You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مۇقەددەس ۋەزىپە

مۇقەددەس ۋەزىپە

(ھەبىبۇللا ئابلىمىت)

( 1 )

یامغۇردا يۇيۇلۇپ پقىراپ كەتكەن قۇیاش بۇلۇتلار ئارىسىدىن كۇلۇپ تۇرغان بوۋاقتەك كۆرۇندى-دە، ئىلىنىڭ قازانچى مەھەلىسى ئۇستىدە تەبەسسۇم جىلۋىسى بىلەن ئۆز مېھرىنى چاچاتتى. لەڭزە بېشىدىكى مىڭلىغان كۆزلەردىن ئىتىلىپ چىققان، سۇپ-سۇزۇك بۇلاقنىڭ كەۋسەر سۇلاردىن ھاسىل بولغان ئىككى چوڭ ئۆستەڭنىڭ بىرى شەھەرنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىگە قاراپ ئېقىپ، خەنزۇ بازىرىدىكى چوڭ كۆۋرۇك ئاستىدىن ئۆتۇپ، خۇیزۇ چوڭ  مەسچىتنىڭ يېنىنى بویلاپ، تېرەك مازار ئارقىلىق، قازانچى مەھەلىسىدىن ئۆتۇپ، سۇ دەرۋاز ئارقىلىق ئایدىڭ ، ناغىرچى مەھىلىلەرگە قاراپ ئېقىپ، شاغىبەككە قاراشلىق یەرلەرنى سۇغۇرغانلىغى ئۈچۈن «شاغىلىق ئۆستەڭ» دەپ ئاتالغان ئىدى.

مانا ماشۇ شاغىلىق ئۆستەڭ قازانچى مەھەلىسىدىكى ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇرغان دەرەخلىك ھویلا سالى «تاقا» بىلەن داۋۇت «چاپان» نىڭ قورىسىدىن ئۆتەتتى. ساغىلىق ئۆستەڭدىن ئېقىۋاتقان مۇزدەك بۇلاق سۇلىرى ئۆستەڭنىڭ ئىككى قىردىكى بىخ چىقارغان قوناق گۇللەرنى، يۇمران چۆپلەرنى، سۇغا ساڭگىلغان سۆگەتنىڭ ئەۋرىشىم تاللىرىنى شوخلۇق بىلەن سۆيۇپ قاچاتتى. بۇلاق سۇیىنىڭ مۇنداق مەردانە، مەغرۇر، ئویناقشىپ ئىقىشىنىڭ سەۋەبى یا یەر يۈزىدە قۇیاش بىلەن دىدارلاشقىنىدىنمۇ، یاكى قاغجىراپ كەتكەن قارا تۇپراقنى كۆكەرتىپ، يېڭى ھایاتلىق بەخش ئىتىۋاتقانلىغىدىنمۇ، یاكى بولسا ئىككى خوشنا سالى بىلەن داۋۇتنىڭ  مۇقەددەس بىر ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا تەیارلىنىۋاتقانلىغىدىنمۇ؟ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم ئىدى.

سالى بىلەن داۋۇت قەدىناس خوشنىلاردىن ئىدى. سالى بولسا ئىگىز بویلۇق، كەڭ غوللۇق، قاۋۇل، تىك تۇرۇپ ماڭىدىغان كىشى بولۇپ، قوللىرى ئۇزۇن، ئالقانلىرى خۇددى بازغان ئۇرۇشقا یارىتىلغاندەكلا یوغان ئىدى. ئۇنىڭ قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى كۆپ-كۆك كۆزلىرى ئۆز نۇرىنى یوقاتمىغان ئىدى. چىرایلىق یاساپ قويۋالغان، ئۆزىگە خویمۇ یاراشقان قويۇق بۇرۇتى ھەرۋاقىت پاقىراپ تۇراتتى. سۇزۇك ئاق يۇزىدە ھەرۋاقىت تەبەسسۇم جىلۋىنىپ تۇراتتى. ئورۇنسىز گەپ قىلمایتى، مىجەزى ئېغىر ئىدى. ئۆمرىدە ئاغزىدىن بىرە ئېغىز یامان سۆز چىقمىغان، ۋەدىسىگە ۋاپادار، ئائىلىسىگە  مەسئۇليەتچان، يېشى 60 تىن ئاشقان ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تېرەن كىشى ئىدى. مانا مۇشۇ ئۆزىنىڭ تەبىي قامىتىنى یوقاتمىغان بۇ

قاملاشقان بەدىنى بەلكى یاش چاغلىرىدا نى – نى پەرىلەرنىڭ يۈرەكلىرىگە ئىشقى ئوتىنى سالغانلىغى ۋە مەن – مەن دىگەن چوكانلارنىڭ تولۇن ئاینىڭ یورۇقىدا ئۇھ تارتىپ ئۇیان-بۇیانغا ئۆرۇلۇپ ، مامۇق یاستۇقلاردا ئۇخلىیالماسلىغىغا سەۋەپ بولغان «گۇناھكار» سەۋدا ئوغۇرلاپ يۇرۇیدىغان ۋۇجۇت ئىكەنلىگىدە گەپ یوق ئىدى. بولۇپمۇ ئاشۇ چوقۇپ ئىلىۋالغۇدەك بىر جۈپ دېڭىزدەك كۆپ-كۆك كۆزلەرنىڭ ئىچىگە نىي پەرىلەر كۆيۇپ غایىپ بولۇپ كەتكەندۇ ھە! ھەي گۈزەل یاشلىق ھازىر كۆيۇمچان ئایالى بىلەن ئىككى ئوغۇل ۋە بىر قىزنى بۇ دۇنیاغا ئاپىرىدە قىلىپ، مەسئۇلیەتچانلىق بىلەن  تەربىیلەپ قاتارغا قوشقان ئىدى. چوڭ ئوغلى بىلەن قىزى تۇرمۇشلۇق بولۇپ، ئایرىم یاشایتى. كىچىك ئوغلى بىلەن تۆمۇرچىلى قىلىپ جاھاندارچىلىق قىلاتتى. ھال – ئەھۋالى ياخشى بولۇپ تاقىچىلىق مەھەلىسىدە ئۆزىنىڭ تۆمۇرچىلىك دۇكىنى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ لەقەم قويۇشقا ماھىر غۇلجا خەلق ئۇنى سالى «تاقا» دەپ ئاتىشاتتى.

داۋۇت بولسا ئوتتۇر بوي، سەل دۈمچەكرەك كەلگەن، بۇغداي ئۆڭلۇك، ساقال-بۇرۇتلىرى شالاڭ، باشلىرى تاقىر، سالاڭ قاشلىرى ئاستىدىكى بىر جۇپ قارا كۆزى پىلدىرلاپلا تۇرۇدىغان، ئۇرۇق كىشى ئىدى. ئۇ ھەرۋاقىت ئالدىراشلا يۇرەتتى. دىققىتىنى تازا يېغالمایدىغان، تولا گەپ قىلىدىغان، خوش پىچىم كىشى بولۇپ، یاش جەھەتتە سالى دىمەتلىك ئىدى. ئۇنىڭمۇ تۇرمۇشى ھەرھالدا یاخشى ئىدى. ئىككى ئوغلى توي قىلىپ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن بولۇپ، كەنجى ئوغلى بىلەن بىلەن ئۆیدە ماشىنچىلىق قىلىپ جاھاندارچىلىق قىلاتتى یەنى ئېنىقراق ئىیتساق داۋاملىق پاختىلىق چاپانلا تىكىپ ساتاتتى یاكى كەمسىیونلارغا ئۆتكۈزەتتى. بازاردا تولا يۇرگەچكە تونىمایدىغان ئادىمى یوق ئىدى. داۋاملىق دولىسىغا ئۆزى تىككەن ئىككى-ئۈچ چاپاننى ئارتىپ يۇرگەشكە كىشىلەر ئۇنى داۋۇت «چاپان» دەپ ئاتىشاتتى.

بۇ ئىككى ئۇدۇل خوشنا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بىرى مۇقەددەس تۇپراق ھەرەمگە بىرىپ دىنىمىزدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى بولغان ھەج ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشنى كۆڭۇلگە پۇكۇپ يۇرۇشكەن ئىدى. مانا بۇگۇن سەھەردىلا داۋۇت «چاپان» ئىككى چاپاننى دولىسىغا ئارتىپ سالى «تاقا»نىڭ قوراسىغا كىرىپ كەلدى-دە، قورادا تاللارنى باراڭغا ئارتىش بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان سالىغا قاراپ ئالدىراشلا سالام بەرگەندىن كېیىن:» سالى، دىگىنىمىز بویىچە بۇدا ھەپتە یولغا چىقىمىز. مەن پۇلنى جایلاپ قویدۇم. یولدا مىنىپ ماڭىدىغان ئاتنىڭ پۇلىنىمۇ جایلىدىم. قورادىكى تازا ۋایىغا يېتىپ یوغانغان ئون تۈپ دەرەخنى ئەتىلا كېسىپ ساتىمەن، خېرىدارمۇ تەییار…. نەچچە یىلدىن بىرى ھەجكە ئاتاپ یىققان پۇلنى ۋە يېنىمدىكى ئایلاندۇرۋاتقان دەسمىنىڭ ھەممىسىنى جەملىسەم یول راسخۇتى تەییار دىگەن گەپ. ئەگەر سەن ماقۇللار دىسەڭ مەن  تەییار» دىدى.

سالى ئالدىرماي، ئۇزۇنلىقى ئوپمۇ-ئوخشاش كىسىلگەن كەندىر یىپلىرى بىلەن باراڭغا ئارتىلغان تاللارنى، ئاۋایلاپ باغلىغاچ:» ماڭساققۇ بولاتتى، شۇ ئۆیدىن سەل ئەنسىرەپ قىلىۋاتىمەن، كۆڭلۇمنىڭ بىر يېرى يېرىم، ئۆیدىن ئایرىلمىغان ئادەمگە بەك تەس بولىدىكەن. ئەڭ مۇھىمى ئۆینىڭ ئىشلىرىنى ئوبدان  ئورۇنلاشتۇرۇش….. ئالدىراپ یولغا چىقىپ، كېیىن پۇشایمان قىلىدىغان ئىش بولمىسۇن» دىدى.

داۋۇت ئوڭ مۈرىسىنى بېسىپ كەتكەن چاپاننى، چاققانلىق بىلەن سول مۈرىسىگە ئارتىدە:»پۇشایمانمۇ؟ بولمایمەن، ھایاتىمدا گۇناھلىرىمدىن باشقا ھىچنەرسەمگە پۇشایمان بولمایمەن. مېنىڭچە ئىنساننىڭ مەنىۋىیىتىدىن قىممەتلىك بىر نەرسە یوق. مۇشۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇنلىۋالساملار ئۆلسەم ئارمانىم یوق» دىدى-دە، سەل ھایاجانلىنىپ قالدى.

