تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئۇقتۇرۇشى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 7 يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قىلغان خالىس خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر دىيارى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىۋاتغان ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى، مۇتەخەسىس، زىيالىلار ۋە ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ۋە مەدەت بېرىشىگە مۇيەسسەر بولۇپ كەلمەكتە.
تېخىمۇ كۆپ ۋەتەن ۋە مىللەتكە ياراملىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يېتىشىپ، ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ سېپىگە قېتىلىشى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى چەتئەلدىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن 2014 – يىلىدىن باشلاپ، مەمتىلى تەۋپىقنىڭ تۈركىيەدىكى مائارىپ مەشئەلىنى ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلىپ، 2014 ۋە 2015 – يىلى ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى، ئەمما ئوقۇش ياردە پۇلىغا ئىھتىياجلىق بولغان 13 ماگىستىر ۋە 4 دوكتۇر ئوقۇغۇچىسىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بەردى. بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان دەرستە ئەلا، ئەمما ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى بولمىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن، 2017 – 2016 ئوقۇش يىلىدا، ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» نى داۋاملاشتۇرىدىغان بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرى تۆۋەندىكىدەك:
1) چوقۇم تۈركىيەنىڭ مەلۇم بىر ئالىي مەكتىپىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن باكلاۋۇرلۇق، ماگېستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولىشى
2) ھەرقانداق بىر دۆلەت ئورگانىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغان بولىشى
3) مەكتەپتىكى دەرسلەردە ئەلا نەتىجە قازىنىشنى نىشان قىلىپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە ئويغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگىلىك ئىش ۋە ھەرىكەتلەردە بولىشى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىگە ئۆزلىكىدىن ئاكتىپ قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
يۇقارقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى ماتېرىياللار بىلەن بىۋاستە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ئېلخەت ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشى كىرەك:
1. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» ئىلتىماس جەدېۋىلى Tevfik Bursu Başvuru Formu
2. ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات (Öğrenci Belgesi)
3. مەكتەپتىكى دەرس نەتىجىسى (ئەڭ يېڭى نۇسخىسى)
4. پاسپورت كۆپەيتىلمە نۇسخىسى
5. ئىقامەت كۆپەيتىلمە نۇسخىسى
6. قىسقىچە تەرجىمىھالى
7. تۈركىيەدە ئوقۇش مەقسىدى، ئوقۇش – تەتقىقات نىشانى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى پىلان-لاھىيەسى ھەققىدە كۆز قاراشلىرى (نىيەت مەكتۇبى)
8. ئىككى پارچە تەۋسىيە خېتى (تەۋسىيە خېتىنىڭ بىرسى چوقۇم يىتەكچى ئوقۇتقۇچى، يەنە بىرسى جەمئىيەتتە ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازانغان مەلۇم ئۇيغۇر تەرىپىدىن بېرىلگەن بولىشى كىرەك.)
9. ئەگەر بولسا، ئوقۇش ۋە خىزمەت ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە ئالغان مۇكاپاتلىرى (چەتئەل تىلى ئىمتىھان نەتىجىلىرى، كومپىيوتېر قابىلىيىتى كېنىشكىسى، يازغان ئەسەرلىرى ۋە باشقا ئالغان مۇكاپاتلىرى)
10. ھىچقانداق بىر دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغانلىق ھەققىدە ئەھدىنامە.
تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى سوممىسى:
دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرى 400 لىرا
ماگېستىر ئوقۇغۇچىلىرى 350 لىرا
باكلاۋۇر ئوقۇغۇچىلىرى 300 لىرا
2017–2016 ئوقۇش يىلى «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كېيىنكى يىلى ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن قايتا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئىلتىماس قۇبۇل قىلىش ئاخىرقى ۋاقتى: 2016 – يىلى 10 – ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە
تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلتىماس قوبۇل قىلىش ئېلخېتى: memtilitewpiq@gmail.com
يانفۇن: 05306677851
– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتى