< ئويغانغان زېمىن > دىن تۇغۇلغان تارىخىي تۇيغۇلار

(ھەبىبۇللا ئابلىمىت)
ئۆتمۈش ئادىللىق نۇرى بىلەن يورۇتۇلمىغان جايدا، نۇرانە كەلگۈسىنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس.
(ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتىمىن)
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇيۇك ئالىمى، ئۇلۇغ ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۇر ئەپەندى يازغان، ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ سۆيۇپ ئوقۇۋاتقان < ئويغانغان زېمىن > ناملىق مەشھۇر تارىخىي روماننى بۇندىن 25 يىللار مۇقەددەم ناھيىتى ھاياجان ئىچىدە ئوقۇغان ئېدىم. ئەينى چاغدا ئۆزەمنىڭ شۇ چاغلاردىكى دۇنيا قارىشى ۋە ئۆز سەۋىيەمنىڭ دائىرىسى ئىچىدىلا چۇشۇنۇپ، شۇ دەۋرنىڭ ياشلىرىغا خاس بولغان بىر تارىھىي تۇيغۇدا ئاجايىپ زوق ئالغان ئىدىم. يېقىندا بۇ مەشۇر تارىخىي روماننى سۆيۇنۇش ئىچىدە، ناھايىتى ئىنچىكىلىق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم ۋە ئاجايىپ ئىسىل بەدىئىي تەسۋىرلەر، بەدىئىي توقۇلمىلەر ۋە نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەردىن خاتىرە قالدۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئاپتور ئۆز تەسەۋۋۇر كۈچىگە تايىنىپ توقۇغان بەزى بەدىئىي توقۇلمىلارنىڭ زىددىيەتلىك، مەنتىقسىز بولۇپ قالغانلىغىنى كۆردۇم. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزەمنىڭ تارىخىي تۇيغۇلىرىنى ئىلمى ئۇسۇلدا پاكىتقا مۇراجەت قىلىپ تۇرۇپ بۇ ماقالىنى يېزىپ، كەڭ ئوقۇرمەن قىرىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۇم.
1. ئاپتورنىڭ بەدىئىي توقۇلما ماھارىتى
يازغۇچى بۇ تارىخىي روماننىڭ بەدىئىيلىگىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۇرۇش ئۈچۈن بەزى تارىخى ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتىغا قاتمال ھالەتتە سادىق بولۇپ كەتمىگەن.
روماننىڭ ئىككىنجى قىسمىنىڭ توققۇزىنچى باب «جىر جىس ھاجى» دېگەن قىسمىدا ئاپتور تارىختىكى جىر جىس ھاجى بىلەن خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئەسلى ئۇچراشمىغان تارىخىي ۋەقەلىكنى ئۇچراشقان ۋەقەلىك قىلىپ توقۇش ئارقىلىق ۋە جىر جىس ھاجىنىڭ خوجانىياز ھاجىمغا قىلغان نەسىھەتلىرى ئارقىلىق روماننىڭ بەدىئىيلىگىنى تېخىمۇ بىر بالداق يۇقۇرى كۆتەرگەن ۋە شۇ دەۋرنىڭ قاتمۇ-قات مۇرەككەپ تارىخىي رېئاللىغىنى كىتابخانلارغا ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتتۇرۇپ بەرگەن.
«ئات ئۇستىدە ئۆڭۇپ كەتكەن يېشىل دۇخاۋا تون بىلەن مۇكچىيىپ ئولتۇرغان بوۋاي ئۆزىنىڭ ئەپلىك ئورالغان سەللىسىگە ئوشاش ئاقىرىپ كەتكەن چاچ-ساقال ۋە قويۇق قاشلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتت. ئۇنىڭ ئورۇق گەۋدىسى بىلەن ياداڭغۇ يۇزىگە قارىغاندا باشقىچىلا روھلۇق ۋە جۇشقۇن كۆرۇنىدىغان قوڭۇر كۆزلىرى تاڭ يۇلتۇزىدەك چاقناپ تۇراتتى» (كىتابنىڭ 2-قىسىم. 158-بەت)
«ھارمىغايلار، ئەزىز مېھمىنىمىز، ئالدىلىرىغا بارالمىغىنىمغا خىجىلمەن، — دېدى خوجانىياز ھاجىم ئىككى قولىنى ئۇنىڭغا ئۇزىتىپ، شۇ تابتا قانداقتۇر بىر مەنىۋى كۈچ ئۇنى ھاياجانغا سېلىۋاتقاچقا، ئۇنىڭ ئاۋازى بىلىنەر-بىلىنمەس تىترىگەندەك ئاڭلىناتتى. بوۋاي قۇرۇق سۆڭەك بولۇپ قالغان ۋۇجۇدى بىلەن ھاجىمنى قۇچاقلىدى. ئۇنىڭ قويۇق كىرپىكلىرى ئارىسىدىن يامغۇردەك تۆكۇلۇۋاتقان ياش تامچىلىرى ھاجىمنىڭ بويۇن ۋە قۇلاقلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى……..»
» غازى خوجانىياز ھاجىمنىڭ جەڭدە مىنىدىغان ئېتى قايسىكىن؟ شۇ ئاتنى توقۇقلۇق ھالىتىدە كۆرۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، – دېدى بوۋاي مۇلايىملىق بىلەن. مەھمۇت مۇھىتى دەرھال مېرول پۇگەن گە قارىدى»
مېرۇل پۇگەن «سالپاڭ قۇلاق» نى يېتىلەپ كەلگەن ھامان، بوۋاي يەر تايىنىپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى – دە، «سالپاڭ قۇلاق» نىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ باش – كۆزىنى سىلاپ قويدى ۋە ئېگەرنىڭ سول ئۇزەڭگىسىنى ئورۇق قوللىرى بىلەن ئاغزىغا تەگكۇزۇپ ئۈچ قېتىم سۆيدى. سۆيگەندىمۇ شۇنداق ئىختىراس بىلەن سۆيدىكى، ئۇنىڭ لەۋلىرى ئۇزەڭگىگە يېپىشىپ قېلىۋاتقاندەك كۆرۇنەتتى. سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ بۇ مەنزىرىگە ھەيرانۇھەۋەسلىك بىلەن قارىشىپ قالدى. بۇ قېرى نېمە قىلىۋاتقاندۇ دەپ قېلىشمىسىلا، قېرىنداشلار! – دېدى بوۋاي كۆپچىلىككە قاراپ، مەن جەبىر – زۇلۇم، قۇللۇق – ئاسارەت دەستىدىن زارۇزار يىغلاپ، ھۆرلۇك، ئازادلىققا تەشنا تۇرغان مەزلۇم خەلقىمىز نامىدىن مۇقەددەس بۇرچۇمنى ئادا قىلدىم، خالاس! سەن ئۆزۇڭ كىم دېسىلە، كەمىنىلىرى بىر زامانلاردا قەشقەر دىيارىدا ئۆتكەن مەھمۇت ھېكىمبەگنىڭ ئوغلى جىر جىس ھاجى دېگەن كىشى بولىمەن. مۇشۇ يېشىمغىچە، ئىككى قېتىم ھەج تاۋاپ قىلدىم. ئاللا سۇبھانە ۋە تائالانىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىشى بىلەن قۇمۇل دىيارىدا باشلانغان ئىنقىلاب غەلبىگە قىلىپ، غازى خوجانىياز ھاجىمنىڭ ئازادلىق تۇغىنى كۆتۇرۇپ بۇ تەرەپلەرگە قەدەم قويغانلىقىنى ئاڭلاش بىلەن شۇ زاتى كەرەمنىڭ مۇبارەك دىدارىنى بىر كۆرۇشكە مۇشەرەپ بولسام، ئۇنىڭ جەڭدە مىنىدىغان ئېتىنىڭ ئېگىرىدىكى ئۇزەڭگىگە لېۋىمنى تەگكۇزۇپ بۆسە قىلىۋالسام، ئۇنىڭ قەھرىمان جەڭچىلىرىگە بىر قېتىم تەزىم – سالىمىمنى بەجا كەلتۇرۇۋېلىشقا مۇيەسسەر بولالىسام، مۇراد – مەقسىتىم ھاسىل بولار ئىدى، يەنى ئۇچىنچى ھەج تاۋىپىم ئادا بولار ئىدى دەپ ئول خۇداۋەندە كەرىمگە يىغلاپ تولا يالۋۇرغانىدىم، ئەلھەمدۇلىللا شۇكرى، بۇگۇن مۇرادىمغا يەتتىم. ئەمدى ئۇ ئالەمگە كەتسەممۇ ھېچ ئارمىنىم يوقتۇر. ئىلاھىم غازى خوجانىياز ھاجىم سەردارلىقىدا ۋەتەن – مىللەتنىڭ ھۆرلۇك – ئازدلىقى ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان پىدائىيلىرىمىزغا تېخىمۇ كۆپ نۇسرەت ئاتا قىلسۇن، قاراڭغۇ زۇلمەت تۇمانلىرى قاپلىغان يۇرتىمىزدا نىجاتلىق تېڭى پاتراق ئاتقاي، ئامىن! «(159-بەت)
