تۈركىيەدە داربە ۋە شەرققە بۇرۇلۇش
ئايدىڭ
بۇ يىل 15-ئاۋغۇستتا پارتىلىغان داربەدە تۈرك خەلقىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى، قەھرىمانلىقى، ئەركسۆيەرلىكى ۋە دېموكراتىيەنى قوغۇداشتىكى مۇرەسسەسىزلىكى جاھاننى تاڭ قالدۇردى. قۇرۇق قول خەلق كۆكتە ئايرۇپىلان، يەردە تاڭكادىن ئېتىلىۋاتقان ئوققا، ئەسكەرلەرنىڭ قولىدىكى ئۆلۈم پۈركۈۋاتقان قوراللارغا قارىماي مەيدانلارغا ئۆزىنى ئېتىپ تۈركىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى. دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان نامايىشچىنىڭ ئارمىيەنى، ئەركىنلىك چاقىرىقىنىڭ ئوق ئاۋازىنى، ۋىجداننىڭ ئاپتۇماتنى مەغلۇپ قىلىشى تارىخقا يېزىلدى. ئەگەر داربىچىلەر غەلىبە قىلغان بولسا سۆيۈملۈك تۈركىيەمىز يا ۋەيرانە سۈرىيەنىڭ، ياكى شەرقلەشكەن مۇستەبىت مىسىرنىڭ كۈنىگە قالغان بولاتتى.
تۈركچىدە ھەربى-سىياسىي ئۆزگىرىشنى داربە دەيدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخدا بۈگۈنگىچە بەش قېتىم داربە بولۇپتۇ. ئالدىنقى تۆرت قېتىملىق داربىدە ئەسكەرلەر غەلىبە قىلغان بولۇپ سايلام بىلەن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلۇپ ھەربى ھاكىمىيەت تىكلەنگەن. ھەتتا 60- يىلدىكى داربەدە جۇمھۇرىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم سايلام ئارقىلىق ھۆكۈمەت قۇرغان ئىقتىدارلىق باش مىنىستىر ئەدنان مەندەرەس دارغا ئېسىلغان. داربە دېگەنلىك ئارمىيەنىڭ خەلق سايلىغان ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ياكى قىستاپ تەختتىن چۈشۈرۈپ ھاكىم بولۇشىنى ياكى ئۆزىگە مايىل بىر گورۇھنى ھۆكۈمرانلىققا چىقىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەنچە بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچىغا قوبۇل قىلىش زۆرۈركەن. چۈنكى داربە ئاسىيا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئافرىقا قاتارلىق قىتئەلەردە پات پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھادىسە ھەققىدىكى ئاتالغۇ بولغاچ بىرلا سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنىشى كېرەك ئىكەن. تۈركچىدىلا ئەمەس ئېنگىلىزچىدىمۇ بۇ ھادىسە پەقەت بىرلا كەلىمە بىلەن ئىپادىلىنىدىكەن.
تۈركىيەدە بۇرۇندىن داربە قىلىپ كېلىۋاتقان ئارمىيەنىڭ دائىم تەكرارلايدىغان بىر شۇئارى «مەۋجۇت ھۆكۈمەتنىڭ ئاتاتۈرك بەرپا قىلغان ئاساسلارغا ئاسيلىق قىلغانلىقى» دىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە ئارمىيەنىڭ خەلق سايلىغان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرىۋېتىشىلا ئاتا تۈركنىڭ دېموكراتىك پىرىنسىپىغا خىلاپ. ھازىرقى تۈركىيەدە ئاساسى قانۇنى 80-يىللاردىكى داربەچىلەر دەۋرىدە تۈزۈلگەن بولۇپ بەزى ماددىلىرىدا ئېغىر مەسىلە بار. مەسىلەن، ئاتاتۈرك دەۋرىدە تۈركىيە ئاساسى قانۇنىدا «تۈركىيە پۇقرالىرى تۈرك دېيىلىدۇ» دەپ قەيىت قىلىنغان بولسا داربەچىلەرنىڭ ئاساسى قانۇنىدا «تۈركىيە پۇقرالارى تۈركتۇر» دەپ ئۆزگەرتىلگەن. گەرچە ئۆزگەرگىنى بىر سۆز بولغان بىلەن ئالدىنقىسىدا باشقا مىللەتلەرنىڭ بارلىقى نەزەرگە ئېلىنغان بولسا كېيىنكىسىدە تۈركتىن باشقا مىللەتنىڭ مەۋجۇدلىقى ئىنكارلانغان. شۇڭا كوردلارنىڭ راھەتسىزلىكى داۋاملاشماقتا.
داربە خەلقنىڭ پىداكارلىقى بىلەن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيە دېموكراتىيەگە قاراپ تېخىمۇ مەزمۇت قەدەم ئالدى. تۈرك خەلقى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ موھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. (دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرى داربىچىلەرنىڭ قولىغا چۈشكەن شۇ مىنۇتلاردا تۈركىيەدىكى خۇسۇسى ئاخباراتلار داربىنى خەۋەر قىلدى ۋە ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىنى ئاۋامغا يەتكۈزدى). تۈرك خەلقى قوراللىقلارغا ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىشنىڭ قايتىلانماس ئۆتمۈش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ھۆكۈمەت ئارمىيەدىكى بۇرچىغا ساداقەتسىز ئەمەلدارلارنى تازىلىدى. ئەسكەرنىڭ دۆلەتتىكى كونتروللىقىنى ئاجىزلاشتۇردى. دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەتتەك ئىمتىيازغا ئېرىشىۋالغان ئەسكىرىي ئورگانلار بىكار قىلىنىپ دۆلەتكە تولۇق ئۆتكۈزىۋېلىندى. ئارمىيەنىڭ قولىدىكى مائارىپ، سەھىيە ۋە ئەدىلىيەگە مەنسۇپ تارماقلار رەتلەندى. ئەمما ھۆكۈمەت ھىچ بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىدى، خاتا قىلغانلىرىنى ئىتىراپ قىلمىدى، خاتالىققا باش بولۇپ يول قويغانلار جازانىڭ سىرتىدا قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە داربىدىن كېيىنكى تىنتىشتا ئاتمىش مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى كىشىگە يەنە بىر شۇملۇق تېرىلغاندەك تەسىرات بېرىدۇ. ھەتتا يېڭى مەھبۇسلارغا تۈرمە يېتىشمەي تۈرمە سېلىنىۋاتقانلىقى ۋە بىر قىسىم كونا مەھبۇسلارنىڭ ئازات قىلىنغانلىقى مەلۇم.
تۈركىيەدىكى قۇيرۇقى ئۈزۈلمەس داربەنىڭ كەينىدە ھۆكۈمەتنىڭ زەيىپلىكى، شەخسنىڭ نوپۇزى ۋە ئارمىيەنىڭ چەكتىن ئاشقان كۈچى بار. ھازىرقى مەۋھۇم نوپۇز مۇستاپا كامال بولۇپ ئارمىيە دائىم ئۇنىڭ ئىددىيەسىنى سۈيىئىستىمال قىلىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ كەلگەن. تۈركىيەدىكى ھەممە يەردە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان مۇستاپا كامالنىڭ رەسىملىرى، ھەيكەللىرى ۋە لەۋھەلىرى ئۇنىڭ كۆرۈنمەس نوپۇزىنى سىموۋۇللاشتۇرۇپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا تۈركىيەدە ئاتاتۈركنىڭ تەنقىدلىك تەرەپلىرى ھەققىدە يېزىش، سۆزلەش قارشى ئېلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ھەجىۋى رەسىمىنى سىزغانلار جازالىنىدۇ. ئاتاتۈرك فامىلىسىنىمۇ باشقا بىر تۈرك پۇقراسى قوللىنىشقا بولمايدۇ. ئۇندىن باشقا مۇستاپا كامال تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنى پىداكار تۈرك گېنىرال ۋە ئەسكەرلىرىگە تايىنىپ قۇرۇپ چىققاچقا ئارمىيەنىڭ ھوقۇقى بەك كۆپتۈرىۋېتىلگەن. ئارمىيەنىڭ تۈرك جەمئىيىتىدىكى نوپۇزى يىللاردىن بۇيانقى ئۇتقۇن داربەلەردە تېخىمۇ كۈچىيىپ مۇستەھكەملەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئارمىيەنىڭ ھاكىمىيەتكە تەسىرى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئەردوغان تەختكە چىققاندىن كېيىن بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. ئەمما ئەردوغاننىڭ دىنغا مايىل پارتىيەسى جامائەتنىڭ كۈچىنى دۆلەت ئورگانلىرىغا، مائارىپقا ۋە ئارمىيەگە سىڭدۈردى. نەتىجىدە بۇرۇن ئاتاتۈركنى سۈيىئىستىمال قىلىپ داربەدە نەپكە ئېرىشىپ كەلگەن ئارمىيە ئەمدى جامائەت ۋە دىننى ۋاستە قىلىپ ھاكىمىيەتكە كۆز تىكىدىغان بولدى.
نۆۋەتتە تۈركىيە شەرقلەشكەن مۇستەبىت ئەللەر بىلەن يېقىنلاشماقتا. بۇنىڭدا ئاساسلىقى مەنپەئەتتىن باشقا ھازىرقى ھاكىمىيەتنىڭ غەرپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ھەققىدىكى تۈگىمەس تەنقىتلەشلىرىدىن، شەرتلىرىدىن ۋە ئەمەلگە ئاشماس ۋەدىلىرىدىن بىزار بولغان يېرىمۇ بار. بەزى تەھلىللەرگە قارىغاندا تۈركىيەنىڭ شەرق مۇستەبىتلىرى بىلەن بىرلىشىپ غەرپنىڭ «تەھدىتى» گە قارشى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋەكىلى بولۇش ئىستىكىمۇ بار ئىكەن. بەلكىم يېڭى ئوسمانلىچىلىق دېگىنى شۇ بولسا كېرەك. ئەمما تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەسىنى مۇكەممەلەشتۈرىشى تەخىرسىز. دۆلەتتە تۈزۈم ئىنساننى ئەمەس، ئىنسان ھەممىنى باشقۇرىدىغان نۇقسان مەۋجۇد. شۇڭا تۈركىيە شەرقچە كىشىسەل باشقۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ قانۇنسال باشقۇرۇشقا ئۆتۈشى، دېموكراتىك پىرىنسىپلارنى دەخلىسىز ئىجراغا كەلتۈرىشى لازىم ئىكەن.
