ئىسلامىيەتتىكى ئاساسلىق مەزھەپ-پىرقىلەر — شىئە مەزھىپى
شىئە مەزھىپى ئىسلامىيەتتىكى مۇھىم مەزھەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، سۈننىي مەزھىپى قاتارىدا ئىسلامىـيەت تارىخىدىكى ئىككى زور دىنىي، سىياسىي مەزھەپتىن بىرى بولىدۇ. «شىئە» ئىبارىسى ئەرەب تىلىدا «ئەگەشكۈچى»، «پىرقە مەسلەك» ياكى «ھەمپىرقىلار» دېگەنلەردىن ئىبارەت. مەزكۇر مەزھەپ ئاساسەن ھەزىرىتى ئەلىنى ھىمايە قىلىدىغان ھەمدە ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قانۇنىي ۋارىسىلىرى دەپ، تەن ئالغۇچى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. مەزھەپنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى «ئەلىنىڭ ھەمپىرقىلىرى» دېيىلگەنلەر، يەنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىككە سايلىنىشىنى ھىمايە قىلغۇچى مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ، ئاساسەن ھاشىمىيەلەر جەمەتىدىن بولۇپ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يەنە بىر قىسم ساھابىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار كۇفەنى مەركەز قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان، كېيىن ئۇمەۋىييە سۇلالىسى ۋە ئابباسىيلار سۇلاىسى بىلەن بولغان كۈرەشلەردە پەيدىن- پەي تەرەققىي قىلىپ دىنىي مەزھەپكە ئايلانغان. شىئەلەر ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، «قۇرئان كەرىم» گە ھەمدە «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» ئىكەنلىكى قاتارلىق تۈپكى ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە يەنە ئۆز ئالدىغا بىر يۈرۈش ئېتىقاد ئىدىيىسى ۋە فىقھە نەزەرىيەلەر سىستېمىسى شەكىللەندۈرگەن. مەزھىپى شىئە ئالىملىرى نوپۇزلۇق «ھەدىسلەر توپلىمى» دىن (مەشھۇر ھەدىسلەردىن تۆت توپلام) ۋە «‹قۇرئان كەرىم› نىڭ تەپسىرلىرى» نى ياراتـقان. شىئە مەزھىپى ئىمامىيە مەپكورەىسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەمدە مۇشۇ مەپكورە سىستېمىسىنى ئۆز دىنىي ئېتىقاد ئەقىدىسى، فىقھە چىلىكى ھەمدە يەنە دىنىي قائىدە- يوسۇن، دىيانەتلىرىنىڭ ئاساسى قىلىدۇ. بۇ مەزھەپ ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ بېكىتكەن ۋارىسلىرى، ئۇلار مەڭگۈ ئازماس داھىيلار، دەپ تەن ئالىدۇ، تارىختا زەبىد بولۇپ كەتكەن ئىماملارغا مازار قۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇلارمەككىگە بېرىپ ھەجتاۋاب قىلىشتىن باشقا يەنە ئىسپاھان، نەجىبىيە، قۇم ۋە مەشھەد مازىرى قاتارلىق جايلارنى تاۋاب قىلىدۇ. قۇتقازغۇچى ئىمام مەھدى ۋە غايىب بولغان (مەكتۇم بولغان) ئىمام مەپكورىسىنى تەرغىب قىلىدۇ ھەمدە «تاقىيا» پرىنسىپىدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ. شىئە مەزھىپى تارىختا بىرلىككە كەلگەن تەشكىل شەكلى ۋە دىنىي ئەقىدە تەلىماتى قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرمىگەن، چۈنكى، ئىچكى قىسىمدا سىياسىي تەشەببۇسلار، دىنىي ئەقىدە ئىدىيەلىرى ھەمدە ئىماملار ۋارىسلىقى قاتارلىق مەسىللەردە ئىدىيە بىرلىكىدە بولالمىغانىدى، شۇڭا، كۆپ تارماق پىرقە–مەزھەپلەرگە ئايرىلىپ كەتكەن. تارىختا شىئە مەزھىپىدىكىلەر شىمالىي ئافرىقا، پارىس قاتارلىق رايونلاردا پاتىمىيەلەر سۇلالىسى، (909- 1171)، سەفەۋىيە سۇلالىسى (1502- 1736) قاتارلىق ھاكىمىيەتلەرنى قۇرۇپ چىققان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەزھەپ سۈننىي مەزھىپىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ مەزھەپ بولۇپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ %15نى ئىگىلەيدۇ. (بەزىلەر %17 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ دەيدۇ) بۇمەزھەپنىڭ ئاساسـلىق تارقىلىشى ئىران، ئىراق، ھىندىستان، پاكىستان، يەمەن، سۇرىيە، لىۋان، ئافغانىستان، تۈركىيە، ئازاربەيجان ۋە بەھرەيىن قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەرگە تارقالغان، سەئۇدىنىڭ شەرقى قىسمىدىمۇ ئاز ساندا شىئە مۇسۇلمانلار بار.
1. مەزھەپنىڭ شەكىللىنىشى
شىئە مەزھىپى ئىسلام دىننىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى يۇقىرى تەبىقە گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسىـمىدا خەلىپىلىك ئورنىنى تالىشىش سىياسىي كۈرۈشى داۋامىدا شەكىللەنگەن. پەيغەمبەر ۋاپاتىدىن كېيىن بىر قىسىم ساھابىلەر ئەلىنى پائال قوللاپ، ئەلى تەرەبدارلىرى دەپ ئاتالدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى ۋە كۈيئوغلى بولمىش ئەلىنى ۋارىس بولۇشتا ئەڭ لاياقەتلىك دېگەن پىكىردە چىڭ تۇرۇشاتتى. ھەزرىتى ئوسمان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەلى تۆتىنچى نۆۋەتلىك خەلىپە بولۇپ سايلانغان، ئۇمەۋىييە جەمەتىدىكى مۇئاۋىيە قۇدرەتلىك سۈرىيە قوشۇنىغا تايىنىپ سىففىن تۈزلەڭلىكىدە ئەلىگە قارشى ئۇرۇش قۇزغايدۇ. ئەلى ئەسكەر باشلاپ چىقىپ تاقابىل تۇرىدۇ ھەمدە مۇئاۋىيە قوشۇنى ئۈستىدىن غالىب كېلىشى مۇقەررەرلەشكەن ۋەزىيەتتە، مۇئاۋىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نەيزىسى ئۇچىغا «قۇرئان كەرىم» نى ئاستۇرۇپ، ئەلى قوشۇنىنى توسۇپ، ماجىرانى سۆھبەت كېسىمى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەلى بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇ ھال تۈۋەندىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ پارچىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەلىنىڭ بىر قىسىم ئەگەشكۈچىلىرى پەشنى قېقىپ كېتىپ قالىدۇ، بۇلار خاۋارىجلار بولۇپ قالىدۇ. 661- يىلى ئەلى ئۆلتۈرۈلىدۇ، كۈفەلىكلەر ئەلىنڭ چوڭ ئوغلى ھەسەننى ئىمام قىلىپ كۆتۈرىدۇ، ئۇنى مەدىنە مۇسۇلمانلىرى ئېتراپ قىلىدۇ. مۇئاۋىيە ھەسەننىڭ خەلپىلىكنى ئۆزىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۆتىنىپ قاتتىق- يۇمشاق چارىلەرنى قوللىنىپ ھەسەندىن ئىماملىقنى ئېلىۋېلىپ، دەمەشىقتە ئۇمەۋىييە سۇلالىسىنى قۇرىدۇ. بېسىم ئاستىدىكى ئەلىنىڭ قوللىغۇچىلىرى تارقىلىپ ئىراق ۋە پارىسنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا جايلىشىپ مەخپىي كۈرەشكە ئۆتىدۇ. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار ئۇمەۋىييە سۇلالىسىگە قارشى كۈرەشتە پەيدىن- پەي شىئە مەزھىپى بولۇپ شەكىللىنىدۇ. 680- يىلى مۇئاۋىيە كۆز يۇمۇش ئالدىدا ئوغلى يەزىدنى ۋارىس قىلىپ بەلگىلەپ، خەلىپە سايلاش قائىـدىسىنى پۈتۈنلەي بۇزۇۋېتىدۇ، بۇنىڭغا مەككە، مەدىنە ۋە كۈفە مۇسۇلمانلىرى قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. كۈفە مۇسۇلمانلىرى ئەلىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ھۈسەيىننى خەلىپە جاكارلايدۇ، ھۈسەيىن كاربالادا ئۆلتۈرىلىدۇ، بۇ ئىش شىئە مەزھىپىنىڭ قۇراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۈرەشكە قاتناشقانلار ئەرەبلەر ۋە غەيرى ئەرەب مۇسۇلمانلاردىنمۇ تەركىب تاپىدۇ، شىئە مەزھىپىنىڭ ئىدىيىسى غەيرى ئەرەب مۇسۇلمانلار رايونلىرىغىچە تارقىلىدۇ. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ كۈفە شەھرىدە شىئەلەر «تۆۋە- ئىستغپار ئېيتىش ھەرىكىتى» نى ئېلىپ بارىدۇ.687- يىلى كۈفەدە شىئە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇختار رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلىڭى پارتلايدۇ. ھەزرەت ئەلىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بىننى ھەنەفىيە شىئە مەزھىپىنىڭ داھىيىسى بولىدۇ، ئۇلار ئەرەب مۇسۇلمانلىرى بىلەن شەرقتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى يېڭى مۇسۇلمانلار (مەۋالىيلار) باراۋەردۇر دېگەن ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىپ، مەھدى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە پانىيغا چۈشۈپ، ھەق- ئادالەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىدەك ئەقىدىنى تارقىتىدۇ، بۇ ھال ئىراق ۋە شەرقتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى يېڭى مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ ھەمدە شىئە مەزھەپ ئېتىقاد- ئەقىيدىسىمۇ ئۇلارغا مەقبول بولۇشقا باشلايدۇ. 700- يىلى، ئىبنى ھەنەفىيە ۋاپات بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى «ئۆلمىدى» بەلكى ئۇ غايىب بولۇپ، مەلۇم بىر يەرگە جايلاشتى (مەكتۇم بولدى). ئۇ كەلگۈسىدە پانىيغا قايتا چۈشىدۇ دەپ قارىدى. مۇختار بولسا ئۆزىنى غايىب بولـمىش ئىمام ھەنەفىيەنىڭ ۋاكالەتچىسى دەپ جاكارلىدى. شىئە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇمەۋىييە سۇلالىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى تاكى 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىـغىچە داۋاملاشتى. مىلادىيە740- يىلى ھۈسەيىننىڭ نەۋرىسى بىننى ئەلى ئىماملىققا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى تارتپ ئېلىش ئۈچۈن كۈفەدە قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ، ئۇ ئەلى ۋە پاتىمەنىڭ ھەرقانداق كېيىنكى ئەۋلادى ئىماملىقنى ئۆتكۈزۈپ ئېلىشقا ھوقۇقلۇق دەپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئەگەشكۈچىلىرى بولسا سەئىدلەر دەپ ئاتىلىدۇ.