«دېمەكچىمەنكى، – داۋام قىلدى جىر جىس ھاجى، ………مېنىڭ دەيدىغىنىم ھەرقايسى غازىلىرىمىز شۇنچە ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلدىلەركى، قۇمۇلدىن باشلانغان قوزغىلاڭ ئەلھال بۇ كۈنلەردە پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا ھەممە مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئىنقىلابىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئالتاي تاغلىرىدىن كوئىنلۇنغىچە، تەڭرىتېغىدىن پامىرغىچە، ئالاھەزەل قىياس، ئىنقىلاب يالقۇنى تۇتاشمىغان بىرمۇ يۇرت قالمىدى. بۇ ئىنقىلاب نىشانىسىنىڭ ئېنىق ۋە توغرىلىقى، دائىرىسىنىڭ كەڭلىك ئېتىبارى بىلەن يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا مىسلى كۆرۇلمىگەن زور ئىش بولدى. ئەپسۇسكى، مۇكەممەل غالىبىيەتكە ئېرىشىش ئەرەبسىدە ئىنقىلابنىڭ مېۋىسى شېڭ شىسەي دېگەن مەل ئۇننىڭ قولىغا چۇشۇپ كەتتى. بۇ پاجىئە كۇپايە قىلمىغاندەك، ھەربىرلىرى ئۇنىڭ بىلەن سۇلھى تۇزۇپ دوستلاشتىلەر، ئۇنىڭغا ئېتىقاد باغلىدىلەر. تۇنۇگۇنلا «قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنىنى ئىچكەن بۇ جاللات بۇگۇن توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاپ كەمەك ھەييار مىسالى بىر موللاق ئېتىپلا «خەلق پەرۋەر» بولىۋالسا، ئۇنىنغا نېچۇك ئېيتىماد قىلغىلى بولسۇن؟ قەدىمكىلەر «بۆرىنىڭ ئاغزى يېسىمۇ قان، يېمىسىمۇ قان » دەپتىكەن. بۇ ھېكمەتنى ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم ئىدى. ئىسلام دانىشمەنلىرىدىن شەيخ سەئىدى ھەزرەتلىرى: » دۇشمەن ۋاقتىكى چوڭ ھىلىلەردىن ئاجىز قالسا، دوسلۇق زەنجىرىنى قىمىرلىتار، ئاندىن سۇڭ دوسلۇق سۇرىتى بىلەن شۇنداق ئىشلارنى قىلۇركى، ھېچقانداق دۇشمەن قىلماققا قادىر بولماس» دېگەنىدى. ئەپسۇسكى، ھەرقايسىلىرى شېڭ شىسەيگە ئېتىماد باغلاپ ناھايىتى زور خاتالىق سادىر قىلىشتىلەر…….» (165-بەت)
«…. توغرا، كونسول دېگەن ئەلۋەتتە ئۆز ھۆكۇمىتىنىڭ ۋەكىلى، ئەمما شۇ ھۆكۇمەتنىڭ ئۆزىگىمۇ ئىشەنگۇم كەلمەيدۇ»
«….مەن شورالار ئىتتىپاقىغا ئىشەنمەيمەن دېمىدىم. ئۇنىڭ ھۆكۇمىتىگە، يەنى شۇ ھۆكۇمەتنىڭ بىزگە تۇتقان سىياسىتىگە ئىشەنگۇم كەلمەيدۇ دەۋاتىمەن.» (167-بەت)
«بىزنىڭ يىلىكىمىز شۇرلۇق مىللەت. بىزگە بالا – قازا ناھايىتى ئاسان يېپىشىدۇ. شۇنچە شېھىتلەرنىڭ قىزىل قانلىرى بەدىلىگە كېلىۋاتقان بۇگۇنكى نۇسرەت ۋە ئامەتلىرىمىز غاپىل قېلىشلىقتىن سادىر بولدىغان بىرەر سەۋەنلىكىمىز كاساپىتىدىن قولدىن كېتىپ قالمىغاي دەپ خاۋارتىلىنىمەن. چۈنكى، بىز ئۇيغۇرلار تارىختا شانۇ شەۋكەتلىك ئىشلارنى قىلغان ئەقىل – پاراسەتلىك مىللەت بولغان بولساقمۇ، كېيىن جەبىر – زۇلۇم، قۇللۇق، ئاسارەت تۇپەيلى قالاق، نادان، قاششاڭ بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالغانمىز. نادان مىللەتتە مەنىۋى ئىللەت كۆپ بولىدۇ. پۇلغا، مەنسەپكە، خوتۇنغا ھېرىسلىق، خۇراپاتقا ئىشىنىش، يۇرتۋازلىق، قەبىلىۋازلىق، ئاچ كۆزلۇك، ئۆز غۇرۇرىنى ساقلىماسلىق، ھەر كىم ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ، مىللەتنى ئويلىماسلىق، خۇلاسە كالام نادانلىق، نادانلىق ۋە يەنە نادانلىق، مانا بۇلار ئۇزۇن يىللىق ئاسارەتنىڭ مىللەت روھىغا باسقان مەرەز تامغىسى. ئۇنى ئاز دەپ، تەقدىر ۋە قازانىڭ ئادالەتسىزلىكى بۇ مىللەتنىڭ روھىدا يەنە شۇنداق بىر ئۆكسۇكلۇكنى پەيدا قىلغاندۇركى، ئۇ گويا ئۆزىنى ئاتا – ئانىسىز قالغان يېتىم بالىغا ئوخشاش سېزىدۇ، يەنى ئۇنىڭ روھى چۇشكىن.» (174-بەت)
يۇقارقى ۋەقەلەر بەدىئىي توقۇلما بولۇپ ، ئەسلىدە تارىي رېئاللىقتا يۇز بەرمىگەن.
ئىلىخان تۆرەنىڭ «تۇركىستان قايغۇسى» ناملىق تارىخىي كىتاببىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ.
«… ئۇ كۈنلەردە، مەن بۇ ۋەقەدىن يىراق غۇلجا شەھىرىدە تۇرغانلىغىم ئۈچۈن، بۇ ئويلىغان مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ چارىسىنى قىلالمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، قاراپ تۇرۇشقا چىداپ بولالماي، ياقۇپ بەگ زامانىسىدىكى ئىككى ئاتۇشنىڭ ھاكىمى مەھمۇد ھەكىمنىڭ نەۋرىسى جىر جىس ھاجىمنى تېپىپ، تېزدىن كاشغەرگە ئەۋەتمەكچى بولدۇم.» (202-بەت)
«…..مانا مۇشۇنداق ئۇمىدىم كېسىلگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ كىشى بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. ئۇزۇلگەن ئۇمىدىم قايتىدىن قوزغىلىشقا باشلىدى. بۇ كىشى بۇرۇندىن تارتىپ ئىنقىلابىي ئىشلارغا قاتنىشىپ، ئېغىر-يەڭگىل تەجىربىلەرنى بېشىدىن ئۆتكۇزگەن، كۆزى ئوچۇق، كۆڭلى ئويغاق، ۋەتەنپەرۋەر، مىللەت سۆيەر بىر ئۇيغۇر ئوغلى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۇم ئويلىغان يۇقارقى ئىش ئۇستىدە ئىككىمىز ئۇزۇن مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، بۇ كىشىنى ئەۋەتمەكچى بولغان ئىدىم. بىراق بۇ ئىشقا تەشكىلىي جەھەتتىن تەيارلىق كۆرمىگەنلىكتىن ئىقتىسادىمىز يېتىشمەي، بىزگە خېلى ئېغىرچىلىق كەلتۇردى. شۇنداق بولسىمۇ، بىز بىر نەچچە دوست كىشىلىرىمىزدىن يوشۇرۇنچە ياردەم سوراپ، سەپەر تەيارلىقىنى قىلىشقا تىرىشتۇق. ئۇزاتماقچى بولۇپ تۇرغىنىمىزدا، بەختىمىزگە قارشى بۇ كىشى بەزگەك كېسىلىگە قىرىپتار بولۇپ، يولغا چىقالمىدى. بۇنىڭغا قارشى دورا – دەرمەك تەيارلاپ سەۋەبلىرىنى قىلغاندىن كېيىن، ئەتىسى يولداشلار بىلەن بىرلىكتە ئۇزۇتۇپ قويدۇق. بىراق بەختكە قارش كۈچلۇك ئىرادىلىك، قەھرىمان، دىندار، ۋەتەنپەرۋەر تىلەكدىشىمىز جىر جىس ھاجىم يولغا چىقىپ، كېسىلى كۈندىن كۈن گە ئېغىرلىشىپ، مىڭ مۇشەققەت بىلەن مۇز داۋاندىن ئۆتۇپ، مەرھۇم ياقۇپ بەگ ئاتىلىقتىن قالغان، دۇشمەنگە قارشى توسقۇن قونالغۇسى قىلغان «قورغان» دېگەن يەرگە كەلگەندە ۋاپات بولدى. ئاللاھ ئۇنىنغا رەھمەت قىلسۇن! مەقسەتكە يېتەلمىگەن بولسىمۇ، تەلەپ يولىدا جان قۇربان قىلىش ھايات تارىخى ئالدىدا ئۇلۇغ شەرەپكە ئىگە بولغانلىق ھېساپلىنىدۇ……….» (203-بەت)
< ئويغانغان زېمىن > دا ئاپتور ناھايىتى يۇقۇرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئۆز ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرىسىدە تارىخ بىلەن بەدىئىيلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي توقۇلمىنى ئۆزارا بىرلەشتۇرۇپ، روماندا ئەكس ئەتتۇرگەن شۇ دەۋرنىڭ ئومۇمى قىياپىتىنى ناھايىتى روشەن جانلىق ھالدا كىتابخانلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلغان. شۇڭا مەرھۇم ئۆتكۇر ئەپەندى شۇ تارىخقا ئايلانغان مۇرەككەپ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۇرۇشتە ئادەتتىكى ئىجتىمائىي رومانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقۇرى بەدىئىي ماھارىتىنى ئىشقا سالغان.
2. بەزى بەدىئىي توقۇلمىدا زىددىيەتلىك ۋە مەنتىقسىز نۇقتىلار بولۇپ، بۇ ھال بەدىئىي ئۇنۇمگە زىت كېلىپ قالغان.
گېرمان پەيلاسوپى ئارتۇر شوپېنخاۋىر مۇنداق دىگەن ئىكەن: «ئەگەر بىرەرسى كۈنلەپ-كۈنلەپ كىتاب ئوقۇسا ، ھەمدە ئوتتۇرىلىقتىكى ئارام ۋاقتىنى تەپەككۇرسىز ئۆتكۈزسە ، ئۇنداقتا ئۇ بارا-بارا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويىدۇ ، بۇ خۇددى توختىماي ئات مېنىدىغان كىشى ئاخىرىغا كىلىپ يول مېڭىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا بىر ئىش»
< ئويغانغان زېمىن> ناملىق تارىخىي روماننى ئوقۇش جەريانىدا بىز ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ تەپەككۇر ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۈگۇنىش بىلەن بىرگە يەنە بەزى مەنتىقسىز ۋە رېئاللىققا زىت بولغان ئىپادىلەرنى بايقايمىز. يەنى روماننىڭ باش قەھرىمانى خوجانىياز ھاجى توغرىسىكى تارىخى چىنلىق بىلەن بەدىئىي توقۇلمىلاردا زىددىيەتلىك ۋە مەنتىقىسىز نۇقتىلار كۆرۇلۇپ، بۇ باش قەھرىماننىڭ ئوبرازىنى ھەقىقى گەۋدىلەنمەي، بىر ئاز خۇنۇكلېشىپ قالغان.
