«ئىزدىنىش» رومانىدىن ئەلا ئوبرازىغىچە

ئۆمەرجان ئابلەت
ئىزدىنىش رومانى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات باسقۇچىدا مەيدانغا كەلگەن يىتۈك ئەسەرلىرىمىزدىن بىرى ھېسابلنىدۇ،بۇ رومان 1983-يىلى پەخىرلىك يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر تەرپىدىن يېزىپ نەشىرگە تەييارلانغان بولۇپ جەمئي ئىككى قىسىم يېزىلغان. مەزكۇر روماننىڭ بىرىنچى تومى 1987-يىلى ۋاڭ يىجى ماشۆجۈەن قاتارلىقلار تەرپىدىن خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنىپ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان، 2013-يىلىغا كەلگەندە تەرجىمان غالىب خالىقجان ئىككىلا قىسمىنى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىپ بۇ روماننىڭ تەسىر دائىرسىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن. زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ھېكايە يېزىش بىلەن باشلانغان،كېيىنچە ئۇ پوۋېسىت،رومان ئىجادىيەتلىرىنىمۇ ئېلىپ بارغان. بۇ رومان ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭ ئىجادىي ھاياتىدا ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، بۇ رومان پېرسوناژ يارىتىش، ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەسەر تىلى قاتارلىق جەھەتلەردىن قارغاندىمۇ يازغۇچىنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ھالدا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. رومان ۋەقەلىكى بەدئىي توقۇلما ئارقىلىق زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسى ۋە ئىزدىنىش يوللىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
روماندا ئاساسلىق قىلىپ ئەلا،ھاشىر،گۈزەلئاي،ئوسمان،قۇرماش،نامەت قاتارلىق پېرسوناژلار يارتىلغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە ئەلا ئوبرازى كىشنى ئەڭ جەلىپ قىلىدۇ ۋە قايىل قىلىدۇ. مەن بۇ يەردە نۇقتىلىق ھالدا ئەلا ئوبرازى ۋە ئۇنىڭ بەدىئي مۇۋاپىقىيىتى توغىرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلىپ سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
ئەلا ئوبرازى ئەسەردىكى ئەڭ ئاساسلىق پېرسوناژ بولۇپ ئەسەر ۋەقەلىكى ئەلانىڭ ئىش-ھەركەتلىرى ئاساسىدا كېڭىيىپ،راۋاجلىنىپ بارغان، شۇنداق دېيىشكە بولدۇكى، ئاپتور بۇ ئوبرازغا ئۆزنىڭ كىشلىك دۇنيا قارىشىنى سىڭدۈرگەن. ئەسەر بىر نەچچە ياشنىڭ سەپىرى بىلەن باشلىنىدۇ ۋە بۇ جەرياندىكى ئىش-ھەركەت، دېئالوگلار ئارقىلىق بۇ پېرسوناژلانىڭ خاراكتېرى گەۋدىلىنىدۇ. بىز ئەسەر بېشىدىلا ئەلانىڭ خاراكتېرى ھەققىدە بىر ئاز ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز. ۋەقەلكنىڭ راۋاجلىنىشغا ئەگىشىپ ئەلا ئوبرازىمۇ قېنىقلىشىپ بارىدۇ، مەن ئەلا ئوبرازىنى تۆۋەنىدىكىدەك بەش نۇقتىغا يىغىنچاقلىدىم:
1- ئەلانىڭ بىلم ئىگەللەشكە بولغان كۈچلۈك تەلپۈنۈشى :
