You Are Here: Home » ئومۇمى » تاللىشىڭىز بىلەن ھاياتىڭىزنى ئۆزىڭىز كونترول قىلىڭ

تاللىشىڭىز بىلەن ھاياتىڭىزنى ئۆزىڭىز كونترول قىلىڭ

ئەليۈكسەل

بىزنىڭ تاللاشلىرىمىز بىزنىڭ خاراكتېرىمىزنى نامايان قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ خاراكتېرىمىزنىڭ ئاخىرقى ھالىتىنىمۇ بەلگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئۆزىمىز ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان تاللاشلارنى بىلىپ تۇرىشىمىز كېرەك.  بىز ئۆزىمىز ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان پوزىتسىيە، گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەت ۋە ئىنكاسلارغا ئائىت تاللاشلارنى بىلىپ تۇرىشىمىز كېرەك.  بىز بۇ ئىشنى قانچە ياخشى قىلالىساق، ئۆز تەقدىرىمىزنىمۇ شۇنچە ياخشى كونترول قىلالايمىز.

ئامېرىكىدىكى سېناتور بوب بەننىت (Bob Bennett) مۇنداق دېگەن: «سىزنىڭ ھاياتىڭىز سىز قوبۇل قىلغان تاللاشلارنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولىدۇ.  ئەگەر سىز تاللاش جەريانىنى كونترول قىلالايدىكەنسىز، ئۇ ھالدا ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ ھەممە ساھەلىرىنىمۇ كونترول قىلالايسىز.  ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئىدارە قىلىشتىن كېلىدىغان ئەركىنلىكنى تاپالايسىز.»

بوبنىڭ دېگىنى ناھايىتىمۇ توغرا.  بىز ئۆز تاللاشلىرىمىزنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالغىنىمىزدىلا ئاندىن ئۆز ھاياتىمىزنى ئۆزىمىز ئىدارە قىلالايمىز.  ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەر «مەن ئۈچۈن باشقا تاللاش مەۋجۇت ئەمەس» دەپ، ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان تاللاشلارنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرىدۇ.  ئۆزلىرى قىلىۋاتقان خاتا ئىشلارنى ئاقلاش ئۈچۈن «مەن ئاشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرى بولۇپ قالدىم»، دەيدۇ.

«مەندە ئۇنى كونترول قىلىدىغان ئىمكانىيەت يوق»، دەپ قارايدىغان خاتا چۈشەنچە ھورمون تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغان، ئاسانلا ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلىدىغان ياش-ئۆسمۈرلەردە ھەممىدىن ئېغىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «مېنىڭ ھازىرقى روھىي كەيپىياتىم ئۆزۈمنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا ئەمەس»، دەپ قارايدىغانلار ئاز ئەمەس.

كۈچلۈك ئارزۇ، ئەندىشە ۋە غەزەپنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ناھايىتى زور بولىدۇ.  شۇنداق بولىشىغا قارىماي، نېمىنى ئويلاش، نېمىنى دېيىش ۋە نېمىنى قىلىشنى تاللاش ھوقۇقى بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قولىدا بولىدۇ.  مەيلى بىز ئىنتايىن كۈچلۈك بېسىمنىڭ ئاستىدا بولايلى، ياكى بىز ئۆزىمىزنىڭ تاللاشلىرىنى ئۆزىمىز ياقتۇرمايلى، نېمىنى ئويلاش، نېمىنى دېيىش ۋە نېمىنى قىلىشنى تاللاش ھوقۇقى بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قولىدا ساقلىنىپ تۇرىدۇ.

ئەگەر بىز كاللىمىزغا «مېنىڭ باشقا ئامالىم يوق» دەيدىغان خاتا چۈشەنچىنى قاچىلىۋالىدىكەنمىز، بىز خۇددى بىر رولچىسى يوق كېمىگە ئوخشاپ قېلىپ، ھاياتىمىز مەقسەتسىز قالىدۇ.  ھاياتىمىز قالايمىقان يۆنىلىشلەرگە قاراپ داۋاملىشىدۇ.  ھەمدە ئۇ بەزىدە بىر ئورۇننى ئايلىنىپ تۇرۇپ قالىدۇ.  ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىنى ئۆزىمىز كونترول قىلىشقا ئىنتىلىدىكەنمىز، بىزدە ياراتقۇچىمىز ئاتا قىلغان ئاشۇنداق قابىلىيەت بار بولۇپ، بىز ئۆز ھاياتىمىزنى ئۆزىمىز كونترول قىلالايمىز.

(يۇقىرىدىكى مەزمۇن ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئەخلاق مۇتەخەسسىسى ۋە نۇتۇقچى  مايكۇل جوسېفسوننىڭ بىر قىسقا يازمىسىغا ئاساسەن تەييارلاندى)

مەنبە:   باغداش مۇنبىرى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top