< ئويغانغان زېمىن> دا بۇنداق بايان قىلىنىدۇ: تۆمۇر خەلپە 1913-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن ئۆلتۆرۇلگەندىن كىيىن، قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت خوجانىياز ھاجىنى تۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن يەرگە پەرمان چۇشۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خوجانىياز ھاجى ئالتاي تەرەپكە قىچىپ، ئىسمىنى ئىسھاق دەپ ئۆزگەرتىپ تاغ ئاتلاپ ئوۋچىلىق قىلىپ، ئاخىرى رۇسسىيە تەرەپكە ئۆتۇپ كىتىدۇ ۋە يەركەنتتىكى ۋەلىباي بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئورنىغا رۇسسىيە ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ 1-دۇنيا ئۇرۇشقا بارماقچى بولىدۇ. بۇ يەرلەر كىتابنىڭ 1-قىسىم 67-بەتلىرىدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:»بۇ بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىللىرى ئىدى. چار پادىشاھ ئۆزىنىڭ مەنپەئىيتى ئۈچۈن رۇسىيە ئىمپېريىسى تەۋىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۇز مىڭلىغان پەرزەنتلىرىنى زەمبىرەك يېمى قىلىپ بەردى. ئۇرۇش يالماۋۇزلىرى يەنىلا قان تەلەپ قىلماقتا ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، رۇسىيىنىڭ باشقا جايلىرىدىكىگە ئوشاش يەتتەسۇ رايونىدىمۇ ئەسكەر ئېلىش ئىشى يەنە باشلىنىپ كەتتى. چار پادىشاھنىڭ يارلىقىغا بىنائەن، ھەربىر تۇتۇن بىر ئوغۇلنى ئەسكەرلىككە بېرىشككە مەجبۇر ئىدى. ۋېلىباينىڭ ئائىلىسىمۇ بۇنىڭدىن سىرتتا قالمىدى. باي ئۆز ئوغلىنى زەمبىرەك يېمى بولۇپ كېتىشىدىن ساقلاپ قېلىش نىيىتىدە، ئوغلىنىڭ ئورنىغا بۇ توقسۇنلۇق ئوۋچى يىگىت ئىسھاقنى ئەۋەتىش كويىغا چۇشۇپ ئۇنى چېكىپ كۆردى. خوجانىياز كۇتمىگەن يەردىن چىقىپ، ئەسكەرلىككە بېرىشقا ماقۇل بولدى. ۋېلىباي بولسا ئۇنىڭ قەلبىنى چۇشەنمەيتى، ئەلۋەتتە، شۇنداق قىلىپ، خوجانىياز پالۋان ئىسھاق دېگەن نام بىلەن يېڭى ئەسكەرلەر قاتارىدا يەكەندىن يىراق بىر جايدىكى ھەربىي تەلىم لاگېرىغا ئەۋەتىلدى. يامان ئىشنىڭمۇ بىر ياخشى يېرى بولۇپ قالدۇ دېگەندەك، بۇ ھەربىي تەلىم جەريانى خوجانىيازغا شۇ زاماننىڭ يېڭى تىپتىكى ھەربىي قوراللىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى تىغدۇرۇپ بەردى. ئەمدى ئۇ تۆمۇر خەلپە زامانىسىدىكى ئاددىي قوراللاردىن پايدىلىدىغان ئۇستا مەرگەنلا ئەمەس، پېتروگرات ھەربىي قورال – ياراغ زاۋۇتلىرىدىن چىققان ئېغىر – يېنىك پىلىموت، مىناموت، ھەر خىل تاپانچا ۋە قول بومبىسى قاتارلىق قوراللاردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىدىغان، ھەتتا ئۇلارنى چۈقۇپ قايتا قۇراشتۇرالايدىغان بىر جەڭچى بولۇپ يېتىشمەكتە ئىدى.» ۋە كىيىن بۇ ھەربىي لاگىردا جەڭ مەيدانىغا بارماي تۇرۇپلا بىر گرىگور دىگەن بولشېۋىكنىڭ چار رۇسىيەگە قارشى تەشۋىقاتىنى ئاڭلايدۇ، ئاخىردا چار ئەسكەرلىرى ئۇ بولشېۋىكنى تۇتۇپ ئۆلۇمگە ھۆكۇم قىلىدۇ ۋە خوجانىيازنى سولاپ قويىدۇ. خوجانىياز ئۇيەردىن قىچىپ ۋېلىباينى پانا تاپىدۇ. ۋېلىباي ئۇنى يوشۇرۇپ قالامايدىغانلىغىنى ئېيتىپ، خوجانىيازنى ھەج قىلغۇچى بىر ئۆمەككە قوشۇپ، مەككىگە يولغا سالىدۇ ۋە ئۇيەردە 3-4يىل ياقۇپ ھاجى دېگەن كىشىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ. ئاخىرى «پېشانەمگە پۇتۇلگەننى كۆرەي» دەپ ھەجدىن قايتقان توقسۇنلۇق ھاجىلارغا قوشۇلۇپ، تاشقورغان ئارقىلىق قەشقەرگە ، ئاندىن قارا شەھەرگىچە كىلىدۇ. بۇ يەرلەرنى 1-قىسىمنىڭ 72-73-بەتلىرىدە مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
» ھېلىقى ئېلاندا ئېيتىلغان يىگىرمە ئۇچ -يىگىرمە تۆت ياشلاردىكى ئاق يۇزلۇك يىگىت ئەمدى ئېڭەكلىرىنى قويۇق ساقال بېسىپ، شامال – بوراندا قارداپ كەتكەن، يۇزىگە خېلىلا قورۇق چۇشكەن قاتاڭغۇر بىر ئادەم قىياپىتىگە كىرىپ قالغاندى، شۇ پەتى ئۆيگە بارسا، ئېھتىمال، قېرى ئانىسى ئايسە ئاپپاقمۇ ئۇنى دەرھال تونىيالمىغان بولاتتى. شۇنداقتىمۇ شامەخسۇت تېخى ھايات بولغاچقا، ئۇ يەنىلا قۇمۇلغا بېرىشقا پېتىنالمىدى. ئەمما، قانداقلا بولمىسۇن، ئاتا-ئانىسىغا تىرىكلىكىدىن بېشارەت بېرىپ قويۇشنى لازىم دەپ ئويلاپ، ھېلىقى توقسۇنلۇق ھاجىلاردىن ئۆزىنىڭ ئامانلىقىنى ۋە بورتالا تەرەپكە كېتىش نىيىتىدە ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇرۇپ، توقسۇندىكى ئانا جەمەت تاغىسى قۇربان نىيازغا ئىككى ئىلىك خەت يېزىپ بەردى. ئۇ چاغلاردا توقسۇن شۆبە ناھىيە بولۇپ، قۇربان نىياز ناھىيە ھاكىمى سۇپىتىدە ئىش باشقۇرۇپ تۇرغاچقا، كىشىلەر ئۇنى قۇربان نىياز شەن دەپ ئاتايتتى. شۇڭا ھېلىقى ھاجىلار بۇ يېگىتنىڭ خېتىنى ئۇنىڭغا چوقۇم يەتكۇزۇشكە ۋەدە بەردى. خوجانىياز يەنىلا ئىسھاق دېگەن نام بىلەن قارشەھەر تەۋەسىدىن تاغ ئارقىلىق بورتالانى نىشانلاپ ئىلى تاغلىرىغا ئاتلىنىپ كەتتى…… دېگەندەكلا بىرەر ئاي كېزىپ يۇرۇپ، ئاخىرى ئانچە قىينالمايلا، بورتالا ناھىسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئۇتبۇلاق دېگەن يېرىدىن كونا دوستى ئېردېنبايتنىڭ ئۆيىنى تېپىۋالدى»
روماننىڭ 1-قىسىم 77-بەتتە: «شۇنداق قىلىپ، يەنە ئىككى يىل ئۆتۇپ كەتتى. بىر كۈنى ياز قۇياشى ئاخىرقى نۈرلىرىنى ئاپ ئاق بۇلۇتلارنىڭ مەڭزىدە قالدۇرۇپ، ئۆز ياتىقىدا جۆنەپ كېتىۋاتقان بىر چاغدا، ئېردېنباتنىڭ يوغان سېرىق ئىتى قاتتىق قاۋاپ كەتتى. ئېردېنبات توپتوغرا ئۆز ئۆيگە قاراپ كېلىۋاتقان ئۇچ ئاتلىقنى كۆرۇپ سەل چۆچىدى. چۈنكى، ئۆزىگە تونۇش مالچى يىگىت ئوراغاي ھېچقاچان كۆرۇپ باقمىغان ئىككى يات كىشىنى باشلاپ كېلىۋاتاتتى…..» دەپ يازىدۇ. بۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرى توقسۇن ھاكىمى قۇربان نىياز شەننىڭ يېقىنلىرىدىن بىرى يەنە بىرسى خوجانىيازنىڭ ئانا جەمەت تاغىسى. بۇلار خوجانىيازغا خەۋەر ئەكەلگەن بولۇپ. يەنى قىسقارتىپ ئېيتساق، خوجانىياز ئەمدى كېسەل تۇتۇپ يېتىپ قالغان شامەخسۇتنىڭ «خوجانىياز ئەمدى مېنىڭ كۆزۇمگە كۆرۇڭۇچى بولمىغاي!» دىگەن شەرتى بىلەن كەچۇرۇم قىلىنغان بولۇپ، قۇمۇلغا قايتسا بولاتتى. بۇ خەۋەردىن كىيىن ھوجانىياز قۇمۇلغا قاراپ يول ئالىدۇ. 1928-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى شامەخسۇت ئۆلىدۇ. يۇقارقى ۋەقەلىككە قارىغاندا خوجانىياز 1927-يىلنىڭ ئاخىرى ۋە 1928-يىلنىڭ باشلىرى قۇمۇلغا قايتقان بولىدۇ.
يۇقارقى بەدىئىي توقۇلمىدا تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلاردا زىددىيەتلىك ۋە مەنتىقىسىز نۇقتىلار كۆرۇلىدۇ.
1-ئەسلىدە خوجانىياز ھاجى سوۋېتكە قېچىپ چىققاندىن كىيىن ھەرەمگە بارغان ئەمەس بەلكى ئۇ تۆمۇر خەلپە غوزغىلاڭى ئالدىدا ھەجگە بارغان.