سالى:» توغرا ئىیتىڭ، ھال ئەھۋالى یار بەرگەنلەر ئۈچۈن ھەج قىلىش پەرز. بىزنىڭمۇ ھالىمىز یامان ئەمەس، ئەمما بىز ئارقىمىزدا قالغانلارنىڭ ئىشلىرىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئاندىن یولغا چىقىشىمىز كېرەك، ئائىلىمىزنىڭ نورمال تۇرمۇش تەرتىۋى بۇزۇلسا بولمایدۇ-دە…»

داۋۇتنىڭ ھىچ تاقىتى قالماي: «بەكمۇ ئىنچىكە ئویلاپ كەتمە. نىیەت قىلغاندىكىن دەرھال یولغا چىقایلى. ئائىلىمىزنى خۇداغا تاپشۇردۇق»

سالى: «بوپتۇ، یولغا بۇ یىل چوقۇم چىقایلى، ھېلىمۇ كەینىگە سۆرەۋەردۇق، جان بار یەردە قازا بار دەیدۇ. پۇت-قولىمىزنىڭ ماغدۇرىنىڭ بارىدا ماڭساققۇ یاخشى بولاتتى. ئەمما…» دىیىشىگىلا گەپنى ئۆزۇۋەتتى.

داۋۇت:» قارا سالى، بۇ ئىشنىڭ ئەمما، مەماسى یوق. دەرھال یولغا چىقایلى، یەنە ساقلایدىغان ئىشنى قىلمایلى. بۇ دۇنیانىڭ ئىشى پۇتمەیدۇ.» دىدى-دە . دەرۋازا تەرەپكە بۇرۇلۇپ:»مەن بازارغا كەچ قالدىم. سەن تەیارلىقنى خاتىرجەم قىلىۋەر» دەپ خوشلۇشىپ چىقىپ كەتتى.

ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۇپ، نەۋرۇزدىن كىیىن پۈتۈن تەیارلىقلار پۈتۈپ، یول خەتلەرمۇ ھەل بولۇپ سالى بىلەن داۋۇت ئۆیدىكىلىرى ۋە مەھەلىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ یولغا چىققان ئىدى. ھەر ئىككىلىسى توق جىگەر رەڭلىك موڭغڭۇل كۈرەنىڭ سەپەرگە چىداملىق ئاتلىرىنىڭ ئۇستىدە كېتىۋاتتى. ئاتلار سېلىق یورغۇلایتى، شۇنداقتىمۇ داۋۇت ئات ئۇستىدە ئىشى پۇشقاندەك قىلىپ بىر دەم ئاتنىڭ  چۇلۋۇرىنى تارتىپ قویسا یەنە بىردەم ئىككى پۇتى سېلىنغان ئۈزەڭىنى ئاتنىڭ قوسىقىغا سوقۇپ قویاتتى، یاكى قولىدىكى قىسقا قامچىسى بىلەن ئاتنىڭ ساغرىسىغا یەڭگىل ئۇرۇپ قویاتتى. سالى بولسا سىلىق یورغۇلاپ كېتىۋانقان ئاتنىڭ ئۇستىدە ئوشۇق گەپمۇ قىلماي جىم-جىت تىك ئولتۇراتتى. پەقەت ئىچىدە تازا خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. خىیالى ئائىلىسىدە ئىدى. ئۇ :» مەن كەتكەندىن كېیىن قانداق قىلىۋاتقاندۇ؟ یەنە بىرە ئىشلارنى ئوغلۇمغا تاپىلاشنى ئۇنتۇپ قالمىغاندىمەن؟ » دەپ سوئال قویاتتى ئۆزىگە.

ئاتلار شەھەردىن خېلىلا ئۇزاقلاپ كەتكەن ئىدى. ئاتلار بىلەن تەڭ سالى بىلەن داۋۇت باشلىرىنى كۆتۇرۇپ ئۇزاقلارغا قارىدى. ئۇلار يىراقلاردىكى كۆركەم تاغلارنى كۆردى. قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ ماڭغان ئاتلار ئەتراپتا كىچىككىنە بىر ئاۋاز چىقسا تۇیاتتى، ئېرىقلاردىكى سۇلارنىڭ شىرىلداپ ئېقىشلىرىنى، باغلىردىكى باشتىن-بویىغا چىچەكلىگەن ئالما كۆچەتلىرى ئارىسىدىن كەلگەن ناخشا ئاۋازىنى، ئۆرۇكلەرنىڭ ئاق چېچىكى بىلەن  شاپتۇلارنىڭ ھال بەرگىسىنىڭ چاچقۇنىدىن گۈل كۆینەك كىیگەن باغلاردىكى ئونلىغان كاكۇكنىڭ مۇڭلىرىنى، چىمەنزارلىقلاردا قىزىل گۈل ئىشقىدا كۆیگەن بۇلبۇلنىڭ نېداسىنى ، خالتا كوچىدىكى ئىتلارنىڭ ھاۋشىشلىرىنى … ئىشقىلىپ ئاۋازلا چىققان ھەر نەرسىنى تۇيۇپ ماڭاتتى. ئاتلارمۇ بەزىدە ئۇلارغا جاۋاپ قایتۇرغاندەك تۇمشۇقىنى يۇقۇرغا قىلىپ كىشنەپ قویاتتى-دە، باشقىدىن شاشلىشىپ، قۇیرۇقلىرىنى ئوینىتىپ یورغۇلایتى . ئەتراپتىكى ئېتىزلىقلار باھار یامغۇرلىرىدا كۆكەرگەن ئىدى. خوش باھار شامالىدا ئۆسكىلەڭ چۆپلەر ئۆركەشلەیتى. یان تەرەپتىكى مایسىزارلىق، گۈللۇك مەنزىرە ئادەمگە ئاجایىپ بىر زوق بىرەتتى. دەرخلەرنىڭ یاپ-يېشىل یاپراقلىرى خۇدۇكچى شامالدا شىلدىرلاپ، ئۇلارنى مۇبارەك سەپەرگە ئۇزۇتاتتى. پاكار تاملار بىلەن قورشالغان باغلاردىكى ئالما چىچەكلىرى، قورالاردىكى تەرسا شامالدا تۆكۇلمەیدىغان ئەتتىر گۈلنىڭ پۇراقلىرى خۇددى خوتەن ئىپارىدەك ئۆزىنىڭ پۇراقىلىرىنى پۈتۈن جاھانغا يانغان ئىدى.  بۈنۈگۈن یەردە باھار كۈلىۋاتاتتى…

سالى بىلەن داۋۇت ئارىدا بىر ئاز دەم ئىلىپ، توختىماي يۇرۇپ چېگراغا كەلگەن ئىدى . كۈنمۇ غىلاپقا كىرىشكە تەرەددۇت قىلىۋاتاتتى. كۈننىڭ بەدەشخان یاقۇتىدەك قىزىرىپ تولغان يۇزىدىن چىچىلغان نۈر چەشمىلىرى تاغ تېزما چوققىلىرىغا يېیىلىپ، ئاجایىپ دىلرابا جىلۋىنىپ تۇراتتى. مانا كۈن ئولتۇرغانسېرى چوغدەك تاۋلىنىپ خۇددى ئۇپۇققا ئوت تۇتاشقاندەك بولۇپ، ئۇپۇقنىڭ يېراق چەتلىرىنى قىزارتىۋەتكەن ئىدى.

سالى بىلەن داۋۇت بۇ كېچە ئۆتەڭدە تۆنەپ، ئەرتىسى باشقا یوللۇچىلار بىلەن بىرگە چېگرادىن ساق-سالامەت ئۆتۇپ، ئالماتاغا قاراپ یول ئالغان ئىدى. ئۇلار توپىلىق یول بىلەن توختىماي ماڭدى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان یول، تاقىر ئېتىزلىقلار، تاشلىق سایلار، كەڭ كەتكەن بوشلۇقلاردىن ئۆتەتتى. شوخ شامال پاكار، شالاڭ ئۆسكەن ئوت-چۆپلەرنىڭ یاپراقلىرىنى سۆيۇپ ئۆتەتتى. قۇیاش تەپتىدە قىزغان تاشلارنىڭ ئۇستىدە كەسلەنچۇكلەر غىل-پال كۆزگە چىلىقاتتى-دە، یەنە نەلەرگىدۇ غایىپ بولاتتى. بەزىدە یول ئېگىز-پەس دۆڭلۇكلەر ئۇستىگە كۆتۇرلۇپ، یەنە قانداقتۇر بىر ئویمانلىقلارغا قاراپ ئۇچ تارتىپ كېتەتتى؛ بەزىدە یولنىڭ ئاستىدا قایسى بىر مەھەلىلەرنىڭ دەرەخلىرى، قاغجىراپ كەتكەن ئۈنۈمسىز ئېتىزلار، ئولتۇرشۇپ یەر بىلەن تەڭ بولۇپ قالغان توپا تاملار ۋە شۇنىڭدەك بەزىدە یەنە يېڭى پەرپا قىلىنغان رەتلىك  مەھەلىلەرمۇ پەیدا بولاتتى-دە، یەنە بارغانسىرى ئارقىدا قېلىپ كۆزدىن غایىپ بولاتتى.

مانا بۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى كەڭ كەتكەن زىمىن ئەسلىدە ئىلىغا قاراشلىق زىمىنلار ئىدى. 1881-یىلى پېتروگراتتا ئىمزالانغان تەڭ ھوقۇقسىز «ئىلى شەرتنامىسى» غا بىنائەن بۇ یەرلەر روسسىیەگە بۆلۇپ بىرىلگەن ئىدى ۋە شۇ شەرتنامىنىڭ ئىككىنچى ماددىسىغا ئاساسەن شۇ یىلدىن باشلاپ 1883-یىللىرىغىچە ئىلىدىن بۇ بوز یەرلەرگە ئۇیغۇرلارنى كۆچۇرۇپ، ئاشۇ رەتلىك مەھەلىلەرنى بەرپا قىلغان ئىدى.

ئاق خان بىلەن قاراخان

ئىنتىماق ئىكەن باشتا

كەتمەككە بایان ئەیلەپ

كېمە یاسىدۇق قاشتا

ئالمۇتىغا كۆچ دەیدۇ

بارار يېرىمىز قۇملۇق

راست گېپىنى ئېیتمایدۇ

كۆزى كۆك، بېشى يۇڭلۇق

توققۇز تارادىن ئۆتكەندە

یامانتۇنىڭ تاشلىرى

كۆچۇپ بارغان خەقلەرنىڭ

قۇرۇمایدۇ یاشلىرى

بۇ قوشاقلار ئىلى ئۇیغۇرلىرىنىڭ تارىختىكى زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان ئەنە شۇ كۆچ – كۆچ یىللىرىدا  ئېیتىلغان ئىدى.

