىۋالدى. ھالبۇكى «دۈشمەن» ئىچىدە ئېدى. ئۇ كۈرمىڭلىغان بالىلارنى ئۆلتۇردى. ئەمما، ئىزدىگەن بالا غەمسىز، ساق-سالامەت فراۇننىڭ ئوردىسىدا ئىدى.

كۆزلىرىمىزدە بۇنچىلىك كېسەل بولغان ئېكەن، ئۇ كۆزنى باقى بولغاننىڭ كۆزىدە يوق ئەيلە. سېنىڭ كۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇ بەدەلسىز بىر كۆزدۇر. چۈنكى، ھەر نەرسەڭنى پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا كۆرەلەيسەن. جاھاننىڭ تەڭرىسى پۇتىمىزنىڭ ئاستىغا بىر شوتا قويغان ئىكەن. بىز يۇقۇرغا بۇ شوتا ئارقىلىق بالداقمۇ-بالداق دەسسەپ چىقىمىز. پەقەت بىزگە تەسرەك بولغان نەرسە ئېھتىياتسىزلىقتۇر.

شەيتاننى دوست دەپ بىلمە، پارچىلا ئەي كۆڭۈل ! پارچىلاكى، بۇلار ئىچى بوش تۇلۇمتېرىسىدۇر. بۇ تېرىدەكلەرنىڭ مەخسەتلىرى، سۆزلىرى بولسا سۇ ئۇستىدىكى مازغاپتەكتۇر. سۆز بولسا پوستىدۇر، مەنا بولسا ئۇنىڭ ئىچىدىكىدۇر.

سۆزنى بەدەن دېسەك، مەنا بولسا بۇ تاتلىق جاندۇر. ئاۋاز ۋە سۆزلەرنى چۈشۈنۈش، پىكىر قىلىشتىن مەيدانغا كەلدى. لېكىن سەن پىكىر دېڭىزىنى بىلمەيسەن.

سۆز دولقۇنلىرىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ دېڭىزىنىڭمۇ گۈزەل ئىكەنلىگىنى بىلىسەن. بىلىش ئارقىلىق پىكىر دولقۇنلىرى زاھىر بولغاندا، ئاۋاز ۋە سۆز سۈرەتلىرى ئوتتۇرغا چىقىدۇ. سۈرەتسىزلىكتە سۈرەت كۆرىنىدۇ.

ئىنسان ئۈچۈن ھەر نەپەستە ئۆلمەك ۋە تىرىلمەك باردۇر. پەيغەمبەر:»دۇنيا ئاز بىر مۇددەتتىن ئىبارەتتۇر» دەيدۇ. ئىنساننىڭ ئۆمرى دەريا سۇلىرىدەك تەكرار-تەكرار يېڭىلىنىپ ئاقسىمۇ، ئۇ داۋاملىق بىر خىلدەكلا كۆرىنىدۇ.

ئارسلاننىڭ ئوۋچىسى توشقان بولدى. بۇ پەسكەش نەپس گۇناھقا ئەسىر قىلدى. ئاقىل كۆزى بىلەن سۇدا ئەكسىنى كۆردى.   قۇدۇققا چۈشۇپ، قىلغان زۇلۇم بېشىنى يېدى. زالىملارنىڭ زۇلۇمى بولسا قاراڭغۇ بىر قۇدۇققا ئوخشايدۇ. زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ قۇدۇقلىرى قورقۇنۇچلۇق بولىدۇ.  ھەقنىڭ ئادالىتى ئۇلارنى قايتا-قايتا ھالاك قېلىدۇ.

ئەگەر بىر زۇلۇم بار بولسا ئۇ سىنىڭ قاراڭغۇ قۇدۇقۇڭ بولىدۇ. بۇ دۆۋلەت، بۇ سەلتەنەت ئۆتكۈنچىدۇر. ئۇنداقتا ئۆزەڭدىن مەغرۇرلانما، بۇ كىبىرلىك زادى نىمە ئۈچۈن؟  يىپەك قۇرۇتىدەك ئۆزەڭنىڭ ئەتراپىنى قورشىما. بەزىدە ئۆز ئەھۋالىڭنى دەڭسە.