يازغۇچى مەرھۇم مەسۇمجان زۇلپىقارنىڭ «سەراپ» ناملىق كىتابىدا ۋە شېرىپ خۇشتار ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسىلەر» ناملىق كىتابىدا بۇ توغرۇلۇق ئىنىق مەلۇماتلار بار. «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسىلەر»ناملىق كىتابنىڭ » 155-بەتتىكى «خوجانىياز ھاجىمنىڭ پائالىيەتلىرى» دىگەن قىسمىدا مۇنداق يېزىلغان:
» 1907-يىلى 1-ئايدا ئىمىننىياز ئاخۇن ئائىلىسىگە شىڭشىڭشىيادىكى ھۆكۇمەت چېرىكلىرىگە ئوتۇن، سامان ئاپىرىش ئالۋانى كېلىدۇ. ئىمىننىياز ئاخۇن شۇ ئالۋانغا ئوغلى خوجانىيازنى ئەۋەتىدۇ…» خوجانىياز بۇ ئالۋاڭنى تۇگۇتۇپ قايتىشىدا يولدا قاتتىق سوغاق بولۇپ كېتىپ، يولدىن ئىزىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلۇپ كىتىپ پەقەت ئۈچ كىشى يەنى ئوردا بېگى ئىشاق بىلەن خوجانىياز يەنە بىرى ساق قالىدۇ. شۇ چاغدا يولدا توڭلاپ قالغان 20 چىرىك بولۇپ، بۇ چىرىكلەرنىڭ يېنىدا 50 سەر تەڭگە، ئىككى جىڭ ئەپيۇن بارمىش ھازىر بۇلار يوق تۇرىدۇ. بۇلارنى «سىلەر ئالدىڭلار» دەپ بۇ ئۇچ كىشىنى تەشۇرىدۇ. شۇ چاغدا ھوجانىيازنىڭ يانچۇقىدىن بىر تەڭگە پۇل چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجانىيازنى سولاپ قويىدۇ.
بىر ئايغا يېقىن ئېغىر ئەمگەككە سالىدۇ. دەل ماشۇ چاغدا قۇمۇلدا قوزغىلاڭ بولىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھوجانىياز تاغ يولى بىلەن قىچىپ، قوزغىلاڭچىلار سىپىغا قوشۇلىدۇ.
«خوجانىياز قوراي يېزىسىغا بارغاندا، قورايدىكى 300 دىن ئارتۇق كىشى توپلىشىپ قۇمۇل شەھىرىگە – ۋاڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەيارلىنىۋاتقان ئىدى. ھوجانىياز بۇ قوزغىلاڭغا ئىشتىراك قىلىدۇ»دەپ يازىدۇ.(156-بەت). ئەمما غوزغىلاڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شامەخسۇت ۋاڭ بۇ قوزغىلاڭنى ئاساسلىق ئادەملىرى ئىچىدە خوجانىيازنىڭمۇ بارلىغىنى بىلىدە ۋە ئۇنى تۇتۇش بۇيرىغى چىقىرىدۇ.
«خوجانىياز ئانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن يوشۇرۇن ھالدا تۇرپانغا بېرىپ، ئىسھاق دېگەن نام بىلەن ئاستانە مەدرىسىدە بىر يىل مەخسۇت مۇھىتى، مەھمۇت مۇھىتىلار بىلەن بىللە ئوقۇيدۇ. شامەخسۇت ۋاڭنىڭ خوجانىيازنى تۇتۇش ھەركىتى تۇرپانغىمۇ يېتىپ كېلىدۇ. بۇ يەردىمۇ ئۇنىڭغا ئاراملىق بولمايدۇ. ئاخىرى ئانىسى ئۇنى ھەجگە بارغانلار قوشۇپ، ھەرەمگە يولغا سالىدۇ. ئۇ ھەج قىلىپ بولۇپ، قايتىپ كېلىشكە پۇلى بولمىغاچقا، شۇ جايدىكى بىر باينىڭ خۇرمىزارلىقىدا ئۈچ يىل ئىشلەپ، يول خىراجىتى ھازىرلاپ ئاندىن ۋەتەڭە قايتىدۇ. 1912-يىلى بېشىدا ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ» (157-بەت)
خوجانىياز ھاجى ھەرەمدىن قايتىپ كەلگەن يىلى تۆمۇر خەلپە قوزغىلاڭىغا قاتنىشىدۇ ۋە تۆمۇر خەلپە ئۆلتۇرۇلگەندىن كىيىن تاغدىكى قوشۇنلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ بىر مەزگىل ئۇرۇشنى دۋاملاشتۇرىدۇ ۋە ئاخىرى قورال-ياراقنىڭ ناچار بولۇشى، سان جەھەتتىن ئاز بولۇشتەك سەۋەبلەر تۇپەيلى، قوشۇنلىرىنى تارقىتىۋېتىپ ئۆزىلا يەككە قالىدۇ ۋە خوجانىياز ھاجىم ئالتايغا قاراپ يولغا چىقىدۇ ۋە رۇسىيەگە ئۆتۇپ كىتىدۇ ۋە ئوۋچىلىق قىلىپ جاھاندارچىلىق قىلىدۇ. چىگرا رايون يەركەنتە ۋەلىباي بىلەن تونىشىدۇ.
«خوجانىياز ھاجىمنىڭ شارائىتى ياخشىلىنىدۇ. ئۇ ئوۋچىلىق ئىشى بىلەن چاررۇسىيەنىڭ بىر قانچە چوڭ – كىچىك شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن سۆھبەتتە بولىدۇ. يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاڭ سەۋىيىسى ئۆسىدۇ. جەمىيەت ۋە ھاياتنى چۈشىنىدۇ. چاررۇسىيىنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى بىلەن شىنجىئاڭنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرىدۇ. چاررۇسىيىدىكى ئىلغار تىپتىكى قورال-ياراغلارنى كۆرۇپ، 1907 يىلدىكى «تورپاقلار قوزغىلاڭى» ( 161-بەت) ۋە 1912-يىلدىكى «تۆمۇر خەلىپە قوزغىلاڭى» دا ئىشلەتكەن قارا مىلتىق ۋە 9، 10، 11، 12 ئاتار مىلتىقلارنى ئەسكە ئالىدۇ. «ھەتتىڭەي، ئەگەر شۇ ۋاقىتلاردا ماشۇنداق قوراللار قولىمىزدا بولغان بولسا، تەغدىرىمىز ئاللىقاچان ھەل بولۇپ، زۇلۇمغا زاۋال ئاتا قىلغان بولۇر كەنمىز..» ھېلىمۇ خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا، خەلقىم بىلەن بىرلىكتە مەقسەتكە يېتەرمەن…» دەيدۇ.
» 1917-يىلى رۇسىيەدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلاپ غەلبىگە ئېرىشتى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىي غەلبىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلگۇچى خەلق ۋە مىللەتلەرنى ئويغاتقىنىدەك، ئۆمۇر بويى ئىنقىلاپ ئارزۇسىدا چەت جايلاردا خار-زارلىقتا تۇرمۇش كەچۇرۋاتقان خوجانىياز ھاجىمنىمۇ ئويغاتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە ياتغان ئىنقىلاپ ئوتى ئۇنى قوراللار بىلەن تونۇشۇش، نوقتىلىق ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشقا ئۇندىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىي غەلبىسىدىن كېيىن، رۇسىيە ھۆكۇمىتى پۈتۈن گىراجدانلىرىغا ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى ھەققىدە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى………………….خوجانىياز ھاجىم ھەربىي تەلىم-تەربىيە جەريانىدا ئۇرۇش قانۇننىيەتلىرى نەزەريىسىنى ئومدان ئىگەنلىدى. بارلىق ئېغىر-يىنىك قوراللار، ھەر خىل چوڭ-كىچىك تىپتىكى توپ زەمبىرەكلەر ۋە پارتلقۇچ دورىلار بىلەن تونۇشتى. ھەتتا زېنىت پىلموتقا قەدەر تونۇشۇپ چىقتى………………….خوجانىياز ھاجىم ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئالغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. كونا ساۋاقدىشى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ۋاستىسى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ دەسلەپكى قۇرۇلغان «كالتە چاپانلار تەشكىلاتى»، «مەدەنىيەتپەرۋەرلەر تەشكىلاتى» ۋە «ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى»نىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھەمدە 3-ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىلى ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ قاتارلىق بىلەن كۆرۇشرى ۋە سۆھبەتتە بولدى. بولۇپمۇ شىنجىئاڭلىق سودىگەرلىك كۆپرەك بولغان شەمەي، زەيسان، توقماق، قاراقۇل…قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجىئاڭلىق سودىگەرلەر بىلەن ئۇچرۇشۇپ، ئۇلار بىلەن تونۇشتى. كونا ساۋقدىشى مەخسۇت مۇھىتى ۋە مەخمۇت مۇھىتىلار بىلەن شىنجىئاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، شىنجىئاڭدا سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەجىربە-ساۋاقلىرى بويىچە ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىش قارارىغا كېلىشتى. لېكىن شرائىت ئۇلارىڭ ھەركەت قىلىشىغا يار بەرمەيتى. ھوجانىياز ھاجى 1923-يىلى يىلغىچە رۇسىيەدە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۆتكۇر سىياسى پىكىرلىرى، يۇكسەك ھەربىي ماھارەتكە ئىگە، ئەقىل-پاراسەتلىك بىر كىشى بولۇپ يېتىلدى.
1923-يىلى رۇسىيەدە ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، شىنجىئاڭلىق سودۇگەرلەر ۋەتەڭە قاتىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ھوجانىياز ھاجىمۇ ۋەلىباي بىلەن بىللە ئىلىغا كەلدى. ئىلىدا تۇرغان مەزگىلىدە ۋەلىباينىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ھۆسەن باي ھاجىم، ياقۇپ باي ۋە ھەكىم بەگ خوجىلار بىلەن ئۇچراشتى.
……………
كېيىن ئۇرۇمچىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇرۇمچىدە تۇردى. ئۇرۇنچىدە تۇرغان مەزگىلدە تەشكىللىك ۋە پىلانلىق ھالدا تەشىللەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. شىنجىئاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇرت كاتتىلىرى، ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن مۇساسىۋەت باغلىدى.ئۇلارنىڭ ئىنقىلاپ قىلىش ئېڭىنىڭ ئۆسىشىگە ياردەم بەردى. خوجانىياز ھاجىن خەلقنى ئويغۇتۇش ئىشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بەردى.(پىشقەدەم كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، كىشىلەر رۇسىيەدە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى پەقەت ھىجانىياز ھاجىمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانلىقىنى، بۇرۇن بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئۇرۇمچىدە يوقلىقىنى ئېيتقان)
1927-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا مەخسۇت مۇھىتى ۋە مەخمۇت مۇھىتىلار بىلەن كېلىشىپ، ھوجانىياز ھاجىم قۇمۇلدا، مەخسۇت مۇھىتىلار تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتۇرۇشنى قارارىغا كېلىدۇ.
1927-يىلنىڭ ئاخىرىدا خوجانىياز ھاجىم دادىسىنىڭ ۋاپات بولغان خەۋىرنى ئاڭلاپ، قۇمۇلغا بارىدۇ ھەم مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قۇمۇلنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى كۇزىتىدۇ.
1928-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، شامەخسۇت ۋاڭ ئۆلۇپ ئورنىغا ئوغلى نەزەر ۋاڭ بولىدۇ. 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ياڭ زېڭشىنن فەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۇرۇلىدۇ. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلھەن جىن شۇرېب فەن ياۋنەننى ئېتىپ ئۆلتۇرۇپ ھاكىميەتنى تارتىۋالىدۇ.
قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بولۇۋاتقان بىئۇ ئۆزگىرىشلەر قوزغىلاڭ ھازىئۇرلىقىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقرىدۇ…..» (162-بەت ) ۋە شۇنداق قىلىپ 1931-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلاڭى باشلىنىدۇ.
< ئويغانغان زېمىن> دا ئاپتور بەدىئىي تەسەۋۋۇر ئارقىلىق بىر تارىخنى توقۇپ چىققان بولۇپ، بۇ يۇقۇردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك تارىخىي رومانلاردا بولىدىغان ھادىسە. ئەمما، توقۇلغان بەدىئىي توقۇلما شۇ تارىي دەۋرنىڭ رېئاللىغىغا ئۇيغۇن بۇلۇش كېرەك. توقۇلما زىدىيەتسىز ۋە مەنتىقىلىق راۋاجلانغان بولۇشى كېرەك. يۇقارقى بەدىئىي توقۇلمىلاردا ئاپتور شۇ دەۋر رېئاللىغىغا چوڭقۇر چۆكۇپ تەپەككۇر قىلمىغان.
1. ئاپتورنىڭ بەدىئىي توقۇلمىسىدا خوجانىياز رۇسىيەگە ئۆتكەن ۋاقىتلار 1-دۇنيا ئۇرۇش(1914-1918) مەزگىلىرى بولۇپ، ئۇ ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىدۇ.
ئەسلىدىكى تارىخىي رېئاللىقتا، ئۇ دەۋرلەردە ئورتا ئاسىيادىن چاررۇسىيەنىڭ يەرلىك مىللەتلىرىدىن ئەسكەر قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇ دەۋردە ئورتا ئاسىيا چاررۇسىيەگە قارشى ھەر يەردە قوزغىلاڭ بولۇپ، ھازىرىقى قازاغىستا دىيارىدا چاررۇسىيەدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قوزغىلاڭ بولغان.
1905-يىللىرى «ئالاش ھەركىتى» دەپ بىر ھەركەت باشلىنىپ، 1912-يىلى ئالاش پارتىيەسى قۇرۇلىدۇ ۋە بۇ پارتىيەنىڭ يېتەكچىلىگىدە قازاقلار ۋە قىرغىزلار قوزغىلاڭ قىلىدۇ ھەمدە 1916-يىلى يەتتەسۇدىكى ئۇيغۇرلارمۇ چاررۇسسىيەگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۇردۇ. بۇ قوزغىلاڭدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار قىرىلىپ كېتىدۇ. 1917-يىلى «ئالاش ئوردا دۆۋلىتى» نى قۇرۇلىدۇ بۇ دۆۋلەت 1920-يىلغا كەلگەندە بولشېۋېكلار تەرىپىدىن ئۆرۇلۇپ سوۋېت سوتسىئالىستىك جۇمھۇريىتىگە قوشۇلىدۇ.
شۇڭا ئۇ دەۋرلەردە ھېچ بىر يەرلىك خەلق چاررۇسىيەگە مەجبۇئەر ھالەتتە بولسىمۇ ئەسكەر بولمايدۇ ھەمدە چاررۇسىيەمۇ ئۇلارنى ئەسكەركەرلىككە ئىلىپ قولىغا قورال تۇتقۇزۇشنى ئۆزىگە تەھتىتى دەپ بىلىدۇ.
2. بەدىئىي توقۇلمىدا چاررۇسىيەگە ئەسكەر بولغان خوجانىياز بولسا ھەربىي لاگىردا پۈتۈن ئىلغار قوراللارنى ئىتىشنى ھەم چۇگۇپ قۇراشتۇرۇشنى ئۆگۇنىدۇ.
< ئويغانغان زېمىن> روماندا لودۇڭدىكى جەڭنى تەسۋىرلىگەندە خوجانىياز ھاجىم دۈشمەن قولىدىكى پىلىموتنى تارتىۋىلىپ دۈشمەنگە قارىتىپ ئاتىدۇ ۋە مىرۇل مەرگەنمۇ بىر پىلىموت ئولجا ئالىدۇ. بۇ جەڭدىكى ئولجىغا ئالغان ھەممە قوراللار ما جۇڭيىڭغا ئۆتۇپ كىتىپ پەقەت شۇ ئىككى پىلىموتلا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئالغان غەنىمىتى بولۇپ قالىدۇ.
بۇ يەرلەر < ئويغانغان زېمىن> روماننىڭ 1-قىسىم 281-بەتتە مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:
» ما جۇڭيىڭ ھېلىقى كۆل بويىدىكى دەرخلىكتە سايىداپ يېتىپ، ئۇدۇلدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغان خوجانىياز ھاجىمنىڭ چىرايىغىمۇ قارىماي، ئۆزىنىڭ تۇڭچىسىغا مۇنداق دېدى: ھاجىمغا ئېيت، پىلىموتنىڭ ئىككىسىنى ماڭا قالدۇرسۇن، ئۇنىڭ ئورنىغا يۇز تال مىلتىق بېرەي.
نىمىقا؟ پىلموت بىزگە ياراشمامدىكەن؟
ياراشمايدۇ دېگەنلىگىم ئەمەس، – دېدى ما جۇڭيىڭ ئاۋازىنى يۇمشىتىپ، – بەرىبىر سىلەردە ئۆزىڭىزدىن باشقىلار پىلىموت ئېتىشنى بىلمەيدۇ.
بىلمىسە ئۆگىتىمەن، – دېدى ھاجى ئورنىدىن تۇرۇپ……» مانا بۇ تەسۋىرلەردىكى «پىلىموت» بولسا 1-دۇنيا ئۇرۇشلىرىدا ھېچ ئىشلەتمىگەن. چۈنكى . 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىشلەتكەن قوراللار تولىسى نەيزىلىك بەتلەپ ئاتىدىغا مىلتىق ۋە ئېغىر تىپتىكى بىرسى ئاتسا بىر ئوق بەتلەپ بىرىدىغان چوڭ تىپتىكى پىلىموتلار. يەنى خوجانىياز ھاجىم ئولجا ئالغان پىلىموت پەقەت 1920-يىللىرىدىن كېيىن چىققان قوراللار بولۇپ بۇ دەل خوجا نىياز 1923-يىللىرى سوۋېت تەرىپتىن ھەربى تەلىم-تەربىيە ئالغان دەۋرگە ماس كېلىدۇ. ھەمدە چاررۇسىيە ئۇ زامانلاردا ئادەتتىكى ئالغان ئەسكەرلىرىگە پۈتۈن ئىلغار قوراللارنى ئىتىشنى ئۇگۇتىپ كەتمەيدۇ، پەقەت ئازراقلا مەشىق قىلغىزۇپ، قولىغا مىلتىقنى تۇتقۇزۇپ ئۇرۇشقا سالىدىغان دەۋرلەر ئىدى.
3. روماندا خوجانىياز چاررۇسىيە ھەربىي لاگېردىن قىچىپ، ۋەلىباينىڭ ياردمى بىلەن ھەرەمگە ماڭىدۇ. ۋاقىت جەھەتتىن ھېساپلىساق بۇ 1914-1916-يىلىرىغا توغرا كېلىدۇ دىسەك. خوجانىياز ھەرەمدە 3-4-يىل قالىدۇ. ئۇنداقتا 1917-1920-يىللىرىغا توغھرا كېلىدۇ. ئۇ يەردىن قايتىپ موڭغۇل دوستىنىڭ قىشىدا ئىككى يىلغا يېقىن قالىدۇ. ئۇنداقتا تەخمىنەن 1922-يىللىرى بولىدۇ دىسەك بۇ ۋاقىت شامەخسۇت (1864 -1928)نىڭ ئاخىرقى ئۆمرى قىپقالغان دەۋرگە توغرا كەلمەيدۇ. چۈنكى ھەرەمدىن قايتىپلا ئۆزى يازغان خەتنى توقسۇنلۇق ھاجىلار بىلەن توقسۇنغا ئەۋەتكەن ئىدى. شۇنداق بولغاندا ھېساپتا ئەڭ ئاز دېگەندە ئالتە يىل كەم چىقىدۇ. بۇ يەردىكى تەپسىلاتلار بىر-بىرىگە تۇتاشمىغان. بەدىئىي ئۇنۇمگە زىت كېلىپ قالغان.
ئاپتور بەدىئىي توقۇلمىنى ئۆزىنىڭ پۈتۈن بەدىئىي ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ ئاجايىپ گۈزەل، قانچىلىك جەلىبكار قىلىپ توقۇپ چىققان بولسىمۇ، ئاپتور شۇ دەۋرنىڭ سىياسى ۋە ئىجدىمائىي رېئاللىقىغا چوڭقۇر چۆكۇپ تەشۇرۇش ئېلىپ بارمىغانمۇ ۋە ياكى ئاپتورنىڭ ئۆز ئىمكانلىرى يار بەرمىگەنمۇ، ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا تايېنىپ توقۇلغان بەدىئىي توقۇلمىدا يۇقارقى ئاجىزلىقلار كۆرۇلگەن. بىز ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئىشقا سېلىپ مەنتىقىلىق تەشۇرۇش ئىلىپ بېرىپ، تەنقىدىي نەزەرىمىزگە خىتاپ قىلىدىغان بولساق، بۇ ھېكايىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ئاجىز، مەنتىقىسىز، باش ئايىغى زىددىيەتلىك توقۇلما ئىكەنلىگىنى بايقايمىز.
3. مېنىڭ نەزىرىمدىكى خوجانىياز ھاجىم
خەلقىمىزنىڭ مۇنەۋەر ئوبزورچىسى، ئەدىب، مائارىپچى يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ <تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما> ناملىق كىتابىدىكى » <ئويغان زېمىن> دىن ئويغانغان پىكىرلەر» ناملىق ئوبزورىدا مۇنداق دەيدۇ (19-بەت):
» …خوجانىياز ھاجىمنىڭ قوپال، سۇرلۇك، قارام، تەرسا، ساددا، ئاق كۆڭۇل، نادان، مەردانە بولغان خاراكتېر ئالاھىدىلىكى زوقلانغۇچىلارغا ئىشەنچىلىك، چىن تۇيۇلىدۇ. يازغۇچى خوجانىياز خارەكتېرىنى يارىتىشتا، كىشلىك خاراكتېرىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارلىغۇچى ئەپچىل دېتاللاردىن ۋە پىسخىكىلىق تۇس قويۇق سۆز-جۈملىلەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، دېھقانلار قوزغىلاڭىنىڭ بۇ قارام داھىسىنىغا ھەقىقىي ئىنسانى تۇس بەخش ئەتكەن. شۇنچە زور قوزغىلاڭغا تۇتۇش قىلغان تۇرۇقلۇق، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئاخىرىقى نىشانىنىمۇ ئېنىق بىلمەيدىغان ، ھەتتا بايراق لاھىلەشنى ئويلاپ يېتەلمىگەن، ئېزىلگەن خەلقنىڭ بېشى تۇرۇقلۇق، دۈشمىنىگە قول بەرگەن بۇ ساددا باشچىنىڭ خاراكتېرى يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئاستىدا پەردازلىنىپ، مەدىھىلەن گەن بولسىدى، چوقۇم ئۇ جانسىز، ساختا مەبۇدقا ئايلىنىپ قالغان بولاتتى. ئۇ چاغدا چىنلىق ئاساسى بولمىغان پۈتۈن ئەسەرنىڭ ئىجتىمائىي ئۇنۇمىنى تۆۋەنلىۋېتەتتى. مۇئەيەن تارىي ئاڭغا ئىگە، تارىي بۇرچ تۇيغۇسى كۈچلۇك بولغان مەس ئۇلىيەتچان يازغۇچى بۇ خىل ئاقىۋەتكە يول قويمىغان. ئەلۋەتتە، ھەقىقەتنى قىزغىن سۆيگەندىلا، ئاندىن ھەقىقەتنىڭ قۇچاقلىشىغا مۇيەسسەر بولغىلى بولىدۇ.» دەپ يازىدۇ.
ئاپتورنىڭ بەدىئىي توقۇلمىلېرىدىكى ئاجىزلىقلار سەۋەبىدىن خوجانىياز ھاجىمنىڭ ئوبرازى ھەقىقى ئىپادىلەنمىگەن بولغاچقا، ئەنە ئاشۇنداق مۇنەۋەر ئوبزورچىلىرىمىزمۇ خوجانىياز ھاجىمغا خاتا باھا بىرىشتەك خاتالىقلار سادىر بولغان. ئۇنداقتا خوجانىياز ھاجىم ھەقىقەتەن «نادان»، «قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىمۇ ئېنىق بىلمەيدىغان» «ھەتتا بايراق لاھىلەشنى ئويلاپ يېتەلمىگەن» تارىخىي شەخسمۇ؟ قېنى بۇنىڭغا تارىخىي پاكىتلار جاۋاپ بېرىپ باقسۇن.
«شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسىلەر»ناملىق كىتابنىڭ » 155-بەتتىكى «خوجانىياز ھاجىمنىڭ پائالىيەتلىرى» دېگەن قىسمىدا مۇنداق يېزىلغان:
«خوجانىياز كىچىكىدىن كەم سۆز، تېز ئاچچىقى كېلىدىغان، زېرەك، ئۇچرىغان ھادىسە، ۋەقەلەرنى تېز تەھلىل قىلىپ ئۇلگىرەلەيدىغان، ئۆتكۇر، قاۋۇل ھەم يۇرەكلىك بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئۇستازىدىن كۆپ سۇئال سورايتتى» ۋە يەنە يۇقاردا بايان قىلغىنىمىزدەك
«رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ دەسلەپكى قۇرۇلغان < كالتە چاپانلار تەشكىلاتى >، < مەدەنىيەتپەرۋەرلەر تەشكىلاتى > ۋە < ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى > نىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھەمدە 3-ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىلى ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ قاتارلىق بىلەن كۆرۇشرى ۋە سۆھبەتتە بولىدۇ.» دەپ يازىدۇ. دېمەككى شۇ دەۋەرلەردە خوجانىياز ھاجىم ئابۇللا روزىباقىيۇۋنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
ئۇنداقتا ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ كىم؟
مەرھۇم مەسۇمجان زۇلپۇقار ئاكىنىڭ » سەراپ» ناملىق كىتاتىۋىدا مۇنداق بايانلار بار.
» بىر كۈنى ئەخمەت ئەپەندىم (ئەخمەتجان قاسىمى): ئابدۇرېھىم ئاكا (ئابدۇرېھىم ئەيسا)، ۋاختىڭىز يار بەرسە، بىزنىڭ ئۆيگە قەدەم تەشىرىپ قىلامسىزكىن؟ دېدى . شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئۇستەل يېنىدا قاتار ئولتۇردى. ئەخمەت ئەپەندىم شىكافىدىن بىر پاپكىنى ئېلىپ، ئۇستەلگە قويۇدىدە، ئۇنىڭ ئىچىدن ماشىنىدا بېسىلغان ئون ۋاراق ماتېريالنى ئېلىپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مانا بۇ ئۇستازىم ئابدۇللا ئاكىنىڭ 1934- 1937-يىللىرى موسكۋا كومپارتىيە ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇپ يۇرگەن ۋاقىتتا يازغان ئەسلىمىرى ئىكەن. بۇنى ماڭا 1937-يىلى فاكۇلتەت مۇدىرىمىز: ئابدۇللا روزاباقىيۇۋنىڭ بۇ ئەسلىمىسى بەلەن تونۇشۇپ قويۇڭ – دەپ بەرگەن ئىدى. ئارىدا مۇنەۋۋەر پېشىۋايىمىز خەلق دۈشمىنى» بولۇپ قارلىنىپ، رېپرېسسىيا قۇربانى بولدى…..ئەخمەت ئەپەندىم شۇ قەدەر ئىزھار قىلىدىكەن. ئۇ ماتېريالنىڭ كۆچۇرمىسىنى ئېلىپ، پىنھان ساقلاپ يۇرگىنىنى، 1942-يىلى مەخسۇس تاپشۇرۇق بىلەن ئانا يۇرتقا سەپەر قىلىش ئالدىدا ئالمۇتا ئوبلۇسىنىڭ ياركەنت ناھىيەسىدە تۇرىدىغان ئانىسى بىلەن خوشلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگىنىدە ئۆزىنىڭ كىتابلىرى، ھۆججەتلىرى قاتارىدا ئەسلىمىنى ئامانەت قىلىپ قويغان ئىكەن. 1946-يىللىرى ئەخمەت ئەپەندى خىزمەت بىلەن ئالمۇتىغا كەلگىنىدە ئانىسىنى زىيارەت قىلىپ، مەلۇم كىتاب ۋە ھۆججەتلىرى قاتارىدا ئەسلىمىنى ئېلىپ كەلگىنىنى سۆزلەپ بەردى- دە، بۇنى ئاڭلاپ قويۇشلا ئەمەس، ئەمەلىي ئىشىمىزدا ئىجابىي پايدىلىنىشقا توغرا كېلەر، ئۆزەم ئوقۇپ بىرەي- دەپ ئوقۇشقا باشلىدى.
مەن ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ 1897-يىلى ئالماتا يېزىسىدا يېزا مۇئەلىمى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1900-يىلى ئالماتا شەھىرىگە كۆچۆپ كەلگەن…………» (2-قىسىم 323-بەت)
بۇ ئەسلىمە بەك ئۇزۇن بولغانلىغى ئۈچۈن مەن ئۆزەم قىسقارتىپلا ئوقۇرمەنلەرگە ئاساسىي مەزمۇنىنى بايان قىلاي.
1918-يىلى ئالماتا شەھەرلىك پارتىيە تەشكىلاتى رەسمى تەشكىل قىلىنغاندا، ئۇنىڭ بىرىنچى قىتىملىق مەجلىسىدىلا يەرلىك خەلقلەردىن دەسلەپتە پارتىيەگە كىرگەن ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ، يۇسۇپ ئەخمەتوۋ، تاخەن ئۇتېلوۋلار رەھبەرلىك ھەييىتىگە ئەزا بولدى. ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتنىڭ بۇرو ئەزاسى سۇپىتىدە خىزمەت قىلدى. ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ بۇ جەريانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىستىقپالى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شۇ چاغدا «ئالتە شەھەر – جۇڭغار ئىتتىپاقى» قۇرۇلغان ئىدى. ئەمما، بۇ تەشكىلات ناھايىتى تارقاق ھالدا پائالىيەت ئېلىپ باراتتى. بۇ تەشكىلاتنى بىر مەزكەزگە توپلاش ۋە بېقىندۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىدىيىۋى جەھەتتىن بىر يولغا سېلىش، كەلگۇسى ئىنقىلاۋى ھاياتىنى ھېساپقا ئالغان ھالدا، ئۇلارنى تەشكىلى جەھەتتىن تېخىمۇ مۇستەككەملەش مەخسىتىدە كومىتىتنىڭ تۇرك بۇروسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۇركىستان ئالتە شەھەر – جۇڭغار ئىشچىلىرىنىڭ بىرىنچى يېغىنىنى چاقىرىشقا توغرا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن تۇركىستان كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتتىتنىڭ مىللەتلەر بۆلۇمى قارمىغىدا «ئالتە شەھەر – جۇڭغار ئىنقىلاۋى ئىتتىپاقى» مەركىزى تەشكىلى بۇروسى تەيىنلەندى. باشلىغى ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ بولۇپ بەلگىلەندى. بۇ تەشكىلات نامىدىن ئالماتادا «كەمبەغەللەر ئاۋازى» ناملىق گېزىت چىقىرىپ، بۇ گېزىتلەردە ئابدۇللا روزىباقىيۇۋنىڭ شۇ دەۋردىكى مۇھىم مەسىللەر ئۇستىدە توختۇلۇپ يازغان ماقالېلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىلان قىلىندى.
1921-يىلى 3-ئىيوندا تاشكەنتە تۇركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 99 تارانچى-قەشقەرلىكلەر، ئون خۇيزۇ، ئۈچى خنزۇ، ئىككىسى تاتار ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولۇپ، بۇلارنىڭ يېگىرمە ئىككىسى دېھقان، 55 كاسىپلار، ئون سەككىزى ئىشچىلار، ئون يەتتىسى زىيالىلار، ئونى ھەربىيلەر بولۇپ جەمى 117 ۋەكىلنىڭ قاتنىشى بىلەن قۇرۇلتاي داغدۇغۇلۇق ئىچىلىپ، كۈنتەرتىۋى مۇنداق بولغان:
1. خەلق ئارا مەسىللەر ۋە جوڭگوئۇنىڭ ئەھۋالى.
2. مەركىزى بۇرونىڭ ھېساۋات دوكلاتى.
3. جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ دوكلاتى.
4. تەشكىلى مەسىلە.
5. مىللى مەسىلە.
6. ئىنقىلاۋى ئىتتىپاقنىڭ يىقىن ئارىدىكى ۋەزىپىسى.
7. ئىنقىلاۋى ئىتتىپاقنىڭ مەركىزى كوممىتتىتىنى سايلاش.
بۇ قىتىمقى يېغىندا «ئالتە شەھەر – جۇڭغار ئىتتىپاقى» نى «ئۇيغۇر ئىنقىلاۋى ئىتتىپاقى» قىلىپ ئۆزگەرتى. بۇنىڭ بىلەن شۇچاغدىكى «تارانچى»، «ئالتە شەھەرلىك» دەيدىغان ئۇقۇملارغا خاتىمە بىرىلىپ، ھەممىسىنى «ئۇيغۇر» دىگەن بۇ شەرەپلىك نام ئاستىدا ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە ئىجرايىيە كومىتتىتنىڭ ئەزالىرى سايلىنىپ چىقىلدى. ئۇلار:
ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ، ئەخمەدوق، پولات خوجايۇۋ، ئىسمايىل تايىرۇۋ، ماخمۇدۇۋ، توختايۇۋ، ئەمىرۇۋ قاتارلىقلار. شۇ چاغدا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغانلارنىڭ سانى 3000 يېتىپ بۇنىڭ ئىچىدە 200 دىن ئارتۇقى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئىدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەخسىدى:
1. ئالتە شەھەر – جۇنغاريەدىكى ھەممە ئەمگەكچىلەرنى ئىنقىلاۋى ئىتتىپاق ئاستىغا بىرلەشتۇرۇش.
2. كەڭ خەلق ئاممىسىغا سىنىپىي ئاڭنى سىڭدۇرۇش ۋە كەلگۇسىدە قەشقەريەدە بولىدىغان ئىنقىلابقا جەڭگىۋار ئاۋان گارتلارنى تەيارلاش.
3. خەلقنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە ساۋاتىنى چىقىرىش ئۈچۈن سىياسى ۋە مەدەنىي ئاقارتىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بىرىش. قەشقەر – جۇڭغار ئاممىسى ئىچىدە بۇ ئىشنى ئېلىپ بېرىش زەربىدار ئىش دەپ تۇيۇلسۇن.
4. جايلاردىكى ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقلىرى ئىچىدە پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇش؛ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق سويۇز ئەزالىرىغا كپممۇنىستىك تەربىيە بېرىلسۇن.
5. پۈتكۇل ئىنقىلابى ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ئىنقىلابى ئىتتىپاقتا بولمىغان ئامما ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش. بۇ كەلگۇسىدە قەشقەردە ئىشلەپچىقىرىش كەسپى بىرلەشمىلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ئاساس بولسۇن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىشلارنىڭ پائال ۋە ئۇنۇملۇك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» مۇستەققىل تەشكىلات سۈپىتىدە تۇركىستان كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتىتنىڭ قارمىغىدا بولىدۇ ۋە مائالىيە مەسىلىسى ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىكۇملار تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ. دىمەك مۇشۇنىنغا ئوخشاش نۇرغۇن قارارلار ئىلىنغان.
بۇ تەشكىلات ئەينى دەۋردە خەلقنىڭ مەدەنىي مائارىپ ساھالىرىدىكى مەسىللەرنى ھەل قىلىشتا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان. مەسىلەن: ئالماتا يېزىسىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپ ئىچىلغان. ياركەنتتە بولسا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ سانى ئونبەشكە يەتكەن. بىشكەكتە تۆت مەكتەپ ئىچىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ساۋاتسىزلىقنى يوقۇتۇش كۇرسىلىرى ئىچىلغان.ئۇنىڭدىن باشقا ئالماتادا بىر قۇلۇب سېلىنغان ۋە قىرائەتخانا، چايخانا، ئاشخانا قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلار قىلىنغان. ئەڭ مۇھىمى شۇ چاغدا بۇ ئىتتىپاقنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئالتە شەھەر – جۇڭغار ئۇيغۇر ياشلىرى تاشكەنت، باكۇ، قازان، موسكۋا، لېنىن گراد، ئالماتا ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئالى بىلىم يۇرتلىرىغا ئەۋەتىلىنىپ تەربىيەلەنگەن.
شۇ چاغدىكى قۇرۇلتاينىڭ قارارىغا ئاساسەن قۇرۇلتاي ئەزاللىرىدىن ئىسمايىل تايىرۇۋ ۋە ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ قاتارلىق ئۈچ ۋەكىل موسكۋاغا بىرىپ ئۆز تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا يول ئالىدۇ. ئەمما شۇ چاغدىكى لېنىن باشچىلىغىدىكى مەركىزى بۇرو ئۇلارنىڭ ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تەلىۋىنى ھەر خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن خۇددى كىيىنكى ئىشلاردەك رەت قىلىدۇ ۋە توققۇز ئايدىن كېيىن بۇ تەشكىلاتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بۇيرىقىنى چىقىرىدۇ. ئەمما، ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ ئۆز يولىدىن ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ ئۇ «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» نىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.
1938-يىللىرى سىتالىن تەرىپىدىن «يەرلىك مىللەتچى» دەپ قولغا ئېلىنىپ، ئىتىپ ئۆلتۇرىلىدۇ.
ئەخمەتجان قاسىمىي ۋە ھوجانىياز ھاجىملار بولسا ئابدۇللا روزىباقىيۇۋنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھەر ئىككىلىسى ئۆز ۋاختىدا ئابدۇللا روزىباقىيۇۋنىڭ ئىلغار ئىدىيەلىرىنى قوبۇل قىلغان. ھەر ئىكككىلىسى ئۆز ئىمكانلىرىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ئۆز مىللىتىنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە بۇ يولدا قۇربان بولغان.
خوجانىياز ھاجىمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى دەۋر دەل «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» نىڭ پائالىيەتلىرى تازا راۋاجلانغان دەۋرلەرگە توغرا كىلىدۇ. شۇ چاغدا خوجانىياز ھاجىم ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ بىلەن كۆرۇشكەنلىگى توغرىسىدا يۇقاردا «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسىلەر» ناملىق كىتاۋىدىن ئۇزۇندە ئالغان ئىدۇق. بۇ تارىخىي رېئاللىق «سەراپ» ناملقى كىتابتىمۇ بۇنداق يېزىلىدۇ:
«…….1913-يىلدىن 1923-يىلغىچە رۇسىيەدە پانا تاپىدۇ. يەركەنتىكى ۋەلىباينىڭ قولىدا ئوۋچىلىق قىلىدۇ ۋە ئارمىيەگە ئەسكەرلىكە ئالغاندا ھەربىي سەپتە بولىدۇ. 1920يىللىرى خوجانىياز ھاجىم يەتتەسۇدا ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ باشچىلىغىدا «ئۇيغۇر ئىنقىلاۋى ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندا جۇڭغار ئىشچىلىرى قاتارىدا «ئۇيغۇرئىنقىلاۋى ئىتتىپاقى» تەشكىلاتقا ئەزا بولىدۇ. 1931-يىلى قۇمۇل خەلقى قوزغالدا، قوزغىلاڭنىڭ باشلىغى بولىدۇ» (1-قىسىم 9-بەت)
خوجانىياز ھاجىم ئابدۇللا روزىباقىيۇۋنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان شەخس بولۇپ
خوجانىياز ھاجىم بىلەن ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ ئۆلۇمى ئوخشاش بىر يىلدا ، 1938-يىلى سىتالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ. ھەتتا خوجانىيازنى ئۆلتۇرۇش ئۈچۈن موسكۋادا مەخسۇس ئۈچ جاللات كەلگەن.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۇملۇم يازغۇچىسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۇرنىڭ <ئويغانغان زېمىن> ناملىق روماندا مۇنداق ئالتۇن قۇرلار بار:
«سەنلەر زادى نېمە قىلماقچى؟ مەن سوۋېت ھۆكۇمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن، ستالىن جانابلىرىنىڭ مەدەتكارلىقى بىلەن قوزغىلاڭ قىلغان. مەن شۇ يۇرتتا ئۇرۇش تۆگەپ تىچلىق بولۇشنى ئۆزۇم خالاپ، يەنە شۇ ستالىن جانابلىرىنىڭ كونسىلىدىن ئېيتقۇزغان گېپىنى قۇلىقىمدا چىڭ تۇتۇپ، شېڭ دۇبەن بىلەن ياراشتىم، ئۈرۇمچىگە كەلدىم، مەن سوۋېت ھۆكۇمىتىگە، ستالىن جانابلىرىگاھا خۇداغا ئىشەنگەندەك ئىشەنگەن. ئەمدىزە، سوۋېتكە قارشى ئادەم بولۇپ قالدىمما؟…» ( 2-قىسىم 481-بەت)
مانا بۇ بايانلاردىن خوجانىياز ھاجىم شۇ دەۋردە خۇددى ئابدۇللا روزىباقىيۇۋتەك پۈتۈن ئۇمىدىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا باغلىغان ۋە ئۇلارنىڭ تەربىيەلىشى، يېتىلدۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن پىلانلىق ھەركەت قىلغان ھەتتا ما جۇڭيىڭدىن يۇز ئۆرۇپ، جاللات شېڭ شىسەي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ھەتتە سابىت داموللامنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ، شېڭ شىسەيگە ئاپىرىپ بېرىش ئارقىلىق «ش. ت. ئى. ج»نى بۆشۇگىدىلا تۇنجۇقتۇرۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن سوۋېتنىڭ بىر مەيدان ئۆز قولى بىلەن تەيارلېغان تراگېدىيەلىك ئويۇن ئاخىرلاشقان. خۇددى گېرمان پەيلەسوپىي گېگېل :»ئىنسانلارنىڭ تارىختىن ئالىدىغان دەرسى، پەقەت تارىختىن ھېچ دەرس ئالالمايدىغانلىغىدۇر» دىگېنىدەك، خوجانىياز ھاجىم تۆمۇر خەلپەنىڭ ئۆلۇمىدىن ھېچ دەرس ئالالمىغان دەرسنى بىزگە قالدۇرۇپ قويۇپ كەتتى.
تارىخىي تۇيغۇلىرى يۇقۇرى، پەرق ئىتىش قابىلىتىگە ئىگە كىتابخانىلار يۇقارقى تارىخىي ۋەقەلەرنى بىر بىرسىگە باغلاپ، سىياسى ۋە ئىجدىمائىي رېئاللىققا چوڭقۇر چۆكۇپ تەپەككۇر قىلساق، كىتابتىكى ئەمىلىيەت بىلەن رېئاللىقنى پەرقلەندۇرەلەيمىز. بۇ يەردىكى رېئاللىق بولسا ئۆز ماھىيىتى بىلەن مەھجۇت بولغان ئەمەلىيەتتۇر.