750- يىلى ئابباسىيلار خۇراسان شىئەلىرىدىن ئەبۇ مۇسلىم رەھبەرلىك قىلغان قوزغىلاڭدىن پايدىـلىنىپ ئۇمەۋىييە سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنى قۇردى. ئابباسىيلار سۇلا- لىسىنىڭ خەلپىلىرى شىئە مەزھىپى تەسىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، تەخت ئېلىشىپ بەرگەن شىئە داھىي ئەبۇ مۇسلىمنى ئۆلتۈرىۋەتتى ھەمدە تۈرلىك ۋاسىتىلارنى قوللىنىپ ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەۋلادلىرىنى تازىلاشقا كىرىشىپ كەتتى ھەمدە شىئەلەرنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى قوزغۇلاڭلىرىنى باستۇردى. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ قاتتىق سىياسىتى ئاستىدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىئە مەزھىپى ئىچكى قىسمىدىكى ئىماملىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشىنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىشى بىلەن، 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىئەلەرنىڭ ھەرقايسى تارماق مەزھەپ- پىرقىلىرى جايلارغا ئۆزلىرىنىڭ دايىلىرى (ۋائىز تەغىباتچىلار) نى ئىبەرتىپ، ئۆزدىنىي ئەقىدىلىرىنى تارقاتتى، غازاتچى ئويۇشمىلىرىنى قۇردى، ئابباسىيلار سۇلالىسىغا قارشى كۈرەشلەرگە رەھبەرلىك قىلدى. ھەمدە كۈرەشلەر جەريانىدا تەرەققىي قىلىپ زورۇيۇپ باردى، ھەتتا بىرقىسىم رايونلاردا ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتلىرى ۋە سۇلالىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. مەسىلەن، شىمالىي ئافرىقا ۋە بمىسىردىكى فاتىمىيەلەر سۇلالىسى، شىمالىي ئافرىقىدىكى ئىدىرىس سۇلالىسى، سۈرىيەدىكى ھەمەدان سۇلالىسى، ئىراندىكى ئىسمائىلىيە سۇلالىـسى، بەھرەيىندىكى قەرمەتىلەر دۆلىتى، يەمەندىكى سەئىدى سۇلالىسى، ئىران ۋە ئىراقتىكى بۈۋەيھىيە سۇلالىسى قاتارلىقلار.945- يىلى بۈۋەيھىيە سۇلالىسى باغدادقا كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن شىئە مەزھىپىنىڭ قۇدرىتى ۋە دىنىي ئەقىدە تەلىماتلىرى ئومۇميۈزلىك تەرەققىياتلارغا نائىل بولدى، تارىخچىلار بۇ دەۋرنى «ئەسىرىئول شىئە» دېيىشتى. 11- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە ھەرقايسى جايلاردا سۈننىي مەزھەپتىكىلەرنىڭ ھوقۇق تۇتۇشى ۋە غەيرى مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشلىرى بىلەن شىئە مەزھىپىدىكى ئىسمائىلىيە مەزھىپى ئىلگىرى- ئاخىرى نۇرغۇن تارماق پىرقە- مەزھەپلەرگە ئايرىلىپ كېتىپ گاھى رايونلاردىكى ھاكىمىيەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، قۇدرىتى زەئىبلەشتى، پەقەت سەئىدىيە مەزھىپى بىلەن ئون ئىككى ئىمام مەزھىپى داۋاملىق يۈكسىلىشلەرگە ئىرىشتى. 1502- يىلى، ئىراندا سەفەۋىيىلەر سۇلالىسى روناق تاپتى، ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىنىڭ ئەقىدىيسىنى دۆلەتنىڭ ئىسلام دىن ئېتىقاد ئەقىدىسى قىلىپ بېكىتىپ، شىئە مەزھىپىنىڭ گۈللىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. سۇلالە ھاكىمىيىتى مەزكۇر مەزھەپنىڭ دىنىي ئەقدىلىرىنى كەڭ مىقياستا تاراتتى، كۆپلەپ مەكتەپ- مەدرىسەلەرنى قۇرۇپ، مەزھەپى شىئەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرىگە مەدەت بەردى، مەزكۇر مەزھەپ ئاڭ فورماتىسىيىسى ئىراندا ئىزچىل رەۋىشتە ئاساسىي مەۋقەدە تۇرۇپ كەلدى، شىئە مەزھىپىدىكى يادرولۇق مەزھەپ بولۇپ يېتىشتى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەم شۇنداق.
2. دىنىي ئېتىقاد ئىدىيىسى ۋە سىياسىي تەشەببۇسى
8- ئەسىردىن باشلاپ شىئەلەر دەسلەپكى چاغلاردىكى سىياسىي مەزھەپلىكتىن تەرەققىي قىلىپ دىنىي تۈستىكى مەزھەپكە ئايلاندى. سۈننىي مەزھىپى بىلەن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك دەتالاش ۋە بەھىس- مۇنازىرىلەر جەريانىدا ئىسلامىيەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەقىيدىلىرىنى دىنىي سىياسىي تەشەبـبۇسلار ۋە مەسلەكلەر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش، سوفىزىم، مۇئتەزىلىيەچىلىك ئېقىملىرى قاتارلىقـلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلىماتلىرىنى سۈمۈرۈپ ئېلىش ھەمدە يەنە يېڭى ئەپلاتونچىلىق قاتارلىق سىرتـتىن كىرگەن پەلسەپە ئىدىيىلىرىنى ئىسلاھ قىلىشلار ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ، تەرەققىيات ۋە ئۆزگۈرۈشـلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، 10- ئەسىردە ئۆزىنىڭ ئېتىقاد- ئەقىدە، ئىلمىي تەھۋىد تەلىماتلىرى ۋە ئىبادەت تۈزۈملىرىنى سىستېملاشتۇردى. شىئە مەزھىپى ئىسلامىيەتنىڭ ئاساسلىق ئەقىدىسى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە پۈتمەك؛ مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە پۈتمەك؛ ئىماملارغا پۈتمەكلەردىن ئىبارەت. ئىسلام دىنى يەتتە زور تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. ئۇلار: ساداقەت، پاكلىق، ئىبادەت، زاكات بىرىش، روزا تۇتۇش، ھەج- تاۋاب قىلىش ۋە جىھاتقا قاتنىشىشتىن ئىبارەتتۇر.