( 2 )

سالى بىلەن داۋۇت ئىككى كۈن یول يۇرۇپ بىر نامرات ۋە پىنھان جىمجىتلىقىغا چۆمگەن يېزىغا كېلىپ قالغان ئىدى. سالى بولسا يېزا كوچىسىدا ئۇیاق-بۇیاققا ئۇنسىز كېتىۋاتقان ئادەملەرنى بىربىرلەپ كۇزەتتى. یاماق دۇمبىلەر، یىرتىق گەدەنلەر، مایلاشقان مالخایلار، یەكپاي كالاچلار، قاپقارا یالاڭ ئایاقلار، ئۇستىخانلىرى تېرىسىگە چاپلاشقان بالىلار، چوڭقۇر تورلاشقان ھارغىن پىشانىلار، سارغایغان چىشلار، ھۇنسىز كۆزلەر، قىسىلغان بويۇنلار، مۇكچەیگەن گەۋدىلەر، سېرىق گەز باسقان ساقاللار، تىترەپ تۇرغان ئالقانلار، تاقالقان رەستىلەر، ئۆرۇلگەن تامالار… بۇ یەردە جانلىقلار غەمكىن، كۆڭۇللەر غەمكىن، ئىشقىلىپ بۇ یەردە دۇنیا غەمكىن ئىدى. ئۇلار مەھەلىنىڭ سىرتىغىراق چىقتى-دە، یول یاقىسىدكى بىرنەچچە تۇپ قارىیاغاچ كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرغان یەرگە كېلىپ، قورساقلىرىنى ئازراق ئەستەrلىمەكچى بولۇپ، ئاتلىرىنى قاریاغاچنىڭ ئەگرى تاللىرىغا باغلىدى. قارىیاغاچنىڭ ئۇششاق يۇپۇرماقلىرى ئىسسىق شامالدا چvشىنىكسىز بىر نىمىلەرنى دەپ پىچىرلایتى. ئىسسىقتىن قeچىپ قارىیاغاچ شاHلىرىنىڭ دالدىسىغا مۆكۈنگەن  قۇشقاچلار ۋىچىرلىشاتتى. داۋۇت خورجۇندۇن سەپەرگە تەیيارلاپ يېقىلغان مایلىق توقاچ بىلەن سوقۇم قىلغان گۆشتىن ئازراق ئىلىپ، سالىنىڭ  كۆڭۇلسىز راسلىغان كىچىك سۇپرىنىڭ ئۇستىگە قویدى. ئۇلار ئازراق غىزالانغاندىن كېیىن سۇداندا سۇنىڭ تۆگىگەنلىگىنى بایقاشتى. سالى ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتراپقا بىر كۆز ئاتتى-دە، یىراقتا بىر ئەسكى تاملىقنى كۆردى -ۋە:

-» داۋۇت سەن ئولتۇرۇپ تۇر، مەن ئایاققا بىرىپ، سۇ ئەكىلەي» دەپ ئەسكى تاملىققا قاراپ ماڭدى. پاكار، ئەسكى تاملار بىلەن ئورالغان بىر

ھولىنىڭ قاغجىراپ كەتكەن ئىشىكى ئالدىغا كىلىپ توختىدى-دە، ئىشىكنى قىقىپ : – «ئادەم بارمۇ، ئادەم بارمۇ ؟»، دەپ ۋاقىردى. ئەمما قورا ئىچىدىن سادا چىقمىدى. شۇ ئارلىقتا سالىنىڭ یوغان ئالقانلىرى تەككەن ئۆلەمەن دەرۋازىنىڭ قانىتى غىچىرلاپ قىیا ئىچىلىپ بولغان ئىدى. سالى قوراغا كىردى. قورادا گۆرىستان جىمجىتلىقى ھۆكۇم سۇرگەن ئىدى. ئالدىدا سۇۋاقلىرى تۆكۇلگەن، ئۇزۇندىن بىرى ئاقارتىلمىغان ئىككى ئېغىز ئۆي تۇراتتى. سالى ئاۋایلاپ مىڭىپ، ئەتراپقا ئەنسىزلىك بىلەن قارىدى ۋە ئۆینىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى. ئىشىك قىیا ئېچىقلىق تۇراتتى. سالى گېلىنى قىرىپ قويۇپ، ئۇنلۇك ھالدا: «ئۆیدە ئادەم بارمۇ؟!»، .دىدى. ئەمما، ئۆیدىن یەنىلا سادا یوق ئىدى.

سالى:»ئەسسالامۇئەلەیكۇم» دەپلا ئۆي ئىچىگە قەدەم باستى. ئۆینىڭ ئىچىدىكى ھاۋا ئادەمنىڭ دىمىنى سىقاتتى. سۇپىنىڭ ئۇستىدە ئاغرىق بىر ئایال ھالسىز یاتاتتى. سۇپىنىڭ گىرۋىگىدە بەش یاشلاردىكى بىر قىز تولا یىغلاپ قىزارغان نۇرسىز كۆزلىرىنى مۆلدۇرلىتىپ، قىتىپ قالغاندەك ئولتۇراتتى. ئایال قۇرغان لەۋلىرىنى ئاستا مىدىرلىتىپ:» نىمە ئىشىڭىز بار ؟» دىدى. سالى ئۆزىنىڭ یولىچى ئىكەنلىگىنى، سۇ ئىلىش ئۈچۈن كىرگەنلىگىنى ئىیتى. شۇ ئارلىقتا قىز تۇيۇقسىزلا «نان» دەپ ئۇن سىلىپ یىغلاپ كەتتى. سالى قىزنى تەبەسسۇم بىلەن پەپىلىدى، ئەمما ئۇنىڭ تەبەسسۇمى قىزنىڭ كۆز یاشلىرى ئىچىدە غەرىق بولدى ۋە بۇ ئىككى ئاجىزنىڭ ئاچ قالغانلىغىنى پەملىدى-دە، ھازىرلا نان ئەكىردىغانلىغىنى ئېیتىپ، یایدىن چىققان ئوقتەك داۋۇتنىڭ یىنىغا بىردەمدىلا كەلدى ۋە ئەھۋالنى داۋۇتقا قىسقىچىلا سۆزلەپ نان سىلىنغان خورجۇننى ئىلىپ ئۆي تەرەپكە يۇگرەپ كەتتى. سالى ئۆیگە كىردى-دە، خالدىن ناندىن بىرنى ئىلىپ ئۇشتاپ، بىر پارچىسىنى قىزغا تۇتقۇزۇپ، یەنە بىر پارچىنى ئايالغا ئۇزاتتى. ئایال ئالمىدى، قىزغا بەر  دىگەندەك قىلىپ، قىزىنى ئىشارەتلىدى. قىز ناننى شۇنداق ئىشتىن چاینىماي يۇتۇۋاتاتتى. سالى دەرھال خالدىكى ناندىن بىرنى ئىلىپ قىزغا  تۇتقۇزۇپ، ئایالغا قولىدىكى نان پارچىنى ئۇزۇتۇپ: «ئىلىڭ قىزىم، مەن سىلەرنى بۇ ئاچلىقتىن قۇتقۇزىمەن، ئىككىڭلار تويۇپ ئاشقىچە یىتەرلىك نان بار » دىدى. ئایال جانسىز، گۆشسىز  قوللىرى بىلەن ناننى ئىلىپ، قىینىلىپ چایناپ یېيىشكە باشلىدى. سالى شۇ ئارلىقتا سۇ كۈپىنىڭ قەیەردە ئىكەنلىگىنى سورىدى. ئایال يېرى دەپ بەرگەندىن كىیىن، سالى ھىجىر بىر چىنىگە سۇ ئەكىلىپ قىزغا سۇندى، قىز سۇنى قانغىچە ئىچكەندىن كىیىن، ئانىسىغا بەردى. سالى یەنە تالادىكى ئوچاققا ئوت یاقتى ۋە كۈپنىڭ ئاستىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى سۇنى قاینىتىپ، ئۇنىڭغا یولغا ئىلىۋالغان خورجۇندىكى قۇرۇلغان گۆشتىن ئازراق سېلىپ، شورپا قىلىپ ئانا-بالىغا ئىچكۈزدى. ئەمدى ئۇلارغا خېلىلا جان كىرىپ قالغان ئىدى. ئایال ئاستا قىلىپ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ھېكایە قىلدى:

-«بىز بۇرۇندىنلا نامرات دېخانلاردىن ئىدۇق. بۇلتۇردىن بىرى بۇ یەرلەردە قاتتىق قۇرغاچلىق ئاپىتى يۇز بىرىپ، پۈتۈن یەرنى قەھەتچىلىك قاپلاپ كەتتى. ئالغان ئازغىنا ھوسۇلنى بىردەم ئاقلارنىڭ روس ئەسكەرلىرى كىلىپ ئالسا بىردەم قىزىللار كىلىپ ئېلىپ، قولىمىزدا يېگىدەك ھىچنىمە قالمىدى. قىش كىلىشى بىلەن بۇ یەرنى ئاچارچىلىق ھۆكۈم سۈردى. ئاچلىق ھەر بىر ئۆینىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ دىۋەیلەپ تۇرغان ئىدى. نۇرغۇن كىشى تەرەپ-تەرەپەلرگە ئۆز ماكانلىرىدىن ئایرىلىپ، جېنىنى ئالقىنىغا ئىلىپ كەتتى. قالغانلار بولسا قۇلىدا پۇلغا یارغىدەكلا نەرسە بولسا سېتىپ، یىگىدەك نەرسە تاپسىلا ئىلىپ یەپ جىنىنى ساقلاشقا ئۇرۇندى. ئەمما بازاردا سېتىپ ئىلىپ یىگۈدەك نەرسىمۇ قالمىدى. ئەگەر بار بولسا ئالغۇدەك پۇلىمىزمۇ قالمىغان ئىدى. باھار كىلىشى بىلەن ئامالسىزلىقتىن نۇرغۇن كىشى ئۆسكەن گىیالارنى يېیىشكە باشلىدى ۋە نۇرغۇن كىشى ئوتتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۇپ كەتتى. یولدۇشۇممۇ ئوتتىن زەھەرلىنىپ ئۇ ئالەمگە ئۇن-تۇنسىز كەتتى. مەن قىزىم بىلەن خوشنىلاردىن ئازراق نان سوراپ جېنىمىز ساقلاپ كەلدۇق. ئەمما لېكىن داۋاملىق سوراشقا نۇمۇس قىلدىم، ھەم ئۇلارنىڭ ھالىمۇ بىزنىڭكىدىن قىلىشمایتى. یېقىندىن بىرى ئازراق بار نەرسىلەرنى قىزىمغا یىگۇزۇپ، ئۆزەم ئاچلىقتىن ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ یىتىپ قالدىم. قىزىمنى ئەتراپتىكى خوشنىلارنىڭكىگە كېتىشكە بۇیرۇغان بولساممۇ، ئەمما بىشىمدىن ھىچ ئایرىلمىدى. ئامالسىزلىتىن ھەر ئىككىلىمىز ئۆیدە ئۆلىمنى كۈتۈپ یىتىشقا مەجبۇر بولدۇق » دەپ ئىچىنى تۆكتى. دەل شۇچاغدا ئایالنىڭ ئولتۇرغان بىر جۇپ كۆزىدىن ئاققان یاش تاتارغان، گۆشسىز يۇزىدە تىترەپ كەتتى.

سالى ئایالنىڭ ھېكایىسىدىن ئەتراپتىكى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەینەن بىلدى ۋە ئۇلارغا كۆڭۇل بۆلۇش ئىستىگى تۇغۇلدى. ئەلۋەتتە سالىنىڭ كۆڭۇل بۆلىدىغىنى كۆزلىرى مۆلدۇرلەپ تۇرغان تىرىك ئىنسانلارنىڭ رىئال ھایاتى ئىدى. ئۇنى مېھرى-مۇھەببەتنىڭ مەھلىیا كۈچى سېھىرلىگەن ئىدى.  ئەسلىدىلا سالى ئائىلە مۇھەببىتىنىڭ ئىللىق قۇچىقىدىن پۈتۈن ئالەمگە ئۆز مېھرىنى، ئۆز یاخشىلىقىنى چىچىشقا ھازىر بىر رۇھقا ئىگە كىشى ئىدى. سالى ئۆیدىن چىقىپ، داۋۇتنىڭ قىشىغا كەلدى. داۋۇت ساقلاۋىرىپ تاقىتى ھىچ قالمىغان ئىدى. ئۇ سالىنىڭ كۆزىگە قادىلىپ:» نەدە قالدىڭ ھەي ئاداش، سۇ ئىزدەپ كىتىپ، تاقاڭنى چۈشۈرۈپ قويۇپ، ماڭالماي  قالدىڭمۇ یا ؟ » دەپ چاقچاق ئارلاش تەنە قىلدى.