ئەلا كىچكىدىن تارتىپلا بىلمگە ئىنتايىن ھېرىسمەن بىر بالا ، بۇنى بىز بىرىنچى بابتىكى ئاپتورنىڭ بىر پارچە قىستۇرما بايانىدىن بىلىۋالالايمىز، يەنى ئەلا كىچكىدە مەدىرىستە ئوقۇيدۇ، ئۇ يەردە موللامنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويغانلىق سەۋەبلىك قايتا ئوقۇشقا ئېلىنمايدۇ، ئەمما ئۇ مەدىرستىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن مەھەللىسىدىن خېلى يىراق بولغان پەننىي مەكتەپتە ئوقۇشتا چىڭ تۇرىدۇ ، دادىسىنى يولنىڭ يىراقلىقىنى ئېيتقاندا ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆزىنىڭ مېڭىپ بېرىپ كېلىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيىتىدۇ ۋە ئەتىسىدىن باشلاپ دادىسى كۆرسۈتۈپ بەرگەن يولنى بويلاپ ئوقۇشقا بارىدۇ، يولدا بىر نەچچە ئۆستەڭنى كېچىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىغان بولۇپ ئەتىگىنى سوغۇق جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئۇ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭغا چىدايدۇ ھەم ئوقۇشنى ئويلىساملا ئىچىمگە ئىللىق بىر سېزىم يۈگۈرەيدۇ دەيدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ئەلا مەيلى ئۈرۈمچىدە بولسۇن، مەيلى لەنجۇدا بولسۇن ۋە ياكى بېيجىڭدكى چېغىدا بولسۇن بىرىنچى بولۇپ كىتابخانىغا يۈگىرەپ شۇ يەردە بىر كۈن كىتاب ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، 1960-يىللىرىدكى قەھەتچىكلەردىمۇ، گەننەنگە ئەمگەككە چۈشكەن جاپالىق كۈنلەردىمۇ بىلىم ئېلىشنى، كىتاب ئوقۇشنى بوشاشتۇرۇپ قويمايدۇ. كىشنى ئەڭ تەسىرلەندۈردىغان يېرى شۇكى ئۇ گەننەندىن قايتىپ كېلەشىدە يېنىدىكى قىرىق نەچچە يۈەن پۇلنى ۋە ئۇچىسىدىكى بىردىنبىر جۇۋىسىنى شۇ يەرلىك بىرىنىڭ قولىدىكى مەشھۇر تارخچى شەرپىدىن ئەلى يەزەمنىڭ «زەپەرنامە» ناملىق كىتابغا تېگىشىپ قايتىپ كېلىدۇ، يولدا قاتتىق سوغۇققا ئۇچۇرغان بولسىمۇ ئەسلا پۇشايمان قىلمايدۇ، ئۇ لەنجۇدىكى ۋاقتىدا قېتىرقىنىپ بىلىم ئىگەللەيدۇ ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەببەتتىنمۇ ۋاز كېچىدۇ.
2- ئەلانىڭ جاپاغا چىدايدىغان چىدامچان روھى:
ئەلانىڭ بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن بىللە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەڭ جاپالىق رايونلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى بۇ روھىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرەلەيدۇ. ئۇلار ئۈرۈمچىگە چۈشكەندە ناھايتتى ياخشى بولغان خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ ئەمما بۇ ياشلارنىڭ جاپالىق رايونلاردا خەلق ئۈچۈن،ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتەك تەۋرەنمەس روھى بۇ پۇرسەتنى رەت قىلىدۇ، ئەلانىڭ دوستلىرى جەنۇبىغا خىزمەتكە بۆلۈنۈپ ماڭماقچى بولىدۇ ئەمما ئەلا ئۈرۈمچىدە قېلىش خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ،شۇ ھامان ئۇ تەشكىلگە ئۆزىنىڭمۇ دوستلىرى بىلەن تەڭ جاپالىق خىزمەت رايونلىرىغا بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن تەشكىلنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ئۇ بۇ ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ. ئۇ گەننەنگە ئەمگەككە چۈشۈرلگەندە قاتتىق جاپاغا دۇچار بولىدۇ ، قەھەتچىلىك يىللرى يەتكۈچە رىيازەت چېكىنىدۇ ئەمما ئۇ بۇ سەۋەبلىك بوششىپ قالمايدۇ، بەلكى قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ تېخىمۇ بېرلىپ ئىشلەيدۇ.