شىئە مەزھىپىنىڭ ئاساسلىق دىنى ئەقىدە ۋە فىقھە تەلىماتىلىرى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1) ئىمام تەلىماتى
ئىمام تەلىماتى شىئە مەزھىپىدىكى يادرولۇق نەزەرىيە، كەسكىن سىياسىي كۈرەشلەر ۋە مەنىۋى ئېلىشىشلار داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ چىققان دىنىي ئېتىقاد ئىدىيىسىدۇر. شىئە مەزھىپى ئالغا سۈرگەن ئىماملار تەلىماتى بىلەن سۈننىي مەزھىپى ئېيتىۋاتقان خەلىپەنىڭ پەرقى ئىنتايىن زور بولىدۇ. سۈننىي مەزھەپتىكىلەر خەلىپە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ داھىيسى، ئۇ كىشىلەرنىڭ تەڭرى ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشىغا نازارەت قىلىدۇ، يىتەكلەيدۇ، دىننى قوغدايدۇ، مۇسۇلمانلار جەمئىيىـتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، ئەدلىيە تەرەپلەردىكى باشلىقى دەپ قارايدۇ. ئەمما خەلىپـىنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بولمايدۇ، ئۇ پەقەت ھەدىسلەرنى شەرھىيلەش ھەدىسلەردە ئېنىق بەلگىلىمە، ئۆرنەكلەر بولمىغان ئەھۋالدا «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شىرىپ» كە ئاساسەن ئىجتىھاد قىلىدۇ (پەتىۋالار چىقىرىدۇ). شىئە مەزھەپىدە زىكرى قىلىنمىش «ئىمام» مۇقەددەس مەنالارغا ئىگىدۇر ئىمام پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ داھىيسى ۋە قوماندانى، ئاللاھنىڭ پانىيغا ئىبەرتكەن ئۇلۇغ يولباشـچىسى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ داھىيسىدۇر. ئۇنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بەلگىلەنگەن، بەلكى كىشىلەر سۇبيىكتىپ رەۋىشتە تاللىمىغان، دەپ قارىلىدۇ. ئىماملىقنىڭ ئەۋلاددىن- ئەۋلادقا ئۆتۈشىمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ، ئاللاھ ئاۋالقى ئىمامنىڭ ھازىر ۋە نازىرلىقىغا ۋارىسلىق (نامزاتى) پىكىرىنىمۇ ۋەھدەت قىلغان بولىدۇ. ئىمام بىر تۈرلىك مۇقەددەس ۋەزىپە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى شۇكى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە مۇسۇلمانلار ئىمانىنى كامال تاپقۇزۇشقا يىتەكلەش، شەرىئەت ۋە ئىبادەتلەرگە ئەمەل قىلغۇزۇش، جەمئىيەت ئەدلى- ئادالىتىنى جارى قىلىش، «قۇرئان كەرىم»، ئېتىقاد- ئەقىدە ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى شەرھىيلەپ، جامائەتنىڭ شۇلاردىكى باتىنى ۋە چوڭقۇر مەنالارنى توغرا چۈشىنىشكە يىتەكلەيدۇ؛ ئاجىز، نامرات، يېتىم- يېسىرلەرگە مېھىر- شەپقەتلىك، ھەق- ئادىل ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، قۇللارغا كۆيۈمچان مۇئامىلىدە بولىدۇ؛ ئاللاھنىڭ شەرئى- ئەھكاملىرىنى قوغـداپ، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كىشىلەرنىڭ زورلۇق- زومبۇلۇقلىرىنى چەكلەپ، ئېزىش، يولسىزلىق، پاسىقلىق ۋە بىد- ئەتلەرنى چەكلەش، ئازغۇن- مۇرتەدلەرگە، ھوقۇق تارتىۋالغۇچى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرىـگە قارشى بوشاشماي كۈرەش ئېلىپ بېرىش، مۇتىھەملەرنى ئەدەپلەپ، دىننىڭ مۇقەددەسلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەتتۇر. شىئەدىكى ئىمام ئادەتتىكى بەشەرجىنىسقا ئوخشمايدۇ، ئۇ ئىنسانىيلىقتىن ھالقىغان شەخس، يەنى ئەۋلىيادۇر، ئۇ، ئاللاھ بەخىش ئەتكەن غايىبى پاراسەت ۋە مۇقەددەس نۇرغا نائىلدۇر، مۇھەممەد ئەلەيىھسسالامنىڭ بارلىق گۈزەل ئەخلاق ۋە پەزىلەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان، گۇناھ سادىر قىلىشتىن خالىي، ئۇ مەڭگۈ خاتالاشمايدۇ. ئىمام مۇسۇلمانلارنى ئاللاھقا تېۋىنىش يولىغا باشلاپ كېرەرباب (ئىشىك) دۇر. ئىماملار ئاللاھنىڭ رەۋشەنگەرى، ئاللاھنىڭ ياراتمىشى، ئاللاھ بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى «ۋاسىتىچى» ئادەملەر شۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە تەلەپكارلىقى ئارقىلىق جەننەتكە يېتىنىدۇ. ئىمام ئاللاھ ۋەھىيلىرىدىكى پىنھانەلەرنىڭ خۇپىيەلىرىنى بىلگۈچى، يەتكۈزگۈچىدۇر. ئەلى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى، ئۇ بىلىمدە، پەزىلەتتە، تۆھپىدە، ئىستىداتتا بەركامال، توققۇزى تەل بولغان داھىي، ئىماملارنىڭ ئىپتىداسى، شۇنىڭدىن سوڭ پەقەت ئەلى ۋە پاتىمەنىڭ ئەۋلادلىرىلا يىتۈك ئىماملىق سالاھىيىتىدە بولغان بولىدۇ، ۋەھالەنكى، تارىختىكى خەلىپىلەرنىڭ ھەممىسى ھوقۇق تارتىۋالغۇچىلار، ئىمامغا سادىق ۋە ئىتائەتمەن بولغانلىق خۇداغا ئىتائەتمەن بولۇشنىڭ ئەمەلىنى قىلغانلىقتۇر، دەپ قارايدۇ.
2) غايىب بولغان ئىمام ۋە مەھدى مەپكۇرەسى
«مەھدى»ئىبارىسى ئەرەبچە ئەسلى مەنىدە «يول كۆرسەتكۈچىلىككە يېتىنگۈچى»، «توغرى يولغا يىتەكلىگۈچى» دېگەن سۆز بولۇپ «قۇرئان كەرىم» دىكى «مەھتەدى» ئىبارەسى بىلەن تەڭداش كېلىدۇ، كېيىنچە ئىستىماللاردا ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە يىتەكچى قىلىپ بېكىتىشىگە يېتىنگەن ھەمدە خەلقنى يىتەكلىگۈچى داھى مەنىسىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن، «قۇتقازغۇچى» مەنىسىمۇ بار. تارىختىكى شىئە مەزھەپ مۇسۇلمانلىرى ئىزچىل رەۋىشتە ئۇمەۋىييە سۇلالىسى ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسىغا قارشى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، ئۇزاق مەزگىللىك باستۇرۇش، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەلگەن، ئىقتىدا قىلىنغان ئىماملىرىـنىڭ گاھىلىرى شىھىت بولغان، گاھىلىرى قازاغا ئۇچراپ ئۆلگەن، ئۇلارنىڭ تىلىكى رېئال زۇلمەتتىن ئارىستە بولۇش، قۇتقازغۇچىنىڭ چۈشۈشىنى كۈتۈشتىن ئىبارەت بولغان. ھالبۇكى، بىر قىسىم شىئە ئالىملىرى غايىپ بولمىش ئىمام تەلىماتىنى «مەھدى» مەپكۇرەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئىمام چۈشىدۇ» تەلىماتىنى ياراتقان. ئۇلار قازاغا ئۇچرىغان ئىماملار ئىنسانلىقتىن ھالقىغان ئىختىدارغا ئىگە، شىئەلەرنى ئازاب- ئوقۇبەت دېڭىزىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇلار قازاغا ئۇچرىغان مەلۇم بىر ئىمامنى «ئۆلمىدى»، مەلۇم پىنھانغا يوشۇرۇنغان، كەلگۈسىدە قۇتقازغۇچى سالاھىيىتى بىلەن پانىيغا چۈشۈپ، شىئە مۇسۇلمانلارنى يىتەكلەپ جاھاندىكى ياۋۇزلۇقلارنى تازىلاپ، ئادىل، گۈزەل جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ، دەپ جاكارلىغان. بىر قىسىم شىئەلەر مەھدى قىيامەت قايىم بولۇشتىن ئىلگىرى پانىيغا چۈشىدۇ، ئىنسانلارغا ھەق- ئادالەت ئاتا قىلىدۇ، ھەقىقىي ئىسلامىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. مىلا- دىيە680- يىلى، ھۈسەيىن كاربالادا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، كۈفە شىئە مەزھەپتىكىلەرنىڭ تۆۋە- ئىستىغپار ئېيىتقۇچىلىرى تىلەك تىلىگەندە ھۈسەيىن «دىن يولىدا شېھىت بولغان»، ئۇ «مەھدى» دەپ جاكارلىغان.687- يىلى مۇختار باشچىلىقىدا شىئە مۇسۇلمانلىرى كۈفەدە ئۇمەۋىييە سۇلاىسىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، بىراق مەغلۇپ بولغان، قوزغىلاڭ قوشۇنىنىڭ كەيپىياتى چۈشۈپ كەتكەنىدى. ھالبۇكى، خەلقنىڭ قىزغىنلىقىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن مۇختار ئەلىنىڭ ئوغلى بىننى ھەنەفىيەنى «مەھدى» دەپ جاكارلاپ، ئۆزىنى مەھدىنىڭ ئىرادەتى بىلەن شىئە مۇسۇلمانلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ھۈسەيىن ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغانىدى، بۇ مەپكۇرە كۈفە جامائىتىنىڭ ئاكىتىپ قوللۇشىغا نائىل بولغان، كۈفە ھاكىمىيىتى (قوزغىلاڭچىلارنىڭ) ئىككى يىل داۋاملاشقان. كۈفەقوزغۇ- لىڭىنىڭ مەغلۇب بولۇشى ھەمدە بىننى ھەنەفىيەنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، شىئەلەردە ئىمام غايىب (مەكتۇم) بولۇش مەپكۇرەسى ئاپىرىدە بولغانىدى. 700- يىلى بىننى ھەنەفىيەنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ بىر قىسىم تەرەبدارلىرى «ئۇ ئۆلمىدى، بەلكى، مەدىنەنىڭ كۈن چىقىشىدىكى تاغدا مەكتۇمـلىككە ئۆتتى، كېلىچەك مەلۇم مەزگىلدە مەھدى سالاھىيىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ» دەپ قاراشتى. كېيىن شىئە مەزھىپى ھەرقايسى تارماق مەزھەپ- پىرقىلارنىڭ كۆپچىلىكى مەزكۇر مەزھەپتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىمامنى ئۆلمەي، ئادەملەر بىلمەس يەردە مەكتۇم بولىدۇ، كەلگۈسىدە پانىيغا كېلىدۇ، دەپ قارايدىغان بولغان. ھەمدە ئىمام غايىب بولغان مەزگىلدە مەخسۇس تەربىيىلىنىشتىن ئۆتكەن شەرىئەت ئالىملىرى «ھەدىس شىرىپ» نىڭ روھىغا ۋە ئىماملار تەلىماتىنىڭ روھىغا بىنائەن مۇسۇلمانلارنىڭ مەمۇرىيەت ۋە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. شىئە مەزھىپىدىكى ئوخشىمىغان تارماق مەزھەپلەرنىڭ «كىمنىڭ مەھدى؟» ئىكەنـلىكى خۇسۇسىدىكى پىكىرلىرى تۈرلىكچە، كۆپىنچىسى ئۆز مەزھەپ- پىرقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىمامىنى «مەھدى» جاكارلىشىدۇ، مەسىلەن ئىسمائىلىيە مەزھىپى يەتتىنچى ئىمامىنى «مەھدى» جاكارلىغان، ئون ئىككى ئىمامىيە مەزھىپىدىكىلەر بولسا، ئون ئىككىنچى ئىمامىنى «مەھدى» جاكارلىغان.