سالى كۆرگەن بىلگەنلىرىنى بىربىرلەپ داۋۇتقا سۆزلەپ بەردى ۋە ئۇنىڭ ئاستا مىڭىپ تۇرۇشىنى، ئایال بىلەن قىزغا ئازراق یاردەم قىلىپ، ئۇلار سەل یاخشى بولغاندا ئارقىسىدىن يېتىشىدىغانلىغىنى ئىیتى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان داۋۇت بىر ئاز ئۈمۈتسىزلىك ئىچىگە چۆكتى، تىڭىرقاپ – تەمتىرەپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈمۈدسىزلىكى مىھرى شەپقەتتىن ئایرىلغانلىقىدا ئىدى. داۋۇت ئاخىرى سالىغا :» بىزنىڭ نىشانىمىز مۇقەددەس تۇپراق مەكىگە بالدۇرراق یېتىپ بىرىش. یول-یولدا سەدىقە تارقىتىپ مىڭىش ئەمەس. ئەمما بۇمۇ سىنىڭ یاخشى كۆڭلۇڭ. مەن ئاستا ماڭغاچ تۇراي، ماشۇنداق قىلسام سەن ئىشلىرىڭنى ئىتتىكرەك تۈگۈتۈپ ئارقامدىن كىلىشكە تىرىشارسەن» دەپ، یولىنى داۋام قىلدى.

( 3 )

ھایاتنىڭ ھەر بىر پائالىیىتىدە، ھەر بىر مەنپەئەتدارلىق بوسۇغىسىدا، ھەر بىر یاخشىلىق بىلەن یامانلىق  ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدە ئىنساننىڭ ئەخلاقى ۋە پەزىلىتى ھامان غالىپ كىلىدۇ. سالى ئاتنىڭ چۇلۋۇرنى تۇتقان پىتى ئارقىغا یىنىپ، بېسىپ ئۆتكەن ھىلىقى جۇدۇنلۇق ئىچىدە قالغان، مۇھتاجلىق  ھەسرەتلىرى چىرمىغان ئادەملەرنىڭ مىڭىشلىرى بىلەن خۈنۈكلەشكەن كوچىلارنى بېسىپ، یېزا بازىرغا كەلدى ۋە مىڭ تەسلىكتە دۇكان-دۇكانلارنى  ئارلاپ رەۋەندىچىدىن ئۇن، ماي، تۇز، چاي قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋالدى. ئاندىن نامراتلىق، غۇربەتچىلىك ئىچىگە كۆمۇلۇپ قالغان ئۆیگە قایتىپ كەلدى. سالى سۇ ئىلىش ئۈچۈن كىچىك قىز بىلەن قۇدۇق تەرەپكە یول ئالدى. قۇدۇق مەھەللىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا ئىدى. قۇدۇقنىڭ ئاغزىمۇ خۇددى بۇ یەرنىڭ كىشىلىرىدەك ۋەیرانە ئىدى. ئەتراپىدىكى قوپۇرۇلغان تاشلار تۆكۇلگەن ئىدى، چىغرىقمۇ كونىراپ غىچىلداپلا قالغانتى، ئارقانلىرى چۇۋۇلغان ئىدى. سالى قۇدۇق بىشىدا بىر مەھەل ئویغا پاتتى ۋە قۇدۇقتىن سۇ ئىلىپ كۇپكە تولدۇرۇپ ئۆینىڭ یولىنى ئالدى. قىز سالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ كىتىۋاتاتتى. قىزنىڭ كوزلىرىدە ئۈمۈدنىڭ شولىسى پەیدا بولغان ئىدى. ئۇنىڭ تاتلىق گەپلىرى، نازۇك چىرایلىق ھەركەتلىرى بوۋایغا خوشاللىق بەخش ئېتەتتى.

سالى بىر قونۇپ سەھەردە یولغا چىقىشنى پىلانلىغان ئىدى. ئەمما سالىنىڭ خىیالى بۇ ئىككى ئاجىزدا ئىدى. ئۇ: » مەن كەتكەندىن كىیىن، یەیدىغانلىرى تۇگسە نىمە یەپ، نىمە ئىچەر؟ یەرلىرىگە تىرىقچىلىق قىلاي دىسە یا تىرىیدىغان ئۇرۇقى، یا دېھقانچىلىق قورالى یوق، ھەتتا ئىشلىگۈدەك ماغدۇرىمۇ یوق. ئىتىزلار قاغجىراپ، ئىرىقلار تىنىپ كىتىپتۇ. ئۇلارنى مۇنداقلا  قويۇپ كىتىپ قالسام بەك ئۇۋال بولىدۇ» دەپ ئویلىدى ۋە كېچىدە ھىچ ئۇیقا تۇتمىدى.  بۇنىڭغا تولۇن ئاي گۇۋا ئىدى. ئەرتىسى یولغا چىقىشتىن ۋاز كەچتى ۋە بازارغا بىرىپ دېھقانچىلىققا كىرەكلىك نىمە بولسا شۇنى ئالدى ۋە بىر ئىككى خالتا قوناق، بىر خالتا بۇغداینى ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن سىتىۋالدى. ئەمما ، بۇلارنى كىم تىرىیدۇ؟ دەپ ئویلىدى ئىچىدە ۋە ئىتىزلىققا قاراپ یول ئالدى. قاغجىرغان یەرنى ئاغدۇرۇش كىرەك ئىدى. بۇنىڭغا ساپان لازىم ئىدى. ئەمما ساپان یوقتى، ئۇنى مەھەلىدىكى ھاللىق بىرسىدىن كىرالىدى ۋە یەرنى ئاغدۇردى. ئىرىقلارنى چېپىپ، سۇ باشلاپ، یەرلەرنى ئوسۇلىدى. ئۇرۇقلارمۇ چىچىلىپ بولغان ئىدى. ھەتتا، قۇدۇقنىڭ بۇزۇلغان ئاغزىنى ۋە چىغرىقنى ئۆزىنىڭ تۆمۈرچىلىك ھۈنېرنى ئىشقا سېلىپ، شۇنداق چىرایلىق یاساپ قویغان ئىدى. چىغرىقنىڭ ئارقىنىنىمۇ یىڭىلاپ، ھەر یەرنى يېڭىدىن یاسىۋەتكەن ئىدى. یەنە تېخى ئایال بىلەن قىزنىڭ سېغىپ ئىچىشى ئۈچۈن بىر قوزۇلۇق قویمۇ ئالغان ئىدى. سالىنىڭ قىلغان بۇ یاخشىلىقلىرى پۇتۇن يېزىغا پۇر كەتتى. ھەر كىشى ئۇنى ماختایتى ۋە قولىدىن كېلىشچە ئۇنىڭغا یاردەملېشەتتى. كىچىك قىز يېنىدىن ھىچ ئایرىلمایتى. تاڭنىڭ شوخ شامىلى بىلەن ئوینىشىپ ئېچىلغان قىزىل غۇنچىدەك ئەركىلەپ كېلىپ، سالىنىڭ بوینىغا «بوۋا» دەپ ئېسىلاتتى. سالى ھویلىنىمۇ ئوبدانلا رەتلەپ، قوراغا تال كۆچىتى، ئالما ۋە تاش ئالما كۆچەتلىرىنى كۆچەرگەن ئىدى. ھەتتا دەرۋازىلارنى ئوڭشىدى. ئاندىن ئىشىك ۋە ئۆینىڭ رام-كىشەكلىرىدىن تارتىپ كۆك سىردا سىرلىدى. سالى بۇ ئىشلارنى قىلىش جەریانىدا ھېچ ھارغۇنلۇق ھېس قىلمىدى. ئۇلۇغ تەڭرى ئۇنىڭغا سۆیگۈ بىلەن تەڭ یەنە شۇنداق بىر كۈچ-قۇۋەتمۇ ئاتا قىلغان ئىدى. یاش ئایالمۇ ئۆیلەرنىڭ كىگىزلىرىنى قىقىپ، ئاقارتىپ، سالى بوۋایغا یاردەملەشكەن ئىدى. ئەسلىدىكى ۋەیرانە ھویلا، ئەمدى بەئەینى كۆپ-كۆك ئاسمانىڭ یەر يۇزىدىكى شولىسىدەك، ئارامگاھ جەننەت ماكانغا ئایلانغان ئىدى. دېمەك ئۆزارا یاردەملىشىش ئادەملەرنىڭ ئىسىل پەزىلىتى، ئىززىتى ئىدى. باراۋەرلىك بولسا ئىنسانلارنىڭ تۇغما ئىقتىدارى ۋە ئىپتىخارنىڭ جەۋھىرى ئىدى. یاخشلىق تۇیغۇسى بولسا ئادەملەرنىڭ يۇكسىلىشىنىڭ مەشىلى ئىدى.

( 4 )

ئەمدى سالى ئۆتكەن كۈنلەرنى سانىدى. ئارىدىن ئىككى ئاي شۇنداق تېز ئۆتۇپ كەتكەن ئىدى. داۋۇتنى پۈتۇنلەي ئۇنتۇغان ئىدى. چۈنكى ئۇ پۈتۈن ئەس-ھوشى بىلەن مۇشۇ ئىككى يېتىمنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بولۇپ كەتكەن ئىدى. یاندىكى پۇلنى سانىدى. پۇل مەككىگە تۇرماق، تاشكەنتكە بېرىشقىمۇ یەتمەیتى. سەپەرگە تەيیارلىغان نەرسىلىرنىڭ ھەممىسىنى یەپ تۈگەتكەن ئىدى. ئۇ ئىچىدە: » ئەمدى داۋۇت مەككىگە یالغۇز بارىدىغان بولدى. ئۇ مۇبارەك تۇپراقتا مېنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قویار. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئەمدى مەن ئۆلگەنگە قەدەر  ئورۇنلىیالمایدىغان بولدۇم. ئالەملەرنىڭ رەببى بەكمۇ شەپقەتلىكتۇر، ئىشىنىمەنكى ئۇ مېنى كەچۈردۇ» دەپ ئویلىدى ۋە «ئەمدى ئۆیگە قایتىش ۋاقتى كەلدى» دىدى ئىچىدە.