3- ئەلانىڭ ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى:
ئەلا كىچىكىدىن تارتىپ ناھايتتى قېترقىنپ ئۆگىنىدۇ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىدۇ.غەربىي شىمال مىللەتلەر ئېنىستۇتىغا كەلگەندىن كېيىن بىر كۈنىنىمۇ بىكار ئۆتكۈزمەيدۇ، خەنزۇچە ئۆگىنىدۇ، خەنزۇ شائىرلارنىڭ شېئىرىلىرىنى، كىلاسسىك شېئىرلىرمىزنى، چەت ئەل شېئىرلىرنى يادقا ئالىدۇ ، چەت ئەلنىڭ نادىر كىتابلىرىنى ئوقۇيدۇ، مۇشۇ ئارقىلىق ئۇ خەلقىگە،ۋەتنىگە ياردىمى تېگىدىغان ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشنى نىشان قىلىدۇ. مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ئۇ بوشاشماي تىرىشىدۇ، ئۆزىنى ھەر تەرەپتىن يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا كۈچەيدۇ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىياتىنى يۈركىدىن سۆيۈپ ئۆگىنىدۇ. ئۇ ھەر چاغ تەشكىلنىڭ، پارتىيەنىڭ يول يورۇقى بويىچە ئىش كۆرىدۇ.ئۇنىڭ ياقا يۇتلاردا جاپا چېكىپ بىلم ئىگەللىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىمۇ ياراملىق ئادەم بولۇپ ۋەتەننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇشتۇر.
4-ئەلانىڭ ئەركەكلەرگە خاس بولغان يىگتلىك غورۇرى:
ئەلا مەدىرىستىن چىقىپ ئوقۇشقا كىرگەن تۇنجى كۈنىلا ساۋاقداشلىرى بولۇپمۇ رەقىپنىڭ مازاق قىلىشقغا ئۇچىرايدۇ بۇ چاغدا ئۇ رەقىپنىڭ كىم بولۇشى بىلەن ھېسابلاشماي ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىدۇ.غەربىي شىمال مىللەتلەر ئېنىستۇتىدىكى مەلۇم بىر كۈنى رەقىپنىڭ زورلىشى بىلەن گۈزەلئاي،ئادىلەلەرنى ئېلىپ خۇاڭخې دەريا بويىغا بارىدۇ، يولدا بىر نەچچە مەسىت كىشىگە ئۇچىرغاندا ئەپچىللىك بىلەن ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويىدۇ. ئاخىردا رەقىپنىڭ رەزىل نىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن ئىككى قىزنى قوغداپ رەقىپنىڭ نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ.
قەھەتچىلىك يىللىرى ئەلا ناھايتتى ئېغىر كۈنگە قالىدۇ، ھەتتا قوسقىنىمۇ تويغۇزالمايدۇ. شۇ چاغدا رەقىپ ئۇنىڭغا نەچچە قېتىم يېمەكىلىك ۋە پۇل ئېلىپ كەلگەندە ئۇ قەتئىي رەت قىلىدۇ. كېيىن گۈزەلئاي بىلەن توي قىلماقچى بولغاندا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىىينىلىپ قالىدۇ بۇ چاغدا گۈزەلئاي ئۇنىڭغا رەقىپتىن ياردەم سورىشىنى ئېيتقاندا ئۇ ۋىجدانىنىڭ كۆتۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ قوشۇلمايدۇ، ۋە رەقىپنىڭ ئالدىغا يېلىنىپ بارمايدۇ.ئاخرىدا ئامال بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن قەرىز ھېسابىدا پۇل ئېلىپ تۇرىدۇ . گەرچە رەقىپ قايتۇرۇپ بەرمىسىمۇ بولدىغانلقىنى ئېيتقان بولسىمۇ ئەمما ئەلا يەنىلا قايتۇرۋىتىشتە چىڭ تۇرىىدۇ. رەقىپنىڭ نەچچە قېتىملاپ قىلغان ياردەملىرىنى شۇنچە ئېغىر ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ رەت قىلالىشى ئەلانىڭ ھەققىي ئەركەكلەرگە خاس بولغان يىگىتلىك غورۇرىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر.