3) «قۇرئام كەرىم» باتىنىيسى تەلماتى
«باتىنيي» ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «ئىچكى ئىلىم»، «مەلۇم مەزمۇنلار ئاستىغا يوشۇرۇنغان يەنە بىر مەزمۇنلار» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. ئادەتتە كۆپىنچە بىۋاستە ئىپادىلىنىپ تۇرمىش مەزمۇن «زاھىرەن» نىڭ ئەكسىھالى قىلىپ قوللۇنىلىدۇ. شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننىي مەزھىپىنىڭ ھەممىسىلا «قۇرئان كەرىم» نى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ۋەھىي، مۇقەددەس نوم دەپ تەن ئالىدۇ. ئەمما، شىئەلەر «قۇرئان كەرىم» زاھىرەن مەنا ۋە باتىنىي مەنا ھالىتىنى ھازىرلىغان، دەپ قارايدۇ. زاھىرى ئىپادىلەنگەن مەنىلەر يېزىق سەتھىدىن بىۋاستە ئۇقۇشلۇق (ئادەتتىكى ئىنسان ئۈچۈن)، چۈشىنىشلىك بولۇپ تۇرمىش، ھەممىگە مەقبول بولمىش تەفسىر قىلىش ھەمدە «قۇرئان كەرىم»، ھەدىسلەرگە ئاساسـلىنىپ بېكىتىلىدىغان فىقھە ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرى چىقىرىلىشلارنى كۆرسىتىدۇ. مانا مۇشۇنداق زاھىرەن مەزمۇنلارنىڭ تەفىسرلىنىشى ۋە ئىجمائ يارىتىش ھەمدە شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ تۈزىلىشى قاتارلىقلار، پەيغەمبەرنىڭ «ھەدىس» لىرىنى چۈشىنىشنىڭ ئوخشاشماسلىقى ۋە دەۋرنىڭ ئوخشاشماسلىقىدەك ھادىسىلەرگە ئەگىشىپ، مۇقەررەر ئوخشىمىغان مەزمۇنلاردا مەقبول بولۇشلار كېلىپ چىقىدۇ. باتنىي مەنا بولسا، يېزىق مەنا ۋەھىيلىرى ئاستىغا بەرقارار بولغان «قۇرئان كەرىم» ۋە شەرىئەت ئىلمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىرلىق مەنالاردىن ئىبارەت بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئەزىلى مەنىسى، ئىسلام دىننىڭ ھەققىي مېغىزىدىن ئىبارەت. بۇنداق مەنا ھەرقانداق دەۋردە ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. «قۇرئان كەرىم» نىڭ باتىنىي مەنالىرىنى بەشەر جىنىستىن بولمىش كىشىلەر چۈشىنىشكە ئامالسىزدۇر، پەقەت «ئىمام» لا چۈشىنىدۇ ۋە روھىيەتنى ۋە پۈتۈن سىرلىق مەزمۇنلارنى يېشىپ بېرە لەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ. پەيغەمبەر مانا مۇشۇنداق ئىككى تەرەپلىملىك مەنالارنى يارقىنلاشتۇرۇش ئىلمىنى ھەزرەت ئەلىگە ئۇدۇم قىلغان، ئەلى يەنە ئۆزىنىڭ ۋارىسلىرىغا ئۇدۇم قالدۇرغان كېيىنكى ئىماملارغا ئەۋلادمۇئەۋلاد شۇ تەرىقىدە يەتكۈزۈلۈپ كەلگەن، خۇپىيە ئودۇمنى قوبۇل قىلغۇچى (ۋاكالەتلىك كىشى ياكى مەخپىيەتتىن خەۋەردار كىشى) «قۇرئان كەرىم» نى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەپسىرلەيدۇ ياكى تەشنىپ، يوشۇرۇن مەنا، ئوبراز مەۋقەلىرىدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شەرھلەپ، ئىچكى سىرلىق مەنالارنى يورۇتۇپ، ئىلىمنى مەنىۋېيەتكە سىڭدۈرۈپ، ھەقىقەتكە يەتكۈزىدۇ. بىنەپتە ھاللاردا، باتىنىي خۇپىيە مەنالارنىڭ جەۋھەرلىرى ئىپادە مەنالارنىڭ ھادىسەن پەردىسىدە كۆمۈلۈپ قالىدۇ، مەخپىي ئودۇم ئالمىغان ھەمدە ئىچكى سىرلارنى ئېچىش بىلىملىرى ھازىرلىمىغانلار دىننىڭ سىر- ئەسرالىرىنى ئېچىشقا ئامالسىزدۇر. شىئە مەزھىپى «قۇرئان كەرىم» نىڭ باتىنىي مەنىسىنى بەكمۇ تەكىتلەيدۇ، «قۇرئان كەرىم» گە تەفسىر قىلىشلىرى سۈننىي مەزھەپتىكىلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ، مەزكۇر مەزھەپنىڭ ئۆزىنىڭ تەپسىرلىرى بار. ھەمەدان كارمات (900- ؟) ئەھلىي شىئە تەفسىرات ئىلمىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. كارمات مەزھىپى ۋە ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ دايى (ۋائىز) لىرى ۋە تەفسىر ئالىملىرى مەزكۇر مەزھەپ ئىھتىياجىغا ئاساسەن «قۇرئان كەرىم» نىڭ تەفسىرلىرىنى مۇكەممەل ئىشلەپچىققانىدى، تارىخچىلار ئۇلارنى مەنا ئالىملىرى دەپ ئاتاشقانلەر.
4) تەقىيە پرىنسىپى
«تەقىياقىلماق» ئەرەپچە ئىبارە بولۇپ، مەنىسى «سەگەك بولماق»، «بىزىلىۋالماق»، «سۇقۇنۇ ۋالـماق» مەنىلىرىدە بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەقىدە سەۋەبكارلىقىدا خەۋىپ- خەتەرگە يولۇققانـدا، غەلەت قىياپەتكە كېرىۋېلىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي دىنىي ئېتىقادىنى يوشۇرۇشقا بولۇدىغان ھادىسىسىـنى كۆرسىتىدۇ. ئۇشبۇ ئۇسۇل ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بىر قەدەر ئومۇمىي ھادىسە بولغانىدى. «قۇرئان كەرىم» دە «مۆئـمىنلەر مۆئـمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى دوست تۇتمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن ئاللاھنىڭ دوستلۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇلاردىن قورقۇپ، دوستلۇق ئىزھار قىلىشىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى سىلەردىن ئېھتىيات قىلىدىغان قىلىپ قويىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر» (3- سۆرە، 28- ئايەت) شىئە مەزھىپىدىكىلەر تارىختا ئۇزاق مەزگىللەر زىيانكەشلىككە ئۇچراش مۇھىتىدا تۇرۇپ كەلگەن بولغاچقا، ئۆز كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىش لازىم ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلار قۇتۇلۇش تەس بولغان مۇھىتتا ياكى خەۋىپكە ئۇچراش مۇمكىنـچىلىكلىرى بولغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئېتىقادىنى يوشۇرۇشقا، ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە دىنىي ئىبادەت شەكىل- قائىدىلىرى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىنى پەردازلاپ، شۇ زامان، ماكاندا ئېقىۋاتقان دىنىي ۋە ئۆرپ- ئادەتلەرنى كۆرۈنۈشتە ئىتىراپ قىلغان قىياپەتلەرگە كىرىۋېلىپ، زىيانكەشلىكتىن ساقلىنىش بەلكى ئورۇنسىز قۇربان بېرىشلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن روخسەت قىلىـناتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ نۇرغۇنلىغان مەزھەپتە «تاقىيە» پرىنسىپىنى قوللىنىش بىر ئاساسلىق ئەقىدە قىلىنىدۇ. تاقىيە شىئە مەزھەپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ جارى قىلمىش پرىنسىپى بولۇشى 8- ئەسىردە شەكىللەنگەن. سەككىزىنچى ئىمام جەفىرى سادىق ئابباسىيلار سۇلاىسى خەلىپىسى مەنسۇرنىڭ تەقىبلىشىگە ئۇچرىغانـدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى مەقسەدلىك رەۋىشتە ئېتىقادلىرىنى يوشۇرۇش ئامالىنى قوللانغانىدى، ئەينى ۋاقىتتىكى رەقىبلەرگە تۇتۇلۇپ، قولغا ئېلىنىشلاردىن ئامان قېلىش ئۈچۈن «تاقىيە» پرىنسىپى مەيدانغا كەلگەنىدى. كېيىنچە، مەزكۇر مەزھەپ فىقىھە ئەللامەلىرى «تاقىيە» پرىنسىپىنى قوللۇنىشقا رۇخسەت قىلىش شەرتىگە چەكلىمە بەلگىلەپ، پەقەت مۇھىتنىڭ مەجبۇرلىشىدىن شۇنداق قىلماي ئامال يوق ئەھۋالدا، ئۆزى ۋە ھەقەمسايىلىرىنىڭ، ئائىلە تاۋا- بىئاتلىرىنىڭ قۇربان بېرىشلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياكى سىياسىي رەقىبلەر بىلەن بولمىش كۈرەشلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتى ۋە ئۈمىدى ئەسلا بولمىغاندا، ئاندىن تاقىيە پرىنسىپىنى قوللانماق ۋاجىب؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۆرۈنۈشكە ئۆزىنىڭ ھەقىقى دىنىي ئېتىقاد ئەقىيدىلىرىدىن تېنىۋالغان ۋەزىيەتتە، قەلبتە ئۆز ئېتىقاد- ئەقىدىلىرىدە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇش زۆرۈرلىكى قاتتىق تەلەپ قىلىندى. ئەمما، ئايرىم مەزھەپلەر مەسىلەن سەئىدلەر مەزھىپى تاقىيە پرىنسىپىنى مەقبول قىلمايدۇ.