گېرمان پەيلەسوپىي ئارتۇر شوپېنخاۋىر (1788 – 1860) «ئەگەر سىز باشقىلارنىڭلا كىتابىنى ئوقىۋىرىپ، ئۆزىڭىز تەپەككۇر قىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ بۇ كاللىڭىز باشقىلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ بەيگە مەيدانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ» دەيدۇ.
شۇڭا بىز تارىخىي رومانلارنى ئوقۇغاندا تارىي ۋەقەلەر ۋە بەدىئىي توقۇلمىلارغا قاراپ، يارىتىلغان ئاجايىپ ئوبرازلار، پېرسوناجلار ۋە ئۇلارنىڭ دىيالوگلىرىدىن خاسلىق، بايان، تەسۋىردىكى جانلىقلىق قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ ئۆز ھوشىمىزنى يوقۇتۇپ قويماي، بەلكى ئۆزىمىزنى تۇتېۋىلىپ ئەستايىدىللىق بىلەن شۇ دەۋر رېئاللىقىغا چوڭقۇر چۆكۇپ، چوڭقۇر تەپپەكۇر قىلساق ئەمەلىيەت بىلەن بەدىئىي توقۇلمىنىڭ يۇغۇرلىشىدىن پەيدا بولغان بىلگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئەگەر تارىخى رومانلاردا ئەنە ئاشۇنداق ئاجىزلىق كۆرۇلسە بىز يا تارىخ ھەققىدىن ھەققى بىر بىلىمگە ئىگە بولالمايمىز يا ھەققى بىر ئېستېتىك زوق ئالالمايمىز.
تارىخىي شەخسلەرگە باھا بەرگەندە ئەمەلىيەتكە ئەمەس بەلكى شۇ ئەمەلىيەتنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىشىمىز لازىم. ئەنە ئاشۇنداق قىلغاندا روماننى ئوقۇپ تۇيغۇمىزدا بىۋاستە زاھىر بولغان دۇنيا بىلەن ھەقىقى شۇ دەۋرنىڭ رېئاللىقى ئارىسىدا ناھايىتىمۇ زور پەرقنىڭ بارلىغىنى بايقايمىز. بۇ ئارقىلىق خوجانىياز ھاجىمدىن ئىبارەت بىر گېگانىت تارىخى قەھرىمانغا قايتا باھا بېرىشقا مەجبۇر بولىمىز. خۇددى ئاپتور رومانىنىڭ ئاخىرىدا خۇلاسلىغىنىدەك: (2-قىسىم 485-بەت)
«ياق سەن، ئاللاھنىڭ ئالدىدا، ئەل-يۇرتنىڭ ئالدىدا، مىللەتنىڭ ئالدىدا گۇناھكار ئەمەس! سەن ئۆزەڭنىڭ ئىنسانىي – ۋىجدانىي بۇرچۇڭنى، تارىخىي بۇرچۇڭنى ئادا قىلدىڭ. بۇ ھەسرەتلى ئاقىۋەت، بۇ قانلىق پاجىئە زاماندىن كەلدى. مۇھىتتىن كەلدى، نادانلىقتىن كەلدى………………….
كەلگۇسى ئەۋلاد سېنى ۋە سىلەرنى ئۇنتۇمايدۇ. تارىخ چوقۇم بىر كۈنى ئادىل ھۆكۇمنى تەنتەنە بىلەن جاكارلايدۇ.»
خوجانىياز ھاجىم ئۆتكۇر سىياسى پىكىرلىرى، يۇكسەك ھەربىي ماھارەتكە ئىگە، ئەقىل-پاراسەتلىك، كىرىزىس تۇيغۇسى كۈچلۇك، مىللەتكە بولغان مۇھەببىتى ئەڭ چوڭقۇر، ئېتىقاد ۋە ئەقىدىسى تېرەن، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان، مىللىي مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۇك، تەنقىدىي روھقا باي،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن ئۆز ھايتىنى تەغدىم قىلغان، ئۇيغۇر خەلقى ئىپتىخارلىق بىلەن ئەسلەيدىغان ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باھادىر ئوغلانىدۇر.
ئەپسۇس خوجانىياز ھاجىم ئەينى دەۋردىكى مۇرەككەپ سىياسى، ئىجدىمائىي ۋەزىيەتتە، خىلمۇ-خىل پىكىر يوللىرى، خىلمۇ-خىل قىلتاقلار ئىچىدە چارىسىز قىلىپ، شۇ نادانلىق، زۇلمەت قاپلىغان قاراڭغۇ جەمىيەتتە ئېزىتقۇغا ئۇچرىغان ۋە شۇ دەۋردىكى سوۋېت ھۆكۇمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىگە بولغان سىياسىتىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.
خاتىمە:
خوجانىياز ھاجىمنىڭ تراگېدىيەلىك ئۆلۇمىدىن كېيىن ئالتە يىل ئۆتۇپلا ئىلىنىڭ نىلقا تاغلىرىدا «ئاتاڭ ئەر، ئەردەك قىلىق قىل!» دىگەن ئۇيغۇرنىڭ ئالتە باھادىر ئوغلانلىرىنىڭ ئات تۇياقلىرى تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىنى زىل-زىلگە سالدى. تەڭرىتاغدىن كۆتۇرلگەن ئات تۇياقلىرىنىڭ ياڭراق ئەكس ساداسى پۈتۈن ئانا يۇرتنى قايتىدىن ئويغۇتىۋەتتى. تارىخىي ئەھمىيەتلىك بولغان ھەربى يۇرۇشلەردە، ئازاتلىق، ھۆرلۇك ئۈچۈن شىجازەت ۋە جاسارەت مەيدانىنىڭ چەۋەندازلىرى مىنگەن ئارغىماقلىرى بىلەن دۈشمەن ستىكاملىرىغا شىددەت بىلەن ئېتىلدى. ئۇرۇش مەيدانىدا ھەرقانچە مۇشاقەتلەرگە دۇچ كەلسىمۇ، پىسەنت قىلمىيدى. زىمىستان سوغاقلاردا، بىپايان چوللەردە يۇرگەندە، باھادىرلىرىمىز ئات ئۇستىدە يولۋاستەك مۇستەككەم ئولتۇرۇپ، دۇشمەن سەپلىرىنى يىرىپ تاشلىدى. دۈشمەننىڭ توپ زەمبىرەكلىرى مىللىي ئارمىيەنىڭ جاسارىتى ئالدىدا ھېچ نىمىگە ئەرزىمىدى. 1945-يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان قىسقىغىنە تۆت ئاي ئىچىدە بىر مىليون ئاھالىسى بار بولغان 300 مىڭ كم² زىمىننى ئازات قىلدى. ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان ھەمدە كۈچلۇك ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان دۈشمەن ئارمىيەسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.
مانا مۇشۇنداق شىجاسەت بىلەن شىددەتلىك ئىلگىرلەۋاتقان مىللىي ئارمىيە ماناس دەريا بويىغا كەلگەندە، ئالغا ئىلگىرلەشكە يول قويۇلمىدى. چۈنكى تارىي سەھنىلەر ئىككىنچى قىتىم يەنە باشقىلار تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ، تېياتىر باشلانغان ئىدى.
1949-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق رەھبەرلەر ئايروپىلان ۋەقەسىدە قۇربان بولدى ۋە ئونمىڭلىغان قەھرىمان ئوغول-قىزلىرىمىزنىڭ قان داڭلىرى بىلەن بويالغان سەھنە پەردىسى ئاستا يېپىلدى. گېرمان پەيلاسوپى گېگېل مۇنداق دىگەن :» تارىخ ئىككى قېتىم تەكرارلىنىدۇ. بىرىنچى قىتىملىقى تراگېدىيەلىك بولسا، ئىككىنچى قىتىم مەسخىرلىك بولىدۇ»
تارىخنى بىلىملىك ئىنسانلارنىڭ ئەقىل بۇلىغى ئاچىدۇ. ئېچىلغان تارىخ بولسا ھەقىقەتنىڭ ئەڭ ياخشى مىزامى. تارىخ داۋاملىق يورۇقلۇققا قاراپ، ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخىنىڭ يېڭىدىن يېڭى پەلسىگە يۇكسىلىشى بىلەن رېئاللىق ئەمەلىيەت ئۇستىدىن، ھەقىقەت ساختىلىق ئۇستىدىن غەلبە قىلىدۇ.
تارىخىي تۇيغۇمىز راۋاجلىنىش يولىدا خەلقىمىزنىڭ كەلگۇسى ئۈچۈن ھارماي-تالماي كۈرەش قىلغان ھەقىقەت جەڭچىلىرى جۈملىدىن تۆمۇر خەلپە، خوجانىياز ھاجىم ۋە ئەخمەتجان قاسىملارنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلىرى ھۆرمەت بىلەن خاتىرلىنىدۇ.
تارىخنىڭ تراگېدىيە ۋە مەسخىرلىرى بىزنىڭ تارىخىي تۇيغۇ ۋە ئازاپ ئېڭىمىزنى ئويغۇتۇپ، بىزدە ئۆز-ئۆزىدە ئويلىنىش تۇيغۇسى، مۇستەققىل تەپەككۇر قىلىش تۇيغۇسى، ئەمەلىيەت بىلەن رېئاللىقنى پەرق ئېتىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۇرۇپ، بىزنى مەنىۋى جەھەتتىن تاكاممۇللاشتۇرۇپ، روھىمىزنى تېرىلدۇرىدۇ. بۇ تەرەققى قىلىپ، بىزنى ئەركىن، مۇستەققىل ئىدىيە تىكلەش يولىغا باشلايدۇ. مۇستەققىل ئىدىيە بىز ئۈچۈن يورۇقلۇق قىيامىدىكى قۇياشتەك بىباھا.
بۇ ماقالە ئۈچۈن پايدىلانغان ماتېرياللار:
«ئويغانغان زېمىن» (ئابدۇرېھىم ئۆتكۇر)
“ئىز” ( ئابدۇرېھىم ئۆتكۇر)
«تۇركىستان قايغۇسى» (ئىلىخان تۆرە)
«شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسىلەر» (شېرىپ خۇشتار)
«سەراپ» (مەسۇمجان زۇلپۇقار)
“تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما” (يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ)
گېرمانىيە
06.11.2016
مەنبە: باغداش مۇنبرى