تاڭ سەھەردە ئۇپۇقتا كۆتۈرلگەن قۇیاش، ئوتقاشتەك يۈزى بىلەن كۈلۈپ تۇرغان ئىشىق ئىلاھىدەك يېزا مەھەلىسىگە قاراپ تەبەسسۇم قىلاتتى. كەڭ ئاسمان بەئەینى لالىرەڭ داكىدەك كۆرۇنەتتى. ئىشقىۋاز لاچىن سامادا جەۋلان قىلماقتا ئىدى. سېغىزخانلار دەرەخ شاخلىرىدا قاقىلدىشاتتى. يېزا  كوچىسى شۇنچىلىك رەتلىك، پاكىز، سالقىن ئىدى. ھەتتا ئەمدى قاریاغاچلارغا قۇشقاشلارمۇ چاڭگىلىرىنى شۇنچىلىك رەتلىك سالغان ئىدى. سالى ئەمدى ئانا ۋە قىز، جۈملىدىن پۈتۈن مەھەلىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىۋاتاتتى. سالىنىڭ قىلغان یاخشى ئىشلىرى، ئانا -قىز ۋە يېزا خەلقىگە قىلغان مىھرى-شەپقىتى ۋە ئۆچمەس خاتىرلىرى پۈتۈن مەھەللە خەلقىنىڭ بولۇپمۇ كىچىك قىزنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئىدى. سۆیگۇدىن ئىبارەت ئادەم قەلبىدىكى ھېسسىیات یالقۇنى ئۆزىنىڭ نۈرانە غۇنچىسىنى ھەمىشە ئۆزىگە ناتۇنۇش نەرسە ئۈستىدىلا ئىچىلدۇراتتى. دىمەك سالى بوۋاینىڭ ئىنسانى سۆیگۈسى ناتونۇش بىر يېزىدا  چىچەك ئاچقان ئىدى.  ئۇزۇتۇپ چىققان ئادەملەر توپى ئىچىدە كىچىك قىز ئانىسىنىڭ ئېتىكىنى تۇتۇپ كوچا ئاغزىدا تۇراتتى. قىز سالىغا یىغلىماسلىققا ۋەدە قىلغان ئىدى. قىز ئەمدى گۈزەل كۆزلىرى ئىچىدىكى یاشنى قاپ-قارا كۆز  قارچۇقلىرى ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇشنى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلغاندەك قىلاتتى. قارا چاچلىرىنىڭ بىرقانچە تېلى قۇیاش چۇشكەنسىرى یالتىرایتى. ئىنچىك ئاپتاپتا كۆیگەن قوللىرى قۇیاش نۈرى ئىچدە باشقىچە بىر نۇر چاچىدىغان نەرسىدەك ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى. بۇ قىز ، بىز ئىنسانلاردەك بىر ئۇچۇم تۇپراقتىن یارىتىلغانلارغا ئوخشىمایتى، بىر مەلەكتى ! ئۇ قىزنىڭ بۇلاقتەك كۆزىدە زامان ۋە ماكاننىڭ ھىچ بىر ئەھمىیىتى قالمایتى. كىچىك مەلەكنىڭ مانا مۇشۇ سىماسى سالى بوۋاینىڭ كۆڭلىدە مەڭگۈلۈك نۈرلۇق ئىزلار قالدۇردى. سالىنىڭ كۆپ-كۆك كۆزلىرى ئىچىگە قۇیاشتەك چىچىلغان بىر نۇرنىڭ جۇلالىسى مەڭگۇلۇك ئورۇنتۇلغان ئىدى. سالى ئۇلاردىن ئایرىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ پاكىز روھى، ئەمگەكچان قولى، مەرت ئىسىل پەزىلىتى يېزا دېھقانلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش روھىغا ئىگە قىلغان ئىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي مۇھىتى پۈتۈنلەي یاخشىلىنىپ، پارلاق بىر  كەلگۈسىگە مۇیەسسەر بولغان ئىدى. سۆيگۈ-یاخشىلىق ئاداشقان یەلگەنگە ئالتۇن قىرغاق بولغان ئىدى.

ئۇلۇغ تەڭرى ئەسلىدىنلا ئىنسالارنى مىھرى-مۇھەببەت ئۇستىگە ئاپىرىدە قىلغان، ماھىیىتىنى پەزىلەتلىك قىلغان ئىدى. ئۆز ئارا یاردەملىشىپ، بەختكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ بىرلەشكەن قەۋىمنىڭ ئىجتىمائى جەمىيىتى ئەلۋەتتە ئەنە ئاشۇنداق گۈللەپ-یاشنىغان پەزىلەتلىك جەمىیەت بولىدۇ. ئەنە شۇنداق ئۆز ئارا یاردەملىشىپ، بەختكە ئېرىشىشنى مەخسەت قىلغان قەۋىم پەزىلەتلىك قەۋىم بولىدۇ. پۈتۈن ئىنسانىیەت ئەنە ئەنە شۇنداق پەزىلەتلىك بولسا بۇ دۇنیا پەزىلەت گۈللىرى بىلەن پۈرگەنگەن بولىدۇ.

سالى جىگەر رەڭلىق ئاتنىڭ ئۇستىدە تىك ئولتۇرۇپ، ئىتىزلىق یوللىرىدا كىتىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مېھنىتى سىڭگەن بۇ ئىكىنزارلىقلار بىلەن  خوشلىشىۋاتاتتى. ئالتۇن یازنىڭ ئەلۋەك پەسلىدە، قويۇق ئۆسكەن بۇغدایلار، بوي تارقان قوناقلار، ئۆسكىلەڭ چۆپلەر قۇچاق ئىچىپ پۈتۈن ئېتىزلىقنى ئۆز باغرىغا باسقان ئىدى. ئىرىقتىكى ئىقىۋاتقان سەدەپتەك سۈزۈك تاغ سۇلىرى ئاستىدىكى ئۇششاق تاشلار قۇیاشنىڭ ئالتۇن نۇرىدا مەرۋایىتتەك چاقناپ، تورۇن ئاتنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇراتتى. قويۇق ئۆسكەن بىدىلىكلەر ئارىسىدىن «ۋىتۋالداق…ۋىتۋالداق» دەپ مۇڭلۇق سایرىغان بۆدىنىلەر، سالى بىلەن خوشلىشىۋاتاتتى. تەبىئەت ئۆز گۈزەللىگىنى ئەزەلدىن بېرى یاخشىلىق، مېھرى-مۇھەببەت، مەرتلىك، پاكلىق بىلەن ئۆزىنى  بەختىیار قىلغان سالىغا كۆز-كۆز قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەتراپتىكى پۈتۈن گىیالار گۈللىگەن ئىدى . مانا لالە يۇزىدە گۈل ھەرسى بىلەن كىپىنەك ئۆز ماجىرالىرىنى قوزغىغان ئىدى. مانا بۇلبۇل نامسىز بىر گۈلزارلىق ئىچىدە گۈل ھەققىدە مەرسىیە ئوقۇۋاتتى. مانا زەڭگەر رەڭ ئاسماننىڭ ئاستىغا ئاجایىپ ئىچىلغان گۈزەل ئاق، يېشىل، قىزىل، سېرىق رەڭلىق، توق یاپراقلىق گۈللەردىن پایانداز سىلىنغان ئىدى. مانا پایانداز ئۈستىدە، زەینەپنىڭ لەۋىدە مەي ئىچىپ، غەرق مەس بولغان كاككۇك ناۋا قىلماقتا ئىدى.

………………………..

شۇ تەرسا تىلسىماتنىڭ چۇلۋۇرى ئىرپاندا بولغاندەك، بۇ تەرسا ئىتىزلارنىڭ چۇلۋۇرى مىھنەتتە ئىدى. دىمەك سالىنىڭ شەپقەتلىك قەلبى بىلەن مىھنەتكەش قولى بولسا مۇشۇ ئىتىزلىقتىن كائىناتقىچە تۇتاشقان ئىدى. ئۇنىڭ مىھرى-مۇھەببەتكە تولغان سۆز ۋە ھەركىتى ئاشۇ گۈزەل تەبىئەت قوینىدا قېلىپ  قالغان ئىدى. سالى شۇنداق قىلىپ ئۆیگە قایتىپ كەلگەن ئىدى. ۋاپادار ئایالى بىلەن ئوغلى ئۆي بىلەن دۇكاننىڭ ئىشلىرىنى كۆڭۇلدىكىدەك ئىلىپ ماڭغان ئىدى. ھەم ئۇلار سالىنىڭ كەلگىنىدىن شۇنچىلىك خوش بولغانتى، ئەمما یەنە سالىدىن، » نىمە بولدى، نىمە ئۈچۈن یالغۇز یېرىم یولدىن قایتىپ كەلدىڭ، نىمە ئۈچۈن داۋۇتتىن ئایرىلىپ یاندىڭ ؟ » دەپ بىرمۇنچە سوئاللارنىمۇ سورایتى. ئۇ پەقەتلا:» ئۇلۇغ تەڭرى نىسىپ قىلماپتۇ. یولدا پۇلۇمنى يۈتتۈرۈپ قویدۇم. شۇڭا داۋۇتتىن ئایرىلىپ قایتىپ یاندىم. مېنى كەچۈرۇڭلار» دەپ، ھىچقانداق بىر ئەندىشىگە چۈشمەي جاۋاپ بەردى. داۋۇتنىڭ ئایالىمۇ كىرىپ داۋۇتنى سورىغان ئىدى . «مەن پۇلۇمنى يۈتتۈرۈپ قویغاندىن كىیىن، داۋۇت یولىنى داۋام قىلىپ مېڭىشقا مەجبۇر قالدى. خۇدایىم بۇیرىسا ئۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى بىجا كەلتۈرۈپ ئاز ۋاقىتتىن كىیىن چوقۇم قایتىپ كىلىدۇ» دەپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى.

ئەمما قازانچا مەھەلىسىنىڭ دوقمۇشىدا سالى توغرۇلۇق پاراڭلار قىززىپ كەتكەن ئىدى. بەزىلەر » بۇنداق ئۇلۇغ سەپەردە نىیەت بەك مۇھىم، ئەگەر نىیىتىڭ خالى بولمىسا، ئەنە ئاشۇنداق پۇلنى ئوغرى ئالىدىغان گەپ» دىسە یەنە بەزىلەر ھەي بۇ ئىشنىڭ ئىچىدە باشقا بىر ئىش بار. شۇنداق ئەقىللىق، یاخشى بىر ئادەمنىڭ یولدا پۇلنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ، ئارقىسىغا قایتىشىغا ھەرگىز ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەیدۇ.» دەیتى. یەنە بەزى ئادالەتنى تاۋۇتقا سالىدىغان بۆھتان جامائەت :» ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلاتلىرىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ، دىگەندەك، بۇ تاقا یول ئازاۋىغا چىدىماي قایتىپ كەلگەن گۇناھنىڭ ئۇۋالىغا باللىرى قالمىسا بولاتتىغۇ» دەپ  بۆھتان چاپلایتى.

سالى ئۆزىنى ۋە ئۆز مۇھىتىنى ئەینەن بىلگەن كىشى بولغاچقا، ئوشۇق گەپ قىلماي ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى. «نۈر ھۆكۈمرانلىغى سایىلەرگە ئورۇن قالدۇرمایدۇ» دەپ بىر ۋاقىتلاردىن كىیىن بۇ ئىشلارمۇ ئۇن-تۇنسىز جىمىپ كەتتى.