شەرىئەت ئىلمى جەھەتتە، شىئە مەزھىپىنىڭ ھەرقايسى تارماق مەزھەپلىرىنىڭ ھەممىسىدە «قۇرئان كەرىم» ۋە مەزكۇر مەزھەپكە تەئەللۇق «ھەدىس شىرىپ» لەردىن شەرىئەت تۈزۈشلەردە ئىجتىھاد (پەتىۋا چىقىرىش قاتارلىقلار) ئاساسى قىلىنىدۇ ھەمدە «ئىمام» لار شەرىئەت ئەھكاملىرى تۈزۈشتە ئەڭ ئالىي ئەھلى نوپۇز قىلىنىدۇ، ئۇلار ئاللاھ نەسىپ ئەتكەن شەرىئەت تۈزۈش ھوقۇقى ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولۇپ، شەرىئەتنى شەرھلەشكە ھوقۇقلۇق، شەرىئەت مەسىللىرىگە تۈرلىك ھۆكۈملەرنى چىقىرىدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، ئىمام يېڭىچە شەرىئەتلەرنى بېكىتىدۇ، كونا شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئەتكەس قىلىدۇ. ئىمام غايىب بولۇپ كەتكەندە، نەقىبە (ئىمامغا ۋەكىللىك قىلغۇچى) نىڭ فىقھە نوپۇزلۇقلىرىدىن بولمىش مۇجتەھدلەر «قۇرئان كەرىم» نى تەفسىرلەش، شەرىئەتنى ئىزاھلاشقا، قىياس ياكى ھۆكۈملەرنى قوللىنىپ، ئۆز نۇقتەئىينەزەرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەرىئەت ۋە دىنىي مەسىللەرنى بىرتەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇقتۇر. شىئە مەزھىپى مەزكۇر مەزھەپ شەرىئەت نوپۇزلۇقلىرىنىڭ ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بەلكى، سۈننىي مەزھىپىنىڭ «ئىجمائ» پرىنسىپلىرىنى مەقبول ئەتمەيدۇ. قانۇن ئەمىلىي جارىلىقى مەۋقەلىرىدە نىكاھى مۇتئە (ۋاقىتلىق نىكاھ) نىڭ يولغا قويۇلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ، ئەر- ئايال ئىككى تەرەپنىڭ توختامنامىسىگە ئاساسلىنىپ، مەھر ھەققى ھەمدە نىكاھ مۇددىتى قاتارلىقلارنى بېكىتىدۇ. مۇددەت توشقاندىن كېيىن نىكاھ توختامى ئۆزلىكىدىن ئەتكەس بولىدۇ. مۇتئە مەزگىلىدە (ۋاقىتلىق نىكاھ قىممەتكە ئىگە مەزگىلدە) ئەر تەرەپ ئايال تەرەپكە مۇئەييەن مىقداردا مۈلۈك بېرىشى كېرەك؛ ئەمما ئەر ئايال ئىككى تەرەپ مال- مۈلۈككە ئۆزئارا ۋارىسلىق قىلىشقا بولمايدۇ. بىراق نىكاھتىن ئاجىرىشىشتا ئەر بولغۇچى تەرەپ ئۆز ئالدىغىلا خوتۇنتالاق قىلىۋېتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدا ئائىلە قان- قېرىنداشلىق ۋارىسلىق ھوقۇقى تەكىتلىنىدۇ، ئاياللارغا تالىق ھوقۇقلاردا چىڭ تۇرىلىدۇ، جەمەت ئەزالىرىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى ئىنكار قىلىنىدۇ. شىئە مەز- ھىپىدە دىن مۇخلىسلىرى زاكات تاپشۇرۇشتىن تاشقىرى يەنە بەشتىن بىر ئۈلۈش زىرائەت بېجى تاپشۇ رۇشنى تەلەپ قىلىنغان.
3. شىئەدىكى ئاساسلىق تارماق مەزھەپ- پىرقىرقىلار
مەزھەپى شىئە دائىرىسدە ئىماملارنىڭ جەمئىي سانى زادى قانچە؟ ئەۋلىيالارنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ھەمدە تاقىيە پرىنسىپىنى قوللۇنۇش، قوللانماسلىق ۋە مۇتئەگە يول قويۇش- قويماسلىق قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىللەردە پىكىرلەر خىلمۇ- خىل بولغان. ۋەزىيەتكە ئەگىشىپ سەئىدىيە مەزھىپى، ئىسمائىـلىيە مەزھىپى، ئون ئىككى ئىمام مەزھىپى، كاسانىي مەزھىپى قاتارلىق بىر قاتار تارماق مەزھەپلەر شە- كىللەنگەن.
1) سەئىدىيە مەزھىپى
مەزكۇرمەزھەپ بەش ئىمام مەزھىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، شىئە مەزھىپىنىڭ ئۈچىنچى ئىمامى ھۈسەيىنـنىڭ نەۋرىسى سەئىد بىننى ئەلى (699- 740) نىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن تۈزۈلگەن. ھۈسەيىن ئۆلگەنـدىن كېيىن شىئە مەزھىپىنىڭ ئىماملىققا ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى بولماي پارچىلىـنىش كېلىپ چىققان. كۆپ سانلىق كىشىلەر ھۈسىيىننىڭ نەۋرىسى سەئىدنى ھىمايە قىلغان. سەئىدنىڭ ئاتىسى تۆتىنچى نۆۋەتلىك ئىمام بولغۇچى ئەلى بىننى ھۈسەيىن (658- 712) دۇر. سەئىد مەپكۇرەسىدە، ئۇ ئىلگىرى ئۇستاز تۇتقان مۇئتەزىلىيە داھىيىسى ۋاسىل بىننى ئاتا دىن ئۆزلەشكەن «ئىرادە ئەركىنلىكى» ھەمدە «‹قۇرئان كەرىم› ياسالمىلىقى تەلىماتى» قاتارلىق ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرى بىر قەدەر چوڭقۇر ئىدى. 740- يىلى، سەئىد كۈفەدە شىئە مەزھىپى مۇسۇلمانلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇمەۋىييە سۇلالىسى خەلىپىسى ھىشامغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، كوچا ئۇرۇشىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەگەشكۈچىلىرى بۇھالنى «دىن يولىدا شېھت بولغان»، بەشىنچى ئىمام دەپ تەن ئالغان ھەمدە ئىمام ئۇنۋانىـنىڭ سەئىددىن كېيىن ئەمدى داۋاملاشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى، شۇڭا، سەئىد مەزھىپىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىش «بەش ئىمام مەزھىپى» دېيىلىدۇ.9- ئەسىردە، سەئىدىيە مەزھىپىنىڭ دىنىي ئېتىقااد ئەقىدىلىرى تەرەققىي قىلغان. تارىختا، سەئىدىيە مەزھىپىنىڭ ئىراننىڭ شىمالىدا، شىمالىي ئافرىقىدا ئايرىم- ئايرىم ئىمامىيە ھاكىمىيەتلىرىنى بەرپا قىلىشى، سەئىدىيە مەزھىپىنىڭ تارقىلىشى ۋە يۈكسىـلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينىغانىدى.