داربىگە قارشى نامايىش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن بىر ئايغا يېقىن داۋام قىلغان دېموكراتىيە يىغىلىشىدا ئەردوغانغا قەسىدە ھەق دادىغا يەتتى. ئۇنىڭغا ئاتاپ يېزىلغان ناخشىلار ئوقۇلدى. بۇنى ھەقلىق دەپ قوبۇل قىلغان ئەردوغان بىر ئايلار بۇرۇن ئۆزى ھەجىۋى قىلىنغان بىر گېرمانچە ناخشىغا چىدىيالمىغان ئىدى. ئەردوغانغا ئالاقىدار توردىكى رەسىملەر ۋە كۆرۈنۈشلەر كىرىشتۈرۈلگەن بۇ ناخشىدا سەمىمىيەتسىزلىك، كىبىر، مۇستەبىتلىك مەسخىرە قىلىنغان. ئەردوغان بۇنىڭغا داۋا ئاچىدىغان بولدى ۋە قايناپ كەتتى. قارىغاندا بۇ ناخشا تۈركىيەدە تۈركچە تارقىتىلغان بولسا بىچارە كومپوزىتۇر پالاكەتكە دۇچار بولۇركەندۇق. يۇقارقىدەك ئىجتىمائى شارائىتتا داربە مەغلۇپ قىلىنغادىن كېيىن تۈركىيەنىڭ غەلبىسى بىلىندۈرمەي ئەردوغاننىڭ شەخسى غەلىبىسىگە ئايلاندۇرۇلدى. تۈرك دۇنياسىدىكى ھەر يەردە مەدھىيەگە كۆندۈرۈلگەن ئەردوغاننىڭ تەنقىتكە كۆنمىكى ئاسان ئەمەس.
ھازىر تۈركىيەدە ۋە غەرپتە ئەسلىدە قانۇن بويىچە پەقەت دۆلەتنىڭ سىموۋۇلى بولغان ئەردوغاننىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىشلىرىغا قول تىقىشى، كابىنتنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ تۈركىيەنى شەرقتىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت بىرلەشكەن، بىر شەخس ھەممىنى باشقۇرىدىغان ھالەتكە سۆرەپ كېتىۋاتقانلىقى تەنقىت قىلىنماقتا. تەنقىتتە بەكرەك كۆپۈپ كەتكەن مۇخبىرلار سوتقا تارتىلدى. بۇنداق شەخسكە چوقۇنۇش، تەنقىدنى بېسىش، قارشى پىرىدىكىلەرگە ھەر خىل باھانىلەر بىلەن زەربە بېرىش مۇستەبىت شەرقكە ئىنتىلىش ۋە بۇرۇلۇش ھىساپلىنىدىكەن.
تۈرك خەلقىنىڭ داربىدىن بىر كۈنگىمۇ يەتمەي غالىپ كەلگەنلىكى بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە تىنچلىقنىڭ زەنجىرلىرىدە باغلىنىپ، يالقۇنىدا ئۆرتىنىۋاتقان خەلقلەرگە بىر ئىستىقبالنىڭ بىشارىتى. ئەمما مۇستاپا كامال مىراس قىلىپ كەتكەن شەخسكە چوقۇنۇش ۋە ئىددىيەنىڭ سۈيئىستىمال قىلىنىش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان تۈركىيەدە ئىستىقبال ۋە بەخت پورەكلىيەلمەسلىكى مۇمكىن. ھازىر ئەردوغاننى ۋە ئۇنىڭ پارتىيەسى سۈرۈۋاتقان ھۆكۈمەتنى تەنقىدلەپ، تەنبىھلەپ كىتاپ يازغانلار سوتلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ داربەدىن كېيىن مۇستاپا كامالنىڭ رەسىمىگە يانداش ۋە ئايرىم ئېسىلغان ئەردوغان رەسىملىرى تۈركىيەنى قاپلاشقا باشلىدى. ھاكىمىيەتنىڭ شەخسلەرگە مەركەزلىشى، ھوقۇقنىڭ چەكلىمە ۋە نازارەتسىز قېلىشى، پۇقرانىڭ غۇرۇرى، ۋىجدانى ۋە ھوقۇقلىرىنى ئىنكار قىلىش بەدىلىگە تىكلىنىۋاتقان ھۆكۈمەت نوپۇزى، باشلىقنى ئۇلۇغلاش قاتارلىقلار تۈركىيەدەك دېموكراتىك ئەلگە ئەمەس، مۇستەبىتلىكتە شەرقلەشكەن سەئۇدى، رۇسسىيەدە ۋە مىسىرغا خاس ھادىسە ئىدى. ئەمما تۈركىيەنىڭ داربەدىن كېيىن بارغانچە شەرققە بۇرۇلۇپ شۇ يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقى ئەندىشە قوزغىماقتا.