( 5 )

ئەمدى داۋۇت «چاپان» شۇ ماڭغانچە چىمكەتكە بېرىپ توختىغان ئىدى. ئۇ یەردە بىر مەزگىل سالىنى ساقلىدى ۋە یولدىن ئۆتكەن كارۋانلارغا سالىنىڭ تۇرقىنى دەپ، ئۇلارنىڭ كۆرگەن-كۆرمىگەنلىگىنى سورىدى. ئەمما ئۇ ھەممىسىدىن «كۆرمىدۇق» دىگەن جاۋاپقا ئىرىشكەن ئىدى. ئاخىرى سالى كەلمىگەندىن كىیىن، » بەلكى سالى باشقا بىر یول بىلەن مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتۈپ كەتكەن ئوخشایدۇ» دەپ ئویلىدى. لېكىن سالىنىڭ كەلمىگىنىدىن  یەنىلا ئىچى تىت-تىت بولاتتى. ئۇ ھاڭ لېۋىدە یىلتىزلىرى ئېچىلىپ قالغان دىقماق دەرەختەك ئەنسىزلىكتىن خالى ئەمەس ئىدى. بىر نەچچە كۈندىن كىیىن ھەج سەپىرىگە ماڭغان ئۆزبەك كارۋانلىرىغا قوشۇلۇپ یولىنى داۋام قىلدى ۋە ئۇزۇن بىر سەپەردىن كىیىن ئەزەربەیجانغا كەلدى ۋە ئۇ یەردە ئات-ئۇلاقلارنى ئۆتەڭچىگە قارىتىپ قويۇپ، پاراخوت بىلەن 7-ئاینىڭ باشلىرىدا ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. مانا بۇ دەۋىر تارىختا 500 یىلدىن ئوشۇق سەلتەنەت سۇرۇپ 1-دۇنیا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ئوسمانلى ئىمپراتورلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە توغرا كىلەتتى. ئىستانبۇلنى ئەنگىلىیە بىسىۋالغان مەزگىل ئىدى.

ئىستانبۇل كوچىلىرى، ئۆزلىرىنىڭ غەلبە خوشاللىقىدىن ھوزۇرلۇنۇپ، ئۇرۇش خۇمارلىغىنى تەن-تەنە قىلىپ، مەغرۇر يۇرۇشكەن ئېنگىلىس ئەسكەرلىرى بىلەن تولغان ئىدى. نورمال پۇقرالار مۇھتاجلىق ئىچىدە قالغان ئىدى. ھەریەردە چوڭقۇر كۆزلەر، قارایغان قورۇقلار، ئاچچىق تەرلەر، ھارغىن لوقۇلداشلار، چوڭقۇر ئىزتىراپقا چۆككەن كىشىلەر ئۇچرایتى. ترامۋایلار، كونا قەلئەلەر، كونا رەستىلەر، ئىگىز ھەيۋەتلىك قەد كۆتۇرۇپ تۇرغان مەسجىتلەر، كۆپ-كۆك دېڭىز، ھىچ بىر ۋاقىت كۆرۇپ باقمىغان چوڭ تۇرخۇنلىرىدىن قاپ-قارا ئىس چىقىرىپ تۇرغان ئەجنەبى پاراخوتلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. توپ ساراینىڭ ئۈستىدىكى توپلانغان قارا یامغۇر بۇلۇتلار كۆك ئاسماننى قارايتقان ئىدى. ئەمما باتۇر تۈرك خەلقى ئۆز ئۈمۈدىنى ھېچ یوقاتمىغان ئىدى. ئانادولۇدا گېنىرال مۇستاپا كامالنىڭ باشچىلىغىدا ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى باشلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن یاشلارنى ئانادولۇغا سەپەرۋەرلىك قىلىش ھەركىتى ھەر یەردە باشلانغان ئىدى. ھەتتا یولدىشىدىن ئایرىلغان تۇل ئایاللار باللىرىنى ئەگەشتۇرۇپ كۈرەشكە ئاتلانغان ئىدى.

ئۇلار ئۆز قەلبىدە:» بىز ئەرسىز یاشالایمىز، ئەمما، باللىرىمىز ۋە بىز ۋەتەنسىز یاشالمایمىز» دەپ ئویلایتى. داۋۇت قوشۇلىۋالغان ھەج قىلغۇچى ئۆزبەكلەر گۇرۇپىسى، قىرىم تاتارلىرىدىن بىرى ئاچقان پاكىز، رەتلىك ئورۇنلاشتۇرغان مېھمانخانىغا یەرلەشكەن ئىدى . تاماق ۋاقتىدا ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى توغرىسىدا پاراڭ بولغان ئىدى. قىرىملىق تاتار خوجایىن ئەسلىدە ئوقۇمۇشلۇق، بىلىملىك ھەم باي ئۆتكەن كىشى بولۇپ، قىرىمنى  رۇسلار بىسىۋالغاندا تۈركىیەگە كىلىپ پانالانغان ئىكەن. ئۇ ھازىرقى دۇنیا ۋەزىیىتى جۈملىدىن تۈركىیەنىڭ سىیاسى، ئىجتىمائىي ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ، مۇستاپا كامالنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلىرى توغرىسىدا تەسىرلىك ھېكایىلەرنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئاخىردا:» پەزىلەتلىك دۆلەتنىڭ تاشقى ۋەزىپىسى دۆلەت ۋە خەلقنى تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن قوغداش. ئەمدى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغاش رەزىللىكتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۆز ئارا قىرىپ یوقۇتۇش ھايۋانات دۇنیاسىغا ھۆكۇمرانلىق قىلىدىغان پرىنسىپ. بۇلارنى ئىنسانلار ئارىسىدا قوللىنىش رەزىللىك. باشقىلارنىڭ زىمىنىغا بىسىپ كىرىپ، ئۇلارنى بویسۇندۇرۇشنى مەخسەت قىلغان ئۇرۇش ھەققانىیەتسىزلىكتىن ئىبارەت. ئەمدى ئۆز دۆلىتىنى مۇستەملىكىچىلەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىلىپ بىرىلغان ھەرقانداق ئۇرۇش ھەققانىیەتلىك ئۇرۇشتۇر. بۇنداق ھۆرلۇك ئۈچۈن كۇرەش قىلغان ھەربىر كىشى پەزىلەتلىك كىشىدۇر» دىدى.

بۇ گۇرۇپپا ئىچىدە ۋاپات بولغان دادىسىنىڭ ۋەسىیەتىگە ئاساسەن ھەجگە ماڭغان نامەنگەنلىك دوگلەك، ئاق يۇزلۇك، كۈچ-كۇۋەتكە تولغان بىر ئۇیغۇر یىگىتى بار ئىدى. ئۇیغۇر یىگىت قىرىملىق تاتار خوجایىننىڭ بۇ تەسىرلىك ھىكمەتكە باي سۆزلىرىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ئىدى. یىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ.» تۈركىیە پۈتۈن جاھان تۈركلىرىنىڭ قەلئەسى . ئەگەر بۇ قەلئە یىقىلسا تۈرك خەلقى پانالىنىدىغان جاي قالمایدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ھازىرقى مۇقەددەس ۋەزىپىمىز ماشۇ قەل́ئەنى قوغداشتىن ئىبارەت!» دىدى.

ھەقىقەت شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، دەل شۇ چاغدا ھاقارەتلىنىۋاتقان تۈرك خەلقىنىڭ ۋىجدانى، ۋەتىنى، قەلەسى ئىدى. ئۇیغۇر يىگىتىڭ سۆزى بىلەن تەڭ ئارقا-ئارقىدىن باشقىلارمۇ سۆز قىلىشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئوتتۇز كىشلىك گۇرۇپىدىن  ئىككى قولىدا قورال تۇتقىدەك كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەج سەپىرىنى ماشۇ یەردە توختۇتۇپ، پىدائیى بولۇپ كەتتى. تارىخ ئاجایىپ ئەزىمەتلەرنى یارىتىدۇ ۋە یوقىتىدۇ. ئۇنىڭ ئەقىدىلىك مەشغۇلىیىتى بولسا پائالىیەت ئېلىپ بارغان بۈگۈننىڭ يېڭى ئەزىمەتلەرنى پەرپا قىلىشىدىن ئىبارەت. ئۆز غورۇرىنى دەپسەندە قىلغان، جاسارەتسىز مىسكىننى، ئالەمنىڭ رەھىمسىز قۇملىرى غەرىق قىلىدۇ. داۋۇت ھایاتنىڭ رەڭسىز قىپیالاڭاچ چىنلىقى ئالدىدا كۆزىنى ئۇۋۇلىدى. بایاتىن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈۋاتقانلار ئالدىدا تىڭىرقاپ قالدى ۋە ئىچىدە:» ئۇلۇغ تەڭرىم مۇشۇ ئۇلۇغ سەپىرىمنى ئاسان قىلغایسەن. ھەجدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس پەرىزنى ئادا قىلىشقا مۇیەسسەر ئەیلىگەیسەن» دەپ دۇئا قىلدى.

( 6 )

داۋۇت ئاخىرى بۇ مۇقەددەس زىمىن مەككىگە ئایاق باسقان ئىدى. ئۇنىڭ تىرناقلىرى پاكىز ئىلىنغان، ساقاللىرى رەتلىك یاسىتىلغان، ۋۇجۇدىدىكى پۈتۈن كىرلەر تازلانغان، ئۇستىگە ئاپپاق ئېھرام ئارتىلغان ئىدى. ئۇ یولدا تارتقان پۈتۈن جاپالارنى ئۇنتۇپ، يېپ-يېڭى بىر روھقا ئىگە باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ قالغان ئىدى. مانا بۇ مۇبارەك تۇپراقنىڭ ھاسىلیەتلىرىدىن بىر ئىدى. ئۇ ئەمدى كەبىنىڭ ئەتراپىنى ئایلىنىپ تاۋاپ قىلىۋاتقان ئىنسانلار دېڭىزىغا قوشۇلدى. كەبىنىڭ ئاتراپىدا ئایلىنىپ دۇئا قىلىۋاتاتتى ۋە ئىچىدە یەنىلا سالىنى ئویلایتى، ئەتراپىدىدكى مىللىيون ئىنسانلار ئارىسىدىن سالىنى ئىزدەیتى. ھەممىسى كۆزىگە كۆكتىن چۈشكەن ئاپپاق بۇلۇتتەك كۆرۇندى. شۇ ئەسنادا كۆزىگە سالىنىڭ سىماسى نامایەن بولدى ۋە ئەتراپىدا ئون ئىككى پىدائينىڭ سىماسى كۆرۇندى. ئۇ :» بۇ مۇمكىن ئەمەس، سالىنىڭ ئالدىمغا ئۆتۇپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ بۇ ئون ئىككى پىدائيىلارچۇ، ئۇلار ئانادولۇغا یول ئالغان ئىدىغۇ؟»… داۋۇت مانا ماشۇ ئەندىشە ئىچىدە ئۇلارغىمۇ دۇئا قىلىشقا باشلىدى. ئەمدى ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنتىغان ئىدى. ھەرەمنىڭ ئىچىدە ناماز قىلىپ، ئۇلۇغ تەڭرىگە دۇئا قىلدى، ئىچىدىكى مۇزلار ئېرىغاندەك بىر روھى ھالەتتە ئىدى. ئۇ بىردىنلا يېنىدا یەنە سالىنى كۆرگەندەك بولدى