سەئىدىيە مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ئىچىدىكى مۆتىدىللەردىن بولۇپ، ئېتىقاد- ئەقىدە جەھەتتە مۇئتەزىليە مەزھىپىنىڭ «ئىرادە ئەركىنلىك» مەسلىكى ۋە ئەقلىيىچىلىك پرىنسىپلىرىنى قوبۇل قىلغان، شەرىئەت مەۋقەسىدىن ھەنەفىيە فىقھە گۇرۇھىنىڭ تەشەببۇس ۋە ئەھكاملىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلغان، شىئە مەزھىپى ئىماملارنىڭ سانى مەسىلىسىدە ئون ئىككى ئىمام مەزھىپى ۋە ئىسمائىلىيە مەزھىپى بىلەن ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەزكۇر مەزھەپ ئەلى ھەمدە ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد- لىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قانۇنى ۋارىسلىرى، ئەڭ مۇنەۋۋەر، ئىماملىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئەڭ مۇناسىپ كىشىلەر، دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەمدە يەنە ئالدىنقى ئۈچ نۆۋەتلىك رەسمىي خەلىپىلەرنىمۇ تەن ئالىدۇ. يەنى ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان قاتارلىقلارمۇ ئەلىگە ئوخشاش ھەممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ سايلىمى ئارقىلىق مەيدانغا چىققان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسلىرى، ھوقۇق تارتىۋالغۇچىلاردىن ئەمەس؛ بىراق ئەلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئوسمان ناچارراق، دەپ قارايدۇ. سەئىد مەزھىپى ئىماملارنى ھۆرمەتلەيدۇ، بىراق ئىماملارنى ئاشۇرۇپ سىرلىقلاشتۇرۇشلارغا قارشى تۇرىدۇ. ئىماملار پەقەت مۇسۇلمانلارغا يول باشلاپ، ئاللاھنىڭ دۇرۇس تەرىقىتىگە يېتىنىشدە توغرا يولباشچى ۋە مەنىۋى داھى، ئىنسانىلىقتىن ھالقىپ كەتكەن ئەۋلىيالىقلارنى ھازىرلىمىغان، دېگەنـلەرنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بىر نەچچە ئىمام بىرلىكتە دەرقەم مەۋجۇد بولۇشقا بولىدۇ، ئەمما شۇلار ئىچىدە چوقۇم بىرى ئەڭ مۇنەۋۋەرى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. سەئىدىيە مەزھىپى ئىمامنىڭ غايىب بولۇش مەپكۇرەسىگە قارشى تۇرۇپ، ئىمام دېگەن ئۆز ئورنىدا تۇرۇش بىلەن دىنىي ھەرىكەت ۋە قۇراللىق كۈرەشلەرگە رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك، غايىب بولغانلار ھەمدە ئۇششاق بالىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشقا يارىمايدۇ، دېگەنلەرنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ مەزھەپ ئەلى بىلەن پاتىمەنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى مەيلى قايسى بوغۇندا بولغان بولسۇن، شەرىت- شارائىت ھازىرلىغان مۇنەۋۋەلىرىنىڭ ئىماملىقنى ئۈستـىگە ئېلىشىغا بولىدۇ. سەئىدىيە مەزھىپى «تاقىيە» پرىنسىپىغا، مۇتئە (ۋاقىتلىق نىكاھ) گەقارشى تۇرىدۇ، سوفىلىقنىڭ سىرلىقلاشتۇرۇشلىرىغا ۋە ئەۋلىيالارغا، مازارلارغا چوقۇنۇشلىرىغا قارشى تۇرىدۇ. سەئىـدىيە مەزھىپى مۇئتەزىلىيە مەزھىپىنىڭ «ئىرادە ئەركىنلىكى» ۋە «‹قۇرئان كەرىم› يارىتىلغان» ئەقىدىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى قوبۇل قىلغان. ئۇلارخاۋارىجلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى قوللايـدۇ، دىنىي ئېتىقاد چوقۇم جىسمانىي ھەرىكەتلەر بىلەن مۇجەسسەم بولۇشى كېرەك، شەرىئەتتە بېكىتىلـگەن دىنىي ئەھكاملار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئىجرا قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ. ھەر قانداق بىر يۇيۇپ بولماس جىنايەت ئۆتكۈزگەن مۇسۇلماننىڭ بەرى قايتىدىن مۇسۇلمانلار ئۈممەسىنىڭ ئەزاسى بولالمايدۇ، دەپ قارايدۇ. شەرىئەت مەسىلىسدە، بۇ مەزھەپ «قۇرئان كەرىم» ۋە راست ھەدىسلەرنى شەرىئەت چىـقىرىش پرىنسىپى قىلىش شەرتى ئاستىدا، سېلىشتۇرما پىكىرلەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىجتىھاد قىلىشتەك شەرىئەت ئەھكاملىرى چىقىرىش يوللىرى ئېچىلدى، پەقەت ئىماملارلا ئىجتىھاد قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولۇپ قالماي، بەلكى، ئىلىم ۋە پاراسەتتە مۇئەييەن شەرت- شارائىت ھازىرلىغانلىكى شەرىـئەت ئەللامەلىرىنىڭ ھەممسى ئىجتىھاد يولى بىلەن مەشخۇل بولۇشتى. شەرىئەتنىڭ نازۇك تەرەپلىرىدە سۈننىي مەزھىپىنىڭ ھەنەفىيە ئىلمىي تائىپىسى بىلەن يېقىنلاشتى، بىراق، ھەرقايسى رايونلاردىكى مۆتىۋەرلەر، ئەللامەلەر ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن ئىختىلاپلارمۇ ھەم مەۋجۇد بولدى.
2) ئىمائىلىيە مەزھىپى
مەزكۇر تارماق مەزھەپ «يەتتە ئىمام مەزھىپى» (مەزھىپى سەبئىيەدەپمۇ ئاتىلىدۇ) شىئە مەزھىپىدىكى بىرغول مەزھەپتۇر. مەزكۇر مەزھەپ ئالتىنچى ئىمامنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىل (760- يىلى ئۆلگەن) نى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن يەتتىنچى ئىمامنىڭ موخلىسلىرىنى تەرەققىي قىلىدۇرۇش يولىدا كېلىپ چىققان. 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالتىنچى ئىمام، ئىمام جەفىرى سادىق (699 – 765) ئەڭ دەسلەپ چوڭ ئوغلى ئىسمائىلنى ئىماملىقنىڭ ۋارىسى قىلىپ بېكىتىدۇ، كېيىن ئىسمائىلنىڭ ھاراقكەش لىكىنى سەۋەب قىلىپ ئۇنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ، ئىككىنچى ئوغلى مۇساكازىم (745- 799) نى ۋارس قىلىپ بېكىتىدۇ. ئۇشبۇ قارار ئىسمائىلنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. ئىسمائىل ئاتىسىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن، ئىمام جەفىرى سادىق مەدىنەدىكى ھەرقايسى تەرەپنىڭ كاتتا كىشىـلىرىنى يىغىپ، مەسچىتتە ئىسمائىلنىڭ ھەقىقىي قازا قىلغانلىقىنى نەقلەشتۈرۈپ ئاندىن دەپنە قىلىدۇ. ئەمما، ئىسمائىلنىڭ ھىمايە قىلغۇچىلىرى مۇسا كازىمىنىڭ ئىماملىقى قانۇنىي ئورنىنى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولماي، ئىسمائىلنىڭ يەتتىنچى ئىمام بولۇشى ئاۋۋىلى تەقدىردە بېكىتىلىپ بولغان، ئۇ ئۆلمىدى، بەلكى كەلگۈسى بىر پۈرسەتتە «غايىب بولغان ئىمام» (ئىمامۇل مەكتۇم) ۋە «مەھدى» بولۇپ پانىيغا قايتا كېلىدۇ، دېگەن قاراشتى چىڭ تۇرۇۋېلىشتى. يەنە بىر قىسىم ئادەملەر ئىسمائىلنىڭ ۋاپات بولغانلىـقىدەك رېئاللىقنى ئېتراپ قىلىپ، ئىماملىق ئورنى ئاللىقاچانلا ئىسمائىل ئارقىلىق ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد بىننى ئىسمائىلگە ئۆتۈپ كەتكەن دېگەن تونۇشتا بولۇشتى. مىلادىيە675- يىلى جەفىرى سادىقنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىسمائىل ياكى ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىسمائىلنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىسمائىلىيە مەزھىپى بولۇپ ئويۇشتى. مەزكۇر مەزھەپ ئىماملار نەسەبىدە ھەزرەت ئەلىدىن باشلاپ ئىسمائىلغىچە بولغان يەتتە نەپەر ئىمامنىلا ئېتراپ قىلىدۇ، ئەلھال، قەدىمدىن بۇلارنىڭ يەنە «يەتتە ئىماملار» دەيدىغان نامىمۇ بار. ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلامىيەت تارىخىدا، ئىدىئولوگىيە، سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلاردا كەڭ ۋە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان. ھازىر بۇ مەزھەپنىڭ ئالاھەزەل قىياس يەتتە مىليون ئەتىراپىدا موخلىسى بار، ئاساسەن ئىران، ئىراق، ئافغانىستان، سۈرىيە، پاكىستان، ھىندىستان، لىۋان، پەلەستىن قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان. شىنجاڭدىكى تاجىك مۇسۇلمانلار شىئە مەزھىپىنىڭ ئىسمائىل پىرقەسىگە تەئەللۇقتۇر.
10- ئەسىردىن11- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە مەزكۇر مەزھەپ تەبلىغاتچىسى نەسەف، ھەمىد جېرمانىـلاريېڭى ئەپلاتونىزمنىڭ «ئېقىپ چىقىش تەئلىماتى»، مۇئتەزىلىيە مەزھىپىنىڭ ئەقلىيەچىلىكىنى ۋە پىفاگورچىلار تائىپىسىنىڭ ساناق تەلىماتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مەزھەپ ئېتىقاد- ئەقىدىلىرىنى يەنىمۇ پەلسەپىۋىلەشتۇردى ۋە مىستىتىزملاشتۇردى. شەرىئەت ئەللامەسى نۇرئىمان «ئىسلامىيەت ئاساسلىرى» نى يېزىپ، ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ شەرىئەت نەزەرىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈردى. بۇ مەزھەپنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ئاساسەن سان يەتتىنىڭ مۇقەددەسلىك توغرىسىدىكى تەلىمات، ئالەمنىڭ ئېقىپ چىقىش تەلماتى، «قۇرئان كەرىم» نىڭ باتىنىي مەنىسى تەلىماتى، ئىمامنىڭ غايىب بولۇش تەلىماتى ھەمدە پانىيغا قايتا چۈشۈش تەلىماتلىرىدۇر.
