تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردا ئەۋلات بوشلۇقى
ئايدىڭ
تۈركىيەدە تۇرۇپ قالغان ياشلار بىلەن ۋەتەندىن يېڭى چىققان چوڭلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارغا سەۋەپ بولۇۋاتقان تۈرلۈك ئامىللار بار. بۇلارنىڭ بىرى ئەۋلات بوشلۇقى. ئەۋلات بوشلۇقى دېگىنىمىز پەرقلىق ئەۋلاتلار ئارىسىدىكى ئىشىنىش، ئويلاش، ياشاش، كۆنۈش ۋە سۆزلەش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدىغان ئوخشىماسلىقلارغا قارىتىلغان. ئىككى ئەلدە ئايرىلىپ ياشاۋاتقانلاردا ئەۋلات بوشلۇقى بىر يەردە بىللە ياشاۋاتقان ئىككى ئەۋلات ئارىسىدىكى بوشلۇقتىن زور بولىدۇ. ۋەتەندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ئەۋلات بوشلۇقى يېقىنقى بىر مەزگىلدە شىددەتلىك كۈچىيىپ كەتتى. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە قوللىنىۋاتقان تىلنىڭ ئۇيغۇرچىدىن خەنسۇچىغا ئۆزگىرىشى، ئىدارىلەردە قوللىنىۋاتقان ئۈرۈمچى ۋاقتىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتىغا ئالمىشىشى، مەمۇرىيەتتە ئۇيغۇرچە ھۆججەت، جەدىۋەل ۋە پروگراممىلارنىڭ غايىپ بولۇشى، ئۇيغۇرچىنىڭ قەبرىستانلىقا ئەڭ يوغان ۋە مۇكەممەل ساقلىنىپ قېلىشى ئۇيغۇرچە بىلەن ياشاپ كەلگەن بىر ئەۋلاتتا كۈچلۈك مەھرۇملۇق، غېرىپلىق، ئۈمىتسىزلىك، ئىنكارچىلىق، ئۆتمۈشنى سېغىنىش تۇيغۇلىرىنى پەيدا قىلدى.
ۋەتەندىن يېڭى چىققان بۇ ئاتا-ئانىلار ئەسلىدىنلا ۋەتەندە شۈمشەيگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، تىلىغا ۋە دىنىغا قىيالماسلىق؛ خەنسۇچىغا يېتىشەلمەسلىك، چۈشىنەلمەسلىك، كۆنەلمەسلىكتەك بىر مۇرەككەپ ھىسسىياتنى يۈدۈپ، ئۆزىدىن پەرقلىنىپ كېتىۋاتقان ئەۋلاتلىرىدىن ئەنسىرەپ، ئۇيغۇرچە ياشاشقا ئۈمىت باغلاپ مۇساپىرەتنى تاللىغان بولغاچقا تۈركىيەدىكى بەزى ئەھۋاللاردىن دەسلەپتە خېلىلا ئەندىكىدۇخخ. بۇنىڭ ئىچىدە نەۋرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە بىلمەسلىكى، پەرزەنتلىرى بىلەن ئارىلىرىدا شەكىللىنىپ قالغان ئىپادىلەش، چۈشىنىش ۋە ئادەتلىنىش پەرقى چوڭلارنى ئەندىكتۈرگەن سەۋەپلەرنىڭ بىرى.
تۈركىيەگە ۋەتەندىن يېڭى چىققان ئاتا-ئانىلارنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغىنى قېرى- ياش، ياغلىقلىق-ياغلىقسىز ئاياللارنىڭ تاماك چېكىشى بولسا كېرەك. ئۇيغۇر تۇپراقلىرىدىكى تاماكا، ھاراققا بولغان رىغبەتنى قوبۇل قىلالماي چىققان ئۇيغۇر بوۋاي مومايلارغا تۈرك خانىملارنىڭ تاماكىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ مېڭىشلىرى ئاجايىپ غەلىتە كۆرۈنىدۇ. يەنە بىرى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار تۈركىيەدىكى جاراڭلاپ تۈرىدىغان مۇڭلۇق ئەزان ساداسىدىن ئەجداتلىرىنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىغا قايتقاندەك بولۇپ روھلىنىپ كېتىدۇ. ئەمما شۇ ئەزان ياڭرىغان بامداتتا مەسچىتكە چىققان كىشىلەرنىڭ ئازلىقى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. تۈركلەرنىڭ سەھەردە ئۇخلىشى «ئەتىگەن قوپقان ئىبادەت»، «يىلنىڭ بېشى باھاردىن، ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن»، «كۈن چىققىچە ئۇخلىسا قان يىرىڭ ئىچىدە ئۇخلىغاندەك بولىدۇ»، «سەھەر تۇرمىسا رىسقى كەم بولىدۇ» دېگەندەك ئۆگۈتلەرگە چىنپۈتىدىغان چوڭلىرىمىز توغرا كۆرمەيدۇ. ئۇندىن باشقا تۈركىيەدە چايخانىلارنىڭ كۆپلىكى ۋە ئەتىدىن كەچكىچە ئاۋاتلىقىمۇ ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنى تەئەججۈپلەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنى تۈركىيەدىكى پۇلسىزلىق، ئىشسىزلىق ۋە تېخنىكىسىزلىق قاتارلىقلارنىڭ نىسبىتى نوقتىسىدىن چۈشەنمەي جوڭگۇدىكى تەشۋىقاتلاردا كۆندۈرۈلگىنى بويىچە «تۈركلەرمۇ بىزدەك ھورۇنكەن» دېگەن يەكۈننى چىقارماي قالمايدۇ. ئۇلارغا تېخىمۇ بەكرەك غەلىتە ۋە تەئەججۈپلىك تۇيۇلغىنى تۈركىيەدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىشىنى توغرا چۈشىنىشى، نەۋرىلىرىگە ئۇيغۇرچە تىل ۋە ئادەتلەرنى ئۆگەتمەسلىكى ۋە تۈركچە سەھەر تۇرماسلىق ئادىتىدۇر.