بۈگۈن ئارافاتقا چىقىپ رەسمى ھەج پائالىیىتى ئىلىپ بارىدىغان كۈن ئىدى. مىليون ئىنسان بۇ یەرگە يىغىلغان ئىدى. بۇ یەردە ھەممە ئادەم باراۋەر ئىدى. باراۋەرلىك ئىنسانىیەتنىڭ ئىززىتى ۋە ئىپتىخارىنىڭ جەۋھرى. باراۋەرلىك تۇیغۇسى ئادالەت ۋە يۈكسىلىشنىڭ مەشىلى ئىدى. داۋۇتنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى ئىللىغان ئىدى. ئۇنىڭ روھى بىردىنلا قاراڭغۇ زىنداندىن قۇتۇلۇپ، یورۇقلۇققا چىقاندەك ۋە تەڭرىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى كۆرگەندەك بولدى. بۇ یەر ھىچقاندەك گىیا یوق تاشلىق بولسىمۇ ئۇنىڭغا یەر يۈزىدە ئەڭ كۆپ دەرەخ، ئەڭ كۆپ قۇیاش، تېخىمۇ كۆك ئاسماندەك كۆرۇندى. پۈتۈن كېشىلەر ئۇنىڭغا كۆكتىن چۈشكەن ئاپپاق بۇلۇتتەك كۆرۇنەتتى. شۇنداق ئىسسىق بولسىمۇ ئۇسسۇزلىغىنى تەڭرىگە بولغان تۇگمەس ئاشىق بۇلاقلىرى بىلەن قاندۇرغان ئىدى. بىردىنلا يۇزىنىڭ ئالدىدا رۇھلار ئۆتكەندەك بولدى. رۇھلار يېنىك نەپەس ئېلىۋاتقاندەك تۇیۇلدى. كۆزىگە یەنە سالى ۋە ئون ئىككى پىدایى كۆرۇنگەندەك بولدى. سالىنىڭ بەدىنى تىترىدى، ئەمما ۋىجدانى راھەت ئىدى. چۈنكى ئۇ شۇتاپتا مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇنداۋاتاتتى. ئىچىدە ئىللىق سۆیگىنىڭ ئوتى یاناتتى. چۈنكى بۇ یەر «بىرىنچى گۇناھنىڭ» ئىگىلىرى بولغان، قەلبى سۆیگۇ مۇھەببەت كەۋسەرى بىلەن سۇغۇرۇلغان ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ مۇبارەك ئایاغلىرى تىگىپ، سۆیگۈ، یاخشىلىق، پەزىلەتلەرنىڭ زىمىنغا ئاپىرىدە بولغان جاي ئىدى. چۈنكى بۇ یەر ھىجىریەنىڭ ئونىنچى یىلى(مىلادى 632-یىلى) سۆيۇملۇك پەیغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاۋۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق ھەجدە، ۋىدالىشىش خۇتبەسى سۆزلىگەن مۇبارەك جاي ئىدى. ئۆز ۋاختىدا مۇھەممەد پەیغەمبىرىمىز بىز ئىنسانلارغا ئەڭ ئاخىرقى قىتىم مۇنداق خىتاپ قىلغان:» بىسمىللاھىرراھمانىررەھىم. ئەي ئىنسانلار! سۆزلىرىمنى یاخشى ئاڭلاڭلار ! بىلمەیمەن، بەلكى بۇ یىلدىن كىیىن سىزلەر بىلەن بۇ یەردە یەنە بىر قىتىم ئۇچرىشالامدىم. ئىنسانلار! بۈگۈنكى كۈنلىرىڭلار قانداق مۇقەددەس بىر كۈن بولسا، بۇ ئایلىرىڭلار قانداق مۇقەددەس بىر ئاي بولسا، بۇ شەھەر (مەككە) قانداق مۇبارەك بىر شەھەر بولسا، جانلارىڭلار، ماللارىڭلار، نومۇسسىڭلارمۇ شۇنداق مۇقەددەستۇر. ھەر تۇرلۇك تاجاۋۇزدىن ساقلانغاندۇر،  ھەرگىز مېنىڭدىن كىیىن بۇرۇنقى جاھىلىیەت دەۋرىگە قایتماڭلار ۋە بىربىرڭلارنىڭ بوینۇغا …..قىلىچ ئۇرماڭلار! بۇ ۋەسىیەتىمنى، بۇ یەردىكىلەر باشقىلارغا یەتكۇزسۇن ئەي مۈمىنلەر! سىزلەرگە ئىككى ئامانەتنى قالدۇرماقچىمەن، ئۇلارغا ئىسىلساڭلار یولۇڭلاردىن ھىچ ئازمایسىلەر. ئۇ ئامانەتلەر ئاللاھنىڭ كىتابى «قۇر́ئان كەرىم ۋە پەیغەمبەر سەللەللاۋۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتىدۇر…

كەچ كىرىپ قالغان ئىدى. مەككە ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار پارقىرایتى، ئۇپۇقتا يۇكسەلگەن ھىلال ئاي، شۇ پەیتتە كەبىنىڭ ئۇستىدە تۇرۇپ، نۇرلۇق بىر پەرىدەك یالتىراپ تۇراتتى. داۋۇتنىڭ خىیالىغا سۆيۇملۇك  ئایالىنىڭ مېھرىبان سىماسى ۋە باللىرىنى یىقىملىق يۇزلىرى كەلگەن ئىدى.

( 7 )

داۋۇت بۇگۇن ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئۆزى ئۈچۈن نۇرلۇق چىراق یىقىلغان، روھىغا تىنچلىق ئاتا قىلىدىغان یەنە بىر مۇقەددەس جاي ئىلىغا قاراپ ئاتلانغان ئىدى. ئۇ یول ئۇستىدە ئىستانبۇلدىكى قىرىم تاتار خوجایىننىڭ پاكىز مېھمانخانىسىغا چۈشۇپ، ئۆمۈرنىڭ قامۇسىغا مەنە ئېیتىش ئۈچۈن قوللىرىغا قورال ئالغان ئون ئىككى پىدایىنىڭ مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك باشچىلىغىدىكى ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلرىنى ئاققۇزۇپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىغىنى ئاڭلىدى. مانا بۇ تۈركىیە جۇمھۇرىیىتىدىن ئىبارەت مەزمۇت قەلئەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىیادىكى پىداكار، باھادىر ئەزىمەتلەرنىڭ ئىسسىق قانلىرى بىلەن تۈرك مىللىتىنىڭ ئىسسىق قانلىرى قوشۇلۇپ قۇرۇلغانلىغىنىڭ بىر ئەمەلى پاكىتى ئىدى.

داۋۇت داۋاملىق سەپەر قىلىۋاتاتتى. ئۇ یول ئۇستىدە قەدىناس دوستى سالىدىن ئایرىلغان ھېلىقى ۋەیرانە يېزىغا كىلىپ قالغان ئىدى. ئەمما،يېزا كەچ كۇزنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىدا ئاستىدا بەھەيۋەت كۆرۇنەتتى. پۈتۈن یەر ئۆزگەرگەن، بۇغدایلار ئورۇلغان، خامانلار سورۇلغان ئىدى. یاپراقلىرى سارغایغان دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدىكى رەتلىك سىلىنغان قۇش ئۇۋۇلىرى، شىلدىرلاپ ئىقىۋاتقان مارجاندەك تاغ سۇلىرى، كىشىلەر يۇزىدىكى تەبەسسۇم، پاكىز رەتلىك ھویلىلار.. دىمەك ھەر یەرنى، ھەر كىمنى مۇھەببەت – سۆیگۇنىڭ دولقۇن – ئۆركىشى قاپلىغاندەك قىلاتتى. لاچىنمۇ بۇ مەھەلىنىڭ ھۆسنىدىن زوقلىنىپ، زەڭگەر ئاسماندا بەختىیار قانات قاقماقتا ئىدى. داۋۇتنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزگەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ قەلبىدە سۆیگۇنىڭ ئۇرۇقى بىخ ئۇرغان ئىدى. سۆیگەنسىرى، ئۇنىڭ سۆیگۇ تۇیغۇسى ئاشاتتى. داۋۇت بۇلاق بېشىغا كېلىپ، ئورۇقلاپ كەتكەن جىگەر رەڭلىق ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ توختىدى.  بۇلاق بىشىدا پاكىز، رەتلىك كىیىگەن، ساقال-بۇرۇتلىرى پاكىز ئىلىنغان، پاكار بویلۇق، دوغۇلاق كەلگەن بىر ئادەم سۇ ئېلىۋاتاتتى. چىغرىق  چۆگىلەۋاتاتتى. يېپ-يېڭى ئارقان چىغرىققا رېتىملىق يۆگىلىۋاتاتتى. چىغرىقنىڭ ئوڭ ئۇچىغا بىر تال كونا ئۇفراپ نېپىزلاپ كەتكەن تاقا مىقلانغان ئىدى. چىغرىق ھەر 360° ئایلانغاندا تاقانىڭ سۇزۇك يۇزىگە كەچ كۇز قۇیاشنىڭ ئالتۇن نۇرى چۇشەتتى-دە، ۋاللىلداپ پاقىراپ ئۆز نۇرىنى ئەتراپقا مەرتلىك بىلەن یایاتتى. دەل ماشۇ چاغدا تاقىدىن چاقنىغان بىر تال نۈر ئۇچقۇنى داۋۇت ھاجىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردى. داۋۇت ھاجى تاقىنى كۆرۈپ، قەدىناس دوستى سالى «تاقا» یادىغا كەلدى ۋە دوغۇلاق ئادەمگە سالىنىڭ تەققى – تۇرقىنى دەپ، ئۇ توغرۇلۇق سورىدى. پاكار بویلۇق، دوغۇلاق ئادەم ھایاجان ئىچىدە سالىنىڭ پۈتۈن یاخشى ئىش-ئىزىلىرىنى بىر-بىرلەپ ھېكایە قىلىپ بەردى. سالىنىڭ ئاشۇ یاخشىلىقى پۈتۈن يېزا خەلقىنىڭ ھایاتىنى ئۆزگەرتكەن ئىدى. بۇ یەردىكى ھەممە نەرسىنىڭ گۈزەللىكىگە پەقەت ۋە پەقەتلا سالى بوۋاینىڭ بىۋاستە سەۋەپ بولغانلىغىنى ئاڭلىدى. داۋۇت ھاجىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ، ئاچقۇزمىغان چىغرىققا مىقلانغان تاقا بولسا سالى بوۋاي مىنگەن ئاتنىڭ چۆشۇپ قالغان تاقىسى ئىكەن. يېزا خەلقى ھەر قىتىم قۇدۇقتىن سۇ ئالغاندا سالى بوۋاینى خاتىرلەپ تۇرۇش ئۈچۈن، بوۋاي ئۆز قولى بىلەن یاسىغان بۇ چىغرىققا مىخلاپ قویغان ئىكەن. پاكار، دوغلاق كەلگەن ئادەم ئاخىرىدا:» بىز پۈتۈن يېزىدىكىلەر ئۈمۈدىمىزنى یوقاتقان ئىدۇق. ئۇ بىزگە ئۈمۈد بەردى. بىزگە سۆیگىنى ئۈگەتتى. ئىنساندەك یاشاشنى ئۇگەتتى. بىزگە بۇ دۇنیادىمۇ یاخشى ئىنسانلارنىڭ بارلىغىنى كۆرسەتتى. بىزگە ئاللاھنى تونۇتتى. سالى بوۋاي ئەسلىدە ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن بىزگە ئەۋەتكەن خىزىر ئىكەنتۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ نەردىن كەلگەنلىگىنىمۇ دىمەیلا كەتتى.» دىدى.

داۋۇت ھاجىنىڭ شۇ تاپتىكى تۇیغۇسى خۇددى چىقرىققا مىخلانغان تاقىدەك ۋال-ۋۇل قىلىپ چاقناپ كەتتى. مۇقەددەس ماكان مەككىدە ئۇنى ۋە ئون ئىككى پىدایىنى نەچچە قىتىم كۆرگەندەك قىلغان مەنزىرە كۆز ئالدىغا كەلدى. داۋۇت ھاجى دوغلاق، پاكار ئادەم بىلەن خوشلۇشۇپ ھېلىقى كەلگەن یوللار بىلەن ئۇدۇل ئۆزىنىڭ قەدىناس مەھەلىسى قازانچا دوقمۇشىغا كېلىپ قالغان ئىدى. دوقمۇشتا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان بىكارچىلار یەنە تۇراتتى. داۋۇت ھاجىنى يېراقتىن كۆرۇپلا، ھوي داۋۇت «چاپان» كەپ قاپتىغۇ دىیىشتىيۇ ئاندىن دەرھال «چاپان» دىگەن بۇ قەدىناس لەقەمنىڭ ئورنىغا «ھاجى» دىگەن مۇبارەك نامنى ئالماشتۇردى. ھەممىسى «ھاجىم خوش كەلدىڭىز، ئامان – ئىسەن قایتىپ كەپسىز، یوللاردا جاپا تارمىغانسىز مۇبارەك بولسۇن» دەپ سەممى كۆرۇشتى ھەتتا ئارىسىدىن بىرسى داۋۇت ھاجىنىڭ چاپىنىڭ پەشلىرىنى يۈزىگە سۈركىگەنتى، قوللىرىغا سۆیگەنلەرمۇ بولدى. ئارىسىدىن ئەڭ ۋىجىك بىرسى :» نىیەتلىرى خالىس ئادەم ئىكەنلا بىلمەمتۇق، نىیەتى دۇرۇس بولمىغانلارنىمۇ كۆردۇق، ئۆیىدىن تالا چىقالماي، دەرەخ چاتاپ يۈرۈیدۇ» دەپ بىلجىرلىدى. داۋۇت ھاجىغا بۇ گەپلەر یاقمىغان بولسىمۇ، یەنە ئۇلار بىلەن سەممى خوشلۇشىپ، ئالدىراپلا ئۇدۇل ئۆیىگە قاراپ ماڭدى. چۈنكى یول بویى، «مەن كەتكەندىن كىیىن ئایالىم بىلەن بالام نىمە قىلغاندۇ؟ تۇرمۇشتا قىینالغانمىدۇ؟ ئوغلۇم ئىش-ئوقەتنى قانداق ئىلىپ بارغاندۇ؟» دەپ ئۇلارنىڭ غىمىنى قىلسا یەنە بىر تەرەپتىن سالىنى ئویلاپ كەلگەن ئىدى. داۋۇت ھاجىنى كۆرۇپلا ئایالى ھاجىمغا ئېسىلىپ بۇقۇلداپ یىغلاپ كەتتى بۇ بىر تەرەپتىن خوشاللىق يېغىسى بولسا یەنە بىر تەرەپتىن ئۆز دەرتلىرىنى تۆكىۋاتاتتى. چۈنكى داۋۇت ھاجى كەتكەندىن كىیىن ئۆینىڭ ئىشلىرى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان ئىدى. ھۈنەرنى چالا ئۈگەن گەن ئوغلى ھىچ ئىش قىلماي بار دەسمىنى يېتىپ یەپ، ھەتتا بەزىدە ئۆیگە مەس كىرىپ، موماینى كۆڭۈلنىڭ ئارامىنى قویمىغان ئىدى. ئىقتىساد جەھەتتىنمۇ قىینىلىپ قالغان ئىدى. ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە بۆھران ئىچىدە قالغان ماشۇنداق بىر پەیتتە، یولدىشىنىڭ ئۆیگە تۇيۇقسىز ئۈنىشى موماینى بەكمۇ ھایاجانغا سالغان ئىدى.

( 8 )

تاڭ قۇیاشىنىڭ جىلۋىسى مىڭلارچە توز قاناتلىرىنىڭ جەۋلانىدەك قازانچى مەھەلە ئاسمىنىغا بەھەيۋەت شولا تاشلاپ تۇراتتى. سالى بوۋاینىڭ قوراسى ئۇستىدە بىر پارچە بۇلۇت ئاققۇدەك لەیلەپ يۇرەتتى. سالى بوۋاي كۇزنىڭ نەم ھاۋاسى قاپلىغان باغدا ، تېرەكلەرنىڭ شاخلىرىنى چاتاۋاتاتتى. تېرەكلەرنىڭ تۈۋىدىكى ئۆستەڭدە شوخ سۇ چۇرۇقلایتى. شاخلىرى بىر – بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن تېرەكلەرنىڭ سارغایغان یوپۇرماقلىرى كۈن نۇرىدا سېرىق كىپىنەكتەك غىلىلداپ، گویا ئاسماندىن ئالتۇن تەڭگە تۆكۈلىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. داۋۇتنىڭ كەلگىنىنى ئاڭلىغان سالى كۆڭلىدە، قولىدىكى ئىشلىرى تۈگۈتۈپلا  ئۇنىڭ قىشىغا چىقىشنى ئویلاپ تۇرغاندا، داۋۇت ھاجى «ئەسسالامۇئەلەیكۇم» دەپلا سالىنىڭ قوراسىغا كىرىپ كەلدى. سالى داۋۇتنىڭ ئۈنىنى ئاڭلىدى-دە، قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ماڭدى. ئىككىسى نەچچە ئون یىل ئایرىلغان قىرىنداشلاردەك سەممى ئىچىدىن چىقىرىپ، قۇچاقلىشىپ كۆرۇشتى . ئاشۇ تىنىمسىز چاۋاك چىلىپ، پىچىرلىشىپ تۇرىدىغان شوخ یوپۇرماقلار ئىككى بوۋایغا ھەۋەسلەنمەكتە ئىدى.

سالى، داۋۇت ھاجىنىڭ مۇبارەك زىمىن مەككىگە بىرىپ مۇقەددەس ۋەزىپىنى غەلبىلىك ئورۇنلاپ، ھاجى بولۇپ كەلگەنلىگىنى تەبرىكلىدى ۋە » خوش كەلدىڭ، بىزنى ئالەمچە بەختىیار قىلدىڭ، یوللاردا كۆپ جاپا تارمىغانسەن؟» دەپ سورىدى.

داۋۇت ھاجى :»قانداق بولاتتى خوشنام، سەنسىز بىرئاز تەس بولدى. ئەمما یەنە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن، مۇبارەك ماكانغا بىرىپ تاۋاپ قىلىپ كەلدۇق. سېنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلدىم ۋە ساڭا زەمزەم سۇیىدىنمۇ ئالغاچ كەلدىم. لېكىنزە ئاللاھ ھاجىمىزنى قوبۇل قىلدىمۇ، قىلمىدىمۇ؟ بۇ بىزگە نامەلۇم ..»

سالى سالماقلىق بىلەن: «یاق ھاجىم ئۇنداق دىمىسلە، ئىنشائاللاھ قوبۇل قىلدى. تەڭرى مىھرىباندۇر. تەڭرى بىزلەرنىڭ ئالاھىدىلىگىمىزگە، ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە یاخشىلىقىمىزغا قاراپ ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە شەپقەتلىكىگە قاراپ گۇناھلىرىمىزنى كەچۇردۇ ۋە دۇئا، ئىبادەتلىرىمىز قوبۇل قىلىدۇ» دىدى.

داۋۇت ھاجى :» مەن ھەممىنى بىلدىم. مەن قایتىشتا، سېنى تاشلاپ كىتىپ قالغان ھېلىقى يېزىغا كىلىپ، سەن یاسىغان بۇلاق بېشىدا ….» دىیىشىگە، سالى قاتتىقراق يۆتۆلۈپ، داۋۇت ھاجىنىڭ سۆزىنى كەستى-دە:» بۇ تەڭرىنىڭ ئىلكىدىكى ئىش، ھاجىم. پېشانىمىزگە پۈتۈلگىنى شۇنداقكەن. جۈر ئۆیگە كىرىپ بىر پىیالىدىن چاي ئىچەیلى ھەمدە بۇ مۇبارەك زەمزەم سۇغا لەۋىمنى تەكگۈزەي» دەپ گەپنى بۇرۇدى.

داۋۇت ھاجى بۇلاق بىشىدا ئاڭلىغانلىرىنى، ئىستانبۇلدىكى ئون ئىككى پىدایى توغرىسىدا ۋە كەبە ئەتراپىدا، ئاراپاتتا كۆرگەنلىرىدىن ھىچ سۆز ئاچمىدى. ئۇ ھەممىنى چۇشەنگەن ئىدى. ئۇ ئاللاھنىڭ، ئىنسانلاردىن مىھرى-مۇھەببەت ۋە یاخشى ئىش – ھەركەتلەرنى قىلىشقا، ئاۋال نىمىنى قىلىش زۆرۇر بولسا شۇنى قىلىشقا، ئىبادەتنى توغرا، خالس نىیەت بىلەن قىلىشقا ئۇندەیدىغانلىغىنى چۈشەنگەن ئىدى. بولۇپمۇ » ئاللاھ كىمگە یاخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىننى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ» دىگەن بۇ ھەدىستىن چۈنۈش بىلىشكە قارىغاندا تېخىمۇ چۇڭقۇر ئەھمىیەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر مەناسى بىلەن تونۇپ یەتكەن ئىدى.

:خاتىمە

ئىلىنىڭ قازانچى مەھەلىسىدىكى سالى «تاقا» بىلەن داۋۇت «چاپان» نىڭ ھېكایىسى مانا مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. ئارىدىن یىللار ئارقا-ئارقىدەك سۇدەك ئىقىپ كەتتى. بۇ یىللار داۋامىدا بۇ مەھەلىدىن نىي-نىي ئالىملار، شائىرلار، ناخشىچى- سازەندىلەر، داڭلىق مائارىپچىلار، باتۇرلار، قەھرىمانلار، ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلەر يېتىشىپ چىقتى ۋە چىۋاتىدۇ. تارىختىكى ۋەقە ۋە ھادىسلەر تەكرارلىنىۋاتىدۇ، ئەمما لېكىن سالى بىلەن داۋۇتنىڭ قوراسىدىن ئاقىدىغان»شاغىلىق ئۆستەڭ» قۇرۇپ كەتكەن ئىدى. چۈنكى لەڭزە بېشىدىكى مىڭلىغان بۇلاق كۆزلىرىدىن ئاققان یاشلار قۇرۇپ تۇگىگەن ئىدى.

2016.10.16

گېرمانىیە

Comments (1)

  • بىناۋا

    قايسى تارانچى،قايسى قاشقالىق،
    قارا دۆڭدە سىغدىلىپ ياتقان.
    ئايخانمۇ يوق،نازىمى-سادىرمۇ يوق،
    قازانچىغا ئوت-مەشئەل ياققان!

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top