بىرىنچى، ساناق سان «7» نىڭ مۇقەددەسلىكى تەئىلماتى. مۇشۇ مەزھەپتە ئېتىقاد قىلىنغان يەتتە نەپەرئىمامنىڭ ۋە غايىب بولغان ئىماملار ھەمدە ئۇلارنىڭ پانىيغا چۈشۈش ئەقىدىسىنى دەلىلەش ئۈ- چۈن، ئۇلار «7» سانىغا سىرلىق تۈسلەرنى بېرىدۇ. ئۇلار، ئالەمنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تارىخنىڭ ئىلگىرلىشىنى «7» بىلەن باسقۇچلارغا بۆلۈپ، مەزھەپتىكى مۇقەددەس ئىماملار نەسەبىنى يىغىنچاقلاپ چىقىدۇ. ئالەم ئاللاھتىن ئېقىپ چىقىدۇ دېگەن قاراش ئارقىلىق، ئالەمنىڭ ئاپىرىدە تارىخىنى، 7 قەدەمدە كۆرسىتىدۇ، يەنى، ئاللاھ-ئالەم روھى-ئالەم جېنى-ئىپتىدائى ماددا-ماكان-زامان-زېمىن ۋە ئىنسانىيەت ئالىمى. ئالەمنىڭ كېلىپ چىقىشى نەزەرىيىسىگە مۇناسىپ ھالدا، تارىخى تەرەققىياتنىڭ دەۋرىيلىكىمۇ 7دەۋرنى بېسىپ ئۆتىدۇ، تارىخ تەرەققىياتى ئىلگىرىلەپ بېرىپ، 7- دەۋرگە يەتكەندە دەۋرنىڭ خاتىمىسى چىقىدۇ، ئىنسانىيەت تارىخى ئاخىرلىشىدۇ دەپ قارايدۇ. ھەربىر دەۋرنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىردىن ناتىق كېلىدۇ، بۇيېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىش نامايەندىسىدۇر. بۇ يەتتە نەپەر ناتىق: ئادەم ئەلەيھىسسالام، نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيـھىـسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئەيسا ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد بىننى ئىسمائىلدىن ئىبارەت. ناتىق دۇنيا ئىدراكىنىڭ نامايەندە بولۇشىدۇر. ھەر بىر دەۋر ناتىقىنىڭ كەينىدە يەنە بىرنە- پەردىن سامىد بولۇپ، ناتىقنىڭ ياردەمچىسى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ناتىقلار لەۋھەلىرىگە پۈتىۋەتكەن يوشۇرۇن مەنالىق ۋەھىيلەرنى ئەھلى ئېتىقاد ئاممىسىغا يەتكۈزىدۇ، ھەرقايسى دەۋرنىڭ سامىدلىرى: ئىسمائىل، ھارون، پېتىر، ھەزەرەت ئەلى، ئابدۇللا بىننى مەئىمۇن قاتارلىقلار. ھەربىر دەۋردىكى ئىمام (سامىد) نىڭ مەرتىبىسى پەيدىن- پەي ئۆسۈپ، كېيىنكى دەۋرنىڭ ناتىقىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلار ئالدىنقى دەۋر پەيغەمبەرلىرى تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان قانۇن- تۈزۈملەرنى ئەتكەس قىلىپ، يېڭىدىن قانۇن- تۈزۈملەرنى ئورنىتىدۇ. ناتىق ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى يەنىلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ، ھەمدە كېـيىنكى يېڭى دەۋر ناتىقىغا كۆچىدۇ. ئالتىنچى دەۋرنىڭ ناتىقى بولمىش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە سامىدئەلى ۋاپات بولۇپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئەرۋاھى داۋامەت مەۋجۇد، يەتتىنچى ھالقا دەۋرىگە يەتكەندە ئۇشبۇ روھلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا مۇھەممەد بىننى ئىسمائىل ۋە ئابدۇللا بىننى مەئىمۇن جىسمانىيىتىگە كۆچىدۇ. مۇھەممەد بىننى ئىسمائىل بولسا يەتتىنچى سامىددۇر، ھەمدە يەتتىنچى ناتىق بولۇپ مەيدانغا چىقىدۇ، شۇ چاغدا يەتتىنچى دەۋر باشلىنىدۇ، بەلكى ئاۋۋالقى قانۇن- ئەھكاملارنى ئەتكەس قىلىۋېتىپ، يېڭى ۋەھىي لەۋھەسى ۋە باتىنىي مەنالىق ھەقىقەتلەرنى تۈگەل ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇ ماددىي ئالەم تامام بولغاندا ئىنسانىيەتكە مەھشەر ھۆكۈمى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ پانىيغا قايتا كېلىشىدىن ئىلگىرى 12نەپەر خوجا (تەرغىبات داھىيسى) بولۇپ، بۇلار ئۇنىڭغا ۋەكالىتەن دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ.
ئىككىنچى، ئالەم ئېقىپ چىقىش تەلىماتى. بۇ تەلىماتنى 10- ئەسىردە ئىسمائىلىيە مەزھىپى دائىسى (تەبلىغ ئېيتقۇچى) بولمىش نەسەفى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇخىل نوقتەئىينەزەرچە بولغاندا ئاللاھ بىردىنـىر ئەڭ يۈكسەك بەرھەقتۇر، ئاللاھنىڭ مۇئەييەن شەكلى بولمايدۇ، مۇئەييەن ئوبرازىمۇ بولمايدۇ ھەمـدە يەنە ھەرقانداق ماھىيەت ۋە شەيئى نامى بولمايدۇ؛ ئۇ، ئىنسانىيەت ئىدراك ۋە چۈشىنىشـدىن تاشـقىرى، مەۋجۇدىيەت ھەم بىمەۋجۇدىيەتلىكتىن تاشقىرى تۇرغان بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىرادىسى (ھېكمەتلىرى) بىلەن ئالەم روھىنى ياراتقان، مانا بۇتۇنجى مەۋجۇدلۇق، ئاللاھ ھېكمەتلىـرىنىڭ ئىپادىلىنىش ھادىساتىدۇر، ئالەم روھىناتىدىن ئېقىپ چىقمىش ئالەم جېنىدۇر، ئالەم جېنىدىن ئېقىپ چىقمىش يەتتە سەييارە قوۋمىدىن تۈزۈلمىش ئالەم گەۋدىسىدۇر، ھەرقايسى جىسمىلارنىڭ يەنە سەييارەلىرى بار ھەم دەۋر قىلىپ تۇرغان بولىدۇ. ئاللاھ قۇرۇق، ھۆل، سوغۇق ۋە ئىسسىقتىن ئىبارەت ئىلمىنىتلارنى يۇغۇرۇپ چىقىپ، توپراق، سۇ، ھاۋا ۋە ئېفىردىن ئىبارەت تۆت ئۇنسۇرنى بەرپا قىلغان. بۇ ئۇنسۇرلار بىرىكىپ، ئۆسىدىغان جانلىق گىياھلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، گىياھلاردىن سېزىم، ھېسسىياتقا ئىگە جانلىق مەخلوقاتلار كېلىپ چىققان، مەخلوقاتلار ئىچىدىن پاراسەتلىك جان ئىگىسى بولغان ئادەملەر كېلىپ چىققان. ئۇشبۇ ئالەم سىستېمىسى تەلماتىچە، ماددا روھىيەتتىن تۆرەلگەن، كىچىك ئالەمدىن ئىبارەت ئىنسان چوڭ ئالەمدىن ئىبارەت ماددىي دۇنيا جىنىسداشتۇر، روھىيەت، سەييارە ۋە ماددىي دۇنيانىڭ بىرلىكى ئاللاھنىڭ ياراتمىشىدۇر. 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ھامىددىن جېرمانى (1021 – ؟) يۇقىرىقىلاردىن پەرقلىق ئالەم بىنا بولۇش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئۇ ئالەم شەكىللىنىش جەريانىنى ئون ئىدراكىي باسقۇچقا بۆلگەن، روھىيەتنىڭ مۇھىملىق رولىنى يەنىمۇ كۈچەيـتىپ تەكىتلىگەن.
ئۈچىنچى، «قۇرئان كەرىم» باتنىي مەنىلىرى تەلىمات.
تۆتىنچى، ئىمامنىڭ غايىب بولۇشى ۋە پانىيغا چۈشۈش تەلىماتى. ئىسمائىلىيە مەزھىپى شىئە مەز- ھەپىنىڭ ئىمام تەلىماتىنى يۈكسەلدۈرگەن، بۇ مەزھەپ جاكارلىغان يەتتىنچى ئىمام ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد بىننى ئىسمائىل ۋاقىتىنچە غايىب بولغان ئىماملار، ئۇ ئاللاھ مەرھەمەت قىلغان ھېكمەت ۋە خۇپىيە سىھىرلىق بىلملەرنى ھازىرلىغاندۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىرادىتىدە مەھدى سالاھىيىتى بىلەن پانىيغا چۈشۈپ يامانلىقلارنى جازالاپ، يېڭى ھەقىقەتلەرنى يارقىنلاشتۇرىدۇ، ئادالەتلىككە نازىرلىق قىلىپ، يېڭى دەۋر بەرپا قىلىدۇ. غايىب بولغان ئىماملار پانىيغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى «خوجا» لار ۋەكالىتەن ئىش باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان. كېيىنچە، بۇ مەزھەپتىكى تارماق مەزھەپـلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنى بەكمۇ ئاشۇرۇپ ئىلاھلاشتۇرۇپ، دىنىي نوپۇزلىرىنى تىكلەشكە ئورۇنـغان. پاتىمىيە سۇلالىسىنى قۇرغۇچى ئۇبەيدۇللا ئۆزىنى «مەھدى»، غايىب بولغان ئىمامنىڭ ۋەكىلى دەۋالغانىدى. بۇسۇلالىنىڭ ئالتىنچى خەلىپىسى ئىمام ھاكىم ئۆزىنى يەنىمۇ ئىلاھلاشتۇرۇپ، ئۆز- ئۆزىنى ئالەم روھىـنىڭ زاھىرىسى، ئاللاھنىڭ يەردىكى ۋەكىلى، زامانىسىنىڭ تىرىك ئىمامى دەپ داملىغانىدى. مەزھەپى نىزارىيەنىڭ تۆتىنچى شەيىخى ھەسەن بىننى مۇھەممەد ئۆزىنى ئاللاھ تەرىپىدىن چەكسىز ھوقۇققا نائىل بولغان ئىمام، ھەقىقەتنىڭ ۋەكىلى دەۋالغان، ھەتتا ئاخىر زامان يېتىپ كەلدى، ئاللاھنىڭ بويرۇقى بىلەن قىيامەت سورىقى قىلىمەن، دەپ جاكارلىغان.
ئىسمائىلىيە مەزھىپى ئىچكى قىسىمدىن يەنە درۇزىيە مەزھىپى، نۇسەيرىيە مەزھىپى، قەرمەتىيە مەزھىپى، نىزارىيە مەزھىپى قاتارلىق بىرمۇنچە مەزھەپ- پىرقىلارغا بۆلۈنىدۇ؛ گاھىبىر تارماق مەزھەپلەر ئاستىدا يەنە تارماق ئېقىم- سۈلۈكلەر بار، ئالايلى، نىزارىيە مەزھىپى يەنە ئاغاخان مەنىۋى داھىيلىقىدىـكى خوجا مەزھىپىدەك تارماقلارغا ئايرىلغان.