 

سەن پىل بولساڭمۇ قارشى تەرەپنى ئاجىز چاغلىما. تەڭرى ئەبابىل قۇشلارنى ئەۋەتىدۇ. يەردە بىر مەزلۇم رەھىم تىلىسە،  كۆكلەردە مەلەكلەر ھەركەتكە كېلىدۇ.  مەزلۇمنىڭ زۇلۇم قىلغان، ئۆزىنى خاتا كۆرگەن ئارسلان غا ئوخشايدۇ. سۇلايماننىڭ قۇدرەتلىك ئۈزۈكى ۋە تامغىسىنىڭ سىرى بىلىمدە.  پۈتۈن ئالەم شەكىل بولسا، بىلىم جاندۇر.

ئىنسانىيەت بىلىم بىلەن ئىتىبار قازىنىدۇ. دېڭىزلار، چۆل-باياۋانلار، تاغ-دەريالارنىڭ بارلىق مەھلۇقاتلىرى بۇ سەۋەپتىن ئۇنىنغا بوي سۇنىدۇ. تەڭرىدىن بىلىم ئىستە. ئۇنىڭ پەزىلىتى بىلەن شەيئىلەرنى پەرق ئەتكۈچى ۋە بىلگۈچى بولىسەن.

ئەقلىڭ روھتىن ھۈنەر ئۈگۈنىدۇ. دەسلەپتە ئەقىل مۇەلىمدۇر، كېيىن ئەقىل ئۇستاز بولغاندا روھقا شاگىرت بولىدۇ.

ئەقىلنىڭ سۆيگۈسىگە قاراپ باق، قايسى ئالەمدە. ئەقىل دەرياسى قانچىلىك چەكسىز.

ئادەمزاتنىڭ ئەقلى چەكسىز دېڭىزدەك.  بۇ دېڭىزگە ئەي ئوغۇل بىر دولقۇن كېرەك. بىزنىڭ شەكلىمىز ئۇ دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن ساندۇقتەك، ئىچىدە سۇ بولمىغاچقا لەيلەپ يۇرۇيدۇ. سۇ تولدىمۇ چۆكىدۇ.

زەئىپ چۈشەنچىگە ئىگە ئىنسانلارنىڭ ھالىغا ۋاي. ئالدى-كەينىنى ئويلاپ ئىش قىلمىسا بەربات بولىدۇ. يول تۈز ئەمما، ھەر يەر توزاقلار بىلەن تولغان. سۆزلەر پۈتۈن ئەمما، مەزمۇنى پۇچەك.

سىر ساقلىغاننىڭ بوينى پۈكۈلمەيدۇ.  پۇلۇڭنى، مەزھىپىڭنى، ماڭغان يولۇڭنى مەخپى تۇت. بىلگىنكى بۇ ئۈچ نەرسىنىڭ دۈشمىنى كۆپ.  ئەمما، يوشۇرساڭ ئىزدىگەن، سورىغان بولماس.   سىرىڭنى بىرقانچە كېشىگە ئېيتقان بولساڭ، ئەمدى ئۇنى سىر دېمە. چۈنكى ئىككى كالپۇكىڭدىن ئاشقان سىر  يېيىلىدۇ.  پاكىز، يالتىراق ئەينەكنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ غەيۋەت قىلساڭ، ئاشۇ سۇرىتىڭنى كۆرسەتكەن ئەينەكمۇ  مەينەتلىشىدۇ.

سەندىكى ئەسكىلىكلەر ئوچۇق ئوتتۇرغا چىقسا، شۆبھەسىزكى ئۆز-ئۆزەڭگە دۈشمەن بولىسەن.

ئەي باشقىلارنىڭ يۇزىدە يىرگىنىشلىك «مەن» نى كۆرگەن، ئۇ «مەن» بولسا مىڭ ئەپسۇس سىنىڭ  يۇزۇڭنىڭ ئەكسىدۇر.

بەزىدە ئۆزەڭنىڭ ھىلىسى ئۆزەڭگە توزاق بولىدۇ. ۋاقىتسىز سايرىغان غورازنىڭ ئۆمرى قىسقا. ئەدەپلىك كىشىنىڭ ھەربىر ئىشى گۈزەل بولىدۇ. تەڭرىگە يۈزلەنمىگەننى قۇرۇق قۇم دەپ بىل. ئۆزلۇكسىز ئۇ ئىنساننىڭ ئۆمۈر سۈيىنى قۇرۇتىدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top