You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئەندىشە تەرغىپچىلىرىنى رەت قىلىڭ

ئەندىشە تەرغىپچىلىرىنى رەت قىلىڭ

ئەليۈكسەل

ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئەخلاق مۇتەخەسسىسى ۋە نۇتۇقچى مايكۇل جوسېفسون (Michael Josephson)  مۇنداق دەيدۇ: بۇرۇنقى ھەر قانداق ۋاقىت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىز ھازىر سەخسىيەتچىلىك ئەلچىلىرىنى، ئۆچمەنلىك ساتقۇچىلىرىنى ۋە ئەندىشە تەرغىپچىلىرىنى رەت قىلىدىغان قۇدرەت ۋە غەيرەتكە ئىگە بولىشىمىز كېرەك.  چۈنكى ئۇلار بىزگە «سىلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈن تۇرىدىغان ئارتۇقچىلىقىڭلار سىلەرنىڭ بىر ئاجىزلىقىڭلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس»، دەيدۇ.

ئامېرىكىنىڭ 32-پرېزىدېنتى رۆزىۋېلت (Franklin Delano Roosevelt، 1882 – 1945) مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنىڭ مۇلايىملىقى ھەرگىزمۇ بىر ئەركىن خەلقنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ياكى ئۇلارنىڭ مۇسكۇللىرىنى يۇمشىتىپ باققان ئەمەس.  بىر دۆلەت مۇكەممەل بولۇش ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ شەپقەتسىز بولىشى زۆرۈر ئەمەس. »

ئۆز-ئۆزىمىزگە ئېنىقلىما بېرىشتە بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە، ئەڭ يۇقىرى ئورۇندىكى ئىدىلوگىيىلىرىمىزگە، يۈكسەك ئارزۇلىرىمىزغا، ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىمىزغا ئاساسلىنىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىگە ئاساسلانماسلىقىمىز كېرەك.  بىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارتۇقچىلىقىمىز ئۆزىمىزدىكى نۇقسانلارنى بايقاپ، ئۇلارنى تۈزىتىش ئىقتىدارىمىزدىن ئىبارەت.

ئەندىشە ۋە ئۆچمەنلىكنى ئاقلاپ، كەمسىتىش ۋە ئايرىمىچىلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشمەكچى بولىدىغانلارنى نەزىرىمىزدىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقىمىز لازىم.

ئويدۇرما ئەندىشە بىزنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ بىزنى قوغداپ قالالمايدۇ. ئاق كۆڭۈللۇكنى، ھۆرمەتنى ۋە ئادالەتنى قەدىرلەش ۋە تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق بىز ھەر خىل قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، ئۆزىمىزنى قوغداپ قالالايمىز.

(يۇقىرىدىكى مەزمۇن مايكۇل جوسېفسوننىڭ بىر قىسقا يازمىسىغا ئاساسەن تەييارلاندى).

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top