تىلدا ئىپادىلەش ۋە ئۇيغۇرچە ئىپادىلەش مەسىلىسىمۇ تۈركىيەدىكى چوڭلار بىلەن ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى چوڭايتىۋەتكەن ئامىللار بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. تۈركچە ئۇيغۇرچىغا تۇققان تىل بولغاچقا سۆزلىگەندە قېتىلىپ قېلىش ۋە ئارىلاشتۇرۇش دائىم ئۇچرايدۇ. يەنە بىرى تۈركىيەدە ئۇزاقراق تۇرغان كىشىلەردە تۈركچە سۆز بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ھۇشيارلىق ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئاتا-ئانىلار تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن تىلنى ئاسان ئۆگىنەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېلۋىزور كۆرۈش، قوشنىدارچلىق قىلىش ۋە جەمئىيەتكە ئارىلىشىش ئارقىلىق جاھاندىن خەۋەردار بولۇپ تۇرالمايدۇ. بۇ ئەسلىدىنلا تۈركچە ئارقىلىق جاھاننى چۈشىنىدىغان، ئىككى تىلنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان بالىلار بىلەن ئارىدىكى پەرقنىڭ زورىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۈركچە بىلەن ئۇيغۇرچىدىكى بەزى سۆزلەر ئاڭلىماققا ئوخشايدىغاندەك قىلغان بىلەن مەنىسىدە بەك چوڭ پەرق بار. مەسىلەن، چەكمەك، ياقماق، سالماق ۋە ئائىت، كار، چۆپ قاتارلىق سۆزلەر تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچىغا ئورتاق بولغان بىلەن مەناسىدا پەرق بار. مەسىلەن، «ئائىت» تۈركچىدە «مەنسۇپ» مەنىسىنى ئۇيغۇرچىدا «ھەققىدە» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. «تەرەددۇت» سۆزى ئۇيغۇرچە «تەييارلىق» مەنىسىنى بىلدۈرسە تۈركىيە تۈركچىسىدە «ئىككىلىنىش» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. بۇنداق ئازغىشىپ كېتىدىغان تەرەپلەر ئۆز-ئارا خاتا چۈشىنىكە سەۋەپ بولىدۇ.
تۈركىيەدە بىر ئورگان جامائەت پىكىرىنىڭ يۆنىلىشىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ۋە پۇرسىتىگە ئەمەس. شۇڭا تۈرك جەمئىيىتىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر، پەرقلىق ئېقىملار، ئۆزگىچە چۈشەنچىلەر تەڭلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. ۋەھالەنكى، ۋەتەندە تەشۋىقات كومىتىتى دېگەن ئورگان جامائەت پىكرىنى، خەلقنىڭ چۈشەنچىسىنى كونترول قىلىپ بىر ئاساسى ئېقىمنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئاساسى ئېقىمغا مەنسۇپ بولمىغان، يانداشمىغان ۋە زىت كەلگەن پىكىرلەر ئۈن چىقارمىغان تەقدىردىمۇ دۈشمەنگە چىقىرىلىپ مەۋجۇدلۇق ھوقۇقىغا ۋە پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كىشىلەر بۇ سەۋەپتىن ھەممە نەرسىنى ئىنقىلابىي ۋە ئەكسىل ئىنقىلابىي دېگەن ئىككى قۇتۇپقا ئايرىپ چۈشىنىپ كۆنگەن. مائارىپتىمۇ بالىلار مۇئەللىمنىڭكىنى، كىتاپتا يېزىلغاننى توغرا قالغىنى خاتا دەپ ئۆگەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرىنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغانىغا ئايلىنىپ قالغان ئەدەبىياتتىمۇ ئىنسانلار، ھادىسىلەر ۋە پىكىرلەر سەلبىيلىك ۋە ئىجابىيلىق دەپ ئىككىلا نوقتىدىن باھالىنىدۇ. ۋەتەن ۋە تۈركىيەنىڭ پىكىر ھاۋاسىدىكى بۇنداق پەرق تۈركىيەدىكى ياشلار بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەتەندىن يېڭى چىققان ئاتا-ئانىلىرى ئارىسىدىكى ئەۋلات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىددىيە توقۇنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
ۋەتەندىن تۈركىيەگە كېلىپ ئىبادەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش، ئاللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىنى بىر مەزگىل بولسىمۇ چەكلىمىسىز بەجا كەلتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار تۈركىيەدە دىن ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنىڭمۇ ھەر خىل بولۇشىنى ئەقلىگە سىغدۇرالماي خىېلىلا تەمتىرەيدۇ. بولۇپمۇ ۋەتەندە ئىشىنىپ كەلگەن «ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ سول قوۋۇرغىسىدىن يارىتىلغان»، «ئەركىشى يېرىم خۇدا»، «باشقا كەلگەن ھەر ئىش پىشانەڭدىن، ھەر كەلگۈلۈك تەقدىردىن»، «مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى، كۇفرىنىڭ بۇ دۇنيالىقىنى بەرگەن»، «بۇ دۇنيادا ئازاپ تارتساڭ، ئۇ دۇنيادا راھەت كۆرىسەن»، «پېقىرلىق گۇناھتىن يىراق» دېگەنگە ئوخشاش دىن دېيىلىپ قالغان چۈشەنچىلەرنىڭ ئىسلام بىلەن ھىچ بىر ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغىنىدا بەزىلىرى قايىل، بەزىلىرى بىسرەمجان بولىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى ئۆزى توغرا دەپ قارىۋالغاننى ھەق دىن دەپ قاراپ پەرزەنتلىرىگە تېڭىشقا تىرىشىدۇ.
ئەۋلات بوشلۇقى ھەرقانداق مىللەتتە ۋە ھەرقانداق دەۋىردە يۈز بېرىدىغان ھادىسە. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا ئەۋلات بوشلۇقىنىڭ بولۇشى ھىچ بىر ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئەمما ئۇيغۇرلاردىكى ئەۋلات بوشلۇقى باشتا بايان قىلغان سەۋەپلەردىن باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا زور. ئۇيغۇرلار جوڭگۇدا مەجبۇرىي يۈرگۈزىلىۋاتقان تىل، مەدەنىيەت، نوپۇس، ئىقتىساد، دىن ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرىنىڭ دائىملىق ئوبىكتى بولۇپ كېلىۋاتقىنى ئۈچۈن مەھرۇملۇق تۇيغۇسى بەكلا ئېغىر. شۇڭا ۋەزىيەتتىكى قىسىلىشلارنى بىر ئەۋلات يەنە بىر ئەۋلاتتىن، بىر توپ يەنە بىر توپتىن كۆرۈپ قاقشايدىغان خاھىش چوڭقۇر، كۈچلۈك ۋە يايغىن. ئۇيغۇرلار كىرزىس ئىچىدە ياشاۋاتقان ۋە بۇ كىرزىسنىڭ يىللاردىن بېرى داۋام قىلىشىغا مۇشۇ كۈنگىچە بىر ئەتراپلىق تەپەككۇر، ئۈنۈملۈك تەييارلىق ۋە ۋە نەتىجىلىك تەدبىر قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن مىللەت بولغاچقا ئەۋلات بوشلۇقىنى بىر نورمال ئىجتىمائى ھادىسە دەپ سىڭدۈرەلمەيۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، تۈركىيەدىكى ياشلار بىلەن چوڭلار ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە ۋەتەندىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زورايغان تۈرلۈك ئىددىيەۋىي مەسىلىلەرنىڭ ۋەتەن سىرتىغا ئېكسپورت قىلىنىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلار ۋە چوڭلار ئارىسىدىكى ئەۋلات بوشلۇقى ۋەتەندىكى ئەۋلات بوشلۇقى ۋە زىددىيىتىنىڭ تۈركىيەگە كۆچىشى. شۇنداقلا تۈركىيەگە كۆچكەندىن كېيىن تىل، چۈشەنچە ۋە ئادەتلەرنىڭ پەرقلىنىشى سەۋەپلىك تېخىمۇ گەۋدىلىنىشى بولۇشى مۇمكىن.