You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ياخشى ئەخلاق ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئېلىپ بارىدۇ

ياخشى ئەخلاق ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئېلىپ بارىدۇ

ئەليۈكسەل

ئادەتتە ئەخلاقتا ئۆزىگە يۇقىرى ئۆلچەم قويىدىغان كىشىلەر ياخشى ئىشلارغا كۆپرەك ئۇچرايدۇ، دەپ قارىلىدۇ.  ئەمما ئەخلاق بىلەن مۇۋەپپەقىيەت ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس.  شۇنداق بولغاچقا ئەخلاقلىق بولۇشنى خۇسۇسىي مەنپەئەت ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، خۇسۇسىي مەنپەئەت ئەخلاقىي ئىپادىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايرىيدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچەم بولۇپ قالغاندا، ئەخلاقىي ھۆكۈمنىڭ ئورنىنى چىقىم-پايدا ئانالىزى ئالىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن شەخسىيەتچىلىك توغرا ئىشقا چىقىرىلىدۇ.  كىشىلەر پەقەت بىرەر پايدىغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن ئاق كۆڭۈل، راستچىل ياكى ھۆرمەتچان بولغاندا، ياكى پەقەت جازاسى بەك قاتتىق بولىدۇ، دەپ ئويلىغاندىلا ئاندىن قائىدە-تۈزۈملەرگە بوي سۇنغاندا، ئەخلاقىي ئىپادە بىر خىل مەبلەغ سېلىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.  ھازىر يۈز بېرىۋاتقان يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق ۋە باشقا سەمىمىيەتسىزلىك ئىش-ھەرىكەتلىرى ئاساسىدا ھۆكۈم چىقارغاندا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنى بىر خىل ياخشى مەبلەغ سېلىش ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.  كۆپ ۋاقىتلاردا سەمىمىيەتلىك ۋە باشقا ئېسىل پەزىلەتلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ پۇرسەتلىرىنى ياخشىلىماي، ئەكسىچە ئۇلارنى ناچارلاشتۇرىدۇ.  ئۆزلىرىنىڭ بىر پۈتۈن ئېسىل ئەخلاقىغا تېگىشلىك بەدەل تۆلەشنى خالىمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ياخشى ئەخلاقنىڭ بەدىلى بەك يۇقىرى بولۇپ تۇيۇلىدۇ.

ئەمما، ياخشى ئەخلاقنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە قەدىرلەنمىگەن بىر پايدىسى، بالىلىرىمىز، ئوقۇغۇچىلىرىمىز ۋە خىزمەتچىلىرىمىز ئارىسىدا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تەشۋىق قىلىشقا تېگىشلىك بىر پايدىسى بار.  ئۇ بولسىمۇ، ياخشى ئادەم ۋە جەمئىيەتكە لايىق ئادەم بولۇشنى ئىستەيدىغان كىشىلەر ياخشى ئەخلاق ئارقىلىق كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئىنتايىن ياخشى ئېلىپ ماڭالايدۇ.  سەمىمىيلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە ھۆرمەتچانلىق قاتارلىق ئېسىل كىشىلىك سۈپەتلەر بىزگە خۇددى قىممەت ۋە ھەشەمەتلىك تۇرمۇشتەك تويۇلىشى مۇمكىن، ئەمما ئېرىمىز ياكى ئايالىمىز بىلەن، بالىلىرىمىز بىلەن، دوستلىرىمىز بىلەن ۋە خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋاملىشىدىغان ۋە بىزگە ھەقىقىي پايدا يەتكۈزىدىغان كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىشقا كەلگەندە يۇقىرىدىكى سۈپەتلەر بىزنىڭ بىباھا بايلىقىمىزغا ئايلىنىدۇ.  كۆپىنچە كىشىلەر ئۈچۈن چىن مۇھەببەت، ھۆرمەت ۋە ئاق-كۆڭۈللۈكنى سىمۋول قىلغان ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئۆزلىرىنى بىر بەخت چوققىسىغا ئېلىپ چىقىدىغان يولغا ئايلىنىدۇ.  شۇلارنى ئويلىسىڭىز، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئېسىل ئەخلاقىي سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ زور پايدىسى بار.

(يۇقىرىدىكى مەزمۇن ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئەخلاق مۇتەخەسسىسى ۋە نۇتۇقچى  مايكۇل جوسېفسوننىڭ بىر قىسقا يازمىسىغا ئاساسەن تەييارلاندى)

مەنبە: باغداش مۇنبرى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top