3) ئون ئىككى ئىمام مەزھىپى
ئون ئىككى ئىمام مەزھىپى شىئە مەزھىپىدىكى غوللۇق تارماق مەزھەپلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەقىقىي ئەھلى شىئەلەر ياكى ئىمامىيەچىلەردەپ ئاتاپ، ئەلى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى نەسەبىدىكى ئون ئىككى ئادەمنى ئىمام دەپ تەن ئالىدۇ. سىياسىي ۋە دىنىي ئەقىدە جەھەتلەردىن سەئىدىيە مەزھىپىگە ئوخشىمىغان ھالدا، سۈننىي مەزھىپىگە يېقىنلىشىدۇ، يەنە شۇنىڭدەك ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ رادېكالىزىملىق خاھىشلىرىدىن پەرقلىنىدۇ، شۇڭا، مەزكۇر مەزھەپ مۆتىدىللەر ياكى ئوتتۇردىكىلەر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ، شىئە مەزھىپىدە مۇخلىسلىرى ئەڭ كۆپ، تارقىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ مەزھەپ بولۇپ، شىئە مەزھىپىنىڭ ئاساسى گەۋدىسىدۇر. ئادەتتە شىئە مەزھىپى دېيىلسە ئاساسەن ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىنى كۆرسىتىلىدۇ. مەزھەپتە ھەزرەت ئەلى بىرىنچى خەلىپە، ئەلىنىڭ چوڭ ئوغلى ھەسەن ئىككىنچى ئىمام، ئىككىنچى ئوغلى ھۈسەيىن ئۈچىنچى خەلىپە دەپ تەن ئېلىنىدۇ، كېيىنكى توققۇز ئىمام ھۈسەيىننىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرىدىن مەيدانغا كېلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى بىر نەپەر ئىمام مۇھەممەد مەھدى878- يىلى سامەررا مەسچىتىنىڭ غارىدا يوقاپ كېتىدۇ، شۇ چاغدا ئۇ قۇرامىغا يەتمىـگەن، پەرزەنتى يوق بولغاچقا ئىماملىق نەسەبى ئۈزۈلۈپ قالغان. مۇخلىسلار ئۇنى غايىب بولغان ئىمام دەپ تەن ئېلىشپ، كەلگۈسىدە دۇنيانى قۇتقازغۇچى «مەھدى» سالاھىيىتىدە مەيدانغاچىقىدۇ، ھەقىقىي ئىسلامىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، تەڭ- بارابەر، ئادالەتلىك ۋە ئىزگۇلىككە تولغان بىر جەمئىيەت يارىتىدۇ، دەپ قارىغان. كېيىنچە، مەزكۇر مەزھەپ ئەللامەلىرى ئون ئىككى ئىمامنىڭ نەسەپ- تەزكىرىسىنى رەسـمىي بېكىتىپ چىققان.10- ئەسىردە، ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىدە سىستېملىق دىنىي ئەقىدە ئىدېئو- لوگىيىسى شەكىللەنگەن. ئىبنى مۇسا نۆبھىتى (922 – ؟) «شىئە مەزھىپىدىكى تۈرلىك مەزھەپلەر كىتابى» ناملىق ئەسىرىدە، ئىماملىق مەزھىپىنىڭ دىنىي ئېتىقاد- ئەقىدە مەپكۇرەسى ئۈستىدە سىستېمـلىق توختىلىپ، مەزكۇر مەزھەپنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ئېتىقاد تەلىماتلىرىنىڭ نەزەرىۋى ئاساسىنى تىكلـىگەن. مۇھەممەد كۇلەينى (940 – ؟) «ئەل كافى فى ئىلمىددىن» ناملىق ئەسەرنى تۈزۈپ چىقىپ، 16مىڭدىن ئارتۇق «ھەدىس» نى توپلاپ، تەپسىرلەپ چىقىپ، ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىنى شەرىئەت ئىلمىنىڭ كلاسسېك ئاساسى بىلەن تەمىن ئەتكەن. 16- ئەسىردىن بۇيان ئىمامىيە مەزھىپى ئىراندا ئىزچىل رەۋىشتە ھۆكۈمران ئورۇندىكى دىنىي مەزھەپ بولۇپ كەلمەكتە. ئىراق ۋە ھىندىستان قاتارلىق رايونلاردىمۇ نۇرغۇنلىغان مۇخلىسلارغا ئىگە. ئون ئىككى ئىمام مەزھىپى «قۇرئان كەرىم» بىلەن «تۆت چوڭ ھەدىس توپلىمى» نى قىبلىنامە دەپ تەن ئالىدۇ. تۆتىنچى نۆۋەتلىك ئىمام ئەلى زەينابىدىن، شائىر شىرىپ رىداخەلىپە ئەلىنىڭ تەبلىغلىرىنى توپلاپ «كالاملاردىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتاب تۈزۈپ، شىئە مەزھىپى تەرىپىدىن «مۇھىم ھەدىس» مۇقەددەس نوم دەپ ئېتراپ قىلىندى.
ئىمامىيەتەلماتى ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىنىڭ يادرولۇق دىنىي- ئېتىقادى. مەزكۇر مەزھەپ ئىمام دىن ۋە سىياسي جەھەتتىكى ئەڭ ئالىي داھى دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقى ئاللاھنىڭ بېكىتىشى ئارقىلىق ياكى ئاللاھ پەيغەمبەر ئارقىلىق بېكىتكەن، ئۇنىڭ ۋارىسلىق قىلىش نەسەبى ھەم ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن؛ ئۇلارنىڭ بەرى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى داھىيسى ۋە يولباشلىغۇچىسى، ئادەتتىكى بەشەر جىنىسقا ئوخشىمايدۇ، ئۇلارئاللاھ ئىلتىپات قىلغان بىلىم ۋە نۇرانىلىك ھازىرلىغان، ئۇلار مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ بارلىق گۈزەل ئەخلاق ۋە بىلىمىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئىزچىل توغرا، مەڭگۈ خاتالاشمايدۇ؛ ئۇلار پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى باشقۇرۇشقا، ئېتىقاد ۋە شەرىـئەت ئىلمىنى شەرھلەشكە مەسئۇل بولىدۇ، ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى يولباشچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنى مۆتىۋەر كىتابلارنى توغرا چۈشىنىشكە يىتەكلەيدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىغۇچىلار، كىشىلەر پەقەت شۇلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەنلا ئاندىن ئاللاھنىڭ ھەقىقىتىـنى تونۇيدۇ، ھاسىلاتتا جەننەتكە كېرىدۇ؛ پەقەت ئىماملارلا «قۇرئان كەرىم» نىڭ باتىنىي مەنالىرىنى روشەن بىلىدۇ ۋە ئىزاھلىيالايدۇ، شۇڭا شۇلارلا شەرىئەتنى ئىجتىھاد قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
ئەلى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قانۇنى ۋارىسى، تۇنجى ئىمام، پەقەت ئۇنىڭ ۋە پاتىمەنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرىنىڭلا ئىمام بولۇش سالاھىتى بار. 12- ئىمام مۇھەممەد مەھدى ھاياتتۇر، ئۇ، كەلگۈسىدە پانىيغا چۈشىدۇ، رەزىللىكلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، پارلاق ۋە ئادالەتلىك ئورنىتىدۇ. ئىماملار مەكتۇم بولغان مەزگىلدە ناجىب ياكى مۇجتەھىدلەرئىماملارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئىماملارنىڭ بىر قىسم ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. شەرىئەتنى شەرھىيلەش، ئەقلى خۇلاسە، ھۆكۈملەش ۋە شەرىئەت ئىجمائ قىـلىشلار بىلەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى يولغا قويۇپ، دىنىي پائالىيەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. 12 ئىمام مەزھىپى فىقھە ئەھلى نوپۇزلىرىنىڭ خۇسۇسى پىكىرلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، شەرىئەت، قىقھە ئىشلىرىدا مەزكۇر مەزھەپنىڭ ئەل ئۇسۇلىيە گۇرۇھى بىلەن ئەل ئەخبارىيەدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھى ئىچىدە ئالدىنقىسى مۆتىۋەر ئورۇندا تۇرىدۇ. 12ئىمام مەزھىپى تاقىيە پرىنسىپىنى قوللىنىشقا ۋە ۋاقىتلىق نىكاھقا يول قويىدۇ. مۇسۇلمانلار ھوشۇر- زاكاتتىن باشقا 5/1ئۈلۈش زىرائەت بېجى تاپشۇرۇشنى بەلگىلىگەن زامانلىرىمۇ بولغان. بۇ مەزھەپ يەنە مۇخلىسلارنىڭ بەلگىلەنگەن مەزگىللەردە نەجىفىيە، كەربالا، مەشھەد ۋە قۇم قاتارلىق شىئەلەرنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا بېرىپ شېھت بولغان ئىماملارنىڭ قەبىرىگاھلىرىنى تاۋاب قىلىشلىرىنى بەلگىلىگەن. يەنە شۇنىڭدەك، روزاھېيت، قۇربان ھېيتتىن ۋە مەۋلۇد نەبىيىدىن باشقا يەنە ئاشۇرا (ھىجىرىيە، 1- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئىمام ھۈسەيىننىڭ شېھىت بولغان كۈنى) بايرىمى، قەدىرھۇم (ھىجىرىيە 12- ئاينىڭ18- كۈنى، ھەزرەت ئەلى خەلىپەلىككە بېكىتىلگەن كۈن) بايرىمى ۋە بۈۋى پاتىمە خاتىرىسى (ھىجىرىيە6- ئاينىڭ 15- كۈنى) قاتارلىق بايراملارنى ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنگەن.