ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر – قەلەمگە!

بەس قەلەم ، كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن ،
بارنى سۆزلە ، ھەقنى كۈيلە ، سەپسەتىلەر ساتما سەن .
نە كېرەك يوق نەرسىلەردىن باش قاتۇرماق شۇنچىلىك ،
ساپلىقىڭنى بۇلغىتىپ ، ياشلار ئاققۇزماق شۇنچىلىك .
مەن سېنى كۈرەش ئۈچۈن قىيدىم بوۋامنىڭ تىغىدا ،
بول ماڭا ئۆتكۈر قىلىچ ،ياتما مەزلۇملىق قېنىدا .
قەغىزىم ئۈستىدە ماڭساڭ ، كۈتكىنىمدىن ئىز ياسا ،
ھەر چېكىتتە ھۆرىيەت _ ئىقبالىغا نېگىز ياسا .
كۈيلە تاغ باشىدا بولساڭ ، تاغۇ _ تاشلار تىتىرىسۇن ،
ھەيۋىتىڭدىن ئەزگۈچى ھاكىم سىنىپ قان يىغلىسۇن !
قەغىزىم ئۈستىگە ئەمدى چۈشمىگەي ياش ئىزلىرىڭ ،
خوش _ خوش ئېيتىپ ، كەتسۇن ئەمدى بۇ يىغىچان گەزلىرىڭ .
مەن سېنى ماۋزۇ قىلىپ ، چوڭ جەڭ ئۈچۈن ئاتىدىم ،
بىر كېچە گويا خىيالدا ياۋ كۆزىگە قادىدىم .
جەڭدە يەڭگەچ قەبرىمە < لەۋھە > بولۇپ ياتماقچىسەن ،
تۈنلىرىمنى كۈن ياساپ ، گۆھەر كەبى يانماقچىسەن .
قېنى ئەمدى كۈيلىگىن ئەسىرىمگە لايىق ناخشىنى ،
مەنمۇ تاللاپ يۈرمىدىم سەندىن بۆلەك بىر ياخشىنى !
مەنبە: باغداش مۇنبىرى