5-ئەلانىڭ مۇھەببەتكە سادىقلىقى
ئەلا گۈزەلئاينى ياخشى كۆرىدۇ، پەقەت ئۆزىدىكى كۈچلۈك بولغان ئۆگۈنۈش روھى سەۋەبلىك گۈزەلئايغا كۆڭۈل ئىزھار قىلمايدۇ، تاكى گۈزەلئاي بېيجىڭغا ئوقۇشقا كەتكەنگە قەدەر ئۇ بۇ ئوتنى بېسىپ تۇرىدۇ، مەلۇم بىر كۈنى رەقىپ گۈزەلئاينىڭ ئۆزى بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقاندا ئۇ ئولتۇرالماي قالىدۇ، ۋە ئۇزاققىچە روھى چىقىپ كەتكەندەك يۈرۈيدۇ.ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇ گۈزەلئاينى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. كېيىنچە بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەلامۇ بېيجىڭغا يول ئالىدۇ، ئۇ بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن سۈرۈشتۈرۈپ گۈزەلئاينىڭ مەكتىپىنى تاپقاندىن كېيىن ئالتە قېتىم ئۇنى ئىزدەپ بارىدۇ ۋە ئىشىك تۈۋىدە چاندۇرماي گۈزەلئاينى كۆزىتىدۇ ، پەقەت ئەڭ ئاخىرىقى قېتىمدىلا غەيرەتكە كېلىپ گۈزەلئاي بىلەن كۆرىشىدۇ . دەسلەپ گۈزەلئاي ئەلاغا چىراي ئاچمىغان بولسىمۇ كېينچە ئەلانىڭ ساپ مۇھەببىتىدىن تەسىرىلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتۈش نىيتىگە كېلىدۇ.
روماندىكى ئەلا ئوبرازىنى يۇقىرىقىدەك بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ،ئۇنداقتا يازغۇچى قانداق بىر زۆرۈريەت تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق بىر ئوبراز يارىتىش مەقسىتىگە كېلىپ قالدى؟ بىز ئەسەر ۋەقەلىكىنى شۇ دەۋىر مۇھىتىغا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلساق مۇنداق يەكۈنگە ئېرىشىمىز، روماندىكى ۋەقەلىك يۈز بەرگەن ۋاقىت ئېلىزمنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىللىرىگە توغرا كېلدۇ،يەنى بۇ چاغدا ئېلىمىز ئىسلاھات ئىشكىنى سىرتقا ئېچىۋەتكەن، سىياسىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىل بولۇپ،جاسارەتلىك،بىلىملىك ، تىرىشچان ، بارلىقى بىلەن ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان ياشلارغا تولىمۇ موھتاج بىر ۋاقىت. زوردۇن سابىر ئەلا ئوبرازى ئارقىلىق شۇ دەۋىرىكى كىشلەرگە جۈمىلىدىن ياشلارغا بىر ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن ۋە ئىلگىرلەش يولىنى كۆرسۈتۈپ بەرگەن، يەنە شۇ كونا خۇراپاتلىقنىڭ ئىسكەنجىسىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ بولالمايۋاتقان ياشلارنى بىلىم ئىگەللەپ، ئۆزىنى ھەر تەرەپتىن تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. ياشلىق دەۋىرنى قانداق قىلغاندا ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگىلى بولدىغانلىقى توغىرىسىدا توغرا بىر جاۋاب بېرىپ ئەلادەك مۇنەۋۋەر بىر ئوبراز ئارقىلىق بارلىق ياشلارغا ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقاتقان. شۇنداق دېيىشكە بولدۇكى ئىزدىنىش رومانىدىكى ئەلا ئوبرازى ھەر بىر ياشنىڭ ئۈلگىسى، ياشلىق دەۋىرىنى قانداق ئۆتكۈزۈشكە بېرىلگەن ئەڭ توغرا جاۋاب.
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ
مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى